كۆرۈش: 775|ئىنكاس: 19

ھۆسنىخەتلەر ( 2 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ مېنىڭ يېقىندا يازغان ھۆسنىخەتلىرىم ، مۇنبەردىكى قىرىنداشلارنىڭ تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبەسى : ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەزھەر 36 ) يازغان .  
3.jpg

4.jpg

无标题.png

2.jpg

2.jpg
مەنبەسى : ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەزھەر 36 )




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەر36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 12:23  


22i58PIC7J6_1024_meitu_1.jpg
fghjj.jpg
IMG_20150209_090551_1423472603890_meitu_25.jpg
forum.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 22:59:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
file:///C:/Users/Administrator/Desktop/193207tbxeu4zqixccux3h.jpg

ۋاقتى: 2015-2-22 00:01:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆسىنخەتنى كۆركەم يىزىپسىز ، ئەمما تۈزەتمىسە بولمايدىغان ئىككى خاتالىق باركەن،
1-خەت ئىملاسىدا مەسىلە بار، ھۆسىنخەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى ئىملانى توغىرا يىزىش ، شۇندىلا ئۇ ھەرخىل شەكىللىرى بىلەن ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلالايدۇ .
2- ھۆسىنخەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئىككى ئۈچ خىل ھۆسىنخەت شەكلىنىڭ ھەرپ قۇرۇلمىلىرىنى ئارلاش ئىشلىتىپسىز ، بۇنىڭدىن يازغان ھۆسىنخەتنىڭ قايسى تۈردىكى شەكىلدە يىزىلغان ھۆسىنخەت ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ . كۆپرەك ئۇستاز خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ.كۈزۈتۈپ،كۆچۈرۈپ يىزىپ مەشىق قىلىپ بىرىڭ . سىزگە تىرىشچانلىق يار بولغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 00:02  


ۋاقتى: 2015-2-22 00:28:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زور ئىجتىھاد تەلەپ قىلىدىغان «خەتتاتلىق»تىن ئىبارەت بۇ كەسىپ ھۈنەر دەرىجىسىدىن ھالقىپ،ئاللىقاچان پەن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. مۇشۇ يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغاندا نەچچە ئون خىل خەت شەكلىنى ئەمەس؛مۇقىم بىر خەت شەكلىنى ئاساس قىلىپ ئۈگىنىشكە،پۈتكۈل زېھنىنى بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ھېچكىم-ھېچقانداق بىر خەتتات بۇ ساھەنىڭ چوققىسىغا يەتتىم،دېيەلىگىنى يوق. پەقەت،ئۈگىنىش،ئىزدىنىشلا بىزنى مەلۇم خاسلىققا ئېگە قىلالايدۇ.
سىزگە تەۋسىيەم: يېقىندا (2014-يىلى 6- ئايدا ) بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن قۇرال كىتابنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىڭ. بۇنىڭدا خەتتاتلىقنىڭ شەكىللىنىش تارىخى،تۈرى،ۋە ئۇنىڭ نەققاشلىق بىلەن مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ئىلمىي،پاكىتلىق چۈشەندۈرۈلگەن.
سىز يازغان بۇ مەشىق ئەسەرلەردىكى شەكىل خاتالىقلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ،رامكا نەقىشلىرىگە كەلسەك؛ئالدى بىلەن بۇ نەقىشلەر ئۇيغۇر نەققاشلىقىغا تەۋە ئەمەس.ئۇنىڭدىن كېيىن،خەت بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە(ئورتاقلىققا) ئېگە بولالمىغان. خەت بىلەن نەقىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا بوشلۇق قالدۇرۇلمىغان (خەتتىن نەقىش يۈزى چوڭ بولۇپ قالغان).بۇ جەھەتتىكى خاسلىق ھەم ماسلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز.
ئىنشائاللاھ،نەشىرىياتتا كەڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىي خادىملىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى كۈتۈپ ياتقان «ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىك ئىجادىي نەقىشلىرى» نامىدىكى رەڭلىك نەقىش ئەسەرلىرى كىتابىم،ئەبجەش نەقىشلەر ئىچىدىكى ئىزتىرابىمىزنى ئۆز يولىغا سالغۇسى.
ئىزدىنىشلەر ئىچىدە ئامان بولايلى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-22 15:05:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maripatogli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 00:01
ھۆسىنخەتنى كۆركەم يىزىپسىز ، ئەمما تۈزەتمىسە بولمايدى ...

تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . مەن خەتتاتلىقنى ئۆزۈم كىتابقا قاراپ ئۆگەنگەن . بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپرەك مەشىق قىلىپ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرىشمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-22 15:09:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 00:28
زور ئىجتىھاد تەلەپ قىلىدىغان «خەتتاتلىق»تىن ئىبارەت ب ...

ياخشى تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مەن ھۆسنىخەت يېزىشنى ئۆگىنىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ، كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە تىرىشىمەن .

ۋاقتى: 2015-2-22 18:14:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقڭىز ياخشى تېخىمۇ تىرىششىڭ !ھەرقايسى خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەرىپ مەشىقى بىر ئاز كەمدەك قىلىدۇ .ئىككىنچى خېتىڭىزدە بىر نەچچە خەت نۇسخىسى ئارلىشىپ يېزىلىپتۇ .بۇنداق قىلىش ياخشى  ئەمەس،قارىماققا دىۋان خەت نۇسخىسىدەك قىلىدۇ لېكىن ئۇنىڭدا قوش چىكىت بۆلىنىپ قويۇلمايدۇ.شۇنىڭغا دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك .سىزدە ئۈمىد باركەن ،تېخىمۇ تىرىشىڭ !يازغاندا چوقۇم ياخشى ئۇستازلارنىڭ ئۆلچەملىك خەتلىرىدىن كۆچۈرۈپ يېزىڭ.شۇندا تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرلىيەلەيسىز.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-2-22 18:54:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا تەلەپ-تەكلىپلەرنى سەمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلسىڭىز تىز تەققى قىلىسىز.چۈنكى ؛ئەقىلنىڭ ئالامىتى كەمتەرلىك،نادانلىقنىڭ ئالامىتى تەكەببۇرلۇق.

ۋاقتى: 2015-2-22 19:28:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزدىن قەلەمنىڭ تېخى پىشمىغانلىقى مەلۇم بوپ قالدى ،ياخشى خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ كۆرۈڭ ،مەشىقمۇ مەخسۇس تۈرلەر بويىچە بولسۇن ! قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-22 19:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرچى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 18:14
تىرىشچانلىقڭىز ياخشى تېخىمۇ تىرىششىڭ !ھەرقايسى خەت نۇ ...

تەكلىپ - پىكىرىڭىزگە رەھمەت . تۈزىتىشكە تىگىشلىك نۇقتىلارنى تىرىشىپ مەشىق قىلىپ چوقۇم تۈزىتىمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-22 19:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Wolkani يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 19:28
ئەسەرلىرىڭىزدىن قەلەمنىڭ تېخى پىشمىغانلىقى مەلۇم بوپ  ...

مەن ھۆسنىخەت يېزىشنى كىتابقا قاراپ ئۆگەنگەن ، شۇڭا كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي . مەن ئۇستازلارنىڭ تەلىمىنى ئىسىمدە چىڭ تۇتۇپ ، بۇندىن كېيىن خەت يازغاندا ھەر بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا تىرىشىمەن .

ۋاقتى: 2015-2-23 01:18:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_20150215_190802.jpg IMG_20150215_183924.jpg IMG_20150215_164229.jpg IMG_20150215_162649.jpg IMG_20150215_163103.jpg

ۋاقتى: 2015-2-23 01:57:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تىرىشىڭ

ۋاقتى: 2015-2-23 16:06:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قىزغىنلىقىڭىز ياخشىكەن ،،،لېكىن خەتلەر بەك كۆركەمسىز ،،،ھەرپ لەر ئۆلچەمدىن يىراق ،ئاۋۋال بىر نۇسقىنى تۇتۇپ مەشىق قىلىڭ ،تەئلىقتە يازغىنىڭىز كونا نۇسقا ھەم ئۆلچەمسىزكەن ،،ئىران تەئلىقىنى مەشىق قىلىڭ ،،،،

ۋاقتى: 2015-2-23 16:06:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قىزغىنلىقىڭىز ياخشىكەن ،،،لېكىن خەتلەر بەك كۆركەمسىز ،،،ھەرپ لەر ئۆلچەمدىن يىراق ،ئاۋۋال بىر نۇسقىنى تۇتۇپ مەشىق قىلىڭ ،تەئلىقتە يازغىنىڭىز كونا نۇسقا ھەم ئۆلچەمسىزكەن ،،ئىران تەئلىقىنى مەشىق قىلىڭ ،،،،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش