يول بويىدىكى ئارچىزارلىق
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
بۇ ئارچىزارلىق گۇۋاھچىلىققا يېتىپ ئاشىدۇ
ئەڭ شېرىن لەززەتكە، ئەڭ قاتتىق خورلۇققا،
يەنە، مەن ئويلاپ بولالمىغان نۇرغۇن ئىشلارغا.
تاشلىۋىتىلگەن نەرسىلەر دەسسىلىپ ياتىدۇ
قىزىل ئۈچبۈرجەك كۇسار، گاندۇن، ھەيىز قەغەزلىرىدەك
ئىللىق ئايازدا، ياكى قىشلاردا.
بۇ يەرگە بايىلا ئىككى ئىت كىرىپ كەتكەن،
بىر جۈپ يولوچىمۇ يېتلىشىپ كىرىپ كەتتى.
زوقلىنىپ قالدىم
يا ئىت ئېزىپ كەتتى، يا ئۇلار ئېزىپ كەتتى...
ئاشۇ قارا ئىت چوقۇم گۇناھسىز
پىخسىق ئەمەس، قەلەندەر ئەمەس.
ئاپئاق قاردا غىچلا ئىت پوقى
كۈن تاتىرىپ كەتتى مېھمانخانىدەك
يول ئېگىز-پەس، ھېچكىم مەسىت ئەمەس!
2015-يىل 6-فېۋىرال، شەھىرى ئاقسۇ
(ئاپتۇر - ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپتە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-29 16:59