يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 4

ئورخان پامۇك: مېنىڭ دادام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مېنىڭ دادام

ئورخان پامۇك(تۈركىيە)

ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى


    شۇ ئاخشىمى مەن ناھايىتى كەچ قايتىپ كەلدىم. ئۇلار ماڭا دادامنىڭ قازالىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز يۈرىكىمگە پىچاق سانجىلغاندەك بولدۇم.
    شۇ چاغدا تاڭ سەھەر سائەت ئىككى بولغانىدى، مەن دادامنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يۈزىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۋالماقچى بولدۇم. «ئۇ كەينىدىكى ئۆيدە» دېدى ئۇلار. مەن ئۆيگە كىردىم. نەچچە سائەتتىن كېيىن تاڭ يورىدى، مەن ۋالىكوناج كوچىسىغا قايتىپ كەلدىم. نىشان تاشتا بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر سۈكۈتكە چۆككەنىدى. يېنىمدىكى ئېچىلغىنىغا قىرىق يىل بولغان دۇكان ئاشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان خىرە چىراق نۇرى قارىماققا شۇنچە ناتۇنۇش بىلىنەتتى.
      تاڭ ئاتتى، مەن كېچىچە كۆز يۇممۇدۇم، بەئەينى چۈش كورۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىدىم. تېلېفون ئېلىش، مىھمانلار بىلەن كۆرۈشۈش دېگەندەك ئىشلارنىمۇ روھى چىقىپ كەتكەندەك ناھايىتى جانسىز قىلاتتىم، پۈتۈن ئوي-خىيالىم ئاخىرەتلىك ئىشلاردا قالغانىدى. كىشىلەر ھازا ئېچىپ، تەسەللىي بېرىشەتتى، دۇئا قىلىشاتتى. ۋاراڭ-چۇرۇڭلار بېسىلىپ، تەزىيە نۇتۇقى يېزىلۋاتقان چاغدىلا، مەن ئاندىن نېمە سەۋەپتىن ھەممىلا مۇسىبەتتە زىيادە قائىدە-يۇسۇننىڭ مىيىتتىنمۇ مۇھىملىقىنى چۈشۈنىشكە چۈشەندىم.
     كەچلىكى بىز ئېددىنا قەبرىستانلىقىغا كېلىپ دەپنە ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلدۇق. ئاكام بىلەن نەۋرە ئاكام پاكار سېلىنغان قەبرىستانلىق باشقۇرۇش بىناسىغا كىرىپ كەتتى. كىرا ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى بىلەن ئىككىمىز ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپ ساقلىدۇق. شوپۇر ئېغىز ئاچتى، ئۇ مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىدىكەن.
     «دادام قازا قىلدى» دېدىم مەن ئۇنىڭغا. ئارقىدىن ئويلىنىپ تۇرمايلا دادامنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلىدىم. بۇنىڭدىن ئۆزەممۇ ھەيران قالدىم. مەن شوپۇرغا دادامنىڭ ناھايىتى ئاقكۆڭۈل كىشى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى دادامنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ئېيتىم. كۈن غەرىپكە قىيسىيىپ، قەبرىستانلىق چۆلدەرەپ، ھەممە يەرنى جىمجىتلىق باستى. ئەتراپتىكى ئاقۇش بىنالار ئىلگىركىگە ئوخشاش سۇلغۇن كۆرۈنمەيتتى، ئۇلاردىن ئۆزگىچە بىر خىل نۇر تارايتتى. سۆھبەت ئارلىقىدا سوغۇق شامال چىقىپ، چىنار ۋە ئارچا دەرەخلىرىنى يەڭگىل لىڭشىتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەر خۇددى دادامنىڭ ئورۇق پۇتلىرىغا ئوخشاش كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.
     مەن شوپۇرغا «دادام ماڭا ئەزەلدىن ئاچچىقلىمايتتى، تىللىمايتتى، ھەتتا تاك قىلىپ چىكىپمۇ باقمىدى» دېدىم، بۇ سۆزلەر چىن دىلىمدىن چىققانىدى. ئەمەلىيەتتە، دادامنىڭ ماڭا قانچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تېخى تىلغا ئالمىغانىدىم. كىچىك ۋاقتىمدا دادام ھىمىشە مېنى سەمىمىلىك بىلەن ماختايتتى، ھەر بىر پارچە سىزمامدىن زوقلىناتتى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ پىكرىنى ئالماقچى بولغىنىمدا، ئۇ ھىمىشە ئۇلۇغ بىر ئەسەرگە باھا بېرىۋاتقاندەك قايتا-قايتا دەڭسەپ، پىششىق ئويلانغاندىن كېيىن بىرنەرسە دەيتتى. مېنىڭ ھەر بىر چاقچىقىمنى ئاڭلىسا ——مەيلى بۇ چاقچاق قانچىكى تېتىقسىز بولسۇن —— ئۇ ئوخشاشلا تىلىقىپ كۈلەتتى. ناۋادا ئۇ ماڭا مۇشۇنداق ئىشەنچ ئاتال قىلمىغان بولسا، يازغۇچى بولالىشىم ناھايىتىمۇ تەسكە توختىغان بۇلاتتى. ئۇنىڭ ئاكام ئىككىمىزگە بولغان شەكسىز ئىشەنچىسى، بىزنى ئالەمدە بىر دەپ قارىشى ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى. بۇنداق ئىشەنچىنىڭ يېتىلىشى تامامەن ئۇنىڭ دانالىقىدىن بولغان. ئۇ بالىلارغا خاس ساددا، گۈدەك ۋە سەمىمىي خاراكتىر بىلەن بىزنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تالانتلىق، سالماق، ئۆتكۈر، پاراسەتلىك بولۇپ چىقىدىغىنىمىزغا ئىشىنەتتى، چۈنكى بىز ئۇنىڭ بالىلىرى.
      ئۇنىڭ سەزگۈرلىكى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئىدى: ئازراقلا كۆرۋالسا كېناب ساھابىدىننىڭ شېئىرلىرىنى يادقا ئېيتىپ بېرەلەيتتى ياكى چەمبەر تۇراقلىقىنى تاكى 15 خانىلىق پارچە سانغىچە ئېسىدە تۇتالايتتى. بىز بىلەن بىللە كىنو كۆرگەندە ۋەقەنىڭ يىشىمىنى دائىم توپتوغرا پەرەز قىلالايتتى. ئۇ تارتىنىپ ئولتۇرمايتتى، ھىمىشە ھىكايە سۆزلەش شەكلى بىلەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك دانالىقىنى نامايەن قىلاتتى. مەسىلەن، ئۇ دائىم بىزگە، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان، تېخى قىسقا ئىشتان كېيىدىغان چاغلىرىدا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆزىنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرگەنلىكىنى، ئۇ يەردە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان، ئۆزىدىن نەچچە يىللىق چوڭ ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگەنلىكىدەك ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى. شۇغۇنىسى، كىچىك گاندۇز دۇسكىغا چىقىپ، ئۆزىدىن ئۈچ ياش چوڭ بالىلارمۇ قىينىلىدىغان مەسلىلەرنى يەشكەن، ئوقۇتقۇچى ئۇنى«يارايسەن» دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن. ھېلىقى ئوغۇل بالا كۆپچىلىككە بۇرۇلۇپ «ھەي، جاۋابى مانا!» دېگەن. دادام بىر تەرەپتىن بۇ ئىشقا ئازدۇر-كۆپتۇر ھەسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تېز چوڭ بولۇپ، ھېلىقى ئوغۇل بالا بىلەن ئوخشاش بولۇشىنى ئارزۇلاپتۇ.
     دادام قاملاشقان تۇرقىنى سۆزلىگەندىمۇ شۇنداق قىلاتتى. نۇرغۇن ئادەم مېنى داداڭغا ئوخشايسەن دېيىشىدۇ، شۇنىسى ئۇ مەندىن سەل زېرەك. ئۇنىڭ دادىسى (مېنىڭ بۇۋام) ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى مىراس قالدۇرغان ئىكەن. ئۇ سودىدا كۆپ قېتىم مەغلوپ بولغان بولسىمۇ ئەزەلدىن ۋايران بولۇپ كەتمىدى. سالاپەتلىك تاشقى قىياپەت خۇددى ئۇنى باياشات، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرگەندەكلا قىلاتتى. ھەتتا ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ دادام ئاۋالقىدەكلا ئۈمۈدۋار بولۇپ، يۈكسەك ئالىيجاناپلىق بىلەن ئىززەت-ئابرويىنى ساقلىغان. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھاياتلىق ھەرگىزمۇ پايدا-مەنپەئەت سورىنى ئەمەس، بەلكى بىر خىل بەھىرلىنىش، دۇنيا جەڭگاھ ئەمەس، بەلكى شادلىق مەيدانى، پائالىيەت سەيناسى. دادام يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ياش ۋاقتىدا قولغا كەلتۈرگەن بايلىق، ئەقىل-پاراسەت ۋە تاشقى قىياپەتنىڭ ئۆزى كۈتكەن شان-شۆھرەت ۋە مەرتىۋىسىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئاز-تۇلا ھېس قىلدى. ئەمما، ئاۋالقىدەكلا بۇ ئىشلارغا ئانچە تىتىلداپ كەتمىدى. ئۇ بۇرۇنقى بالا مىجەزى بىلەن بېشىنى ئىچىگە تىقىپ، باشقىلاردىن زارلانمىدى، ھەممە قېيىنچىلىق ۋە باش ئاغرىقىنى ئېسىدىن چىقىرۋەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ 30 ياشتىن كېيىنكى تۇرمۇشى بارغانسىرى خارابىلىشىپ، تالايلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقىلاردىن ئاغرىنغانلىقىنى ناھايىتى ئاز ئاڭلىدىم. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دادام بىر قېتىم داڭلىق بىر ئوبزورچى بىلەن بىللە تاماق يەپتۇ. كېيىنچە مەن بۇ ئوبزورچى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم. ئۇ سەل ھەسرەت چەككەن ھالدا «دادىڭىز راستىنلا ھېچ ئىشقا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىكەن ئەمەسمۇ!» دېدى.
      پېتىر پان ئۇسلۇبىدىكى شۈكرى-قانائەتچانلىق دادامنى ئاغرىنىش ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن نېرى قىلغان. ئۇ نۇرغۇن كىتاپ ئوقىغان، شائىر بولۇشنى ئارزۇلىغان، كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ ۋالېرىينىڭ شېئىرلىرىنى خېلى جىق تەرجىمە قىلغان. ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دادام زىيادە سەل قاراپ، كەلگۈسىگە زىيادە ئىشىنىپ كەتكەچكە ئاخىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ئامالسىز قالغان بولىشى مۇمكىن. ياش ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر كۈتۈپخانىسى بار ئىدى، كېيىنچە مېنىڭ كۆزۈم قىزىرىپ ئۇنى ئىگەنلىۋالدىم. ئۇ كىتاپ ئوقىغاندا ئەزەلدىن ماڭا ئوخشاش بېرىلىپ ئوقۇمايتتى، ھۇزور ئېلىشنى بىلمەيتتى. ئۇ كىتاپنى پەقەت ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، كاللىسىنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئوقۇيتتى، يېرىمىنى ئوقۇپلا تاشلاپ قۇياتتى. ئۇ تالاي دادىلارغا ئوخشاش گېنىرال ياكى دىننىي داھىيلاردەك ئالدىرماي، كەسكىن-مەردانە ئاھاڭدا گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ماڭا پارىژ كوچىسىدا كېتۋىتىپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان يازغۇچى سارترىي بىلەن كامۇسنى ئۇچرۇتۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ھېكايىلەر مەندە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، مەن بىر رەسىم سالونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەردو ئىنونۇ( بۇ كىشى دادام بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. ئۇ تۈركېيىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى، يەنى ئاتا تۈرۈك ۋارىسىنىڭ ئوغلى ئىدى) بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم. ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ماڭا، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزىلگەن بىر قېتىملىق زىياپەتكە دادامنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. دادام 20 ياش ۋاقتىدا ئىسمەت پاشا مەلۇم بىر ئەدەبىي مەسلىنى تىلغا ئالغاندا، دادام ئۇنىڭدىن «نېمىشكە بىزنىڭ تۈركىيىدە دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچى يوق» دەپ سوراپتۇ. 18 يىلدىن كېيىن مېنىڭ تۇنجى رومانىم نەشىر قىلىندى. دادام سەل تارتىنغان ھالدا ماڭا بىر چامادان سوۋغا قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۈندىلىك خاتىرە، شېئىر، ھىكايە، يەنە ئەدەبىي قوليازمىلارنى ئوقۇغىنىمدا، ئۆزەمنىڭ نېمىشكە شۇنچىلىك ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنلىكىم ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە: بۇلار قەلب دۇنياسىنىڭ خاتىرىسى(شۇنداقلا شاھىدى) ئىدى. بىز دادىمىزنىڭ ئەۋلىيا بولۇشىنى كۈتمەيتۇق، بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلىمىزدىكىدەك دادا بولۇشنىلا ئۈمۈد قىلاتتۇق.
     ئۇ ھەقىقەتەن بىزدىن ئايرىلدى، ناھايىتى يىراققا، باشقا بىر ئەلگە، باشقا يۇرتقا، بىزگە نامەلۇم بىر جايغا كەتتى. ئىلگىرى قايسى ۋاقتكىن، دادام سافادا يېتىپ كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى، ئۇ پات-پات كىتاپتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، خىيالچان كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا نەزەر سالاتتى. شۇ پەيتتە، مەن دادا دەپ چاقىرۋاتقان بۇ ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدا تۇتقىلى بولمايدىغان مەلۇم بىر مەۋجودىيەتنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى چۈشەندىم. پەرىزىمچە ئۇ شۇ تاپتا باشقىچە ياشاشنىڭ شېرىن خىياللىرىغا غەرق بولغانىدى. بۇ، مېنى سەل ئارامسىزلاندۇردى. دادام بەزىدە «مەن ئۆزەمنى نىشانسىز ئېتىلغان ئوقتەك سىزىمەن» دەيتتى. مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ گەپ مېنىڭ ئۇغامنى قاينىتاتتى، مۇشۇنداق ئىشلار ئۈچۈن پات-پات چېچىلىپ قالاتتىم. كىمنىڭ توغرا قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئېھتىمال ئەينى چاغدا مەنمۇ ئۆزەمنى چەتكە ئېلىشنى ئويلىسام كېرەك. بىراق، مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىراخمۇسنىڭ بىرىنچى سىمفونىيىسى ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى قويغانلىقىنى كۆرۈشكە ناھايىتى ئامراق ئىدىم. ئۇ بەئەينى دىرىژورلۇق تايىقىنى تۇتۇپ، تەسەۋۋۇرىدىكى ئوركېستىرنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك كۈچلۈك ھاياجانغا چۆمەتتى. دادام بىر ئۆمۈر زېھنىنى سەرىپ قىلىپ خوشاللىق ئىزلىدى، قاتتىق چارچىدى، ئۆزىنى قويۋىتىشنىڭ پەقەت لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، قاتتىق قايغۇردى، شۇنداقلا ھەممىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدى. بۇ، ئادەمنى تولىمۇ ئازابلايتتى. مەن ئەقلىمنى تاپقاندا پات-پات ئۆزەمگە «ھەرگىزمۇ ئۇنى تارتىپ قالماي» دەيتتم. ھالبوكى، بەزى چاغلاردا ئۆزەمنىڭ دادامدەك خوشال، خاتىرجەم، غەم-ئەندىشىسىز، ئەركىن بۇلالمايۋاتقىنىمدىن يەتكۈچە پەرىشان بۇلاتتىم.
خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن كېيىن، مەن ھەممىنى كەينىمگە چۆرىۋەتتىم. مېنى ئەزەلدىن ئەيىبلىمەيدىغان، قىسمايدىغان دادامدىن ئاچچىقلىمايدىغان، زارلىمايدىغان بولدۇم. شۇ چاغدا، دادام ئىككىمىزنىڭ ئارسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە(تەن ئېلىشقا) باشلىدىم. بۇ مۇقەررەرلىك. تا ھازىرغىچە، مەن بىرەر ھاماقەت ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمدىن ئاغرىنغاندا، مۇشۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان چېغىمدا، ئېھتىياتسىزلىقتىن كالپۇكۇمنى چىشلىۋالغاندا، ئوقۇپ بۇلالمىغان كىتاپنى بىر چەتكە تاشلاپ قويغاندا، قىزىمنى سۆيگەندە، يانچۇقۇمدىن پۇل چىقارغاندا، بىرەرسى بىلەن چاقچاقلاشقاندا دادامنى دوراۋاتقانلىقىمنى سېزەتتىم. بۇ ھەرگىزمۇ مۈرەم، پۇتۇم، بېغىشىم ياكى دۈمبەمدىكى مەڭنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزەممۇ ئەنسىرەيدىغان مەلۇم ئىشلارنىڭ ھەر زامان مېنى سەگىتىپ تۇرغانلىقىدىن، بالىلىق چاغلىرىمدا دادامغا تېخىمۇ ئوخشاشراق بولۇشنى ئارزۇ قىلغىنىمدىن بولغان. ھەر كىشىنىڭ ھالاكىتى دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن باشلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 22:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-13 16:00:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ بىئوگراپىيە خېلىلا تەسىرلىك يېزىلىش بىلەن بىللە بەدئىي جەھەتتىن كۆڭۈلدىكىدەك تەرجىمە قىلىنىپتۇ، ئوغۇزخان دوستىمىزنىڭ بۇندىن ئىزدىنىشىگە قۇت بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-13 17:36:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىدىن ئايرىلىش ئوغۇل بالا ئۈچۈن بۇرۇچنى قايتا تونۇشنىڭ ئېغىر سىنىقى...ئاتىلار ئامان بولسۇن ؟

ۋاقتى: 2015-2-13 23:29:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملادا كەتتۈرۈپ قويۇپسىز، بولمىسا ياخشى ئەسەركەن.

ۋاقتى: 2015-2-14 11:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.ئۇنىڭ بارلىق كىتابلىرىنىڭ تېزراق ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن ساقلايمەن!

يوللىغۇچىغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش