كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 2

ئالىم ياسىن:يەنىلامېھىرلىك بولايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يەنىلامېھىرلىك بولايلى

بىزدە پۇل ۋە ئېمتىيازدىنمۇ يۇقۇرى بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ مېھىر-مۇھەببەتتۈر.ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغىلى ياكى باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغىلى بولمايدۇ.ئۇ پەقەت ساپ قەلىب،پاك ۋېژدان،سەممىي نىيەت،يۈكسەك جاسارەت،غايىۋى كۈچ-غەيرەتلەرنىڭ تۈرىتكىسىدە ئىنسان ۋۇجۇدىدا يېتىلىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مېۋىگە ئوخشايدۇ.
ھېكايەت؛بىرەيلەن بىر چاياننىڭ سۇغا چۈشۈپ كىتىپ پىرقىراپ ئايلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭ سۇدىن چىقىۋېلىشىغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ.ئەمما چاياننى ئەمدى تۇتاي دەپ تۇرىشىغا چايان ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋاپتۇ.ئۇ نىيىتىدىن يانماي،چاياننى يەنە تۇتاي دىيىشىگە چايان ئۇنى يەنە چېقىۋاپتۇ.يېنىدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان بىر كىشى بۇ يىلان قۇتقۇزغۈچىنى كۆرۈپ،-يىلان چاقسىمۇ يەنە قۇتقۇزامسەن؟سەن نېمە دىگەن ئەخمەق دەپتۇ.-چېقىش چاياننىڭ تەبىئىتى،سۆيۈش،مېھىر بولسا مېنىڭ تەبىئىتىم دەپتۇ ئۇ كىشى.
شۈنداق،بىزمۇ ھاياتلىقتا نۇرغۈنلىغان چايانلارنىڭ چېقىشىغا دۈچ كېلىمىز،بەزىدە ئۇنىڭ چېقىشىنى توسىيالىساقمۇ بەزىدە توسىيالماي قالىمىز.مۈشۈنداق ۋاقىتتا بىز ياردەمگە مۇھتاج بولىشىمىزمۇ مۇمكېن،بىراۋلار ناۋادا مۈشۈنداق سەۋەپكە دۈچ كەلسە سىز قانداق قىلىسىز؟بىر چەتتە قاراپ تۇرامسىز ياكى بىراۋنى چايانلارنىڭ چېقىشىدىن قۇتقۇزۇپ قالامسىز؟بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا،ۋىژدانىغا،قىسقىسى مېھىر-مۇھەببىتىگە باغلىق بولغان ماھىيەتلىك ھادىسە.
بىر خوشنامنىڭ ئېيىتىشىچە ئۇ بۈندىن كېيىن ئىككىنجى بىر كىشىگە ياخشىلىق قىلمايدىكەن،مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قارىمايدىكەن،چۈنكى بۇ دۈنيادىكى كىشىلەر ياخشىلىق قىلغاننى،مېھىر-مۇھەببەتلىك بولغاننى بىلمەيدىكەن.سەۋەبىنى سورىسام؛-ئۇ خوشنام بىر كۈنى پەلەمپەيدىن چۈشكىچە تۆۋەنكى قەۋەتتىكى يەنە بىر خوشنىمىزنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ قويۇلغان ئەخلىتىنى تۆۋەنگە ئالغاچ چۈشۈۋاتسا ھېلىقى خوشنىمىز كۆرۈپ قاپتۇ.شۈنىڭ بىلەن ئۇ خوشنىمىز تەتۈرلۈك قىلىپ،-ھە،سەن پاكىزمەن مىشچان،سەن ياخشى پەزىلەتلىك مەن مەدەنىيەتسىز،سەن ئەمگەكچان مەن ھورۈن بولۇپ قالدىممۇ؟ئۆزۈڭنىڭ بۇنداق سۇنئىي كۆيۈمچانلىقى ۋە ياردىمى بىلەن ماڭا ئاھانەت تېپىپ بەرمەي ئىشىڭنى قىل-دەپ بۇ خوشنامنى تويغۈزۈپ قويۇپتۇ.ئەشۈ سەۋەپلىك بۇ خوشنام بۈندىن كېيىن ھەرقانداق كىشىگە ياخشىلىق قىلىش ۋە ياردەم قىلشتەك بۇ ئىشنىڭ بىر خىل ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىگىنى تونۇپتۇ.
ھەقىقەتەن تۇرمۇشىمىزدا ئوخشىمىغان سەمىمىيەتلىكلەرمۇ بولۇپ تۇرىدۇ،بەزى ياخشىلىق ۋە ياردەملەرنىڭ،مېھرى-مۇھەببەتلىك ئىشلارنىڭ ئىچىگە ئوخشىمىغان غەرەزلەرنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن.بەزى تەتۈرلۈكلەرنىڭ سەۋەبىدىن بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىمىزگىمۇ سوغاق سۇلار سېپىلىپ ھېلىھەممۇ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مېھىرلىك تەپتى بىزدىن يىراق بولۇپ تۇرماقتا.شۈڭا ئەڭ ياخشىسى بىز باشقىلارنىڭ مېھىرلىك بولىشىغا،خالىسانە ياردەملىرىگە گۇمان بىلەن قارىماسلىقىمىز كېرەك.«گۇمان ئېماننى قاچىرىدۇ»- دەپ،ناۋادا بىز بىرسىدىن گۇمانلانغاندا ئۇ بىزگە دۆ بولۇپ كۆرىنىشى مۇمكېن،ئەگەر بىراۋغا گۇمان بىلەن ئەمەس ئېمان بىلەن قارىساق ئۇ ھەر قانچە كۆرۈمسىز بولسىمۇ بىزگە شۈنچە گۈزەل كۆرىنىشى مۇمكىن.
شۈڭا سىزگە تەۋسىيەم شۈكى-سىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قىلغان سەمىمىي نىيەتلىرىدىن ھەرگىز ئاغرىنماڭ.پەقەت كۆڭۈل ساپ بولغاندىلا،ئېمان پاك بولغاندىلا ئاندىن قەلبىمىزدىكى مېھىرنى باشقىلارغا يەتكۈزگىلى ۋە قىلغىلى بولىدۇ.سۇ قانچىكى سۈزۈك بولسا ئۇنىڭ ئاستىدىكى يۇمران بېلىجانلارنىڭ ئۈزۈپ يۈرۈشلىرىنى كۆرگىلى بولغىنىدەك،قەلبىمىز قانچىكى سۈزۈك بولسا ئاندىن باشقىلارنىڭ سەمىمىيىتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.خوشنامغا دەيدىغان تەۋسىيەم شۈكى-سىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى،ئالىجاناپلىقنى تاشلىماڭ،گەرچە ئەتراپىڭىزدىكىلەر(ھېلىقىدەك)سىزگە ئازار بەرسىمۇ،زىيان سالسىمۇ.بۇ دۈنيا پەقەت مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل.سۇ تامچىلاۋەرسە تاشنى تېشىدۇ،قوياش نۈرى كۈچلۈك بولىۋەرسە شىمالىي مۇز ئوكياندىكى مۇزلارمۇ ھامان بىر كۈن ئېرىپ تۇگەيدۇ.كىچىككىنە ئاۋارىچىلىقلارنى دەپ ۋۇجۇدىڭىزدىن چىقىرىپ باشلىغان بۇنداق سەمىمىيىتىڭىزنى تاشلىماڭ؟مەنزىلگە يېتىمەن دەيدىكەنسىز جەزمەن بۇ يولدا توختىماي مېڭىشىڭىز كېرەك.يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل يوق.بىزنى خاتا چۈشەنگەن ئەشۈ كىشىلەر ئۆزىدە سەمىمىيلىكنىڭ،مېھىر-ۋاپانىڭ ئۈندۈرمىللىرىنى تېخى ۋۇجۇدىدا يېتىلدۈرمىگەنلەر،ئولارمۇ ھامىنى بىر كۈنى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن قانچىلىك گۈزەل نەرسە ئېكەنلىگىنى چۈشەنمەي قالمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى يەنىلا مېھىرلىك بولايلى!  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-16 23:47:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍اجايىپ  ئ‍ىسىل  سۆزلەركەن  !   مەيلى قانداقلا  ئ‍ىش  بولمىسۇن  مىھرى مۇھابەت ئ‍ىنسانيەت  تەراقىياتىنىڭ   تۇگۆنى

ۋاقتى: 2015-2-28 09:11:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلگە ياققىدەك گەپلەر ئىكەنغۇ بۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش