چەرچەن ناھيىسدە ‹‹دۇنيا ئانا تىل كۇنى››نى تەبرىكلەش ۋە 2- نۆۋەتلىك "يىلتىز"ئانا تىل ئوقۇتۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى 2-ئاينىڭ21-كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسىدا ‹‹دۇنيا ئانا تىل كۈنى››نى تەبرىكلەش ۋە 2-نۆۋەتلىك !!يىلتىز !! ئانا تىل ئوقۇتۇش مۇكاپاتى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى .پائالىيەتكە چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار، يازغۇچىلارۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.پائالىيەتكەناھىيەلىك مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ پارتىكوم شۇجىسى قادىر مەمتىلى رىياسەتچىلىك قىلدى.پائالىيەت ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئېلىپبە ناخشىسى» ئوقۇش بىلەن داغدۇغۇلۇق باشلاندى، پائالىيەتتە ناھيىلىك پارتىكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مودىرى،چەرچەن ناھيىلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن ئەمەت ئانا تىل ۋە ئۇنى قوغداش توغرىسىدا، تۇنۇلغان ياش يازغۇچى تۇرسۇن ماخمۇت ئانا تىل ۋە دۇنيا ئانا تىل كۈنى توغرىسىدا سۆزلىدى. ئارقىدىن 2014-يىلى ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا تۆھپە كۆرسەتكەن سالامەت تۇردى قاتارلىق 9ئوقۇتقۇچى ھەر بىرى 1مىڭ يۈەندىن !!يىلتىز !! ئانا تىل ئوقۇتۇش مۇكاپاتىنى ۋە 1650يۈەن قىممىتىدىكى 9يۈرۈش ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى › دېگەن كىتاپنى تاپشۇرۇپ ئالدى، !!يىلتىز !! ئانا تىل ئوقۇتۇش مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغۇچى مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى تۇرسۇن ئەبەي !!يىلتىز !! ئانا تىل ئوقۇتۇش مۇكاپاتى توغرىسىدا سۆز قىلدى،ئۇ بۇ يىلمۇ يەنەباشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسز ئوقۇغۇچىلىرىغا تارىم غۇنچىلىرى،پەرۋاز، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدىن 2015-يىلغا قارىتا 1يىللىق 18مىڭ يۈەنلىك مۇشتەرى قىلىپ بەردى . ئاخىرىدا تۇنۇلغان ياش يازغۇچى تۇرسۇن ماخمۇت تۇرسۇن ئەبەيگە لەۋھە تەغدىم قىلدى. 1- سۈرەتتە: ناھىيەلىك مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ پارتىكوم شۇجىسى قادىر مەمتىلى رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
2- سۈرەتتە: چەرچەن ناھيىلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن ئەمەت.
3- سۈرەتتە: تۇنۇلغان ياش يازغۇچى تۇرسۇن ماخمۇت سۆز قىلماقتا.
4- سۈرەتتە:پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلار
5- سۈرەتتە:مەمتىمىن قۇربان سۆزلىمەكتە.
6- سۈرەتتە:يىلتىز ئانا تىل مۇكاپاتى تارقتىلماقتا.
7- سۈرەتتە: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يۈرۈشلىك كىتاپلار تارقىتىلماقتا.
8- سۈرەتتە: ماكاپات تاپسۇرۇپ ئېلىۋاتقانلار.
9- سۈرەتتە: مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى تۇرسۇن ئەبەي سۆز قىلماقتا.
10- سۈرەتتە:سالامەت تۇردى سۆز قىلماقتا.
11- سۈرەتتە:ئېلى ياقۇپ شېئىر دېكلمىكاتسىيە قىلماقتا.
12- سۈرەتتە:ئايگۈل مۆيدىن سۆزلىمەكتە.
13- سۈرەتتە:ئانار گۈل تۈرسۇن ئانا تىل دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.
14- سۈرەتتە:پەرھات تۇردى ھۆسىنخەت يازماقتا.
15- سۈرەتتە: ئەنۋەر توختى ھۆسىنخەت يازماقتا.
16- سۈرەتتە: تۇنۇلغان ياش يازغۇچى تۇرسۇن ماخمۇت تۇرسۇن ئەبەيگە لەۋھە تەغدىم قىلماقتا.
17- 18-سۈرەتتە: خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋاتقانلار.
9 r$ m- G& f) ]$ l
* C# F! {4 j# }- |- b) w
; {, f) ^$ a8 z& D' V/ A1 n
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-21 21:49
* G5 x( S+ R& R8 v4 q+ w/ b7 A- N* ^" k5 c z! d* i% K) b8 ^0 I
|