يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8193|ئىنكاس: 4

ئۆزيول(ت): ساقلىيالايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                       «ساقلىيالايمەن»
                                              قۇربانجان يۈسۈپ ئۆزيول تەرجىمىسى               
  
     ئامېرىكىلىق بىر يەھۇدىي سودىگەر  رۇسىيەگە بېرىپ سودا قىلماقچى بوپتۇ. ئەمما ئۇ رۇسىيەگە بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەلۇم بىر قاراڭغۇ بازاردا ئەتكەس مال سودىسى قىلىۋاتقاندا  ساقچىلار ئۇنى نەق مەيداندىلا تۇتۇۋېلىپ تۈرمىگە سولاپتۇ. بىرنەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ سوت مەھكىمىسىگە  ئىلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىپتۇ:
- قاراڭغۇ بازاردا تىجارەت قىلىش جەمئىيەتكە ۋە دۆلەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان ئېغىر جىنايى قىلمىش. دۆلىتىمىزدە  بۇخىل جىنايەتكە ئەڭ ئېغىر جازا، يەنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ،- دەپتۇ سوتچى.
يەھۇدىي سودىگەر ئۆزىنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكىنى، يېنىكلىتىپ جازا بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سوت قارارىدىن يانماپتۇ.
-دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى كۈنسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بۇخىل قانۇنسىز سودىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىۋاتىدۇ. بىز قانۇننى كۆزگە ئىلماي ئەتكەس مال سودىسى قىلغانلارغا قەتئىي رەھىم قىلمايمىز. بىراق، بىز چەتئەللىكلەرنىڭ  دۆلىتىمىزگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت ۋە قانۇنلۇق سودا قىلىشىغا ئىلھام بېرىمىز.  رۇسىيە قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئادىل ۋە رەھىمدىل بىر قانۇن سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، سوت مەھكىمىمىز سىزنىڭ ئۈچ ئارزۇيىڭىزنى قاندۇرۇشقا ماقۇل بولماقچى. ئەمما سىز ئۆلۈم جازاسىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ. ئۈچ  ئارزۇيىڭىز قاندۇرۇلغاندىن كىيىن، سىزگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى يەنىلا ئىجرا قىلىنىدۇ. قېنى ، ئۈچ  ئارزۇيىڭىزنى دەڭ، - دەپتۇ سوتچى.
ئۆزىگە بېرىلگەن جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن يەھۇدىي ئامالسىز ئۆز ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
- بىرىنچى ئارزۇيۇم،-دەپتۇ يەھۇدىي،- ئالپىس تاغ تىزمىسىغا بېرىپ قار تېيىلىش.
- نېمە ؟!  قار تېيىلىش! ھازىر دېگەن ياز تۇرسا، نەدىكى قار ئىكەن ئۇ ؟!-ۋارقىراپتۇ سوتچى.
- كېرەك يوق، مەن قىشقىچە ساقلىيالايمەن،- دەپتۇ يەھۇدىي سودىگەر.
- بولىدۇ، مەن قوشۇلدۇم ،-دەپتۇ سوتچى نائىلاج.
  ئالتە ئايدىن كىيىن  تۈرمە ساقچىسى ھېلىقى يەھۇدىينى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ ئالپىس تاغ تىزمىسىنىڭ ناھايىتى گۈزەل بىر جايىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. يەھۇدىي سودىگەر گۈزەل تاغ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ توپتوغرا بىر كۈن قار تېيىلىپتۇ.  نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمە ساقچىسى ئۇنى سوتچىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
سوتچى:
-  سوتىمىز سىزنىڭ بىرىنچى ئارزۇيىڭىزنى قاندۇرۇپ بولدى. ئەمدى  ئىككىنچى ئارزۇيىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ،- دەپتۇ.
-مەن ئىزچىل قارا دېڭىزغا سۇ ئۈزگىلى بېرىشنى ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم، بۇ مېنىڭ ئىككىنچى ئارزۇيۇم،-دەپتۇ يەھۇدىي سودىگەر.
  -نېمە دېدىڭىز؟! ھازىر دېگەن قىش پەسلى، قارا دېڭىزنى قار -مۇزلار قاپلاپ كەتكەن تۇرسا،-دەپتۇ سوتچى ئاچچىقلانغان ھالدا .
  - ئاچچىقلانماڭ سوتچى ئەپەندىم ،  مەن يازغىچە ساقلىيالايمەن،-دەپتۇ يەھۇدىي سودىگەر تەمكىن قىياپەتتە.  
- بوپتۇ، بۇنىڭغىمۇ قوشۇلدۇم،- دەپتۇ سوتچى ئېغىر ئۇھسىنىپ.
  ھاۋا ئوچۇق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تۈرمە ساقچىسى يەھۇدىينى قارا دېڭىزدىكى مەنزىرسى ئەڭ ياخشى بولغان دېڭىز ساھىلىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. يەھۇدىي سودىگەر ئۇ يەردە توپتوغرا بىر كۈن سۇ ئۈزۈپتۇ ۋە كۈنگە قاقلىنىپ تەبىئەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپتۇ. بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن تۈرمە ساقچىسى ئۇنى يەنە سوتچىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ.
- دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى لەۋزىدە تۇردى، سوتىمىزمۇ سىزنىڭ ئىككى تەلىپىڭىزنى ئوبدان قاندۇردى. ئەمدى سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرلا ئارزۇيىڭىز قالدى، بۇ ئارزۇيىڭىز قاندۇرۇلغاندىن كېيىن سىزگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ. قېنى، ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيىڭىزنى دېسىڭىز بولىدۇ ،-دەپتۇ سوتچى.
- مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇم، - دەپتۇ يەھۇدىي سودىگەر سوتچىغا مەنىلىك بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن،- سىز بىلەن بىر گۆردە يېتىش.
  بۇ گەپنى ئاڭلىغان  سوتچىنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلەپتۇ-دە، ئۈستەلنى مۇشتلاپ يەھۇدىيغا قاراپ قاتتىق چالۋاقاپ كېتىپتۇ:
- ئەقلىڭدىن ئازدۇڭمۇ نېمە؟!  مەن تېخى ھايات تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!
- خاتىرجەم بولۇڭ سوتچى ئەپەندىم، ئەمما مەن سىز ۋاپات بولغۇچە ساقلىيالايمەن،-دەپتۇ يەھۇدىي سودىگەر كۈلۈپ تۇرۇپ.
                                                                                      قۇربانجان يۈسۈپ ئۆزيول تەرجىمىسى               
  
                                     « شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى                                                  
                                   مەسئۇل مۇھەررىرى: تاھىرخالىق







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 11:33  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-16 23:48:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تېخى بىرىنچى سانىنى قولىمىزغا ئالماي تۇرۇپ،4-سانى چىقىپ بولۇپتۇ دە،مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-17 23:00:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  « شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى                                                  
بۇ بىر ئايدا 2سان چىقىدىغان ژورنال ئەمەستۇ.

ۋاقتى: 2015-2-19 19:12:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزيول…… بۇ تەخەللۇسمۇ ئىككى بوپتۇ مانا،  يەنە بىرى موختار داۋۇد ئۆزيول ئىدى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-20 16:17:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 23:00
« شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 4-سانىدىن ئېل ...

  ئەسسالام مەخەتجان ئاكا ! «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى ئايلىق كەسپىي ژۇرنال .
«شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-، 2-سانى ( قوشما سان ) دىن 4- سانىغىچە ئىشلىنىپ پۈتكەن بولسىمۇ ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يېڭى سانلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى يازغۇچىلار تورىغا ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم . ئەمدى بۇ ئىش بايرامدىن كېيىنگە قالدى . شۇڭا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى زەررىچە بولسىمۇ قاندۇرۇش مەقسىتىدە، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2015-يىللىق 4- سانىنىڭ ئەدبىي بېتىگە بېرىلگەن  بۇ تەرجىمە ئەسەرنى ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 16:18  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش