تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 187|ئىنكاس: 13

توزىغان ئارمان‹‹پوۋىست›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

http1.jpg

توزىغان ئارمان

)پوۋىست(


بېشىنى چۆكۈرۈپ چوڭقۇر خىياللارغا بەنىت بولغان ھالدا كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان زىبا ،قولىغا تۇيۇقسىز سانجىلغان يىڭنىدىن ئەندىكىپ كەتتى  ۋە بارمىقىدىكى قاننى شورىغاچ بېشىنى كۆتۈرۈپ سائەتكە قاراپ ئېغىر ئۇھسىندى.ۋە ئۆز-ئۆزىگە-شۇنچە كەچ بولغۇچە نەدە يۈرىيدىغاندۇ ھە؟ دەپ سۆزلەپ قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ،ئۇيۇشۇپ قالغان بەل-پۈتلىرىنى ھەركەتلەندۈرگەچ دېرىزە تۈۋىگە كەلدى. دېرىزىدىن مەركىزىي شەھەرنىڭ كېچە بولماس يورۇقلىقىدا مۇكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار ۋە ئاندا-ساندا كىتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ بىر ھازا تۇردى.قېرىشقاندەك ئۇ كۆزىنى ئۈزمەي تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىغا نە بىرەر ماشىنا كىلىپ توختىمىدى،نە بىرەر ئادەم ئاياغ باسمىدى....
زىبا تېلىپ كەتكەن بويۇنلىرىنى ئۇۋىلىغاچ كىلىپ تىلىفۇن كۇنۇپكىلىرىنى باستى،قارشى تەرەپتىن(سىز ئۇرغان ئابونىتنىڭ تىلىفۇنى ئىتىۋىتىلگەن ياكى مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس...)دىگەن كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.ئۇ تام سائىتىگە يەنە بىر قاراپ قويۇپ تىلىۋېزورنى ئاچتى.-يەنىلا شۇ ئايىغى چىقماس كورىيە فىلىملىرى-دەپ غۇدۇرىغاچ كىرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ ،قولىغا قىزىل رەڭ ئاساس قىلىنىپ،پۈتۈپ چىقاي دەپ قالغان قوش يۈرەكنىڭ شەكلى ئورنىتىلىۋاتقان كەشتىنى ئالدى-يۇ،سەپسېلىپ بىر ھازا قارىغاندىن كىيىن،يىڭنە سانجىشقا رايى بارماي بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ تىلىۋېزورغا قاراپ ئولتۇردى.ئۇ  ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئېكرانغا تىككىنىچە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. ئاياللارنىڭ خىيالى داۋاملىق ئۆتمۈشتىن باشلىنىپ،تەشۋىش ۋە گۇمانلار بىلەن كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشقۇچە داۋاملاشسا كېرەك...
ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى چوڭ ئانىسىنىڭ سەھرادىكى ئاشۇ خىلۋەت،ئاددى لېكىن مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئىللىق ماكانىدا ئۆتتى.ئاتا-ئانىسى ئۇنى نەچچە ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپ كىلىشەتتىيۇ،موماينىڭ يۇم-يۇم يىغلاشلىرىغا ۋە زىبا كەتكەندىن كىيىن تىكەندەك يالغۇز قېلىشلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ،ئامالسىز،قىيمىغان ھالدا قىزىنى ياندۇرۇشلاپ باغرىغا بېسىپ،سۈيۈپ...خوشلىشىپ كىتىپ قالاتتى.
ئۇ سەھرانىڭ ئىللىق ھاۋاسى،مومىسىنىڭ ئەتىۋارلاپ،پەپىلەشلىرىدە تولىمۇ ئەركىن لېكىن يۈزى تۆۋەن،مۇلايىم قىز بولۇپ يىتىلدى،باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن يىلى مومىسى ئۇنىڭ يېزىدىن ئوننەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىغا بېرىپ ياتاقلىق مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىشىغا قەتئىي قۇشۇلماي ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇماسلىقى ھەققىدىكى مەسلىھەتنى ئوتتۇرىغا قويدى.دادىسى ئانىسىغا نارازىلىق بىلەن تىكىلىپ(ئۆزۈڭ گەل قىل)دىگەندەك ھومىيىپ ئولتۇردى.ئانىسى بولسا مومايغا كېچىچە مۇڭدىشىپ چۈشەندۈرۈپمۇ قىزىنى ئوقۇتۇشقا قايىل قىلالمىدى.
-نىمىشقا ئوقۇتمىغۇدەكمىز؟-دىدى دادىسى ئەتىسى موماي يوق يەردە بۇ گەپنى خىجالەتچىلىكتە ئاران دەۋاتقان ئايالىغا ھۈرپىيىپ.
-بالا بىزنىڭ،ھېلىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن گېپىڭلارنى ئاڭلاپ كەلدىم.بۇ ئىشتا كىم،نىمىلا دىسە بىكار،ئۇنى ئوقۇتىمىز!ھېلىغۇ ناھىيەگە بارىدىكەن،ئىچكىرىگە،چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن دىسىمۇ ئوقۇتىمەن.سەنمۇ ئۆزۋاقتىدا ئوقۇپ خىزمەتكە چىقىۋالمىغان بولساڭ مۇشۇ يەردە،ھازىرغۇچە توپا تاتلاپ،چىراي سارغايتىپ يۈرەر بولغۇيتىڭ؟
-ئۇغۇ شۇ،مىنىڭمۇ قىزىمىزنى كۆپرەك ئوقۇتقۇم بار،ئادەم قېرىغانسىرى يالغۇزلۇقتىن بەك قورقىدىغان بوپ كىتەمدۇ ياكى كۆپ ئويلايدىغان،ئەنسىز بوپ قالامدۇ بىلىمىدىم،ئاپام-سېنى شۇنچە ئوقۇتقانىدىم،ئەرش-ئالاغا چىقمىدىڭ يەنە شۇ خىزمەت قىلساڭمۇ بىر ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتىۋاتمامسەن؟ئايال كىشى دىگەن ئەۋلىيا بوپ كەتسىمۇ يەنىلا بىر ئەرنىڭ پىشىنى تۇتۇپ،خىزمىتىنى قىلىپ ياشايدۇ.ئوقۇمىغان قايسى قىزنى ئەر ئالماپتۇ؟ئۇ ۋاقىتتىكى زامانغا ھازىر ئوخشامدۇ؟جاھان بۇزىلىپ كەتتى،ئاڭلىمىغان گەپلەرنى ھازىر ئاڭلاپ توۋا دەپ ياقا چىشلەيدىغان بوپ كەتتۇق.ئەلىمادىس زىبا ئۇ يەرگە بېرىپ ياخشى-يامان قىزلارنىڭ كىيىنگىنىگە،گەپ-سۆزلىرىگە قاراپ ئۆزگىرىپ قالسا مەن ئەجىلىمدىن بۇرۇن ئۆلمەمدىمەن؟دەپ مەن بىر ئېغىز چۈشەندۈرۈپ بولغۇچە مىڭ ئېغىز باھانە-سەۋەپلەر بىلەن ئالدىمغا ئۆتۈپ تۇرىۋېلىۋاتىدۇ...
-خۇدايىم پىشانىسىگە نىمىنى پۈتكەن بولسا تارتماي ئىلاجى يوق خوتۇن.خۇدايىم كۆڭلىگە ئىنساپ بەرمىسە ئۆيگە سولاپ قويۇپ باقساقمۇ بىكار.ئاپامغا يەنە چۈشەندۈرۈڭلار ئەگەر يەنە تەتۈرلۈك قىلىپ تۇرۋالسا ھەممە گۇناھنى ماڭا ئارتىپ قويۇڭلار مەن قىزىمنى دۈشەنبە كۈنى ناھىيىگە ئاپىرىپ قويىمەن.
بىر تالاي تالاش-تارتىش ،قىيداش،سۈكۈت ئۇرۇشلىرىدىن كىيىن دادىسى يېڭىپ چىقىپ زىبانى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىغان بولۇشتى.ئۇلار مېڭىشتىن بىر كۈن بورۇن مومىسى ئۇنىڭ  بىلەن بىر كېچە بىللە يېتىپ كىرپىك قاقماي ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ،يۈزلىرىگە سۆيۈپ،قانماي ھىدلاپ،يىغلاپ ئولتۇرۇپ اللاھتىن بەختىنى تىلىدى. بامداتتىن كىيىن زىباغا قىيماي ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى ۋە؛
-قىزىم، مەندىن،ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ يات يەرلەرگە قەدەم باسماقچى بولىۋاتىسەن.ساڭا نەچچە ئېغىز گەپ يوللۇق تۇتاي ئوبدان بالام چوقۇم مەڭگۈ قولىقىڭدا تۇتقىن-دىدى موماي،يىغىدىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ،تىترەڭگۈ ئاۋازدا.
-ماقۇل موما-دىدى زىبامۇ يىغلاپ تۇرۇپ.
-جېنىم بالام،خىېنىم بالام.سېنى ئاللاھ ئىگەمگە ئامانەت قىلدىم،تىلى ياماننىڭ تىلىدىن،كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن ساقلىغاي.ئەمدى سېنى قاچانمۇ كۆرەرمەن ھە؟
-خاتىرجەم بولىڭە موما،تەتىلدە ،دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مىنى ئالغىلى بارىسىزغۇ؟
-ئۇغۇ شۇنداق جېنىم بالام ھاياتلا بولسام سېنى يوقلاپ بېرىپ،ئاراملىرىڭدا ياندۇرۇپ كىلىمەن.
-بايا گېپىم بار دىۋىدىڭىز دەڭە موما؟نىمە گەپلىرىڭىز بار؟
-بالام،دەپ گېپىنى باشلىدى موماي ياشلىرىنى لىچىكىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ،-قىز بالىنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى،ئىپپەت-نۇمۇسى ۋە شەرمىي –ھاياسىدۇر.مەيلى نەدىلا بول چوقۇم بۇ بايلىقلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇچى بولما،ئۇلارسىز خار-زەبۇن بولىسەنكىن ھىچ يەردە ھۆرمىتىڭ بولمايدۇ.كۆپ دوست تۇتما،ئېسىڭدە بولسۇنكى قىز بالىنىڭ ھەقىقى دوست تاپمىقى تولىمۇ مۈشكۈل،ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلىدۇ،ئىنسان ئۇزۇن يىلدا دىگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان،باشقىلارنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ھەرگىزمۇ دوستلۇق دەپ چۈشىنىپ ئالدىراپ قوبۇل قىلىپ ئىچ سىرىڭنى تۆكمە.ئىنسانلارنى ئازدۇرغۇچى ئىبلىس شەيتانمۇ ئەۋۋال دوستۇڭ سۈپىتىگە كىرىۋېلىپ سېنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ خاتا يولغا ئىختىيارىڭسىز باشلايدۇ.(غورا،ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولۇر)دىيىلگىنىدەك ئادەمنى ئادەم بۇزىدۇ بالام،ئۆزۈڭدىن باشقا ھىچكىشىگە ئىشەنمە!بىلگىنكى ھىچكىشى سېنى ئۆزۈڭدىن ئارتۇق ياخشى كۆرمەيدۇ.ھازىرقى قىزلاردا توي قىلماي تۇرۇپلا يىگىتلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغان،تېخى شەھەرلەردىكىلەردە نىكاھسىز بىر ئۆيدە تۇرىۋېرىدىغان ئىشلار ئەۋج ئېلىپ كىتىپتۇدەك.شۇلار نىمىشقا ئويلىمايدىغاندۇ دەيمەن؟ئەينى زامانلاردا قىزلار كېچە تۇرماق كۈندۈزىمۇ يالغۇز سىرتلارغا چىقمايتتى،ئاتا-ئانىسىنىڭ رۇخسىتىسىز بۇسۇغا ئاتلىمايتى،شۇ چاغلاردا يىگىتلەر قىزلارنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ دەپمۇ ئاڭلىمايتۇق،قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىدىن شۈنچە ئەيمىنىشەتتى،ھەقلەپ-نىكاھلاپ تويى بولغاندىن كىيىنمۇ مىھمان كىشىلەردەك بىر-بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشىپ ئۆتۈشەتتى(ئاجرىشىپتۇ)دىگەن گەپنىمۇ ھازىرقىدەك كۆپ ئاڭلىمايتۇق.مانا ھازىر ئەركىن مۇھەببەتلەشتۇق دەپ ئەل-جامائەتنىڭ كۆزىچىلا بىللە مېڭىشىپ كىتىۋاتقان،تېخى ئاڭلىسام مۇھەببەت دىگەن تەشەببۇسكار،ئەركىن بولىشى كېرەك دەپ يىگىتلەرگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ سۆز ئېچىۋېرىدىغان قىزلارمۇ بارمىش.توۋا-توۋا بۇ جاھان ئۆزگىرىپ ئەر بىلەن ئايالمۇ ئالمىشىپ قېلىۋاتىدۇ،ئارقىسىدىن قارىسا ئەر-ياكى ئاياللىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان كىيىنملەرنى كىيىشىۋالغىنىنى ئاز دەپ ،خۇتۇنۇم بوزەك قىلدى ،ئاجرىشىمەن دەپ ئەرز قىلغىلى بارىدىغان ئەرلەرمۇ باركەن.-ھېلى ئۆيگە بارغاندا دىيىشىلى ھە؟ئەدىپىڭنى قانداق بېرىمەنكىن،دەپ چىمچىلاقتەك ئايالى ھۈرپەيسە قوتازدەك ئەركىشىنىڭ شۈمشىيىپ بالىسىنى قولتۇقلاپ خۇتۇنىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم تېخى.ۋاي...بالام يەنە جىق گەپ قىلىپ كەتكىلى تۇردۇم،بېشىڭنى ئاغرىتىپ،ئەمدى باشقا گىپىممۇ يوق،ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:ئالتۇن سىرلىقلىقى ۋە ئېغىرلىقى بىلەن قىممەتلىك،ئۇچۇق –ئاشكارا نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،بولسىمۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ،شۇڭا ئەۋرەتلىرىڭنى ھەرگىز يېرىم-ياتا ئوچۇق قويىدىغان ئىشلارنى قىلما،ھالاللاپ بىرسىنىڭ نىكاھىغا ئۆتمىگۈچە ھېلىقۇدەك مۇھەببەتلىشىپ يۈردىغانلارنى دورىمىغىن جېنىم بالام،ماڭا ۋەدە بەرگىن.
-ماقۇل موما،گەپلىرىڭىزنى چوقۇم ئېسىمدە تۇتىمەن.سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،ھەرگىز يىغلىماڭ.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىبا ئوتتۇرا مەكتەپكە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ دەرسلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىپ ئوقۇتقۇچى-ئۇستاز ۋە ساۋاغداشلىرىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرۈپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى.ھېيت-بايرام،تەتىل كۈنلىرى مەكتەپ ئالدىغا چىقىپ مومىسىنىڭ مۇلايىم ئىشىكى قېتىلغان ھارۋىنىڭ ئالدىدا ئۇنى كۆرۈپلا لېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ كىلىدىغان ھالىتىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ ساقلايتتى .ھارۋىغا چىقىپ تاكى ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە ئۇلارنىڭ گېپى تولىمۇ قىزغىن داۋاملىشىپ ئىككى ئاجىزەنىڭ چېھرىگە كۈلكە يامراپ،دىللىرى لەرزىگە كىلەتتى.زىبا ئاخشىمى مومىسىنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ تۇنۇش ھىدلىرىنى پۇراپ قېنىپ-قېنىپ ئۇخلاپ كىتەتتى.ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ بولغۇچە مومىسى ئۇ ئەڭ ئامراق تۇخۇم تۈرمىلى بىلەن قايماقلارنى تەييارلاپ قويۇپ ئۇنىڭ بېشىدا ئويغىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇراتتى ۋە ئۇ ئويغىنىشى:
ئاق كەپتەرمۇ ئۇنلەيدۇ،كۆك كەپتەرمۇ ئۈنلەيدۇ،زىباخان دىگەن ھورۇن كۈن چۈشكۈچە ئۇخلايدۇ.دەپ قوشاق قېتىپ ئۇنىڭ مەڭزىلىرىنى چىمدىپ ئەركىلىتىپ كىتەتتى .
-ئىۋرىققا نەچچە قېتىم سۇ تەڭشەپ بولدۇم،مېڭە ئوغلىقىم بۇ قېتىمقىسى سوۋۇپ قالماستا يۈزىڭىزنى يۇيۇۋېلىڭ،دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، تاتلىق ھومىياتتى.
زىبا مومىسىغا مۇئەللىملىرى ۋە ساۋاغداشلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىۋېتىپ بىرەر ئوغۇل ساۋاغدىشىنىڭ  ئىسمىنى  چىقىرىپ قالدىمۇ بولدى،موماي ياندۇرۇپ-ياندۇرۇپ سوراپ ئۇنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ،خۇدۈكلەندۇرىۋىتەتتى.
ـجېنىم موما؟بولدى قىلىڭە؟ئىككى يىل ئاۋال ماڭغىنىمدا دىگەن گېپىڭىزنى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ قالمايمەن.ئۇنداق نەدىكى گەپنى قىلىپ ئادەمنى قورقۇتمىسىڭىزچۇ؟
ـجېنىم بالام ساڭىغۇ مىڭ مەرتىۋە ئىشىنىمەن،لېكىن قىز بالا دىگەن خام گۆش سەللا بىخەستىلىك قىلسىلا  پۇراپ قالىدىغان گەپ....
-موما...دەپ ئەركىلەپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى زىباـ بولدى قىلسىڭىزچۇ؟
-كىلەر يىلى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرىسەن،شۇ چاغدا داداڭ بىلەن يەنە بىر مەسلىھەتلىشىپ باقساق ئەگەر سېنى يەنىلا داۋاملىق ئوقۇتىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالسا بۇ ئۆي-ۋاقنى سېتىۋېتىپ مەكتىپىڭگە يېقىنراق جايغا كۆچۈپ بارايمىكىن دەيمەن.
-راستما موما؟!
-راست بالام راست،بۇ يەردە تارتۇشقۇدەك ئەلە-مەلە،خۇلۇم قوشنىدىن باشقا جان كۆيەر قېرىنداشلىرىممۇ بولمىغاندىكىن،ئاخىرقى ئۆمرۈمدە سېنى كۈندە كۆرۈپ،ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراي،دەپ ئويلىدىم كىيىن ھامىنى خەقنىڭ ئۆيىگە كىتىسەن ئۇ چاغدا كۆرەي دەپ كۆرەلەمدىم يوق،ئۇنىڭغۇچە مەن بارمۇ-يوق،بۇنى ياراتقان ئىگىمىزلا بىلىدۇ.
زىبا مومىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى،مومىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن يالغان سۆزلەۋاتاتتى.ئىلگىرى ئاتا-ئانىسى مومىسى ئىككەيلەننى بىرگە ئېلىپ كىتىش ئۈچۈن جىق تەكلىپلەرنى بېرىپ ،ئۆتۈنۈشكەن  بولسىمۇ موماي بىر ئۆمۈر ھەمرا بولۇپ ياشىغان خوشنا-خۇلۇملىرىدىن ،تۇغۇلۇپ –ئۆسكەن مەھەللىسىدىن،قەدىناسىنىڭ قەبىرىسىدىن .....ئايرىلىپ ھىچيەرگە بارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەسكىن رەت قىلىپ  تۇرىۋالغان ئىدى.مانا ئەمدىلىكتە زىبا ئۈچۈن،ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن....ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ياشىنىپ قالغاندىكى مۇساپىرچىلىققا تەۋەككۈل قىلماقچى بولىۋاتاتتى.
شۇ كېچە زىبا پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى.ئۆزى ئۈچۈن بۇنچە چوڭ بەدەل تۆلىمەكچى بولىۋاتقان مومىسىنىڭ بۈگۈنكى ئىلاجىسىز ھالىتىنى  ئويلىسىلا ئۇنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلەتتى ۋە ئۆز-ئۆزىگە-جېنىم موما،مەن مەڭگۈ سىزدىن ئايرىلمايمەن،مەڭگۈ سۆزلىرىڭىزنى ئەستىن چىقارمايمەن،چوقۇم ھالىڭىزغا يىتىپ ،خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۆتىمەن...دەپ پىچىرلايتتى.
  

داۋامى بار。。。。
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:

كىيىنكى ئۇقۇش مەۋسۇمى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،دۆلەت بايرىمى يىتىپ كەلدى ھەپتىلىك دەم ئېلىشتا ئالغىلى كەلمەكچى بولغان مومىسى ئۇنى ئالغىلى كەلمىدى.ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تىت-تىت بولۇپ خېلى ئۇزۇن تۇردى ۋە مومىسى تۇرۇشلۇق مەھەللە دوقمۇشىدىكى بىردىن بىر تىلىفۇن ئورنىتىلغان تۈرلۈك ماللار دۇكىنىغا تىلىفۇن قىلىپ مومىسىنى چاقىرىپ قويۇشنى ئۈتۈندى.دۇكانچى ئايال ماقۇل بولۇپ كىتىپ ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن تېلىفۇننى زىبانىڭ ئانىسى قايتۇردى ۋە(بالام سىز مومىڭىزنى ساقلىماي ،ئۇدۇل ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇڭ،بىز ئەتىگەن كەلگەنىدۇق،ھازىر مومىڭىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدۇق،قالدى گەپلەرنى ھېلى دىيىشەيلى)دىدى زەئىپ ئاۋازدا.
زىبانىڭ يۈرىكى قانداقتۇر بىر ۋەھىمە بىلەن ئاغزىغا تىقىلىپلا قالدى.ئۇ تىلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇپ دوختۇرخانا تەرەپكە يۈگۈردى.
دەرۋەقە ئۇنىڭ يۈرىكى تۇيغان،لېكىن ئىشىنىشكە پېتىنالمىغان رىئاللىق ئاخىرى يۈز بەردى..
ئۇنىڭ غەمگۈزار،مىھرىبان مومىسى زىبا دوختۇرخانا ئالدىغا كىلىپ يامغۇردەك ياشلىرىنى ئۇنىڭ ئالقىنىغا تۆكىنىدە،دوختۇرخانىغا ئەكىرىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.
زىبا مومىسىنىڭ مىيىتىنى ئېلىپ ماڭغاندا ھېچكىمنىڭ توسۇشىغا قارىماي،تاۋۇت ئارقىدىن پىغانلىق ياشلىرىنى تۈكۈپ تاكى پۇتلىرىدا ماغدۇر قالمىغۇچە يۈگۈردى.

ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ ئەينىكىدىن ئاخىرقى رەت بالىلىقى ئۆتكەن ئانا سەھراغا مۇڭ بىلەن قاراپ ئولتۇرغان زىبانى تەغدىر ئەمدى مۇشۇ يوللار بىلەن قايسى قىسمەتلەرگە باشلاپ ماڭغىنى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ.ئاتا-ئانىسى مومىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپلا غېرىپ قالغان ھويلىنىڭ دەرۋازىسىغا سوغۇق قۇلپىنى سېلىپ قويۇپ ئۇنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كەلدى.بۇ يەردە ئۇنى كۈتىۋالغىنى ،يېڭىچە ئائىلە،يېڭىچە مۇھىت،..ئۇ يىتىرقاش ۋە تېقىرقاش ئىچىدە شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان يېڭى مەكتىپىگە قەدەم باستى.
ساۋاغداشلىرىنىڭ ئۈستى-بېشىغا مەسخىرىلىك قاراپ مەنسىتمەسلىك بىلەن بىر-بىرىگە ئىشارە قىلىشلىرىدىن ئۇ ئەتىگەن ئانىسىنىڭ(قىزىم ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋېتىپ،چېچىڭىزنى چىرايلىق بوغۇپ قوياي)دىگىنىگە ئۇنىمىغىنىدىن سەل ئۆكۈندى.بۇرۇنقى مەكتىۋىدىكى ئەركىن،ئۇچۇق مىجەزى بارغانسىرى جىمغۇرلىشىپ كەتكەن زىبا ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى.مومىسىنى،يېزىدىكى شادىمان بالىلىقىنى،مەكتىپىدىكى سەمىمى-ساددا،ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ تۇرىدىغان ساۋاغداشلىرىنى سېغىناتتى.دەسلىپىدە ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك تىكىلگەن كۆزلەر ئۇنىڭ دەرسلەردىكى ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈپ ھەيران ۋە قىزىقىش بىلەن ئاغدۇرىلىدىغان بولدى.ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى.پۈتۈن زېھنى بىلەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىشقا تىرىشتى.لېكىن،ئۇ مەيلى ئۆيدە بولسۇن ياكى مەكتەپتە بولسۇن ھامان نىمىدۇر بىر نەرسىسىنى يۈتۈرۈپ قويغاندەك غېرىپسىناتتى،خىيالچان كۆزلىرى ھەردەم بىرەر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالاتتى.
ئاتا-ئانىسىنى ئەتىگەنلىك ناشتىدا كۆرگەندىن سىرت ئانچە كۆپ ئۇچراتمايتى،ئاخشىمى ئۇ تەكرار قىلىپ خېلى كەچلەردە ئۇخلاپ قالغۇچىلىك ئۇلارنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى.ئۇنىڭ مىھىرسىراپ كەتكەن دىلى ئانىسى بىلەن قانغۇدەك ئېچىلىپ-يېيىلىپ مۇڭدىشىش ئۈچۈن كۈتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئايىغى چىقماس توي-تۈكۈنلەر ئىگەنلىۋالاتتى.ناگاندا بىر ئۆيدە بىكار قالغان ئانىسى پەقەت كوچا ئايلىنىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا چىققاندىلا ئۇنىڭغا كۆپرەك ھەمرا بولغان ھىساپلىناتتى.بۇ مۇھىتلارغا ئۇ ئاستا-ئاستا كۆنگەنمۇ بولدى.
شەھەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچە ئادەتلىرىگە ئۇ ھەيران قالاتتى ۋە مومىسىنىڭ شەھەرلىكلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ مۇبالىغە بولماستىن تېخى ئازلا بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا دادا جەمەت تاغىسىنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىدا ئۇ ئانىسىنىڭ پىكرى بىلەن ئۆزىمۇ دىلىغۇل بولۇپ يۈرگەن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ چېچىنى كەستۈردى.تويدىكى ئۇرۇغ-تۇققانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنىڭ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇ قىلچە خۇشاللىق تاپالمىدى ۋە كېچىچە مومىسىنى چۈشەپ چىقتى،ئەتگىنى ئويغانغىنىدىمۇ مومىسىنىڭ(قىزىم ئالتۇنمۇ سىرلىقلىقى ۋە ئېغىرلىقى بىلەن قىممەتلىك،ھەرگىزمۇ ئەۋرەتلىرىڭنى ئېچىپ يۈرمىگىن)دىگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمىدى.مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا ئۇ يەنە ياغلىقىنى چىرايلىققىنە قىلىپ چىگىۋالدى.

داۋامى بار...
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە يېرىم كېچىگۈچە ئۆگۈنۈش قىلىۋاتقان زىباغا ئانىسى قاتار چېيىدىن قايتىپ كىلىپ بىر ئىستاكان قىززىق چاينى ئەكىرىپ بېرىپ باشلىرىنى سىلىۋىدى،ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئولاشتى،ۋە ئانىسىدىن نەچچە قېتىم سورىماقچى بولغان لېكىن پۇرسەت كەلگەندە دىيەلمەي،دەي دىگەندە پۇرسەت كەلمەي يۈرگەن سۇئالنى سورىدى.
-ئانا مەن نىمىشقا يالغۇزلا بالا؟
ئانىسى،دەقىقە ئىچىدە ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى ۋەكۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ ئولتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-دادىڭىز ئىككىمىز يېڭى توي قىلغاندا خىزمەت بېسىمىمىز ھازىرقىدىنمۇ ئېغىر ئىدى.شۇڭا مەسلىھەتلىشىپ كېچىكىپرەك بالىلىق بولۇشنى نىيەت قىلغان بولساقمۇ سىزگە ھامىلدار بولۇپ قالدىم.بۇ يەردە ئىچ كۆيەر يېقىنلىرىم بولمىغاچ،دادىڭىزنىڭ خىزمىتىمۇ ئالدىراش بولغاچ،ئانامنىڭكىگە بېرىپ بالىنى چۈشۈرگۈزۈپ شۇ يەردە ساقىيىپ كىلەي دەپ ئىدارىدىن 15 كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ مومىڭىزنىڭ يېنىغا باردىم.مومىڭىز ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن بەك خاپا بولدى ۋە:
-ئېغىرىنى يەر كۆتۈرىدۇ،رىزقىنى ئاللاھ بېرىدۇ،قاراپ تۇرۇپ بىر جانغا زامىن بولساق قانداق بولىدۇ؟بالىغا قاراشتىن ئەنسىرىسەڭلار تۇغۇپلا ماڭا بېرىڭلار بولدى ئۆزۈم بېقىپ قاتارغا قۇشىمەن،دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.مومىڭىزنىڭمۇ مەندىن باشقا بالىسى بولمىغاچ نەۋرە يۈزى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
مەن ئىلاجىسىز قايتىپ كىلىپ خىزمىتىمنى ئىشلەپ،تۇغۇتۇم يېقىنلاشقاندا مومىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىپ يەڭگىدىم ۋە قىرقىڭىز تۇشىشى سىزنى ئانامغا قالدۇرۇپ قۇيۇپ قايتىپ كەلدىم.كىيىن ئارقا-ئارقىدىن نەچچە رەت بالا چۈشۈرگۈزگەنلىك سەۋەبى بىلەن دوختۇر ئەمدى قايتا بالىلىق بولالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتى،يىغلىدىم-قاخشىدىم،پۇشايمانمۇ قىلدىم ئورنىغا كەلمىدى.سىزنى يېنىمىزغا ئەكىلىۋېلىشقا تېخى مۇمكىن بولمىدى.ئۆزۈمنىڭ يالغۇز قىزلىقىمنى ئاز دەپ سىزنىمۇ يالغۇز قىز قىلىپ قويغىنىمنى ئويلىسام يۈرەكلىرىم پۇچۇلىنىپ كىتىدۇ جېنىم بالام.
ئانا-بالا ئىككەيلەن شۇ كۈنى خېلى ئۇزۇنغۇچە مۇڭدىشىپ،تۇنجى قېتىم بىللە يېتىپ قېلىشتى.


داۋامى بار......
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:08:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم قويغان زىبا بارغانسىرى تولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۆزىچە نىمىدىندۇر تەشۋىشلىنەتتى.چوڭ بولدى دىگەن گەپ،ئەمدى ئۇقۇشنى تۈگىتىدۇ،خىزمەتكە چۈشىدۇ،ئائىلە قۇرىدۇ...دىگەن گەپ.ئۇنىڭ پىشانىسىگە قايسى كەسىپ ،قايسى يىگىت پۈتۈلگەندۇ ھە؟ئۇ دائىم مۇشۇلارنى خىيالەن پەرەز قىلاتتى.
ئالى مەكتەپنىڭ راستىنلا ئۆزگىچە بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئۇ چۈشىنىپ يەتتى.بەزى قىز-يىگىتلەر مەخسۇس مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈن كەلگەندەكلا ئالدىراش جۆرە ئىزدەشكە كىرىشىپ كىتەتتى.بەزى چەت جايلاردىن كەلگەن قىزلار شۇنچە تېزلىكتە شەھەر قىزلىرىغا ئوخشاش ياسىنىشقا تىرىشىپ ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئاشۇرىۋىتەتتى،ئەلۋەتتە پۈتۈن زېھنىنى ئوقۇشقا بېرىپ،قېتىقىنىپ ئۆگىنىدىغان،تۇرمۇشتا ئاددى-ساددىلىقىنى ساقلاپ ئەتراپىدىكىلەرگە پەرۋامۇ قىلمايدىغان ئۇقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى.
-يائاللا،-دەپ گەپ باشلايتتى تەنەپپۇستا چىقىپ كىتىۋاتقان قىزلارنىڭ كەينىدىن ھەيرانلىقتا قاراپ ئولتۇرغان كورلىلىق قىز سەلىمە،-(سەھرالىق ئۆزگەرسە بىراقلا ئامرىكىلىققىلا ئۆزگىرىدىكەن جۇمۇ؟)تۈنۈگۈن كەلگەندە بېشىدا ياغلىق ئۈچىسىدا گۈللۈك كۆينەك،ئاستىدا تور تۇتقان ئىشتان كىيىۋالغانلارنىڭ بۈگۈن قارىسا چاچلىرى ساپ-سېرىق،قوڭىدا نىيۇزەيكۇ!
ئاتا-ئانىسى مىڭبىر جاپادا يىمەي-ئىچمەي ئىقتىساد قىلىپ خۇددى بالىسى ئالى مەكتەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان مەلھەم دورا بولۇپ قايتىدىغاندەك ئۈمىد بىلەن ئەۋەتكەن ئاشۇ پۇللارنى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغاندىلا قانداق كىيىم-كېچەك،زىبۇ-زىننەت،گىرىم بويۇمى ..ئېلىش ھەققىدە چوت سوقۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلسە ھە؟!ئوغۇللىرىنىڭ قايسى قىزغا نىمە ئېلىپ ئىندەككە كەلتۈرۈش،كەچتە قايسى سورۇنغا بېرىپ،قايسى ئىچىملىك بىلەن قايسى چىكىملىكنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلسە ھە؟!پۇلنى ئېلىپ نەچچە كۈندىلا پاختىكىنى ئۇچۇرۇپ بولۇپ، تېشى پال-پال ئىچى غال-غال،قوساق ئاچ،پۇتلىرىدا ماغدۇر يوق ،شۈمشەرەپ يۈرگىنىنى بىلسە ھە؟!
زىبانىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى،دادىسى مەلۈم ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرى،ئانىسى دوختۇرخانىدا سېستىرالار باشلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يالغۇز بالا.ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا يىتەرلىك ۋاقتىنى،مىھرىنى،بېرەلمىگىنى بىلەن ئىقتىساد جەھەتتىن تولىمۇ مەرتلىك قىلىشاتتى.ئۇلارمۇ بەلكىم قىزىغا بولغان مىھىر قەرزلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا قايتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقاندەكلا ئىدى.لېكىن زىبا كىچىكىدىن يىتىلدۈرگەن ئاددى-ساددىلىقىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن بولۇپ،ياسىنىپ-تارىنىشقا،ھەشەمەتخورلۇق ،ئىسراپخورلۇق قىلىشقا قىزىقمايتتى.بىرلا يېرى ئۇ سىنىپتىكى بەزى قىزلارنىڭ تالاي دەۋەتلىرى بىلەن باشتا قەتئىي قوشۇلمىغان بولسىمۇ ئۇنى ئىچ-ئىچىدىن غېرىپسىندۈرىۋاتقان يالغۇزلۇقىغا تەسەللى تېپىۋالغاندەك قىلاتتى.ھەپتە ئاخىرى سىنىپتىكى ۋە باشقا سىنىپتىكى(مىجەزى چىقىشىدىغان)قىزلار بىرلىكتە چايخانا،قەھۋەخانىلارغا بېرىپ ،رومانتىك مۇزىكا،كەيپىيات كۆتۈرگۈچى ئىچىملىكلەرنىڭ تەمىنى تېتىغاچ ،ئالىتاغىل توۋلىشىپ(ئىچىنى بوشىتىپ)قايتىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدى.بەزى دەم ئېلىش كۈنلىرى كەچلىكى قىزلار (پۇلىمىز قالمىدى،بۈگۈن بارمايلى...)دىيىشىپ قالسا ئۇنىڭ كۆڭلى ھامان ئاشۇنداق يەرلەرنى تارتاتتى.بولۇپمۇ كەچلىكى ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرغاندا خۇددى ئاشۇنداق سورۇنلارغا بارسىلا ئۆزىگە تەئەللۇق ھەممە نەرسىگە ئېرىشىدىغاندەك تاقەتسىزلىك بىلەن ئىنتىلەتتى.بەزىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوستلىرىنى ئۆزى تەكلىپ قىلىپ سورۇن تۈزەتتى،بۇنداق چاغلاردا دوستلىرى ئۇنىڭ ئىلتىپاتىدىن سۈيۈنۈپ،ئۇنىڭ مەرتلىكىنى ماختاپ،ئۇچۇرغانسىرى ئۇ شۇنچە ھوزۇر ھىس قىلاتتى.شۇنداق ھوزۇردىن تارقاپ قايتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆيگە بالدۇر قايتقان دادىسىغا يولۇقۇپ قالدى.ئىشىكتىن كىرىپلا دادىسىنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭ پۇت-قولى تېخىمۇ قولاشماي قالدى ۋە مىڭ تەستە ھوجرىسىغا ئۆزىنى ئاتتى.تاڭ سەھەرلىكتە كېچىلىك ئىسمىنىدىن كەلگەن ئاپىسىنى دادىسىنىڭ قاتتىق كايىپ كۈتۈۋېلىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ قورقىنىدىن يوتقىنىنى چىڭ قۇچاغلاپ تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى ئاپىسى ئىشىكتىن خۇددى قىزىنى ئۇزۇن يىل كۆرمەي تۇنىيالمايۋاتقاندەك ھەيرانلىق نەزەرى بىلەن كىرىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى....

داۋامى بار......
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇندىن كىيىن ئۇ كۆپ ئويلاندى.ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن نۇمۇس ھىس قىلىپ ئەمدى ئۇنداق يەرلەرگە بارماسلىقنى قارار قىلىپ،دىققىتىنى قايتىدىن ئۆگۈنۈشكە قاراتماقچى بولدى،لېكىن نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ كاللىسىغا بۇرۇنقىدەك دەرسلەر چۈشمەيتتى.ئانىسىمۇ پۇرسەت تاپسىلا ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدىغان،كېچىلىك ئىسمىنا ئىشلىسىمۇ كۈندۈزى ئانچە ئۇخلىماي ئۇنىڭ ئامراق تاماقلىرىنى رۇسلاپ ئۇنىڭ كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان،دەم ئېلىشلىرىدا ئۇنىڭ كىتاپخانا،باغچىلارغا،كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ چۆگىلىتىدىغان بولدى.دادىسى شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇنىڭغا ئانچە چىراي ئېچىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ھەرھالدا چاندۇرماي،ئۇنى بىرەر نەرسىنى كۆرۈشۈپ بېرىش باھانىسىدە بولسىمۇ ماشىنىسىغا سېلىۋېلىپ ئايلاندۇرۇپ كىلىدىغان بولدى.
كەچ كۈزدىكى سالقىن بىر ئاخشىمى مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كىتىۋاتقان زىبانىڭ نىمە ئۈچۈندۈر كوچا ئابدۇبۇسىغا چىققۇسى كەلمىدى،ئۇ يوپۇرماقلارنىڭ ئايىقى ئاستىدىكى شىۋىرلاشلىرىغا قۇلاق سالغاچ خىياللارغا بەنت بولغان ھالدا پىيادە كىتىشنى ئويلاپ يېقىن يول بىلەن ئۆي تەرەپكە كىتىۋاتاتتى.چوڭ كوچىدىن تار كوچىغا بۇرۇلىشىغىلا ئۇنىڭ بۇرنىغا مىزىلىك تاماقلارنىڭ ھىدى ئورۇلدى.ئۇ تېز تاماقخانىلاردىن بىرىگە كىرىپ ئازراق بىرنەرسە يەۋېلىپ قايتىشنى ئويلاپ،دېرىزىلەردىن قاراپ كۈزەتكەندىن كىيىن ئۆزىگە ياققان تېز تاماقخانىدىن بىرگە كىردى.تاماقخانىدا ئۇنىڭدىن باشقا يالغۇز تاماق يەۋەتقان بىرەرسىنىڭ يوقلىقى ئۇنى سەل بىئارام قىلدى ۋە ئەتراپى سۈنئىي گۈللەر بىلەن ئورۇلۇپ ئايرىمخانە سىياقىدا توسۇلغان بىر ئۈستەلگە كىلىپ ئولتۇرۇپ تاماق بۇيرۇتتى.
-خېنىم بۇ ئاشقان پۇلىڭىز.تاماق ھازىر چىقىدۇ،قېنى چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇڭ.-زىبا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدا ئەدەپ بىلەن  كۈلۈمسىرەپ تۇرغان يىگىتكە مۇنداقلا نەزەر تاشلاپ قويۇپ قولىدىكى كىتاپقا قايتىدىن كۆز يۈگۈرتۈپ ئولتۇردى.
ئۇ تاماقنىڭ شۇنچە ئۇۇزندا چىقمىغىنىغا سەل جىلە بولۇپ پىيالىدىكى چاينى ئوتلىغاچ  سۇلياۋ يۇپۇرماقلار ئارىسىدىن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى.ياندىكى ئۈستەلدە بىر جۈپ قىز-يىگىت ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى،ئاۋازلىرى تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۈنلۈك چىقىپ كەتكىنىدە ئەتراپىغا ھەييارلىق بىلەن قاراپ ئېغىزلىرىنى ئىتىشىپ كۈلۈشۈپ كىتەتتى،زىبا ئۇلارنىڭ ئۈستىلى ئۈستىدە ئىككى خىل قورۇما ۋە پىۋا بارلىقىنى كۆرۈپ،ئۇلارنىڭ ئۇنچە ئېچىلىشىپ كەتكىنىنىڭ تىگىگە يەتتى ۋە.شۇ تاپتا ئۆزىنىڭمۇ بىرەر بوتۇلكا ئىچكۈسى كەلدى....
كۈتكۇچى يىگىت تاماقنى ئەكىلىپ ئەدەپ بىلەن ئۈستەلگە قويۇپ:
-باشقا نەرسە لازىممۇ؟-دەپ سورىدى .
(نىمە دىسەم بولار؟بىر بوتۇلكا پىۋا ئەكىلىپ بېرىڭ دىسەم بۇ بالا قانداق ئويلاپ قالار ھە؟ئىسىت ئۇيغۇر بولمىغان بولسىچۇ،دەۋېرەتتىمدە...)دىگەنلەرنى ئويلىغان زىبا كۈتكۈچى يىگىتكە مەخسەتسىز خېلى ئۇزۇن تىكىلىپ تۇرۇپ كەتتى .
ئۇنىڭ بىرەر تاپشۇرۇقى بارلىقىنى پەملىگەن يىگىتمۇ يا كىتەلمەي،يا ئۇنىڭدىن يەنە گەپ سوراشقا پېتىنالماي قاراپ تۇراتتى.
-پىۋىدىن بىر بوتۇلكا ئەكىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.-دىدى زىبا بوش ئاۋازدا  كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ.
يىگىت دەقىقە ئىچىدە چىرايىدا پەيدا بولغان ھەيرانلىق ۋە نارازىلىق ئىپادىسىنى دەرھال ئوڭشاپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا كىتىپ قالدى ۋە بىر ھازادىن كىيىن بىر بوتۇلكا پىۋىنى ئەكىلىپ ئۈستەلگە قويدى.
-ئاغزىنى ئېچىپ بېرەيمۇ؟-دىدى يىگىت سەل تەنە تەلەپپۇزى ئارىلاش.
زىبا بېشىنى بىلىنەر-بىلىنمەس لىڭشىتتى،يىگىت بوتۇلكا ئاغزىنى ئېچىپ قىزنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلگىنىچە ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى.
زىبا يىگىتنىڭ پوزىتىسيىسىدىن سەل پۇشايمان قىلىپ قالدى،(نىمىشقىمۇ دىگەندىمەن؟...)دىگەنلەرنى ئويلاپ بىرھازا ئارىسالدى بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدى ۋە يەنىلا جۈرئەت بىلەن پىۋىنى ئىستاكانغا لىقلاپ قويۇپ كۆتۈرىۋەتتى.  

داۋامى بار.....
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:09:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇندىن كىيىن ئارقا كوچىدىكى تېز تاماقخانىنىڭ بۇ ئايرىم خانىسى ئۇنى پات-پاتلا كۈتىۋالىدىغان بولدى.ئۇ پۇرسەت تاپسىلا بۇ يەرگە كىلەتتى،ئەگەر بۇ ئورۇندا باشقا مىھمانلارنىڭ ئولتۇرىۋالغىنىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ كەيپى مىڭ گەز ئۇچاتتى ۋە خۇيى تۇتۇپلا قالاتتى.خالا-خالىماس باشقا بوش ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئاددىلا غىزالىنىپ خۇددى قەرزىنى سۈيلەپ كىلىپ ئەلەم بىلەن قايتقان قەرز ئىگىسىدەك ئەلەم بىلەن ئۆيگە قايتاتتى.بۇ ئاددى خانىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ بىرەر ئىككى قۇتا پىۋە ئىچىۋالغىنىدا بولسا ناھايىتى روھلىنىپ دىمىقىدا غىڭشىغاچ خۇشال كەيپىياتتا قايتاتتى،لېكىن نىمىشقىدۇر ئۇ ئاشۇ تۇنجى رەت ئۆزىنى كۈتۈۋالغان كۈتكۇچى يىگىتتىن باشقا كۈتكۈچىلەرگە پىۋە بۇيرۇتمايتى،ئۇ يىگىتنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئەيىپلىك ئىشىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق،ئىشەنچلىك ئادىمىدەك ھىس قىلاتتى.يىگىتمۇ ئۇ كىلىپ ئايرىمخانىغا جايلاشقىنىدا ئامال بار ئۆزى بېرىپ ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ ،باشتا تاماق ياكى قورۇما ئارقىدىن پىۋا كەلتۈرەتتى(ئەلۋەتتە زىبانىڭ بۇيرۇتمىسىغا ئاساسەن).
زىبا ئۆيىدىكىلىرى ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بىلىپ قالغاندىن كىيىن خېلى دىققەت قىلىدىغان،ئىچسىمۇ ئۆزى يالغۇز ئازراقلا ئىچىپ بولدى قىلىدىغان بولغان ئىدى.

ئۇ ئالى ماكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئازلا قالغان مەزگىلدە دادىسى قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆنۈمى بولماي بىر پۇتىدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلىپ ئۆيدە يېتىپ قالدى.ئانىسى يىغلاپ-قاقشاپ يۈرۈپ ئۆيدە ئېرىنىڭ ،ۋە خىزمەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ پايپېتەك بولۇپ يۈرەتتى.
ئۇنىڭغا ئۆيگە قايتسىلا كەچكىچە (ئۇنى قىلىپ بەر-بۇنى قىلىپ بەر..)دەپ ئىڭراپ ياتقان دادىسى،‹‹قىزىم سىرتلاردا كۆپ ھايال بولماي دادىڭىزنىڭ ھالىدىن كۆپرەك خەۋەر ئېلىشىپ بەرسىڭىز،ئۆي ئىشلىرىغا ئانچە-مۇنچە ياردەملىشىپ بەرسىڭىز...››دەپ كۆتۈلداشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئانىسى بارغانسىرى سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بېرى ئوقۇتقۇچىسىمۇ‹‹بۇرۇن سىنىپ بويىنچە ئالدىنقى قاتاردىكى قىز ئىدىڭىز،بارغانسىرى سىزدە چۈشكۈنلۈك،ئىېرەنسىزلىك....ئېغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ،دەرسلەرگىمۇ قىزىقماسلا بولدىڭىز،سىز ئەسلى خېلىلا ئۈمىتلىك ئۇقۇغۇچى ئىدىڭىز.....››دىگەندەك كوتۇلداشلىرى ئۇنىڭ قۇلاق-مىڭىسىنى يەيدىغان،خۇشياقمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى.ئانىسىنىڭ كېچىلىك ئىسمىنا ئىشلەيدىغان ۋاقىتلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خوشاللىق ئىدى.‹‹مىجەزى چىقىشىدىغان››نەچچە دوستلىرى بىلەن يېرىم كېچىگۈچە كۆڭۈل ئېچىشقاندىن كىيىن ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ئۆزىنى ئوڭشاپ ئىشىكنى ئېچىپ غىپپىدىلا ھوجرىسىغا كىرىۋالاتتى ۋە ئەتىسى ئانىسى سۈرۈشتۈرگەندە‹‹دادام بەك بالدۇر ئۇخلاپ قاپتىكەن،ئۇ يالغان گەپ قىپتۇ››دەپلا گۆلىيىپ تۇرىۋالىدىغان بولدى.ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان پۇللار بارغانسىرى كېمىيىپ كىتىۋاتاتتى.دادىسىنىڭ خىزمەتتىن كېسەل سەۋەبى بىلەن بالدۇر چېكىنىشى ۋە كۆپ ۋاقىتلىرى داۋالىنىش بىلەنلا ئۆتۈشى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى سېتىۋېلىنغان ئۆينىڭ قەرزى تېخى تۆلىنىپ بولۇنمىغانلىقى سەۋەپلىك ئائىلىسىدە ھەممىدىن مول بولىدىغان ئۇنىڭ خىراجەتلىرى بارغانسىرى ئازىيىشقا باشلىدى.بۇرۇن ئۇ سورىمىسىمۇ ئۇنىڭغا زورلاپ پۇل بېرىدىغان ئاتا-ئانىسى ئەمدى ئۇ سورىسىمۇ بىرمۇنچە باھانە-سەۋەپلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ سىقاتتى.
ئۇ ئاچچىقىنى يەنىلا ھاراقتىن چىقىراتتى.بەزىدە يانچۇغىدىكى پۇلى پىۋىنىڭ ھەققىگە يەتمەي ھېلىقى كۈتكۈچى يىگىتكە قىزىرىپ-تاتىرىپ تۇرۇپ ‹‹ئەتە بىراقلا تۆلىۋىتەي››دەپ قايتىپ كىتىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ،ياكى مەرت دوستلىرى تەكلىپ قىلغان سورۇنلارغا كىم بىلەن،قەيەردە ،ئولتۇرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەي كىتىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولاتتى.
ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆزى يالغۇز ھېلىقى ئايرىمخانىغا كىرىپ پىۋە بۇيرۇتۇپ قانغۇدەك ئىچتى،ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ نىمىلەرنىدۇر غودۇراپ،كىملەردىندۇر ئاغرىنىپ يىغلاپ،ئىچىنى خېلى بوشاتقاندەك بولۇپ قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرغان بولسىمۇ پۇت-قوللىرى ئۇنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنماي قالغانىدى.ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئاياغ بوقىچىغا دەسسەۋېلىپ سەنتۈرۈلۈپ كەتتى ۋە بوقۇچىنى چىڭىتىش ئۈچۈن قايتا ئىڭىشكىنىدە قولايسىز بىر ھالدا يىقىلىپ چۈشتى،ئورنىدىن تۇرۇشقا شۇنچە كۈچەپ ھەپىلەشكەن بولسىمۇ ئۆزىنى باشقۇرالمايۋاتقىنىدا دەرىزە ئەينىكىدىن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇرغان كۈتكۈچى يىگىت يۈگۈرەپ چىقىپ ئۇنى يۆلىدى ۋە دائىم ئۇ قايتىپ كىتىدىغان تەرەپكە  ئېلىپ ماڭدى.

داۋامى بار....
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:10:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئۆيىڭىز قايسى تەرەپتە؟دەپ سورىدى يىگىت كوچىدىن چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە قىزنىڭ بىلىكىدىن چىڭ قاماللاپ تۇرۇپ.
ـمەن مەس ئەمەس،ئۆزۈم كىتەلەيمەن،مىنى قۇيۇپ بەر...دەپ ئالىتاغىل ۋاقىراپ كىلىۋاتقان  زىبا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ سەل جىمىپ قالدى ۋە:
-سولغا قايرىلساقلا يىتىپ بارىمىز،رەھمەت ئەمدى ئۆزۈم كىتەلەيمەن،دىدى.
يىگىت ئۇنىڭ بىلىكىدىن قويۇۋەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىىشىپ خېلى ماڭدى ۋە ئۇ دەلدەڭشىپ مېڭىپ ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كىتىپ زال ئىشىكىنى ئاچقاندىن كىيىنلا خاتىرجەم بولۇپ ئارقىسىغا ياندى.
ئەتىگەندە قاتتىق ئۇخلاۋاتقان زىبا تىلىفۇنىنىڭ توختىماي سايرىشىدىن تەسلىكتە ئويغاندى ۋە سىقىراپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى قاماللىغىنىچە تىلىفۇننى ئالدى:
-ۋەي،ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ،مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقىت بولدى.مېڭىشىڭىزدا دۇكانغا كىلىڭ ئاچچىق-چۈچۈك بىر نەرسە يەۋېلىڭ،سىزنى ساقلايمەن،خوش.
زىبا ئاڭقىرالماي بىر ھازا تۇرۇپ قالدى.ۋە ئېرىنچەكلىك بىلەن سائەتكە قارىۋېتىپ مىڭ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈزىنى سوغۇق سۇدا يۇيۇۋېتىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ،سۈتنى قاينىتىپ نان چىلاپ دادىسىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ قويۇپ،دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراشلىرىغا پىسەنتمۇ قىلماي سىرتقا ماڭدى.ئۇ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ساپ ھاۋادىن قانغۇچە سۇمۇرۇپ نەچچە رەت چوڭ-چوڭ نەپەس ئېلىپ كوچا دوقمۇشىغا كىلىشىگە ئۇ يەردە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان كۈتكۈچى يىگىتنى كۆرۈپ،ئاخشامقى ئىشلار خىرە  خىيالىغا كەلدى.
-بايىقى تىلىفۇننى سىز ئۇرغانمىدىڭىز؟نۇمۇرىمنى قانداق بىلدىڭىز؟،دەپ سورىدى ئۇ ئۆزىگە جىمجىت قاراپ تۇرغان يىگىتنىڭ يېنىغا كىلىپ.
-نومۇرىڭىزنى ئاخشام ئۆزىڭىز يېنىش-يېنىشلاپ دەپ بەرگەندە ئېسىمدە تۇتۇۋالغان ئىدىم.ئەتىگەنلىككە ئويغۇتۇپ قويۇڭ بولمىسا تۇرالماي قالىمەن دىگەنىدىڭىز شۇڭا...
-ھە رەھمەت سىزگە.
يىگىت گەپ قىلمىدى ئۇلار يانمۇيان مېڭىشىپ يىگىت ئىشلەيدىغان تېز تاماقخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى،يىگىت ئۇنى كىرىپ سۇيۇق ئاش ئىچىپ مېڭىشقا تەكلىپ قىلدى ۋە قىزىقچىلىق قىلىپ‹‹بۇ ناشتىلىقنىڭ پۇلى ماڭا ھىساپ››دەپ چاخچاق قىلدى.
شۇندىن كىيىن قىز بىلەن كۈتكۈچى يىگىتنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسىرى يېقىنلىشىشقا باشلىدى.كۆپىنچە ھاللاردا يىگىت قىزنىڭ ھاراق ئىچىشىنى چەكلەيتتى ۋە قىززىق گەپلەرنى قىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ چۈشكۈن دىلىنى ئېچىشقا تىرىشاتتى.
يىگىت زىبانىڭ ئەكسىچە بۇ دۇنياغا ئۈمىد بىلەن قارايتتى،كەلگۈسى ھەققىدە نۇرغۇن شىرىن ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىدى ۋە شۇلارغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشاتتى.
-مەن سىزدەك ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەن زىبا،سىز ھازىرقى مۇشۇ شارائىتىڭىزدىن رازى بولۇشىڭىز ۋە تولۇق پايدىلىنىشىڭىز كېرەك.سىزدە ھېچنىمە كەم ئەمەس،پەقەت سەگەك تەپەككۈر كەم،كىشىلىك ھاياتتىن،تۇرمۇشتىن ئاغرىنىپلا يۈرۈش،چۈشكۈنلىشىش ۋە ھەممىگە ئىتىۋارسىز قاراش سىزدىكى ئەڭ چوڭ كەمچىلىك.-دەپ گەپ باشلىدى يىگىت قىزغا سەمىمىلىك بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ،-ھەممىمىزگە ياشاش پۇرسىتى پەقەت بىر قېتىملا كىلىدۇ.ھەممىمىز ئۆزىمىز تاللىۋالغان ئۇسۇل بىلەن ھايات يولىمىزنى داۋام ئىتىمىز.مەيلى قانداقلا ياشايلى ھامىنى ئۆلۈپ كىتىمىز،قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كىتىمىز،بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈككە خوشلاشقىنىمىزدا ئەتراپىمىزدىكىلەر ئارمىنىمىزنى قىلغۇدەك،قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز دىللاردا يادلىنىپ تىللارغا ئېلىنغۇدەك.ئاخىرقى نەپسىمىزدە ئەلەم-پۇشايمان،نادامەتلەر گېلىمىزنى بوغمىغۇدەك ھالەتتە  ياشاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.سىز تېخى ئەمدى ئۇچۇم بولۇش ئالدىدا تۇرغان كىچىككىنە بىر قۇش بالىسى،گەپ سىزنىڭ تۇنجى ئۇچۇشىڭىزنى قانداق تاللىشىڭىزدا.قانات-قۇيرۇقلىرىڭىزنى ياخشى يىتىلدۈرۈپ،تولۇق تەييارلىق بىلەن يىراق مەنزىلنى نىشانلاپ ئۇچۇش ياكى ئالدىراقسانلىق ۋە بىپەرۋالىق بىلەن يېقىننىلا كۆزلەپ خىيالەن شىرىن چۈشلەرگە ئەگىشىپ بىخۇتلۇق ئىچىگە غەرق بولىشىڭىزدا.سىزدە ھەممە نەرسە تەل زىبا،لېكىن سىز ئۇنى كۆرەلمەي ھىس قىلالماي ھەممىگە نارازىلىق نەزەرىڭىزدە قاراۋاتىسىز.ۋاقىتلىق مەستخۇشلۇق ۋە ھوزۇردىن خۇدىڭىزنى يوقاتماقچى ۋە شۇنىڭدىن تەسەللى تېپىپ ياشىماقچى بولىۋاتىسىز.ۋاقىت ھامان سىزگە بۇ تاللىشىڭىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ،بىھۇدە ئۆتكەن پۇرسەتلىرىڭىز رەھىمسىز قوللىرى بىلەن ھامان گېلىڭىزنى بوغماي قالمايدۇ.مەن سىزدەك كۆپ ئوقۇمىغان لېكىن ھاياتقا ھەمىشە ئۈمىد بىلەن قارايمەن.تۇرمۇۇشمدىن ئاغرىنىپمۇ باقمىدىم.ئاللاھنىڭ ماڭا ياشاش ھوقۇقۇقىنى ئاتا قىلغىنىنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ ھىممەت ۋە پۇرسەت.مەن ئۆزلۈكسىز ئۆز ھايات يولۇمدا ئۆزۈم تاللىۋالغان نىشانىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.بۇ يولدا مەيلى قانچىلىك جاپا-مۇشەققەتكە،دىشۋارچىلىقلارغا ۋە بېسىم ،ئاھانەتلەرگە ئۇچراي بۇ مىنىڭ ياشاش يولۇمنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.نىشانلىرىمغا بولغان ئىزدىنىشلىرىمنى،تىرىشچانلىقلىرىمنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتەلمەيدۇ.
زىبا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانسىرى يېقىندىن بېرى تۇرمۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلىرىدىن ئۆكۈنۈش ھىس قىلىشقا ۋە خىجىل بولۇشقا باشلىدى.‹‹دىمىسىمۇ بىر مومىسىدىن ئايرىلغان مەنلىمىدىم؟ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھرىگە قانمىغان مەنلىمىدىم؟كەيىپ-ساپاغا بېرىلىپ مەستخۇش ئۆتكەن كۈنلىرىم مىنى چۈشكۈنلۈكتىن باشقا نىمىگە ئېرىشتۈردى؟..››دىگەنلەرنى ئويلىغانسىرى زىبانىڭ قەلبىدە ياشاشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق قايتىدىن لاۋۇلداشقا باشلىدى.
ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئاددى بىر كۈتكۈچى يىگىت بۇ دۇنياغا شۇنداق زور ئۈمىتلەر بىلەن ئىشەنچ بىلەن بېقىۋاتسا،ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىن ئاغرىنغۇدەك زادى نىمە ئاساسى بار؟
ئۇ شۇنىڭدىن كىيىن پۇرسەت تاپسىلا يىگىت بىلەن ئەسرا بولۇشۇپ ھاياتىدا يېڭى-يېڭى مەنالارغا ئېرىشتى.ئوقۇشقىمۇ قايتىدىن كىرىشىپ ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىنى يېڭىچە تۈس بىلەن بېزەشكە باشلىدى.
.ئۇ ئاخىرقى قىشلىق تەتىل قويۇپ بېرىلىشى بىلەنلا ئانىسى خىزمەت قىلىۋاتقان دوختۇرخانىغا پىراكتىكىغا چۈشتى.
يىگىتمۇ تېز تاماقخانىدا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا كەچلىك كۇرسلاردا ئوقۇپ ئىگەنلىگەن چەتئەل تىلى سەۋىيىسى بىلەن ئۆزگە يۇرتتىن كەلگەن سودىگەرلەرگە مال ئېلىشىپ بېرىپ سەمىمى مىجەزى ۋە ئوچۇق-يورۇق مۇئامىلىسى بىلەن بۇ كەسىپنىڭ خېلىلا ئوبدان نېنىنى يىيىشكە باشلىدى.ئۇلار كۈندە دىگۈدەك تىلىفۇنلىشىپ،ھال سورىشىپ ،كۈن ئاتلاپ دىگۈدەك يۈز كۆرۈشۈپ ،ئەسرالىشىپ ئۆز خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا مۇڭدىشىپ كىتىشەتتى.زىبانىڭ دادىسى ئۆزىگە تولىمۇ ئېغىر كەلگەن بۇ رىئاللىقنى ئاخىرى قوبۇل قىلىپ ئايالى ۋە قىزىنىڭ كۆپلەپ غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن  بارا-بارا مىجەزىدىكى چۇسلۇق ،بۇرۇقتۇملۇق ئەسلىگە كىلىپ يالغان پۇت سەپلەشكە قۇشۇلۇپ ،ئۇلار خىزمەتتىن كەلگۈچە بۇرۇنقىدەك تۇرۇسقا قاراپ ياتماستىن ئۆي ئىچىدە ئۆزى قىلغۇدەك ئىشلارنى قىلىپ،تاماقلارغا تەييارلىق قىلىپ تۇرىدىغان،ياشانغانلار پائالىيەت ئۆيىگە چىقىپ ئۇلپەتلىرى بىلەن قارتا-شاھمات ئوينايدىغان،تەڭتۈشلىرى بىلەن ئېچىلىپ-يېيىلىپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرىدىغان بولدى.
زىبا ئائىلىسىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان كۈلكە-چاخچاقلىق خۇشال تۇرمۇشتىن تولىمۇ سۈيۈنەتتى.دادىسىنىڭ ھالىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى يىگىتكە ئېيتىپ بەرگەچ ھاياجانلىنىپ كىتەتتى:
-ئىلگىرى ئائىلىمىزدە مۇزدەك بىر مۇھىت،جىمجىتچىلىق ھۆكۈم سۈرەتتى،ھەممە ئۆز ئىشىمىز بىلەنلا بولۇپ كىتەتتۇق.ئارىمىزدىكى مىھرى-مۇھەببەتمۇ بارغانسىرى سۇسلىشىپ بىر-بىرىمىزنىمۇ كۆرەرگە كۆزىمىز يوق دەرىجىگە بېرىپ قېلىۋىدۇق.مانا سىزنىڭ مەدەتلىرىڭىز بىلەن مەنمۇ ئەسلىمگە قايتتىم،شۇنى ھىس قىلدىمكى بىر ئائىلىدىكى بىر ئەزانىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پۈتكۈل ئائىلە مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن.دادامغا ھەقىقى مىھرىمنى بېرىپ،كۈيۈنۈپ،غەمخورلۇق قىلىۋىدىم ئۇمۇ قايتىدىن قەددىنى رۇسلىدى،ئۇنىڭ بۇرۇنقى خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەنلا يۈرۈيدىغان مەزگىللىرىگە قارىغاندا مىيىپ بولسىمۇ ھازىرقى تۇرقىنى ياخشى كۆرىمەن.ئۇنىڭ ھازىر بىزگە قانچىلىك مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىۋاتىمەن.پىراكتىكىغا چۈشكەندىن بېرى ئانامنىڭ خىزمىتىنىڭمۇ مەن ئويلىغاندىن كۆپ جاپالىق ۋە ئالدىراشلىقىنى،مەسئۇلىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى راستىنلا تونۇپ يەتتىم.بۇندىن كىيىن مەن ئۇلارنى ھەقىقى خوشال قىلىشقا ،ھاردۇقلىرىنى چىقىرىشقا تىرىشىمەن.ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ مىنى مومامغا بېرىۋىتىپ ئاتا-ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلمىغىنىدىن ئاغرىنىپلا يۈرگەن ئىدىم.ھازىر ئويلىسام ئۇلار ماڭىلا ئەمەس مەنمۇ ئۇلارغا مىھىر قەرزى ئىكەنمەن.بۇرۇن ھەممىمىز ئېرىشەلمىگەنلەرگە مانا ئەمدى ئۆز-ئارا ئېرىشىۋاتىمىز ۋە ئېرىشتۇرىۋاتىمىز。
زىباغا مەستلىكى كىلىپ ،سۈيۈنۈش ئىچىدە تىكىلىپ ئولتۇرغان يىگىت ئۇنىڭغا مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قارىدى。  

داۋامى بار。。。。。。。。。。。
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىبانىڭ ھايات يولىدىكى تۇمانلىق دوقمۇشتا ۋاقىتلىق تەمتىرەپ خاتا يۆلىنىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە سەمىمىيىتى بىلەن توسۇپ قالغان بۇ ئاقكۆڭۈل يىگىتنىڭ ئىسمى ئارمان!

ئۇ گەرچە مۇشۇ مەركىزىي شەھەردە تۇغۇلغان بولسىمۇ ئاتا-ئانىسى ئەينى دەۋردە تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،مۇساپىرچىلىق تەۋەككۈلچىلىكى بىلەن ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ بۇ يەرگە كەلگەن بولغاچ تا ھازىرغۇچە بۇ شەھەرگە مۇساپىر ھىساپلىنىپ يا بىرەر ئورۇنغا شىتاتلىنالماي ياكى نۇپۇس رەسمىيەتلىرىنىڭ بىرەر ۋاراق يۈزىگە ئورنىتىلىنىلماي، ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇنلىنىپ 3 بالىنى قاتارغا قوشقان شۈكرى بىلەن قانائەتلىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان يۇۋاش كىشىلەر ئىدى.ئارمان بالىنىڭ چوڭى بولغاچ مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى.كىچىكىدىن باشلاپ ئانىسى بىلەن توپىلارغا مىلىنىپ يېتىپ ، توپ تارقىتىش بازىرىدا كۆكتات سېتىپ يۈرۈپ چوڭ بولدى.كىيىن ئانىسى كەچلىك بازاردا يۆگىمە قۇيماق سېتىپ،دادىسى كاللا-پاقالچاق سېتىپ يۈرۈپ ھال-كۈنى سەل ياخشىلىنىپ ئىككى ئىنىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇدەك شارائىتقا ئېرىشتى،ئارماننىڭ بۇ چاغدا يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا ئوقۇش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ ئاشپەزلىككە شاگىرت كىردى.ئاشخانىدا بىللە شاگىرت بولۇشقان تەڭتۇش دوستىدىن خەت ئوقۇشنى،يىزىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كىيىن ئۇ كىتاپ ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالدى.ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇستىسى بەرگەن پارچە-پۇرات پۇللىرىنى يىغىپ كىتاپ سېتىۋېلىپ بوش ۋاقىت تاپسىلا ئوقۇپ تۈگىتىش  ئۇنى ئەڭ خوشال قىلىدىغان ئىش ھىساپلىناتتى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئاغرىپ قالدى،ھۆتىلى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىۋىدى،دوختۇرلار ئۇنىڭ  ئۆپكىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلانغانلىقىنى،ئىس-تۈتەك،چاڭ-توزان...بار جايلارغا بارماسلىقىنى،ھاۋا مۇھىتىغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىۋاتقان قورۇما قورۇش ئۇستىلىقى ھۈنىرىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى ۋە كىيىنچە ئەھۋالغا قاراپ باقماقچى بولۇپ ئۈستىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاشخانا زالىدا كۈتكۈچىلىك قىلىشقا باشلىدى .ئۇ ئىنىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسلىك كىتاپلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلار بىلەن تەڭ خەنزۇ تىلى ئۆگەندى.ئەلۋەتتە تىجارەت بىلەن شۇغۇنلىنىپ چوڭ بولغاچ ئۇ خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلەتتى.لېكىن يىزىش ۋە ئوقۇشنى بىلمەيتتى.ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ كۈندە 5 خەت ئۆگىنىپ يۈرۈپ خەنزۇتىلى ساۋادىنىمۇ ئاساسى جەھەتتىن خېلىلا چىقىرىۋالدى.ئۇ تىل ئۆگۈنشتىكى قىزغىنلىقى بىلەن كىيىن كەچلىك كۇرسلاردا چەتئەل تىلىدىنمۇ رۇس تىلى ۋە ئەرەپ تىللىرىنى ئۆگەندى....مانا ھازىر ئاشۇ ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆزتۇرمۇش يولىنى تېپىۋالغانىدى.ئۇ مۇشۇ سۈرئەتتە مېڭىۋەرسە ئۇزۇنغا قالماي،ئاتا-ئانىسىنى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن قۇتقۇزۇپ ئۆيدە خاتىرجەم ئارام ئالدۇرالايتى،ئىنىلىرىنى مەيلى نەگە بارغۇچە ئوقۇيمەن دىسە ئوقۇتالايتتى.ئاندىن كىيىن......ئۇ خىياللىرى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەندىكىپ تېزلا ئەتراپىغا قاراپ كىتەتتى ۋە بىر تاتلىق سىزىم بىلەن زىباغا تىلىفۇن قىلاتتى...ئەپسۇس،ئۇ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان گەپلىرىنى تىلىفۇن ئۇلىنىشى بىلەن ئۇنتۇلۇپلا قالاتتى.تالاي قېتىم‹‹بۈگۈن چوقۇم ئېغىز ئېچىپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىمەن››دەپ ئۆز-ئۆزىگە مەدەت بېرەتتىيۇ ئۇنى كۆرگەن ھامان تىلى تۇتۇلۇپ گېپىنى تاپالماي قالاتتى.ئەلۋەتتە زىبامۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيۇپ تۇراتتى،شۇنداقلا ئۇنىڭ تېزرەك ئېغىز ئېچىشىنى شىرىن ئارزۇلاردا بىتاقەتلىك بىلەن كۈتەتتى.

زىبا ئارماننى بۇ ھاياتىغا يۆلەك بولغۇدەك،مۇساپىلىرىگە ئۆرنەك بولغۇدەك،بىردىنبىر يىگىت دەپ ئويلاپ ئۆز كىيىنكى تۇرمۇشى ھەققىدە ئاللىبۇرۇن قارار چىقىرىپ بولغان بولسىمۇ،قىزلىق تەبىئىيتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ھامان ئۇنى شەرمىي-ھايالىق،يۈزى تۆۋەن بولۇشقا ئۈندەيتتى.

ئارماننىڭمۇ ئويلايدىغىنى ئاز ئەمەس‹‹مەن بىر ئاددى ئائىلىدىن كىلىپ چىققان،مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن،ئادەتتىكىلا بىر ئادەم،قانداقمۇ ئۇنىڭدەك باياشات ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزىغا،ئالى مەلۇماتقا ئىگە كەلگۈسىدىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتەگە ماس كىلەلەيمەن؟ئەگەر ئۇ مىنى سىرداش دوستى ياكى ئاكىسى ئورنىدا كۆرۈپ كىلىۋاتقان بولسا مەن كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ قويسام ھەتتا ھازىرقى مۇناسىۋىتىمىزمۇ يوققا چىقىشى،ئۇ مىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ كىتىشى ياكى ئاچچىقلىنىپ سەكرەپ كىتىپ قېلىشى، بۇندىن كىيىن ئالاقە قىلماسلىقى مۇمكىن...››دەپ ئويلىغانسىرى دىلىغۇل بولغان ئارمان ئىزچىل ئېغىز ئاچالماي كىلىۋاتاتتى.ئۇ ئاخىرى بۇ ئىشلارغا ھازىرچە ئېغىز ئاچماي زىبا بىلەن بولغان سەمىمى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغاچ كەسىپكە تېخىمۇ بېرىلىپ،پىشىپ-يىتىلىشنى،كۆزلىگەن ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن ھەقىقى سالاھىيەت بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىشنى نىيەت قىلدى.

داۋامى بار....
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلاپ ئۆتمەكتە...زىبامۇ ھەقىقى ئاق خالاتلىق پەرىشتەگە ئايلاندى.ئارمانمۇ ئەلنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بەردەم يىگىتكە ئايلاندى،كەسىپتىكى ئۇتۇقلىرى ئۇنى كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەتتى.شەھەر مەركىزىدىن ئولتۇراق ئۆي سېتىۋېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان پەيتلىرىدە ئۇنىڭ شاتلىقىغا ھىچنەرسە يەتمەي قالدى.بىر ئىنىسى ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە  ئوقۇشقا،ماڭدى يەنە بىر ئىنىسى تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن تەييارلانغىنىدا ئۆزىگە نىسىپ بولمىغان بۇ پۇرسەتلەرگە قېرىنداشلىرىنىڭ نائىل بولىۋاتقانلىقىدىن سۈيۈنۈپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلىرى ئەگىدى.ئەلۋەتتە زىبامۇ ئۇنىڭ شاتلىقلىرىغا ئورتاق كۈلەتتى.ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ھىچبىر ئېغىز ئېچىلىشسىزلا ئايدىڭلىشىپ قالدى.زىبا پات-پات ئارمانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچەپ كېرەكلىك دورىلارنى ئاپىرىپ بېرىپ تۇراتتى.كەينى-كەينىدىن كىلىۋاتقان خوشاللىقلارنى  ئاجىز يۈرىكى كۆتۈرەلمەيۋاتقاندەك كېسەل چىرمىۋالغان ئانا قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ اللاھقا مىڭ قەترە شۈكرە-ھەمدۇسانالارنى ئوقۇيتتى ۋە ئارمان بىلەن زىبانىڭ بەختىنى كۆرۈشنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى.

بەرىكەتلىك كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە ئارمان زىبالارنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزدى.قىزىنىڭ سۆزلىرىدىن ئاللىبۇرۇن يۈرەك تىۋىشىنى سىزىپ بولغان ئانا ئېرىگە بۇ ئىشلارنى  چۈشەندۈرگەن بولغاچقا ئىككىلا تەرەپ بۇ ئىككى ياشنىڭ قارارىغا  رازىلىق بىلدۈرۈپ بەختىنى تىلەپ دۇئا قىلىشتى.

ئەپسۇس،بېكىتىلگەن توي كۈنىگە ئازلا قېلىۋىدى زىبانىڭ دادىسى تۇيۇقسىز يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن قازا قىلدى.ئىككى ئاجىزە يىغلاپ-قاقشاپ يۈرۈپ بۇ رىئاللىققا تەن بېرىشتى،مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئارمان پۇت دەسسەپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ ئۇزاتتى.

توي ۋاقتى يەنە بىرەر يىلدەك كەينىگە سوزۇلدى.ئارمان ئۆزلىرىنىڭ كىيىنكى بەخىت بوشۈكى بولمىش يېڭى ئۆينى سېتىۋېلىپ زىبانى تۇيۇقسىز خوشال قىلدى،ھەمدە زىبانىڭ قولىغا ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ۋە بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ‹‹ئەمدى بۇ ئۆينى ئۆزىڭىز خالىغانچە بېزەپ ياسىسىڭىز بولىدۇ خانىش ئالىلىرى››دىدى.

زىبا پۈتۈن زېھنى بىلەن بۇ كىچىككىنە جەننىتىنى بېزەپ چىقتى.ئەڭ ئاخىرىدا ئېسىلغان ئىككىسىنىڭ چوڭايتىلغان تويلۇق رەسىمى بۇ ئۆيگە باشقىچە تۈس كىرگۈزدى.ئىككەيلەن بەخىتكە چۆمگەن ھالدا ئۆيدىكى ھەممە بىساتلارنى ئاۋايلاپ سىلىشىپ ھوزۇرلىنىپ قاراپ تۇرۇپ كىتىشتى.

توينىڭ تەييارلىقلىرى پۈتۈپ ھەممىنىڭ چېھرىگە كۈلكە-شاتلىق بالقىغان كۈنلەردە ئۇلار بەختىيار ھالدا بېرىپ توي خېتىنى ئېلىشتى.

ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆيى زىبا خىزمەت قىلىدىغان دوختۇرخانىغا يېقىن بولغاچقا بۈگۈن ئۇ ئارمان بىلەن دىيىشىپ كەچتە مۇشۇ ئۆيدە بىللە كەم قالغان باغاقلارنى يېزىشقا پۈتۈشكەن ئىدى.لېكىن ئۇ ئىشتىن كىلىپ بولغۇچە كىلىپ بولۇشقا پۈتۈشكەن ئارمان ئۇ كەلگەندە كۆرۈنمەيتتى،ئۇ ئۇنى ساقلىغاچ ياتاق ئۆيىدىكى كارۋاتنىڭ ئۈستىگە ئاسماقچى بولغان قوش يۈرەكنىڭ شەكلى چىقىرىلىدىغان كەشتىنى ئىشلەپ يېرىم كېچىگۈچە ساقلىغان بولسىمۇ ئۇ كەلمىدى.تىلىفۇن ئىزچىل ئىتىكلىكلا ئىدى.

ئۇ ئۆيگە قايتىشنى ئويلىدىيۇ يەنىلا ئارماننىڭ بۇنداق پەرۋاسىز ئادەم ئەمەسلىكىنى ئويلاپ نىمىلەردىندۇر ئەنسىرەپ ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇردى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-31 21:12  

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 21:11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن توي خېتىنى ئالغان ئارمان خوشال ھالدا ئۆيگە بېرىپ بۇ خۇشخەۋەرنى ئانىسىغا يەتكۈزدى:

-توۋا دەيمەن مۇشۇ كەمگۈچە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلسەممۇ ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن ئانا،ئەسلىدە ئىككىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىر ئىكەن ئەمەسمۇ؟-دىدى يىگىت ھاياجان بىلەن ئانىسىغا.

ئانا ئەندىكىپ بىر ئوغلىنىڭ چىرايىغا بىر قولىدىكى قىزىل تاشلىق گۇۋاھنامىگە قاراپ تۇرۇپ كەتتى.ئانىسىنىڭ بۇ خوشاللىقىغا ئورتاقلاشمىغىنىدىن سەل ئەجەپلەنگەن يىگىتمۇ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.

-ئاللاھ ئىگەم مىنى جازالىدى بالام،-دەپلا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ كەتتى ئانا.-سەن تۇغۇلغاندا قوشگېزەك تۇغۇلغان،شۇ ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ بالىغا زار بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇنغا سېنىڭ قوشماق سىڭلىڭنى بېقىشقا بەرگەنىدۇق،ئاللاھ ئىگەم شۇ قىلغىنىمىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بىزگە قىز پەرزەنت بەرمەي جازالىغىنىنى ئاز دەپ بۇ كۈنگە كەلگەندە مانا مۇشۇنداق جازالاپتۇ.....ئوغلىنىڭ ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالغىنىنى كۆرگەن ئانا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

-تۈنۈگۈن  ئۇ مىنى تەكشۈرگىلى كەلگەندە پۇتىغا قاراپلا گۇمان قىلغانتىم،چۈنكى سىڭلىڭنىڭ پۇتىنىڭ بىر بارمىقى كەم تۇغۇلغان ئىدى.ئەتىگەندە تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا باردىم ،سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئۇ راستىنلا سېنىڭ سىڭلىڭ بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلدۇق،چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنى بېقىۋالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى....ئانا ئۇنىڭ بېقىۋېلىشقا بەرگەندىكى ھالىتى،كىيىم-كېچىكى...قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ زىبانىڭ ئانىسىنىڭ دىگىنى بىلەن ئوخشاش چىققانلىقى ھەققىدە بىرمۇنچە سۆزلىدى.لېكىن ئانىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ئارماننىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.ئۇ ھاڭۋېقىپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن سىرتقا ئۆزىنى ئاتتى...

زىبانىڭ ئانىسى ئارماننىڭ ئانىسى كەتكەندىن كىيىن ئولتۇرغان جايىدا ئالاھەزەر يېرىم كۈن روھى چىقىپ كەتكەندەك ئولتۇرۇپ كەتتى.زىباغا تىلىفۇن قىلىشنى ئويلىدىيۇ قولى بارمىدى‹‹ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىشقا يالغۇز بالا ئىكەنلىكىنى سورىغاندىلا يالغان ياۋىداق گەپ توقىماي راست ئەھۋالنى دىسەم بولماسمىدى؟ئەمدى ئۇنىڭغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن؟قانداق چۈشەندۈرىمەن؟ئۇ بۇ رىئاللىقنى قانداقمۇ قوبۇل قىلار؟››دەپ ۋەھمىگە چۈشكەن ئانا گاھى زىبانىڭ قايتىپ كىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ ئىشىككە تەلمۈرەتتىيۇ تۇرۇپلا ئۇنىڭ قايتىپ كەلمەسلىكىنى تىلەيتتى...



ئارمان ئايرۇپىلان دەرىزىسىدىن سىرتتىكى ئاپپاق بۇلۇتلارغا ئىپادىسىز قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى:

-خەيرى خوش ئارمان!



يېزا يولىدا توپا تۇزىتىپ كىلىۋاتقان ئاپتۇبۇس زىبانى بالىلىق ئەسلىمىلىرى سىڭگەن ئانا تۇپراققا قايتۇرۇپ كىتىۋاتاتتى.ئۇ ئەمدى ئاشۇ تىپ-تىنچ سەھرادا سەمىمى-ساددا ،مىھنەتكەش كىشىلەرنىڭ كېسەل ئازابىنى يەڭگىللىتىش بەدىلىگە ھاياتى ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ ياشاشنى تاللىۋالغان ئىدى.



تامام
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:03:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇۋاتىمەن ، ئوقۇش ۋاقتىم كەچكە توغرا كېلىپ قالغاچقىمىكىن سەل ئاستا بولىۋاتىدۇ .
ھە راس قوشاق باشلىسىڭىزمۇ بولاپتىكەن . مەيلى تارتىپ قالىدىكەن كىشىنىڭ ...

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 18:49:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق قىز ، يەنە بىر يېڭى پوۋىستىڭىزغا مۇبارەك  بولسۇن . تېخى ئۇقۇپ بۇلالمىدىم ، چۇقۇم ياخشى چىققانلىقىغا ئىشىنىمەن .

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 23:28:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۆھەر ئابلا يوللىغان ۋاقتى  2012-4-1 00:03
ئوقۇۋاتىمەن ، ئوقۇش ۋاقتىم كەچكە توغرا كېلىپ قالغاچقى ...

ماقۇل دوستۇم، يېڭى مۇنبەرگە جايلىشىۋالغاندىن كىيىن باشلايلى.
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 04:03 , Processed in 0.106328 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش