يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 7283|ئىنكاس: 3

تۇسۇن قۇربان تۈركەش: شائىرنىڭ كۆكرەك ھەيكىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شائىرنىڭ كۆكرەك ھەيكىلى  

ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئىككى شېئىرى توپلىمى مىسالىدا
                  تۇرسۇن قۇربان تۈركەش   
         
        رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۇشۇرۋان شەرقتە ئادالەتلىكى بىلەن داڭ چىقارغان پادىشاھ ئىكەن. ئۇنىڭ زامانىدا ھەمىشە مۇشائىرە يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن. شۇنداق مەجلىسلەرنىڭ بىرى دە شائىرلاردىن نارازى بولغان نۇشۇرۋان:«بىر ئايالنىڭ كىرپىك ئوقلىرىدىن كۆكرەك لەختە-لەختە قان بولىدىغان ئىش قايسى مەنتىقىدە بار،بىر قىز رومىلىنى قايرىپ شۇنچىكى قاراپ قويسا، ئالەمگە ئوت كەتەرمىش تېخى!...ھەي كۆپتۈرمىچى، ئاياللارغا خۇشامەتچى شائىرلار،سىلەرنى نېمىمۇ دەپ باق قاندىمەن! مېنىڭ ئادالەتلىك زامانىمدا ئۇنداق يوقنى، يالغاننى يازماي  كىشىلەر ئىشەنگۈدەك راست، ھەقىقى شېئىرىلارنى يېزىڭلار»دەپ كېتىپ قاپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ يەنە شېئىرى مەجلىس بولغاندا مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى «پادىشايى ئالەم، مانا سىزگە راست شېئىر»:
                      تاڭ ئاتسا يۇلتۇزلار ئۆچەر ئاسماندا،
                      خورازلار قىچقىرار مازاندىراندا.
                      ھەلەفتە كەچقۇرۇن قۇياش پاتىدۇ،
                     كېچىسى ئادەملەر ئۇخلاپ ياتىدۇ
دەپ ئۈنلۈك نەزمە ئوقۇپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان نۇشۇرۋان ئۆز خاتالىقىنى دەرھال بايقاپتۇ-دە: «راست شېئىر مانا شۇنداق تۇزسىز بولسا،ئۆزەڭلار بىلگەن يالغاننى يېزىۋېرىڭلار شائىرلىرىم،بۇنىڭدىن كېيىن سى لەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمەن»دەپ جاكارلاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا«شائىرلار يالغان نى توقۇيدۇ»دېگەن گەپ تارقاپتۇ.كېيىن ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلى(1498-1556)نىڭ تەز  مىن سەنئىتى ۋاستىسىدە نۇشۇرۋاننىڭ سۆزىدىن ئىلھاملىنىپ يازغان
                        گەر دېسە فۇزۇلى،گۈزەللەردە ۋاپا بار،
                       ئالدانمىكى شائىر سۆزى ئەلبەتتە يالغاندۇر
دېگەن گۈزەل بېيىتى كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولغان ئىكەن.
  ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى«يالغان» مەجازىي مەنىدە ئېيتىلغان بولۇپ،ئۇ سۆز سەنئىتىگە قارىتىلغان.
ئەگەر بىر كىشى باھارنى تەسۋىرلىمەكچى بولۇپ،«باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى»دەپ يازغان بولسا
ئۇ ھەۋەسكار،«قار باغرىدىن چوغلۇق»دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا شائىر بولۇشى مۈمكىن.بىر جۇپ ئاشق-مەشۇقنى تەكرار-تەكرار دېيىلگەن سۈپەت «لەيلى-مەجنۇن»غا ئوخشاتقان بولسا دىتسىز،« ئۇلار بىر بېيىتنىڭ ئىككى مىسراسىدەك»دەپ يازغان بولسا ئىقتىدارلىق بولىدۇ.ئوخشاشلا ئۇ شېئىرىدا بىر قىزنى «ئايدەك چىرايلىق»دەپ يازغان بولسا ھەۋەسكار،«سۇدەك ياكى يۈرەكتەك گۈزەل»دەپ سۈ پەتلىگەن بولسا ھەقىقى سۆز ئۇستىسى بولغان بولىدۇ.يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا،ئاۋۋالقىدەك  كونا ئۇقۇملار بىلەن تەكرار يازغانلار«شائىرلىقنى كەسىپ دەپ بىلگەن» ۋە بىر ئۆمۈر شېئىرى يازسىمۇ شائىر بۇلالمىغان بەخىتسىز «ئەدىپلەر»،كېيىنكىدەك ئادەتتىكى شەيئىلەردىن يېڭى ئىدىيە يارىتىپ داۋاملىق كۆكلەپ بېرىۋاتقانلار بولسا«شېئىرىيەتنى ھۈنەر قىلغان»تالانتلىق شائىرلاردۇر.چۈنكى شېئىرىيەت قەسرى-سۆز ماددى ۋە بىرىنچى لۇغەت مەنىسىدىن ئايرىلىپ،ئۇنىڭ ئىستېمالدىكى ھېس سى،يان،يۈكلىمە،توقۇلما ۋە ئىدراكى مەنىلىرى ئاساسىدا قايتىدىن قۇراشتۇرىلىدىغان سەنئەت. ئۇ نىڭدىكى مۇھىم مەسىلە نېمىنى يېزىشلا ئەمەس،بەلكى قانداق يېزىش؛بىلدۈرۈش ئەمەس،ھايا جانلاندۇرۇپ تەپەككۇرنىڭ قاناتلىرىدا قايتا ئىجات قىلىشتۇر.ئەدەبىياتتا قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەۋەس كارلار كۆپ،ھەقىقى تالانتلىقلار ئاز بولۇپ كەلگەن.مەقسەتكە قايتساق،تېمىمىزنىڭ باش سەۋەپكارى
بولغان ۋاھىتجان ئوسمان پادىشاھ نۇشۇرۋان ئېيىتقاندەك ھەقىقى«يالغانچى شائىر»،بەدىئىي سۆز ئۇستىسى شۇنداقلا تالانتلىق سەنئەتكاردۇر.
  گەرچە ۋاھىتجاننىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا»بىلەن«قىرىق بىر يۈرەك»تىن ئىبارەت ئىككى نادىر دىۋانىغا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ يېزىلغان شېئىرىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن شائىر نىڭ ئىجادىيىتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان.
مېنىڭچە «تۇرمۇش ئۆگىنىش»دېگەن بۇ قائىدەنىڭ ھەممە سەنئەتكارلارغا زۆرۈرى شەرت بولۇشى ناتايىن.كەلپىن يېزىلىرىدىكى«چىم-چىم ئوغۇل»ۋە«يىغلاڭغۇ تاغ»ھەققىدىكى چۆچەكلەر،يازدىكى چۆپ ۋە جىگدە پۇراپ تۇرىدىغان مەھەلە،قىشتىكى مۇز چايناشلار،كۆڭۈللۈك يېزا ئۇيىنى،ئايدىڭدىكى تۆكۈلۈپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسمان،يىراقتىن ئاڭلانغان ناخشا ئاۋازى ۋە ئۆي ئالدىدىكى ئېرىق سۈيىنىڭ شوخ گۈكىرەشلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شائىرنىڭ پىسىخىكىسىغا ۋە ئۆمۈرلۈك ئەسلى مىلىرىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان.ياشلىق بوسۇغۇغىسىغا قەدەم قويۇش بىلەن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يۇ سۇندا شائىرنىڭ يۈرىكىدە سۆيگۈ ئۇچقۇنلىرى چاقناشقا باشلىغان.سۆيگۈ بۇ دۇنيادا ئادەملەر ساقىيىش نى خالىمايدىغان بىردىن بىر كېسەللىك! ئۇنىڭ گۈلىنى ئۆزمىگەن ۋە قىسمىغان كىم بار! كىملەر بىلەن دۇ كۆزلەرنىڭ ئىختىيارسىز ئۇچرىشىشلىرى،ئۇنىڭ خىيالى ۋە ئەل ئىچىدىكى گەپلەر قوشىلىپ ئۇنىڭغا تەشۋىش كەلتۈرگەن.نەۋايى«ئون سەككىز ياش  ھەيرەتلىرى»لىرىكىسىدا ياشلىقنىڭ بۇ پەسلىدىكى تەشۋىشلىرىنى «ئون سەككىز ياشىڭدا ئالەم پىتنەسى باشىڭدادۇر»دەپ بالاغەتلىك ئەكىس ئەتتۈر گەن.دېمەك بىر قىسىم شائىرلارغا ئوخشاش ۋاھىتجان ئوسماننڭ تۇنجى ئىجادىيەتلىرىدىن بىرى مۇ ھەببەتكە بېغىشلانغان.شۇڭا شائىر «ئوت پەسلى»ناملىق لىرىكىنىڭ تۇنجى سەتىرلىرىنى«ئون سەك كىزگە كىرگەندىن باشلاپ، ئوتلارغا ئوت يېقىپ ياشىدىم» دەپ باشلىغان،كېيىنرەك يېزىلغان بول سىمۇ،ئەمما مەكتەبتىكى مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن «بىر سىنىپتا بەش يىل ئوقۇدۇق»مىسراسى بىلەن ئېچىلغان شېئىرىدىكى:
                               ئاسمىنىڭغا قولۇمنى سۇندۇم،
                               بىر شامالدا تىلەك رەت بولدى.
                               يىتىم قۇشقا ئايلىنىپ قالدىم،
                               مەن ناتىۋان ئۈچۈن سەت بولدى
دېگەن كۇبلىت پىكىرىمىزنىڭ دەلىلى.كەلپىندە يېزىلغان«دەرت»ناملىق بۇ مۇھەببەت لىرىكىسىدا مە شۇق توي قىلىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئاشىقنىڭ پەرىشانلىقى ۋە ھەيرانلىقى قەلەمگە ئېلىنغان.بىز« ئاۋازلىق ئوقيانى»نى ۋاراقلىۋېتىپ يۇقىرىقى كۇبلېتنىڭ مەنەۋى ۋە مەنتىقى داۋامى بولغان يەنە بىر بەنتنى كېيىنكى بىر شېئىرىنىڭ تۈگەللەنمىسىدە ئۇچرىتىمىز.ئۇنىڭدا ئاپتۇر لىرىك قەھرىمان بولغان مەشۇققا:«ئەگەر سەن دوستلىرىڭنىڭ تويىنى ئويناپ بەختىيار ھالدا قايتىۋاتقىنىڭدا ،يولدا ئاتام-ئانامنى ئۇچرىتىپ قالساڭ مەن ئۈچۈن مېھرىڭ بىلەن سالام قىلىپ قوي»دەپ سەمىمى خىتاپ قىلىدۇ.بىز بۇنىڭدىن ئايرىلىشنىڭ كۆز ياشلىرىنى تامدۇرۇپ،سەپەرگە كېتىۋاتقان ئېستېتك سۇبىكىتنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز.يەنە بىز ھەر ئىككى توپلامدا شائىرنىڭ«بۇ كوچىدىن ئۆتىدۇ بىر قىز »ۋە«كونا جاي»قاتار لىق سۆيگۈ لىرىكىلىرىنى ئۇچرىتىمىز.بۇلاردا شائىر مۇھەببەتنى خۇددى ۋىللىدە قىزىرىپ تۇرغان قىز دەك شۇنچەلىك تارتىملىق،نازۇك، مەپتۇنكار ۋە شەرمى-ھايالىق قىلىپ تەسۋىرلىگەن،يىراقتىن تۇرۇپ قىز-ئاياللار زاتىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا بولغان ئىنسانپەرۋەر سادالارنى ياڭراتقان.بۇلار تېگى-تەكتىدىدىن ئېيىتقاندا،چۈش ياكى بالىلىق تەبىئەتتىكى ئارزۇلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن كېيىن شائىردىكى يۇشۇرۇن
ئاڭنىڭ سىرتىغا لەيلىشىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل دۇنيا،ئەلبەتتە!                                                                                                                                                                              
  ۋاھىتجاننىڭ ياشلىق رومانتىكىلىقى قىرانلىق رېئالىستلىق دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ مۇھەببەت قارى شىدا ئۆسۈش ۋە بۆسۈش بولغان.
                              مۇھەببەتسىز نىشان يوق،
                              مۇھەببەتسىز ۋىجدان يوق،
                              تارتمايدىغان ئىنسان يوق،
                               مۇھەببەتنىڭ دەردىنى!
پارچىدىن ئايانكى،سۆيگۈ تار كۆڭۈل ئىشىدىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە قى لىنغان.شېئىرىدا ھاياتلىقتىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلبىدىكى غايە،بۇرۇچ،كۈرەش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بولىدىغان بەدەللەرنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ئىبارىسى ئارقىلىق بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇلغان.
شائىرلار ئادەتتە بالىلىقىدىن ئۆز دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.شائىرلىق دۇنياغا ھەيرەت كۆزى بىلەن بېقىش ۋە گۈزەل مەنىلىك گۈزەل شېئىرى نۇتۇق ئارقىلىق باشقىلارنى ئەجەپەندۈرۈش سەنئىتى! دىنى كىتاپلاردا شېئىر ۋە شائىرغا«قان-يىرىڭ»دەپ ئىزاھ بېرىلگەن.ئەپلاتۇن«ئەركىنلىك ئىدىيىلىرىنى تارقىتىدۇ»دەپ شائىرلارغا ئۆزى قۇرماقچى بولغان غايەۋىي جەمئىيەتتىن ئورۇن بەرمىگەن.رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە،نۆھ توپان بالاسىدىن ھەممە جانلىقلارنى قۇتقازغاننىڭ ئەتىسى لاي-پاتقاققا يالىڭاچ مى لىنىپ ياتقان بىر ئىنساننى ئۇچراتقان.ئەجەپلىنىپ سۈرۈشتە قىلسا ئۇ تەڭرىنىڭ دۇنيادا كېيىن پەيدا بولىدىغان ئادەملەرگە نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادىمى يەنى شائىر ئىكەن. مۇشۇ نوقتىدىن شامانىزىم دەۋىرلىرىدە شائىرلار سىرلىق جادۇگەرلەر،ئەۋلىيالار دەپ قارالغان.
   ۋاھىتجاننىڭ چەكسىز تاغلىق تەبىئەتنىڭ لىۋىدىكى سۆز سېھرىگەرلىرى بولغان باخشىلار مەھەللىسى دە ئۆسكەندىكى بالىلىق ھەيرانلىقى(«قىرلىق ئىستاكان»دىكى باخشىلارنى ئەسلەڭ)،تىلىنىڭ ھەمى  شە باغلىنىپ تۇرۇشى،زۇۋىلىسىدىكى ياراتقۇچى ئاتا قىلغان ئەزەلىي قابىلىيەت-ئالىگاھ يەنى ئۇنىۋېر سىتېتتىكى قايناق ئەدەبىي مۇھىت ئارقىلىق چاخلىنىپ ئۇنى شائىر قىلغان.شېئىر ئەلۋەتتە ماغزاپ ھېسسىيات ئەمەس،ئۇ بىلىم،تەجرىبە،ئەقلىيلىك ۋە تۇرمۇش پەلسەپىسى ئارقىلىق ھاياتىيلىققا ئىگە بولمىقى زۆرۈر.بۇ شائىردا ئەقىدە ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى! ئالىگاھتا ئۆتۈلگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات،فولكلور ۋە يېزىقچىلىق بىلىملىرى شائىرنى تىز شەكىللەندۈرگەن،ئۇنى شېئىرىيەتكە نىسبەتەن باشقىچە تۇنۇشقا ئىگە قىلغان.سىتۇدېنتلىق يىللىرىدا شائىرنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن قانچىلىك ئۇزۇقلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىجادىيەتلىرى ئاز ئەمەس.ئالىدىغان بولساق،«نەي»شەرق پوئىزىيەسىدە«ۋەتەنگە ساداقەتلىكنىڭ سىموۋۇلى»بولغان. جالالىددىن رۇمى مەشھۇر «مەسنەۋىي مەنەۋىي»سىدە نەيدىكى بۇنداق«ئۆز ماكانىغا ئاشنالىق»نى نەينىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق ھەسرەتلىك بېيىتلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن:
                           تىڭلا نەيدىن،نە ھېكايەتلەر قىلۇر،
                           ئايرىلىشلاردىن شىكايەتلەر قىلۇر...

                          كىم نەيىستاندىن مېنى تا كەستىلەر،
                          ھەسرىتىمدىن مەرد-ئايال داد ئەتىلەر.
يەنى «نەي»ئەسلىدە قۇمۇش ئىدى.پاتقاقلىق توقايدا ئۆسەتتى.ئۇنى كىسىپ نەي قىلدى ۋە ئوردا- سارايلارغا كەلتۈرۈشتى،مەخمەللەرگە ئوراپ،نەقىشلىك غىلاپلارغا سالدى،ئېزىزلاپ سۆيۈپ لەبلەرگە باستى.بىراق ئۇ نالە قىلدى،پەريات كۆتەردى،چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۆسۈپ چوڭايغان توقايزارلىقنى سېغىن غاندى.ھەشەمەتلىك سارايلارنى،تاپقان ئىززەت-ھۆرمەتنى نەزەردىن يىراق توقايغا-قۇمۇشزارلىقغا تەڭ  قىلمىدى.نەي كىسىلىشى،توپى ۋە ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى سەۋەپلىك«يالغۇزەك»ئاتىلىپ ئەنە شۇنداق نالەلىك ۋە مۇڭلۇق كۈيلەرمىش!...
  شائىر ۋاھىتجان ھەر ئىككى توپلامدا كۆڭۈل ئىزتىراپلىرى،تەنھالىق ۋە ئازاپ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن«نەي»ئوبرازىغا مۇراجىئەت قىلدى.دىلغا سىغمىغان دەرتلىك تۇيغۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىستىئا رىۋىى مەنىسىدىن تەسەللى تاپتى.بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭدا قەدىمقى ئىبرەتلىك نەي مەجازىغا ئاھاڭداش
مىسرالار بار:
                             مەن پادىچى يىتىمنىڭ قولىدىكى نەي،
                             باياۋان بورىنىنى يەپ ئۈنۈم پۈتمەيدۇ.
                             ئۈنلەپ تۇرغۇم بار مۇشۇ يەردىلا،
                             چۈنكى خۇلقۇم-مىجەزىم ھامان
                             باشقا يەرلەرنىڭ ئىقلىملىرىغا
                              ماس كەلمەيدۇ!
بۇنىڭدىن باشقا،«قۇمۇش نەيگە ئايلىنىپ قالدىم»(«سىم-سىم يامغۇر»دىن)،«قۇمۇش يىغلاپ ئۇخ لاپ قالسىمۇ،ئەمما پىغان تۇزار پۇپۇكتىن»(«قىرمىش ئاتا»دىن)قاتارلىق مىسرالاردىن ۋاھىتجاننىڭ كى لاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ مەزمۇن چۇڭقۇرلىقى بىلەن ئۇنىڭدىكى پەلسەپىۋى ئوبرازلارنى يېڭى شېئى رىيىتىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە ئىجادىي تەدبىقلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس!مەسىلى  نىڭ گەۋدىلىك تامانى شۇكى،ۋاھىتجان قەدىمكى ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەرگە تەنقىدى يانداشقان.ئۇ ئىجادىيدا كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى سەرۋ،ئەر-ئەر،ئەرغۇۋان،بۇلبۇل،نەۋشاد ۋە فەرخار مەملىكىتى(لۇتفىي؟)دېگەندەك دوگما،ئابىستىرىكىت نەزمى ئوبرازلارنىڭ ئورنىغا يىكەن،قى ياق،يۇلغۇن،تورغاي،كاككۇك ۋە توغراق قاتارلىق ئىكىلوگىيىمىزدىكى ئاددى،ھاياتى شەيئىلەرنى تال لىۋالغان.بۇ ئارقىلىق شېئىرى تىلدا بىز ياشاپ تۇرغان تەبىئەت ۋە ئاددى يېزا ھاياتىنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرغان چىن،مىللىي پۇرىقىنى ياراتقان سەنئەتكار.
شائىرنىڭ ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن خەلق پوئىتىك ئېغىزاكى ئىجادىدىن ئىبارەت مىللەتنىڭ ئېتنىك روھى بولغان«مىراس»تا ئىشلىشى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە قويۇق چۆچەكسىمانلىق،ئەپسانىۋى روھ ۋە ھېكمەت تۈسى بېغىشلىغان.چۈنكى«خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىللى ئانا تىل،چۆچەك بولسا مىل لەتنىڭ ئاۋازى»(ھېردىر)دۇر.كۆپ يىللىق فولكلورشۇناسلىق ھايات شائىرنى خەلق دانىشمەنلىكىنىڭ سىر-ھېكمەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە  ئىگە قىلغان.بۇنىڭ بىلەن ۋاھىتجاننىڭ شېئىرىيىتى ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرى،مەسەل-چۆچەكلىرى ۋە قوشاق داستانلىرىدىكى تەبىئەتكە يېقىن ئىپتىدائىي ئاڭ،پانتاستىك روھ،گۈزەل ۋە ئويناق شەكىل،پاكىزە ۋە ھارارەتلىك ھېسسىيات،سېھىرلىك
ئوبراز ھەم ماتىفلاردىن ئۇزۇق ئېلىشقا باشلىغان.شۇڭلاشقا ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ خىسلەت ۋە ئىستىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ بارماق ياكى سەربەست شەكلىدە،5-6 كۇبلېتلىق ۋە 7-9 بوغۇملۇق بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمى ئۇسلوبىنى بەلگىلىگەن.شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرىلىرى نىڭ ناخشىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇنداق شەكىلنىڭ مۇزىيكىچانلىقى ۋە كۈيلەشكە قو لايلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇنىڭدا ئەلۋەتتە بەدىئىي پىكىرنىڭ ئۆز شەكلى بىلەن تۇغىلىدىغانلىقى نى ئېتىبارغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئادەتتە شەرق ئەدەبىياتىدا بۇنداق شېئىرى ئۆلچەم«تۈركانە ئۇسلوپ »دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.
   شۇنى قىستۇرۇش ھاجەتكى«يېڭى شېئىرىلار»ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدىكى ئىسلاھاتچىل شېئىرى ئىجادىيەتنىڭ شەرتلىك نامى بولۇپ،ئۇنىڭ بىزدە ھازىرغىچە ژانىر نامىنى تاپالماسلىقى ئەدە بىياتشۇناسلىقىمىزدىكى ئەپسۇسلانارلىق ھالەت.قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر شېئىرىيىتىدە ئاللىقاچان «سەربەست»دەپ ئاتالغان بۇ ژانىر ئۆلچەمگە ۋە شەكىلگە سىغمىغان تاشقىن تۇيغۇلارنىڭ ۋەزىنى بولۇپ،ۋاھىتجان خەلق قوشاقلىرى ۋە داستانچىلىقنىڭ ئەركىن ئۇسلوبىنى گەۋدىلەندۈرگەن شۇنداقلا ئارۇز ۋەزىنى بىلەن بارماق ۋەزىنىنىڭ سوقىلىشىدىن شەكىللەنگەن بۇ يېڭى شەكىل-سەربەست ۋەزى نىنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى ياراتقان شائىر.قىسقىسى شائىرنىڭ«چىن تۆمۈر باتۇر»،«شەجەرەم»،« ئۇيغۇر مەشرىپى»،«قارا يۈز»قاتارلىق ھەر خىل ۋەزىندىكى شېئىرىلىرىدا خەلق فولكلورى ۋە ئېغىز ئە دەبىياتىغا خاس يەڭگىل ۋە خاسىيەتلىك ئاھاڭلار گەۋدىلەنگەن.
  شۇندا خاقان-شىر يۈرەك،
  ئوت يېقىپتۇ قولىغا.
  مەشئەل قىلىپ كۆتۈرۈپ،
  راۋان بوپتۇ يولىغا...
بۇ شائىرنىڭ«مەشئەل»شېئىرىسىدىكى بىر كۇبلېت بولۇپ، ئۇيغۇر بۇددىزىم رىۋايەتلىرى ئاساسىدا قايتا ئىشلىگەن مەزكۇر شېئىرىدا، ۋاھىتجان دۈشمەن تەرىپىدىن كېچىدە چۇڭقۇر جىلغىغا قاپسىلىپ قالغان خاقاننىڭ قولىنى مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن ئۆز تائىپىسىنى بىخەتەر ئېلىپ چىققان قەھرىمانلىقىغا مەدىھىيە ئوقۇغان.
يەنە شائىر بۇ خىلدىكى ئىجادىيىتىدە«ئوماي»،«مەستان كەمپىر»،«نۆھنىڭ كەپتىرى»ۋە«قەق نۇس»قاتارلىق تەلمېھ يەنى مەلۇم رىۋايەتلىك ۋەقەلەرگە ئىشارە قىلىنغان ئوبرازلارنى ئىشلىتىش سەن ئىتى ئارقىلىق شېئىرىنىڭ ئىچىگە شېئىر يۇشۇرغان،ئېيىتقان گەپكە ئېيىتمىغان گەپنى قوشۇپ ئىپا دىلەپ ئېستېتىكىلىق مەنەۋى قاتلام ياراتقان ۋە بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەردە ئۇلانما تەسەۋۋۇر قوزغىغان.
    شائىرنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بولغان«ئالتۇن شاخ»ۋە «روھ يىلتىزى»دىن ئىبارەت ئىككى داستانى ئېغىزاكى ۋە يازما ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئۆزگىچە تەسىراتىنىڭ بەدىئىي ھاسىلاتى،بۇلاردا مەر كەزلىك ھالدا ۋاھىتجاننىڭ«ئۆزلۈككە قايتىش»ئېڭى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا:
                                  كۈن دېگىلى بولامدۇ،
                                  ئۆتمۈشى يوق ھازىرنى
دېگەن بېيىت ئۇچرايدۇ. بۇ بىر گۈزەل شېئىر بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىبرەتلىك تارىخ پەلسەپىسىدۇر.
ئۆتمۈش كەلگۈسىگە يول ئاچىدۇ.تىلى ۋە تارىخى مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇش نائېنىق كەلگۈسىگە قاراپ يۈز لىنىشتۇر.شائىرنىڭ ئىككى داستانى بولۇپمۇ«روھ يىلتىزى»2000-يىللار دۇنيا ئەدەبىياتىدا مودا بول غان ئەدەبىياتتا مىللىي مەدەنىيەتنى قېزىش ئارقىلىق يىلتىزنى تېپىش،كۈلتۈرەل ئاڭنى نامايەن قىلىش ،مىللەتنىڭ ھاياتلىق ۋە تارىخنىڭ ئالغا سىلجىش جەريانىدىكى ئىتنىك مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە روھىنى ئېچىشقا بېغىشلانغان ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى.
  داستان يىراق قەدىمكى قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزدىن بۆكۈخان قاتارلىقلارنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت يارىتىش جەريانىدىكى مىفولوگىيەلىك ھە رېئالىستىك كەچمىشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلان غان.«روھ يىلتىزى» مەسنەۋىي شەكىلدىكى كىلاسسىك فورمىدا ئەمەس،بەلكى ئالماش قاپىيەلىك تۆتلۈكتە يېزىلغان بولۇپ،مۇقەددىمىدىن باشقا بەش بولەكتىن تۈزۈلگەن.
  «روھ يىلتىزى»لىرىك داستان،ئۇنىڭدىكى تەسەۋۋۇرلۇق سوژېت كۆلەڭگىسىنىڭ ئېچىلىشى«بۆكە خان رىۋايىتى»نىڭ باشلىنىش ۋەقەلىكى بىلەن تاناسىپ چۈشكەن.بىزدە ئىجادىيەتنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسىنىڭ تۇرمۇش ئىكەنلىكى كۆپ تەكىتلىنىدۇ.ئەمما ۋاھىتجان چىنلىق تەسىراتلىرى ۋە رەسىم- مۇزىكىدىكى تاغ-دەريا تەسۋىرلىرىگە ئاساسەن داستاننىڭ باش قىسىمىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىم كى ھاياتلىق ماكانلىرىدىن بولغان-قاراقۇرۇم ۋە ئورقۇن بويلىرىنىڭ كەڭ تەبىئەت مەنزىرىسىنى شائى رانە كەيپىياتتا سىزىپ كۆرسەتكەن.
رىۋايەت قەھرىماننىڭ نۇردىن-دەرەختىن جۈملىدىن ئاتىسىز تۇغۇلغانلىق ماتىفى(ئىسا پەيغەمبەرمۇ شۇنداق)ۋە قەدىمكى ئەجداتلارنىڭ تەبىئەت ئىلاھچىلىقى ئاساسىدىكى«ئاسمان ئاتا،يەر ئانا»يە نى«كۆكتىن تامدۇق،يەردىن ئۈندۇق»دېگەن باشلانغۇچ دىنى كۈلتۈر ئېڭىنى ئارقا كۆرۈنىش قىلىپ، ئىنساننىڭ مەڭگۈ قايتىلانماس بالىلىق تەبىئەتكە قايتىشتەك پانتاستىك ئارسۇسى بىلەن باشلانغان. مۇشۇنىڭغا ئاھاڭداش ھالدا«سۆز»مۇ قەدىمكى لاتىن مەدەنىيىتىدە«تۇپراقتىن يارىلىپ،تەڭرى ۋەس لىگە يىتىش»دېگەن قوشماق مەنىدە ئىستېمال قىلىنغان.بۇ ئارقىلىق داستاندا رىۋايەتكە قارىغاندا، ئەجدات-قەھرىمانلارنى ۋە مىللىي سىموۋۇللارنى ئۇلۇقلاشتەك دۇنياۋى ئەدەبىياتلىق ئالاھىدىلىك ۋە غايە خائىشلىق ئالغا سۈرۈلگەن.
                             كۆكتىن چۈشتى ئىلاھى بىر نۇر،
                            دەرەخ ئەسلىي قىزمىكىن لەۋەن...
پارچىدە رىۋايەتكە خاس سىرلىقلىق بىلەن ۋاھىتجان شېئىرىيىتىگە خاس ئەپسانىۋى سىقىقلىق ئەكىس ئەتكەن.
  رىۋايەتتىكى بۆكەخانغا ئائىت ۋەقەلىكنىڭ تارىخىي بايانى «روھ يىلتىزى»دا لىرو-ئىپىكىلىققا ئو رۇن بوشاتقان بولۇپ ئۇ داستاندىكى پىكىر ۋە غايەنى ماكان،زامان تەرتىبى بويىچە سىلجىتىشنىڭ ئاسا سىي قىلىنغان.بۆكەخاندا ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئورقۇن بويلىرىغىچە كۆپ ئەسىرلىك ھاياتى نىڭ تۈرلۈك ئىما-ئىشارىلىرى يېرىم خۇراپات ۋە يېرىم ھەقىقەت سۈپىتىدە يۈكسەك بەدىئىي ئومۇمىلاش تۇرۇپ ئەكىس ئەتتۈرۈلسە،«روھ يىلتىزى»دا ئاشۇ ۋەقەلەر ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق  ئېنىق باسقۇچ ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە قىلىنغان،تارىخىي دەۋىر ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە قايتىدىن قۇراشتۇرۇلغان.
داستاندا شائىر نۇر،دەرەخ،ئىلاھى پەرى ۋە ئورقۇن يېزىقى قاتارلىق شېئىرى ھېسسىياتقا نىسبەت بولالايدىغان ئوبرازلار ئارقىلىق بىر تەرەپتىن لىرىك قەھرىماننىڭ خارەكتېرىنى گەۋدىلەندۈرسە،يەنە بىر ياقتىن شېئىرى پىكىر ۋە ھېسسىياتنىڭ مىسرالار ئارا ئەركىنلىكى،ھەرىكەتچانلىقى،بىردەكلىكى  ھەم راۋاجىنى كاپالەتلەندۈرگەن.شۇڭا داستاننىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا
                            يىغىلسا گەر تارقاق يۇلتۇزلار،
                            تولۇن ئايدەك بولىدۇ نۇرلۇق.
                            بىر غولدا كۆپ بولسا يىلتىزلار،
                           بوران-چاپقۇن قىلالماس خورلۇق
قاتارلىق لىرىك سۇبېيكىتقا خىتاپ تەرىزدە قىلىنغان جۇشقۇن شېئىرى تەلقىنلەر ئارقىلىق، بۆكەخان نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلغايتقاندىكى قەھرىمانلىق داستانى غا خاس تارىخىي چىنلىقنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.
بىز داستاننىڭ3- ۋە 4-قىسىملىرى ئارقىلىق ۋاھىتجاننىڭ بەدىئىي ئىستېداتىغا قائىل بولماي قالماي مىز. ئۇنىڭدا شائىر مەلۇم رىۋايەتلىك خېمىتۇرۇچ ئارقىلىق ئەجدات روھىنى قايتا نامايەن قىلىدىغان تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشقا سالغان.بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلاردا ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجات قىلىپ،
تاش ئابىدىلەردە مەدەنىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ سەھىپە رىۋايەتنىڭ تەبىئىي مەنتىقى راۋاجىدەك
تەسىرات قالدۇرغان.بىر مۇتەپەككۇر ئېيىتقاندەك:«تىل-يېزىق بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەم بىلەن ياراتقۇچىنىڭ ۋە زىمىننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش.مەلۇم بىر تىل-يېزىق مەدەنىيەت ئەنئەنى سىدىن ھەم مىللىي تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن مەۋجۈتلۇق ئاساسىنى يوقىتىدۇ».شائىر داستان نىڭ مەزكۇر سەھىپىلىرىدە ماددى ۋە مەنەۋى مەدەنىيەت ياراتقۇچىلار بولغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھى كەچمىشلىرىنى چۇڭقۇر قېزىش ئارقىلىق كىتابخانلار بىلەن كۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ھەققىدىكى چۇڭقۇر تەشۋىىشلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ. بۇ ھەقتە
                               تىل-يېزىقتۇر روھتىكى ۋەتەن!...
قاتارلىق ئەقلىي،پەلسەپەۋىي سەترىلەر دىققەتكە سازاۋەر.
   شائىر داستاننىڭ خاتىمىسىدە تارىخىي چىنلىق پىرىنسىپى بويىچە دانىشمەن تۇنيۇقۇق،بىلگە قا غان ۋە باتۇر كۆلتېگىنلارنى بۆكەخاننىڭ ئەۋلاتلىرى قىلىپ كۆرسىتىپ،ئېستېتكىلىق قايتا ئىجات ئې لىپ بارغان.«بۆكەخان رىۋايىتى»دە ئېستېتىك ئۇبېيكىت بىلەن ئېستېتىك سۇبېيكىتنىڭ مۇساپىسى بەكمۇ يىراق بولغانلىقتىن رىۋايەت كىشىدە غۇۋا تەسىرات قالدۇرسا،داستاندا بۇنداق رۇجەكلەر مۇۋاپىق بەدىئىي توقۇلمىلار ئارقىلىق يارقىنلاشتۇرۇلغان.
   رىۋايەتكە قارىغاندا داستان دىنى سىمفونىيەلەرنىڭ چۈشۈرگىسىدەك«كۆچ-كۆچ»سەرسانلىقى ئار قىلىق مۇڭلۇق كەيپىياتتا ئاخىرلاشتۇرۇلغان.بۇ يەردە يىللاپ چۆل-داۋان ئېشىپ شالاڭلاپ كېلىۋاتقان ئۇزاق سەپ ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەردەك كۆز ئالدىمىزدا خىرە-شىرە نامايەن بولىدۇ. مۇھىمى رىۋايەتتىن داستانغا كۆچكەن تارىخىي چىنلىق بىلەن ئاپتورنىڭ ھېسسىيات چىنلىقىنىڭ بىرلىكىنى ئەل-ئۇلۇس نىڭ تارىخى سەرگۈزەشتىسىدىكى پاجىئە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش-مانا بۇ ئاپتور ئەسەردە يەتمەك چى بولغان تىراگېدىيەلىك يۈكسەكلىك! شائىرنىڭ داستاننى
                             يىلتىزى بار تۆكۈلگەن ياشنىڭ،
                             يىلتىزى بار يۈرەكتە داغنىڭ
دەپ بۇنداق ئېستېتىك ئازاپ ئېڭى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمۇ تارىخىي ئۆزلۈكىمىزنىڭ ئەخلاقى،ئەقلى ۋە روھى جەھەتتىكى زەئىپلىكلىرى،يىمىرىش كۈچى،ئۆزلۈكىمىزدىن ياتلىشىش ۋە ئۆزگەرگەن خارەكتېرىمىزنىڭ پاجىئەلىرى ئۈستىدە بىزنى ئويلاندۇرۇش! قىسقىسى ۋاھىتجاننىڭ كۆرسى تىلگەن ۋەكىللىك ئەسەرلىرى قەدىمكى دانىشمەنلەر ئېيىتقاندەك«ئىلىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىلىمى»غا بې غىشلانغان بولۇپ ئۇ بىزنى كىملىكىمىز ۋە كىم ئەمەسلىكىمىز ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.
بۇلاردىن باشقا ئىلمىي جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىجتىمائىي،ئەخلاقى ۋە پەلسەپەۋى تېمىلار ھەققىدىكى شېئىرىلىرىدا شائىرنىڭ لىرىك قەھرىمانى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلغۇ چى پەيلاسوپ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.بۇنداق لىرىكىلاردا ۋاھىتجان ھايات چىنلىقىنى ئەقىل كۈزى  بىلەن كۈزىتىپ شېئىرى تومۇرنى ھېسسىيلىق بىلەن ئەقلىيلىقنىڭ دېئالېكتىكىسى ئارقىلىق ئوزۇقلان
دۇرغان.بۇ خىل تىزمىلار ماھارەت جەھەتتىن مەنىلىك ۋە گۈزەل سۆز-مىسرالارنى پۈتۈن شېئىرى داۋامى دا ئىجادىي قايتىلاش (مەسىلەن،يىلتىز،يامغۇردا سۆيۈشىش)،قۇرۇلمىدىكى ئىخچاملىق،قاپىيە ۋە كۇبلېتلاردا شەكىلداش ھەتتا مەناداش سۆزلەرنى تەكرار ئىشلەتمەسلىكتەك شەكلەن گۈزەللىك،مەنان لوندىلىك ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە شائىر دەرت-ئىزتىراپلارنى يارىتىدۇ ۋە بۇلار شائىرغا خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.ئۇ ئۇنۋان ئەمەس،تولغاقتىكى ئانىدەك تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئازاپلاردىن زوقلانغۇچى.ۋاھىتجاننىڭ دىۋانىدىكى شائىرلىق ھەققىدىكى تۈركۈم لىرىكىلار مۇئەللىپنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسىخىكىلىق سۇبېيكتىپلىقى رېئال بېسىمغا ياكى توسالغۇغا ئۇچراپ روھى جەھەتتىن ئەركىنلەشكەنلىكنىڭ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت لەرگە پىسەنت قىلمىغانلىقنىڭ مەھسۇلى.
شۇنىڭغا ئۇرغۇ بېرىش كېرەككى، شېئىرىيەت نوقۇل سۆز سەنئىتىلا ئەمەس،بەلكى قىسقا،پىغانلىق ۋە گۈزەل ئاۋازلىق كاككۇكتەك قايغۇ- مۇھەببەتنى ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇش سەنئىتى! ئييتىلىشىچە،ھەقىقى شائىرلانىڭ ئىچىدە بىر قۇش توختاۋسىز ئۈنلەپ تۇرغىدەك.ئۇ ئەركىن قۇشقا ئايلىنىش ئۈچۈن شائىرنىڭ كۆكرەك قەپىزىگە ئۈزىنى ئۇرۇپ،قان تامچىلىتىپ شائىرنى قىيناپ ھۇش سىزلاندۇرارمىش! ئەمما شائىر بۇنداق شىرىن ئازاپنىڭ ئاشناسى بولغاچقا ئۇنىڭغا ئەرك بەرگىلى ئۇنى ماسمىش،قۇش ئۆمۈرلۈك ئېلىشىشتا ئاخىر شائىرنى داغدا قالدۇرۇپ،كۆككە ئۇچۇپ كېتەرمىش! دېمەك شائىرلىقتا تالانتقا قوشۇلغان ئەنە شۇنداق توختاۋسىز جىسمانى-روھى«تامچىلاش ۋە ھۇشسىزلىنىش»  لا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.شۇنداق،شائىرلىق ئەل دەردىگە دەرمان بولۇش سەنئىتى. شائىر ھەممە زاماندىكى مۇپتىلالىق ۋە قىسمەت! ئۇنداق بولمىغاندا نەۋايىدەك شۇنچە بۈيۈك زات قەلەندەردىن شېئىرى تىلەپ يۈرىمەگەن بۇلاتتى.شائىر يارالدى دېمەك ئەقىدە ۋە سەۋدالىق يارالدى دېمەكتۇر. ئەمما ۋاھىتجان توپلامدا شائىرلار ھەققىدىكى كونا رىۋايەتنىڭ يېڭىچە تەلقىىنى بەرگەن.
                         - شائىردىن ئايالى ئەنسىرەرمىش
- نېمىشقا؟
- شائىر كۈندە نەچچە قانسىرارمىش!
شائىرلىق تېمىسىدىكى لىرىكى(«ئوت كېتىدۇ ماڭا بىر كۈنى»قاتارلىق)لاردا ۋاھىتجان غايەۋى ئىدى ئالىغا ئويغۇن خەنجەر،يۇلتۇز،كېچە،ئانا،يۈرەك،يىغلاش،ھەسرەت-نادامەت،ئوت،بىھۇشلۇق ۋە ۋا قىت قاتارلىق شېئىرى ئىماگ ۋە مەنا ئوب رازلىرىغا ئۇرغۇ بېرىش ئارقىلىق ئاساسىي ئىدىيە بىلەن ھېسسىياتنى مەركەزلەشتۈرگەن،بۇلارنىڭ ۋاستىسىدە يېپ-يېڭى ئوبرازلىق ئىپادە ۋە چاقناق پوئىتىك مەنزىرە يارىتىپ،كىتابخانلاردا«مەن»نىڭ«ئىچىدىن تۈتەپ تۇرغان»تۇيغۇلار ئالەمى ھەققىدە تەسەۋ ۋۇر قوزغاتقان.ئۆز نۆۋىتىدە شائىرنىڭ لىرىك سۇبيكتى بۇلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق مىللىيەت لىكى ئومۇمەن ئىنسانىيەت ئالدىدىكى بۇرۇچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىزھار قىلغان.شائىرلىق نېمىتى ۋە ئىجادىيەتنىڭ قىسمىتى ھەققىدى كى ئۆزگىچە مۇلاھىزىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەدىئىي زوقىغا سۇنغان.
   ئاز ساندىكى سەنئەتكارلارلا ھەر قېتىملىق ئىجادىدا سۈپەت ئۆزگىرىشى قىلىپ،ئەۋۋىلىدىن ۋە ئۆزى دىن ھالقىپ تۇرۇشى مۈمكىن.چۈنكى شېئىر ياشلىق سەنئىتى،ئۇنىڭ ئوت كۈچى ۋە شىددىتى يۈرەك ھارارىتىىنى مەنبە قىلغان.مۇشۇ نوقتىدىن«قىرىق بىر يۈرەك»نى مەنەۋى پاساھەت،بەدىئىي بالاغەت ۋە ھېسسىي ھارارەت جەھەتتىن ۋاھىتجان شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ.توپلامدا ئىجتىمائىي،ئەخلاقى تېمىدىكى ئەسەرلەر بىر قۇچاق! بۇلاردىن غايەۋى تېما تىك مەزمۇنىنىڭ چۇڭقۇرلىقى،تەسەۋۋۇر بوشلىقىنىڭ يۈكسەك،پايانسىزلىقى؛ياراتقان شېئىرى ئوبراز لىرنىڭ بىتەكرارلىقى؛ژانىرلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىجادىي ۋە ئويناقلىقى شۇنداقلا شېئىرى ھېسسىيا تنىڭ چىنلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يالقۇنلۇق بىر لىرىكا بار.ئۇنى يالغۇز ۋاھىتجان شېئىرىيىتى دىلا ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانا ماۋزۇسى بويىچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مەنەۋى پەللە دېيىش مۈمكىن.
                                ئاتا سېنى ئوتتىن سورىسام،
                                ئوت لالىدەك قىزىرىپ تۇرۇپ:
                                ماڭا ئوخشاش كۈيەتتى،دېدى.
شائىرنىڭ «ئاتامنىڭ شەجەرىسى»شېئىرى ئەنە شۇنداق ئېچىلغان.كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى«
مۇسەللەس»نىڭ مەنىسى«ئۈچلۈك»،ئەكسىنچە ۋاھىتجاننىڭ ئۈچلۈكى مۇسەللەس ئەمەس.«ئۈچ»بىز
دە ئۇلۇغ سان،ئاتا-ئانىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ،چۈنكى ئۇلار دۇنيا ياراتقۇچىلار!
  پېقىر شائىرنىڭ ئاتىسى-ئوسمان ئاكىنى ياخشى تۇنۇيتتىم.بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا ۋاھىتجان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىكەن.مېنىڭ مەكتەبتىكى ھاياتىم جۇشقۇن ۋە شائىرانە ئۆتكەن.ئۇ كىشى ئىلىم ئەھلىنىڭ دوستى ۋە تەرغىباتچىسى ئىدى! 2000-يىللارنىڭ ياز ئايلىرى،خىزمەت ئىشى بىلەن كەلپىنگە باردىم.بىر كۈنى ناھىيە بازىرىدا ئوسمان ئاكا توساتتىن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى- دە،ۋېلىسىپىتتىن قۇشتەك ئېتىلىپ چۈشۈپ مېنى ئاتايەن يېزىدىكى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ چىققان لىقىنى ئېيتتى.دوپپىسىدىكى بادام گۈلى بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندىكى بۇرۇتلۇق قاراچە، قىزىل يۈزى رۇشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ ئۇ ئادەمگە ئەرلىك جاسارەت ۋە ياشلىق نازاكەت بېغىشلاپ تۇراتتى.«ۋاھىتجان ئۈرۈمچىدىن كەلگەنمۇ؟-سورىدىم»،كەلمىگەنلىكىنى ئېيىتتى. ئىنسان پەرزەنتى ھامان كەم ئەقىل-دە!كۆز ئالدىڭدىكى ۋە ئالىقىنىڭدىكى پۇرسەتنىڭ خاسيىتىنى چۈشەنمەسلىك ئادەم تەپەككۇرىنىڭ تۇغما چەكلىمىلىكى.تاغنى ھەقىقى  بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن  ھامان يىراقلى شىش كېرەككەن!
مەن ئوسمان ئاكىنى ئايىغان ياكى قورۇنغان بولىشىم مۈمكىن،يالغاندىن ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمنى،رەخمىتىمنى ئېيىتتىم.ئەمەلىيەتتە تەنھالىق خائىشىم ئىدى.بىزگە يەنە بىرنەچچە بۇرا دەرلەر كېلىپ قوشۇلدى،سالاملاشتۇق!بىرئازدىن كېيىن ئەتراپقا قارىسام ئوسمان ئاكا يوق! «ئاتامنىڭ شەجەرىسى»نى ئوقۇپ ئەسلەپ قالدىمكى،شائىرنىڭ ئاتىسى ئۇنداق مەن يالغان سۆزلەيدىغان ئادەم ئەمەسكەن،بەلكى مەنەۋىيىتى سۇ،زىمىن ۋە قەلبكە سىغماس روھىنات ئىكەن!
                             ئاتا سېنى سۇدىن سورىسام،
                             سۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:
                             ماڭا ئوخشاش كۈلەتتى،دېدى.
شۇنداق،بۇ يەردە شائىر ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي بولغان سۇغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق شەخسى مۇرە بىيسىنى ئەمەس،بەلكى ھەممىمىزنىڭ غەمگۇزار ئاتا-ئانىسىنى،ئەجدادىنى،ۋىجدانىنى،ئىمانىنى،پى غانلىق پۇشايمانلىرىنى يازغان!دۇنيادا«بالام»دەپ چاقىرىدىغان يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ،يى تىملىك دەردىنى تارتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ياشلىق كۆزى بىلەن تەبەسسۇم قىلغان! قەلەم كۈچى بىلەن دەريانى قەترە،سەدەپنى گەۋھەر تامان ئاققۇزغان!
شائىر لىرىكىدا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ھېچكىم ياراتمىغان يېپ-يېڭى بەدىئىي مۇھىت ياراتقان.ھەتتا مىتاپىزىكقا خاس ئىدراك بىلەن بىر بىرىدىن يىراق ھەتتا زىت ئوقۇم ۋە شەيئىلەرنى مىسرا قاتلىرىغا جۇغلاپ،تەسەۋۋۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىن جىلۋىلىك باغلىنىش ۋە غەيرى تەبىئىي ئوخشاشلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ ئارقىلىق ئۈچلۈكتە«ئاتا»دىن ئىبارەت ئىندىۋىدىئال ئو
مۇمىيلىقنىڭ مەلۇم پەيىتتىكى ئىش-ھەرىكىتى،كۆچۈرمىشى،ئىجتىمائىي-ئەخلاقى روھىنى ئوت،كۆك
،تاغ،گۈل قاتارلىق پوئىتىك ئوبرازلارنىڭ خاسىيىتى بىلەن قىياسلاپ ۋە مەنتىقى ئاساسلاپ ئۇنىڭدىن پەلسەپەۋى ھاياتى پىكىر كەلتۈرۈپ چىقارغان:
                             ئاتا سېنى قۇشتىن سورىسام،
                             قۇش ھەسرەتتە تولغىنىپ تۇرۇپ:
                             ئۇ دەرەختەك تۇراتتى،دېدى.  
بەدىئىي سۆز ئۇستىسى كۇبلېتتا كۆكىرىپ تۇرغان دەرەخ قۇش ئۇۋىسىنى ئۆز بېشىدا كۆتىرىپ ئۇلارغا باشپاناھ بولغان بولسا،ئاتا ئۆز ساخاۋىتى ئارقىلىق «مېنىڭ جەننىتىم ئىدى»دېگەن پىكىرنى ئەنە شۇنداق ئىستىئارىۋى ئىپادىلىگەن.
   بىر پارچە ئەسەر مەزمۇن،شەكىل ۋە بەدىئىيلىكتىن تەركىپ تاپىدۇ. بەدىئىيلىكنى بولسا بەدىئىيات يارىتىدۇ.ئاۋۋالقى ئىككى ئامىلنىڭ تەبىئىي بىرلىكىگە سۆز سەنئىتى قوشۇلسا،بۇنداق ئەسەر زىننەتلەن
گەن قەسىرگە ئايلىنىدۇ.«ئاتامنىڭ شەجەرىسى»كۆپ تەرەپلىمە ئىجادىيلىقنىڭ ھاسىلاتى! ئۇنىڭدا جانلاندۇرۇش قوللىنىلىپ لىرىك قەھرىماننىڭ پەزىلىتى شەيئىنىڭ ھالىتى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەچكە شېئىرى تىل چۆچەكسىمانلىققا ئىگە بولغان.شېئىرىدا شائىر ئەقىلغا،تەسەۋۋۇرغا ۋە ئادەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋالنىڭ مۇبالىغىلىك تەسۋىرىنى ياراتقاندا،ئوقۇرمەنلەرنى ئۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشنى ئەمەس،
بەلكى شۇ خىل ھالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ھەققىدە ئويلاندۇرۇپ،تەسۋىر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ شۇ قەدەر گۈزەللىكىدىن ئېستېتىك زوقلاندۇرغان.چۈنكى ئېستېتىك تەسىرات-نەپەستىن كۆڭۈلگە،كۆڭۈل دىن روھقا،روھتىن سىرغا،سىردىن مەنا- ماھىيەتكە ئۆتىدىغان نۇرەپشان جەريان!
   يەنە ۋاھىتجان«ئاتامنىڭ شەجەرىسى»دىن ئىبارەت بۇ«خاسىيەتلىك قۇتا»غا ئىنشا سەنئىتىنىڭ تى  لەك،خىتاپ ۋە سوراق قاتارلىق شەكىللىرىنى قاچىلىغان.بۇ ئارقىلىق «مەن»گە ۋەكىللىك قىلغۇچى لىرىك قەھرىماننىڭ ئىچكى ئالىمى،قەلبىدە مەۋج ئۇرىۋاتقان ئاتەشلىك تۇيغۇلىرى ۋە گۈزەل ئارزۇلىرى ھەققىدە يەرۇ-كۆككە مۇراجىئەت قىلىپ،رېتورىك سۇئال ۋاستىسىدە دىلىنى ئۆرتىۋاتقان ھېس-ھايا جىنى ھەم ئاتىغا بولغان قەلىپ ھەيرانلىقىنى نامايەن قىلغان.
                            ئاتا سېنى يەردىن سورىسام،
                            يەر ئاسمانغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
                            بىزگە كۆكلەم چاچاتتى،دېدى.
  شائىر ئاتىلارنىڭ دۇنياغا نېممەت،پاراغەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرغۇچى ساخاۋەتچى ئىكەنلىكىنى ئۇلار نىڭ باھاردىن باشلانغان مېھنىتى ئارقىلىق ئەنە شۇنداق ئېسىمىزگە سالىدۇ.يەنە شېئىرىدا شېئىرى پىكىر بىلەن ھېسسىيات ھەممە كۇبلېتلاردا ئوخشاشلا چۇڭقۇر بىرلىك ۋە ھارارەت ھاسىل قىلغان،بۇ  خىل كەيپىيات ئۈچلۈكنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئەۋجىگە كۆتىرىلگەنكى،سۇسلاشمىغان.ۋاھىتجان «ئاتا شەجەرىسى» ئارقىلىق كىلاسسىك شەرق شېئىرىيىتىدە«سۇئالۇ جاۋاپ»،«دىئالوگ»دەپ ئاتال غان ژانىر ياكى ئۇسلوپنىڭ زامانىۋىيلاشقان يېڭى ۋارىيانتىنى ئىجات قىلغان.
  قىسقىسى ئىجاتكار شېئىرىدىكى تىل ۋە ئوبرازلارنى نەپىسى،قېنى ۋە يۈرىكى بار«تىرىك جان» دەپ بىلگەن،شۇڭا ئۇلار بىلەن ئەركىن دىئالوگلاشقان.مەنزىرە بىلەن مەنانىڭ مەنتىقى بىرلىكىدىن  ھاسىل بولغان ئىدىيەنىڭ پىنھان قاتلاملىرىدىكى تەسىر كۈچنى ئاشۇرۇپ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كى تابخانلارغا شېئىرى تەپەككۇرنىڭ نازۇك ۋە يۇشۇرۇن تەرەپلىرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشقان. شېئىرىدىكى  ھەر بىر كۇبلېت لىرىك قەھرىماننىڭ ھاياتى ۋە خارەكتېرىدىكى گەۋدىلىك پەزىلەت،كۆرۈنىشلەرنىڭ ھېسسىيات ۋە ھاياجان جەھەتتىكى يېڭى ئۆركىشىنى ياسىغان.نەتىجىدە قەلبىدە مەڭگۈ كۆكىرىپ تۇرىدىغان«ئاتا دەرىخى»نىڭ ھاياتىيلىقى ۋە چىنلىقى ئاشقان.تەبىئەتكە كەڭ قۇچاق ئېچىپ قىلغان خىتاپ جۈملىدىن ئۆزى بىلەن سۆزلەشىش شەكلى ئارقىلىق كۇبلېتلار ئارا سەكرەتمىلىك ياساپ بىر تەرەپتىن شېئىرى قۇرۇلمىنى پىرىسلىسا،يەنە بىر ياقتىن تەپەككۇر بوشلىقىنىڭ كېڭىيىشىنى تەمىن ئەتكەن.ئۈچلۈكتىكى ھەممە-ھەممە نەرسە ئاتا پەخرىيەسى ئارقىلىق يۈكسەك ئىنسانى غايىلەرنىڭ تەر
غىباتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
  خۇلاسە قىلغاندا،شېئىر مىللەت روھى ۋە ئۆزلۈك ئاڭنىڭ مەھسۇلى. ئىككىنچى ۋەتەن- ئانا تىل تەرە قىياتىنىڭ يۇقىرى چوقىسى! بۇلارغا سەل قاراش كەلگۈسىنى ئىنكار قىلغانلىق.شۇڭا داغىستانلىقلاردا يامان روھ ۋە دۈشمەنلەرنى:«بالىلىرىڭ بىلەن ئۆز ئانا تىلىڭدا سۆزلىشەلمەيدىغان جىنلارغا ئايلىنىپ كەتكەيسەن»دەپ قاغاش ئادىتى ساقلانغان!بۈگۈنكىدەك ئەدەبىياتتىن زوقلىنىشنىڭ يوللىرى كېڭەي گەن،ماددى راھەتپەرەسلىككە چوقۇنۇش ئەۋىج  ئالغان يەنە كېلىپ كىشىلەرنىڭ رېئاللىق تۇيغۇسى كۈچىيىۋاتقان زاماندا ياخشى شائىر بولماق تەس،ھەممە ئادەمدىن شېئىر ئوقۇشنى تەلەپ قىلىش بىر خام خىيال.پەقەت سېنىڭ توپلىمىنڭنى يۈرىكىدە ئوتى بار كىشىلەر يېنىدىن ئايرىماي ئوقىسا ياكى رو مانتىك مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالغان قىز ئۇنىڭدىن پارچە ئېلىپ سۆيگۈ مەكتۇبى قىلىپ يوللىسا، شۇنىڭ ئۆزى كوپايە،بەخىتلىك شائىرسەن!
ۋاھىتجان ئوسمان يېقىندىن بېرى شېئىرلىرى گويا يۇقۇملۇق زۇكامدەك ئۈندىداردا ئەڭ كوپ تارقال غان ئاماتلىك شائىر.ئۇ مەزمۇن بىلەن شەكىل،ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق، مىللىيلىق بىلەن دۇنياۋىيلىق،«يىلتىز روھى» بىلەن رېئال كىرىزىس ئېڭىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئە سەرلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدىكى مەۋجۈت ئېستېتىكىلىق پىرىنسىپلارغا يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى.ئۇ دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ يۈرەك تىۋىشىغا ماس يېڭىچە ئۇسلوپتا تەرەققى قىلدۇرغان  سەربەستلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىمىزنىڭ ژانىرلار ئۇپۇقىنى كېڭەيتتى.شېئىرىيەتتە
سىلكىنىش پەيدا قىلدى.بىزدە ئانىلارنىڭ قىرىق بىر جېنى بار،بىرىسىنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ قال غىنىنى بالىلىرىغا بېغىشلايدۇ،قىرىق بىر تۆگىنىڭ يۈكىنى بىر ئەر يەلكىسىدە كۆتىرىدۇ،دېگەن ھېك مەت ساقلانغان.شائىرنىڭ دەل مانا شۇنداق پىداكارلىققا ئىشارە قىلىنغان«قىرىق بىر يۈرەك»توپلىمى
«ئاۋازلىق ئوقيا»نىڭ مەنان،شەكلەن ۋە مەنتىقى داۋامى سۈپىتىدە ئىجات قىلىنغان.شۇڭا ئاۋالقى توپ
لامدىكى «قىرىق بىر يۈرەك»شېئىرىنىڭ :
                             ئالتۇن ئوقيانى سانجىپ بېغىشقا،
                             كۈلۈپ ياتىدۇ قىرىق بىر يۈرەك
دەپ تۈگەللىنىشى تەسەددىبى ئەمەس!
  «قىرىق بىر يۈرەك»نىڭ بەدىئىي تەپەككۇر تەرەققىياتىمىزنى نامايەن قىلىشتىكى يەنە بىر گەۋدى لىك خاسىيىتى شۇكى،توپلامغا ئۆزبېكىستانلىق مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام،سانت-پېتربورگ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى(تاشكەنتتىكى ۋاقتىمدا پېقىر بۇ كىشى بىلەن نەچچە قېتىم كۆرۈشكەن) لېكىم ئىبراھىمنىڭ تامامەن يېڭى ئۇسلوپتىكى،ئاجايىپ نەپىس رەسىملىرى قىستۇرما قىلىنغان. كىتاب خانلارنىڭ رەسىملەر ھەققىدىكى پايانسىز ئوي-پىكىرلىرى توپلامدىكى بىر قىسىم شېرىلارنىڭ ئوقۇم لىشىش،مەنتىقى ئىزچىلسىزلىق ۋە شېئىرى بوشلۇق جەھەتتىكى يىتىشسىزلىكىنى تولدۇرغان.
يەنە« ئاۋازلىق ئوقيا»ۋاھىتجاننىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90–يىللىرىدىكى يەنى27 ياش ۋاقتىدىكى ئىجادىيەتلىرى بىلەن باشلانغان.مۇشۇنداق ياشلاردا لتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،پوش كىن،يېسىنىن ۋە بايرونلار ئاللىقاچان شائىر بولۇپ بولغان.ئېنىقكى ۋاھىتجان بۇنىڭدىن ئاۋاللا ياش شائىر سۈپىتىدە ئەلگە تۇنۇلغان.«ئاۋازلىق ئوقيا»تاللانما توپلام ئەمەس،شۇڭا ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرى شېئىرىلىرىنىڭ توپلامغا كىرگۈزەلمەسلىكى شائىرنىڭ ئىجادىي بىئوگراپىيەسىنى ئۆگىنىشتە كەمتۈكلۈك شەكىللەندۈرگەن.نەتىجىدە كىتاپ«باشسىز گېنىرالغا»ئوخشاپ قالغىلى تاس قالغان.
   «ئاۋازلىق ئوقيا»«قىرىق بىر يۈرەك»كە بەتلەنگەن.ئىككىلا توپلام ئىسىمىنىڭ سىموۋۇللۇق مەنى سى ئىنساننىڭ كۆكسىگە ئىشارە قىلىنغان! ئانىنى،ۋەتەننى،ئانا تىلنى ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتنى سۆ يۈشكە ئادەتلەنگەن يۈرەك كۆكرەكتە! ئۇ ئىنساننىڭ ۋىجدانى،تەپەككۇرى ۋە ئېڭىنىڭ بۇلىقى! شۇڭا بۇ ئىككى دىۋان شائىرنىڭ باش ۋە كۆكرەك ھەيكىلى بولۇشقا مۇناسىپ!
   ساددا قىلىپ ئېيىتقاندا،ئالىقاندىكى تەقدىر سىزىقلىرى شېئىرى بىلەن تەقرىزنىڭ ئوبرازلىق سى خېمىسى! ئۇنىڭدا قىسمەن سىزىقلار مەلۇم پەللىلەردە تۇتىشىپ ئورتاق نوقتا ھاسىل قىلغاندىن باش قىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز يۆلىنىشىگە ئىگە.ئەمما بىز بۇ ئاددى نۇتۇقتا ئوقۇرمەنلەر،جۈملىدىن شائىر دۇنياسىنىڭ ھازىرغىچە بايقالمىغان مەنزىللىرىدە ئۆزىنى قايتىدىن كەشىپ قىلىشى ئۈچۈن بوشلۇق يا راتتۇق.


                                شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى
                  

                                  2014-يىل،ماي
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.






ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-12 17:17:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەد!...ئىزدىنىشلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن......

ۋاقتى: 2015-2-12 17:42:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمگەك ھايات ھۆسنى،ئەجرىڭىزگە تەسەددۇق...

ۋاقتى: 2015-2-12 21:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىجادىيەت قەلەمنىڭ ھاياتى،ئىزچىللىق ئۇنىڭ قانىتى....................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش