ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تۈلكە بىلەن توخۇ
(مەسەل)
قوي تېرىسىنى يېپىنىپ بۆرە،
توخۇ كاتىكىگە كەپتۇ بۇ نۆرە.
دەپتۇ: دوستۇم خوراز، چىققىن بۇ ياققا،
بىر گېپىم بار ئاڭلىغىن، ياقار قۇلاققا!
ئەمدى مەندىن ئەسلا زېرىكمەيسەن،
قىلىقىمدىن سۆيۈنىسەن، تېرىكمەيسەن!
قانخور بۆرىلەرگە بولۇپ ئۈلپەت،
سالدىم نەچچە ئەۋلاد سىلەرگە كۈلپەت.
يېدىم سىلەرنى دېمەي كىچىك-چوڭ
تەقدىر سىلەرگە كاج، ماڭا بولۇپ ئوڭ.
چۈشتى ئارىمىزغا خېلى كۆپ نىزا،
بولدۇڭلار بىزگە ئەڭ ياخشى غىزا.
بوغۇلۇپتىمىز تۈگىمەس قان-قەرزگە،
لېكىن بارماپسىلەر بىرەر رەت ئەرزگە؟
سىلەردىكى قانداق ئۇلۇغ پەزىلەت بۇ؟
چۈشەنمىدىم، قانداقچە غەيرەت بۇ؟
ئوغرىلاپ يېدۇق كاتەكتىن تۇخۇم،
ئىچىڭلار ئاچچىق بولغاندۇ چوقۇم.
بىر ئىشقا ئەقلىم يەتمىدى ئەجەب،
(ياكى سىلەردە يوقمىدۇ غەزەپ؟)
-كاپشىما!- دەپتۇ خوراز بىتاقەت،
-ئەمەسمىز ھەرگىز بىزمۇ ھاماقەت.
تۇرساڭ يولۋاس شاھنىڭ ياۋۇز نەسلىدىن،
سەنمۇ نەسەپداش ئاڭا ئەسلىدىن.
يىلان چاياننى چاققان نەدە بار؟
يەنە قەيەردە مۇنداق پەدە پار؟
تەرلىنىپ يۈرسەڭ يولۋاسنىڭ چاپىنىدا،
ئۆمىلەپ يۈرسەڭ ئۇنىڭ تاپىنىدا.
قارىنى ئاق قىلىدۇ، ئاقنى قارا،
ھە شۇڭا يۈرىكىمىز، زىدە-يارا.
ئەرزنىڭ جاۋابى شۇ: مېنىڭ گۇناھىم-
دۇنياغا توخۇ بولۇپ يارالغىنىم!
(ئاپتور: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 17:29