يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1266|ئىنكاس: 4

ن.ھاشىم :ئېشەككە ئەگەشكەنلەر (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                                    
                                                                           

                                                                        ئېشەككە ئەگەشكەنلەر   
                                                  
                                                                                   (ھېكايە)

     نۇرمۇھەممەت ھاشىم                                                                                                                    
                                                               
                       
    كېچە.كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئۆچەي-ئۆچەي دەپ قېلىپ ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرىنى چېچىۋاتقاندەك خىرە جىمىرلىشاتتى.قاراڭغۇلۇق كەنتتىن شەرقكە قاراپ كېتىۋاتقان ئۈچ ئېشەك ۋە ئۈچ ئادەمنىڭ كەينىدىن چاڭ-توزاندەك تۆكۈلۈپ يەر-جاھاننى مەھكەم ئوراپ ئېلىپ،ھەممە كۆزدىن بىر-بىرلەپ يۈتۇۋاتقاندەك ئىدى. پاكار- پاكار دېھقان ئۆيلىرى ،دەل-دەرەخلەر ۋە ئېتىزلىقلار ئاستا-ئاستا يىراقلاپ قارىيىپ ، ئۇلار بىر-بىرىگە چېتىلىپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ يۇمشاق قۇم ئۈستىدە تۇرۇكلاپ ماڭغان ئېشەكلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ پايانى يوق قۇملۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىشتى.                                                                  
ئەڭ ئالدىدىكى ئېشەكنىڭ ئارغامچىسى ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى تاڭغان ئارغامچىغا چېگىۋىتىلگەن بولۇپ ،قالغان ئىككى ئېشەك ئۇنىڭ كەينىگە ئارقىمۇ ئارقا چېگىلگەن.ئالدىدىكى ئېشەك يۆتىلەكسىز ھەم ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئادەم يوق ئەھۋالدا كەينىدىكى ئىككى ئېشەكنى ئەگەشتۈرۈپ ،تېخىمۇ كەينىدىكى ئۈچ ئادەمگە يول باشلاپ، ئىگىسىنىڭ بارماقچى بولغان ،ماڭىدىغان يولىنى بىلىدىغاندەك بىر خىل رىتىمدا تۇياقلىرىنى يۆتكەپ بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە كېتىۋاتاتتى.ئۈچ ئادەم پاختىلىق چاپىنىغا مەھكەم چۆمكىلىپ ،قوللىرىنى چاپىنىنىڭ يەڭلىرىگە سالغان،كۆزلىرى ئۇخلاۋاتقاندەك يۇمۇلغان بىر ھالدا بىر-بىرى بىلەن ياندىشىپ ئېشەكلىرىگە ئەگەشكەن ئىدى.                     
داۋۇت ئون بەش ياشلىق ئۆسمۈربالا بولۇپ ،ئۇنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم جاڭگالغا ئوتۇنغا مېڭىشى ئىدى.ئۇ ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئاچالماي كېتىۋاتسىمۇ پات-پات كۆزىنى ئېچىپ ئۆزى كېتىۋاتقان يوللارغا،ئالدىدا يول باشلاپ ماڭغاندەك كېتىۋاتقان ئېشەكلەرگە ، كۆرۈنمەيدىغان پۇتلىرى بىلەن ئۆزلىرى كېتىۋاتقان يول بويىغا بىر-بىرلەپ توپلىشىپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن ئېگىز-پەس غەلىتە مەخلۇقلاردەك قۇم دۆڭلىرىگە نەزەر تاشلايتتى.خىيالىدا ئەتە يېتىپ بارىدىغان جاڭگاللىقتىكى جاپالىق ئوتۇن كولاش ياكى ئوتۇن كەسلەشتەك ئىشلار يوق بولۇپ ،بۇ تۇنجى سەپىرىنىڭ قانداق كۆڭۈللۈك ھەم ئاجايىپ ئىشلار بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلاتتى.مەھەللىسىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغان، ئوتۇنچىلارنىڭ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىدىكى جاڭگاللىققا كىرىپ-چىقىش جەريانىدىكى قەدىمقى خارابە شەھەرلەرگە ئۇچراش،كىشىلەر «شىھىد»لار دەپ بىلىدىغان ناھايتى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن قالغان قۇملۇق يۈزىگە چىقىپ قالغان ، ئۇزۇن چاچ-ساقاللىرى ۋە غەلىتە شەكىلدىكى كىيىم- كىچەكلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قۇرۇق جەسەدلەرنى كۆرۈش،ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن ياسالغان بۇيۇملار ياكى پۇللارنى تېپىۋىلىش دېگەندەك ئىشلار ئۇنىڭ خىياللىرىنى بەكمۇ قىزىقارلىق ئۆزگىچە بىر جايلارغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ قۇملۇق ھەققىدىكى شۇنداق ئاجايىپ ھېكايە ۋە ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ ، مەھەللىسىگە يېقىن ياكى مەھەللىسىنىڭ دەل-دەرەخلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان  بەكمۇ يىراق بولمىغان قۇملۇقلاردا قوي پادىلىرىنى بېقىپ چوڭ بولدى.لېكىن،ئۇ ئېزىپ كېتىشتىن قورقۇپ ھېچقاچان قۇملۇققا ئىچكىرلەپ كىرىپ باققان ئەمەس. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنى دائىم قويلىرىنى ھەيدەپ دوستلىرى بىلەن قۇملۇققا قاراپ ماڭغاندا بەك يىراققا كەتمەسلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى.داۋۇت قويلىرى قۇملۇقنىڭ ئۇ يەر،بۇ يەرلىرىدە كۆكلەپ قالغان قۇمۇش،يانتاق ،قامغاق ياكى شاپ دېگەندەك چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى چايناپ چۆرگلەپ يۈرگەندە ئۆزى ئەڭ ئېگىز دەپ بىلگەن قۇم دۆڭى ئۈستىگە چىقىپ كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ كېتەتتى.ئۇ ئۇنداق چېكىگە كۆز يەتمەس سارغۇچ قۇم دۆڭلىرى ئۈستىدىن يىراق-يىراقلارغا قارىغان ۋاقتىدا ،خۇددى مەلۇم بىر سىرلىق كۈچ شۇنداق ئۈچ قىرلىق ھەم ئۇچلۇق قىلىپ رەتلىك ۋە كۆپ ياساپ قويغاندەك كۆرنىدىغان دۆڭلۈكلەر ئۇنى ئاجايىپ بىر سىرلىق كەيپىياتلارغا چۆمدۈرەتتى.  قۇم دۆڭلىرى ھەرقانچە قاتتىق ۋە ئۇزۇن ۋاقىت بوران چىقسىمۇ شەكىللىرى ئۆزگىرىپ ،ئورنى يۆتكەلگەندەك قىلغان بىلەن يەنىلا شۇنداق ئۈچ قىرلىق ۋە ئۈچلۇق بولۇپ ،خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئاستىدا قالغان مەلۇم بىر كۈچ ئۇلارنى توختاۋسىز بىر يەرگە جۇغلاپ ئۈستىگە ئىنتىلدۈرىۋاتقاندەك ۋە كۆتۈرۈپ تۇرغاندەك ھېچقاچان زادى تۈزلىنىپ تەكشىلىنىپ قالمايتتى.قۇملۇقلاردىكى قۇمۇشلارمۇ ئاجايىپ بولۇپ،پەس يەرلەردە ئۆسۈشكە قانائەت قىلمىغاندەك ۋە سۇ بولمىسىمۇ بولىدىغاندەك ئىگىز قۇم دۆڭلىرىنىڭ ئىگىز ئۇچلىرىدىمۇ ئۇچلۇق ۋە قىلىن يوپۇرماقلىرىنى شاماللاردا يېنىككىنە شىلدىرلىتىپ ئۆسىۋىرەتتى.داۋۇت بىر قېتىم بىرگە قوي باققان دوستلىرى بىلەن  قۇمۇشنىڭ يىلتىزى ھېچقانداق نەملىكى يوق چېچىلىپ تۇرغان قۇملارنىڭ ئارىسىدىمۇ قانداقسىگە قۇرۇپ كەتمەي تۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ۋە يىلىتىزىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىگىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قۇم دۆڭىنىڭ ئۈستىدە كۆكلەپ تۇرغان ،قۇم دۆڭىنىڭ قۇمۇش بار يېرى سەل تىك ،ئاسان كولىغىلى بولىدىغان يېرىدىن كولاپ باققان ئىدى.نەدىن بىلسۇن يەتتتە،سەككىز غۇلاچ ئىگىزلىكتىكى دۆڭنىڭ بىر تەرپىنى بىر نەچچە بالا بىر كۈن بىرلىشىپ قۇمۇشنىڭ يىلتىزىنى بويلاپ قۇم دۆڭىنىڭ تۆۋىنىگىچە كولاپ باقتى، ئاپئاق سىلىق ھەم پارقىراق بوغۇم-بوغۇم قۇمۇش يىلتىزى شۇنداق يەتتە-سەككىز غۇلاچ كەلگۈدەك چوڭقۇرلۇققىچە كولانغان بولسىمۇ ،ئەمما،قۇمۇش يىلتىزىنىڭ ئاخىرسى زادى كۆرۈنمىدى،ئۇنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى زادى كۆرگىلى بولمايدىغاندەك يەر-زېمىننىڭ چوڭقۇرىغا  ئىچكىرلەپ كېرىپ كەتكەن ئىدى. قۇملۇقتا ئاشۇ ئىگىز- پەس دۆڭلۈكلەر ،ئاندا-ساندا كۆزگە تاشلىنىپ قالىدىغان چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە يوقتەك،لېكىن،ئاجايىپ سىرلار بىلەن تولغاندەك ئىدى.داۋۇت ئۆزىنى كىچىكىدىن ئۆز باغرىدا ئۆستۈرگەن، بىرەر قېتىممۇ ئۇنداق ئىچكىرلەپ ئىچىگە كىرىپ باقمىغان قۇملۇققا بۈگۈن ئاخشام ئىچكىرلەپ كىرىۋاتقانلىقىنى ئويلىسا بەكلا خۇشال بولاتتى.لېكىن،تۇرۇپ قورقۇپمۇ قالاتتى،چۈنكى قۇملۇققا كىرىپ ئېزىپ قېلىپ مەھەللىسىگە قايتىپ كېلەلمىگەنلەر ياكى جىن –ئالۋاستى ۋە پەرىزاتلارغا ئۇچراپ ،ئۇلار تەرىپىدىن ئېگەللىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئېلىشىپ قېلىپ ساراڭ بولۇپ قالغان كىشىلەر ھەققىدىكى ھېكايىلەرمۇ خىلى كۆپ ئىدى.داۋۇت يېنىدىكى ئۆچكە ساقال پاكار كەلگەن ،ئىككى قولىنى پاختىلىق چاپىنىنىڭ يەڭلىرىگە سېلىۋالغىنىچە ئۇخلاۋاتقاندەك كېتىۋاتقان ئاۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئۇ يېنىدىكى ئېگىز بوي ،ئېگىز قوزا كۆرپە تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كېيىۋىلىپ لوڭۈلداپ كېتىۋاتقان مامۇتقا قاراپ قويۇپ  يەنە كۆزىنى يۇمدى.ۋاقىت ئاللىقاچان ئەل ياتقۇدىن ئۆتۈپ كېتىپ ئىسسىق يوتقاندا تاتلىق ئۇخلايدىغان چاغ بولۇپ قالغاچقا ،داۋۇت  قارىيىپ كۆرۈنگەن كېچە قوينىدىكى دۆڭلۈكلەرگە كەينىدىن قانداقتۇر بىر نەرسە چىقىپ كېلىدىغاندەك قاراۋىرىپ زېرىكىپ،ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئاچالماي قالدى.ئۇ ئەتە ئوتۇن كەسلەيدىغان ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالماي،دەپ ئويلاپ ،كېتىۋىتىپ ئۇخلىيالسا بىردەم ئۇخلىۋالماقچى بولدى.                                    
بۇ ئۈچەيلەن بۇ مېڭىشىدا جاڭگالغا ئوتۇنغا ماڭغان بولۇپ،ئۇلار ئەلياتقۇدىن ئۆتكەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇيقۇسىدىن كېچىپ ماڭغان پېتى ئەتىسى چۈشكە يېقىن ئوتۇن كولايدىغان جاڭگاللىققا يېتىپ باراتتى.ئۇلارنىڭ تەلىيى كەلسە كەچ كىرگۈچە ئېشەكلىرىگە بىر يۈدۈم كەلگۈدەك ئوتۇنلارنى كەسلەپ تەييارلايتتى، بولمىسا قۇملارنىڭ تېگىدىن كولاپ ئېلىپ ،ئېشەكلىرىگە باسقاندىن كېيىن كەينىگە يېنىپ ،ئەتىسى تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىشاتتى.بۇرۇنقى چاغلار بولسۇغۇ ئۇلار ئۆيلىرىدىن ئەتىگەندە چىقسا ،كەچتە ئەلياتقۇ ۋاقتى بولغۇچە بىر ئېشەكلىك ئوتۇنلىرىنى ئېلىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپ بولاتتى،لېكىن،يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى جاڭگاللىقتىكى ئوتۇنلار ئازلاپ ۋە بارغانسېرى ئۇلار بىلەن بولغان ئارلىقى يىراقلاپ كەتكەننىڭ سىرتىدا،يەر يۈزىگە چىقىپ تۇرغان يۇلغۇن ۋە توغراقلار تۈگەپ قېلىپ قۇملار ئاستىدىن كولاپ ئېلىشقا توغرا كېلىۋاتاتتى.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېشەكلىرىنىڭ توقۇملىرىنىڭ ئۈستىگە بىردىن خورجۇن ئارتىلىپ، خورجۇننىڭ بىر تەرىپىگە ياغلىققا ئورالغان بىر نەچچىدىن نان،بىر قاپاقتىن سۇ ،يەنە بىر تەرىپىگە ئارغامچا توقۇناق ۋە بىردىن ياكى ئىككىدىن پالتا سېلىنىپ ،ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىردىن كەتمەن قويۇلۇپ دەستىسى خورجۇن بىلەن قوشۇلۇپ ئېشەكنىڭ دۈمبىسىگە تېڭىۋىتىلگەن ئىدى.                                   
ئۈچ ئادەم يانداشقىنىچە قىشنىڭ سوغۇدىن قورقۇشۇپ قالغاندەك قوللىرىنى پاختىلىق چاپانلىرىنىڭ يەڭلىرىگە سېلىپ دۈگدىيىشىپ،تەلپەكلىرىنى چۆكۈرۈپ كېيگەن باشلىرىنى ساڭگىلىتىشقىنىچە جىممىدە مېڭىشاتتى،تۇرقىدىن ھېلىھەم ئۇيقۇسىنى ئاچالماي كېتىۋىتىپ ئۇخلاپ چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بىلىنەتتى.        
داۋۇت بەكلا ئۇيقۇسى كەلگەن بولسىمۇ كېتىۋىتىپ زادى ئۇخلىيالمىدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپقا قاراپ يەر جاھاننىڭ قارا بوياق بىلەن بويىۋېتىلگەندەك قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرغانلىغىنى كۆردى.ئۇنىڭ كۆزىگە پەقەت ئالدىدا يول باشلاپ كېتىشىۋاتقان بىر-بىرىنىڭ كەينىگە چېتىلغان ئۈچ ئېشەك،يېنىدىكى ئىككى سەپەردىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قاپقارا قۇم دۆڭلىرىلا كۆرۈندى. تەگسىز قاراڭغۇلۇق بىلەن چۆمكەلگەن ئاسماندا نە ئاي،يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيتتى.قۇم دۆڭلىرىمۇ قاپقارا بولۇپ،دۈمچىيىپ تۇرغان ئالۋاستىلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. داۋۇت كېتىۋېتىپ بىر –بىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزلىرى تامان ئۆمىلەپ كېلىۋاتقاندەك شەكلى غەلىتە بىر تۈسكە كىرىپ قالغان قۇم دۆڭلىرىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى كۆرەلمەي ،ئۇلارنىڭ قۇم دۆڭلىرى ئىكەنلىگىنى كۆڭلىدە بىلىپ تۇرسىمۇ ئىچىگە بىر قورقۇنچ كىرىۋالدى.«ئەتراپ نېمانداق قاراڭغۇ!»ئۇ قورقۇنچ ئىچىدە شۇ خىيالنى مېڭىسىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قانداقتۇ بىر ئىش بولىدىغاندەك ۋەھىمىگە چۈشۈپ،كۆزىنى يۇمۇشقا زادى جۈرئەت قىلالماي يېنىدىكى بېشىنى ساڭگىلىىتىپ ئۇخلاۋاتقاندەك كېتىۋاتقان ئىككىيلەنگە ،ئالدى-كەينىگە قارىغىنىچە ماڭدى. ئەتراپ بەكلا جىمجىت بولۇپ ،پەقەت ئېشەكلەرنىڭ تۇيىقىنىڭ قۇمغا تەككەندىكى تورۇكلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئايىغىنىڭ شىپ-شىپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى.                                                               
داۋۇتنىڭ ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇققا قاراۋېرىپ ھەم ئۇخلىيالماي ئىچى پۇشۇپ ،بىر چاغدا ئاۋۇتنىڭ بېشىنى مىدىرلاتقاندەك قىلغانلىىغىنى كۆرۈپ ئۇلارغا گەپ قىلغۇسى كەلدى.                           
-ئەتە چۈشكە يېتىپ بارالامىزمۇ؟-ئۇ توساتتىن شۇنداق دەپ سورىۋىدى قالغان ئىككىيلەن ساڭگىلىتىپ ماڭغان باشلىرىنى شاپپىدە كۆتۈرۈشتى.مامۇت سەزگۈزلۈك بىلەن چىپپىدە ئورنىدا توختاپ ئەتراپىغا قاراپ قويدى،ئاۋۇت قولىنى چاپىنىڭ يېڭىدىن چىقىرىپ ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ دېدى:                     
-خۇدايىم بۇيرىسا.                                                   
-خۇدايىم بۇيرىمىسىچۇ؟-داۋۇت قىزىقچىلىق قىلغۇسى ياكى جىم ماڭغۇسى كەلمىگەندەك يەنە سورىدى.                                                  
-خۇدايىم بۇيرىمىسا مەڭگۈ يېتىپ بارالمايسەن،-مامۇت داۋۇتقا شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى ،ئۇ بۇ گەپنى كۈلۈپ دېگەندەك قىلغان بىلەن ئاۋازىدىن بىر خىل شۇملۇق چىقىپ تۇراتتى.                                               
ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن باشقا گەپ قىلىشماي بىر دەم جىم مېڭىشتى.سەلدىن كېيىن مامۇت قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ ئالدى-كەينى ۋە ئىككى يېنىغا تەپسىلى دىققەت بىلەن قاراپ :                                                      
-ھوي ،ئەتراپ نېمانداق قاراڭغۇ؟ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايدىغۇ.مەن ئۆز بارماقلىرىمنىمۇ كۆرەلمەيۋاتىمەن...كەنىتتىن يىراقلاپ كېتىپتۇق،«چوكان قەبرىسى» دىن ئۆتۈپ كېتىپ بولغان ئوخشايمىز،-دەپ قويدى ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە.                                                   
-ئۆتۈپ كەتكەندىمىز بەلكىم ...بۈگۈن كېچە بەك قاراڭغۇ بوپتۇ،-ئاۋۇتمۇ ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقاندەك شۇنداق دېدى.                                    
-«چوكان قەبرىسى»دېگەن قانداق قەبرە؟-دېدى داۋۇت ئۆزىدىن چوڭ ئىككىيلەنگە قاراپ .                                                        
-بۇ سېنىڭ ئوتۇنغا تۇنجى مېڭىشىڭمۇ؟-مامۇت بالىنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى.                                                      
-ھەئە...                                                         
-بۇرۇن كەنتىمىزدىكى بىر ئەر موكۇيلىلىق بىر ئايالنى نىكاھلاپ ئالغانكەن،ئۇ ئەر بەك زالىم بولۇپ ئايالىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغىلى قويماي بەك ئۇرىدىكەن.ئۇ ئايال ئېرىنىڭ زۇلىمىگە چىدىماي بىر كۈنى ئېرىنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ كېتىپتۇ.ئېرى ئايالنىڭ قېچىپ كەتكەنلىگىنى بىلىپ ئايالىنى قوغلاپ كېلىپ  مۇشۇ قۇملۇقتا تۇتىۋىلىپ ،خوتۇنىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ  ئاۋۇ تەرەپلەردىكى بىر دۆڭنىڭ باغرىغا جەسىتىنى كۆمۈپ،ئۈستىگە توپا دۆۋلەپ بىر تال يۇلغۇن شېخىنى سانچىپ قويۇپتۇ...شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەر «چوكان قەبرىسى»دەپ ئاتىلىدىغان بوپ قاپتىكەن،-دېدى ئاۋۇت چۈشەندۈرۈپ.                       
-تولا قۇرۇق گەپ قىلماي ئەتراپقا قارىساڭچۇ ئاۋۇت ساقال،بۇ يەر ھېچ چوكان قەبرىسىگە يىقىن جايلارغا ئوخشىماي تۇرىدۇ.نەلەرگە كەلدۇقكى؟               
بۇ گەپ بىلەن ئاۋۇت ئاچچىقى كەلگەندەك ئورنىدا چىپپىدە توختاپ مامۇتقا قاراپ قويۇپ دېدى:                                                
-ئېشەكلەر سېنىڭدىن ئەقىللىقراق،ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرسەڭ بارىدىغان يېرىڭگە ئۇلار باشلاپ ئاپىرىپ قويىدۇ.                                       
-شۇڭا سەن بىر ئۆمۈر ئېشەكنى خوتۇن قىلىپ ،ئېشەككە ھەمرا بولۇپ ئۆتۈپتىكەنسەندە ئەمىسە ،-بۇ گېپى بىلەن مامۇت تېزىغا ئۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.                                                                    
-ئېشەك دېگەن ساڭا ئوخشاش بولىدۇ...                           
بۇ گەپلەر بىلەن ئاۋۇت بىلەن مامۇت خىلى ئۇزۇنغىچە ئۇنى،بۇنى دېيىشىپ گەپ تالىشىپ ،بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىپ زىتلىشىپ مېڭىشتى.داۋۇت كىچىك بولغاچقا ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ جىمغىنە ماڭدى.بىر چاغدا مامۇت ئاۋۇتنىڭ بىر مەسخىرىسىگە چىدىماي مۇشت بىلەن بىرنى سېلىپ ئۇنى يەرگە دومىلىتىۋەتتى.بۇنىڭدىن داۋۇتنىڭ ئاچچىقى كەلدى.نېمە دېگەن بىلەن ئاۋۇت قىرى ،ئىنجىمارۇق بىر ئادەم ،سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە داۋۇت بىلەن بىر يىراق تۇغقانچىلىقى بار ئىدى.شۇنداقتىمۇ داۋۇت ئەلپازى يامان ،دائىم ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە بوي-بەستىگە تايىنىپ ئۇرۇشساملا دەپ نوچىلىق قىلىدىغان مامۇتنىڭ  يەردە ئىنجىقلاپ ياتقان ئاۋۇتقا«يەنە شۇنداق گەپ قىلساڭ ساقىلىڭغا ھۆرمەت قىلماي كۆرگىلىگىڭنى كۆرسىتىپ قويىمەن ساڭا»دەپ قولىنى شىلتىپ ھۆرپىيىپ تۇرغان ھالىتىدىن قورقۇپ ،ئۇنىڭغا ئارتۇق-تۆشۈك گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي جىم بولدى.ئاۋۇت ئاستا ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن تەلپىكىنى تېپىپ كېيىپ،«خەپ!...قاراپ تۇر ھە»دەپ مامۇتقا غەزەپ ھەم ئىلاجىسىزلىق بىلەن قاراپ قويۇپ جىممىدە ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى.                     
- تېخى ماڭا تەھدىت سېلىۋاتامسەن؟ قارىغىنە ھالىڭغا ،قولۇمنى شۇنداق تەككۈزۈپ قويسام يەردە كىچىك بالىدەك دومىلاپ يۈرۈيسەن...ئاۋۇت ئاكا ،بويۇڭغا قاراپ بېقىپ نوچىلىق قىل بولامدۇ؟ھېلى بىكار يەنە مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ مەندىن تاياق يېسەڭ ،بۇ جاڭگالدا سېنى ئاجىرتىۋالىدىغان ئادەم چىقماي قالمىسۇن يەنە...ھى،ھى،ھى...                                   
مامۇت شۇنداق دەپ ئۆزىچە ھىجىيىپ ماڭغاچ بەلۋىغىنى چىڭىتىپ قويدى.
شۇندىن كېيىن ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندەك ياكى خىيال سۈرىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە بىر نەچچە سائەت جىمغىنە مېڭىشتى.ئۇلار ئالدىغا قاراپ ماڭغانسېرى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ كېتىۋاتقاندەك ئەتراپ بەكىراق قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇلار ئېزىپ قېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەستىن ئېشەكلىرىنىڭ ئۆزلىرى بارماقچى بولغان جايىغا نەخ باشلاپ بارالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن بىر ھالەتتە ئېشەكلەرگە ئەگشكەن ئىدى.ئۇلار يولنى ۋە ئەتراپنى پەرىق ئېتەلمىسىمۇ  ئېشەكلەرنىڭ تورۇكلىغان تۇياق ئاۋازىغا قۇلاپ سالغىنىچە مېڭىشاتتى.بىر چاغدا مامۇت  توختاپ ئەتراپقا قاراپ قويۇپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك قىلىپ دېدى:   
-چوقۇم خاتا ماڭدۇق،ئەتراپتىن كۆزۈمگە تونۇش بىرەر  دۆڭلۈك ئۇچىرمىدى.
بۇ گەپ بىلەن ئاۋۇت ئاۋال ئەتراپقا بىر قارىۋىتىپ ،كەينىدىن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يەرنى سىپاشتۇرۇپ قولىغا بىر نەرسە ئېلىپ ،ئۇنى مامۇتقا ئۇزاتتى.   
-كۆرمىدىڭمۇ ،ئېشەكلەر ئەسلى ئۆزى ماڭغان كونا يولدا مېڭىۋاتىدۇ،بولمىسا بۇ قۇرۇق،كونا تېزەكلەر بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟-ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى تېزەكلەرنى مامۇتنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.مامۇت قولىدىكى تېزەكلەرنى ئۇۋاپ يەرگە تاشلىۋەتتى.ئاۋۇت ماڭغاچ سۆزىنى داۋام قىلدى،-بىر چاغلاردا بىر نەچچە ئوتۇنچى بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ ئوتۇنغا مېڭىپتۇ.ئۇلار مېڭىپ،مېڭىپ تاڭ ئاتقاندا قارىسا ئۆزلىرى قايسى بىر جايغا كېلىپ قاپتۇدەك،ئەتراپقا قاراپ ئۆزلىرى ئۆمرىدە كېلىپ باقمىغان جايغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىشىپتۇ.ئۇلار قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلمەي بىر ھازا تالاش- تارتىش قىلىپ ،يەنە تەۋەككۇلىسىغا ئالدىغا قاراپ مېڭىشىپتۇ.ئۇلار ئالدىغا قاراپ كېتىۋىتىپ بىر چاغدا ئۆزلىرىىدن سەل يىراقتىكى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇن كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شۇ ياققا بېرىپتۇ.ئۇلار كېلىپ قارىسا دۆڭنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر ئىشىك تۇرغۇدەك.ئۇلار ئىشىكنى ئېچىپ دۆڭنىڭ ئىچىگە كىرسە ئۇ بىر چىرايلىق ئۆي بولۇپ ،ئۆي ئىچىدە بىر قازاندا پولۇ،بىر قازاندا شورپا قايناپ پىشىپ ،بىر لىگەندە ھورى ئۆرلەپ تۇرغان يېڭىدىن تونۇردىن ئالغان كاۋاپلار تۇرغۇدەك.لېكىن ئۆي ئىچىدە زادى باشقا ئادەم يوق بولۇپ ،ئۇ ئوتۇنچىلار قانچە توۋلاپ چاقىرىپ ،ئەتراپنى ئىزدەپمۇ بىرەر ئادەمنى ئۇچىرتالماي ،«بىزگە ئاللانىڭ ئىچى ئاغرىپ خىزىردىن بىزگە ئەۋەتكەن نەرسىلەر ئوخشايدۇ»دېيىشىپ شۇ ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۇشىپتۇ.بىراق ئاقىۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرى يەپ ئېشىپ قالغان گۆش-كاۋاپلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن بۆلىشەلمەي تالىشىپ قېلىپ،بىر-بىرىنى ئوتۇن كەسلەيدىغان پالتىسى بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشۇپتۇ...                                                               
-ئۇلار بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولسا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى كىملەر ئېيتىپ بېرىپتۇ ئەمىسە ،-دېدى مامۇت ئاۋۇتنىڭ ھېكايىسىگە ئىشەنمىگەندەك قىلىپ.   
-بىز كىچىكىمىزدە چوڭلاردىن شۇنداق ئاڭلايتتۇق.                       
«بىزگىمۇ تاڭ ئاتقاندا شۇنداق تۈتۈن چىقىۋاتقان دۆڭلۈكتىن بىرسى ئۇچراپ قالغان بولسا –ھە»دەپ ئويلاپ قالدى داۋۇت جىمغىنە كېتىۋىتىپ.شۇندىن كېيىن ئۇلار يەنە جىمغىنە مېڭىشتى.زۇلمەت قاراڭغۇلۇق بىلەن تولغان سوغۇق قىش كېچىسى قۇملۇق ئۆلۈكتەك جىمجىتلىق بىلەن چۆمكەلگەن بولۇپ ،قاراڭغۇلۇق ئاستىدا ئېگىز-پەس قۇم دۆڭلىرى قاپقارا غەلىتە مەخلۇقلار بىرى-بىرىنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقاندەك بولۇپ كۆرۈنەتتى.ئۈچ ئېشەكنىڭ يۇمشاق قۇمغا توك-توك قىلىپ چۈشىۋاتقان تۇياقلىرى ۋە ئېشەكلەرنىڭ بىررە-بىررە پۇشقۇرۇپ قويۇشلىرى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى. ئۈن-تىنسىز ھالدا ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقان ئۈچ ئادەم بەزىدە كۆزىنى ئېچىپ ھېچنەرسىنى كۆرەلمىسىمۇ ئەتراپقا قاراپ قويۇپ،بەزىدە ئۇيقۇسىنى ئاچالماي مۆگىدەپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئېشەكلەرنىڭ ئاياق تاۋۇشىغا قۇلاق سالغىنىچە مېڭىشىپ تاڭغا يېقىن كۆزىنى ئېچىشتى.تاڭ ئاتقان بولسىمۇ ئاسمان كۈلرەڭ بۇلۇتلار بىلەن تولغان بولۇپ ھېچ تەرەپتىن كۈننىڭ بىرەر يورۇقى ياكى شولىسى كۆرۈنمەيتتى،كۈن ئايلىنىپ قايسى تەرەپلەرگە كېلىپ قايسى ۋاقىت بولغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.ئۇلار توختاپ ئەتراپقا قارىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ياكى بىر جانۋارنىڭ ئاياغ ئىزى چۈشمىگەن بىر جايغا كېلىپ قالغانلىغىنى كۆرۈشتى.ئەتراپ چەكسىز قۇملۇق باياۋان بولۇپ ،ئېگىز-پەس دۆڭلۈكلەرنىڭ چېتىگە كۆز يەتمەيتتى.ئۇلار بىر ئېگىز دۆڭ ئۈستىگە چىقىپ يىراق-يىراقلارغا قاراپمۇ بىرەر جايدا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن كەلگەن ئوتۇنچىلار ياكى تۇزچىلارنىڭ،ھەتتا بىرەر ئات-ئۇلاقنىڭمۇ ئىزىنى چىلىقتۇرالمىدى.شۇ چاغدا ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئوتۇنچىلار ماڭىدىغان ،ئات-ئىشەكلەرنىڭ تېزەك،سۈيدۈكلىرى ھەم ئاياق ئىزلىرىنىڭ ھىدى بىلەن تولغان يولدىن چەتنەپ،ئاشۇ ئۆزىگە تونۇش پۇراقلاردىن ئايرىلىپ قېلىپمۇ دۆڭلۈكلەر ئارىسىدىكى پەس جايلار بىلەن قاياققا مېڭىۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق مېڭىۋەرگەن ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ باشقا بىر جايغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىشتى.دائىم ئۆزىگە تونۇش پۇراقلارنى ھىدلاپ قانچە قاراڭغۇ بولسىمۇ ،ئېگىسى ماڭىدىغان يولىنى كۆرسىتىپ تۇرمىسىمۇ،ئوتۇن كەسلەيدىغان جاڭگالغا ئېگىسىنى نەخ باشلاپ كېلىدىغان بۇ ئېشەكلەرنىڭ شەيتان ئازدۇرغاندەكلا  باشقا تەرەپكە بېشىنى بۇراپ كېلىپ قالغانلىقىدىن ئوتۇنچىلار گاڭگىراپ قېلىشتى.ئەتراپتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىكى ئاياغ ئىزىدىن باشقا بىرەر تەرەپ ،يۆنىشلىشنى كۆرسىتىپ بەرگۈدەك بىرەر بەلگە ياكى ئىزنا يوق ئىدى.تۆت ئەتراپ چېكىگە كۆز يەتمەس قۇملۇق ،ئاسمانمۇ  كۈل چېچىۋەتكەندەك تەكشى كۈلرەڭ تۈستە بولۇپ ،ئۇلار كەلگەن يۆنىلىشىنى ياكى بارىدىغان نىشانىنى زادى پەرىق ئېتەلمىدى .ئۆزلىرىنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگۈدەك بىرەر نەرسە كۆزلىرىگە چىلىقىپ قالىدىغان دەك ئېگىز دۆڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئەتراپقا خىلى ئۇزۇن قارىغان مامۇت پەستىكى دۆڭ باغرىدا قالغان ئىككى ئېشەك چېتىپ قويۇلغان ئاۋۇتنىڭ ئېشىكىگە قاراپ ،بىردىن غەزەپلىنىپ ئاۋۇتقا قارىدى.                                                  
-ئېشىكىڭمۇ ساڭا ئوخشاش بىر دۆت بىر نېمىكەن.ئىككىڭ بىرلىشىپ بىزنى قەيەرگە باشلاپ كەلدىڭ ھە؟قارىغىنا ،بىز قاياققا ماڭىمىز ئەمدى؟-دەپ ۋارقىرىدى ئۇ ئاۋۇتقا قولىنى شىلتىپ.                                          
-مەن ساڭا ئېشىكىڭنى ئېشىكىمنىڭ كەينىگە باغلاپ قوي ،ماڭا ئەگىشىپ ماڭ،دېدىمما؟ئۇنداق ئادەم ئېشەكنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭ يول باشلاپ ماڭساڭ بولمامدۇ؟-دېگەن ئاۋۇت مامۇتتىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا چەكچەيتىپ قاراپ تۇردى.                                         
-ھەي پوق ساقال،ئۆزۈڭ ئاخشام ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ ماڭساق بولىۋېرىدۇ،دېمىگەنمىدىڭ؟ئەمدى مەن ئۇنداق دېمىگەن دەيسىنا!-ئاۋۇتنىڭ گېپىدىن ئاچچىقى كەلگەن مامۇت شۇنداق دەپ ئاۋۇتقا يېقىن كېلىپ ،بىگىز بارماقىنى ئۇنىڭ كۆزىگە چىنىگىنىچە ھېلى ئۇنىڭ كۆزىگە تىقىۋېتىدىغاندەك بىر غەزەپلىك ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.                                                
ئاۋۇت قورۇققاندەك بولۇپ سەل كەينىگە چېكىندى.                        
-مەن سېنى مەجبۇرلىمىغاندىمەن؟ئۇنداق ئادەم ئۆزۈڭ بىلگەن يولغا ماڭساڭ بولمامدۇ؟                                                                 
-ۋۇ بېشىنى يەيدىغان ...-مامۇت گۆكىرگىنىچە بېرىپ بىر تىپىك بىلەن ئاۋۇتنى دۆڭدىن پەسكە دومىلىتىۋەتتى.                                       
-مامۇت ئاكا ،ئۇنداق قىلماڭ.بۇنداق بولۇشنى ئاۋۇت ئاكاممۇ ھەقاچان بىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن...-داۋۇت شۇنداق دېيىشىگە مامۇت غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ ئۇنىڭ گېپىنى قىلغىلى قويمىدى.            
-سېنىڭ ئوتۇنغا تۇنجى كېلىشىڭ تۇرسا ،سەن نېمىنى بىلەتتىڭ.قۇملۇقتا ئېزىپ قېلىپ قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلمەي ،ئۇسسۇزلۇق ،ئاچلىقتا ئۆلۈپ قالغان ئادەملەر كۆپ.قاراپ باقە ،ئەمدى قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟-مامۇتنىڭ بۇ گېپى بىلەن داۋۇت ئەتراپقا قاراپ بېقىپ،نېمە دېېيىشنى بىلمەي يەرگە قارىدى.  
مامۇت داۋۇتقا باشقا ئارتۇق گەپ قىلماي پەسكە دومىلاپ كەتكەن ئاۋۇتقا قارىدى.شۇ ۋاقىتتا دۆڭنىڭ تۈۋىگە چۈشۈپ ئۈستى-بېشىدىكى توپىسىنى قېقىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئاۋۇت ئورنىدىن تۇرغان پېتى  مامۇتقا تىل سالدى.مامۇتمۇ ئۇنى تىللىغان ھالدا پۇتىدىن قۇم چېچىپ پەسكە چۈشتى-دە،ئاۋۇتنىڭ پوكىنىدىن ئېلىپلا يەرگە ئۇرۇپ  ئۇنىڭ ئاچ بېقىنىغا بىر نەچچىنى تېپىۋەتتى.              
ئاۋۇت مامۇت قېشىدىن كەتكەندىن كېيىن ئىنجىقلاپ ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ،ئىھ،ئىھ قىلىپ تاياق زەربىسىدىن ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.«خۇدايىمغا قويدۇم، مەندەك بىر ئاجىز قىرىنى ئۇرغىنىڭ ئۈچۈن جاجاڭنى خۇدايىم  بېرەر...»دەپ تېزلىنىپ ئولتۇرغىنىچە يېشىنى سۈرۈتۈپ جىم بولدى.مامۇت ئېشەكلەرنىڭ قېشىغا كېلىپ،ئاۋۇتنىڭ ئېشىكىنىڭ كەينىگە ئارغامچىسى چېگىپ قويۇلغان ئېشىكىنى يېشىۋېلىپ،ئۆزىنىڭ ئېشىكىنىڭ كەينىدىكى داۋۇتنىڭ ئېشىكىنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىپ يەرگە تاشلىۋېتىپ ،بىر ياقىغا بېرىپ قاپىقىنى گۆلەيتىپ ئاۋۇتقا قارىغىنىچە ئولتۇردى.داۋۇت شۇھامان پەسكە چۈشۈپ ،كېلىپ ئېشىكىنى يۆتىلەپ بىر ياقىغا كېلىپ،ئۆزىنىڭ ئۇسساپ ھەم قورسىقىنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىگىنى ھېس قىلىپ، خورجۇنىدىكى  سۇ قاپىقى بىلەن ياغلىققا ئورالغان نېنىنى ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى.بۇنى كۆرۈپ مامۇتمۇ ئۆزىنىڭ ئاچقانلىقىنى شۇ چاغدا بىلگەندەك بولۇپ ئۆزىنىڭ سۇ،نېنىغا قولىنى سۇندى.بۇ چاغدا ئاۋۇتنىڭ باغلاقسىز قالغان ئېشىكىنى بىر ياقىغا ئېرىنچەكلىك بىلەن مېڭىۋىدى ،ئاۋۇت كېلىپ ئۇنىڭ توقۇمىغا چېگىپ قويۇلغان ئارغامچىسىنى يېشىۋېلىپ باشقا بىر جايغا كېلىپ ئولتۇردى.           
داۋۇت بىلەن مامۇت نان يەپ ،سۇ ئىچىپ قورسىغىنى تويغۇزغان بولسىمۇ ،لېكىن ئاۋۇت نانمۇ يېمەي ،سۇ ئىچمەي  جىمغىنە ئولتۇردى.ئۇلار ھېچقانداق سۆز ياكى ھەركەت قىلماي بىر ئاش پىشىمدەك ۋاقىت ئۆتكەندە داۋۇت ئۇ ئىككى چوڭغا مۇراجەت قىلدى.                                                     
-بۇنداق ئولتۇرىۋەرمەي بىر تەرەپكە ماڭساق بولامدىكىن،بىكار يەنە قۇملۇقتا چۆرگىلەپ ئېزىقىپ يۈرۈپ يەيدىغان نېنىمىز،ئىچىدىغان سۈيىمىز تۈگەپ قالمىسۇن.                                                                  
ئاۋۇت بۇ گەپكە پەرۋامۇ قىلماي خۇددى قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلىد-ىغاندەك خىرامان ھالدا ئۇيان،بۇيانغا قاراپ قويۇپ ئولتۇردى.مامۇتمۇ بىردەم جىم ئولتۇرۇپ بېقىپ ،ئاۋۇت ھېچنەرسە دېمىگەندىن كېيىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتىپ ئاۋۇتقا قارىدى.                                                            
-ئاۋۇت ئاكا سەن دېگەن بىر كونا ئوتۇنچى،مېنىڭ مۇشۇ ئۆمرۈمگىچە ماڭغان يولۇمدىن سېنىڭ بۇ جاڭگال ،قۇملۇقتا ماڭغان يولۇڭ ئۇزۇنراق چىقىدۇ.ئەمدى بىر ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ ،قايانغا ماڭساق بولىدۇ بىر نېمە دېمەمسەن؟-دېدى.      
-قاياققا ماڭغۇڭ بولسا شۇ ياققا ماڭ.يەنە ئېزىپ قىلىپ مەندىن كۆرۈپ يۈرمىگىن،-ئاۋۇت شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇياق-بۇياققا قارىۋېتىپ داۋۇتقا يۈزلەندى،ئاندىن،-ئۇنىڭ بىلەن ماڭامسەن ياكى مەن بىلەن ماڭامسەن، ياكى بولمىسا ئۆزۈڭ بىلگەن يولغا ماڭامسەن ئىختىيارىڭ،-دەپ قويۇپ ئېشىكىنى يىتىلەپ ئاستاغىنە بىر تەرەپكە مېڭىپ كەتتى.بۇنى كۆرۈپ ئاۋال داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز ئېشىكىنى ئارغامچىسى بىلەن تارتىپ ئەگەشتى،ئۇنىڭ كەينىدىن مامۇتمۇ ئۇلارغا ئەگەشتى.ئۇلار بىردەم جىم ماڭغاندىن كېيىن مامۇت ئەتراپقا قارىغىنىچە :                                                               
-يەنە ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىۋېتىپتىمىزغۇ؟...قاياققا ماڭدۇق ئەمدى؟-دېدى ئورنىدا توختاپ.                                                            
-مەن بۇ يەرگە ئوتۇن ئەپچىققىلى كەلگەن ،ئوتۇن بار يەرگە بېرىپ ئېشىكىمگە ئوتۇن ئارتقاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيۈمگە كېتىمەن.مەنمۇ ھازىر قايسى تەرەپكە مېڭىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيمەن.بۇ مەن ئۆمرۈمدە كېلىپ باققان يەر ئەمەس ئىكەن.مەن ھازىر خىيالىم باشلىغان تەرەپكە مېڭىۋاتىمەن،بۇنىڭلىق بىلەن ئوتۇن بار يەرگە بارامدىمەن ياكى قۇملۇقنىڭ ئىنسىجىن يوق يېرىگە بېرىپ قالامدىمەن ،بولمىسا ئۆي تەرەپكە كېتىۋاتامدىم بىلمەيمەن.سەنمۇ ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭ بىلگەن يولغا ماڭ .مەن خاتا يولغا مېڭىپ قالغان بولسام سەنمۇ بۇ خاتا يولغا ماڭا ئەگىشىپ كېلىپ كېيىن مەندىن خاپا بولساڭ مېنىڭ كارىم يوق...        
-ئاۋۇت ئاكا،بۇنداق قارىسىغا ماڭمايلى.مېنىڭمۇ قۇرۇق قول قايتىپ كەتكۈم يوق.لېكىن قايسى تەرەپ جاڭگاللىق ،قايسى تەرەپ كەنتىمىز ئايرىۋېلىپ ئاندىن ماڭمامدۇق.بولمىسا قۇملۇققا ئىچكىرلەپ كېتۋېرىپ يەيدىغىنىمىز،ئىچىدىغىنىمىز تۈگەپ قېلىپ ئاچ قىلىپ ئۆلمەيلى يەنە...بى ئوبدانراق قاراپ باقمامدۇق ئەتراپقا؟-دېگەن مامۇت ئاۋۇتقا سوئال  بىلەن قارىدى.                       
-قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل ،-ئاۋۇت مامۇتقا پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ قويۇپ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى.                                      
مامۇت بۇنىڭلىق بىلەن ئاچچىق تىنىپ يەرگە قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى.داۋۇت كۆڭلىدە «ئاۋۇت ئاكام چوقۇم قايسى تەرەپكە ماڭساق ئوتۇن بار جاڭگاللىققا بارغىلى ،قايسى تەرەپكە ماڭساق كەنتكە-ئۆي تەرەپكە كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ»دەپ ئويلاپ مامۇتقا قاراپ كۈلۈپ:                                 
-ئاۋۇت ئاكام قايسى تەرەپكە ماڭساق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ...ئەگىشىپ مېڭىۋېرەيلى،-دەپ تۇردى.مامۇت «ئۆلگۈر قېرى...»دەپ غۇدىراپ قويۇپ ،داۋۇت بىلەن بىرلىكتە ئاۋۇتقا ئەگىشىپ مېڭىپ كەتتى.                       
ئۇلار شۇ يۆنىلىش بويىچە ناھايتى ئۇزۇن ماڭدى،ئاسمان يەنە شۇ تۇتۇق پېتى تۇرغاچقا ئۇلار ۋاقىتنىڭ قايسى چاغ بولغانلىقىنى زادى بىلەلمىدى.ئۇلار ھېرىپ قالغان بولسا ئولتۇرۇپ ئارام ئالدى،ھاردۇقى چىقسا يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشتى.بىراق شۇنچە ئۇزۇن ماڭغان بولسىمۇ ئادەملەرنىڭ ئايىغى تەككەن ،ماڭىدىغان يۆلىنىشىنى نىشان قىلغىلى  بولىدىغان بىرەر ئىز ياكى بەلگە ئۇچىرمىدى.ئۇلار مېڭىۋېتىپ كەچ كىرىپ ئالەم-جاھاننىڭ قاراڭغۇلىشىۋاتقا- نلىقىنى ھېس قىلىپ،بىر كۈن ئۆتۈپ كەتكەنلىگىنى بىلىشىپ يەنە قورساق توقلاش ئۈچۈن توختاشتى.                                                           
-سۈيىڭنى ئاۋايلاپ ئىچ،قۇملۇقتىن چىقىپ كەتكۈچە سۈيىڭ تۈگەپ قالسا ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىسەن ،-دېدى ئاۋۇت سۈيىنى غۇرتىلدىتىپ ئىچىۋاتقان داۋۇتنى ئاگاھلاندۇرۇپ،ئۇ قاپىقىدىكى سۇدىن بىر ئوتلام ئىچىپ قويپ پۈرۈپكىسىنى چىڭ ئېتىپ خورجۇنىغا سېلىپ ئورنىدىن تۇردى.                                    
-يەنە مېڭىۋېرەمدۇق؟-دېدى مامۇت ئاۋۇتقا كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ.
-ماڭامسەن ماڭمامسەن ئۆز ئىختىيارىڭ،-پەرۋاسىزلىق بىلەن جاۋاب بەردى خورجۇنىنى ئېشىكىنىڭ ئۈستىدىكى توقۇمغا باغلاۋاتقان ئاۋۇت.                  
-ئېسىت! سېنىڭدەك قىرى مېڭىسىنى سا چوقۇلىۋالغان قاپاقۋاش بىلەن ئوتۇنغا كەلگىنىمگە .ھېلىمۇ بىر كېچە-كۈندۈز بوپتۇ مېڭىۋاتقىنىمىزغا،يا ئوتۇن بار جاڭگاللىققا يېتىپ كەلمىدۇق ياكى كەنىت تەرەپكە ماڭالماپتۇق.ھوي ،بىر ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ يول باشلىمامسەن ئاۋۇت ئاكا!                              
-مەن سېنى كەينىمدىن كەل دېدىممۇ ؟ قاياققا ماڭغۇڭ بولسا شۇ ياققا ماڭمامسەن.                                                               
-سېنى بۇ جاڭگال بىلەن پىششىق تونۇش ،ئوبدان ئوتۇن بار يەرگە تېز باشلاپ بېرىپ بىخەتەر قايتىپ كېلەلەيدۇ،دېمىسەم سەن قېرىغا ئەگەشمىسەممۇ مەن جاڭگالغا كىرىپ ئوتۇن ئاچچىقالمامدىم؟-مامۇت شۇ گەپ بىلەن گۆكىرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،قولىنى شىلتىپ ئاۋۇتقا يىقىنلاشتى،-كۆزۈڭ كور بولىدىغان بىر نېمىكەنسەن...ئويلاپ باقمىدىڭمۇ ،قۇملۇقتا مۇشۇنداق قاياققا مېڭىشنى بىلمەي بېشىمىز قايغان ،پۇتىمىز تايغان تەرەپكە مېڭىۋەرسەك يەيدىغان، ئىچىدىغىنىمىز تۈگەپ قېلىپ قۇملۇقنىڭ ئىچىدىن چىقالماي ئۆلمەمدۇق؟ئوبدان قارىمامسەن!                                                               
-ماڭا يىقىن كەلمە ھە،بولمىسا ئەمدى سېنى پالتام بىلەن چانايمەن. ئۇقتۇڭمۇ؟مېنىڭ كەينىمدە ساڭا پوق يوق...ئۆزۈڭنىڭ خالىغان يولىدا ماڭ، -ئاۋۇت قولىغا پالتىسىنى ئېلىپ مامۇتقا ھەيۋە بىلەن كۆرسىتىپ قويدى.         
-ئىم...-مامۇت دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ ئاۋۇتقا مەڭسىتمەسلىك بىلەن قارىدى،-ھالىڭغا بېقىپراق چوڭ گەپ قىلغىنا.سەن پالتاڭنى كۆتۈرۈپ بولغۇچە مېنىڭ پالتام سېنىڭ بېشىڭنى چۇلۇق تاۋۇزدەك يەرگە دومىلىتىۋېتىدۇ.           
-قېنى كۆرەرمىز...                                                  
-تولا نوچىلىق قىلىمەن دېمەي بىزنى توغرا يولغا باشلاپ ماڭ...      
ئۇلار يەنە ئېشەكلىرىنى يىتىلەشكىنىچە جىمغىنە مېڭىپ كېتىشتى.قاراڭغۇ چۈشۈپ قۇملۇق يەنە قازان كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇلۇق بىلەن چۆمكەلدى. ئۇلارنىڭ يەيدىغان نېنى ،ئىچىدىغان سۈيى كۆپ بولمىغاچقا  راستىنلا توغرا يولنى تاپالماي ئېزىپ قالساق قانداق قىلارمىز ،قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەلمەي ئۆلۈپ كېتەرمىزمۇ ،دېگەن ئەندىشە ئۇلارنى قورقۇنچقا سېلىپ قويدى.لېكىن ئۇلار بۇ ھەقتە بىر-بىرىگە گەپ قىلماي ،كېچىچە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپ تاڭ ئاتقۇزۇشتى.                                                               
ئالەم –جاھان يورىغان بولسىمۇ يەنە ئالدىنقى كۈنلەردىكىگە ئوخشاشلا كۈننىڭ قاياقتىن چىقىپ ،قاياققا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.كۈلرەڭ تۇتۇق ئاسمان سوغۇقتا قېتىپ قالغاندەكلا كۆرۈنەتتى.ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ زادى سەلغىنە شامالمۇ يوق ،نە بىر ياقتىن بىرەر تىۋىشمۇ ئاڭلانمايتتى.چېكى يوق يىراقلارغا سوزۇلۇپ كەتكەن قۇم دۆڭلىرىنىڭ ئېگىز-پەس ئاپئاق يۈزىدە ئاندا-  ساندا  قۇرۇق قالغان يانتاق،قۇمۇشلار كۆرۈنەتتى.                             
ئۇلار يەنە قورساق توقلاش ئۈچۈن توختاشتى.بۇ قېتىم مامۇتنىڭ يايدىغان
نېنى ،ئىچىدىغان سۈيى تۈگىدى.                                          
-ئەمدى كەينىمىزگە يانايلى،بىز توختىماي خاتا مېڭىپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىگە كىرىپ كېتىۋېتىپتۇق.يەنە ئالدىمىز مېڭىۋېرىپ ،كېيىن خاتا مېڭىپتۇق كەينىمىزگە يانايلى دېسەك كېچىكىپ قېلىپ ئاچلىقتىن ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلمەيلى،-دېدى مامۇت كۆپچىلىككە مۇراجەت قىلىۋاتقاندەك تەلەپپۇزدا.                        
بۇ ۋاقىتتا سۈيىنى ئاۋايلاپ ئىچىنى لەۋلىرىنى گەز باغلاپ ،كۆزلىرى تېخىمۇ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان ھاردۇق يەتكەن ئاۋۇت ھېچنەرسە دېمىدى.                                                                  
-ئاۋۇت ئاكا سېنىڭچە قانداق قىلىمىز؟كەينىمىزگە يانامدۇق؟-دېدى بۇ چاغدا داۋۇت سۆزلەپ.                                                      
-كەينىمىزگە ماڭساق قاياققا ماڭىمىز؟-دېدى ئاۋۇت بىر جانسىز ھالدا.
-ئۆي تەرەپكە –كەنتكە...بۇ قېتىم ئۆيىمىزگە يول تېپىپ تىرىك قايتىپ كېتەلسەك ئوتۇنغا كېيىن قايتا كەلسەكمۇ بولىدىغۇ،-بۇ قېتىم ئۇنىڭغا مامۇت جاۋاب بەردى.                                                              
-ئۆيىمىز تەرەپ قايسى تەرەپ ،جاڭگاللىق قايسى  تەرەپتە سەن بىلەمسەن؟
-بىلگەن بولسام ساڭا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كېلەمدىم...توغرا ،كەلگەن ئىزىمىزتۇرۇپتىغۇ .ئىزىمىزنى بويلاپ كەينىمىزگە ماڭايلى.                             
-مېنىڭچىمۇ شۇنداق قىلايلى.بىز توختىماستىن ئالدىمىزگە قاراپ ماڭدۇق،كەينىمىزگە يانساق كەنتكە بارىدىغان يولنى تىپىۋېلىشىمىز مۇمكىن،-داۋۇت گېپىدىن خۇشال بولۇپ كۈلۈپ قويدى.                                       
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەينىگە يانماقچى بولۇپ تەييار بولۇشتى.دەل شۇ چاغدا ئۆزلىرىگە يېقىن جايدىكى بىر ئىگىز قۇم دۆڭى ئۈستىگە چىققان داۋۇت ئۆزلىرىدىن سەل يىراقتىكى ئاپئاق بىر نەرسىنى كۆرۈپ ،ئاۋۇت بىلەن مامۇتقا خەۋەر قىلىپ شۇ تەرەپكە يۈگۈردى.                                                           
ئۇلار كېلىپ كۆردىكى بىر دۆڭنىڭ باغرىدىكى ئويمان يەردە قايسى  بىر زامانلاردىندۇ قالغان بىر ئادەمنىڭ ئاپئاق سۆڭەكلىرى چېچىلىپ ياتاتتى.سۆڭەكلەر باش سۆڭىكىدىن تارتىپ پۇت بارماق سۆڭەكلىرىغىچە ھەممىسى بار بولۇپ ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھېچنەرسە يوق ئىدى.بۇ ئادەم سۆڭىكى شامال ۋە ئاپتاپتا ناھايتى ئۇزۇن –نەچچە يۈز يىللار تۇرغاندەك بەكلا قۇرۇپ،قاغجىراپ قاخشالدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۈچ ئوتۇنچى ئۇ سۆڭەكلەرنىڭ قېشىدا بىر دەم تۇرۇپ،ئۇ كىمنىڭ بولغىدى ،دېگەن پەرەرزلىرى بىلەن بىردەم تالاش-تارتىش قىلىپ كەينىگە ياندى.                                                                     
ئۇلار يەنە ئېشەكلىرىنى يىتىلەشكىنىچە كەلگەن ئىزىنى بويلاپ كەينىگە يېنىشتى. لېكىن،ئۇلار ئىككى ئاش پىشىم ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن ئىزلىرىنى يوقىتىپ قويۇشتى.ئۇلارنىڭ كېچىدىن ماڭغان ئىزلىرى جىن ئاپقاچقاندەكلا يوقاپ كەتكەن بولۇپ،بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىزىنى ئۇچۇرتۇپ ئۆچۈرىۋەتكۈدەك ھاۋادا سەلغىنە شالمۇ يوق ئىدى.ئۇلار كېتىۋىتىپ بىردىنلا كەلگەن ئىزىنىڭ يوقلىغىنى بايقاپ كەينىگە قارىشىۋىدى،ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كەينىدىمۇ ئۇ تەرەپكە ماڭغان ئىزى يوق ،بۇ تەرەپكە كەلگەن يېڭى ئىزلىرىلا تۇراتتى.بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلار ئەمدى قانداق قىلىشنى ياكى قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلمەي ھاردۇق يېتىپ كۈچ-ماغدۇرىدىن كېتىپ ئولتۇرۇپ قېلىشتى.                                 
بۇ قېتىم مامۇتنىڭ يەيدىغان نېنى ،ئىچىدىغان سۈيى ئاللىقاچان تۈگەپ بولغاچقا داۋۇت ئۇنىڭ گەز باغلاپ قوۋزاقتەك بولۇپ قالغان لېۋىگە قاراپ يېرىم زاغرىسىنىڭ يېرىمىنى ۋە سۈيىدىن ئازراقىنى ئۇنىڭغا بەردى.مامۇتمۇ تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرماي پۇچۇق زاغرا بىلەن داۋۇت ئۆزىنىڭ قۇرۇق قاپىقىغا قۇيۇپ بەرگەن سۇنى قولىغا ئالدى.ئاۋۇت ئۇلار بىلەن كارى ھالدا قاپىقىدىكى سۈيىدىن بىر يۇتۇملا ئىچىپ ،بىر پارچە نان يەپ ئولتۇردى.                              
ئۇلار ئىزىمىز يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ كەلگەن يولىمىز مۇشۇ بولغاندىكىن يەنە ئالدىمىزگە قاراپ مېڭىۋىرەيلى،دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ يۈرۈپ كېتىشتى.ئۇلار شۇ ھالدا كەچ كىرگىچە مېڭىپمۇ مېڭىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلگۈدەك بىرەر نەرسىنى ئۇچۇرتالماي ھارغىنلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئىچىدە ئۆزىنى يەرگە تاشلاشتى.بۇ قېتىم مامۇت ئېغىزىغا ھېچنەرسە سالماي ئېشىكىنىڭ توقۇمىنى يېشىپ ،ئارغامچا بىلەن ئېشىكىنىڭ پۇتىنى چۈشەپ قويۇپ ،بېشىنى توقۇمغا قويدى-دە،ئىككى كۈندىن بىرى ئۇيقۇسىز قېلىپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزىنى يۇمۇپ بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى.ئاۋۇت بىلەن داۋۇتمۇ ئوخشاشلا ھارغىنلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىقتا ھالىدىن كەتكەن بولۇپ ،ئۇلارمۇ مامۇتقا ئوخشاش ئۆزلىرىنى قۇملۇق ئۈستىگە تاشلاپلا ئۇيقۇغا كېتىشتى.                                          
ئاۋۇت بىر چاغدا ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ يەنە زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرغان ئالەم-جاھانغا قارىدى.كۆكنى ۋە يەرنى سىياھ تۆكۈۋەتكەندەك قاراڭغۇلۇق باسقان بولۇپ،ھېچ تەرەپتىن بىرەر يورۇق ياكى نام-نىشان كۆرۈنمەيتتى. ئەتراپقا قاراپ تىزلىنىپ خىلى ئۇزۇن ئولتۇرغان ئاۋۇت قۇملۇقتا يۈرگەن ئۈچ كۈندىن بىرى ناماز ئوقۇمىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ ،قولىنى يۇمشاق قۇمغا سۈركىدى-دە،تەيەممۇم قىلىپ ئۆزى قېبىلە دەپ بىلگەن يۆنىلىشكە قاراپ  ناماز ئوقۇشقا باشلىدى.ئۇ نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاخىرسىدا «ئى ئۇلۇغ ئاللا بىزدەك گۇناھكار بەندىلىرىڭگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ ،بۇ قۇملۇقتىن ئامان-ئىسەن چىقىپ كېتشىمىزگە باش پاناھ بولغايسەن »دەپ خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.ئۇ قورقۇنچ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىلكىدە خۇداغا نالە قىلىپ خىلى ئۇزۇن يىغلىدى.ئۇنىڭ يىغىسىدىن مامۇت بىلەن داۋۇتمۇ ئويغىنىپ كېتىپ ئۇنىڭغا جىمغىنە قاراپ ئولتۇرۇشتى.      
ئۇلار ئالەم –جاھان يورۇغىچە قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلىشەلمەي تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرۇشتى.ئاخىرسىدا ئاستا-ئاستا يورۇۋاتقان تەرەپ شەرىق- جاڭگال تەرەپ،قاراڭغۇ تۇرغان تەرەپ كەنت تەرەپ  دەپ ھۆكۈم قىلىشىپ  ،تېخى يورۇپ بولالمىغان قاراڭغۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ كېتىشتى.            
ئۇلار يەنە قاراڭغۇ چۈشىدىغان ۋاقىتقىچە ئاران –ئاران چىداشلىق بەردى. ئۇلار ئەمدى ئاچلىق ،ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىنلىق ئىچىدە ماڭغۇدەك ھالى قالمىغانلىقىنى بىلىشتى. ئۇلار كېچىچە كەلگەن يېرىدە يېتىپ ئارام ئېلىۋىلىپ،تاڭ ئاتقاندا يەنە ئالدىغا قاراپ مېڭىش ئۈچۈن توختاشتى.ئۇلار ئوتۇن ئېلىپ مېڭىشنى خىياللىرىدىن چىقىرىۋېتىپ،كەچ بولغاندا كېيىن قاراڭغۇلاشقان،تاڭ ئاتقاندا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرغان تەرەپ كۈن پېتىش-كەنتىمىز بار يۆنىلىش دەپ بىلىشتى ۋە توختىماستىن شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭماقچى بولدى.                  
ئۇلار ئالەم-جاھان خىرە ئاقىرىشقا باشلىغاندا ئورنىدىن تۇرۇشۇپ،قاراڭغۇ تۇرغان تەرەپ كەنتىمىزنىڭ يۆنىلىشى دېيىشىپ مېڭىپ كېتىشتى.              
بۇ ۋاقىتتا ئاۋۇتنىڭلا سۈيى بىلەن يەيدىغان نېنى بار بولۇپ ،ئۇ كېتىۋاتقاچ نېنىدىن بىر ئىككى چىشلەم يەپ ،سۈيىدىن ئازراق ئوتلاپ قويۇپ ،ئاللىقاچان سۈيى بىلەن نېنى تۈگەپ قالغان مامۇت بىلەن داۋۇتقا بىرەر يۇتۇم سۇمۇ بەرمەستىن يولىنى داۋام قىلدى.چۈشكە يېقىن قاپىقىدا بىر تامچىمۇ سۇ قالمىغان داۋۇت قاپىقىنى چايقاپ سىلكىپ بېقىپ يەرگە ئاتتى-دە،ئۇنى دەسسەپ-چەيلەپ «دادا-ئانا مېنى قۇتقۇزىۋىلىڭلار.مەن ئۆلەي دېدىم ...»دەپ ساراڭلاردەك ۋارقىراپ –جارقىراپ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى.ئاۋۇت بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي باشقا تەرەپكە قارىغىنىچە توختىدى. بۇنى كۆرۈپ مامۇت ئاۋۇتقا قاراپ :              
-ئاۋۇت داۋۇت نېمە دېگەن بىلەن بالا،ئۇنىڭغا سۈيىڭدىن ئازراق بەر،-دېدى.
-مەن ھېچكىمگە سۇ بەرمەيمەن،مېنىڭ سۈيۈم تۈگىسە ماڭا كىم سۇ بېرىدۇ؟-دېگەن ئاۋۇت بىرىسى كېلىپ قاپىقىدىكى سۈيىنى تارتىۋالىدىغاندەك قىلىپ قاپىقىىنى قوينىغا سېلىپ مەھكەم تۇتۇپ ئولتۇردى.                             
-ۋۇ نىجىس!ئادەممۇ سەن؟سەن سۇ بار تۇرۇقلۇق ھەمرالىرىڭ ئۇسسۇزلۇقتا ئۆلگۈلىۋاتسا كارىڭ يوق ئولتۇرامسەن؟-مامۇت ئاچچىقلاپ ئاۋۇتقا كۆزىنى چەكچەيتىپ قارىدى ،-ئەكەل قاپىقىڭنى ،داۋۇت سۈيىڭدىن ئازراق ئىچىۋالسۇن، -ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ ئاۋۇتنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇمۇ  ئۇسساپ لېۋى قۇرۇپ قوۋزاقتەك بولۇپ قالغان بولۇپ ،كۆزى ئۆچۈپ قالاي دېگەن چىراغتەك خىرە پىلدىرلايتتى.                                                               
-بەرمەيمەن دېدىم بەرمەيمەن...قېنى يامان بولساڭ قاپىقىمنى تارتىۋېلىپ باقە ،-ئاۋۇت شۇ گەپ بىلەن تەڭ بىلىگە قىستۇرىۋالغان پالتىسىنى قولىغا ئېلىپ مامۇتقا قارىتىپ شىلتىپ قويدى،-قولۇڭنى چانايمەن،ئۇقتۇڭمۇ !چانىۋېتىمەن...
-مېنى پالتاڭدىن قورقۇدۇ دەمسەن؟...سەندە بار پالتا مەندىمۇ بار ،- مامۇت شۇ گەپ بىلەن ئېشىكىنىڭ دۈمبىسىگە تېڭىپ قويۇلغان پالتىسىنى قولىغا ئالدى.                                                                    
بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان داۋۇت كېلىپ مامۇتنى توسىۋالدى.               
-بولدى مامۇت ئاكا ،ئۇنداق قىلماڭ ...تاڭ ئاتقاندا بىز چوقۇم كەنتكە قايتىپ بارالايمىز،-ئۇ شۇ گەپ بىلەن مامۇتنىڭ قولىدىكى پالتىنىڭ سېپىدىن چىڭ تۇتىۋالدى.لېكىن داۋۇت مامۇت پالتىنى شۇنداقلا سىلكىپ قويسا يېقىلىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە ماغدۇرىدىن كەتكەن بولۇپ،جىدەل قىلىۋاتقان ئىككىيلەننى توسۇۋالغۇدەك ئەمەس، ماڭغۇدەكمۇ كۈچى يوق ئىدى.                        
داۋۇتنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن توختاپ قالغان مامۇت :                     
-خەپ!...مېنى قاپىقىڭنى ئالالمايدۇ دېمە ھە،-دەپ پەسكويغا چۈشكەندەك بولۇپ كەينىگە ياندى.داۋۇت بولسا ئۆزىنى تۇرغان يېرىگە پوكلا تاشلاپ ،بۇ يەردە مەڭگۈ ياتىدىغاندەك بىر ھالەتتە قۇم ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتتى.شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن كەلگەن جايىدا ئۆزلىرىنى قۇم ئۈستىگە تاشلىشىپ بىرەر ئاشپىشىم ئەتراپىدا ھاردۇق ئالغاندىن كېيىن يەنە ئالدىغا قاراپ مېڭىشتى.ئۇلار كەچ كىرگۈچە مېڭىپمۇ مېڭىش يۆنىلىشىنى بەلگىلىۋالارغۇدەك ياكى توغرا مېڭىۋاتقانلىغىنى جەزىم قىلالغۇدەك بىرەر نەرسە ئۇچۇرتالمىدى.ئەتراپ چېكىگە كۆز يەتمەس دۆڭلۈكلەر بىلەن تولغان قۇملۇق باياۋان،ھېچيەردە ئادەم ياكى ئات-ئۇلاغلارنىڭ ھېچبىر ئىزناسىمۇ يوق،ئاسمان يەنە تۇتۇق بىر كۈلرەڭ ھالەتتە ئاستا-ئاستا قاراڭغۇلۇق بىلەن چۆمكەلدى.ئۇلار چۈشىۋاتقان قاراڭغۇلۇققا قاراپ پەقەت كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ مېڭىشىۋاتقانلىغىنى ۋە مەھەللىسىنىڭ شۇ تەرەپتە ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلىشتى.ئۇلار –بولۇپمۇ بىر كۈن ئىلگىرى سۈيى بىلەن نېنى تۈگەپ ھازىرغىچە لېۋىنى چىشلەپ چىداشلىق بىلەن يول مېڭىۋاتقان داۋۇت بىلەن مامۇت ھالىدىن كەتكەن بولۇپ ،ئۇلار ئۆزلىرىنى پوكلا قۇم ئۈستىگە تاشلاپ سۇنايلىنىپ يېتىشتى.                                                      
«ئۇسساپ ئۆلەي دېدىم،بۇ قۇملۇقتىن تىرىك چىقىپ كېتەلمەيدىغان ئوخشايمەن. نېمىشقىمۇ ئوتۇنغا كىلەر بولغىدىم...»دەپ ئويلىغان داۋۇت خىتىلداپ يىغلىۋەتتى.ئۇ كۈندۈزدە ئاۋۇتنىڭ قولىدىكى قاپاقنىڭ سىلكىنىشىگە قاراپ ،ئۇنىڭ قاپىقىدا تېخى يەنە يېرىم قاپاق كەلگۈدەك سۇ بارلىغىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.ئاۋۇتنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسسۇزلۇقتا ھالىدىن كېتىپ يېقىلىپ چۈشەي دېگەنلىكىنى كۆرۈپ ،ھەتتا مامۇت دېگەندىمۇ سۇ بەرمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ ،ئۇسسۇزلۇقتا ئۆلۈپ قالساممۇ كارى يوق ئوخشايدۇ.ياكى ئۆزۈم دەپ باقايمىكىن، دەپ ئويلاپ ئۆزلىرىدىن سەل يىراقتا بىر يانغا قىيسىيىپ ياتقان ئاۋۇتقا قارىدى.   
-ئاۋۇت ئاكا سۈيىڭدىن بىر يۇتۇم ئىچىۋالاي،-دېدى ئۇ ئۆتۈنۈش بىلەن . ئاۋۇت بېسىپ كېلىۋاتقان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاندەك
ياكى جاۋاب بەرگۈسى كەلمىگەندەك بىر ھالەتتە ئۈن-تىنسىز جىممىدە ئولتۇرىۋالدى.                                                               
-قوي ئۇنىڭغا يالۋۇرما،ئۇ قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەلسە بىزمۇ چىقىپ كېتىمىز. بىز ئۆلسەك ئۇمۇ ئۆلىدۇ...-مامۇت شۇنداق دەپ ئاۋۇتقا قاراپ بىردەم ئولتۇردى. ئاۋۇت مامۇتنىڭ گېپىگىمۇ پەرۋا قىلمىدى.ئۇنىڭ بىپەرۋا ھالىتىدىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا بىر يۇتۇم سۇ بەرمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.                  
ئۇلار باشقا ئارتۇق گەپلەرنى قىلىشمىدى-دە،بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كېتىشتى.ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇسسۇزلۇقتا ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كەتكەن مامۇت ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاپىقىنى قۇچاقلاپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئاۋۇتقا قاراپ بېقىپ ،يېنىك قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. مامۇت قولىنى ئۇزىتىپ ئاۋۇتنىڭ قاپىقىنىڭ بوينىدىن تۇتىشىغا ئويغىنىپ كەتكەن ئاۋۇت قاپىقىىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇتىۋىلىپ،مامۇتنى تېپىۋەتتى.بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن مامۇت ئاۋۇتنىڭ قورسىقىغا دەسسىدى.«ۋاي...»دەپ توۋلىۋەتكەن ئاۋۇت بىر دومىلاپلا ئاستىغا باستۇرۇپ ياتقان پالتىسىنى قولىغا ئېلىپ ،ئۆزىنى يەنە دەسسىمەكچى بولۇپ پۇتىنى كۆتۈرگەن مامۇتنىڭ پۇتىغا پالتىنىڭ چۇلدىسى بىلەن بىرنى سالدى.            
بۇ زەربىدىن «ۋايجان ...»دەپ ۋارقىراپ كەتكەن مامۇت ئاغرىققا چىدىماي زوڭ ئولتۇرۇپ پۇتىنى سىلاپ قالدى.ئۇلارنىڭ ۋارقىراش-جارقىراشلىرىدىن ئويغىنىپ كەتكەن داۋۇت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇلارغا قارىغىنىچە جىمغىنە ئولتۇردى.        
-مېنى چانىدىڭ –ھە،توختاپ تۇر.چاناشنىڭ قانداق  بولىدىغانلىقىنى مەن ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن،-دېگەن مامۇت ئورنىدىن تۇرۇپ دىڭگۇسلاپ بېرىپ پالتىسىنى قولىغا ئېلىپ ئاۋۇت تەرەپكە قاراپ ماڭدى.                          
-ياق ،ئۇرۇشماڭلار...ئۇنداق قىلماڭلار .يەنىلا بىر كەنتتە ياشايمىزغۇ بىز،-دېگەن داۋۇت ئۇلارنى ئاجراتقۇدەك كۈچى يوقلىغىنى ھېس قىلىپ ،ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا يالۋۇردى.                                            
لېكىن مامۇت ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي پالتىسىنى كۆتۈرۈپ غەزەپ بىلەن ئاۋۇتقا ئېتىلىپ كەلدى.ئورنىدىن تۇرۇپ پالتىسىنى كۆتۈرگەن پېتى قاراپ تۇرغان ئاۋۇت پالتىسى بىلەن مامۇتنىڭ پالتىسىنى توسىۋالدى.ئەمما ،ئۇمۇ ئاللىقاچان ماغدۇرىدىن كەتكەن بولۇپ ،مامۇتنىڭ زەرب بىلەن ئۇرۇلغان پالتىسىنى ئۇنىڭ قولىدىكى پالتىنى سىلكىپ ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈرىۋەتتى.بىر قولىدا قاپىقىنى تۇتىۋالغان ئاۋۇت بۇنىڭدىن قورقۇپ ،پالتىسىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي قېچىۋىدى ئۇنىڭ كەينىدىن تاب باستۇرۇپ كەلگەن مامۇت پالتىسىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئۇدۇللاپ قاتتىق ئۇردى، پالتىنىڭ بىسى ئاۋۇتنىڭ بېشىدىكى كونىراپ تىتىلىپ كېتەي دەپ قالغان تەلپەكنى كېسىپ ،ئۇنىڭ چوقىسىغا يۇمشاق توپىغا كىرگەندەك كىرىپ كەتتى.                                                  
مامۇت پالتىسىنى تارتىۋىلىشقا ئۈلگۈرمەي «ئاھ....»دەپ غەلىتە ئاۋازدا چىقىرىۋەتكەن ئاۋۇت قاپىقىنى قۇچاقلىغان ھالدا يىقىلىپ چۈشتى،قاپىقىمۇ شۇ چاغدا ئاندىن ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ بىر تەرەپكە دومىلاپ كەتتى.            
ئاۋۇت ياتقان يېرىدە تارتىشىپ قالغاندەك بىر نەچچىنى سىلكىندى-دە،گېلى بوغۇلۇپ قالغاندەك بىر نەچچىنى خىقىراپ بىردىنلا جىمىپ قالدى.              
-ۋاي خۇدايىم !...مامۇت ئاكا ،ئاۋۇت ئاكامنى ئۆلتۈرۈپ قويدىڭىز...- دېگەن داۋۇت قورۇققىنىدىن دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇرۇپلا قالدى.     
-ئۇنى مەن ئۆلتۈرمىدىم ،ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈردى،-مامۇت شۇنداق دەپ ئاۋۇتنىڭ جەسىتىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدىكى قاپاقنى قولىغا ئېلىپ ئېغىزىنى ئاچتى-دە،مۇزدەك سۇنى غۇرتىلدىتىپ قانغۇچە ئىچتى.كەينىدىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ كىرىلىۋالغاندىن كېيىن قاپاقنى كۆتۈرگىنىچە ئېشىكىنىڭ قېشىغا بېرىپ ،ئېشىكىنىڭ پۇتىنى چۈشەپ قويۇپ قاپاقنى قۇچاقلىغان پېتى داۋۇت بىلەن كارى يوق ھالدا ئۆزىنى قۇم ئۈستىگە تاشلاپ ياتتى.ئۇنىڭغا قاراپ جىممىدە ئولتۇرغان داۋۇت بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ پۇشۇلداپ رىتىملىق تىنغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،ئۇ ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. ئۇ ئۆمۈلەپ دېگۈدەك مېڭىپ ئاۋۇتنىڭ قېشىغا كەلدى. ئاۋۇتنىڭ بېشىنىڭ ئەتراپىدىكى چاپاننىڭ ئورنىدەك يۇمشاق قۇم قاپقارا قان بىلەن بويىلىپ قېتىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئۇ ئاللىقاچان ئۆلۈپ تېنى سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى.بۇنىڭدىن داۋۇتنىڭ قورقۇپ جېنى چىققۇدەك بولدى.ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن،قانغا بويالغان جەسەتنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.داۋۇت ھارغىنلىق،ئۇسسۇزلۇق ۋە قورقۇنىچ ئىچىدە لاغ-لاغ تىترەپ ئاۋۇتنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا نېمە قىلىشنى بىلمەي خىلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالدى.كېيىن مامۇتنىڭ خورەك تارتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،ئۆمىلىگىنىچە كەينىگە يېنىپ كېلىپ ئۆز ئېشىكىنىڭ قېشىغا كېلىپ ياتتى.
ئۇسسۇزلۇقتىن لېۋى قۇرۇپ ،گېلى ئوت كەتكەندەك كۆيۈشىۋاتقان داۋۇت ،بىر يۇتۇم سۇ ئىچىۋالغان بولسام ،دەپ ئويلىدى كۆزىگە ياش ئېلىپ.بىراق مامۇتنىڭ ئاۋۇتتتىن ئېلىۋالغان قاپاقتىكى سۇدىن ئۇنىڭغا بېرىدىغاندەك قىلمايتتى.داۋۇت ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ قالايمىقان خىياللار ئىلكىدە خىلى ئۇزۇن ئولتۇردى.ئۇنىڭ بېشى قېيىپلا تۇراتتى.ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ ياتتى.ئۇنىڭ زادى ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس.«بىر يۇتۇم سۇ ئىچىۋالسام ،ئۆلۈپ كەتسەممۇ مەيلى ئىدى...»دەپ ئويلىدى ئۇ سوزۇلۇپ ياتقىنىچە.ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ بىر قەدەممۇ ماڭالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.شۇ چاغدا بىردىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ مامۇتنى چاناۋاتقان ۋە ئۇنىڭ قولىدىكى قاپاقنى ئېلىۋىلىپ سۇ ئىچكەن كۆرنۈشلەر پەيدا بولىۋىدى ،ئۇ بۇخىيالىدىن قورقۇپ قالدى.  بىراق ، كەينىدىن ئۇ ،مامۇت ئاۋۇت ئاكامنى چاناپ ئۆلتۈرىۋېتىپ ئۇنىڭ سۈيىنى ئېلىۋالدى.ئۇ ئەسلى مېنى ئۇسساپ قالدى دەپ شۇنداق قىلىۋىدى،لېكىن ئۇنىڭ ئۇ سۇدىن مېنى ئىچكىلى قويىدىغان ئەلپازى يوق .مەن ئەمدى سۇ ئىچمىسەم ئۆلۈپ قالىمەن...مەنمۇ مامۇتنى چانىۋىتىپ ئۇ ئاۋۇت ئاكامدىن ئېلىۋالغان قاپاقتىكى سۇنى ئىچسەم نېمىشقا بولمىغۇدەك.مەن ئۆيگە تىرىك قايتىپ كېتەلسەم ،باشقىلارغا ،بىز قۇملۇقتا ئېزىپ قېلىپ ئۆزىمىز بىلگەن يولغا ماڭدۇق،ئاۋۇت ئاكام بىلەن مامۇت ئاكامنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيمەن دەپ قويسام ،ھېچكىم بۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ،دەپ ئويلاپ شۇ خىيال بىلەن مامۇتنى قانداق چاناشنى ئويلاپ خىلى ئۇزۇن ياتتى.مامۇتنىڭ خورەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،ئەگەر ئۇ ئويغاق بولسا مەن ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيمەن ،ئۇ مۇشۇنداق قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە ئۇنى چانىۋىتەي ،دەپ ئويلاپ ئاستا ئۆمىلەپ بېرىپ ،پۇت-قوللىرى تىتىرگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئېشىكىنىڭ دۈمبىسىگە تېڭىقلىق تۇرغان پالتىسىنى قولىغا ئالدى.ئاندىن دىر-دىر تىترىگەن ھالدا مامۇت ياتقان يەرگە كەلدى.                                                              
-مامۇت ئاكا مەن بەك ئۇسساپ كەتتىم ،ماڭا ئازراق سۇ بەرسىڭىزچۈ!- دېدى ئۇ مامۇتنىڭ ئۇخلاۋاتقان ياكى ئويغاقلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن.      
مامۇت ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاندەك مىدىر-سىدىر قىلماستىن خورىكىنى بوڭ تارتىپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋەردى.داۋۇت بۇنىڭدىن مامۇتنىڭ راستىن قاتتىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ،ئۇنىڭغا تېخىمۇ يىقىن كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا تىزلىنىپ ئولتۇردى.داۋۇت بېشىنى پەس قىلىپ مامۇتنىڭ تەلپىكى كەينىگە سىيرىلىپ كېتىپ ئېچىلىپ قالغان قارامتۇل پىشانىسىنى ئېنىق كۆرۈۋالغاندىن كېيىن پالتىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ،مامۇتنىڭ بېشىغا ئۇدۇللاپ پالتىسىنى بار كۈچى بىلەن ئۇردى.پالتا سەل ئالدىغا كەتكەچكە ئۇنىڭ بىر ئۇچى مامۇتنىڭ ئوڭ تەرەپ چېكىسىنى كېسىپ،پالتىنىڭ سېپىنى مامۇتنىڭ پىشانىسى توسۇۋالغاچقا توختاپ قالدى.مامۇت بۇ زەربىدىن چۆچۈپ كۆزىنى ئېچىپ،بېشى بىر كۆتۈرۈلۈپلا ياتقان يېرىگە پوككىدىلا قىلىپ يېنىپ چۈشتى.داۋۇت پالتىنى قايتىدىن كۆرۈپ يەنە تىزلىك بىلەن ئۇنىڭ گېلىگە قارىتىپ چاپتى.«گاچ»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مامۇتنىڭ ئىككى بۆلەك قىلىۋېتىلگەن كانىيىدىن خىقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ ، ئۇنىڭ كېسىلگەن گۆرەن تومۇرىدىن شارىلداپ قانلار ئېتىلىپ چىقىپ داۋۇتنىڭ يۈز-كۆزىگە چاچراپ كەتتى.مامۇت ياتقان يېرىدە بىردەم دىر-دىر تىترەپ، خارتىلداپ تىنغىنىچە ئاستا-ئاستا جىمىپ قالدى.داۋۇت مامۇت پۈتۈنلەي جىمىپ قالغۇچە تىزلانغىنىچە خىلى ئۇزۇن ئۇنىڭ جەسىتى يېنىدا ئولتۇردى.ئۇ قىلغان ئىشىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەچكە دىر-دىر تىترەپ ،قورقۇنچتا گېلى قۇرۇپ تېخىمۇ ئۇسساپ كانىيىغا قوقاس قۇيىۋەتكەندەك كۆيۈپ ئېچىشىۋاتقان بولسىمۇ، كۆزىگە كۆرۈنۈپلا تۇرغان قاپاقنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.كېيىن ،مامۇتنىڭ ئۇ يېنىدىكى قاپاقنى  ئېلىپ ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قانغۇچە سۇ ئىچتى.ئۇ قاپاقنىڭ ئىچىدىمۇ پەقەت يەنە ئېغىزنى تولدۇرۇپ بىر-ئىككى قېتىم ئىچكۈدەكلا سۇ قالغان ئىدى.                                                                    
داۋۇت سۇ ئېچىپ قانغاندىن كېيىن ئۆز ئېشىكىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۆزىنى پوكلا يەرگە تاشلاپ سەل راھەتلەنگەندەك بولۇپ بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى.         
داۋۇت ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كۆزىنى ئېچىپ، ئىككى يېنىدىكى قىپقىزىل قانغا بويۇلۇپ ياتقان ئىككى جەسەتنى كۆرۈپ ،ئاخشام بولغان ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئېسىگە ئالدى –دە،قورقۇنىچ ئىچىدە توپتىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان تايچاقتەك چىرقىراپ بوزلاپ يىغلىۋەتتى.                          
قايسىدۇر بىر ۋاقىتلارغىچە شۇنداق يىغلاپ تىترەپ ئولتۇرغان داۋۇت ئەمدى قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلمەي ،قاپاقتىكى ئەڭ ئاخىرقى سۇنىمۇ ئىچىپ تۈگىتىپ قاپاقنى چۆرىۋەتتى-دە،جەسەتلەر ،ئېشەكلەر بىلەنمۇ كارى بولماي نامەلۇم بىر تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئۇ كېتىۋىتىپ ۋارقىرايتتى،ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ قانداقتۇ نامەلۇم بىر نەرسىلەرگە توپا چېچىپ يەردە دومىلاپ يىغلايتتى.سەل ھاردۇقى چىققاندەك بولغاندا يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭاتتى.                    
بىر كۈنى كەچتە نەلەرگىدۇر بىر يەرگە يېتىپ كەلگەن داۋۇت ئۆزىنى بىر دۆڭنىڭ باغرىغا تاشلاپ ئۇيقۇغا كەتتى.ئۇ بىر چاغدا ئويغىنىپ كېتىپ ئاللىقاچان تاڭ ئېتىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئاستا ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ،يەنە شۇ پېتى كۈلرەڭ تۈستە قېتىپ قالغاندەك تۇرغان ئاسمانغا قاراپ قويۇپ ئەتراپقا قاراپ بېقىش ئۈچۈن ئۆمىلىگىنىچە دۆڭگە يامىشىپ چىقتى.دۆڭدىن تۆۋەنگە قاراپ چۆچۈپ كەتتى:پەستە بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۈچەيلەن بىرگە كۆرگەن ھېلىقى قۇرۇق ئادەم سۆڭىكى تۇراتتى.ئەسلىدە ئۈچەيلەن مۇشۇ يەردىن كەينىگە يېنىشقان ئىدى.داۋۇت ئۆزىنىڭ قانداقسىگە ئايلىنىپ ماڭغاندەك مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي ئۆكسۈپ-ئۆسۈپ يىغلىدى.ئۇ ئۆزىنى دۆڭدىن پەسكە تاشلاپ دومىلاپ چۈشۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى.ئۇ مىڭبىر جاپادا ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇردى،ئەمما بېشى قېيىپ،پۇت-قوللىرى تىترەپ بىر نەچچە قەدەم ماڭالمايلا يېقىلىپ چۈشتى.ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمدى قايتا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالمايدىغانلىقىنى بىلىپ ،ئۆلسەم مۇشۇ يەردە ئۆلەي،دەپ ئويلاپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ ياتتى.ھازىر ئۇنىڭ سېزىملىرى غۇۋالىشىپ ،ئوي-پىكىرلىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ كېيىن ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ قەيەردىلىكىنى ،نېمە ئىش بولغانلىىغنى ئاڭقىرالمايدىغان ھالەتكە يېتىپ ،ئۇيقۇغا كېتىۋاتقاندەكمۇ ياكى ھۇشىدىن كېتىۋاتقاندەكمۇ بولدى.كەينىدىن ئۇنىڭ ئېڭىدا يازدىكى بوستان سۆگەتلەر يەلپۈنۈپ ،سۈزۈك سۇلار شارقىراپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىنىڭ مەنزىرىسى پەيدا بولدى.ئۇ قانغۇچە سۇ ئىچىپ سۇغا چۆمۈلەي ،دەپ ئويلىدى.ئۇ قانچە قىلسىمۇ ئۆزىنىڭ سۇ بويىغا بارالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بەكلا ئۇسساپ كەتكەن ئىدى،ئۇ ئۇسسۇزلۇقنىلا ھېس قىلاتتى،ئەمما ئۆزىنىڭ گەۋدىسنى كۆرەلمەيتتى ياكى ھېس قىلالمايتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كېتىۋاتقانلىقىنى ،بۇ ئۇيقۇسىدىن مەڭگۈگە ئويغىنالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ «ئانا!  ...» دەپ ۋارقىرىۋەتتى.لېكىن ئۇنىڭ قېشىدا ئۇنىڭ چاقىرىشىغا جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىم يوق ئىدى.ئۇ پايانسىز قۇملۇقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئۆزى يالغۇز ياتاتتى.                                                                  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:46  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-16 10:26:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ  ،ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-4-6 01:36:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ . ئالغا سۈرۈلگەن مەركىزى ئىدىيسى بەك ياخشىكەن .

ۋاقتى: 2015-4-6 09:28:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامچە315 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-6 01:36
ياخشى چىقىپتۇ . ئالغا سۈرۈلگەن مەركىزى ئىدىيسى بەك ياخ ...

ئېشەككە يېگۈزۈپ بىر كۈشۈك ئەلەپ،
سەپەرگە جۈنىدىم،ماڭدىم سەھەرلەپ.
ماڭدامدا يەر پۇراپ ساڭقىدى مەخلۇق،
ئېشەكتە ئېشەكتەك خۇي باركەن ئەجەب؟!

ۋاقتى: 2015-8-29 17:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش