كۆرۈش: 886|ئىنكاس: 0

ئابابەكرى ئەمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ababekri emet 02.JPG
    ئابابەكرى ئەمەت 1949-يىلى 8-ئايدا پىچان ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدە تۇغۇلغان. ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1969-يىلىدىن 1995- يىلىغىچە پىچان ناھىيىلىك سېمونت زاۋۇتى، ناھىيىلىك پارتكوم، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، پىچان ناھىيىلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدە ئىشلىگەن.
بەدىئىي ئەدەبىياتقا ئوتتەك قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان ئابابەكرى ئەمەت ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا شېئىر يېزىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ «زاۋۇتتىكى يېڭى ناخشا»، «ئۆچمەس ئىز»، «بىپايان زېمىندا»، «تاغ يۈرەك شائىر»، «جاھانسازلىق ئىلمى» قاتارلىق داستان، باللادىلىرى، 100 دىن ئوشۇق شېئىرى (چوڭلار ئۈچۈن)، 300پارچىدىن ئارتۇق بالىلار شېئىرلىرى، 25پارچىدىن ئارتۇق بالىلار ھېكايىلىرى 10 پارچىدىن ئوشۇق ھېكايە (چوڭلار ئۈچۈن)، ئوچېركلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «تارىم»، «تۇرپان»... قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار ۋە كوللېكتىپ توپلاملاردا ئېلان قىلىنغان. بەزى شېئىرلىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
   ئابابەكرى ئەمەت كۆزگە كۆرۈنگەن، مول ھوسۇللۇق بالىلار ئەدەبىياتى شائىرى ۋە يازغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ «ئاخىرقى ۋەدە» ناملىق ساتېرىك شېئىرى 1981- يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە 30 يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر باھالاشتا 3- دەرىجىلىك، «باتۇر ئوغلان» ناملىق داستانى 1983- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى قېتىملىق بالىلار ئەدەبىياتىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك، «قىسقارتىلما سۆز» ناملىق ھېكايىسى 1985- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك، «ئارمىيەم» ناملىق ناخشا تېكىستى 1987- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 2- دەرىجىلىك  مۇكاپاتقا ئېتىشكەن. ئۇنىڭ «قەتئىي ئىرادە، پۈتمەس روھ»، «داخاننىڭ كارامىتى»، «دۇتارىم»، «پىرقىرىغۇچ»، «تاغ يۈرەك شائىر»، «سەھەردە»... قاتارلىق ئەسەرلىرى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «تەڭرىتاغ»، «تۇرپان»... قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللار تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
    ئابابەكرى ئەمەتنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ياش ئەۋلاد»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئالتۇن مۇنار»، «بىلىم ئىشقىدا» ( باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «قوڭغۇراق» ( باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ تۈزۈپ نەشرگە تەييارلىغان «كىم ئەيىبلىك» ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن، «تۆگە بىلەن ئۆچكە» ناملىق شېئىر، چۆچەك، مەسەللەر توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلغان.
   ئابابەكرى ئەمەت تىرىشچان، ئۆزىگە نىسبەتەن قاتتىق تەلەپچان، خەلقپەرۋەر، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، چىقىشقاق، سەمىمىي، كەمتەر بولۇپ ئۆزىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان پىداكار قەلەم ئىگىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ باھالىنىپ ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان.
    شائىر ئابابەكرى ئەمەت 1995- يىلى 6-يانۋار 46 يېشىدا كېسەل  سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش