ۋەھىمە
ئىنسان بۇ دۇنياغا مېھمان بولۇپ كەلگەندە،نۇرغۇن كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن ئىنساندىن ئىبارەت بىر ئەزىز مېھماننى كۈتىۋالىدۇ.ئىنسان بۇ دۇنيادىن كەتكەندە،يەنە نۇرغۇن كىشىلەر قىيالمىغان ھالدا بۇ ئەزىز مېھماننى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.
ئاتا-ئانا بىر بالىنى تۇغۇپ،بېقىپ چوڭ قىلغىچە نۇرغۇن جاپالارنى چېكىدۇ. ‹‹قاغا بالام ئاپئاق،كىرپە بالام يۇمشاق›› دېگەندەك،ھەممە ئاتا-ئانا ئۆزبالىسىنى ئەزىز كۆرىدۇ . بالا چوڭ بولغاندا ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدايدۇ.
مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ‹‹ۋاقتىمىز يوق››دېگەن گەپلىرىنى تولا ئاڭلايمەن.‹‹نېمىشقا ۋاقتىمىز يوق؟ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت ھەمىسى بىزنىڭ ۋاقتىمىز تۇرسا .››دەپ ئويلاپ قالىمەن.
مەن بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى.تۇرمۇشتىكى كۆپ ئىشلار تېخى بېشىمغا كەلمىگەچكە چۈشىنىپ كەتمەيمەن . مەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دوستلىرىم مىنىڭدىن يىراقلاشتى.چۈنكى ئۇلار تورخانىغا ئۆگۈنۈپ قالغان بولۇپ، تور ئويۇنلىرنىڭ مېھرىدىن ئۆزىنى ئېپ قاچالمىدى.بىراق مەن كىتاپتىن ئىبارەت بىر يېڭى دوست بىلەن تونۇشتۈم . ئۇ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈرۈپ قويدى.
دوستلىرىملا ئەمەس،نۇرغۇن بالىلارنىڭ تور ئويۇنلىرىغا شۇنچىلىك مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردۈم.ئۇلار ئاشۇ ئاخىرى چىقمايدىغان ئويۇنغا،پۇللىرنى،ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ،تاماق يىيىشنى ئۇنتۇلۇپ قالسا قالۇدىكى،بىراق شۇ ئويۇننى ئۇينىمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ. مەنمۇ دوستلىرىم بىلەن بىللە كىرىپ ئۇيناپ باقتىم ،بىراق ھېچقانچە قىزىققارلىق ئىكەنلىكىنى قىلچىمۇ سەزمىدىم . ئۇلار ئويناپ بولالماي ، سەت گەپلەرنى قىلىپ تىللىشىپ كىتىدۇ.توۋا دەپ قالىمەن. تۇيۇقسىز كەلگۈسىنى ئويلاپ قالدىم.بۇلار بۇنداق كېتىۋەرسە ، كەلگۈسىدە قانداق ئىشلار يۈز بېرە ؟ دېگەن ۋەھىمە پەيدا بولدى.
دېسكوخانا،تورخانىغا قارىسام يانا شۇ قېرىنداشلىرىمىز ئىكەن.
ئويلاپ باقسام مەكتەپ ئەڭ گۈزەل يەر ئىكەن . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،تېرىشىپ ئوقۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز ساندا ئىكەن . مەن تېرىشىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇشنى قارار قىلدىم.ئادەم تېرىشىپ ئۆگەنمىسە چەتكە قېقىلدىغانلىقىنى سەزدىم. جاپا مۇشەققەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى،جاپا مۇشەققەتلىك تېرىشىش ئىكەن.
مانا نۇرغۇن ساددا كىشىلىرىمىز ئوقۇشتىن بىزار بولۇپ،مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان قىزلار بۇزۇلۇپ كوچىغا چىقسا ، مىللەتنىڭ ئاتىسى بولغان ئەركەكلەر ‹‹ھايا قىل! ›› دەپ توسالمىدى.نابۇت بولۇپ كەتتى.
بىز بىر- بىرىمىزنى قوللاشتا يوق،بىر-بىرىمىزنى زاڭلىق قىلىمىز ،پۇتلاپ باقىمىز،ئارقىدىن گەپ تېپىپ باقىمىز، چاۋىسىنى چىتقا يايىمىز . سودىدا ، تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولساق ، قايتا ئورنىمىزدىن دەس تۇرماي،مەڭگۈلۈك مەغلۇپ بولىمىز.
ئۆيدە ئولتۇرۇپ،قىسىملىق،بۆلۈملۈك شېرىن مۇھەببەتلىك كىنولارنى كۈنلەپ كۆرسەك كۆرىمىزكى،بىرەر ۋاراق كىتاب ئوقۇپ قويمايمىز . ‹‹ ناخشىچى چولپانلاردىن 10نى ساناپ بېرىڭ›› دىسە،100ساناپ بېرىمىز.ئەمما ‹‹ئالىمدىن 5نى ساناپ بېرىڭ ››دىسە ئىككىنى ئاران ساناپ بېرىمىز.
مەن مەكتەپنىڭ گۈزەللىكىنى سەزدىم . دەرستە چىڭ تۇتقان ئوقۇتقۇچىلارغا خاپا بولۇپ يۈرۈپتىكەنمەن.
ئويلاپ باقسام ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا ئىكەن. بۇرۇن بىكار ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمغا قاراپ ئېچىندىم.
بىراق مەن كېچىكمىدىم .مېنىڭ ۋاقتىم يەنە ئىككى يىل بار. مەن بۇ ئىككى يىلدا كىتاب بىلەن كۆپلەپ دوست بولىمەن.ياخشى ئۆگىنىمەن،تېرىشىمەن.كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئارزۇلىرىم ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىمەن.
بىراق ۋەھىمە كۆڭلۈمدە يەنىلا مەۋجۇت. بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئورنىمىز قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كىتە ؟؟؟؟
نۇرئادىل ئوسمان
2015-يىل2-ئاينىڭ16-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا IDEA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 11:03
|