ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تايغان بىلەن بۆكەن
(مەسەل)
تايغان قوغلاپ بىر بۆكەننى بولۇپتۇ تۇتماق.
مەقسەت شۇكەن: ئىگىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتماق.
قوغلاۋېرىپ ئۇ بۆكەننى كېتىپتۇ چارچاپ،
بۆكەن ئۇندىن خېلى مەھكەم كېتىپتۇ ئۇزاپ.
دەپتۇ بۆكەن: ماڭا مەڭگۈ يېتەلمەيسەن ھېچ.
دەپتۇ تايغان ھەيران بولۇپ: سەۋەبىنى ئېيت!
دەپتۇ بۆكەن: مەن قاچىمەن جاننىڭ غېمىدە.
سەن قوغلايسەن پەقەت بۇردا ناننىڭ غېمىدە.
ئوخشىمايدۇ ئىككىمىزنىڭ ھايات نىشانى،
جاننى قوغداش مېنىڭدىكى ئۆمۈر مىزانى.
(ئاپتور: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 17:36