كۆرۈش: 1410|ئىنكاس: 0

بۇلبۇل ئەكرەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     

bbbbb.png

  بۇلبۇل ئەكرەم


بۇلبۇل ئەكرەم، 1962-يىلى10-ئايدا يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1979-يىلى يوپۇرغا ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى  كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.1984-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. 2011-يىلى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىلمىي بويىچە ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولۇپ بېكىتىلگەن. ھازىرقى كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى-پىروفېسسور.
بۇلبۇل ئەكرەمنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنۈلىشى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ۋە يېزىقچىلىق ئىلمىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە «ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقى»،«ئۈلگىلىك ماقالىلەر»،«ماقالە يېزىش يېتەكچىسى»،«ئەدەبىياتتىن ئومۇمىي تەكرار»، «بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»(بىرلەشمە)،«تەقلىدىي سوئال،ئۈلگىلىك ئەسەر» ۋە«نەمۇنە سوئال،ئۈلگىلىك ئەسەر»،«ئۇيغۇر بالىلار رومان ئىجادىيىتىدىكى يارقىنلىق» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ھەر قايسى گېزىت- ژۇرناللاردا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، 20پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،نەسرلىرى ئېلان قىلىنغان.2012-يىللىق دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تۈرى«ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»نىڭ مەسئۇلى، ئاپتونۇم رايوننىڭ ئون بىرىنچى بەش يىللىق ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقات تېمىسى«جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى»نىڭ باش يېتەكچىسى، «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى ماقالە يېزىقچىلىقى ئوقۇتۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە چىقىش يولى»قاتارلىق مەكتەپ دەرىجىلىك ئۈچ تەتقىقات تېمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان ھەم  تەتقىقات تۈرلىرىنى تەلەپكە لايىق ئورۇندىغان.
ئۇ ھازىر جۇڭگو يېزىقچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،جوڭگۇ ئەمەلىي يېزىقچىلىق جەمئىيىتى،جوڭگۇ ماقالىشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزىقچىلىق جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى،شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات -سەنئىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،باش كاتىپى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى ئەدەبىيات نەزەرىيەسى،يېزىقچىلىق كافىدراسىنىڭ مۇدىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 22:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش