يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 402|ئىنكاس: 0

كۆزگە چېلىققان كۆزگە سىغماس ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆزگە چېلىققان كۆزگە سىغماس ئىشلار
(راست ئىشلار خاتىرسى)
تاھىرجان نىياز

     خىزمىتىم جەمئىيەت ئارلاپ ئىشلەيدىغان خىزمەت بولغاچقا،جەمئىيەتتىكى رىئالنى ياخشى-يامان ئىشلار بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرۇشۇپ قالىمەن ياكى ئاڭلاپ تۇرىمەن.بەزى ئالىيجاناپ كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرى ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈپ يۈرەكنى«لەختە»قىلسا،بەزى كىشىلەرنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ،يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدۇ. مەن تۆۋەندە جەمئىيەتتىكى كۆزۈمگە چېلىققان كۆزگە سىغماس ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەي.ئىبرەت،تەربىيە ئېلىشقا پايدىسى بولۇپ
قالار.                                                
                       مېيىپ لۈكىچەك
   ــ قاراڭلا ئاۋۇ مۇتىھەم يۇرتدېشىڭلارغا،ھېلى تېخى سىلە ئىچ ئاغرىتىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ ھەم بىزنىڭمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشىمىزنى ئۆتىنىۋاتاتتىڭلار،ئەمدى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭغا بېرىدىغان بىر پۇڭۇممۇ يوق.بېرىپ شاپىلاقتىن نەچچىنى«سەدىقە بېرەي»دېسەم مېيىپ ئىكەن،ئەل-جامائەت زاڭلىق قىلغۇدەك،ھەي...!!بولدى كېتەيلى. %];h|[ax]         مەن دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇ ئىشارە قىلغان تەرەپكە قارىسام ،سودا بازىرى ئىچىدە دوستۇم ماڭا دوق قىلىپ دەۋاتقان «مېيىپ يۇرتلۇقۇم» مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ كېلىپ، تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بىر موماينى تىللاپ ، دۈشكەلەپ،يۈزىنى يېپىۋالغان چۈمبىلىنىمۇ چۆرىۋېتىپ ،ئۇ موماينىڭ يېلىنغىنىغىمۇ ئۇنىماي«بۇ يەردىن يوقال!»دەپ قوغلىغىلى تۇرۇپتۇ.قاراپ تۇرساق ئۇ مېيىپ يىگىت موماينى سودا بازىرىنىڭ سىرىتىغا چىقىرىۋەتتى.موماي چۈمبىلىنى قايتا ئارتىپ يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى.ئەتىراپتا تۇرغان ھەممىمىز ئۇ مېيىپ يىگىتنىڭ ئۆكتەملىكىگە لەنەت ئوقۇشتۇق،بىر قىسىم كىشىلەر ئاچچىقىدا«خۇدايىم ھەممىنى تەڭشەپ بېرىدىكەن»دېيىشىۋاتاتتى.بىراق ،بىرەرسىمىز ئارىغا كىرىپ ئۇنىڭغا ‹‹ئاپاڭدەك ئايالغا نىمىشقا ھۆرمەتسىزلىك،ئۆكتەملىك قىلىسەن؟» دەپ ئېغىز ئېچىپ نەسىھەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق.چۈنكى 25ياشلاردىكى ئۇ يىگىتنىڭ ئىككى پۇتىمۇ مېيىپ،تىلىمۇ راۋان ئەمەس،قولىمۇ يېرىم ئىشلەيدىغان تۇغما مېيىپ بولۇپ،مېيىپلار ھارۋىسىدىن ئايرىلسا ئىككى پۇتىنى سۆرەپ ئۆمىلەپ ماڭىدىغان جىسمانىي جەھەتتىن ئىنتايىن ئاجىز بەندە ئىدى.شۇڭا ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولغىسى كەلمەيتى. hk5E=t~&        دېيىلىۋاتقان بۇ ئىش بىزنىڭ ناھىيەگە قوشنا بولغان بىر ناھىيەنىڭ چوڭ بىر سودا بازىرىدا يۈز بەردى.مەن شۇ كۈنى مۇشۇ ناھىيەدىكى دوستۇمنىڭ قېشىغا كەلگەنىدىم.بىز بىر قانچە دوست چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاشۇ سودا بازىرىدىكى ئاشخانىغا كىردۇق.كىرىپ كىتىۋېتىپ ئاشخانىنىڭ ئۇدۇل تەرپىدە مېيىپلار ھارۋىسىنىڭ يېنىدا يېنىچە يېتىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان مېيىپ يىگىتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ۋە دەرھال ئۇنى تونۇدۇم.«ۋاي ،بۇ بىزنىڭ ناھىيەدىكى مېيىپ يىگىتقۇ، بۇ ناھىيەگە قانداق كەلگەندۇ،ھەر قانچە بولسىمۇ مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ كېلىپ بولالماس؟»دېگەنلەرنى ئويلاپ بىر دەم جايىمدا تۇرۇپ قاپتىمەن.دوستۇم؛«نىمىگە قاراپ قالدىڭلار،ئاشخانىغا ماڭساڭلار»دېدى. مەن ئۇلارغا :«ئاۋۇ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان مېيىپ بالا بىزنىڭ ناھىيەدىن،شۇڭا قاراپ قالدىم»دېدىم.مەن ئاتايىن ئۇ مېيىپ يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ سەدىقە بەردىم.ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ:«سىز شاياردىنغۇ؟»دېدى.«تونۇپسىز ھە،بۇ ناھىيەگە قاچان،قانداق كەلدىڭىز،قاچان كېتىسىز؟»دېگەنلەرنى سورىدىم.ئۇ:«ماشىنىدا كەلدىم،50كويغا ئەكىلىپ قويدى.كەلگىلى تۆت كۈن بولدى،كېلەر ھەپتە كېتىمەن»دەپ جاۋاپ بەردى.خىيالىمدا ،ئەگەر ئۇ بۆگۈن كەچتە كېتىمەن دېسە مەن كىراسىنى تۆلەپ ئالغاچ كېتىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي دېگەنىدىم.ئۇنىڭ سەدىقە قاچىسىغا نۇرغۇن پۇل چۈشكەن ئىدى.ئۇنىڭ بۇ مېيىپ ھالىتىگە قاراپ ئىچ ئاغىرتىپ سەدىقە بېرىدىغانلار كۆپ بولۇپ،ئەر-ئايال،قېرى-ياش ۋە ئۆسمۈر بالىلارمۇ ئېچىنىش ئىچىدە ئاتىغىنىنى بېرىپ ماڭاتتى.بۇ يىگىت تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان جايدا باشقا تىلەمچىمۇ يوق ئىدى.ئەتىراپتىكى تىجارەتچىلەرمۇ مۇشۇنىڭ قېشىغا كېلىپ پۇل پارچىلاپ كېتىۋاتاتتى.مەن بۇ ئەھۋالغا قاراپ،ئۇنىڭ بۇ سودا بازىرىغا خېلىلا ئۆزلۈشۈپ قالغانلىقىنى.داۋاملىق كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ،شۇڭا شاياردا بەك كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.مەن ئاشخانىغا قايتىپ كىرىپ تاماق يېگەچ دوستلۇرۇمغا ئۇ يىگىتنىڭ ھەقىقەتەن بىچارىلىقىنى،يېنىدىن ئۆتۈپ قالغاندا سەدىقە بېرىپ قويىشىنى ئۆتۈندۈم.ئاشخانىدىن چىققاندا دوستلۇرۇمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا سەدىقە بەردى.ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ سەدىقىنى كۆپ بەرگىنىدىن، كۆڭلۈمدە خۇددىي ماڭا ئامەت كەلگەندەك سۆيۈنۈپ كەتتىم.سەۋەبى؛ بىر تەرەپتىن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ناھىيەدىن.يەنە بىر تەرەپتىن مەن ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەردار. ئۇ ساختا مېيىپ بولماستىن ھەققىقى مېيىپ.مېيىپ بولغاندىمۇ ئائىلىسى نامرات،يىتىم مېيىپ.مەن كۆپ قېتىم ناھىيەنىڭ نامراتلاردىن،مېيىپلاردىن ھال سوراش گوروپپىسى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بارغان.ئۇ ئولتۇرىۋاتقان مېيىپلار ھارۋىسىنىمۇ ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى تەقدىم قىلغان.نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ  ئۆز ناھىيسىدە تىلەمچىلىك قىلغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن.پەقەت ھارۋىسىنى ھەيدەپ كوچىدا سەيلە قىلىپ مېڭىپلا يۈرەتتى.لېكىن بىز سودا بازىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ قايتىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا ،ئۇنىڭ بۇ سودا بازىرنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياشانغان ئايالغا قىلغان قىلىقلىرىدىن مېھرىبانلىقىم غەزەپكە ئايلىنىپ،«ھۇي ئىنساپنى بىلمەيدىغان،شەخسىيەتچى مېيىپ لۈكىچەك!!»دېگىنىمچە ئىچىم ئاچچىق بولغان ھالدا يولۇمغا راۋان بولدۇم.ئۇ‹‹ مېيىپ لۈكىچەك»بەلكىم شۇ كۈنى نۇرغۇن ساخاۋەتچى،مېھرىبان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى.توۋا!!يەتتە ئەزايى ساق ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ياخشى،ئەسكىسى بولغىنىدەك،مېيىپلارنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ئالىي جاناپ،تىرىشچان،ئىرادىلىكلىرى بولغاندىن سىرىت ،مۇشۇنداق مېيىپلىقىنى ئەسكىلىك ئۈچۈن دەستەك قىلىدىغان جىسمانىمۇ ،قەلبىمۇ مېيىپ ئەسكىلەرمۇ بار ئىكەن. R!_8jD:$  ئەسكىلىكتىن ھەممىمىز يىراق تۇرايلى،دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە ،ئىناقلىققا تولسۇن!! aX[1H6&=7                     ‹‹قان شورىغۇچى چايان›› 
  بۇلتۇر ئۆكتەبىرنىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ناھىيەمىزنىڭ كەچلىك بازىرىدا ئۈچىمىز تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق(ناھىيەمىزنىڭ كەچلىك بازىرى كۈندۈزىمۇ بازار بولىۋېرىدۇ).كەچلىك بازارنىڭ كىچىك يولىدا بىر دانە قەغەز سومكا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان بىر يىگىت تۇيۇقسزلا بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدىلا يىقىلىپ چۈشتى.بىز «ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان چېغى»دەپ ئويلاپ قاراپ تۇرساق،ئۇ يىگىت مىدىراپ يۈرۈپ يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ يەۋالغاندىن كېيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى.شۇ يەردىكى بىر تىجارەتچى ئايال ئۇ يىگىتنىڭ قېشىغا بېرىپ ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئۇ يىگىتنى يۆلەپ ياندىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.قارىغاندا ئۇ مەست ئەمەستەك قىلاتتى.مەنمۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ يېنىدىكى ئايالدىن‹‹نىمە بوپتۇ؟››دەپ سورىسام ئۇ ئايال؛‹‹يۈرەك كېسىلى بار ئىكەن،خوتەندىن كېۋەز تەرگىلى كەلگەن يىگىت ئىكەن.تارىم دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرپىدە كېۋەز تېرىۋېتىپتىكەن. بۆگۈن كېۋەز تېرىپ تاپقان پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ ناھىيە بازىرىغا كېلىپ ،كېيىم-كېچەك بازىرىدىن قولىدىكى بۇ ئىشتاننى سېتىۋاپتۇ.شۇ جەرياندا يانچۇقىدىكى ئېشىپ قالغان مىڭ نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى يانچۇقچى ئېلىۋاپتۇ.ئاشخانىغا كىملىكىنى گۆرۆگە قويۇپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ››دېدى.ئۇ يىگىت يۈرىكىنى تۇتۇپ،گەپ-سۆز قىلماي يىغلاپ ئولتۇراتتى.ئەمدى بىلدىمكى ؛ئۇ يىگىتنىڭ يىقىلىپ قالغاندا يانچۇقىدىن ئېلىپ يىگىنى يۈرەك كېسىلىنىڭ دورىسى ئىكەن.ئۇ يىگىت يىتكەن پۇلنىڭ ئاچچىقىدا ۋە كېۋەز  تېرىۋاتقان 50نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يەرگە قانداق كېتىۋېلىش غېمىدە يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ يىقىلىپ قالغان ئىدى.ئەمەلىيەتتە ئىپلاس ئوغرى بۇ،كېسەلجان بولسىمۇ ھالال يول بىلەن كۈن ئالىدىغان پىچارە مۇساپىر يىگىتنىڭ قان تەرىنى شورىۋېلىپ،كېسىلىنى قوزغاپ قويغان ئىدى.ئۇ يىگىت بىر نەچچىمىز بەرگەن‹‹يوللۇق››نى ئېلىپ،ئاستا مېڭىپ بېكەت تەرەپكە كەتتى. ئۇ يەنە كېۋەزلىككە بارامدۇ ياكى يۇرتىغا كېتەمدۇ بۇنىسى نامەلۇم ئىدى.   -[ ^wYr=        كەچلىك بازاردىكى تىجارەتچى ۋە خېرىدارلار ئۇ يىگىتكە ئىچ ئاغىرتىپ،جەمئىيەتتىكى ئوغرى-يانچۇقچىلارغا لەنەت ياغدۇردى.بۇ ئوغىرلار نىمە دېگەن رەزىل؟ ئەشۇ يىراق يۇرتلاردىن ھالال ئەجىرى ئارقىلىق پۇل تېپىپ ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن يۇرت ئاتلاپ چىقىپ ،كېۋەزلىكتە توپا-چاڭدىن،سوغۇقتىن،ناچار شارائىتتىن قاچماي پاختا تېرىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭمۇ ئاران تاپقان بىر قانچە تەڭگىسىنىمۇ ئاياپ ئولتۇرمايدىغان مۇشۇنداق ۋىجدانسىز،ئىنساپسىز،تەييارتاپ ‹‹قان شورىغۇچى چايان››لارغا مىڭ لەنەت!! t9 &O0tpe        مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېۋەز تەرگۈچىلەر ياكى باشقا خىلدىكى ئىشلەمچى دوستلار پۇل تاپقاندا ئوغرىدىن ھۇشيار بولۇڭلار. ئادەم ئىشلەتكۈچى خوجايىنلارنىڭ ئائىلە-تەۋبائاتىدىكىلەر قولۇڭلاردىكى ئىشلەمچىلەرگە مۇشۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش،تەربىيە بېرىپ قويۇڭلار.ئۇلارنىڭ‹‹ئالتە ئاي ئاتقان پاختىسى بىر پۇڭغا ئەرزىمەس››بولۇپ ،راھەت كۆرىمەن دەپ قان يۈتمىسۇن. 27u$VHw
       
                                 
                                                                        كېلىنمۇ پەرزەنت <408lm         يېقىندا قېينئاتا-قېيىنئانىسى تەرپىدىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچۇرغان بىر كېلىننىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .بولۇپمۇ  ئىككى نەۋرە توغۇپ بەرگەن كېلىنىنى ئۇۋالچىلىققا قويۇشتا بەكىراق رول ئپينىغان قېيىنئاتىغا غەزىپىم كەلدى. ئۆزۈمچە،مەنمۇ كەلگۈسىدە قېيىنئاتا بولسام ئاشۇنداق رەھىمسىز،شەخسىيەتچى بولۇپ قالارمەنمۇ ،دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.شۇنچە ئويلىساممۇ مەن خۇدايىم بۇيرىسا ئۇنداق بولمىغىدەكمەن.چۈنكى ؛كېلىنمۇ ئۆز پەرزەنت بىلەن ئوخشاش تۇرسا. ئەقلى بار كېلىن قىزىمىزنىڭ ئورنىدا بىزگە قىزلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى يەتكۈزىدۇ.ئۇنىڭ ئۈچۈن قېيىئاتا-قېيىنئانىمۇ كېلىنگە  ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلىش كېرەك. Hsp|<;Yg      ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەن: ئۇ قېيىنئاتا-قېيىنئانىنىڭ بىر ئەتىۋارلىق ئوغلى بولۇپ،بۇ ئوغلىغا ھازىرقى كېلىنىنى ئېلىپ بەرگىلى بىر قانچە يىل بولغان.ئەر-خوتۇن ئىككىسى شۇنداق كېلىشىپ،ئىناق ئۆتكەن.ئىككى پەرزەنتلىكمۇ بولغان. بۇ يىگىتنىڭ بەزىدە دوستلىرى بىلەن ئانچە-مۇنچە ئىچىپ ئويناپ قويىدىغان مىجەزىمۇ بار ئىكەن. يېقىندا بۇ يىگىت بىر دوستى بىلەن بىر موتو سىكىلىتقا مېنگىشىپ يېزا بازىرىغا   بېرىپ،بىرگە ھاراق ئىچىپ ئويناپ،ئۆيگە قايتاشىدا موتوسىكىلىت بىر سىتولبىغا سوقۇلۇپتۇ. موتوسىكىلىتنى دوستى ھەيدىگەن بولۇپ،موتوسىكىلىتنى ھەيدىگەن دوستى يېنىك يارلىنىپ،كەينىدە ئولتۇرغان ھېلىقى كېلىنچەكنىڭ ئېرى نەق مەيداندا ئۆلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ۋەقە قانۇن تارماقلىرى تەرپىدىن دىلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپتۇ. موتوسىكىلىت ئېگىسى ئۆلگۈچىگە بىر مۇنچە تۆلەم پۇلى بېرىپتۇ. تۆلەم پۇلىنى ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاپتۇ. بىراق ئىككى نارسىدە بىلەن يالغۇز قالغان كېلىنىگە بىر  پۇڭمۇ بەرمىگەنننىڭ ئۈستىگە ،كېلىنىنى ئوغلى بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقان ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. بۇ قېيىئاتا-قېيىنئانا كېلىنىنى نىمە دەپتۇ دېمەمسىلەر: ‹‹سەن ئوغلىمىزنى چىڭ باشقۇرۇپ سىرىتقا ماڭغىلى قويمىغان بولساڭ ،ئوغلىمىز ئۆلمەيتتى.ئوغلىمىزنىڭ ئۆلىشىگە سەن سەۋەپچى.ئەمەلىيەتتە سەن بىزگە ئۆلۈم تۆلەم پۇلى تۆلىسەڭ بولىدۇ››دەپ بىر مۇنچە تۆھمەت،ھاقارەت قىپتۇ. ئۇ كېلىن چەكسىز دەر-ئەلەم ئىچىدە بۇ دەردىنى مېنىڭ بىر تۇغقۇنۇمغا تۆكۈپ،قانداق قىلىشىنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ تۇغقۇنۇم مەندىن مەسلىھەت سوراپ تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ. مەن قانۇن ساھەسىدە ئىشلىمىگەچكە ،بىۋاستە ياردەم بېرەلمىسەممۇ ،ئۆزۈمنىڭ بىلىشىچە ئەھۋالنى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە مەلۇم قىلىش ياكى سوت مەھكىمىسىگە قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى ئۈستىدىن ئەرىز قىلىش يولى بىلەن قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش تەكلىپىنى بەردىم.   (&njZdcb*      يۇقارقى ۋەقە كىشىنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ. جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.جەمئىيەتتىكى ئەڭ نازۇك مەسىلە بولغان قېيىنئاتا-قېيىنئانا بىلەن كېلىن-كۈيئوغۇل مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ. HL88  
                                 
                                               ئارا تامغا ياڭاق سىغمىدى 2cy{
        d|c  
         قانۇن ساھەسىدە ئىشلەيدىغان دوستلۇرۇم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى:مەلۇم يېزىدىكى ئەمىتاخۇن بىلەن توختاخۇن ئۆز-ئارا قوشنا ئىدى.ئىككى ئائىلنىڭ ھويلا پاسىلى تەرەپتە ئەمىتاخۇننىڭ بىر تۈپ چوڭ ياڭاق دەرىخى بولۇپ،ياڭاقنىڭ سايىسى توختاخۇن تېرىغان كۆكتاتلىققىمۇ چۈشەتتى. توختاخۇن كۆكتاتتىن ھوسۇل ئالالماي، ئەمىتاخۇندىن كۆكتات زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى ياكى ياڭاق دەرىخىنى كېسىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.ئەمىتاخۇن :‹‹ياڭاق دەرىخى ئۆزەمنىڭ ھويلىسىدا تۇرسا.نىمىشقا  زىياننى تۆلەيدىكەنمەن ،ياڭاق دەرىخىنى كېسىدىكەنمەن؟››تۇرىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقتى.كەنت كادىرلىرى مۇرەسسە قىلغان بولسىمۇ ئۆنۈمى بولمىدى.كېيىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرلىرى كېلىپ ،مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق،ئىككى ئائىلنى مۇرەسسە قىلىپ،كۆكتات ئىگىسى توختاخۇن ياڭاق ئىگىسى ئەمىتاخۇنغا 2مىڭ يۈەن پۇل بېرىدىغان،توختاخۇن ياڭاق دەرىخىنى كېسىۋېتىدىغانغا كېلىشتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن قوشنىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ماجىرا بىر تۈپ ياڭاقنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاخىرلاشتى. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى غۇم تۈگەپ ئىناق قوشنا بولۇپ كەتكەندۇ ياكى.............   ;=C^l  

‹‹تاتلىق بالام›› 
         يەتتە ياشلىق قەيسەرجان بىلەن مۇخبۇلجان ھەم قوشنا ھەم باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلار بولۇپ،ھەر كۈنى مەكتەپكە بىرگە بېرىپ كېلەتتى.دەرىستىن چۈشكەندە تاپشۇرۇقنىمۇ بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ بىرگە ئىشلەيتتى،بىرگە ئوينايتى.ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرىمۇ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتاتتى.ھەر ئىككى ئائىلىنىڭ باشلىقلىرى بۇ يالغۇز ئوغۇللىرىغا بەك كۆيەتتى.‹‹تاتلىق بالام››دېگەن ئەركىلەتمە سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى.نىمە دىسە دېگىنىنى ئاساسەن قىلىپ بېرەتتى. قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى يەككە تىجارەتچى،مۇخپۇلجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئىدارىدە ئىشلەيدىغان دۆلەت كادىرلىرى بولۇپ،ھېيت-بايرام،ئارام ئېلىش كۈنلىرى قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى تىجارەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ ئۆيىگە كېلەلمىگەندە، مۇخبۇلجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئارام ئالىدىغان بولغاچقا تىجارەتچى قوشنىسىنىڭ بالىسىنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئۈچ ۋاق تامىقىنى بېرىپ،ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.ئەگەر مۇخبۇلجاننىڭ ئاتا-ئانىسى خىزمەت،كوماندىروپكا سەۋەپلىك ئۆيگە كېلەلمىگەندە تىجارەتچى قوشنىسى بالىسىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى.ئىككى ئائىلنىڭ بۇنداق ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئەتىراپتىكىلەر ھەۋەس قىلاتتى.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ،ئۇلارنىڭ ‹‹تاتلىق بالا››لىرىمۇ 2-يىللىققا چىقىپ قالدى.بىر كۈنى مۇخبۇلجان بىلەن قەيسەرجان مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدا بىرگە،قارمۇ-قارشى ئىككى كوماندا بولۇپ ۋالىبول ئويناۋېتىپ بىر-بىرىگە پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كەتتى ۋە شۇ سەۋەپلىك گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالدى.ئۇرۇشۇش جەريانىدا مۇش ئېتىشىپمۇ قالدى.ساۋاقداشلىرى دەرھال ئاجىرتىۋەتتى.قەيسەرجاننىڭ قاپىقى ئازىراق ئىششىپ قالدى.ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كېلىشتى.قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ قاپىقىنى كۆرۈپ نىمە بولغانلىقىنى سورىدى.قەيسەرجان ئەھۋالنى دېگىسى كەلمىگەن ھالدا ناھايىتى تەسلىكتە دېدى. قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ‹‹نىمە، بۇ قەلەندەرنىڭ بالىسى مېنىڭ بالامنى ئۇرغىدەك بوپتۇما؟››دېگىنىچە مۇخبۇلجاننىڭ ئۆيىگە چىقىپ دەرۋازىنى تېپىپ،مۇخبۇلجاننى چاقىرىپ چىقىپ بىر نەچچە تەستەك سېلىۋەتتى.ئاڭغىچە مۇخبۇلجاننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ چىقىپ،‹‹ بالامنى نىمىشقا ئۇرىسەن؟››دەپ قەيسەرجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن جېدەللەشتى.مۇشتلاشتى،چاچلارنى يۇلۇشتى.كالتەك-توقماق،كەتمەن-پىچاقمۇ كۆتۈرۈشتى.خولۇم-قوشنىلار ئارىغا كىرىپمۇ ‹‹جەڭ››نى بېسىقتۇرالماي ساقچىخانىغا خەۋەر قىلىپ پاراڭنى مىڭ تەستە بېسىقتۇردى.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىناق قوشنىلارنىڭ ئىناقلىقىغا دەز كەتتى .بىر-بىرىگە دۈشمەنلەرچە ئالىيىشىپ ماڭىدىغان بولۇشتى.بۇ خىل دەزنىڭ كېتىشىگە‹‹تاتلىق بالا›› سەۋەپ بولغان ئىدى.ئەمما  قەيسەرجان بىلەن مۇخبۇلجان بولسا ھىچنەرسە بولمىغاندەك ئەتىسىلا يەنە بىرگە ئويناپ دوستانە يۈرۈشتى.مەكتەپكە بىرگە بېرىپ كېلىۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئۇرۇشۇپ قالغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.بىراق بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە شۇنداق كىرگىسى بولسىمۇ،نىمە ئۈچۈندۇر كىرىشكە پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالدى.تاپشۇرۇقلىرىنى ئۆيلىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى سالقىن جايلارغا بېرىپ بىرگە ئىشلەپ يۈردى .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش