كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 1

ئەلتۇغ:ھاماقەت قوزا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1551
تۆھپە : 3
توردا: 658
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 17:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ:



ھاماقەت قوزا
(مەسەل)

باش باھاردا يايلاق كېزىپ قوي بىلەن قوزا،
قورسىقىنى تويغۇزماقچى بولۇپتۇ تازا.

قوي ئويلاپتۇ: سېلىق ئۆتسۇن قوزام گېلىدىن،
يېگۈزۈپتۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ يۇمرانلىرىدىن.

سۈتلۈك چۆپتىن قوزا بەكمۇ سۈرۈپتۇ ھۇزۇر،
مەرەشلىرى شۈنچە ئوماق، تاقلىشى پۇزۇر.

ئەركىلەپتۇ ئانىسىغا چىقىرىپ قىلىق،
ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ كۈلۈپتۇ ۋىلىق.

چۆپلىرىنى يەپتۇ تولۇق، ئاقىرىپتۇ يەر،
دەپتۇ ئانا: قوزام ئەمدى بىز تۆكەيلى تەر!

ئىزدەپ باقاي يېڭى چۆپلۈك، ساقلىغىن بىر پەس،
قالايمىقان تاقلىمىغىن، بۆرە قىلار قەست!

ئېسىپ قوياي مەن بوينۇڭغا ئالتۇن قوڭغۇراق،
كەلسە خەتەر جىرىڭلاتقىن، ئاڭلايمەن ھەر ۋاق!»

قوزىسىغا قوڭغۇراقنى قويۇپتۇ ئېسىپ،
چۆپلۈك ئىزدەپ خېلى يولنى بولغاندا بېسىپ.

تۇيۇقسىزلا جىرىڭلاپتۇ قوڭغۇراق ئەنسىز،
قوي شۇ ھامان قايتىپ كەپتۇ، (يۈرسۇنمۇ غەمسىز؟)

-نېمە بولدى ئالتۇن قوزام، ئېيتقىنا ماڭا!
-بىر تال چىۋىن قونۇۋالدى پۇتۇمغا مانا!

-شۇ ئىشقىمۇ تاپالمىساڭ قوزام، بىر چارە،
قاچانغىچە سېنىڭ ئۈچۈن بولاي ئاۋارە؟

كەلسە كەلمەس جىرىڭلاتما، بولمىسا مۇھىم،
قالايمىقان سەكرەپ يۈرمەي ئارام ئالغىن جىم!

دەپتۇ ئانا چۆپلۈك ئىزدەپ مېڭىپتۇ خېلى،
ئۇسسۇزلۇقتىن ھېرىپ-ئېچىپ قۇرۇپتۇ گېلى.

‹‹جىرىڭ...جىرىڭ...›› جىرىڭلاپتۇ قوڭغۇراق بىردىن،
قوي ئەنسىرەپ چېپىپ كەپتۇ ئاتلاپ تاش-قىردىن.

-ئالتۇن قوزام، نېمە بولدۇڭ؟
                             -چاقتى بىر پاشا!
-ۋاي شۈنچىلىك ئىش ئۈچۈنمۇ سالامسەن جاپا؟!

ئېسىڭدە تۇت، بىرەر كىمدىن كەلمىسە خەتەر،
بۆرە كەلسە جىرىڭلاتقىن، قېچىپ كەت بەدەر!»

ئاچچىق بىلەن قوزىسىغا بىر مۇنچە كايىپ،
ھايالشىماي كۆز ئالدىدىن بولۇپتۇ غايىپ.

ماڭا ماڭماي تېخى ئالغا ئىككى چاقىرىم،
ئاڭلىنىپتۇ قوڭغۇراقنىڭ ئۈنى، ياپىرىم!

يۈرەكلىرى ئېغىپ قوينىڭ بىر ھازا مەڭدەپ،
كەپتۇ دەرھال قوزىسىنىڭ يېنىغا سەكرەپ.

-ئالتۇن قوزام، نېمە بولدۇڭ؟
                     -قورقۇتتى قوڭغۇز!
-شۇ ئىشمىتى؟ ئەمەسقۇ ئۇ بىر ياۋا توڭگۇز!

جىلە قىلىپ يۈرىكىمنى سىقتىڭ ئەجەبمۇ،
قورقۇنچاقلىق ئىكەن بۇ دەم ھەممە سەۋەبمۇ.

يۈرەكلىك بول، تاشلا قوزام ئەزمە خۇيۇڭنى،
كىچىككىنە جاپا ئۈچۈن ئەگمە بويۇڭنى.

ياكى تۈزۈك قىلالمىدىم مانا ئىشىمنى،
قىرىشتۇردۇڭ ئەڭ ئەرزىمەس ئىشقا چىشىمنى.»

قوزىسىغا ئاچچىق بىلەن بىر مۇنچە سۆزلەپ،
ئۆز يولىغا كېتىپتۇ قوي چۆپلۈكنى كۆزلەپ.

كەلگەنىكەن تاغ باغرىغا ئەمدىلا يېتىپ،
جىرىڭلاپتۇ ئاھ قوڭغۇراق، جېنىغا پېتىپ.

كەتكەنىكەن قويمۇ بۇدەم قاتتىق ئېچىرقاپ،
ئايرىيالماي راست-يالغاننى قاپتۇ تىڭىرقاپ.

ئويلاپتۇ ئۇ: قوزام بۇدەم قىلماقتا چاخچاق،
چۆپلۈك تاپاي، قورساق ئۈچۈن مۇھىمغۇ تاماق!»

شۇنىڭ بىلەن سەپىرىنى قىلىپتۇ داۋام،
ئۇچرىتىپتۇ بىر چۆپلۈكنى ياپيېشىل تامام.

خۇشلۇقىدىن قېن قېنىغا پاتماي قاپتۇ قوي،
ۋارقىراپتۇ: «ئوماق قوزام، كېلە، چۆپكە توي!››

قوزىسىنىڭ يېنىغا ئۇ مېڭىپتۇ تاقلاپ،
(ئۇ بىلسۇنمۇ بىر قاباھەت تۇرغاننى ساقلاپ؟!)

كۆرۈنمەپتۇ ئاھ، ھېچيەردە يۈرەك پارىسى،
قوي بوزلاپتۇ، تېپىلماپتۇ ئەسلا چارىسى.

بولغانىكەن ئەسلى بۇ ئىش: ئەسلى بۇ يەردە،
قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىلبۆرە.

نېمە ئىش؟ دەپ كەلسە تۇرغان بىر قوزا ئوبدان،
بىر ۋاق تاماق ھەل بولۇپتۇ ئۇنىڭغا ئاسان.

يەم بولغانكەن چىلبۆرىگە ئەسلى قوزىچاق،
قان ئىچىدە ۋالىلداپتۇ ئالتۇن قوڭغۇراق.

قان يۇتۇپتۇ بىچارە قوي، دەرد ۋە ئەلەمدىن،
تەسۋىرىگە ئارتۇق خەتمۇ چىقماس قەلەمدىن.

قورقۇنچاقلىق قوزىچاققا سېلىپتۇ چاڭگال،
تارقىلىپتۇ بۇ ھېكايە جاڭگالمۇ جاڭگال.

(ئاپتور: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 17:42  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 3401
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15363
تۆھپە : 5
توردا: 806
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 09:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئەمدى بىرەر كىتاپ تۈپلەيلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش