كۆرۈش: 259|ئىنكاس: 5

ئەلتۇغ: ئېيىق بىلەن مولۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1551
تۆھپە : 3
توردا: 658
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 17:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ


ئېيىق بىلەن مولۇن
(مەسەل)

بىر توخۇنى تۇتىۋالغان بىر مولۇن،
ئىزدەپ كەچتە قونۇش ئۈچۈن بىر ئورۇن.

ئېيىقچاقنىڭ ئۆڭكۈرىگە كىرىپتۇ،
كۈلۈمسىرەپ ئاڭا سالام بېرىپتۇ:

دەپتۇ: دوستۇم قونۇۋېلاي بىر ئاخشام،
ئىچىڭ پۇشسا ئېيتاي بەكمۇ ئۇز ناخشام.

ماۋۇ توخۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، قاراپ قوي،
دوستلۇق ئۈچۈن بىرەر قېتىم ياراپ قوي!

تاڭ ئاتسىلا ئۆز ئۇۋامغا كېتىمەن،
سېنى دائىم دوستۇمدەك ياد ئېتىمەن!››

تۇرۇپ قاپتۇ ئېيىق بىردەم ئويلىنىپ،
ئاچچىقىدا چىچاڭشىپتۇ خۇيلىنىپ.

‹‹ماقۇل!›› دەپتۇ ئىلاجىسىز دەملەپ چاي،
يېتىشىغا كۆرسىتىپتۇ راسلاپ جاي.

تۈن نىسبىدە مولۇن قوپۇپ غىپپىدە،
يەۋېتىپتۇ توخۇسىنى شىپپىدە.

پەي-تۈكلەرنى كۆمۈپتۇ بىر ئورىغا،
سۆڭەكلەرنى ئېپ قويۇپتۇ مورىغا.

چاندۇرماستىن ئۇخلىغان بوپ يېتىپتۇ،
ئۇنىڭغىچە كۈن چىقىپ تاڭ ئېتىپتۇ.

مولۇن قوپۇپ ئىزدىگەن بوپ توخۇنى،
چۆرگىلەپتۇ، ساپتۇ ئاللا-توۋىنى.

ئېيىقجانغا تىكىلىپتۇ بېزىرىپ،
خىجىللىقتىن ئېيىق مىڭبىر قىزىرىپ.

ئويلاپتۇ:‹‹ راست، تۇرسا توخۇ ئامانەت،
يوقاپ كەتسە ماڭا قانچە ئاھانەت؟!

مېھمان ئۈچۈن بېرەي مەيلى جانىمنى،
ئەرزىيدىغۇ يېرىپ بەرسەم قارنىمنى!››

مولۇنغا ئۇ بىر توخۇنى تۆلەپتۇ،
ھېساب-كىتاب شۇنىڭ بىلەن تۈگەپتۇ.

كەچ كىرگەندە كەپتۇ مولۇن سۇس كۈلۈپ،
قولتۇقىغا بىر توخۇنى قىستۇرۇپ.

ئۆتۈنۈپتۇ: قونۇۋالاي بىر قېتىم،
ئۆيۈم يىراق، بىلىسەنغۇ ئەي ئىنىم!

ئېيىق ئاڭا كۆرسەتسىمۇ كۆپ سەۋەب،
بىراق مولۇن ئۇنىماپتۇ ئېسەدەپ.

ئىچى ئاغرىپ ئېيىقجاننىڭ ئۇنىڭغا،
جاي كۆرسىتىپ بېرىپتۇ بىر بۇلۇڭغا.

تۈن نېسبىدە مولۇن تۇرۇپ ئورنىدىن،
توخۇسىنى چىشلەپ ئېغىز-بۇرنىدىن.

پاك پاكىزە يەۋېتىپتۇ ئىزمۇ يوق،
خورەك تارتىپ ئۇخلاپتۇ ئۇ بەخۇدۇك!

تاڭ ئېتىپتۇ، باشلاپتۇ ئۇ يىغىنى،
ئىزدىگەن بوپ ئېيىقنىڭ ئۆي-بېغىنى.

ئويغىنىپتۇ ئېيىقتىمۇ بىر گۇمان،
يۈرىكىنى ئورىۋاپتۇ بىر تۇمان.

بىر توخۇنى تۆلەپ يەنە ئامالسىز،
ھەيدەپتۇ تېز مولۇننىمۇ ھايالسىز.

كەچ كىرگەندە مولۇن يەنە دىككاڭشىپ،
بىر توخۇنى قولتۇقلىغاچ، لىككاڭشىپ.

كىرىپ كەپتۇ: بۈگۈن كېچە قوناي دەپ،
ئاغا سېنى يەنە بىر دەم پۇراي دەپ.

‹‹ماقۇل!›› دەپتۇ ئېيىق كۈلۈپ يالغاندىن،
جاي راسلاپتۇ تۆرگە تاۋار-دۇردۇندىن.

ئېيىق ئاستا ئويغىنىپ تۈن نېسبىدە،
كەپتۇ ئاستا دېرىزىنىڭ تۈۋىگە.

قاراپ تۇرسا مولۇن توخۇ يەۋاتقان،
(ئۇ ھەر كۈنى توخۇ يۈتتى دەۋاتقان؟!)

ئۇۋىسىدىن چىقىپ ئېيىق غىپپىدە،
شۇم مولۇننىڭ بوغۇپ گالدىن غىققىدە!

دەس كۆتۈرۈپ تاش ئۈستىگە ئېتىپتۇ،
بىر چىرقىراپ مولۇن قوپماي يېتىپتۇ.

پۇشمان يەپتۇ قىلغان ئەسكى ئىشىغا،
مەككارلىقى چىقىپتۇ ئۆز بېشىغا!!!

(ئاپتور: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 17:38  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6651
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 427
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 21:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرلار ئوبدان چىقىۋاتىدۇ دېسە

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 3401
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15363
تۆھپە : 5
توردا: 806
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 09:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئەمدى بىرەر كىتاپ تۈپلەيلى!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3982
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6136
تۆھپە : 0
توردا: 912
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 12:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرى مەسەلدىن زۇقلاندىم .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1881
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1509
تۆھپە : 0
توردا: 531
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 13:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ بۇرادەرنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن! نېمىشقا ئۆچەككە كىرىپ كەتكەندەك يوقاپ كىتىدىكىن دېسەم، بىر مۇنچە مەسەل «توغىۋىتىپ»تۇ ئەمەسمۇ؟! مەنمۇ چوڭقۇرچاقنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن. پات يېقىندا ئوماقلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى بىر مەسەللەر توپلىمىنىڭ روياپقا چىقىشىنى تىلەيمەن. ئامان بول!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7681
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1104
تۆھپە : 0
توردا: 380
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 14:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە شىئىرى ئەسەرنى ئانچە ئوقۇمايتتىم بىراق بۇ ئەسەر مىنى ئۆزگە رام قىلۋالدى. شىئىرى مەسەلمۇ ياخشى ئكەنغۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش