كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 0

ھاجى ئابدۇراحمان باقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھاجى ئابدۇراحمان باقىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى


  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى تەتقىقاتى، مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى ھاجى ئابدۇراخمان باقى 1962-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر شەھىرى بەشكىرەم يېزا ئىشچان كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.
  1962-يىلى 8-ئايدىن 1970-يىلى 7-ئايغىچە ئائىلە تەربىيسىدە بولغان. 1970-يىلى 7-ئايدىن 1975-يىلى 7-ئايغىچە بەشكىرەم ئىشچان باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1975-يىلى 7-ئايدىن 1980-يىلى 7-ئايغىچە بەشكىرەم تولۇسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1980-يىلى 7-ئايدىن 1982-يىلى 7- ئايغىچە  قەشقەر دارىلمۇئەللىمىدە تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى 7-ئايدا كوناشەھەر  ناھىيە ئاۋات ئوتتۇرا مەكتىپىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلنىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1984-يىلى 7-ئايدىن 1987-يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە (خىزمەتتە تۇرۇپ) ئوقۇغان. 1985-يىلى 7-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇغان.  1987- يىلى 7- ئايدىن 1991-يىلى 8- ئايغىچە بەشكىرەم يېزا سىدىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى كومتىتىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىش، توپلاش، رەتلەش، ئومومىي كاتولوگىنى ئىشلەش، نەشر قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى كومتىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.
ھاجى ئابدۇراخمان باقىنىڭ تەتقىقات يۆنلىشى − مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقاتى  ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى تەتقىقاتى بولۇپ، بۇ تەتقىقاتلارنى 1985-يىلى باشلىغان. ئۇ ھازىرغىچە «مىللىي تىرتورىيىلىك ئاپتونمومىيە قانۇنىغا تۈزتىش كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا»، «مىللەتلەتلەرنىڭ  تىل-يېزىقىنى قولىنىش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر قەدىمىي كىتابەتچىلىك مەدەنىيتىگە تەسىر كۆرسەتكەن يۈز كىتاب»، «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› نىڭ مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكى ۋە رىئال ئەھمىيتى توغرىسىدا»، «كىروران، مىرەن، پىشامشان نامى ھەققىدە»، «ئەلشىر نەۋائىينىڭ قەشقەردە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئومومىي كاتولىگى توغرىسىدا»، «قەشقەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت قەدىمىي كىتابلارنىڭ ئومومىي كاتولىگى توغرىسىدا»، «ئابدۇراخمان جامىنىڭ قەشقەردە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئومومىي كاتولىگى توغرىسىدا»، «قەشقەردىكى بىر قىسىم قەدىمكى ئەسەرلەر»، «بىزنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز ئۇنىڭ ئىلمىي مەنىسى، تۈرى توغرىسىدا»، «‹قەشقەر› ۋە ‹سۇلى›نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى توغرىسىدا»، «مىللىتىمىزنىڭ كۈتۈپخانىچىلىق مەدەنىيتى ھەققىدە» قاتارلىق تېمىلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى »ژۇرنىلى، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژۇرنىلى، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئەدىلىيە كەسپىي» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ رىۋزىيىسى»ژۇرنىلى، «شىنجاڭ تەزكىرچىلىك» ژورنىلى، «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى» ژۇرنىلى، «قەشقەر» ژۇرنىلى،«كاشىغەر مەدەنىيتى» قاتارلىق گېزىت ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ بەش يىلدىن بۇيان ئۈزلىكسىز تۈردە ئىزدىنىپ «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاب مەدەنىيتى» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىقىپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرپىدىن 2011-يىلى 5-ئايدا نەشر قىلدۇرغان. 2013 – يىلى 8 – ئايدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىن تەرمىلەر» ناملىق كىتابى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئاپتورنىڭ «ئۇيغۇر قەدىمىي كىتاپچىلىق مەدەنىيتى توغرىسىدا مۇھاكىمە» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى «جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيتى» 2006-يىلى 5-ئايدا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3- قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ئۇيغۇر قەدىمقى ئەسەرلىرىنى غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈپ قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى  «جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيتى» 2013 – يىلى 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يۈنچۈەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
  بۇ، ئاپتورنىڭ ئۇزاق يىللىق مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقاتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى (كىتابلىرى) تەتقىقاتى، ئۇيغۇر قەدىمكى مەدەنىيتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ مول مېۋىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يولداش ھاجى ئابدۇراخمان باقى ، «قەشقەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى» ناملىق يەنە بىر كىتابنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ نەشرگە تاپشۇردى. ئاپتور ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە دائىر تەتقىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «چەت ئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز»، «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاب مەدەنىيتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتاپنى نەشىرياتقا تاپشۇردى.ئاپتور ئۇيغۇر مەدەنىيتى تارىخى جەھەتتىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ «ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان تىل-يىزىقلار ۋە بۇ تىل-يىزىقلاردا كىتاب بولغان قەدىمكى كىتابلار»ناملىق كىتابنى،«بىزنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىمز ۋە ئۇنى نەشىرگە تەييارلاش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى ،«ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك ئىچمەك مەدەنىيتى» ناملىق كىتابنى ،«ئۇيغۇرلارنىڭ كىيم-كىچەك مەدەنىيتى» ناملىق كىتابلارغا جىددى ئىشلىمەكتە.
  ھاجى ئابدۇراخمان باقى 2005-يىلىدىن ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر (بولۇپمۇ ئۇيغۇر، ئۆزبىك، تاجىك مىللىتى)نىڭ 2000 پارچىدىن ئارتۇق قەدىمىي ئەسەرلىرى (كىتابلىرىنىڭ)  نىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ، يىغىپ توپلاش، ئومومىي كاتولوگىنى ئىشلەش، نەشرگە تەييارلاش، خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەم ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلەپ 1800 پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى كىتابنى 24 ئورۇن 12 ناھىيە (شەھەر)، 12 يېزا (بازار) 9 ئىدارە(بۆلۈم) دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن يىغىپ، توپلاپ، نۇمۇر سېلىپ ئارخىپلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ھەم ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، يىگانە نۇسقىدىكى 791 پارچە قەدىمكى كىتابنىڭ ئومومىي كاتولوگىنى ئىشلەپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىغا ئۆزتكۈزدى، بۇ ئومومىي كاتولوگ 2011-يىلى 12-ئايدا جۇڭگۇ شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمي ئەسەرلىرى ئومومىي كاتولوگى تومىغا كىرگۈزۈلۈپ خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىندى.
  ھاجى ئابدۇراخمان باقى 2006-يىلى 12- ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە جۇڭگۇ شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى تەشكىللىگەن قەشقەر ھەج ئۆمىكى تەركىبىدىكى 448 نەپەر ھەج قىلغۇچىنى يېتەكلەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەم ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرلىرىدە ئوتتۇز ئۈچ كۈن ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، بۇ زىيارەت ۋە ئىكىسكۇرسىيە پائالىيتىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تەسىرلىك ۋەقەلەرنى باش تېما قىلىپ «سەئۇدى ئەربىستاندا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يازغان.بۇ كىتاب ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يىزىلغان ساياھەت خاتىرىسىنىڭ بىرى دۇر.
ھاجى ئابدۇراخمان باقى ھازىر جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازعۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمىي ئەسەرلىرى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخانسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش