كۆرۈش: 814|ئىنكاس: 8

ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻟﯩﮭ شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
muhammad sali.jpg


ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻟﯩﮭ  شېئىرلىرى
(ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ)

ئۆزبىكچىدىن : ئابدۇساتتار ناسىرى، ماخمۇت مۇھەمەت تەرجىمىسى

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻢ

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻢ
ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﺘﻰ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ
ﻗﺎﻏﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﻩﻙ ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ
ﻳﻪﯕﮕﯩﻜﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ
ﺋﯜﭼﻴﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯘ.
ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﺰﮔﯜﻟﯜﻛﻠﻪﺭ
ﺑﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺭﻟﯜﻛﻠﻪﺭ
ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺟﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﻮﺟﺎ ﻣﯘﻧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﺩﯨﺸﻰ ﻛﻪﺑﻰ
ﭼﯩﺪﺍﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ ﻛﻪﻣﻨﯩﯖﯩﺰﺩﻩ
ﺋﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﻰ ﻗﺎﻏﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﻡ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻪﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ
ﺋﺎﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﺪﻩ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ
ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﺘﻰ
ﺷﯜﺑﯩﮭﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯘ
ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﯧﺸﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ.

ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ

ﺗﯜﻥ
ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﻤﺎﻗﺘﺎ
ﮔﯜﻝ ﮬﯩﺪﻯ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ
ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ
ﮔﻮﻳﺎ ﻣﯩﯖﻼﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ
ﮔﻮﻳﺎ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﺎﺭ
ﻣﯩﯖﻼﭖ ﺋﺎﺷﯩﻘﻼﺭ.

ﺗﯩﯟﯨﭗ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﯩﺘﻰ

ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺖ
ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ.
ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﯨﺴﻪﯓ
ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺖ.
ﻳﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ
ﺋﯩﺰﻣﯘ-ﺋﯩﺰ ﻳﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ
ﺳﻪﻣﯩﺮﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ.
ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻱ ﻛﯚﺗﯜﺭﺳﯘﻥ
ﺯﯗﯞﺍﻧﺴﯩﺰ ،ﻳﯘﯞﺍﺵ ﻗﻮﻱ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﯟﻩﺭﺳﯘﻥ!

ﺋﻪﯓ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻗﻮﺷﺎﻕ

ﺩﯦﺮﯨﺰﻩﻡ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺑﺎﻏﻼﺭ
ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ،
ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ،
ﺗﺎﻏﻼﺭ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ،
ﻳﻮﻟﻼﺭ،
ﻳﻮﻝ
ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻣﻪﻳﯘﺱ ﻛﯚﺯ......

ﺳﯚﺯ

ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺗﺎﺭ
ﻛﯚﻛﺴﯩﻤﺰﮔﻪ ﻛﯩﻤﻨﯩﯖﺪﯗ ﭼﯩﺸﻰ
ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺗﺎﺭ
ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﯩﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ.
ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺗﺎﺭ
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭘﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻳﺎﺵ
ﻛﯚﻛﺴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ
ﺋﺎﺧﯩﺮ ﭘﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻱ.

ﺷﺎﺋﯩﺮ

ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺋﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﯟﺍﺭ
ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﭼﯩﻐﺎﻥ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ
ﺋﯘﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻰ
ﺋﯘﻧﺪﺍ ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻰ ﻳﺎﺗﺎﺭ.
ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺭ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﺳﯩﺰ
ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯘﺵ.
ﺳﺎﻳﺮﺍﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻏﺎﻥ
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘ
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ
ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺵ.

ئۆلتۈرۈپ بولماس

گۈلنى پۇراش ئۈچۈن
ئىگىلگەن باشنى
كېسىش مۇمكىن ئەمەس ھىچقاچان .
ئەڭ نوچى مەرگەنمۇ
ناخشا ئېيتىۋاتقان ئىنساننىڭ
كۆكسنى قارارغا ئالالماس .
دۇنيا زۇلمىتىدە سۆيۈملىكىدىن
ئۇپۇك ئېلىۋاتقان  بىرىنىڭ
يەلكىسىگە پىچاق سېلىش مۇمكىن ئەمەس .
ئۆلتىرگىلى بولمايدۇ ،
ئۆلتىرگىلى بولماس ،
سېغىنىش ھېسلىرىغا تولغان ئادەمنى .

ئىش كۈتمەكتە

ئاخىر ، ئىش كۈتمەكتە .دۆلەتنىڭ ئىشى .
خوتۇن تىز يۈگۈرەر ،
مەن قىلىمەن دوق .
بالكونغا قارايمەن ھېلىدىن- ھېلى
تېخى ھۆل كۆڭلىكىم قۇرۇغىنى يوق .
ئاخىر،كۈتۈپ تۇرار سۆيۈملۈك ۋەتەن ،
كۆڭلەكچۇ،تەييار ئەمەس تېخى ھېچ .
قانداقتۇر دەزمالنىڭ خىيانىتىدىن
دۆلەتنىڭ ئىشىغا  بارىمەنمۇ كەچ ؟
يىڭى ئىدارىغا يېتىپ بارغۇچە ،
يولدا شائىرلارغا قارىشىم كېرەك .
تاكى ئىش ئالدىدىن ھېچبولمىغاندا
ئىلھاملىنىۋالسۇن بۇ يۈرەك !

ئۆزر

مېنى كەچۇر ،دوستۇم سۆزلەرنى
قاتتىق -قوپال ئېيىتقىنىم ئۈچۈن .
ئەسلىدە « سۇ » دېگەن بىر سۆزنى
مىڭ پاتمام تاشتەك كۆتۈرۈپ .
« بەر ! » سۆزىگە تەستە باغلاۋاتقان
يارىدار جەڭچىدىن
ئۈگنىشىم كېرەك ئىدى سۆزلەشنى ،
كەچۇر .

ئىت

كېسىك قۇيرۇق بىچارە ئىت ،
ئېچىنىمەن ساڭا مەن،  خالاس .
يىغىلماق ئۈچۈن ھالىڭغا
مايمۇن كېرەك .
لېكىن ئۇ يوققۇ ...
ھەممىسى ھايۋانات  بېغىدا .
كېسىك قۇيرۇق بىچارە ئىت ،
خوجاينىڭنىڭ ئالدىدا ،
نىمىنى شىپاڭشىتىسەن ئەمدى ؟

ئۇزاق ياشا

ئۇزاق ياشا
پەقەت ئۆزۈڭ تىككەن دەرەختىنلا
ئۇزاقراق ياشاشنى تىلىمىسەڭ، بەس .
ھاياتنى سۆي،قاتتىق سۆي،پەقەت
ئۆزۈۈڭ  يازغان شېئىردىن ئۇزۇن ياشىما .
ئۇزاق ياشا ئۇزاقتىن- ئۇزاق .
لېكىن ئويلايمەنكى،شەرت ئەمەس ساڭا
ئوغلۇڭدىنمۇ ئۇزاق ياشىماق .

سۈرەتچى

جىلمىيىڭ،جىلمىيىڭ دىدىمغۇ سىزگە ،
ئەۋلاتلارغا قالار بۇ سۈرەت .
يۈزىگە يارىشا جىلمايسۇن ھەركىم :
كەڭ يۈزلەر كەڭرەك ،
ئۇزۇنراق جىلمايسۇن  سوزۇق يۈزلۈكلەر !
مەندىن رەنجىمەڭ ئىشىم ئاشۇنداق
يۇمۇق غۇنچىلارنى ئەمەس ،
ئېچىلغان گۈللەرنى سۈرەتكە ئېلىش .
ئۆزبىكچە ئېيىتقاندا : يېرىم قاچا ئەمەس ،
نەق پۈتۈن قاچىنى تولۇق كۆرۈستىش .
قېنى، ئەمدى جىلمىيىڭ ،
ئەۋلاتلارغا قالار بۇ سۈرەت !

مايسىلار ئىچىدە

مايسىلارنىڭ ئىچىدە يېتىپ
كۈلكىسى قىستايدۇ ئادەمنىڭ :
ھازىر ئۇ نە ئىژتىمائى
نە سىياسى ،
نە لىرىك .
ئۇنىڭ بوينىدىكى چۈمۈلە
يوغان دەرەخنىڭ غولىدا
ئۆمىلەپ كېتىۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ .
قولىغا قونغان كېپنەكمۇ
ئۇنىڭ كىملكىنى بىلمەيدۇ .
نېرىراقتا ياتىدۇ چاپىنى
شۇنچىلىك يىگانە ،
شۇ قەدەر يىراقتا ...
يانچۇقىدىن چىقىپ قالغان گېزىت بولسا ،
بەتتەر كۈلكىسنى قىستايدۇ ئادەمنىڭ .

شۇ سۆز ئۈچۈن

شۇ سۆز ئۈچۈن
يۈز يىل ئىلگىرى
ئويار ئىدى ئۇنىڭ كۆزىنى ،
شۇ سۆز ئۈچۈن ئۈچ يۈز يىل ئاۋال
كېسىشەتتى ئۇنىڭ تىلىنى .
شۇ سۆز ئۈچۈن ئون ئەسىر بۇرۇن
بېشى كەتكەن بولاتتى ئۇنىڭ ...
سەرسان يۈرەتتى ئۇ ،ئەسىرلەر ئارا
ئۆتمۈش يوللىرىدا چېچىلىپ ياتقان
ئويۇلغان كۆزى،يوقاتقان بېشى
ۋە كېسىك تىلىنى ئىزلەپ يۈرىدۇ
بۈگۈن ئېيتىش ئۈچۈن ئاشۇ سۆزىنى ..

ئوتتۇز تاشقا كىرىپ

ئوتتۇزغا كىرىپمۇ ،
بىرەر شېئىرنى يادقا بىلمىسە ،
ھىچكىم ھۆرمەت قىلماس مۇنداق ئادەمنى .
ئوتتۇز ياشقىچە دۇنيانى ئالمىغان ئادەم
كىيىن ئالاتتىمۇ دۇنيانى .
ئوتتۇز ياشقا كىرىپ ئۆيى بولمىسا ،
ئۆيسىز يۈرۈۋېرىدۇ قىرىق ياشتىمۇ .
يوقسىزچىلىقتىن ئۆلمەي ،
بىر ئاماللاپ ئوتتۇزغا كىرسە ،
كىيىن ياشاۋىرەر ئەبەدى .

تەقدىر

ئايال يالغۇز ، لېكىن تۇل ئەمەس .
ئەر بولسا تاق ، ئەەمستۇر بويتاق .
بىر -بىرىگە ھىچكىم قۇل ئەمەس ،
ھىچكىم ئازات ئەمەستۇر بىراق .
ئايال كېتەر ئۆز ھوجىرىسىغا .
گەپمۇ قىلماي كېتەر ئەرمۇ ھەم .
بىر -بىرىنىڭ پىشانىسىگە ،
يېزىلغان بۇ ئىككىلا ئادەم .
يىراق جايدا ئەر ياقسا پاپىروس ،
كۆرۈنىدۇىلىلداپ ئۇچقۇن .
بۇندا ئايال باش قويغان ياستۇق ،
يورۇپ كېلەر جىمجىت نەپرەتتىن .

ئەتە

ئەتە شۆھبىسىز بەخىتلىك بولمىىز ،
بۈگۈن ئۆلمىسەك .
ئەتە ئارزۇنى قوغلاپ يېتىمىز
بۈگۈن چاپالىساق .
ئەتە
شادلىقنى بۆلۈپ بېرمىز ھەممىگە
ئەگەر ئۇنى بۈگۈن تاپالىساق ،
شائىر يازمايدۇ غەمكىن شېئىرلارنى
ئەتە .

سەن داھىم سۆيىسەن

سەن داھىم سۆيىسەن
مېنىڭ يامان كۆرگەن نەرسەمنى .
ماڭا ئۇيقۇ بەرمەي ئۆرتىگەن
نىمە بولسا،ھەممىسى ساڭا يېقىملىق .
مەن قورىققان نەرسىنى سەن قوغدايسەن
مەن قاچقان نەرسىنى قوغلاپ يېتىسەن .
پەقەت ماڭا ئاتالغان زەھەرنى
مەن ئۆزۈم ، مەن ئۆزۈم ئىچىمەن .

گەرچە

گەرچە قۇش ئەمەس ئۇ ، لېكىن ئۇنىڭمۇ ،
يىراق-يىراقلارغا ئۇچقۇسى كېلەر .
گەرچە ئۇ ئىت ئەمەس ،لېكىن ئۇنىڭمۇ
بەزەن ھۇۋلۇغۇسى كېلەر ئاسمانغا قاراپ .
ئۇ قۇياش ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭمۇ
مەڭگۈ ياشىغۇسى كېلەر ئۆزىگە باقماي .
گەرچە دەرەخ ئەمەس ، لېكىن ئۇنىڭمۇ
تۆكۈلگۈسى كېلەر بىر كۈنى بەرگىلىرى .

ئالدىمدا

مەن سېنى ئالدىدىم ،  بۇ گۈللەر ھىدسىز ،
ئاۋارە بولمىغىن پۇراپ ئۇلارنى .
يەنە بىر ئالدىدىم
ساڭا ئاتالمىغانتى بۇ گۈللەر .
يەنە ئالداۋاتىمەن
قولۇمدا ھىچقانداق گۈل يوققۇ ئۆزى !
سەنمۇ، مەنمۇ يوقسىزغۇ ئاخىر ،
مەن نىمىشقا ئۆزۈمنى ئالدايمەن !
بارغانسىرى
بارغانسىرى ھاياتقا مەن سادىقراق  ھەمرا ،
بارغانسىرى ئاز سۆزلەيمەن ئۆلۈم ھەققىدە .
بارغانسىرى ئۆلۈمنى ئاز تىلەيمەن ،ئازراق .
بارغانسىرى ئۆلۈم تامان
ئۆلۈم ھەققىدە ئازراق ...
بارغانسىرى ئۆلۈم تامان ،
ئۆلۈم ھەققىدە ئاستا -ئاستا ...
پادىشاھ ئالدىغا كېتىۋاتقان پۇقرا
غېۋەتنى توختىتار ساراي ئالدىدا .

مېھىر

مېھىر - بىر پىيالە سۇ
مۇھەببەتنىڭ سىڭلىسى خالاس .
مېھىر - بۇ جىمىرلاش ،
چاڭقىغان لەۋلەرنىڭ ئارزۇسى .
دۇنيادا يوق بىرەر
چاڭقىمىغان لەۋلەر
سەھەر كۈيى
كىتاپلارغا قونۇپتۇ توزان -
سۈرۈتسەڭ بولمايتىمۇ ئەي لېۋەن .
دۇنيا سەردارلىرى يىغىلغان
گازارمىغا ئوخشايدۇ جاۋەن ...
سەنچۇ ؟ چىقتىڭ كۆڭلەكچان پېتى
باققا ئۈزۈپ كەلمەك ئۈچۈن گۈل .
شۇندا ...
سېنى تىڭىرقىتىدۇ
دۇنيا قارىشى يوق بىر بۇلبۇل ...

ياخشىلىق

قىزىقتۇرار سىزنى ياخشىلىق :
كىتاپ ۋاراقلايسىز ،
نەقىل ئالىسىز ،
ئەڭ قەدىمقى پەيلاسوپلاردىن .
ۋە ئاخشاملىرى ئوقۇپ بېرىسىز
كۆڭلىڭىزدىكى ئادەملىرىڭىزگە .
لېكىن يالغۇز قېلىپ ،
يەنە ئۆزىڭىزدىن سورايسىز :
« زادى نىمە ياخشىلىق دىگەن ؟»
ۋە جاۋاپ تاپالماي
قىينىلىپ ياتىسىز ياستۇقتا .
تاڭ ئېتىپ
كۈن پېتىپ
گۇگۇم چۈشكەندە ،
يىڭى نەققىلەرنى ئوقۇشقا باشلايسىز
كۆڭۈلدىكى شۇ ئادەملەرگە ...
ۋاقىت بىر چاغلار بولغاندا
ئورنىدىن تۇرغىنىدا سۆيۈملۈك كىشى ،
قولىدىن تۇتۇۋېلىپ
قويۇپ بەرمەي سورايسىز يېلىنىپ :
« ئېيىتىڭا، نىمە ئۇ ياخشىلىق زادى ؟»

توغرا بولماق

توغرا بولماق نىمە ئۇ زادى ؟
نىمە دىگەنلىك توغرا ياشىماق ؟
بوينۇڭنى قايىرشسا
قەددىڭنى پۈكسە  مىخنى پۈككەندەك ،
قولۇڭنى سۇندۇرسا قورايغا ئوخشاش ،
بېشىڭنى تەشسە
يىلى چىققان توپتەك ماكچايسا بېشىڭ
ۋە شۇ شەكىلسىزىلىك ئىچىدە
ئىچىڭدە بىر توغرا سىزىق قېپ قالسا ئەگەر ،
دىمەك سەن توغرا سەن
سەن ئوغرى ئەمەسسەن بۇرادەر !

بەلكى

بەلكى، نومۇر چىقار زايۇمغا ...
بەلكى. خەت ئالارمەن كىمدىندۇر ...
بەلكى، يامغۇر ياغار ...
بەلكى يەر تەۋرەر ...
ھەر كۈنى ،
ھەر دەم ،
تىنىمسىز ،
قارماق لەيلەتمىسىدەك  سىرلىق لىكىلدار
زېمىن ئۆزرە « بەلكى » دىگەن سۆز .

قۇشقاچلار

قۇشقاچلار قۇپقۇرۇق  باغنىڭ باللىرى ،
ئۇلار مۇڭلۇق، خىلۋەت يوللارنىڭ ،
چىرىگەن غازاڭلارنىڭ باللىرىدۇر .
ئايازنىڭ ،
شامالنىڭ ئارزۇلۇقى ،
تاقىر ئۆگزىلەرنىڭ ئەركە بالىسى .
كۈزدە يامغۇرنىڭ ،
قىشتا قارنىڭ ،
نىمە ئىسسىق بولسا شۇنىڭ بالىسى ئۇلار .
ئۇلار پەقەت قۇچقاچلا ئەمەس ،
چۈمۈللەرنىڭمۇ  پەرزەنتى ،
ھەتتا ئۆزى يەيدىغان قۇرۇتنىڭ ،
ئۆز تېنىدىكى ھارارەتنىڭ باللىرىدۇر  ئۇلار .
ئۇلار ھەر نەرسىنىڭ بالىسى ،
پەقەت شەھەرنىڭكى ئەمەس ،
شەھەرنىڭ باللىرى ئەمەستۇر ئۇلار .

بوۋام چىۋىننى شۇنداق تىللايتى

ئەجەپكى دەستىخاندىن بۆلەك ،
ئەسەبتىن بۆلەك
قوندىغان جايىڭ يوقمۇ چىۋىن ؟
« ئەخمەق » دىگىلى بولمىسا سېنى ،
« تەنتەك » دىگىلى بولمىسا ،
ھەتتا « سەن » دىگىلى بولمىسا ،
قانداق ھەيدەش مۇمكىن بۇ يەردىن ؟
ھاقارەتتىن كىچىك ،
تىللاشتىنمۇ كىچىك بىچارە .

ئۇلارغا ئېيىت سۆيۈملۇكۇم ...

سەن ۋە مەن بىلىمىز
مۇھەببەتنىڭ
سىموۋۇلى مەجنۇنتال  ئەمەسلىىكنى .
سېرىق گۈل ئايىرلىش ،
قىزىل گۈل ئۇچۇرشىش بەلگىسى ئەمەس .
ئېيىت ئۇلارغا ،
چۈشەندۈر سۆيۈملىكۈم ،
بىز قانداق سۆيگەنتۇق بىر -بىرىمىزنى ،
قانداق سۆيۈشكەنتۇق ،
گۈللىرى ئۈزۈلگەن ئالەمدە !

يەنە دەشىتتە

دەرەخنىڭ شېخى
يەلكەڭگە تىرىلەر
مىلتىققا ئوخشاپ .
ئالقىنىڭدا تۇرغان تاش مىسال
مىجىقلنار خەت .
قەيەردە ؟
قەيەردە ياتىدىكىن ماۋزۇ
ئۆز قېنىغا مىلىنىپ؟
كېپىنەك ئۇچۇپ ئۆتەر ئالدىڭدىن ،
جاھاندا ئەڭ ئېغىر كېپىنەكتەك ...

مۆجىزە يۈز بەرسە

مۆجىزە يۈز بېرىپ ئەخمەت يەسەۋىي
كېلىپ قالسا ئەگەر بىزنىڭ ئەسىرگە ،
كېرىپ كەتمەس ئىدى يەرگە ئەسەبىي
جايلاشماس ئىدى ھەم بىرەر قەسىرگە .
ئۇنىڭ شائىرلىقنى ھىساپقا ئېلىپ ،
ئىجراكوم بېرەتتى  بىر ئېغىزلىق ئۆي .
ئۇ بولسا ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىپ ،
زامان ھەققىدە راسار سۈرەر ئىدى ئوي .
بىزنى كىرگۈزمەستىن  ئۆيىگە پەقەت ،
ئېسىپ قويار ئىدى ئىشىكىگە خەت :
« ئىشىك چېكىلمىسۇن
بۇندىن مۇستەسنا
باشقا سەييارىدىن  كەلگەنلەر پەقەت » .

بالىلار ۋە بوۋىلار

بالىلار دۇنيانى باشقىچە كۆرەر
پۇتىنى ئاسمانغا قارىتىپ ،
قولىدا ماڭىدۇ بالىلار
دۇنياغا باشقىچە قارىماق ئۈچۈن .
دۇنيانى ئۆزگىچە چۈشۈنەر چاللار
كەچقۇرۇن،خىلۋەتتە ،
ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە  پەرۋا قىلماي ھېچ ،
گېزىتنى تەتۇر تۇتۇپ .
دۇنيانى باشقىچە كۆرەر بالىلار ،
چاللارمۇ ئۆزىچە ئوقۇيدۇ ئۇنى .

دۇنيا گۈزەل

بۇ دۇنيا گۈزەلدۇر
ئادالەتلىك بۇ دۇنيا .
ئەڭ بېخىل ئادەممۇ كېچىلەر يېتىپ ،
قىينىلار ئۆزىنىڭ بېخىللىقدىن .
ئەبلەخنىڭمۇ بەزەن  كىمگىدۇر
سۇنغۇسى كېلەر ياردەم قولىنى .
ھەتتا جاللات، ھەتتا جالاتنىڭ
يىغلىغۇسى كېلدۇ  يالغۇز قالغاندا .
خۇدامۇ گاھىدا، ئۆزىنىڭ
« يوق» لىقىنى  ئۇنتۇپ پۈتۈنلەي
نەزەر تاشلاپ قويار زىمىنغا .
گۈزەل، ئادەلەتلىك  دۇنيا بۇ دۇنيا .

يېرىم كېچىدىكى خىياللار

« ئايال قولىنى ئېلىپ بوينىڭدىن ،
ياستۇققا قوي ئاستا ... كىيىن
ئاستا چىق ئۇنىڭ قوينىدىن ،
ئاستا تۇر ئاستا  ئاستا كىيىن .
خەت قالدۇرما سۆيمە ئوغلۇڭنى ،
قارىما ئۇ ياتقان بۆشۈككە .
يىغىشتۇرۇپ بارى -يوقىڭنى ،
غىچىرلاتماي ... چىققىن ئىشىككە ... »
بۇ شۇنچىلىك ئارزۇنىڭ يولى ،
كۈچۈم يەتمەس مېنىڭ بۇ ئىشقا :
بوينۇمدىكى ئايالنىڭ قولىنى
ئېلىپ قويۇش قىيىن ياستۇققا .

سەن ئۈچۈن

بۇ يەر تاقىر يەر ئىدى، تاپتاقىر لېكىن ،
ئالدىراشلا گۈللەر كۆكەردى .
سېنىڭ كېلىشىڭنى ئاڭلاپ .
بۇ سەھرا ئىدى، لېكىن سەن كەلمىدىڭ ،
كەينىڭدىن يۈگەردى ھاسىراپ دەريا
نازۇك تاپنىڭنى يالىماق ئۈچۈن ،
تاغلارمۇ بۇ يۈكسەك  تاغلارمۇ ھەمدە
سېنى كۆرمەك ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان
زىمىندۇر .
مەنمۇ ھەم سەن ئۈچۈنمەن ، سۆيۈملىكۈم
سەن ئۈچۈن تۇغۇلدۇم
سېنىڭ تۇغۇلغنىڭنى ئاڭلىغان ھامان .

قەپەستىكى  چاشقان

قەپەستىكى مانا شۇ چاشقان
بىر چاغلاردا بۇلبۇل ئىدى .
بىر چاغلاردا پىرىلداپ  ئۇچاتتى ئۇ ،
ھازىر ئۆمىلەر .
ئىلگىرى ئوۋچىدىن قورقاتتى بىچارە ،
ئەمدى مۈشۈكتىن .
بىزنى ئويغىتاتتى بىر چاغلار
تاڭ پەيتى چاڭىلداپ
مانا شۇ چاشقان .

چۆل ئىراق

سەھرا بۇ يۈرەكتۇر ،
تەسلىم بولغان ئادەم يۈرىكى .
سەھرا ئاق بايراقتۇر ،
تۆگىلەر ئايغىغا تاشلانغان بايراق .
سەھرا- « چۆل ئىراق »
بىراق
ھېچكىمنىڭ يۈرىكى پېتنالماس
بۇ كۈينى چالماققا ،ھېچكىمنىڭ .
لېكىن تىڭشىماققا ھەممە تەيياردۇر ،
شۇندىمۇ كۆزىنى يۇمۇپ تىڭشايدۇ ،
كۆزلىرنى يۇمۇپ نىمىشقىدۇر .

شېئىر سەنئىتى

ئاياللار يۈزىدىن بۈيۈك ئىنقىلاپ
سۈپۈرۈپ تاشلىغان پۈركەنجىلەرنى .
شائىرلار ئۆزىچە ئىشلەتتى شۇ تاپ
يالىڭاچ سۆزلىرگە كەيدۈرۈپ بەرىنى .
« شېئىرىڭ مەۋھۇم » دەپ قىلماڭ مەسخىر ،
شېئىر نازۇك پەرەنجە ئىچرە ياشار .
ئۇنىمۇ سۈپۈرۈپ تاشلىماق ئۈچۈن
بەلكى، لازىم  بولۇر يەنە بىر ھاشار .

ئەپەندىنىڭ مات بولۇشى

كۆز قىسىپ ھىجىيىپ دىدى: - ئاڭغىچە
يا ئېشەك ئۆلىدۇ يا پادىشا ئۆلەر .
-ھۆرمەتلىك  نەسىردىن ئەپەندى ،سىزچۇ ،
نىمە بولار ئۆزىڭىز ئۆلسە ئەگەر ؟
- مەن ھاياتمەن ! -دىدى  ئۇ پەرۋايى پەلەك ،
-كەچۇرسىز ... دىمەك ،ئۇلارمۇ ھايات .
ئۇلار ئۆلسە، سىزگە نىمە كېرەك ھايات ،
ئۇلار ئۆلسە كىمنى قىلاتتىڭىز مات ؟!

ئوخشىتىش

نىلۇپەر ،بەڭباش گۈل ،سۇنى تاللىدىڭ ،
ئاسماننىڭ ئەكسىگە تومۇر تارىتقان گۈل ،
مەن بۇندا  يىگانە سېنى ئويلىدىم .
مېنىڭ يۈرۈكۈمگە ئوخشايسەن ھەيھات :
سەن سىياق يەر بىلەن كۆك ئارلىقىدا
كۆكسۈمدە تۇرۇپتۇ ئۇمۇ مۇئەللەق !
نىلۇپەر سۇدىكى ئاينىڭ قوشنىسى !
مېنىڭ يۈرۈكۈمنى ھېچكىم چۈشەنمەس ،
چۈشەنگەندەك گويا مەن سېنى !

تېما مەنزىلى « ئاۋانگارت»مۇنبىرى
http://awangart.com/index.htm


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 23:01  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
owchi + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-21 11:55:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە شېئىرلاردىن ھوزۇرلاندۇرغان يورۇق بۇرادەرگە رەھمەتلەر ياغسۇن . ئابدۇساتتار ناسىرى ئاكىنىڭ بۇ شائىر ھەققىدە دەپ بەرگەن نۇرغۇن پاراڭلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم . بۇ شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئابدۇساتتار ناسىرى ئاكا بەك ياقتۇراتتى . ئىپادىلەشتىكى يەڭگىللىك ، پىكىردىكى تىرەنلىك ئادەمگە باشقىچە ھورزۇر بېرىدىكەن . داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز ، ئامان بولۇڭ يورۇق ...

ۋاقتى: 2015-2-21 13:17:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىرا دېگەننى لېرىكمۇ يازغىلى بولدىكەنغۇ!
شېئىرنى يېزىش ئەمەس؛نېمىنى،قانداق يېزىش ئۇنى شېئىر قىلسا كېرەك،دەپ ئويلۇدۇم(بىزچە تەپەككۇردىن چىقىپ تۇرۇپ).
بىزدىكى بارلىق ئەدىب بولغۇچىلارغا دېگۈم كېلىدۇ؛ئۈگىنىشنى قويۇپ تۇرۇپ،ئۆزىمىزنى ئۈگىنەيلى!!

ۋاقتى: 2015-2-21 14:24:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىتتەك گەپ قىلدى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 14:41:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەۋكەت ئىبراھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 11:55
ئۆزگىچە شېئىرلاردىن ھوزۇرلاندۇرغان يورۇق بۇرادەرگە ر ...


ئىسلام كېرىموۋ ياقتۇرمايدىغان شائىر دىيشىدۇ بەزىلەر، شۇ سەۋەبتىن ئۆزبېك تور بېكەتلىرىدە مۇھەممەد سالىھ توغۇرلۇق ئۇچۇر تاپىقىلى بولمايدىكەن، زادى نىمە سەۋەبتىن ياقتۇرمايدۇ، بۇ ماڭا قاراڭغۇ، مەن سىياسى سەۋەبتىن بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىۋاتىمەن، شۇنچىلا شائىر پاتقان ئۆزبېكىستانغا  بىر مۇھەممەد سالىھنىڭ پاتماي، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە يۈرىشى ئىقدسادى سەۋەپ بولمىسا كېرەك.
رەھمەت بۇرادەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 14:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 15:40:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 13:17
ساتىرا دېگەننى لېرىكمۇ يازغىلى بولدىكەنغۇ!
شېئىرنى يې ...


ھازىرقى زامان «ئۆزبېك زامانىۋى شېئىرىيتى»دە  مۇھەممەد سالىھدەك  يېڭىچە بىر ئاۋاز بىلەن سايراپ يالغۇز ئۆزبېك ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەھەر، تاتار، تۈرك، ياقۇت، تاتار، باشقرت، قارا قالپاق... قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىمۇ مۇناسىپ ئورۇن تۇتقان ياكى ئەسەرلىرى شۇ مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن بىر تۈركۈم تالانىتلىق شائىرلار بار. بىز  ئۇيغۇرلارمۇ 10مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار تۈركىي تىللىق بىر مىللەت بولۇش سۈپتىمىز بىلەن ئۆزبېك زامانىۋى شېئىرىيتىدىكى بۇ نامايەندىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خەلىقىمىزگە كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە تونۇشتۇرۇپ باقايلى دەپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. لېكىن بۇ خىزمەتنى سىزگە ئوخشاش توغرا چۈشەنگەن تورداشلىرىمىز ئاز بولسا كېرەك قارا تېكىن.
مېنىڭچە ئۇيغۇر زامانىۋى شېئىرىيتى( ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيتى) دىگەنلىك- ھەممە ئادەم« گۇڭگا» شېئىر يازسۇن دىگەنلىك ئەمەس! زامانىۋىلىقىنى-  ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن چىقىپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇب، شەكىل، مەزمۇن بىلەن سىناق قىلىپ باقساق تامامەن بولىدۇ .
ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيتىگىلا ئەمەس، پۇتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيتىگە كۆيۈندىغان ئادەم، مىللىتىمنىڭ شېئىرىيتى ئاز تولا تەرەققى قىلىپ قالسۇن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن دەپ ئويلىسا مەسىلىگە«گۇڭگا» شېئىر نۇقتىسدىن چىقىپلا باھا بەرمەسلىك كېرەك .
«گۇڭگا» شېئىرنى قاملاشتۇرۇپ يازالايدىغانلار يېزىپ بىر چەتكە چىقىپ بولدى. 30يىلغىچە ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋىرىش( ئۇلارغا تەقلىد قىلىۋىرىش) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەڭ ئالى يوليورۇقتەك يادلاپ يۈرۈش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرنىى شىپە كەلتۈرۈپ ئۆزىگە ھەيۋەتلىك تۈس بېرىشكە ئۇرنۇش ئادەمنى ئوسال ئەۋالغا قالدۇرۇپ قويۇش مۈمكىن.
بولدى بەس!
ئەمدى ئۇ «چۇرۇق»لارنى چۆرۈۋىتەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 00:54  


ۋاقتى: 2015-2-21 16:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yoruq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 14:41
ئىسلام كېرىموۋ ياقتۇرمايدىغان شائىر دىيشىدۇ بەزىلەر ...

قەپەستىكى  چاشقان

قەپەستىكى مانا شۇ چاشقان
بىر چاغلاردا بۇلبۇل ئىدى .
بىر چاغلاردا پىرىلداپ  ئۇچاتتى ئۇ ،
ھازىر ئۆمىلەر .
ئىلگىرى ئوۋچىدىن قورقاتتى بىچارە ،
ئەمدى مۈشۈكتىن .
بىزنى ئويغىتاتتى بىر چاغلار
تاڭ پەيتى چاڭىلداپ
مانا شۇ چاشقان.

شائىرنىڭ سادالىرى ئوچۇق تۇرمامدۇ مانا،يالقۇنكا. ئېھتىمال،بۇ بىز سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغان  مەسىلىلەر ئەمەستۇ. مۇھىمى،شېئىرىي تەلقىنلەردىكى بىز كېرەك قىلىشنى بىلمىگەن (ياكى بىزنى كېرەك قىلمايۋاتقان) تىل زەرەتلىرى ۋە ئۇنى قۇبۇل قىلىش روھى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-21 17:03:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ سادالىرى ئوچۇق تۇرمامدۇ .
ـــــــــــ-
شۇنداق، شۇڭا « كېرىموۋكام» ئۆزبېكىستاندا « يا سەن تۇر، مەن يا تۇراي»دەپ شائىرنى ھەيدىگەن بولىشى مۈمكىن.

باھا سۆز

‹‹يالقۇن ›› نىڭ ‹‹ كەلكۈن›› دىن يىراقتا تۇرغېنى خوپتۇر .  ۋاقتى: 2015-2-21 05:50 PM
ۋاقتى: 2015-2-22 12:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە شېئرنى ياقتۇرمىغانلار   بەكرەك چاچىراپ چىقسا كىرەك . ئۆزىنى زەڭگەر تونلارغا ئوراپ تەنقىد يازىدىغان ئەدەبى تەنقىدچىلىرىمىز  بىر نەرسىدىن يىراقلىشۋاتىدۇ.. ئۇ دەل خەلىق . ھەرقانداق ئەسەر خەلىق تەرىپىدىن ئادىل باھاغا ئىرىشىدۇ .   قولۇڭلارغا دەرىت بەرمىسۇن . ياخشى ئەسەرلەر گە   يەنىلا خەلىق بىرىدۇ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش