پەرزەنتلىرىمىزنىڭ سەنئەت ھۈجەيرىسىنى پەرۋىش قىلايلى!
(كۈزىتىش ۋە بايان)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
قەدىمدىن تارتىپ ، ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپى(تەربىيىسى)دە-ئويۇن خاراكتېرلىك تەلىم –تەربىيە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئويناپ كەلگەن.مەلۇمكى،بىزنىڭ ئايىقى چىققان بىر يىرىم ياشتىن تۆت – بەش ياشقىچە بولغان بالىلىرىمىزچوڭلار بىلەن ھەر خىل سەنئەت تۈسىدىكى ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە قانائەت قىلىش ئىقتىدارى بايقالغان.شۇنداق،بالىلار ئويۇن ئويناش ئارقىلىق تەرتىپكە رىئايە قىلىشنى، قانائەت قىلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىشنى، مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشنى، نىشانىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىشنى، چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشنى ۋە ئۈمىدسىزلىككە بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنەلەيدۇ.بالىلارنىڭ ھەركىتىدە ئىپادىلەنگەن سەنئەتلىك ئوبرازلار تەدرىجى ھالدا ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدۇ،
ئەقىل بۇلىقىنى رۇشەنلەشتۈرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا بىر يۈكسەك چوقۇنغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ.بىر مىللەتتە مانا مۇشۇنداق كۈيچى بۇلبۇللار،خەلق سۆيىدىغان ئۇسۇل پەرۋانىلىرى،ھارمايدىغان مۇزىكانتلار،ئۇلارنى تەشكىللىگۈچى سەنئەت پىشۋالىرى بولۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.سەنئەتنى ئەجداتتىن ئەۋلاتقا؛ئەۋلاتتىن يەنە ئەۋلاتقا ئۇلاشتا ئەنە شۇنداق تەربىيەلەشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئوماقلىرىمىز بىزگە تەلمۈرۈپ تۇرماقتا.ئۇلارنىڭ تەشنالىقىنى،ئارزۇسىنى روياپقا چېقىرىشى ئۈچۈن ،ئۇلارنى سىز،مەن ۋە ئۇ بايقىغان چاغدىن باشلاپ تەربىيە
لەشكە باشلايلى،ئۇنىڭ بايقالغان تالانتى،سەنئەت ھۈجەيرىسى بىخ ھالىتىدە تۇنجۇقۇپ قالمىسۇن...!
مەن 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ سائەت 9دىن 10غىچە رادىئودىن «پەرزەنت تەربىيىسى»گە ئائىت مۇنداق بىر مەسلىھەتنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.بىر ئاق كۆڭۈل دادا رادىئو ئىستانسىسىغا تېلىفۇن بېرىپ:« ھۆرمەتلىك رىياسەتچى، مۇھتەرەم مەسلىھەتچى مۇئەللىم ياخشىمۇ سىلەر؟ مېنىڭ ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن
قىزىم بار ئىدى،ئۇنىڭغا زىرىپ قالمىسۇن دەپ بىر كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنئالغۇ ئىلىپ بەرگەن ئىدىم،ئۇ ئۆيدىكى چاغلىرىدا ناخشىغا قويۇۋىلىپ،مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئۇسۇلئوينايدۇ، پۇت-قولى كەلمىسە مۇزىكىنى كەينىگە قايتۇرپ قويۇپ ئوينايدۇ.پۇت-قولى شۇ مۇزىكىغا ماسلىشىپ ئوينىيالىغىدەك بولغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.مۇشۇ ۋەجىدىن بۇ تېلىفۇننى ئۇردۇم،سىلەرچە مەن قانداق قىلسام قىزىمنى بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالايمەن...؟ بۇ توغرىلىق مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار...رەھمەت...!» دەپ مەسلىھەت سورىۋىدى.
مەسلىھەتچى مۇئەللىم قىلچە ئىكىلەنمەستىن:«-بالىڭىزنىڭ ئۇسۇل سەنئىتىگە قىزىقىشى ياخشى ئىش،بۇ خىل قىزىقىش چوڭ بولغانسىرى سوۋۇپ بېرىشى مۇمكىن، چۈنكى،بۇ خۇددى بىز داۋاملىق ھالۋىنى يەۋەرسەك ئەمەن تېتىغاندەك بىر ئىش. شۇڭا،قىزىڭىز ئۇسۇل سەنئىتىگە بەك بېرىلىپ كەتسە،كېيىن مەكتەپكە كىرگەندە
تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردىكى نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ياكى ئۇ پەنلەرگە قىززىقماس بولۇپ قالىدۇ.بۇ تولىمۇ خەتەرلىك.شۇنىڭ ئۈچۈن قىزىڭىزغا ھازىردىن باشلاپ تەبىئىي پەنلەرگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتسىڭىز،كېيىنكى ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.بۇ يەردە مەن ئۇسۇل سەنئىتىنى ياخشى ئەمەس دېمەكچى ئەمەسمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈجەيرىسىدە سەنئەت ئىلمىنتى تۇغما بولىدۇ،مۇزىكا چىقسىلا ئۇسۇل
ئويناپ تۇرالمايمىز. قىزىڭىز ئاستا-ئاستا يېتىلىپ كېتىدۇ.بىزنىڭ سىزگە يەنىلا تەۋسىيەرىمىز-قىزىڭىزنىڭ تەبىئىي پەندىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئەڭ ياخشى تەربىيەلىشىڭىزدۇر...» دەپ مەسلىھەت بەردى. بۇ نېمە دېگەن ئەخمەقلەرچە مەسلىھەت-ھە؟!
سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر مائارىپچىسى ۋە پداگوكى سوخۇملىنىسكى سەنئەت تەربىيىسى ھەققىدە توختىلىپ:« مۇزىكا ئاھاڭ رېتىمى تەپەككۈر بۇلىقىنى ئاچىدۇ ھەم روشەنلەشتۈرىدۇ. مۇزىكىمۇ ئاددىي تىلغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي مېجەز-خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.بالىلار مۇزىكا ئاڭلىغاندا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھېس قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ قەلبى –سەزگۈر كومپۇزىتۇر قەلبى.مۇزىكا-مائارىپچىلار،سەنئەتكارلار ۋە بالىلاردا مەنىۋى جەھەتتىكى بىر دەرسلىكنىڭ پەيدا بولىشى ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە مۇزىكا ئاڭلاپ ،ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى بىرلىكتە ھېس قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن بىرلىكتە لەززەت ئالغاندا،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ تەبىئىي ھالدا يېقىنلىشىپ بارىدۇ.بالىلار مۇزىكىدا ئىپادىلەنگەن يۈكسەك تۇيغۇغا غەرق بولۇپ كەتكەندە ،ئۆزىنىڭ ھاياجېنىنى ۋە خاتىرجەمسىزلىكىنى سىزگە قىلچە يوشۇرماي ئېيتىپ بېرىدۇ.مۇزىكا كىشىگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ،ئەخلاق مۇناسىۋىتىنى ۋە ئەمگەكنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.مۇزىكا كىشىنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنيانى ۋە ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپلىقى، ئۇلۇغلۇقى ۋە گۈزەللىكىنى تونۇۋېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.شۇڭا،ئۇ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەشنىڭ كۈچلۈك قورالى ھېساپلىنىدۇ. مۇزىكىنىڭ-مېلودىيە،ئاھاڭ رېتىمىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىش،ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئەقلىي كۈچنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى. شۇنداقلا،ئالىيجاناپ روھ ۋە پاك قەلبنىڭ مەنبەسى. مۇزىكا مائارىپىدا،پىسخىكا نىشانى ئالاھىيدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.كەڭ مائارىپچىلار بالىلارنى مۇشۇ نىشانغا ئاساسەن گۈزەللىك دۇنياسىغا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.چۈنكى، بالىلارنىڭ گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان چۇڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ئىستېتىكا ئېھتىياجىغا بولغان ئىزدىنىشىنى يېتىلدۈرۈش مۇھىم بىر نىشاندۇر.مەيلى مىللى تىلنى ئىگىلەشتە بولسۇن،ياكى مۇزىكىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى ئىگىلەشتە-ئاھاڭ رېتىمىنىڭ گۈزەللىكىنى قوبۇل قىلىش ،چۈشىنىش،ھېس قىلىش ۋە ھېسسىي ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىدە بولسۇن،بالىلىق دەۋر ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىل ھېساپلىنىدۇ.مۇزىكا بالىلارغا شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنى باشقا نوقتىدا تۇرۇپ نامايەن قىلىپ بەرگەچكە،ئۇلار پۈتۈن دېققىتىنى ئاشۇ شەيئىي ۋە ھادىسىلەرگە مەركەزلەشتۈرىدۇ.
مۇزىكىنى بالىلارنىڭ نەزەرىدە كىشىلىك تۇيغۇ مەنبەسىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جانلىق تىلمۇ ،مۇزىكىمۇ بالىلارغا ئەتراپىدىكى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.لېكىن ئىنسانلارنىڭ ھېسىيات تىلى بولغان مۇزىكا،بالىلارنىڭ قەلبىگە ئەتراپتىكى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى سىڭدۈرۈپلا قالماستىن ،بەلكى بالىلارغا يەنە ئادەم بولۇشنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئىززەت-ئابرويىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ....»دېگەن ئېدى.
شۇنداق،مۇزىكا-بالىلارنىڭ ئاڭلاش،پەرقلەندۈرۈش،ئەستە ساقلاش ۋەھوزۇر لىنىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۇرىدۇ...!ھەممىمىزگە مەلۇم، بالىلار گويا-باھارغا ئوخشايدۇ.بۇ باھار -تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سىنىڭ ھەم بىزنىڭ يىنىمىزدا يۈرۈپ،خۇش ھىدىدىن،تاتلىق قىلىقلىرىدىن قەلبلەرنى سۆيۈندۈرىدۇ.ئازاپلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ.بالىلىققا قايتۇرىدۇ.
دېمەك، سەنئەت مائارىپى بولسا-بالىلارنىڭ ھاياتىغا مەڭگۇ ھەمراھ مائارىپتۇر. پەرزەنت تەربىيىسىدە:«ھەي دوستۇم، ئىش قىلغاندا ئويلۇشۇپ قىل،ئۇ ئىشىڭ باشقىلارغا ھەم ئۆزۈڭگە مەنىلىك تۇيۇلىدىغان بولسۇن!ھەر قەدىمىڭنى ئويلاپ باس،قالغان ئىزىڭدىن باشقىلار خۇشاللىققا تولسۇن!پىكىر قىلغاندا ئىخچام ۋە مېغىزلىق قىل،قىل سىغمايدىغان بولسۇن!چۈنكى،شۇنداق قىلالىساڭلا باشقىلار ،ھەتتا، رەقىپلىرىڭمۇ ساڭا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.! بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېتىلگەن تالانتنىڭ چىكى بولمايدۇ.ئۇ قانچەمۇكەممەللەشكەنسىرى-ئۇنىڭ ئوبرازى ئالتۇندىنمۇ نۇرانە جىلۋىلىنىدۇ.ئورنى ۋە ئابرويى ھامان يۈكسەكلىك ئالىمىدە گەۋدىلىنىدۇ.گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك،بالىلىرىمىزدا گۈزەل ھېسىيات،ساپ پىسخىك كەيپىيات يارىتىشتا چوڭلارنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.يۇقاردا مەسلىھەتچى مۇئەللىم مەسلىھەتىنى--- سۆز بايلىقى يېتىلمىگەن بالىنى بىر پارچە ماقالە ياز دېيىش-ئەخمەقلىقتىن دېرەك بېرىدۇ....»دەپ خۇلاسىلىساق ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەس .مېنىڭچە بۇ تۆت ياشلىق قىزنى ئۇسۇل تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئىككى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلسا،مەكتەپكە كىرگىچە ئۇسۇلنىڭ خىلى كۆپ تېخنىكىلىق ماھارەتلىرىنى ئىگەللەش ئىمكانىيىتىگە،كەلگۈسىدىكى ئۇسۇل تالانتىنى يېتىشتۈرۈشكە دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگىلى بولىدۇ.ۋاقتىدا بايقالغان بۇ ياخشى بىخنى تۈجۈبىلەپ پەرۋىش قىلىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 12:26