يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 559|ئىنكاس: 1

ئالىم ياسىن:يېڭى يىلدا تېپىلغان ماقال-تەمسىللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭى يىلدا تېپىلغان ماقال-تەمسىللەر

1.        دەرەخ قۇرىسا ئوتۇن بولىدۇ،قىز چوڭ بولسا خوتۈن بولىدۇ.
2.        پىشقان مېۋە شاختا تۇرمايدۇ،ئىشچان يىگىت قاشتا تۇرمايدۇ،
3.        گۆش يىسەڭ چىشىڭغا كىرىدۇ،يىمىسەڭ چۈشۈڭگە كىرىدۇ.
4.        پەلەي كىيمىسە قول توڭىدۇ،چاپان كييمىسە دول توڭىدۇ.
5.        كاككۈكنىڭ ئۇۋىسى يوق،قاغىنىڭ يىيىشى پوق.
6.        نوچى يىگىت پىچاقتا ئۆلەر،سەتەڭ خوتۈن قۇچاقتا ئۆلەر.
7.        تېرىغان يەردە نەم بولىدۇ،قېرىغان ئەردە غەم بولىدۇ.
8.        ئاش بۇزۇلسا ئېت يەيدۇ،ئەر بۇزۇلسا پىت يەيدۇ.
9.        ئېقىن سۇغا تۈكۈرمە،يولغا ئەخلەت سۈپۈرمە.
10.        ھورۈن ئېشەككە قامچا كېرەك،يوغان كۆتەككە پالتا كېرەك.
11.        مېۋىلىك دەرەخكە تاش ئاتساڭ تۆكىلىدۇ،ئېرى بارغا قاش ئاتساڭ يۆتىلىدۇ.
12.        سەت خوتۈن ئۇپىغا ئامراق،ئەقىللىق خوتۈن جۇپىغا ئامراق.
13.        ئەرنى ياشنىتاي دىسەڭ كۆڭلىنى ئال،يەرنى ياشنىتاي دىسەڭ دۆشىنى ئال.
14.        ئەدەپسىزنى تىل بۇزىدۇ،پاكىز يەرنى قىل بۇزىدۇ.
15.        پادىنىڭمۇ باشلامچىسى بار،گاچىنىڭمۇ ئالدامچىسى بار.
16.        ئالدىمايدىغان تۈلكە يوق،تۈگىمەيدىغان كۈلكە يوق.
17.        ئەسكى يەر تېرىغانچە تۈزىلىدۇ،بەڭۋاش ئەر قېرىغانچە بۇزىلىدۇ.
18.        تامنىڭ ئۇلى ئاجىز بولسا ئۆرىلىدۇ،ئەرنىڭ پۇلى پاكىز بولسا كۆپىيىدۇ.
19.        تۇگمەنگە يېقىن بولساڭ ئۈن بولىسەن،يامانغا يېقىن بولساڭ خۈن بولىسەن.
20.        مۇز ئېرىسە سۇ تامار،ئەر ئېرىسە نۇر ياغار.
21.        تۆشۈك چېلەكتە سۇ تۇرماس،شىرنىسى يوق چېچەكتە ھەرە تۇرماس.
22.        ھاسىسى بار ئادەم يىقىلماس،ياخشىغا يامان قېتىلماس.
23.        تۆگە يىقىلسا ئېشەككە يۈك چىقار،ئەر يېتىلسە مەيدىگە تۈك چىقار.
24.        ئۇچرىغاننىڭ ھەممىسى ياخشى ئەمەس،ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسى ناخشا ئەمەس.
25.        يۈز ئېيتىشقا لۆڭگە ياخشى،دەرىت ئېيتىشقا بەڭگە ياخشى.
26.        تارىنى چىڭدىمىغىچە تۈزۈلمەس،رىشتىنى بۇزمىغۈچە ئۈزۈلمەس.
27.        تۈتۈن چىقسا مۇھىت بۇلغىنار،پۈتۈن چىقسا تۇغۇت قىينىلار.
28.        مايسىنى تارتىۋەرسە قۇرىيدۇ،ئازاپنى تارتىۋەرسە قېرىيدۇ.
29.        سۆگەت ئەۋرىشىم بولسا يارىشىدۇ،قىز ئەۋرىشىم بولسا قارىشىدۇ.
30.        غازنىڭ باشلامچىسى ئالدىدا ئۇچار،تەڭرىنىڭ ئارغامچىسى دالدىدا تۇرار.
31.        قاغىنىڭ قېرىسىنى،يولنىڭ نېرىسىنى بىلگىلى بولماس.
32.        قۇرۇق ياغاچنى ئەگسە سۇنىدۇ،خوشنىغا سوغاق تەگسە كۆچىدۇ.
33.        پىچاق داتلاشسا ئۆتمەس،تۈققان ياتلاشسا كەلمەس.
34.        قىشنىڭ راھىتى ئوت بىلەن،ھېساپنىڭ ماھىيىتى چوت بىلەن.
35.        كۆككە تۈكۈرسە يۈزگە چۈشىدۇ،خەققە تۈكۈرسە ئۆزگە چۈشىدۇ.
36.        كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەس،كارۋان ھورۈن بولسا يول تۈگىمەس.
37.        كونا چاپان يامغۈردا ياخشى،شورپا ھامان چامغۈردا ياخشى.
38.        ئورغاق تۈز بولماس،ئوسارغاق ئۈز بولماس.
39.        يازلىق قوغۈن تولاشمايدۇ،دىتسىز خوتۈن قولاشمايدۇ.
40.         يىلان ئەگرىلىگىنى بىلمەس،ئېلان لاۋزىلىقىنى بىلمەس.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-18 16:41:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقال-تەمىسىلىڭىز بەك رىئال بوپتۇ، ھازىرقى زامان تۇرمۇشمىزغا يېقىن ھەم تۇرمۇشىمىزدىن ئىلىنغان...ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش