ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
دېھقان بىلەن شىر
(مەسەل)
شىر ئاشىق بوپ ئوتۇنچىنىڭ قىزىغا،
چۈشۈۋاپتۇ كېچە-كۈندۈز ئىزىغا.
تەھدىت ساپتۇ نەچچە قېتىم ھۆركىرەپ،
ئۇنىمىسا بوران كەبىي گۈركىرەپ.
قورقۇتۇپتۇ، نەرە تارتىپ ھۇۋلاپتۇ،
ھېيىقماستىن قىز ئىسمىنى توۋلاپتۇ.
ئىلاجىسىز ئوتۇنچىنىڭ قېتىپ باش،
قۇچاقلاپتۇ قىزىنى ئاھ، تۆكۈپ ياش!
دەپتۇ:«قىزىم، كەپتۇ بىزگە كەلگۈلۈك،
تەقدىر، قىسمەت شۇنداقكەن، تەن بەرگۈلۈك!
قىلىۋالدى ئىككىمىزنى شىر قامال،
ياتلىق بولغىن مەيلى قىزىم، نە ئامال؟!
ھەر كۈن سەھەر سېنى يوقلاپ بارىمەن،
ھال-كۈنۈڭدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن!
ئەنسىرىمە مەندىن ئارتۇق يېمە غەم،
بەختلىكمەن سەنلا بولساڭ خاتىرجەم!»
«ياق، ياق، ئاتا!-دەپتۇ قىزى،- قىلماڭ غەم،
ئىشلىتەيلى بىز ئۇنىڭغا ئەقىل-پەم!
چۈشۈرەيلى شىرنى ئەپچىل توزاققا،
ئۇزىتايلى ئۇنى گۆرگە، دوزاخقا!
مۆكۈپ تۇرۇڭ سىز قازناققا، دالدىغا!
مەن چاقىراي ئۇنى ئۆينىڭ ئالدىغا!»
چاقىرىپتۇ شۇ ھامانلا شىرنى قىز،
كەپتۇ شىرمۇ گۈل كۆتۈرۈپ بەكمۇ تېز.
قىز ئۇنىڭغا كۈلۈپ چىراي ئېچىپتۇ،
شىر كۆڭلىگە سۆيگۈ ھىدى چېچىپتۇ.
دەپتۇ شىرغا: «تەسىرلەندىم مېھرىڭدىن،
كۆڭلۈم خۇشال مۇھەببەتلىك سېھرىڭدىن!
سەۋىر-تاقەت، چىدامىڭغا قايىلمەن،
سەندەك قورقماس باھادىرغا مايىلمەن.
بىراق، سۆيگۈ بەدەل تەلەپ قىلاركەن،
بەدەل دېگەن پاك سۆيگۈنى سىناركەن.
بارمۇ يوقمۇ ۋۇجۇدۇڭدا ھەييارلىق،
سىناپ باقاي: بارمۇ سەندە تەييارلىق؟!»
«-ۋەسلىڭ ئۈچۈن جان تەسەددۇق! -دەپتۇ شىر،
-يۈرىكىمدە يوقتۇر گۇمان، شۈبھە، كىر!
شەرتىڭ بولسا ئېيتقىن بەجا كەلتۈرەي،
ۋەسلىڭ ئۈچۈن تىن تارتمايلا جان بېرەي!»
قىز كەلتۈرۈپ ئىشنىڭ راسا ئېپىنى،
چاندۇرماستىن داۋام قىپتۇ گېپىنى:
«كۆڭلۈم يېرىم سېنىڭ بىرلا ئىشىڭدىن،
بەك قورقىمەن ئاۋۇ ھىڭگال چىشىڭدىن!
ئامال بولسا ئېلىۋەتسەڭ بولاتتى،
شۇ چاغ كۆڭلۈم خۇشاللىققا تولاتتى!»
-لەببەي!-دەپتۇ شىر ئۇنىڭغا ئەركىلەپ،
-يۈرمە جېنىم، مەندىن ئۈنچە ئەنسىرەپ!»
ھايالشىماي ئورمانلىققا چېپىپتۇ،
چىش دوختۇرى-قاقىرانى تېپىپتۇ.
ئۇنىڭ چاقلىق ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ،
ئۇزۇن، ھىڭگال چىشلىرىنى يۇلدۇرۇپ.
ئاغرىق ئازاب سالسىمۇ گەر جېنىغا،
ھايالشىماي كەپتۇ قىزنىڭ يېنىغا.
قىز سىلاپتۇ ئۇنىڭ يۇڭلۇق يۈزىنى،
مېھرى بىلەن تىكىپ شىرغا كۆزىنى.
چاندۇرماستىن ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپتۇ،
ئۆز-ئۆزىنى تاتىلاپتۇ، تىغلاپتۇ.
شىرنى ماختاپ ئۇچۇرۇپتۇ بىر ھازا:
«سەن ئىكەنسەن بەكمۇ قەيسەر ھەم تازا!
چىرايىڭمۇ بوپتۇ بەكمۇ ئۇز، تەبئى،
جۇلالاپتۇ پاھ، ئېچىلغان گۈل كەبى!
يىگىت دېگەن سەندەك بولسا نەر ئارمان؟!
يار بولۇشنى ئىستىمەيدۇ قاي جانان؟!
بىراق، كۆڭلۈم يېرىم يەنە بىر ئىشتىن!»
«-نېمە بىراق؟ يانمايمەن جان بېرىشتىن!»
جىددىيلىشىپ شىر قايتۇرۇپ سوراپتۇ،
تىزلىنىپتۇ، قىز ئالدىنى توراپتۇ:
«-شەرتىڭ نېمە؟ ئورۇندايمەن زېرىكمەي!»
دەپتۇ قىزمۇ: «ئاڭلا جېنىم تېرىكمەي:
تىرناقلىرىڭ يىرگەندۈرەر كىشىنى،
ئاغرىتىدۇ بېشىمنىڭ ئىچ-تېشىنى.
ئېلىۋەتسەڭ جېنىڭ قاقشاپ كېتەرمۇ؟
پۇت-قوللىرىڭ ئىششىپ ئاقساپ كېتەرمۇ؟
چىدىيالماي قالارسەنمۇ ۋارقىراپ،
قان ئاقارمۇ پۇت-قولۇڭدىن شارقىراپ؟!
ياكى مېنى ئاتاپ تېخى باغرى تاش،
پۇشايماندا يۈرەرسەنمۇ تۆكۈپ ياش؟!»
-ياق! ياق! جېنىم! –شىر شۇ ھامان ھۆركىرەپ،
دەپتۇ،-ماڭا بۇ ئەڭ ئالىي شان-شەرەپ!
مۈشكۈلاتتىن قورققان كىشى ئەر ئەمەس،
مۇنبەت تۇرۇپ ئاق قالغىنى يەر ئەمەس!
ۋىسال ئۈچۈن تىرناق ئەمەس، جان پىدا،
ئىچەي دېسەڭ تومۇردىكى قان پىدا!»
دەپتۇ دەرھال ئورمان تامان چېپىپتۇ،
پۇت دوختۇرى-شىمپەنزىنى تېپىپتۇ.
ئۇنىڭ ئۇزۇن كارۋىتىغا بوپ ھازىر،
تىرنىقىنى يۇلدۇرۇپتۇ پاك پاكىز.
جېنى قاقشاپ تۇرسىمۇ ئۇ ۋاي ۋايلاپ،
قىز ئۆيىگە كەپتۇ بۇ دەم دىڭگوسلاپ.
مۆكۈنۈپتۇ بوۋاي بۇ دەم دالدىغا،
قىز يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ تېز ئالدىغا.
مېھرى بىلەن سىلاپ شىرنىڭ قولىنى،
دەپتۇ: ئوبدان قىلدىڭ ئىشنىڭ يولىنى.
پۇت-قوللىرىڭ سىلىق خۇددى بېلىقتەك،
بىلىنمەيدۇ ھېچ كىشىگە يىرىكتەك.
بايا ئاسقان ئىدىم مەشكە كورىنى،
قايناتقانتىم ئىسسىققىنە دورىنى.
ئىچكىن تېزراق شىپاھ تاپسۇن ياراڭمۇ،
قىلىشايلى گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭمۇ!»
شىر خۇشلۇقتا قىزغا قىلىپ تەبەسسۇم،
ئۇ ئۇزاتقان مىس كورىغا چۈشۈپ دۈم.
پاك پاكىزە ئىچىپ بوپتۇ تارتىپ دەم،
بولسۇنمۇ ئاھ، شىردە بۇدەم بىرەر غەم؟!
ھايالشىماي ئېلىشىپتۇ كۆزلىرى،
تارتىشىپتۇ پۇت-قولى ھەم يۈزلىرى.
چۆمۈلۈپتۇ بىر خىيالىي تۇيغۇغا،
كېتىپ قاپتۇ بارا-بارا ئۇيقۇغا.
كۈچىسىمۇ قوپاي دەپ ئۇ قانچىلىك،
تېنىدە كۈچ قالمىغانكەن قىلچىلىك.
پۇشايماندا ياش تۆكۈپتۇ ئامالسىز،
جېنى كەپتۇ تۇمشۇقىغا ھايالسىز.
دەپتۇ: ئېسىت، چۆكمەي ئىشنىڭ ئەسلىگە،
ئۇچرىدىممەن دۈشمەنلەرنىڭ قەستىگە!
دەپتۇ قىزمۇ كۈلۈپ ئاڭا جاۋابەن:
بۇ بالانى تاپتىڭ ئۆزۈڭ، خىيالەن.
ھەر كىم تاپقاي ئۆز جۈپتىنى، خېلىنى،
ئۆزگە باغقا سالمىسۇن كۆز قىرىنى.
يارالمىشنىڭ ئۆزىگە باب خېلى بار،
تەقى-تۇرقى، ھەتتا ئايرىم تىلى بار.
كۆرسىتىپ كۈچ كورىدىكى شۇ زەھەر،
شىر ئامالسىز ئۇ دۇنياغا قىپ سەپەر.
شىر بىلگەندە بۇ ئىشنىڭكى ئەينىنى،
زەھەر ئىكەن ئەسلى ئۇنىڭ ئىچكىنى.
ئاتا چىقىپ مۆكۈۋالغان يېرىدىن،
كۈچ -جاسارەت ئۇرغۇپ قايتا تېنىدىن.
قىزى بىلەن قىپتۇ خۇشال تەنتەنە،
قۇچاق ئېچىپ گۈزەل كۈنلەر ھەم يەنە.
(ئاپتور: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 17:40