يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1184|ئىنكاس: 5

ئەدەپسىز‹‹شاھزادە››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەدەپسىز‹‹شاھزادە››
(ھېكايە)
تاھىرجان نىيازM86v  
مەن بۆگۈن نۆۋەتچى بولغاچقا،چۈشتىن كېيىنكى ئاخىرقى دەرىس ۋاقتىدا ھەر قايسى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئالغىلى سىنىپلارغا كىردىم.بىر سىنىپقا كىرسەم سىنىپتا ئوقۇتقۇچى يوق،ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئىكەن.مەن ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ئورنۇڭلاردا جىم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار،سانىڭلارنى ئېلىۋالاي››دەپ قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى بىر باشتىن ساناشقا باشلىدىم.شۇ جەرياندا بىر ئوقۇغۇچى خۇددىي مايمۇندەك سەكىرەپ بىر دەم ئۇ تەرەپتىن بۇ تەرەپكە،بىر دەم بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە  ئۆتۈپ ئولتۇرۇپ ،ساننى زادىلا تولۇق ئالغىلى قويمىدى. مەن تېرىككەن بولساممۇ يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ،ئۇنىڭغا:‹‹نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟››دېسەم،ئۇ‹‹بالىلارنى باشقۇرىۋاتىمەن››دەيدۇ.‹‹ئۇكام،بىر دەم جايىڭدا جىم ئولتۇرۇپ تۇرغىن،ساننى ئېلىۋالاي››دەپ قويۇپ يەنە بالىلارنى سانىسام،يەنە ئۇ ياق بۇياققا يۈگىرەپ بالىلارغا ئويۇن قىلغىلى تۇردى.مەن سەل جىلى بولۇپ؛‹‹ھەي جايىڭدا ئولتۇر دەيمەن.مايمۇنمۇ سەن؟››دېسەم،ئۇ‹‹كىم مايمۇن ئىكەن؟ قانداق سولامچى  ئوغرى ماۋۇ....››دەيدۇ.شۇئان بۇ ھاقارەتتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ،كۆزۈمگە ھىچنىمە كۆرۈنمىگەن ھالدا ‹‹نىمە دېدىڭ؟ ››دېگىنىمچە شاپىلاق بىلەن بىرنى سېلىپ،پاتتاڭدىن تۇتۇپ سىرىتقا ئېتىۋەتتىم.ئۇ ھەم يىغلاپ ھەم مېنى سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلىگىنىچە كەتتى. y{? 6U>_  j Z3N+_J1           غۇرۇرۇمغا ئېغىر تەگكەن بۇ ھاقارەتتىن كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ ھەم ئوقۇتقۇچى بولغانغىمۇ تويۇپ،كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى.ئەتىسى ئىشقا كېلىپ ئىشخانىدا دەرىس تەييارلاپ ئولتۇرسام مەكتەپ مۇدىرى چاقىرىدۇ.ئىشخانىسىغا چىقسام؛‹‹تۆنۈگۈن كىمنى پاتتاڭدىن تۇتۇپ ئېتىۋەتتىڭلار؟ ››دەيدۇ.دەر ھال تۆنۈگۈنكى ئىش ئېسىمگە كېلىپ جۇدۇنۇم ئۆرلىدى ۋە‹‹بىر تۇڭگۇزدىن توغۇلغان ھاراملىقنى ››دېدىم. مۇدىر؛‹‹نىمە دەيسىلەر،سىلەر ئۇرغان بالا ناھىيەمىزنىڭ ھاكىمىنىڭ ئوغلى ئىكەن،ھازىر ئاپىسى ئەرىز ئېيتىپ كەپتۇ››دەيدۇ.بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم ۋە يەنە ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ؛‹‹كەلسە كېلە،مەندەك دىلىغا ئىلىم سالىدىغان ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئوغرى،سولامچى ئىكەنمەن.تويدۇم بۇنداق خىزمەتتىنما››دەپ قاينىدىم.ئويلاپ يەتتىمكى؛ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنى ‹‹شاھزادە ››ھېساپلاپ،ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي يوغانچىلىق قىلىپ يۈرۈيدېكەن.
    مۇدىر ماڭا بىر دەم نەسىھەت قىلىپ ،مېنى باشلاپ ئىلمىي مۇدىر ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقتى.ئىشخانىدا سېمىزىرەك،پاكار بىر ئايال ‹‹قانداق ساۋاتسىز ئوقۇتقۇچى ئۇ،ئوقۇغۇچىنىمۇ ئۇرامدۇ.ئاشۇنداق ھايۋان ئوقۇتقۇچىنىمۇ مۇشۇنداق نوقتۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىتىدىكەن....دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ،ئىلمىي مۇدىرغا قايناپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مېنىڭ يەنە ئوغام تېشىپ؛‹‹تۆنۈگۈن مېنى ئوغرى،سولامچى دەپ تىللىغان تۇڭگۇز بالىنى تۇغقان خوتۇن مۇشۇ ئوخشىمامدۇ؟››دېيىشىمگە ؛‹‹مۇشۇ ئىكەن دە؟››دەپ يەنە قاينىغىلى تۇردى.مەنمۇ بوشىمىدىم.ئىشخانىدىكى رەھبەرلەر ئوتتۇرغا كىرىپ  مېنى چىقىرىۋەتتى....
         ئىككى كۈندىن كېيىن مۇدىر مېنى چاقىرىپ،‹‹سېلىنى ھاكىم ئىشخانىسىغا چاقىرىدۇ،بېرىپ كېلىڭلار››دېدى.مەن ‹‹ئەمدىغۇ مەن ھاكىمدىن بىر مۇنچە تىل ئىشتىدىغان  ھەم يىراق مەكتەپكە سۈرگۈن قىلىنىدىغان بولدۇم››دېگەنلەرنى ئويلاپ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە باردىم ۋە ئىزدەپ-سوراپ ھاكىم ئىشخانىسىنى تېپىپ ئىشىكنى چەكتىم.ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن ئىشخانىغا ئاستا كىردىم.ئىشخانىدا بىر نەچچە ئادەملەر بار ئىكەن. ‹‹مېنى چاقىرتىپتىكەنلا››دېسەم،‹‹1-ئوتتۇردىن كەللىمۇ؟››دەپ ناھايىتى سىلىق سورىدى ۋە ‹‹سىرىتتا سەل تۇرۇپ تۇرسىلا ھە؟،ماۋۇلار بىلەن دېيىشىدىغان گەپ تۈگەي دېدى››دېدى.مەن ‹‹ھاكىم مېنى چوقۇم غەزەپ بىلەن كۈتىۋالىدۇ ››دەپ ئويلىغان.بىراق ،بۇ سىلىق سىپايە مۇئامىلىسىدىن ئەنسىرىشىم تۈگىدى.بىركەمدە كىشىلەر ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ھاكىم‹‹مۇئەللىم،ئەمدى كىرسىلە!››دەپ چاقىردى.مەن ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ھاكىم مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ،ماڭا چاي،تاماكا تۇتتى.مېنىڭ ئىسمىمىنى سوراپ،‹‹سىلىنىڭ ناملىرىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرۈپتىكەنمەن.سىلى پىشىقەدەم ھەم ئېقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى ئىكەنلا.ئەسلى قاشلىرىغا مەن بارسام بولاتتى.ئىش بەك كۆپ بولغاچقا ،ئۆزلىرىنى ئىشخانامغا چاقىرتقان››.بۇ ئىللىق مۇئامىلىدىن مەندەك بىر ئاق كۆڭۈل مۇئەللىمنىڭ دىلى ئېرىپ،ۋۇجۇدۇمغا يىغا ئولۇشۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇ تاپتا ھاكىم بىلەن ئۇنىڭ ئاڭسىز خوتۇنى ۋە ئەدەپسىز ئوغلىنى سېلىشتۇرماقتا ئىدىم.
    ‹‹بىزنىڭ ئوغۇل سىلىنىڭ چىشلىرىغا تېگىپ قويۇپتۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپىسىمۇ بېرىپتۇ.مەن بەك خىجىل بولدۇم.زادى نىمە ئىش بولغانىدى؟››دېدى.مەن ئوغلى ۋە خوتۇنى بىلەن بولغان كۆڭۈلسىز ئەھۋالنى تولۇق دەپ بەردىم.‹‹مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئاشۇنداق سەل ئوسال چوڭۇپ قالدى.ئاپىسى ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ ،ئەركىلىتىپ ئاشۇنداق قىلىپ قويدى.ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىشىدىن ئۈمۈدۈم يو دېسلە››دېدى.‹‹ئۇنداق دېمىسلە،ياخشى تەربىيە قىلساق ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ.مەنمۇ سەل ئۆزۈمنى تۇتالماي ئاشۇرىۋېتىپ قاپتىمەن.خاپا بولمىسلا››دېدىم.ھاكىم؛‹‹ياق،ياق،بالام سىلىنىڭ غورۇرلىرىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ،كۆڭۈللىرىنى بەك ئاغىرتىپتۇ.خاپا بولمىغان بولسىلا.ئوغلۇمغا ئۆزۈم تۈزۈك  تەربىيە قىلىمەن››دېدى.بىز شۇنداق چىرايلىق خوشلاشتۇق.ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن بۇ ھاكىمدىن بەك رازى بولدۇم ھەم ئىلگىرى مەن  ئانچە چۈشەنمەيدىغان بۇ  ھاكىمنى كۆرسەملا ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن قارايدىغان بولدۇم.
 ھاكىمنىڭ ئوغلى يەنە مەكتەپكە قايىتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى.      بىر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپ مەيدانىدا‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم››دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم ۋە ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىسام،ھېلىقى ھاكىمنىڭ ئوغلى ئىكەن.ئۇ ماڭا سالام قىلىپ كەپتۇ.مەنمۇ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ ئەھۋال سورىدىم.چىرايلىق خوشلاشتۇق.بۇ خىل سالام قىلىش كۈندە داۋاملىشىدىغان بولدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەدەپلىك مۇئامىلىسىدىن سۆيۈنمەكتە ئىدىم.قىسقىسى ،بىر قېتىملىق كۆڭۈلسىز توقۇنۇشتىن كېيىن بۇ‹‹شاھزادە››مۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرگەن،ئوقۇشتىمۇ ئلگىرلىگەنىدى.سىنىپىغا سان ئالغىلى كىرسەممۇ جايىدا ئەدەپلىك ئولتۇراتتى.ئەمدىلىكتە ئىلگىركى بۇ ‹‹ئەدەپسىز شاھزادە››نىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىغا قىلىدىغان ئەدەپسىزلىك قىلمىشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى.كوچىدا بىر نەچچە قېتىم ھاكىمنىڭ ئايالى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالغاندا سەل ھودۇقتۇم ،لېكىن ھاكىمنىڭ خوتۇنى مېنى كۆرۈپ ئىللىق تەبەسسۈم بىلەن سالام قىلدى.قارىغاندا ھاكىم ئائىلىسىدە خېلى ئوبدان ئىدىيۋى تەربىيە خىزمىتى ئىشلىگەندەك قىلاتتى.مەن ھازىر بۇ ئوقۇغۇچى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دوست بولۇپ قالدىم.ئويلاپ قالدىم،ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى بىرلەشسە ئۆنۈمى نىمە دېگەن ياخشى ھە؟  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-21 15:57:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقمۇ  ھۈنىرىڭىز بارمۇ  تېخى   كۆز تەگمىسۇن

ۋاقتى: 2013-9-2 19:36:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىزنى «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغىنى بۇيىچە قايتا بىر تەھرىرلەپ قۇيارسىز.

ۋاقتى: 2013-9-2 19:37:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          ‹ئەدەپكە قايىتقان «شاھزادە»› قوزغاتقان ھىسلار[/b]                                           ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
  2012-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر. گىمناستىكىدىن تارقاپ، خىزمەت كومپىيوتېرىمنى ئەمدى ئېچىشىمغا ئىدارىمىزنىڭ خەت-چەك تارقاتقۇچى خادىمى ئالدىمغا «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ شۇ كۈندىكى سانىدىن بىر پارچە قۇيۇپ قويدى. قولۇمغا ئېلىپ، ئادىتىم بۇيىچە ئەڭ ئاۋال ‹جەنۇب شامىلى› بېتىگە كۆز تاشلىدىم. دەرھال دىققىتىمنى تارتقىنى تاھىرجان نىيازنىڭ ‹ئەدەپكە قايىتقان «شاھزادە»› ناملىق ھېكايىسى بولدى. باشلىنىشىنى ئازراق ئوقۇپلا ھېكايە ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. مەن ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھەم ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى بىلەن بىۋاستە شۇغۇللانغان. شۇڭىلاشقا ھېكايىدىكى ۋەقەلىك ماڭا خۇددى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن قايسىدۇر بىر ۋەقەلىكتەك ئەسلىمە بىرىپ، قىسقىغىنە دەقىقە ئىچىدە قەلبىمدە سۆيۈنۈش ۋە ئېچىنىشتەك مۇرەككەپ ۋە نازۇك تۇيغۇلارنى پەيدا قىلدى.
  ئاساس مائارىپىمىزدا ئوقۇتقۇچىلار دائىم بۇنىڭدەك «شاھزادە» لەرگە دۈچ كىلىپ تۇردۇ. ھەم شۇ سەۋەپلىك ھەمىشە قۇرساق كۆپىكى تارتىۋالىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئوغلى، يېزا باشلىقىنىڭ ئوغلى، ھاكىمنىڭ ئوغلى، ۋالىينىڭ ئوغلىدەك شاھزادىلەرنىڭ ئىچىدە دەل ئەنە شۇنداق ئەركە «شاھزادە» لەرمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار ئائىلىسىدە دىگىنىنى قىلغۇزالىغىدەك ۋە قىلىپ بەرگىدەك ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، سىنىپ ۋە مەكتەپتىمۇ ھېلىقى «شاھزادە» دەك بالىلارنى خالىغانچە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگىمەن دەپ ئويلىشىدۇ. مەكتەپ ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانى ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يىتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈردىغان ئۇرۇن. شۇڭا ئۇلارنى بەزىدە چۇقۇم ھېلىقى «نۆۋەتچى مۇئەللىم» (ھېكايىدىكى نۆۋەتچىلىك قىلۋاتقان مۇئەللىم) دەك جىملەپ قۇيۇش زۆرۈر بۇلۇپ قالىدۇ. چۈنكى مەكتەپ دىگەن «شاھزادە» لەرنىڭلا خاس ئائىلىسى ئەمەستە؟ دېمەك، ھەر قانداق بىر ئوقۇتقۇچى شۇ مۇئەللىمدەك ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندە شۇنداق قىلمايمۇ ئامالى يوق. چۈنكى مائارىپتا بەزى ئىشلارغا كۆز يۇمۇۋالغىلى بولغان بىلەن، بەزى ئىشلارغا كۆز يۇمۇۋالغىلى بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلىق غۇرۇر ئازار يىگەندە.
  دەرۋەقە، مائارىپ دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا تەلىم-تەربىيە دىگەن مەنا چىقىپ تۇرغاچقا، ھەدىسىلا «جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالاڭئاياق» دەپ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بىرىپ يۈرمەي، ئىلمى ئەخلاق تەربىيسى بىرىش كېرەك. بۇ ھەم ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا قۇيۇلغان تەلەپ. ئەمما قايسى بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسى تەرىپىدىن «ئوغرى» دەپ ھاقارەتلىگەندە بىر شاپلاق سېلۋىتىشتىن، بىرەر قېتىم پاتىڭىدىن تۇتۇپ سىرتقا ئىتتىرۋىتىشتىن ئۆزىنى تۇتۇپ قالالايدۇ؟ ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەن قاراڭغۇ دىلنى يۇرۇتقۇچى. ئەمما ئۇمۇ ئالدى بىلەن باشقىلارغا ئوخشاشلا غورۇرى بار ئادەم!
  ئۇنداقتا مەكتەپ مۇدىرىچۇ؟ ئېنىقكى، مەكتەپ مۇدىرى پادىشاھ ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى چاكار-چۆرىلەر ئەمەس. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە، مالىيە جەھەتلەردىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنىڭ نۇرمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيتىلا باركى، ھەرگىزمۇ دۆلەتتىن مۇئاش ئېلىپ، ئىلىم ئۇرۇقى چېچىۋاتقان مەرىپەت ئىگىلىرىنى پادىشاھتەك ھەدىسىلا ئالدىغا چاقىرتقۇزۇپ، بۇلار-بولماس تەنە-دىخمار، مالامەت بىلەن پاراكەندە قىلىش ھوقۇقى يوق. ئەگەر چارە كۆرۈش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، «مائارىپ قانۇنى»، «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى تەدبىقلانىسا، ياكى بەك بىر ئىش قىلغۇسى كىلىپ كەتسە، ھېلىمۇ ئاي ئاخىرىغا بارمايلا چىراي سارغايتقۇزىدىغان ئىش ھەققىدىن قۇلىدىن كەلگىنىچە تۇتۋالسىلا بولمىدىمۇ؟ مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرسىدا خالى بولغىلى بولمايدىغان كىچىككىنە زىدىيەتنى ئەپلەپ كىلىشتۈرەلمىگىنىگە خىجىل بولماي، بىر مۇئەللىمنى ھاكىمنىڭ ئايالىنىڭ «تالىشى» غا ئىتتىرىپ بەرگىنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاتالمىش سالاپىتىگە ئۇيغۇن قىلىقمۇ ئەمدى؟
  شۈكرى، ھېكايىدە بىزنى سۆيۈندۈردىغان ئوبرازمۇ يوق ئەمەس. ئۇ بولسىمۇ ھېلىقى ھاكىم. ئۇ ھاكىم نېمە ئۈچۈن سۆيۈملۈك؟ ھاكىم ھاكىم بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا بىر ئادەم دەپ چاغلىيالىغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك. ھاكىم ھەقىقەتەن ئىشى ئالدىراش بىر ئادەم، ئەمما ھېكايدىكى ھاكىم ئۆز نۆۋىتىدە باشقىلارنىڭ ئىشىنىمۇ چۈشىنىپ يىتەلەيدىغان، ئەۋلادلارنىڭ ھەقىقى كەلگۈسى مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلەلەيدىغان بىر ئادەم. بۇ ھېكايىنىڭ ماڭا ۋە مەندەك ئويلايدىغانلارغا بەرگەن ئىستىتىك لەززىتى ئەنە شۇ يەردە.
  ئەمدى ھېكايىدىكى ئۆزەم نوقسانلىق دەپ قارىغان جايلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن:
1) «نۆۋەتچى مۇئەللىم» بىر ئوقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئىلمى ئادەم. گەرچە ئۇ ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن «ئوغرى» دەپ ھاقارەتلەنگىنىگە پايلىماي، ھېلىقىدەك سەۋەنلىكنى سادىر قىلىپ قويغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاپىسىغا كاجلىق، قۇپاللىق قىلماسلىقى، بۇلۇپمۇ «تۈنۆگۈن مېنى ‹ئوغرى› دەپ تىللىغان تۇڭگۇز بالىنى تۇغقان خۇتۇن مۇشۇ ئوخشىمامدۇ؟...» دىگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.
2) ھاكىم يۇقىردا قەيىت قىلغىنمدەك بىزگە شۇنچىلىك ياخشى تەسىر بەرگەن ئادەم. مېنىڭىچە شۇنچىلىك ياخشى تەسىرگە ئىگە بىر ئادەم، يەنە كىلىپ «شاھزادە» سىنى ئەدەپكە قايتۇرالىغان بىر ھاكىم ئوغلى ئارقىلىق مۇئەللىمگە تاماكا ئەۋەتىشنىڭ، «يەنە بىر نەرسە لازىم بولسا يەنە ئەۋەتىپ بىرىش» نىڭ ئانچە توغرا ئىش ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يىتىشى كېرەك ئىدى. قاراڭ:
- بۇنى ئاتام ئەۋەتتى، - دەپ بىر بولاق ئالى دەرىجىلىك تاماكىنى ماڭا ئەدەپ بىلەن بەردى. ھەم، - بىر نەرسە لازىم بولسا ماڭا دىسىلە، ئەكەپ بېرىمەن – دەپ چىقىپ كەتتى.
  ئۇمۇمەن، ھېكايىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان تەرىپى شۇكى، بۇ ھېكايىدە ئائىلە تەربىيسى بىلەن مەكتەپ تەربىيسى ۋە جەمئىيەت تەربىيسى ھەقىقى يۇسۇندا بىرلەشسە تەلىم-تەربىيە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بۇلدىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقتىكى موھىم بىر مەسىلە تىپىك پاكىتلار ئارقىلىق دادىللىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەن تاھىرجان نىيازنىڭ بۇ ھېكايىسى ئارقىلىق ئۇقۇرمەنلەرگە شۇنداق لەزىز زوق ئاتا قىلغىنىغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرمەن ۋە شۇنداق ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ سۇنۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     («ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى «كۆۋرۈك» بېتىدە ئېلان قىلىنغان)

ۋاقتى: 2014-12-8 17:33:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە تولوق يوللىماپتۇق دە؟ ياخشى يىزىپسىز بۇنى ئوقۇپ ئوقوغۇچىلىق دەۋرىمدىكى شىرىن ئەسلملەر يادىمغا كەپ قالدى. شۇ ۋاقىتنى تولىمۇ سىغىندىم

ۋاقتى: 2014-12-8 19:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش