- UID
- 913
- QQ
- 1420115581
- ھوقۇقى
- 1
- ھەقىقىي ئىسمى
- قەلەمىي
- يازما
- 344
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2743
- تىزىملاتقان
- 2012-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- توردا
- 360 سائەت
|
|
|
|
|
كالا ۋە موزاي
قەلەمىي
« جېنىم ئانا جان ئانا،
سۈتلىرىڭنى بەرمىگىن .
ساغاي دىسە خۇش بولۇپ،
قۇچىقىڭنى كەرمىگىن.
يېقىن كەلسە تېپىۋەت،
زادىلا جىم تۇرمىغىن .
مەنلا ئىچەي سۈتۈڭنى،
يۇۋاش يۇمشاق بولمىغىن ...»
«ئىچى تارلىق قىلمىغىن ،
جېنىم بالام جان بالام .
جاننى ئالۇر ئاچكۆزلۈك،
بولسا دەرھال يان بالام.
ئەجىر قىلدى ئىگىمىز،
ئوت سۇ بېرىپ كۆيۈنۈپ.
قايتۇرمىساق ئەجىرىنى ،
قالمامدۇ ئۇ ئۆكۈنۈپ؟...»
دەپتۇ شۇنداق كالىجان،
موزاي جىمىپ كېتىپتۇ.
ئانا - بالا ئىككىسى،
سوزۇلۇپ تەڭ يېتىپتۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-18 21:33
|
|
|
|
|
|
|