سەھرادىكى مۇئەللىمە قىز
(سەھرادىكى جاپاكەش مۇئەللىمەلەرنىڭ مىھنەتلىك ھاياتىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)
مەمتىمىن قادىر
يول تېۋىشسىز ئەمما تونۇش ئىز،
كۆكمۇ تېخى سەھەر،قۇياشسىز.
تەۋپىق ياققان مەشئەل نۇرىدا،
ماڭدى چوقۇم مۇئەللىمە قىز.
خىجىل قىلىپ چولپان يۇلتۇزنى،
زىنىقى بار شۇنداق ياراشقان.
بولغاچ ئۇندا تەۋپىق مەشئىلى،
ھەتتا ئايمۇ يورۇق تالاشقان.
گۈزەللىكىنى ئېپ قاچالمىدى،
سەھرادىكى يولنىڭ توپىسى.
ئۆزىنىمۇ ئۇنۇتتى ھەتتا،
بور توزىڭى بولدى ئۇپىسى.
مېھىر تۆكۈپ كىرسە مەكتەپكە،
سەبىي جاندا بالقىيدۇ كۈلكە.
ھويلىدىكى ياۋا ئوت-چۆپمۇ،
ئايلىنىدۇ خۇش پۇراق گۈلگە.
بور تۇتقان شۇ نازۇك قولىغا،
سەھرادىكى غۇنچىلار شەيدا.
ھەربىر پىكىرى چۇڭقۇرلىقدىن،
چاڭقاشلارغا بۇلاقلار پەيدا.
سەبىيلەرنى مەھلىيا قىلغان،
خىلۋەتتىكى خۇشبۇي ئەترە ئۇ.
يۇمران غۇنچە ياپراقلىرىنى،
يالتىراتقان سۈزۈك قەترە ئۇ.
قىزىلگۈل ئۇ خۇشپۇراق چاچقان،
بەرگى باھار تەپتىگە قانغان.
سەھرادىكى مەڭگۈلۈك چوغ ئۇ،
بوغۇنلارنىڭ ئىشقىدا يانغان.
ئاجىز تېنى ئىرسىمۇ شام كەبى،
بەرجەس تۇرار ئۆزىنى ئاتاپ!
ھاياتقا تېۋىنگەن ھەربىر نوتىغا
مېھىرنىڭ تۇغىنى تۇرىدۇ قاداپ!
گۈركىرىسمۇ جاپا-جۇدۇنلار،
غەيرىتىدە بولار كۇمپەيكۇم!
شەيتانلارنى ۋىجدان سوتىدا،
قىلار شۇئان ئۆلۈمگە مەھكۇم!
ھوجۇدىدا«بېغىشلايمەن»دەپ،
جار سالماقتا بىر ئۇلۇغ تېما .
كېلەچەكنى سىن ئالغان روھتا،
يۇيۇلماقتا مىڭ رەڭسىز سېما .
* * * *
ئۇزۇتۇپ قويدى ئۇ،سانسىز بوخچىغا
قاچىلاپ ئۆمۈدنىڭ يۇلتۇزلىرىنى...
تاپقۇسى،ئۇ ئېيىتقان چۆچەكلەر ئارا
نوتىلار بەخىتنىڭ يىلتىزلىرىنى...
ئۇ قازغان بۇلاقلار پۈتمەيدۇ زىنھار،
غەيرىتى پايانسىز دېڭىز بوپ تاشار!
ئۇنىڭدىن كۈچ ئىمىپ قاناتلانغانلار،
كۆرۈسەن،بىر كۈنى ئەرشتىن ئاشار !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-16 16:06