يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1626|ئىنكاس: 18

تور ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش بەلگۈلىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ «تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش بەلگۈلىمىسى»


1-ماددا: تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، «گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسىغا تور-ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىش توغىرسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرى نىزاملار بويىچە بۇ بەلگۈلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

2.ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى چېگرىسى ئىچىدە تىزىمغا ئېلىنغان، ئىشلىتىلىۋاتقان تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشقا بۇ بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ.
بۇ بەلگۈلىمىدە كۆرسىتىلگەن تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش، ئورگان ياكى شەخسىلەرنىڭ بلوگ، مىكرو بلوگ، ئالاقە ۋاستىلىرى، تور، مۇنبەرلەردە تېما يوللاش، ئىنكاس-باھا يېزىش ئۈچۈن تىزىملانغان ھېساۋات نومۇرى ۋە تور ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

3.ماددا: دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسى، پۈتۈن دۆلەتتىكى تور ئابونىتلىرىنىڭ ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى تور-ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرىدىغان تارماقلار ئۆز رايونلىرىدىكى تور ئابونىتلىرىنىڭ ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

4.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن بىخەتەر باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئابونىتلار بىلەن بولغان مۇلازىمەت كېلىشىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا تەرجىمھالى قاتارلىق تىزىملاش ئۈچۈرلىرىدا قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى، مۇلازىمەت كۆلىمىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي خادىملارنى سەپلەپ، ئابونىتلار تەمىنلىگەن ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا ۋە تەرجىمھاللىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا بولغان تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى، قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار بايقالسا ئابونىت نامىنى تەستىقلىماسلىقى، ئابونىتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قوغدىشى، ئاڭلىق ھالدا ئاۋامنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئاۋام پاش قىلغان ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا ۋە تەرجىمھاللىرى قاتارلىق ھالقىلاردىكى قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

5.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر «‹ئارقا سۇپى› دا(ئارخىپ) ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بولۇش، ‹ئالدى بەت› (تورنىڭ كۆرۈنمە يۈزى) دە ئىختىيارى بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەقىقى سالاھىيىتىنى ئېنىق تاپشۇرۇپ، تورغا تىزىملىنىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم.
تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر تورغا تىزىملانماقچى بولغاندا، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، دۆلەت مەنپەئەتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئاممىۋىي تەرتىپكە بويسۇنىدىغانلىقىنى،ئىجدىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە شەخسى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

6.ماددا: ھەرقانداق ئورگان ياكى شەخسىنىڭ تورلارغا تىزىملانغاندا ۋە تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈملىرىمىزگە خىلاپ مەزمۇنلار.
(2) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارلايدىغان،دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.
(3) دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەركۈزىدىغان، ئاممىۋىي مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.
(4)مىللى ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش تارقىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار.
(5) دۆلەتنىڭ دىننىي سىياسەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،بىدئەتلىك ۋە خۇراپاتلىقنى تارقىتىدىغان مەزمۇنلار.
(6) ئىغۋا تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئىجدىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار.
(7) شەھۋانى، سېرىق، قىمار، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېرورلۇق ۋە جىنايەتكە قۇترىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلار.
(8)باشقىلارغا ھاقارەت قىلىپ، تۆھمەت چاپلاپ، باشقىلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.
(9) قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملىرىمىز يول قويمايدىغان باشقا مەزمۇنلار.

7.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساختا ئۇچۇرلار ئارقىلىق تىزىملانغانلىقى ۋە باش سۈرىتى، ئىمزا، تەرجىمھاللىرى قاتارلىقلاردا قانۇنسىز ياكى ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار بايقالغاندا  تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئىشلىتىشنى مەجبۇرى توختىتىش، نامىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرى بولىدۇ.

8.ماددا: ئورگانلار ۋە جەمىئىيەتتىكى مەشھۇر زاتلارنىڭ تور ھېساۋاتى ۋە تور ناملىرىنى قارىسىغا ئىشلىتىۋالغانلار سېزىلگەن ھامان تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇلارنىڭ ھېساپ نومۇرى ۋە تور نامىنى دەرھال بىكار قىلىپ، مەسئۇل باشقۇرغۇچى تارماقلارغا دوكىلات قىلىشى لازىم.

9.ماددا: بۇ بەلگۈلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

10.ماددا: بۇ بەلگۈلىمە 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-9 20:06:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ  بەلگۈلىمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەقىقەتەن  ياخشى ئىش بوپتۇ. ئارىمىزدا شۇنداقمۇ بىر مۇنبەر ئەزالىرى بار: ئۇلار ئاتا-ئانىسى ئەزىزلەپ قويغان مۇبارەك  نام-شەرىپىنى باشقىلاردىن شۇ دەرىجىدە پىنھان تۇتىدۇ-يۇ، ئاجايىپ-غارايىپ ناملاردا تىزىملىتىپ كىرىپ، ئالا-جوقۇ جۆيلۈشۈپ، ئۆلۈك-ئىتنى تالاشتۇرۇشقاندەك پىتنىخورلۇق تارىتىپلا يۈرۈشكە خۇشتار.
  بىزدە:«  نېنىڭ ھالال بولسا كوچىدا يەۋەر، سۆزۈڭ دۇرۇس بولسا شاھ ئالدىدا دەۋەر» دېگەن ھېكمەت بار. مۇبادا مۇنبەرگە يوللايدىغان تېما-ئىنكاسلىرىمىزدا سىز-بىز ئەنسىرەيدىغان  مەزمۇن بولمىسا، ئۆزىمىزنى يوشۇرۇپ نېمە قىلىمىز؟!
  مەن يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزدە:« كەچۈرۈڭ!  ئەزا xx نىڭ سىر تەڭشىكى سەۋەبلىك زىيارەت قىلىشىڭىز چەكلەندى! »دېگەندەك  ئۆز ئارخىپىنى يوشۇرىۋالىدىغان ئەزالارنىمۇ خېلى ئۇچرىتىمەن-دە، ھەيران قالىمەن.  مۇبادا، ئۇلار ئۆزىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن خەۋپسىرىسە، مۇنبەرگە كىرمىسىلا بولمىدىمۇ؟ كىرگەن ئىكەن، سىر تۇتىدىغان نېمىسى بار!؟ قۇرسىقىمىزنىڭ ئاغرىقى بولمىسىلا، تاۋۇزنى يەۋەرسەك بولىۋېرىدىغۇ؟ مېنىڭچە، بۇنداق ئاتالمىش سىرلىقلىشىۋېلىش شۇ خىل ئەزانىڭ تازا دۇرۇس نىيەتتىكى كىشى ئەمەسلىكىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدىكى دەلىلى بولالايدۇ. مەن بۇ خىل ئەزالارنىڭ بۇنداق «سىر»لىق پەردىلىرىنىڭ يىرتىپ تاشلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇ، نۆۋەتتىكى ھەممىدە ئاشكارا بولۇش تەشەببۇسىغىمۇ تامامەن ئۇيغۇن!
  بۇ بەلگۈلىمىنىڭ مۇنبىرىمىزدە تېز، ھەقىقىي، تېخىمۇ تولۇق ئەمەلىشىشگە تىلەكداشمەن!

باھا سۆز

سىرلىق كىرىپتىكەن،مەن بىلمەي ئەينەن كىرىپتىكەنمەن.بۇ ياخشى پىكىر بۇپتۇ  ۋاقتى: 2015-5-2 01:24 AM
بۇ پىكىر كىشىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشبۇپتۇ، مەن تورغا يېڭى كىرگەندە بەزىلەرس  ۋاقتى: 2015-5-2 01:22 AM
ۋاقتى: 2015-2-9 20:15:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك مۇنبەرلەردىكى «نىقاپ»لىقلارنىڭ  نىقابى  ئېچىلىدىغان ۋاقىت كەلگەندەك .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-10 08:46:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسى 2015-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلەتنىڭ «تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش بەلگۈلىمىسى» ئېلان قىلدى. بۇ بەلگۈلىمە جەمىي 10 ماددا بولۇپ، ئۇ ئابونىتلارنىڭ ھېساۋات نومۇرى، تور (ئەزا) نامىنى باشقۇرۇشنى، تور – ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇلازىمەت ۋە ئىشلىتىش ھەركەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ بەلگۈلىمە 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىۋارەن يولغا قويۇلىدۇ.

     دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز تور ئابونىتلىرىنىڭ سانى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئابونىت ھېساۋات نومۇرىنىڭ سانى غايەت زور بولۇپ، ھېساۋات نومۇرى، تور (ئەزا) نامى جەھەتتىكى قالايمىقان ھادىسىلەر بارغانسىرى يۇقۇرىلاپ بارماقتا. بەزىلەر پارتىيە، ھۆكۈمەت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئاۋامنى ئېزىقتۇرماقتا. ئالايلى: «مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسى»، بەزىلەر ئاخپارات ئورۇنلىرى قىياپىتىگە كىرىلىپ ساختا خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا، ئالايلى: «خەلق گېزىتى»؛ بەزىلەر باشقىلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلماقتا. بەزىلەر مەشھۇر زاتلار ھەتتا چەتئەل دۆلەت باشلىقلىقلىرى، ئالايلى: «پۇتىن»، «ئوباما» بولىۋالماقتا. بەزىلەر كەسپىي، كارخانا ئورۇنلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ جەمئىيەتكە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقاتماقتا. بەزىلەرنىڭ تور نامى ۋە باش سۈرەتلىرىدە شەھۋانى، سېرىق مەزمۇنلار بار بولۇپ، ھەتتا ئاشكارە پاھشىۋازلىق قىلىشماقتا؛ بەزىلەر ئىمزالىرى، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشلىرىدا زوراۋانلىق، قىمارۋازلىق، زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقاتماقتا، ئالايلى: «قورال-ياراغ سودىگىرى»، «يېزا قىمارخانىسى» دىگەندەك؛ بەزىلەر ئىجدىمائىي ئەخلاققا خىلاپ ھالدا چاكىنا مەدەنىيەتنى تەرغىب قىلىشماقتا؛ بەزىلەر ئاشكارە ھالدا دۆلەتنى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىدئەتلىك ۋە فېئودال خۇراپاتلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتماقتا.

    بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇنداق قالايمىقان ئەھۋاللار تور ئېكىلوگىيەسىنى بۇلغاپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، ئىغىر ئىجدىمائىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭغا جەمىئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى،كەڭ تورداشلار بولسا قاتتىق يىرگەندى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش نۆۋەتتىكى تولىمۇ مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى.

     بۇ مەسئۇل كىشى يەنە كەڭ تورداشلارنىڭ تور ئېكىلوگىيەسىنى تەرتىپكە سېلىشقا قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ قارمىقىدىكى پاش قىلىش مەركىزىنىڭ 24 سائەت پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، پاش قىلىش تېلىفۇن نومۇرىنىڭ 12377 ئىكەنلىكىنى، پاش قىلىش تور ئادرىسىنىڭ www.12377.cn خەت ساندۇقىنىڭ jubao@12377.cn ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



ۋاقتى: 2015-2-10 09:04:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-2-10 16:22:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىشكەن .

ۋاقتى: 2015-2-10 22:01:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 20:15
دىمەك مۇنبەرلەردىكى «نىقاپ»لىقلارنىڭ  نىقابى  ئېچىلىد ...

شۇنداق. ئەمدى بۇ مۇنبەرمۇ ئەزا قوبۇل قىلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتىشى كېرەك ئىكەن.

ۋاقتى: 2015-2-10 22:12:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ بەلگۈلىمىنىڭ مۇنبىرىمىزدە تېز، ھەقىقىي، تېخىمۇ تولۇق ئەمەلىشىشگە تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2015-2-11 02:12:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6..7 ..ئىسىمدا كېرىپ مۇنبەر ئوينايدىغان بايقۇشلارغا ئۇۋال بولغۇدەك..

ۋاقتى: 2015-2-12 15:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايدىل ئىجرا قىلىمىز.

ۋاقتى: 2015-2-15 21:09:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئىسىمنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەنغۇ؟

ۋاقتى: 2015-2-17 16:08:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



  بۇ  بەلگۈلىمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەقىقەتەن  ياخشى ئىش بوپتۇ. ئارىمىزدا شۇنداقمۇ بىر مۇنبەر ئەزالىرى بار: ئۇلار ئاتا-ئانىسى ئەزىزلەپ قويغان مۇبارەك  نام-شەرىپىنى باشقىلاردىن شۇ دەرىجىدە پىنھان تۇتىدۇ-يۇ، ئاجايىپ-غارايىپ ناملاردا تىزىملىتىپ كىرىپ، ئالا-جوقۇ جۆيلۈشۈپ، ئۆلۈك-ئىتنى تالاشتۇرۇشقاندەك پىتنىخورلۇق تارىتىپلا يۈرۈشكە خۇشتار.
  بىزدە:«  نېنىڭ ھالال بولسا كوچىدا يەۋەر، سۆزۈڭ دۇرۇس بولسا شاھ ئالدىدا دەۋەر» دېگەن ھېكمەت بار. مۇبادا مۇنبەرگە يوللايدىغان تېما-ئىنكاسلىرىمىزدا سىز-بىز ئەنسىرەيدىغان  مەزمۇن بولمىسا، ئۆزىمىزنى يوشۇرۇپ نېمە قىلىمىز؟!
بۇ بەك ياخشى  ئىش بۇپتۇ، ئەركىزاتنى قوللايمەن، دىمىسىمۇ بەزىلەر  قاملاشمىغان ئىسىمدا كىرىپ باشقىلارنى كۆپ ھاقارەتلىۋالدى قورقۇنچىسى بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئۆز نامىدىكى ئىسىمنى قوللانمايدۇ؟ دىگەن  ئويغا سېلىپ قۇيىدىكەن كىشىنى  مەن شەخسەن  بۇ بەلگىلىمىنى قوللايمەن.

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-2-17 17:34:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-2-17 17:49:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىڭىز ئاغرىمىسۇن قارا كۆز سۇلتان بىگىم، ھەقىقىي ئىسمىمىزنى يازمىغانغا ئېتىلىپ كەتمەيمىز. ئاكىللىسمۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ ئابدۇراخمان ئابلېكىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدۇق. لېكىن بۇ قائىدە ياخشى چىقىپتۇ. تەنقىدكە پايلىمايدىغانلارغىمۇ ئىزدەپ تېپىپ زاكۇنلىشىشقا قولاي بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-2-17 22:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلىشى تور مۇھىتىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ئىنتايىن پايدىلىق.
دېمىسىمۇ خېلى كۆپ توربەتلەردە ئېلان قىلىنغان تەنقىدى ماقالىلەرگە يېزىلغان ئىنكاسلاردا مەلۇم بىر شەخسكە قىلىنغان ھاقارەت خارەكتىرلىك سۆز-جۈملىلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
ئۇلارغا ئىككى ئېغىز نەسىھەت قىلىپ بولغىچە ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سېسىمچىلىققا چىداپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلەيلى دېسەك بىلەلمەيمىز.
بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە تورغا چىقىدىغانلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بىلەن تورغا چىقىشى يولغا قويۇلسا تور ‹‹مىتە››لىرىنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش