- UID
- 913
- QQ
- 1420115581
- ھوقۇقى
- 1
- ھەقىقىي ئىسمى
- قەلەمىي
- يازما
- 344
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2743
- تىزىملاتقان
- 2012-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- توردا
- 360 سائەت
|
|
|
|
|
چۈش
(بالىلار ناخشىسى)
قەلەمىي
ئۇچۇپتىمەن چۈشۈمدە
بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە.
چىقىپتىمەن ئايغىمۇ،
ئويناپتىمەن يۈزىدە.
قوياش كۈلۈپ باققانمىش.
مەڭزىنىمۇ ياققانمىش.
قوياش دادام ئاي ئانام
بولۇپ مېنى باققانمىش.
سانسىز يۇلتۇز ئۇكام دەپ
قولدىن قولغا ئالغانمىش.
سامان يولىنى چۆرگىلتىپ
ئالتۇن مارجان ئاسقانمىش.
چۈشلىرىمدىن ئويغۇنۇپ
قاراپ قالدىم ئاسمانغا .
بىر كۈن ئۇچۇپ مەنمۇ ھەم
يېتىمەن كۆپ ئارمانغا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 12:37
|
|
|
|
|
|
|