كۆرۈش: 4403|ئىنكاس: 60

ئارۇز سەپىرىدىكى ئادىلجان (38)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1-xjzjxh.com-belgejpg.gif
                                                 (38-سان)

1-adiljan abdurihim.jpg



ئارۇز سەپىرىدىكى ئادىلجان ئابدۇرېھىم


ئادىلجان ئابدۇرېھىم 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان. 2011-يىلى 9-ئايدا ئىلى كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ھازىر شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.
ئۇ، 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى «خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش رۇبائىيلىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغىچە «جوڭگۇ مىللەتلىرى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «يېڭى قاشتېشى»، «تۇرپان»، «ئىلى دەرياسى»، «قومۇل ئەدەبىياتى»... قاتارلىق 15 خىلدىن ئوشۇق مەتبۇئاتتا 150 پارچىغا يېقىن شېئىرى ئېلان قىلىنغان. 2012-يىلى 12-ئايدا «ئىلى كەچلىك گېزىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئىلى ئاخشىمى» نامىدىكى شېئىر مۇسابىقىسىدە «ئىلى مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم» ناملىق شېئىرى 3-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 2014-يىلى 3-ئايدا تۇرپان ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېزىر ئاتاۋۇللا سارتېكىن نامىدىكى «ئارۇز» شېئىرىيەت مۇكاپاتىدا «ماكان ئەتتى مېنى چۆللەر» ناملىق بىر يۈرۈش غەزەللىرى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 2014-يىلى 5-ئايدا «غەزەللەر» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى» غا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئاپتورنىڭ بايانى: مەن شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن ھەم ئۇنى ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشىتالمايمەن. ئۇ مېنىڭ بىر خىل ياشاش شەكلىم خالاس. ئەگەر دۇنيادا مەقسەتسىز ئىش بار دېيىلسە، ئۇ پەقەت شېئىر يېزىش بولۇشى مۇمكىن. شېئىر يېزىش-مېنىڭ ئۆزۈمنى ئىپادىلەش جەريانىم. ئۇ بىر خىل لەززەتلىك شۇنداقلا ئازابلىق جەريان. بەزىلەرنىڭ شېئىر ھەققىدە توختىلىپ: «شەكىلنىڭ ئىچىگە كىرىپ قىلىشنى خالىمايمەن» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مېنىڭچە دۇنيادا شەكىلسىز نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. مەيلى مەن قايسى خىل شەكىلدە يازماي، يازغان ھەر بىر شېئىرىم مېنىڭ روھى كەچۈرمىشلىرىمنىڭ مەھسۇلىدۇر. مەن ئادەتتە ئىلھامنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرمايمەن بەلكى ئىلھامنى ئۆزۈم ئىزدەپ بارىمەن. بۇ ئىزدەش سەپىرىمدە مەن سۆز قۇشلىرى بىلەن ئۈنسىز سىردىشىش ئارقىلىق ماھىيەتتە ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن. مېنىڭ شېئىر يازماسلىققا ھېچقانداق ئامالىم يوق. چۈنكى شېئىر ماڭا نىسبەتەن تاللاش ئەمەس بەلكى تەقدىر. شېئىر ھاياتىمغا نۇرغۇنلىغان يېڭى مەنالارنى ئاتا قىلدى ھەم مول مەزمۇنلارنى قوشتى. ئۇ ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. مەن «شائىرلىق» تىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ھەم ئايىغى چىقماس يولدا ئاخىرغىچە مېڭىشنى خالايمەن ھەمدە ئۇيغۇرتىلىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تىلدا شېئىر يېزىش شەرىپىگە نائىل بولالىغىنىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن!

مۇھەررىردىن ئىلاۋە: شەرق كىلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئارۇز ۋەزنى ئىشلىتىلگەن تىلىنىڭ موللىقى، لىرىكىلىقلىقى، مىسرالارنىڭ ئويناقلىقى، مەزمۇننىنىڭ تېرەنلىكى، قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، ئاھاڭدارلىقىنىڭ روشەنلىكى بىلەن بارلىق شېئىرىيەت ئاشىنالىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.   نۆۋەتتە رايونىمىزدا ئارۇز شېئىرىيىتىدە يېڭىچە تىل، ئۆزگىچە چوڭقۇر تەپەككۇرى بىلەن ئالدىنقىلارغا ئاجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئىز بېسىل كېلىۋاتقان ياش ئارۇزچىلاردىن ئەراپات ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇسالام مۇھەممەت بەگزات، ئادىلجان ئابدۇرېھىم، پەرىدە ياقۇپ...لار كەبىي ئىزباسارلار ئۇيغۇر ئارۇزچىلىقىدا ھەممىمىزگە ئۈزۈلمەس بىر ئۈمىدنى قالدۇردى.
ياش ئارۇزچى شائىر ئىنىمىز ئادىلجان ئابدۇرېھىم ئارۇز شېئىرىيىتىدە ئۆزىنىڭ يېڭىچە تىل ئىشلىتىش، ۋە پۇختا شېئىرىيەت قۇرۇلمىسى بىلەن دىققىتىمىزگە ئالاھىدە سازاۋەردۇر. بىز بۇ ئۈمىدلىك ياش شائىرىمىزنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە مۇنبىرىمىزدە تونۇشتۇردۇق. مۇنبىرىمىز ئۇنىڭ كېيىنكى قەدىمىنىڭ تېخىمۇ داغدام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.


غەزەللەر

ئادىجان ئابدۇرېھىم


مەن سېنى سېغىنمىدىم

مەن بۇ يەردە چۈش كۆرۈپ ياتقاندا پىنھان ئېھتىمال،
سەندىكى دەريا ئارا كۆيمەكتە گۈلخان ئېھتىمال.

كۆزلىرىمدىن تامچىسام دەردىمگە قۇشلار قونمىغاي،
تەن بىلەن جان ئارىسى يېگانە ئاسمان ئېھتىمال.

قار يېغىپ تۇرغان يولۇمدا كەچمىشىم سەيلانىدۇر،
پارە-پارە چېقىلىپ كەتكەندۇ ئارمان ئېھتىمال.

گۈللىرىڭنى ئۇنۇتۇپ چۆللەرگە كەتكۈم بار ئىدى،
كىرپىكىمنىڭ كۆكسىدە سايرايدۇ بوستان ئېھتىمال.

يوپيۇرۇق تۈنلەردە مەندىن ياتلىشىپ كەتتى ئۆزۈم،
مېنى باغلاپ قۇل كەبى ساتقاندۇ شەيتان ئېھتىمال.

ئەي گۈزەلىم، كەت يىراققا! مەن سېنى سېغىنمىدىم،
ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈسى مەڭگۈگە يالغان ئېھتىمال.

بۇ ۋىسال مەۋجۇت ئەمەستۇر، ئايرىلىش ئەڭ چوڭ بەخت،
بەرگۈسى لەكمىڭ ھوزۇر ئادىلغا ھىجران ئېھتىمال...

سۆزلىگەي تىلسىزلىقىم

مەن يوچۇن مەجنۇن ھامان، دەردىم مۇھەببەتتىن يىراق،
سۆزلىگەي تىلسىزلىقىم، ئەرزىم ھەقىقەتتىن يىراق.

تەن ماڭا بولدى جىنازا، روھ ئېرۇر يارنىڭ قۇلى،
كۆز قىسار تەنھالىقىم، تۇيغۇم بالاغەتتىن يىراق.

كىرپىكىمنىڭ ياپرىقىنى ئۆرتىگەي ھەسرەت سۈيى،
توڭلودۇم ئوتتا داۋام قەلبىم ھارارەتتىن يىراق.

تەلپۈنۈش ئاققان ئىزىمدا مۇڭ ئىلە ماڭماقتا يول،
ئاھ، ماڭا چۆمدى سۈكۈت، كۆڭلۈم شىجائەتتىن يىراق.

پارچىلاپ كۈندۈزلىرىمنى بىرمۇ-بىر يېمەكتە تۈن،
بارلىقىم يەكتا ئازاب، سۆيگۈم كامالەتتىن يىراق.

سۈرگۈسى مەۋجۇتلۇقىمنى چۈشتىكى يۇمشاق خىيال،
بۇ ئىشىق قىلماس مېنى زىنھار نادامەتتىن يىراق.

سەن پەقەت بىر تال دەرەخسەن، ئەي مېنى كۆيدۈرگۈچى!
سۆيگۈسى ئادىل سېنى تاكى قىيامەتتىن يىراق.

سۆيگىلى دىلبەر قېنى

بىر غېرىب ئاشىق ئېرۇرمەن، سۆيگىلى دىلبەر قېنى،
چاڭقىدىم ھىجران چۆلىدە، يۇتقىلى كەۋسەر قېنى؟

«يار» دېگەن خەتنىڭ ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقاي كېچە،
كۆزلىرىمنىڭ ئاسمىنىدا يانغىلى ئەختەر قېنى؟

سېغىنىشنىڭ ئۆركىشىدە بىخ سۈرەر سەۋدالىقىم،
كىرپىكىمنىڭ گۈلشىنىدىن تارىغان ئەنبەر قېنى؟

تۆكمىدىم قەلبىمنى قارغا، بارلىقىم بىر تۈپ باھار،
سۈپسۈزۈك چۈشنىڭ شېخىدا سايرىغان دەمدەر قېنى؟

چايقىلىپ تۇرغان دەرەخلەر بەرمىگەي دىلدىن ۋىسال،
ئىستىدىم مۇزدا كۆيۈشنى، ئوتتىكى جەۋھەر قېنى؟

سىلجىسام چوڭقۇرلۇقۇمغا چۆككۈسى تۇيغۇمغا تاش،
تەن ئارا سەرگەشتىدۇرمەن، جاندىكى سەرۋەر قېنى؟

كەزدىلەر ئادىل ئۆلۈمنىڭ دەشتىنى ھەردەم تىرىك،
كەل جانان! سالغىن يۈرەككە، سالغىنە خەنجەر قېنى؟!

ئازابنىڭ رەڭگى

سېنى دىلبەر كۈيۈم ئۆركەشلىرى ئىچرە ساتار ئەتتىم،
ساتارىم نالىسىگە ئول غېرىب قەلبىمنى تار ئەتتىم.

چۈشۈم دەريالىرى رەت-رەت پىيادە ئۆتتى ئالدىڭدىن،
ئىچىمدە چاقنىغان يوقلۇق ھىدىنى جانغا دار ئەتتىم.

ئازابنىڭ رەڭگىدە ئۆكسۈپ سۆڭەككە پاتتى سەنسىزلىك،
كۆزۈمگە سىغدىلىپ ياتقان سۇنۇق تۈننى بىدار ئەتتىم.

كۈتۈش ياپراقلىرىدىن ئوخچۇدى ھەسرەتسىمان ئاھىم،
يېشىم قەترەسىدىن چۆلنىڭ لېۋىنى لالىزار ئەتتىم.

قونۇپ يالغۇزلۇقۇمغا ئولتۇرۇر يۇلتۇزدىكى ئاسمان،
خازان بولغان يۈرەكىمگە  پىراقنى ھازىدار ئەتتىم.

قولۇم يەتمەس قولۇڭغا ھېچ، ئىزىمدىن يوللىرىڭ قاچتى،
سېغىنچىمنىڭ جۇلاسىغا پىغانىمنى مازار ئەتتىم.

شېخىدىن خاكىسار دەردنىڭ تۆكۈلدى كۈز كەبى ئادىل،
پېقىرغا باقمىساڭ ئەمدى ئۆلۈمنى ئىختىيار ئەتتىم.

كۆڭۈل مەرغۇلى

تەنگە تۇپراق، جانغا ئوت، ئىشقىمغا كۈلپەت كەلتۈرەي،
كۈزگە ياپراق، يازغا جۇت، كۈندۈزگە زۇلمەت كەلتۈرەي.

يەلپۈنەر لەۋلەر ئارا جۇل-جۇل مۇھەببەتنىڭ تېنى،
سۆيگۈنىڭ جەبرىسىدىن قەلبىمگە ھىجرەت كەلتۈرەي.

سانجىلۇر ھەر لەھزىدە تۈنلەرگە سىم-سىم ئىشتىياق،
ئول ۋىسالنىڭ شادىسىز دىلغا جاراھەت كەلتۈرەي.

سۇ دېگەن دەريادىكى تاشنىڭ يېشىدۇر ئەسلىدە،
مەن كۆيۈپ باغرىمدىكى ھىجرانغا رېھلەت كەلتۈرەي.

سىغدىلىپ كىرسەم ئىچىمگە كۆرمىدىم مەندە مېنى،
باغلىسۇن چىڭ ساچىدا يارغا ئىتائەت كەلتۈرەي.

چۆرگىلەپ باشىمدا ھەرئان قەبرىلەر سالسۇن ساما،
بارلىقىمغا ئىككى دۇنيالىق قانائەت كەلتۈرەي.

يەتتە ئاسماندىن قەسەمكى، يىغلىسۇن ئادىل كۈلۈپ،
باش قويۇپ تا ئۆلگىچە ھەقكە ئىبادەت كەلتۈرەي.

بىر قىزغا تېز سىزما

جان خۇمار شەھلا كۆزۈڭنى قاپقارا گۈلخان دېدىم،
كىرپىكىڭنىڭ ھەر تېلىنى ياپيېشىل بوستان دېدىم.

ھىدلىرىڭنىڭ شاخلىرىدا سايرىشار يورۇق شامال،
لەۋلىرىڭنىڭ غۇنچىسىنى قېپقىزىل رەيھان دېدىم.

كۈن نېمە، يۇلتۇز نېمە، سېھراتلىرىڭنىڭ ئالدىدا،
يۈزلىرىڭنىڭ ئاپتىپىغا قاقلىنار ئاسمان دېدىم.

ئىزلىرىڭنىڭ ئۇپقىنىدا نۇر چاچار رەڭدار شەپەق،
قاشلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن تۆكۈلەر داستان دېدىم.

مەي بولۇپ پىشتى چېچىڭنىڭ دەشتىدە بىر تامچە جان،
ھېسلىرىم ئاپئاق سۈكۈتتە ئەيلىدى غەليان دېدىم.

چايقىلىپ ئاقتى ھاياجان ئەڭ گۈزەل يوقلۇق ئارا،
يۈرىكىمنىڭ ياپرىقىدىن ئوقچۇدى ئارمان دېدىم.

سۆزلىرىم ئاستى ئۆزىنى قاتمۇ-قات دارغا، نېتەي،
بىر پىيالە دەردكە ئادىل چۆكتىلەر پىنھان دېدىم.


تاشتىكى ئاسمان

ئارەزىڭنىڭ ئاپتىپىدا قاقلىنىپ دىلدار ساڭا،
ئەيلىگەيمەن ئول كۆڭۈلنى ئىنتىھا ئىزھار ساڭا.

كۆزلىرىڭ مەنزىل ياساپ سۇلغان قۇياشنىڭ ئەكسىدە،
يۇلتۇزۇم تۇغقان غېرىبلىق يىغلىغاي زار-زار ساڭا.

لەۋلىرىمدە سايرىسا تەلۋە ھاياجان قۇشلىرى،
تۈننى ئويغاتقان ئاۋازىم قونمىغاي زىنھار ساڭا.

سۈپسۈزۈك كۈلپەتلىرىمدە دەۋرىسە چۆلنىڭ ھىدى،
تەندىكى تۇپراقتا گۈللەر ئاققۇسى ھەربار ساڭا.

مەن پەقەت تەنھالىقىمدىن كۆكلىگەن بىر تال جەسەت،
يەتمىگەي زاھىرلىقىمدىن زەررىچە دىشۋار ساڭا.

تاشتىكى ئاسمانلىرىمدا پەر قېقىپ ئۇچسا سۆڭەك،
قانسىمان ھەسرەتلىرىمدىن پۈتىمەن ئەشئار ساڭا.

سەن چۈشۈمدە سوزۇلۇپ ياتقان ئۆلۈمسەن، ئەي دەرەخ،
كەتكۈسى ئادىل يىراق، ئەيلەپ جېنىمنى دار ساڭا...


كۆز تەزكىرىسى

ھېسلىرىمنى چۆكتۈرۈپ قاينامغا ئوكيان كۆزلىرىڭ،
مۇزلىغان ئوتنى تۆكەر باغرىمغا گۈلخان كۆزلىرىڭ.

بىر بېقىشتا مىڭ قېتىم چىقتىم جېنىمدىن قىستىلىپ،
بۇ جېنىمنى بىرمۇ-بىر ئوۋلايدۇ پىنھان كۆزلىرىڭ.

لەۋلىرىمگە سۈركىلىپ ئۆتتى قاراڭغۇ ئىككى سۆز،
خۇشپۇراق ئۈنلەر بىلەن سۆزلەيدۇ داستان كۆزلىرىڭ.

تەننى بىر سەرگەشتە قۇش ئەتتىم كۆڭۈلنىڭ شەۋقىدە،
ئالقىنىمغا قوندۇرۇپ پەرۋازنى ئاسمان كۆزلىرىڭ.

چۈشلىرىمنى يورۇتار ئىسمىڭدا ئولتۇرغان كېچە،
بىغۇبار دەردنى قۇيۇپ كۆكسۈمگە چولپان كۆزلىرىڭ.

ئەسلىرىمدىن ساقىدىم بىر تۈپ خىيالنىڭ بەرگىدە،
قاتمۇ-قات باغلار يەنە قەلبىمنى شەيتان كۆزلىرىڭ.

ئىشتىھا بىرلە مېنى يەيدۇ غېمىڭنىڭ قاغىسى،
ئەيلىگەي دىۋانىۋار ئادىلنى ھىجران كۆزلىرىڭ.



پىراق باياۋان

نالىرەڭ تۈنمەن نېتەي، قەلبىم پىراققا سىغمىدى،
ئەيلىسەم ھالىم بايان ئەرزىم قۇلاققا سىغمىدى.

چۆرگىلەر چۆللەر ساماۋى غەم بىلەن باشىم ئارا،
كۆزلىرىم كەتتى قۇرۇپ، ياشىم بۇلاققا سىغمىدى.


پەر قېقىپ ئاھىمدا قۇشلار يۇتتى ئاسماننى تامام،
ياتمىشىم زىندان ھامان، ئورنۇم راۋاققا سىغمىدى.

يۇلتۇزۇم بەرگى چېچەكلەر تۇپرىقىم پەريادىدا،
ئاچىلىپ سەرخۇش نىگاھ گۈللەر پۇراققا سىغمىدى.

سىلكىنىپ كۆيگەن قاراڭغۇلۇق مېنى ئەتتى شامال،
تىۋىشىم پىنھان چىقۇر، باغرىم قۇچاققا سىغمىدى.

تولغىنار يوللار پايانى كىشنىگەن مەنزىل تامان،
تەنگە جان ئاقماس پەقەت، كۆكسۈم پىچاققا سىغمىدى.

ھەسرىتا، ئادىل چىمەنلەر قاتىدا تۆكتى شەپەق،
ئۆرتىنىپ يار ئىشقىدا دەردىم قوشاققا سىغمىدى.


ھىجران جىلۋىسى

مەن تىلەپ ۋەسلىڭنى ئىنتىلسەم نىگار پىنھان ساڭا،
ئەيلىگەي ھەمدۇ سانالار يەر بىلەن ئاسمان ساڭا.

لەۋلىرىڭگە لەۋلىرىمنىڭ تەگمىكى يوقتۇر پەقەت،
ياشلىرىمنىڭ دانىسىدىن ئاسىمەن مارجان ساڭا.


ماڭمىغاي ئىسمىڭدا ياتقان ئۇنتۇغاق يوللار مېنى،
كونىراپ كەتكەن ئازابتىن پۈتىمەن داستان ساڭا.

سېغىنىشنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلەر تەنھالىقىم،
كەلتۈرۈپ ھەسرەتلىرىمدىن بىغۇبار جەريان ساڭا.

چاچلىرىڭنىڭ مەنزىلىدە تۈنلىرىڭگە سانجىلىپ،
سۇدىكى چۆللەردە ئاقتىم تەلپۈنۈپ چەندان ساڭا.

تەندىكى قۇرغاق ئەلەمدىن تولغىنار پەريادلىرىم،
بولغۇسى دەردىڭدە بۇ جان بىرمۇ-بىر قۇربان ساڭا.

ئىستىگەي ئادىل تىرىلمەكنى ۋىسالنىڭ دارىدىن،
قېنى كىم مەندەك كۆيەر، ئەي باغرى تاش جانان ساڭا!



يېلىنجاش

جېنىم چۆللەردە سەرساندۇر مۇھەببەت مۇپتىلاسىدىن،
قېچىپ چىقماقنى ئىستەيمەن ئىچىمنىڭ كەربالاسىدىن.

چۈشۈم سۇنغاندا ئەينەكتەك كۆزۈمنىڭ قەبرىسى ئىچرە،
ئازاب دەۋرەيدۇ تۈنلەردە يۈرەكىمنىڭ ئاراسىدىن.

ئۈنۈمنىڭ دەشتىنى توۋلاپ ئېسىلدىم بوينىغا دەردنىڭ،
يېرىلغاي سۇ، چېقىلغاي تاش ئاۋازىمنىڭ نىداسىدىن.

دىلىم قېينايدۇ ھەسرەتنى ئۇپۇقنىڭ دارىغا باغلاپ،
ئاقار بەرگىمگە سوغ كەچمىش خىيالىم ئىپتىداسدىن.

ئېسىمنى كەسسە بىر ياپراق چېقىلغاي تەنلىرىم چۇل-چۇل،
ئۈنۈپ چىققاندا پەريادىم دەرەخلەرنىڭ ياراسىدىن.

لېۋىمدە ھۇۋلىشىپ قۇشلار يېلىنجار چوغسىمان سايەم،
ئۇچۇپ ئۆتكەندە بۇ قەلبىم غېرىبلىقنىڭ ساماسىدىن.

كۆيۈكنىڭ قەستىدىن ئاتەش ۋۇجۇدۇم چۆكسىمۇ كۈلگە،
پورەك ئاچقاي ھامان ئادىل ساداقەتنىڭ دالاسىدىن.


جانغا دار قىلماڭ مېنى

دىلبىرىم، سۆيگۈ چۆلىدە خارۇ-زار قىلماڭ مېنى،
بىپايان ھىجران تۈنىدە شەرمىسار قىلماڭ مېنى.

ئىشقىڭىز باغرىمدىكى دەريانى يىغلاتتى تالاي،
تۈگىمەس دەردۇ-بالالارغا دۇچار قىلماڭ مېنى.

قاپقارا چۈشلەرگە تولدۇم ئايدىكى ئاسماندا مەن،
ۋەسلىڭىزنىڭ تاڭلىرىغا ئىنتىزار قىلماڭ مېنى.

چېقىلىپ كەتتى كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى غەملەر ئارا،
ساچىڭىزنىڭ يالقۇنىدا بىقارار قىلماڭ مېنى.

تۆكۈلەرمەن دەمبەدەم يوقلۇققا ياپراقتەك گويا،
مەندە بارى بىر ئۆلۈمدۇر، جانغا دار قىلماڭ مېنى.

ئولتۇرۇپ تەن شاخىدا يېرتتىم يۈرەكنى قاتمۇ-قات،
ئۆرلىگەي ئاھىم پەلەككە، خاكىسار قىلماڭ مېنى.

باقسىڭىز ئادىلغا ھېچ يوقتۇر تىرىكلىكتىن نىشان،
ئۆلتۈرۈڭ مەيلى، ئۆزۈمگە ھازىدار قىلماڭ مېنى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 10:33  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-9 18:13:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ خېلى بولدى بۇنداق غەزەل كۆرمىگىلى !!!!!!!!!

ۋاقتى: 2015-2-9 18:17:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   مۇبارەك بولسۇن!  تېخىمۇ مول زەپەرلەرگە نائىل بولغايسىز!

ۋاقتى: 2015-2-9 18:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان ئوقۇغۇچىم ئادىلجاننىڭ يازغۇچىلار تورىدا تونۇشتۇرۇلغىنىدىن بەك خۇش بولدۇم.
ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن!
ئادىلجاننىڭ قەلىمىگە ئىزچىللىق،تەپەككۇرىغا سۈزۈكلۈك،پەرۋازىغا ئاسمان تىلەيمەن!
يول يىراق،مەنزىل ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇنىڭ نۇرانە پەللىلەرگە يېتىشىگە تىلەكداشمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 18:24  


ۋاقتى: 2015-2-9 18:27:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسىل شئر يېزىپسز،    كاندىن مەدەن قىزىپسىز.  توختاپ قالماڭ بىر ئۆمۈر،
                                                           ئىزدەنمەستىن ئېزىپسىز .     

ۋاقتى: 2015-2-9 18:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجانغا  تىخىمۇ كۆپ شان-شەرەپلەر تىلەيمەن!قەلىمىڭىز تىخىمۇ گۇللىسۇن!
ئەرچىنكا يېشىل رەڭ بەك كۆزنى يەيدىكەن ،كىيىن باشقا رەڭ ئىشلەتسىڭىز!!!!؟؟؟

ۋاقتى: 2015-2-9 18:37:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە ئوتۇق تىلەيمەن، ھەر بىر ئۇيغۇر شائىرى كۆزۈمگە شۇنچە چىرايلىق كۈرۈنىدۇ.

ۋاقتى: 2015-2-9 18:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجانغا ئارۇز بېغىدا تېخىمۇ كۆپ نۇسرەت ياغقاي، زور شەرەپلەر نېسىپ بولغاي! راستنى ئېيتسام، بۇ تونۇشتۇرۇش سەل ئاددىي ھەم، ئازدەك...

باھا سۆز

شۇنداق. مۇرەككەپلىكتىن ئاددىلىق گۈزەل بولىدۇ. دەپ ئاڭلىغانمەن.  ۋاقتى: 2015-2-9 06:55 PM
ۋاقتى: 2015-2-9 18:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن ئاكىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .
ئادىلجاننىڭ ئۆزىنى ئىزلەش سەپىرىدىكى ئىزگۈ ئارمانلىرىغا  قۇت تىلەيمەن .  تېخىمۇ سۈزۈكلۈكلەر سىزگە يار بولسۇن ئوغلۇم !

ۋاقتى: 2015-2-9 18:42:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇ سەپىرىدىكى بۇ ئۆمۈدلۈك ياشقا مۇبارەك بولسۇن. ئادىلجان مېنىڭ چۈشەنچىلىرىمدىكى كېلەچىكى پارلاق بولغان شېئىرىيەت تۆھپىكارلىدىن بىرى. مەن ئۇنىڭ شېئىرىيەتتە بولۇپمۇ ئارۇزدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئىرىشىدىغانلىغا ئىشىنىمەن. ئۆمىدىم شۇكى « مەن شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن ھەم ئۇنى ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشىتالمايمەن.» بۇنداق لوگىكىسىز جۈملە ئادىلجانغا ياراشمايدۇ. ئەلۋەتتە بىلىش چەكسىز، ئەمما مەلۇم زامان، ماكان ۋە مەلۇم قەۋىم ئىڭىدىكى ئۆزگىرىش ئېچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قاراشلارنى بىلىش ئۇنچە قېيىن ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى بىلمىگەن نەرسىنى ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشاتقىلى بولمايدىغانلىغى، مەلۇم بىرنەرسىنى ئازتولا بولسىمۇ بىلگەندە ئاندىن ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ئىزدەش مۆمكىن بولىدىغانلىغىنى بىلمەك كىرەك...
   ئەمدى ئادىلجانغا سەمىمىي تەكلىپ شۇكى، ئارۇزنىڭ ئومۇملاشقان تۈرلىرىدە قەلەم تەۋرىتىش ياخشى ئىش. ئەمما بىر قەدەر زور ھەجىملىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش. مەن ئادىلجاننىڭ بۇ تۈردە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئارزۇنىڭ ھەربىر تۈرىدە، ھەر بىر شەكىلدە سىناق ئىلىپ بېرىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن...

ۋاقتى: 2015-2-9 19:15:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        شېئىرىيەتنىڭ غەزەل شەكلى- كۈچ ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ شەكىل. ئۇنىڭغا « ئىخلاس » ئىبارىسى قوشۇلغاندا،شەك-شۈبھىسىز يانغىنغا ئايلىنىدۇ. ئادىلجاننىڭ قەلىمىگە بارىكاللا ! ئۇنىڭ غەزەللىرى ياش-قۇرامىدىن ھالقىپ كەتكەن. بىز ئۇزۇنغا سوزۇلغان كارۋان يولىدا شۇنداق بىر ئۈمىدلىك ياشنى بايقاپ قالدۇق ھەم خوش بولدۇق. ئۇنىڭ شېئىرىيەتكە،بولۇپمۇ شېئىريىتىمىزنىڭ غەزەل شەكلىگە بولغان ئىخلاسى سۇسلاپ قالمىغاي. بىز ئۇنىڭ مۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت بېغىدىن تېخىمۇ يارقىن،جۇلالىق، تەمى تىلنى يارىدىغان مىۋىلەرنى كۈتىمىز ،شۇنداقلا بۇ مىۋىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىمىزنىڭ ئالتۇن تۇپرىقى ھەم ھاۋاسىدىن ئوزۇق ئالغان ساپ مىۋىلەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

باھا سۆز

ئا.سېيىت ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنى قوللاپ قۇۋەتلەيمەن.  ۋاقتى: 2015-2-10 01:02 AM
ۋاقتى: 2015-2-9 19:18:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم،نۇسرەت ساڭا يار بولسۇن

ۋاقتى: 2015-2-9 20:07:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ئەرچىن ئاكا
ئادىلجاننى مۇنبەردە تونۇشتۇرغىنىڭىزدىن قەۋەتلا خۇش بولدۇم.  
راستىنى ئىيىتسام ھاياجانلىنىۋاتىمەن.  ئادىلجان ھەر بىر قەدىمىڭنى قىزىلگۈلگە تولدۇرىشىڭنى سورايمەن.
سەن ئۈچۈن ئىچ -ئىچىمدىن خۇشالمەن.  سەندىن پەخىرلىنىمەن.

ۋاقتى: 2015-2-9 20:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئادىلجاننىڭ قەلىمىگە ئىزچىللىق،تەپەككۇرىغا سۈزۈكلۈك،پەرۋازىغا ئاسمان تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-2-9 20:17:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ھەقىقەتەن دادىللىق بىلەن ئالغا يۈرۋېتىپتۇ...بارىكاللا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش