كۆرۈش: 818|ئىنكاس: 0

ھىلىمنىياز قادىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                        
                              يازغۇچى مەرھۇم ھىلىمنىياز قادىرى

                                       hilimniyaz qadir 01.jpg

    پېشقەدەم مائارىپچى، تىرىشچان يازغۇچى، جامائەت ئەربابى، ئۇستا تېۋىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، پىچان ناھىيىسى ۋە تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىق خادىم»، قابىلىيەتلىك مەكتەپ رەھبىرى-ھېلىمنىياز قادىر  1938-يىلى 8-ئايدا دالانكارىز يېزا چۇيار مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1952-يىلى 9-ئايدىن 1955-يىلى 7-ئايغىچە ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. شۇ يىلى شىنجاڭ قارا شەھەرگە  خىزمەتكە چۈشۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.1957-يىلى ناھىيىمىزگە قايتىپ كېلىپ، دالانكارىز چۇيار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1960-يىلى 9-ئايدا لۈكچۈن بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، سىنىپ مۇدىرى ۋە ئىلمىي مۇدىر بولغان.1975-يىلىدىن 1977-يىلغىچە لۈكچۈن مەركىزى شىپاخانىدا تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1977-يىلى 9-ئايدا مەكتىپىمىزگە يۆتكىلىپ كېلىپ 1984-يىلى 8-ئايغىچە سىنىپ مۇدىرى، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئىلمىي مۇدىرى بولغان. 1984-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 10-ئايغىچە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1986-يىلى 10-ئايدىن 1997-يىلى 5-ئايغىچە مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1991-يىلى پىچان ناھىيىسى بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىق خادىم» شەرىپىگە، 1992-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىق خادىم »شەرىپىگە نائىل بولغان.
    ئۇ، 1959-يىلى « ئاممىۋى كۈلۈپ » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئېتى گۈزەل رەيھانىم » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. كېيىنچە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ «ئانا نەسىھىتى »،«ئېگىز ئۈسكەن ئاپتاپپەرەس »،«بىر ناخشىنىڭ تارىخى»،«ئانانۇرخان پاجىئەسى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى بالىلارغا بېغىشلانغان. ئۇ يەنە « تاڭ ئالدىكى تۇمان »،«ئەلۋىدا ئايجامال » قاتارلىق 60 نەچچە پارچە ھېكايە، بىرقانچە پوۋېستلارنى ئېلان قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. 1988-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆكلەش » ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، 1988-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئايبۇلاق » ناملىق كوللېكتىپ ھېكايىلەر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ يەنە « بوز يىگىت» قاتارلىق 3 پارچە داستان، «بىزمۇ كىرەيلى بازارغا» قاتارلىق 10 نەچچە پارچە سەھنە ئەسىرى، «لۈكچۈن ۋاڭ جەمەتى ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش» قاتارلىق 20 نەچچە پارچە ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيئىتنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىينىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ تەرجىمىھالى 1998-يىلى دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر كىشى دېگەن كىتابنىڭ جۇڭگو قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ، بىر قانچە قارار  پىچان ناھىيىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، كۆپ قېتىم لۈكچۈن بازارلىق ۋە پىچان ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان. «مائارىپتا 30يىل ئىشلىگەنلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسى»غا ئېرىشكەن. 2002-يىلى 9-ئايدا پېنسىيىگە چىققان. 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 66 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 11:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش