لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئاتاپ يېزىلغان مەرسىيەلەر
ھەپسىدە كەتكەن دوستۇم لۇتپۇللا مۇتەللىپكە
نىمشېھىت
ئەي كاج پەلەك،نېمە ئىدى بۇ جاھان؟
قانلار يۇتۇشقا تۈمەنلىگەن جان.
قاراڭغۇ، مۇدھىش زىندان ئىچىدە،
يورۇقلۇق كۆرمەي كۈندۈز كېچىدە.
يۈرەكتىن ھەسرەت ،پىغان قاينىغان،
تاماق ئورنىغا زەھەر چاينىغان.
يىراق ئۇ زالىم ئىنسانىيەتتىن،
يۇمۇلغان كۆزى ھەققانىيەتتىن.
كىم<<ھەقىقەت!>>دەپ پىدا قىلسا جان،
ئاقتۇرغان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قان.
ئىشلەش يولىد اكەتسە دەرماندىن،
كۆيۈنۈپ ئىشلەپ كەچسىمۇ جاندىن.
بارى بىر تىيىن ئۇنىڭ ئالدىدا،
ھەممە خىزمىتى قالغان دالدىدا.
قانچە كۆيۈنۈپ ئىشلىسە كىشى،
پەقەت باھارغا ئۆزگەرمەس قىشى.
قايغۇ- ئەلەمگە يۈرەكلەر تولغان،
سىرىتقا چىقالماي كاناي بوغۇلغان.
قانچىلاپ تويۇپ تۇغۇلغىنىغا،
ئەركىن ھوقۇقتىن بوغۇلغىنىغا.
دېسە قاي بىراۋ،خۇدايا پاناھ...
يازار بوينىغا يوغان بىر گۇناھ...
دەرد سىغدۇرالماي،ئۆرتەنسە جىگەر،
سىغماي ئىچىگە ئاھ...دېسە ئەگەر.
دېلو ئىچىگە چۈشەر بىر ۋاراق،
قىلار ئۇنىڭدىن ھەر تۈرلۈك سوراق.
يەتتە قات ئۆيدە،قاراڭغۇ تۈندە،
چوڭراقلا تىنسا يالغۇز بىر بەندە.
ئەتىسى شەڭگەن سوراققا ئالغان،
بىچارە خەلقىم شۇ ھالغا قالغان.
ھەر بىر كىشىدەكىرام-كاتىبىن،*
ئىككىدىن ئارتۇق بولمايدۇ لېكىن.
جۈيجاڭ ۋە شەڭگەن قويغان ئىشپىيون،
ھەر بىر كىشىدەبولغان سەككىز-ئون.
كىرام-كاتىبىن يازسا ئېيتقاننى،
ئىشپىيون يازغان دىلدا ياتقاننى.
ئاھۋە تەندىشىم،ئاھ...قېرىندىشىم،
نەدە سەن بۈگۈن<<قاينام ئۆركىشىشم>>؟
سەن ئەمەسمىدىڭ خەلق غەمخورى،
ھېكمەتلىك ئىدى سۆزۈڭنىڭ بارى.
كۆكلەشكە يېتىپ، زىمىستان بېغىڭ،
كەلگەن ۋەتەنگە راست ئىشلەش چېغىڭ.
بۈگۈن بۇ باغدا كۆرمەيمەن سېنى،
كۆرەش قوينىدا ئەسلەيمەن سېنى.
سىغدۇرالمىدى سېنى بۇ جاھان،
ئاسرىيالمىدى ئۇ كاج، شۇم زامان.
تۇتقۇنغا بەردى سېنى قاي بەندە؟
خەلققە،ۋەتەنگە ئاسىي، شەرمەندە!
ياش يازغۇچىلار بۇلبۇلى ئىدىڭ،
خەلق بېغىنىڭ بىر گۈلى ئىدىڭ.
ئەركىن ھاياتقا پۇرسەت كەلگەندە،
غەمكىن بۇلبۇللار سايراپ كۆلگەندە...
كاشكى سەن ئەمدى بىللە بولساڭچۇ؟...
شېئىر بېغىدا سايراپ تۇرساڭچۇ؟...
ئەل ۋە يۇرتۇمغا ئەركىنلىك تىلەپ،
پۇرسەت كۈتەتتىڭ قەلىمىڭ بىلەپ.
قايتماس ئىرادەڭ ئەلگە تىلەكداش،
بەخت ئىزلەشتە يۇرتقا مەسلەكداش.
ئەي ۋەتەندىشىم ياتمىغىن مەيۈس،
سېنى زىنداندا قويمايمىز مەھبۇس.
تىلەكداشلىرىڭ ئۇنتۇلماس سېنى،
تۇتقۇنغا چۈشتۈڭ قانداق نەس كۈنى؟
نە بولس ابولسۇن ئاخىر چىقارسەن،
دۈشمەن بېشىنى گۆرگە تىقارسەن.
ئەگەر قېنىڭنى سوۋۇتسا زۇلۇم،
يوللىغان بولسا مۇبادا ئۆلۈم.
يەنە شۇندىسەن بەختسىز ئەمەس،
كۆرەش ئىرەدەڭ ھەرگىز تەۋرىمەس.
تېخى ئۇ چاغدا ئىنتىقام –غەزەپ،
ئوتلۇق يۈرەكنى قوزغىتار بېزەپ.
زۇلۇم مەسلىكى ھەر قاچان خاراپ،
ھەممە ئەتراپنى ئالسىمۇ ئوراپ.
سەندەك كۆرەشچان قەھرىمانلاردىن،
قانچە مىڭىنى قىلسىمۇ قىرغىن.
كۆرەش روھىمىز ھەرگىز توختىماس،
قانلىق ئىنتىقام ھەرگىز ئۇخلىماس.
تاكى ۋەتەنگە ئالمىساق ئەرك،
بېرىمىز قۇربان قالمايمىز تىرىك.
ئاۋۋال ۋە ئاخىر ئۇشبۇدۇر تىلەك،
قايتماس ئىرادە،ئانت ئىچەر يۈرەك.
ۋەدىگە ۋاپا نىمشېھىتقا خاس...
ۋەتەن ئىشقىنى جاندىن ئايرىماس.
1946-يىل ئىيۇن،غۇلجا
كىرامەن-كاتىبىن:پەرىشتەئىسىملىرى بولۇپ،رىۋايەت قىلىنىشىچە،ئۇلار ئادەمنىڭ ئىككى مۈرىسىدەتۇرۇپ، ياخشى-يامان ئىشلارنى يازارمىش.
دوستۇم مۇتەللىپ
ئەلقەم ئەختەم
بۈگۈن مەن سېنى
ياد ئېتىپ دوستۇم،
سېغىنىپ-ئەسلەپ
كەلدىم قېشىڭغا.
كۆرۈپ قەبرەڭنى
خاتىرەم شۇ دەپ،
گۈلنى دەستىلەپ
قويدۇم بېشىڭغا.
قەبرەڭگە ئۇزاق
تىكسەم كۆزۈمنى ،
مېنى كەلدى دەپ
بولدۇڭ تۇيغاندەك،
قېنى سۆلىگىن
دېگەندەك قىلىپ،
سېزىلدىڭ ماڭا
سوئال قويغاندەك.
سەن ھايات چاغدا
ئەركىنلىك ئىزلەپ
دۈشمەنلەربىلەن
مۇشتلاشقان ئىدىڭ.
ئازادلىقنى دەپ
زىنداندا يېتىپ
بىز بىلەن مەڭگۈ
خوشلاشقان ئىدىڭ.
نۇرلۇق تاڭ ئاتتى
بۇ چاغدا سەن يوق،
پارتىيە كېلىپ
بىزنى قۇتقازدى.
ئۆرۈپ زۈلمەتنى
سۈرۈپ كۈلپەتنى،
ھايات يولىنى
بىزگە تۇتقازدى.
ئىھ ! دوستۇم بۈگۈن
سەن بولساڭ ئىدىڭ،
بىز بىلەن بىللە
شاد كۈلسەڭ ئىدىڭ.
قانداق خۇشاللىق
ھازىرقى ھايات،
ئۆز كۆزۈڭ بىلەن
بىر كۆرسەڭ ئىدىڭ.
بىراق يېنىمدا
سەن ھايات ئەمەس،
كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ
تۆكتۈم يېشىمنى.
ئويلاپ مەن سېنى
خىيالغا چۆكۈپ،
تۇردۇم ئالدىڭدا
تۇتۇپ بېشىمنى.
ئىرتسام توختىماي
يەنە ئاقىدۇ،
دوستۇم،مۆلدۈرلەپ
كۆزۈمدىكى ياش.
غەزەپ دىلىمدا
قات-قات قاينايدۇ،
بەخت كۆرمىدىڭ
ئەزىز قېرىنداش.
<<بەس>>دېدىم، دوستۇم
ئىرتىپ يېشىمنى،
توختاپ جىم بولۇپ
كۆز ئۈزمەي سەندىن.
چېلىشىپ، يېڭىپ
بەخت تاپتۇق بىز،
ئېلىپ ئىنتىقام
قەبىھ دۈشمەندىن.
يەتكۈزسەم ساڭا
دوستۇم خەۋەرنى،
ئېچىلىۋاتىسەن
بۇنى بىلگەندەك.
يەڭدۇق دۈشمەننى
دېسەم خۇش بولۇپ،
ئارام ئېلىپ سەن
بولدۇڭ كۈلگەندەك.
ياتقىن جان دوستۇم
خۇشال بولۇپ يات،
بىز يولدا ھازىر
ئۇلۇغ ئىش بىلەن.
يۈكسىلىپ كۈندە
كېتىپ بارىمىز،
ئۈستۈنلۈك ئېلىپ
چوڭ چېلىش بىلەن.
دۈشمەن بار تېخى
بىز چېلىشىدىغان،
رەقىپ تۇرىدۇ
مۇشت تەڭلەپ يېنىپ.
ئۇنى يوقاتماي
باي ۋەتەن قۇرماي،
ئارام ئالمايمىز
بۇ يولدا تىنىپ.
دوستۇم مۇتەللىپ
مانا مەن ھازىر،
شۇم دۈشمەن بىلەن
مۇشتلىشىۋاتىمەن.
ساڭا سۆز ئېيتىپ
ئىلھامغا پېتىپ،
دوستۇم سەن بىلەن
خوشلىشىۋاتىمەن.
خەيىر،مەن كەتتىم
ئۇلۇغ چېلىشقا،
يېڭىشلىرىمنى
كېيىن بىلىسەن.
يوقالغان چاغدا
دۈشمەن يېنىمدىن،
دوستۇم خوش بولۇپ
يەنە كۈلىسەن.
1953-يىل،سېنتەبىر،ئۈرۈمچى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا
ئابدۇكېرىم خوجا
كەلدىم مەن ئالدىڭغا كەچۈرۈم سوراپ،
خىجالەت دەستىدىن چەككەچ جىق ئازاب.
قەبرە قەبرەمدىن كەتمىسۇن ئېشىپ،
دەپتىمەن ياسالسۇن مەرتىۋىگە باب.
مەن تىرىك،ئەمماكى يوقلار كىشى يوق،
تىنمايدۇ يۇرت سېنى ئەيلەپ كۆپ تاۋاب.
مەندە بارنام-شۆھرەت،دۆلەت سەندە يوق،
تاڭ، يۇرتقا قالدىكىن نېمەڭ بەك ياراپ!؟
ئۆزۈمنى تارازىغا سېلىپمۇ كۆردۈم،
بۇ سىرنى كۆرمەكچى بولۇپ، بىر سىناپ.
ۋە لېكىن چۈشمەي تارازىغا گەۋدەم،
نە گەۋدەم تاجۇ-تەخت، ھەتتاكى پىكاپ.
بارچەمنى نەق بېسىپ چۈشتى ئوڭايلا،
بىر سېنىڭ ئىجادىڭ<<يىللارغا جاۋاب>>.
خەلقىمنىڭ قەلبىدىن قەبرەڭ ئالسا جاي،
تارىختىن كەتمەسكە مەڭگۈ ئۇپىراپ.
بىھۇدە قىتىغىرلىق قىپتىمەن، توۋا !
خۇدانىڭ يېرىنى بەندىدىن ئاياپ.
1986-يىل ئاۋغۇسىت،ئاقسۇ-ئۈرۈمچى.
ئوت يۈرەك شائىر
(ل.مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 27 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
رەھمىتۇللاجارى
مۇتەللىپ ئەي باتۇر،ئوت يۈرەك شائىر،
سۆيدۈڭسەن ئېلىڭنى جان پىدا قىلدىڭ.
سەن ئىدىڭ ۋەتەننى كۈيلەشكە ماھىر،
زوق بىلەن بىرئۆمۈر خۇش ناۋا قىلدىڭ.
ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئىدى تىلىكىڭ،
چۈشمىدى كۆرەشكە تۈرگەن بىلىكىڭ.
ھەر نەپەس ۋەتەن دەپ سوقتى يۈرىكىڭ،
شەرەپلىك بۇرچۇڭنى سەن ئادا قىلدىڭ.
تاۋلاندىڭ كۆرەشچان يىللار قوينىدا،
ئىجادىڭ پارقىراق ھەر يىل بوينىدا،
ھارمىدىڭ كۆرەشنىڭ باياۋىنىدا،
بەرگەن قەسىمىڭگە سەن ۋاپا قىلدىڭ.
ۋەتەننىڭ كۆكىدە چاقماق چاققاندا،
چىش بىلەپ خەۋپ-خەتەر ئەلگە باققاندا،
مەيداندا قىپقىزىل قانلار ئاققاندا،
قەلەمنى نەيزە قىپ،جەڭ-جاكار قىلدىڭ.
ئېتىڭنى مەردانە مەيدانغا سۈردۈڭ،
ئالماس خەنجىرىڭنى دۈشمەنگە ئۇردۇڭ،
يالقۇنلۇق سۆزۈڭدىن ئوتلار ياغدۇردۇڭ،
بۇ جەڭدە غەيرەتنى سەن راسا قىلدىڭ.
لەنەتلەر ياغدۇردۇڭ قارا زامانغا،
ئۆچ ئىدىڭ بۇلۇتلۇق قىش-زىمىستانغا،
تەلپۈندۈڭ باھارغا، گۈل-گۈلىستانغا،
ھۆر-ئەركىن سايراشنى مۇددىئا قىلدىڭ.
سازىڭدا باشلىدىڭ يېڭى مۇقامنى،
سۆيگۈدىن، كۆرەشتىن ئالدىڭ ئىلھامنى،
ساقلىدىڭ ئوت يۈرەك شائىرلىق نامنى،
شېئىرىيەت بېغىدا شوخ سادا قىلدىڭ.
سەھەرنى سېغىنغان غۇنچە گۈل ئىدىڭ،
يۈرەكتە ئوتى بار بىر ئوغۇل ئىدىڭ،
خۇشئاۋاز،چارچىماس مەرد بۇلبۇل ئىدىڭ،
خەلىقنى كۈيۈڭگە مەھلىيا قىلدىڭ.
شۇڭا ياۋ چۆچۈدى، جىم تۇرالمىدى،
ئىز پۇراپ ئارقاڭدىن پەقەت قالمىدى،
زىندانغا سالدى-يۇ، نەپ ئالالمىدى،
ياۋۇزلاركۆكسىنى سەن يارا قىلدىڭ.
سەن كەتتىڭ ۋەلېكىن نامىڭ ئەلدە ياد،
قەبرەڭدە تىنچ ياتقىن روھىڭ بولسۇن شاد،
ئۆلمىدىڭ،ئۆلمەيسەن، مەڭگۈ سەن ھايات،
مەڭگۈلۈك بىرسولماس باغ بىنا قىلدىڭ.
1962-يىل، ئۈرۈمچى.
شائىرغا
تۇردى سامساق
(لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
ئەمگەكچى ئەلنىڭ تەرلىرى تامغان،
تارىختا ئۆچمەس نۇرنىڭ ئىزى بار.
ھەر بىرخەلقنىڭ ئۇنتۇلمايدىغان،
ئەزىز، مۆتىۋەر ئوغۇل قىزى بار.
مۇتەللىپ دېسە كۇرمىڭ كىشىلەر،
بىلىدۇ ئۇنىڭ شانلىق نامىنى.
دۈشمەنگە قارشى ئۇ ۋەتەنپەرۋەر،
قۇرغان ئىدى چىڭ ئىستىھكامىنى.
قاراتقان ئىدى ياتلار كۆكسىگە،
پولات نەيزىنىڭ نەشتەر ئۇچىنى.
تونۇتقان ئىدى دوست ۋە دۈشمەنگە،
ئۆتكۈر قەلەمنىڭ قۇدرەت كۈچىنى.
ئۇ ئىدى چەكسىز دولقۇنلار ئۇرغان،
ئىلھام دېڭىزىنىڭ قاينام ئۆركىشى.
ئۇ بىر گۈل ئىدى، ئەيلىدى خازان-
ۋەھشىي دۈشمەننىڭ زەھەرلىك چىشىنى.
داۋان ئېشىشقا*قەدەم قويغاندا،
يول توسۇپ چىقتى قاراقچى ئاپەت.
خەنجەرلەرئۇرۇپ مەسۈم باغرىغا،
قېنىنى ئىچتى مەلئۇن كاساپەت.
<<مۇتەللىپ ئۆلدى>>،
ياق، ئاغزىڭنى يۇم،
جىسمى كۆمۈلدى،
روھى مەڭگۈ بار.
ئۇ، ھەرباھارنىڭ گۈلىدەك مەسۇم،
ھۆسنىگە ھەرگىزقونالماس غۇبار.
شائىرنى ئۆلدى دېيەلمەس ھېچكىم،
چۈنكى،ئۆلمەسكە قىلغان ئىشى بار.
بىرسىنىڭ تىككەن كۆچىتىن دائىم،
پەرۋىش قىلغۇچى مىڭلاپ كىشى بار.
1955-يىلسېنتەبىر، ئۈرۈمچى
داۋان ئېشىشقا:شائىرنىڭ <<داۋانلار ئاشقاندا>>ناملىق رومانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا
ئابدۇسالام توختى
(ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل. مۇتەللەپ ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
ئىجاد ئاسمانىنىڭ نۇرلۇق-يورۇق چولپانى لوتپۇللا،
گۈزەل ئەشئارلىرىنىڭ ھەر سۆزى دۇردانە لوتپۇللا،
تالانلىق، ئوتيۈرەك شائىر، جەسۇر، مەردانە لوتپۇللا،
ئوت ئاچقان كونا دۇنياغا چېلىش پالۋانى لوتپۇللا،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
لوتۇن كۆركەم بېغىمنىڭ ئەڭ ئېسىل، خۇشبۇي گۈلى ئەردى،
ۋەتەن ئىشقىدا كۈي تۆككەن گۈلىستان بۇلبۇلى ئەردى،
دۇتار، تەمبۇر،راۋابىمنىڭ يېقىملىق مەرغۇلى ئەردى،
ئىجاد بەيگىسىنىڭ ئۇچقۇر قاناتلىق دۇلدۇلى ئەردى،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
ئىدى ئۇ، ياش، قىران بۈركۈت ئېگىز كۆكتە قانات قاققان،
ۋەتەننىڭ ھەرگىياھىغا مۇھەببەت، ئىشىق بىلەن باققان،
يۈرەكتە سۆيگۈسى تۈمەن، ئىلى ، تارىم كەبى ئاققان،
ئىجاد مارجانلىرىدىن بۇ ئانا يۇرتقا چېچەك تاققان،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
ئۇ ھۆرلۈك،ئەرك ئۈچۈن دىلغا پۈكۈپ ئالىي تىلەكلەرنى،
چېلىش قاينامىغا چۈشكەن تۈرۈپ تالماس بىلەكلەرنى،
نەزەر تاشلاپ يىراقلارغا كۆرۈپ روشەن روجەكلەرنى،
ئاتا قىلغان ۋەتەن، ئەلگە جەسۇر، ئوتلۇق يۈرەكلەرنى،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
ئۇ، شىددەتلىك كۆرەش دولقۇنلىرىدا كەڭ غۇلاچ ئاتقان،
غەزەپ-نەپرەتلىرى ياۋغا گويا كەلكۈن بولۇپ تاشقان،
بورانلاردا يېتىلگەندە شۇ ياش غۇنچە، جەسۇرئارسىلان،
جاھالەت جادۇسىنى باشنى كېسىپ، تەندىن جۇدا قىلغان،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
ئۇنىڭ ئەشئارلىرى خۇددى ھاياتبەخىش گۈل –گۈلىستاندۇر،
ئۇنىڭ ھەر بىرسۆزى گۆھەر، باھاسىز دۇررى-مارجاندۇر،
ئۇنىڭ ھەر بىرقۇرى جەڭدە قىلىچتۇر، نەيزە-قالقاندۇر،
ئۇنىڭ مەنىسىزەپ چوڭقۇر مىسالى كەڭرى ئوكياندۇر،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
لوتۇن ھېچ ئۆلمىدى، كىممۇ ئۇنى ئۆلدى دېيەلەيدۇ،
ئۆلۈم يوق زادى شائىرغا، خەلق شائىرى ئۆلمەيدۇ،
كۆمۈلگەن بولسىمۇ جىسمى، ئىجادى ھېچ كۆمۈلمەيدۇ،
ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلاتلار سۆيۈپ، ھۆرمەتتە ئەسلەيدۇ،
ياشايدۇ تائەبەد دىلدا، ۋەتەن قۇربانى لوتپۇللا،
ئادالەت، ئەرك پىداكارى،خەلق ئوغلانى لوتپۇللا.
1995-يىل ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى
لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرسىگە
ئوسمانجان ساۋۇت
ئىلىنىڭ بويىدا كەلدىڭ ئالەمگە،
ئىلىدەك دولقۇنلۇق بىر ئوغلان ئىدىڭ.
ئاتىلار ئاھىدىن ۋەتەن، خەلقىڭگە،
غەپلەتلىك ئۇيقۇدىن <<تۇر، ئويغان>> دېدىڭ.
دېدىڭسەن،ئۆمرىمىز كۆرەشكە تەشنا،
ياشىماق ئىستىسەك چېلىشماق لازىم.
بىدارغا تاڭ ۋەسلى نېسىپ ۋە ئاشنا،
ھەقىقەت كۈيىنى چالىدۇ سازىم.
ھېكمەتلەرجەۋھىرى-شوخ غەزەللىرىڭ،
دىللاردا ئويغاتتى نى شېرىن ئارمان.
قامىتىڭ زەبەردەس، مىسلى يۈكسەك تاغ،
ئالدىڭدا ئامالسىز قالدى جۇت- تۇمان.
سەن ئەلگە تالىقسەن، ئەلنىڭ بالىسى،
سەن تارىخ بۈيۈكى، خەلىپەرۋەرى.
يۈرىكىڭ بەئەينى قاينىغان ۋولقان،
ھۆرىيەت سېپىنىڭ تۇغچى سەرۋەرى.
كۆزۈڭدە ئىقبالنىڭ مەشئېلى يانار،
ۋالىلداردىلىڭدا بۈيۈك ئېتىقاد.
ۋىجدانىڭ دات باسماس ئالماس زۇلپىقار،
مۇشەققەت تىلىدى سەندىن ئىلتىپات.
كامالەت تەڭرىسى سەنئەتكار ئانا،
ياراتتى ئالەمگە سېنى ئەي شائىر.
گۈل دىيار،باھادىر، بىغۇبار، دانا،
خسلىتى ۋەسلىڭدە بولدى چىن زاھىر.
چېلىشچى ئوغۇلسەن، سىغدۇرالمىدى،
جىسمىڭنى سەتھىگە زامان چەمبىرى.
سەلتەنەت پەرىشان جىم تۇرالمىدى،
قولۇڭدا يالتىراپ ئىسيان غەنجىرى.
زالىملارقورقىدۇ ئازاد پىكىردىن،
ۋە شۇڭا ئەمەستۇر ئۆزىمۇ ئازاد.
ئويغاندى قەيسەرلەر نەرە- زىكىردىن،
يورۇقلۇق زۇلمەتكە باشلىدى غازات.
چايقالدى غەزەپتە ئەزىمەت تارىم،
ساھىلدا يوقسۇللار تۇردى ئاياغقا.
ئارزۇلار تەڭداشسىز، تەڭداشسىز گۈزەل،
قەلبلەر رەڭداشتۇر قىزىلبايراققا.
خائىننىڭ قولىدا كۈل بولۇپ ئالەم،
توزانغا ئايلىنار يالقۇنلۇق ئارمان.
ئۇ گۈزەل چىمەنگاھ، باغى ئېرەمنى،
چەيلەيدۇ،تىلغايدۇ، قىلىدۇ پايخان.
يۈزىدە يول مېڭىپ ئۆگەنگەن خائىن،
ئاھ، ئىسىت !ساتتىغۇ ئەرزاندۇر بەدەل.
قەتلىگاھ، قان ئاقار مۇدھىش قىلىچتىن،
ئەل ئۈچۈن ئەرلىرىم قۇچۇشتى ئەجەل.
ياش ئىدىڭ بىخ-نوتا، ئەمما ئىستىكىڭ،
قىيام بولۇپيېتىلگەن، يەتكەن ۋايىغا.
مەسخىرەقىلدىڭكى ئۆلۈمنى دەھشەت،
باقمىدىڭ،باقمايتتىڭ، جاللات رايىغا...
ئۆزىدەك چاغلاشتى سېنى جاللاتلار،
تەڭگىنى تەڭرىدەپ تەلۋە بولۇشقان...
جاللاتلار ئۆلۈشتى سەن تىرىك ئەبەد،
ئاسمانغا ئاي قىلدى سېنى شەرەپشان.
يىغلىدى تەڭرىتاغ، ئۆكسۈدى تارىم،
يېڭىلىش ئەرزىمەس مەڭگۈ ھەزەرگە.
ئەسىرلەر مۇرادى، ئەجدادلار دادى،
مىڭ ئەتتەڭ !يالقۇن بوپ كۆمۈلدى يەرگە.
بىنۇمۇس قورقاقلار ئىش تامام دەيدۇ،
ۋە لېكىن باتۇرلار ئالار ئىنتىقام.
ئەقىدە نۇرچاچار، يانار يالقۇنجاپ،
ئئەقىدەيېڭىلمەس پولات ئىستىھكام.
پەخىرلەن ئانايەر، سېنىڭ پەرزەنتىڭ،
ئاقلىدى سۈتۈڭنى پىدا قىلىپ جان.
تاغ-دەريا ئۇنىڭغا ئالتۇن ئابىدە،
ھۆرمەتتە باقىدۇ ئاق كۆڭۈل ئىنسان.
ئىلىنىڭ بويىدا كەلدىڭ ئالەمگە،
ئىلىدەك دولقۇنلۇق بىر ئوغلان ئىدىڭ.
ئاتىلار ئاھىدىن ۋەتەن، خەلقڭگە،
غەپلەتلىك ئۇيقۇدىن <<تۇر، ئويغان>> دېدىڭ.
1981-يىل ماي، ساۋەن.
دەرتلىرىڭگە تۈمەن گۈللەر يىغلىدى
-ل.مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىغىنىڭ 90يىللىق خاتىرىسىگە
ئابلەت ئەخمەت
سەن خەلقىم دەپ ياشاپ ئۆتتۈڭ بىر ئۆمۈر،
خەلقىڭ سىنى بىلدى، گاھى بىلمىدى.
ئوقۇپ بەرسەم ئىچىڭدىكى تارىخنى ،
دەرتلىرىڭگە تۈمەن گۈللەر يىغلىدى.
يەردىن كۆكتىن تۆت تام ئۈنسىز قىستىغاچ،
چىدىمىدىڭ شۇم تەشۋىشلىك كۈنلەرگە.
چاقماق بولۇپ چىچەكلەتتىڭ سامانى،
شۇڭغۇپ كىرىپ قاپقاراڭغۇ تۈنلەرگە.
ئىچ-ئىچىڭدىن ئۇرغۇپ شەكسىز مۇھەببەت،
قەلىمىڭدىن ئىقىپ كىردى دىللارغا.
يىلىنجىدى باغرىڭدىكى ھەقىقەت،
قىنىڭ بىلەن جاۋاپ بەردىڭ يىللارغا.
كەچمىشىڭنى بىلگەنسىرى چوڭقۇرلاپ،
كۆزلىرىمدە لىغىرلىدى ئاچچىق ياش.
ۋەسۋەسىگە قانداق چىداپ ئۆتكەنسەن،
چىمدىپ يۈرسە كۈندە نەچچە قەلەمقاش.
ئىتىقادنىڭ پايانىدا خىيالچان،
تاۋلاپ چىقتىڭ مۇھەببەتنى –غۇرۇرنى.
مال-دۇنيا دەپ ئۆلۈپ يۈرسە بىراۋلار،
سەن كۈرەشتىن ئىزدەپ سۈردۈڭ ھوزۇرنى.
ئىجات-مىھنەت دەرياسىغا چۆمۈلۈپ،
قەلىبلەردە چولپان بولۇپ چاقنىدىڭ.
تاللىۋالدىڭ ئۇچقۇن بولۇپ ياشاشنى،
بۇجاھاننىڭ رەپتارىغا باقمىدىڭ.
مەن تىۋىنىپ كەلدىم پاكىز روھىڭغا،
تىلىكىڭگە يۈرەك يىقىپ ھەرنەپەس.
پورەكلىدى ئەقىدىنىڭ گۈللىرى،
بۇ تۇپراقتا يىقىلغىنى سەن ئەمەس.
توقسەن ياشقا كىردىڭ يەنە نەۋقىران،
يىگىرمە ئۈچ يىشىڭ مەڭگۈ پارلايدۇ.
ۋۇجۇدلارنى لاۋۇلداتقان كۈيلىرىڭ،
ھەر بىرتاڭدا ئۆركەشلەيدۇ قاينايدۇ.
2012-يىل11-ئاينىڭ16-كۈنى
ئىجادىڭ ئۆمرى تەڭ مىڭ ئۆمۈرگە
ھەجەر قادىر
تىكىلىدىم ساڭايەنە لوتپۇللا،
ھۆرمەت- ئېھتىرام ھېسىىغا تولۇپ.
ئىلھامغا ئۈندەپ ئەنە ئالدىمدا،
نۇرلۇق سۈرىتىڭ تۇرىدۇ كۈلۈپ.
سەن ئىدىڭ گويا زۇلمەت باغرىنى،
ئالماستەك تىلغان ئەلنىڭ شائىرى.
سەن ئىدىڭ ئەل-يۇرت ئىشقىدا يانغان،
سۆيگۈ- ۋاپانىڭ سادىق تاھىرى.
سۆيگۈ-نەپرىتىڭ ئېنىق شۇنچىلىك،
كۈيلىدىڭ خەلق،ئەزىز ئېلىڭنى.
شۇڭا رەقىبلەرقىلغانتى غازاڭ،
گۈللەرگەتولغان ھايات بېغىڭنى.
ھاياتىڭ يۇلتۇزدەك ئاقسىمۇ، بىراق،
ئىجادىڭ ئۆمرى تەڭ مىڭ يىللارغا.
ئۆلمەس ئىجادىڭ قېرىتىپ يىللار،
بېرەر كۈچ-غەيرەت سانسىز دىللارغا.
1980-يىل ، غۇلجا.
ئۆچمەس يۇلتۇز
ئايىمخان ئاۋامىسلىم
ۋاقىتسىز شۇم ئەجەل ئېپكەتتى سېنى،
ئادەمخور ئىبلىسلار يەپ كەتتى سېنى.
ۋە لېكىن ھاياتسەن، مەڭگۈ- ئەبەدكە،
كۆرەشچان نەۋرىلەر ئەسلەيدۇ سېنى.
سەن ئىدىڭ ئازادلىق سۆيەر خەلقنىڭ،
يۈرىكى قېتىدا دولقۇنلىغان قان.
سەن ئىدىڭ خەلقنىڭ كۆيۈمچان دوستى،
ۋۇجۇدۇڭ خەلققە ھەر زامان قالقان.
ياڭرىتىپ جەڭگىۋار ناخشىلارنى سەن ،
غۇلاچلاپ ئۈزگەنتىڭ قاينام ئىچىدە.
بىر تىنىق توختىتىپ قويمىدىڭ جەڭنى،
مەيلى سەن سەھەردە، مەيلى كېچىدە.
ياڭرايدۇ ھەرزامان جەڭگىۋار ناخشاڭ،
ئۈندەيدۇ كۆرەشكە، غەلبىگە ھەر دەم.
بارىسەن مەردانە غۇلاچلار تاشلاپ،
بۇ ئۇزۇن سەپەردە بىز بىلەن ھەمدەم.
خەلقىمنىڭ غورۇرى، ئىپتىخارى سەن،
ۋەتەننىڭ قەلبى پاك كىرسىز قۇندۇزى.
گەر ئالەم مەۋجۇدكى مەڭگۈ چاقنايسەن،
ئاسىيا ئاسمىنىنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى.
ئەشئارىڭ روھىدىن نۇرلىنىپ مەنمۇ،
سېنىڭدەك ئەلبەختى يولىدا ئۆتسەم.
ئارزۇيۇم:ئەجرىمدىن گۈلباغلار ياساپ،
ئەل بىلەن شۇباغدا بىرلىكتە كۈلسەم.
1983-يىل ماي، تۇرپان.
شائىر ئېنىڭ كەلدى سېنى ئىزدەپ...
ئابدۇكېرىم مەخسۇت
سۈكۈتتىمەن لوتۇن ئاكا قەبرەڭ ئالدىدا،
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلىدۇ ئۈنچىدەك يېشىم.
ئارمانلىرىم بوستانىدا بولساڭچۇ ھەمراھ،
مەقبەرىدىن چىقىپ شۇ دەم بولۇپ سىردىشىم.
يۈرىكىمنى يېرىپ چىقار ئەلەملىك سادا،
تىللىرىمدا سېنىڭ شېئىرىڭ، سېنىڭ كالامىڭ،
گۈزەل ئاقسۇ كوچىسىنى كېزىمەن تىنماي،
ئاڭلانغاندەك تۇيۇلىدۇ سېنىڭ سالامىڭ.
زايكىمىدا جىگدىلەردىن سورىدىم سېنى،
تاپالمىدىم ھەتتا كېلىپ قىزىل بىنادىن.
سېنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن جەزم ئەيلىدىم،
ھايات سۈيى ئېقىپ تۇرغان پانىي دۇنيادىن.
گۈزەل ئاقسۇ قۇچىقىغا ئەيلىدىم سەپەر،
سېنى ئىزدەپ دوست-يارىڭدىن سوراپ تالمىدىم.
كەتكەنتى ئۇ بۇئالەمدىن باقىي ئالەمگە،
دېگەنلەرگە ئىشەنمىدىم، قۇلاق سالمىدىم.
ئاقسۇ دەريا شاۋقۇنىدىن ئاڭلىدىم جاۋاب،
تاراملىرى باشلاپ كەلدى قەبرەڭگە مېنى.
قۇچاقىلىدىم سېنى ئەمەس، ئاشۇ تاپتا مەن،
بوزلاپ تۇرۇپ،غۇلاچ يېيىپ مۇزدەك قەبرىنى.
تۇرغىن شائىر،ئىزدەپ كەلدى ئىنىڭ ئۇزاقتىن،
ۋۇجۇدۇمدا ھىجران ئوتى يېنىپ يالقۇنلاپ.
تۇرغىن شائىر،قۇچاقلاپ ئۇ قۇتلۇق قەبرەڭنى،
خۇددى يېتىم بوتىدەك قان-ياش تۆكەر يىغلاپ.
ياش تۆكۈشتىن ھاسىل بولماس مۇراد ئەلۋەتتە،
ياش تۆكمەسكە ئامالى يوق لېكىن يۈرەكنىڭ.
ھەر تامچە ياش گۇۋاھىدۇر بىلسەڭ شۇ تاپتا،
قۇياش بولۇپ ياتقان ئاشۇ ئارزۇ-تىلەكنىڭ.
سۈكۈتتىمەن شائىر سېنىڭ قەبرەڭ ئالدىدا،
جاراڭلايدۇ قۇلىقىمدا <<يىللارغا جاۋاب>>.
سەن ئەركىنلىك مۇئەككىلى، سەن باتۇر ئوغلان،
سېنىڭ شېئىرىڭ ئەركىنلىككە ئېتىلغان خىتاب.
1986-يىل نويابىر، ئاقسۇ.
جەڭگىۋار شائېر
ئابدۇللا تالىپ
1
كېلىپ شائىر ،ئۇيقۇسىدىن تۇردى ئاقسۇ،
بولۇپ جۇشقۇن ئالغا قاراپ يۈردى ئاقسۇ.
ئات ئويناقتىن چۈشكەن دەريا ئويناق بولۇپ،
كۆرەشلەردە ئەزىمەتلەر قايناق بولۇپ.
توسقۇنلارغا پەرۋا قىلماي تاشلاپ قەدەم،
جەڭ مارشىنى ياڭراتتى تىنماي ھەر دەم.
قەلىمىدىن تىترەر ئىدى قارا زۇلمەت،
تەشنا دىللار ياغدۇراتتى چەكسىز ھۆرمەت.
يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ باھار ئىشقى،
ۋىسال كۆزلەپ جانان ئۈچۈن يانار ئىشقى.
شېئىرلىرى ھەممە يەردە داڭ چىقاردى،
جەڭدە مىنگەن تۇلپار ئىزى چاڭ چىقاردى.
<<غېرىب>>بولۇپ سەھنىلەردە قىلىچلىشىپ،
بولۇپ<<تاھىر>> رەقىب بىلەن نەيزىلىشىپ.
زالىم شاھنى ھەر قەدەمدە مات قىلاتتى،
شېرىن مېھرى بولغاچ پەرھاد شاد بولاتتى.
2
لېكىن، جاللاتمۇ نارلارغا باش ئاساتتى،
مىسكىنلەرنىڭ كۆزلىرىدىن قان ئاقاتتى.
جەڭ ساداسى يېقىن يەردىن ئاڭلانغاندا،
شائىر ئوتلۇق يۈرىكىدىن شادلانغاندا.
بىر نامەردنىڭ خائىنلىقى تۈپەيلىدىن،
خىسراۋ مەخپىي تىغ بىلەيتتى شۇم پەيلىدىن.
قەيسەر شائىر تىغ ئالدىدا پۈكمىدى تىز،
جەسۇرلۇقتا مەڭگۈ ئۆچمەس قالدۇرۇپ ئىز.
كامېر تېمى نەپرەت شېئىرى بىلەن تولدى،
ھەجىۋى سۈرەت بىلەن دۈشمەن رەسۋا بولدى.
تەھدىت، ھەيۋە، دەھشەت بىلەن قىلغان سوراق،
نەكار، دىلدا يېنىپ تۇرسا ئىشقى پىراق!...
3
بۇ مەردلىككە خىسراۋ ئۆزى بولغان ئىقرار،
شۇ مەردلىكتىن مانا بايان-ئەينى ئىزھار.
دېدى: بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى سۆھبىتىم بار،
دېدى: بەلكى،يەنە ھىيلە-تۆھمىتىڭ بار.
دېدى: بىزگەقارشى چىقتىڭ سەن قاچاندىن؟
دېدى: سەنلەر خۇن ئىچىشكە باشلىغاندىن.
دېدى: تاپشۇر،مانا سىياھ، قەلەم ، قەغەز؟
دېدى: بېلىق تۇتۇپ يېمەك سەندە غەرەز !
دېدى: نەشتەر ئۇرۇپ كەلدىڭ قەلىمىڭدىن ؟
دېدى: تاقەت تۈگەپ دەردى-ئەلىمىڭدىن !
دېدى: قولدا مانا ئىشىڭ نەق پاكىتى؟
دېدى: خائىن توقۇپ چىققان چوڭ تۆھمىتى؟
جاللات دېدى:بىرەي ئازراق پۇرسىتىڭنى،
دېدى شائىر:تىزلەت ماڭا سۈرئىتىڭنى !
بىرىنجىگە ئوق ئاتقاندا ياۋۇز جاللات،
دېدى شائىر:ھەي ياۋۇزلار مېنىلا ئات !
ئۈچىنچىگە ئوق تەگكۈچە شائىر كېلىپ،
قالقان بولۇپ توسۇۋالدى كۆكرەك كېرىپ.
ئۈچ پاي قوغۇشۇن گاڭ كۆكسىگە ئېتىلدى،
<<ياشاخەلقىم>>-دېدى ئۈنلۈك يىقىلدى...
پارقىراپ تۇرغان ئاسماندىكى يۇلتۇز كۆچتى،
يۇرتىمىزدا يېنىپ تۇرغان چىراغ ئۆچتى !...
4
بۇ جاھانغا ئەزىمەتلەر كېلىپ - كېتەر،
شان – شەرەپلىك ئىش ئىزىنى تارىخ پۈتەر.
لېكىن، باركى ئىش كەلمەستە سۆزى يوغان،
ئىش كەلگەندە يىغلاپ ئېيتار نالە – پىغان.
ئوڭلۇق چاغدا<<ۋەتىنىم>> دەپ سەكرىگەنلەر،
ئېغىر كۈندە سەبدىشىنى <<ئەپلىگەنلەر>>.
ئوقۇپ قاينام ئۆركىشىنىڭ تەزكىرىنى،
بىلۈر شۇئان<<مەردۇ – مەيدان>> تەبىرىنى.
1980-يىل، ئۈرۈمچى.
ئىزىڭ ئۆچمەيدۇ
ئابلىز ئۆمەر
تەڭرىتاغ جەنۇبىدىن مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەدىمكى ئۆي-جاينى زىيارەت قىلغىلى كېلىپ، ھېچنېمىنى كۆرەلمەي، ئۆكۈنۈش ئىچىدەقايىتتىم--ئاپتۇر
كۆرگەندە مۇبارەك كۈلبەڭ ئىزىنى،
ئېھتىرام،ھۆرمەتتە ئېگىلدى بۇ باش.
تېنىمدە شۇرقىراپ ئاقتى بىر سېزىم،
ئۆپكىدەپ كۆزۈمگە كەلدى ئىسسىق ياش.
كەلدى چىخ مەھەللە تەرەپتىن نىدا:
<<مۇتەللىپ بۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان>>.
ئاۋرالنىڭ چوققىسى ئاڭا جۆر بولدى:
<<مۇتەللىپ شۇ يەردە ئەقىلگە تولغان>>.
گۈللەرمۇ پىچىرلاپ ئېيىتتى ساباغا:
<<شائىرنىڭ قەلبىدە گۈزەللىك تولۇق>>.
ئاسمانغا بويسوزغان قارىغاي دېدى:
<<ئىرادە– ئىستىكى ئېسىل ۋە ئۇلۇغ>>.
شاماللار ۋاراقلاپ تارىخ بېتىنى،
شائىر قىسسىنى ئەيلىدى بايان:
<< جان نىسار قىلدى ئۇ ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن،
بۇ قىسسە جاھانغا قۇياشتەك ئايان.
شۇم ئەجەل سوزغاندا ئىبلىس قولىنى،
كۆزىنى نەم قىلىپ تامچە ياش تۆكمەي.
گوياكى شۇڭقاردە كەردى كۆكرەكنى،
شۇ ۋەھشىي مەلئۇنغا قىلچە تىز پۈكمەي.
يېرى يوق يوقسۇلنىڭ يېرى بولسۇن دەپ،
ھەم ئىگە قىلىشقا ئۆيگە - ماكانغا.
شۇ سەۋەب تۈپەيلى چەكتى رىيازەت،
مىلەندى ۋۇجۇدى زەردابقا، قانغا...>>.
سەندە يوق شەخسىيەت شائىر مۇتەللىپ،
ۋە لېكىن ئۆي –ماكان بولمىسا بولماس.
بارلىقى ۋەتەنگە ئاتالغان پەرزەنت،
ئەل – يۇرتنىڭ بەھرىگە تولمىسا بولماس.
ئاھ، نېچۈك ئۆيۈڭنى تاپالماي قالدىم،
قېنى ئۇ، سەن چىققان ئىشىك، دالانلار ؟!
قېنى ئۇ،گۈللەرگە تولغان باراڭلىق؟
ھە، ئۇنى ئېپكەتتى قايسى بورانلار ؟!
نېمىشقا پەرۋىشلەپ قالمىدى بىراۋ،
<<شائىرنىڭ ئۆيى بۇ>> دەپ ئۇلۇغ بىلىپ ؟
تاۋاپقا كەلگەندە، ياش بوغۇنلارغا،
كۆرسەتسە بولمامتى تەۋەررۈك قىلىپ.
كۆرگەندە ئۆيۈڭنىڭ ئىزىنى شائىر،
ئېھتىرام،ھۆرمەتتە ئېگىلدى بېشىم.
قەلبىمنى مۇجۇدى پۇشايمان – ھەسرەت،
كۆزۈمدىن سىرغىدى يامغۇردەك يېشىم...
گەر يىللار،ئەسىرلەر كارۋىنى ئۆتسۇن،
ئاۋرالنىڭ تاغلىرى ھەرگىز كۆچمەيدۇ.
قاش دەريا مەڭگۈگە ئاقماس ئارقىغا،
ئەي شائىر مۇتەللىپ ئىزىڭ ئۆچمەيدۇ.
1985-يىل، غۇلجا-قەشقەر
ئۆچمەس يۇلتۇز
ئابدۇساتتار ناسىرى
قانچە شائىر ئۆتتى جاھاندىن،
ياخشى-يامان ناملار قالدۇرۇپ.
بەزىلىرى زۇلمەتنى كۈيلەپ،
بەزىلىرى نەپرەت ياغدۇرۇپ.
بەزىلىرىسېغىنىپ روھقا،
ئۆتتى كىيىپ كۇلاھۇ – جەندە.
بەزىلىرى خان مەيلى ئۈچۈن،
چىمەنلەرنى قىلدى دەپسەندە.
بەزىلىرى ھايات دەشتىدە،
ئۆتتى تەگسىز قامغاقتەك ئۇچۇپ.
بەزىلىرى ئەلبەختى ئۈچۈن،
ياتتى يەرنى مەڭگۈلۈك قۇچۇپ.
بىزنىڭ شائىر ئوت يۈرەك لوتۇن،
ئۆتتى گويا چاقماقتەك چېقىپ.
ئۆتكۈزدى ئۇ قىسقا ئۆمرىنى،
جاھالەتكە قويماي ئوت يېقىپ !
ياۋ ئالدىدا قىلمىدى سەجدە ،
تىلىمىدى جىنلاردىن ساۋاب.
خائىنلارنى قىلدى شەرمەندە،
بەردى جەڭدە<< يىللارغا جاۋاب>>.
شېئىر ئۇنىڭ شەمشىرى ئىدى،
شېئىر ئىدى مىلتىق قورالى.
شېئىر ئىدى يېقىن سەبدىشى،
شېئىر ئىدى ساھىبجامالى.
ئۇ تىغ ئىدى خەتەر ئالدىدا،
كەمتەر ئىدى زەپەر ئالدىدا.
جاندىىن كەچكەن تاھىر ئىدى ئۇ،
ئاشىقى – خانزۆھرە ئالدىدا.
ئۇ، تەڭرىنىڭ چۈشۈرگەن بىزگە،
ئەجەپ سىرلىق ئۇلۇغ زاتىمۇ؟
تەبىئەتنىڭ ئىنسانىيەتكە،
قىلغان ئىزگۈ -ئىلتىپاتىمۇ؟
نەدىن كەلگەن ئۇندىكى قۇدرەت،
گاڭ ئىرادە،مەنىۋى چىدام ؟
نەدىن كەلگەن سۈتتەك پاك نىيەت،
بۈيۈك غايە ۋە شېئىرىي قاينام .
ياق دوستلىرىم،ئۇ ئاددىي ئىنسان،
(خىزىر ئەمەسياكى ئەۋلىيا.)
يۈكسەك ئىدى پەقەت تىلىكى،
قەلبى گويا بىرئۇلۇغ دەريا.
مۇقاملارغا باغلاپ چىن سۆيگۈ،
چەككەن ئىدى يۈرەك تارىنى .
<<خەمسە>>دىن غەرق مەست بولۇپ،
<<غەزەليات>>تىن تاپقان يارىنى.
ئۇ قەدىرلەپ ئانا تۇپراقنى،
گۈزەل قاشتىن ئىچكەن بال – شېكەر.
ئاق سۈت ئەمگەن بۇغدا ئانىدىن،
ئالغان مۇز تاغ ئاتادىن خەنجەر.
مەدەت ئىدى ئاڭا نوزۇگۇم،
مەدەت ئىدى سادىر قوشىقى.
مەدەت ئىدى باتۇر ھەر مىللەت،
مەدەت ئىدى ۋەتەن تۇپرىقى...
يېڭەلمىدى شۇڭا دار - قىلىچ،
يېڭەلمىدى ئۇنى كىشەنلەر.
يېڭەلمىدى سۈرگۈن ۋە قامال،
يېڭەلمىدى زەھەر – تىكەنلەر !
ياڭراپ قالدى ئوتلۇق ناخشىسى،
ۋەتەننىڭ كەڭ قۇچاقلىرىدا.
ياڭراپ قالدى مىلىيۇن يۈرەكنىڭ،
مەڭگۈ پۈتمەس قوشاقلىرىدا.
خەلق قەلبى ئالتۇن تارازا،
ئۆلچەيدىكەن ياخشى- ياماننى.
پۈچەكلىرى قالاركەن چېنىپ،
ئايرىغاندا دان ھەم ساماننى.
تاغ گۈلىنى تۆكسە سوغ شامال،
كۆكلەيدىكەن يەنە يىلتىزى.
ئېپكەتسىمۇ جىسمىنى يىللار،
ئۆچمەيدىكەن شېئىر يۇلتۇزى.
لوتۇن روھى –ئادالەت روھى،
شېئىريەتنىڭ ئالتۇن مۇنارى.
ئۇ، ياشلىقنىڭ ئۈلگىسى – شانى،
ئۇ، ئىجادىنىڭ سولماس باھارى.
1983-يىل دېكابىر، غۇلجا
شائىر ئۆلمىدى
جەمىلەم غوجەش
(لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ قەبرىسى پۈتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن)
مۇتەللىپ !
مۇتەللىپ !ئۆچمەس بۇ ئىسىم ،
ئورناشقان قەلبىمگە شۇنچە پەخىرلىك.
ئەسلىسەم بېرىدۇ زور غايەت ماڭا،
كى ۋەتەن ئوغلانى بولغاچ قەدىرلىك .
ئەسلىسەم مەن ئۇنى ئوقچۇپ ھاياجان،
دولقۇنلارقەلبىمدە باھار سۆيگۈسى.
شۇ سۆيگۈ مېھرىدە بولۇپ نامايان ،
چېلىشچان يىللارنىڭ باتۇر كۈيچىسى.
ئىنسانلار ھۆرلۈكى، ئەرك، بەختى ئۈچۈن،
تەقدىم قىپ ھاياتنى ( غۇنچە چېغىنى ).
تۈن يېرىپ ئىزلارنى باسقاندا لوتۇن،
سانچىدى جاھالەت قانلىق تىغىنى .
ئاز ياشاپ ياراتتى تۈمەن مىڭ تۆھپە،
قالدۇرۇپ ئەۋلادقا ئۆچمەس خاتىرە.
بېرىپ ئۇ،يىللارغا مەردانە جاۋاب،
ئىجادىي –شېئىردىن تىزدى گۈل – دەستە.
مۇناسىپ ئىسمىمۇ جىسمىغا ئەجەپ،
قويۇلغان شۇڭلاشقا << قاينام ئۆركىشى>>.
ۋەتەننىڭ ئوتيۈرەك ئۆلمەس ئوغلى دەپ،
ئېيتىدۇ تەشەككۈر ئاڭا ھەر كىشى .
ياتسىمۇ كۆزيۇمۇپ تۇپراقتا شائىر،
قالمىدى ئىزلىرى، ئەجرى كۆمۈلۈپ.
مەرىپەت كۆكىدەچاقنىدى ھازىر،
يورۇتۇپ دىللارنى ئۆچمەس نۇر بولۇپ.
ياق !
شائىر ئۆلمىدى، ئۇ مەڭگۈ ھايات،
ئۇ يىراق ئۇيقۇدىن، مەڭگۈ ئويغاق .
ئۇ، كۆرەش،ئىجادنىڭ گۈلزار بېغىدا،
ياشايدۇ بىزبىلەن ئەبەدىي ئۇزاق .
1982-يىل،ئاقسۇ-ئۈچتۇرپان.
سالام لۇتپۇللا
سالام لوتپۇللا ئەسلەيمەن سېنى،
بارسام قەبرەڭگە يوپۇق ياپايمەن.
قايسى يەر سېنى ئالدى قوينىگە،
قەبرەڭنى شائىر نەدىن سورايمەن.
ئاجايىپ قەيسەر، باتۇر ئىدىڭ سەن،
شۇڭا دۈشمەنلەركۆرەلمىگەنتى.
ھېچقانداق شائىر ئاشۇ كەمگىچە،
يىللارغا جاۋاپ بېرەلمىگەنتى.
(سەنچىلىك شائىر ئۇيغۇر نەسلىدىن،
تا بۇ كەمگىچە تۆرەلمىگەنتى.)*
سارغايدى يەرلەر ، باغۇ- بوستانلار،
ھالىدىن كېتىپ،كېسەل تارتقاندەك.
گۈلنىڭ بەرگىدىن بىلىندى ماڭا
شائىر مۇتەللىپ كېسەل تارتقاندەك.
مەرھۇم لوتپۇللا سۆيۈملۈك ئوغلان،
سېنى ياد ئېتىپ كەلدىم قەبرەڭگە.
كۈتكەن ئۈمۈدىڭ ياندى قەلبىمدە،
سېنىڭ ياشلىقىڭ قالدى نەۋرەڭگە.
سېنىڭ ياشلىقىڭ قارا يىللاردا،
گويا مەشئەلدەك يانغان ئوت ئىدى.
سېنىڭ ياشلىقىڭ ئەلنىڭ يولىدا،
دۈشمەن كۆكسىگە تەگكەن ئوق ئىدى.
سېنى شۇم پەلەك ئايرىدى ئەلدىن،
ئايرىدى بىزدىن-ئەۋلاتلىرىڭدىن.
سېنىڭ ئىزىڭدا ئۆچمەس قەدەملەر،
پەخىرلەن شائىر ئەجداتلىرىڭدىن.
تاڭلارغا ئايلىنىپ كەتتى جىسمىڭىز
ئابلەت ئەخمەت
-ل.مۇتەللىپ خاتىرىسىگە
بالىلىق ھىسلىرىم بولغاندا قىيام ،
شائىر دەپ تونۇدۇم سىزنى تۇنجى رەت .
شاۋقۇنلۇق تاڭلاردەك جۇشقۇن روھىڭىز ،
ئويغاتتى ھاياتقا قىزغىن مۇھەببەت .
روھىمدا كۆكلىدى ئارمانلىرىڭىز ،
تۇيغۇمدا شاخلاندى قىزغىن ھاياجان .
كۆيدۈردى شەبنەمدەك غۇبارسىز ھەۋەس ،
شىئىر دەپ شۇنچە يىل پىدا قىلدىم جان.
تاڭلارغا ئايلىنىپ كەتتى جىسمىڭىز ،
رەقىپلەر يول بەرمەي ئەردەك ياشاشقا .
چولپاندەك ياشاشقا چىدىماي زامان ،
خىيالچان تىلەكلەر تولدى كۆزياشقا .
يىگىرمە ئۈچ ياشتا نىمە قىلدىم دەپ ،
سورىسۇن ھەركىشى ئۆزىدىن پات-پات .
مەردانە روھىڭىز ئۇچماقتا ئەنە ،
مىسرالار تۈۋىدىن چىقىرىپ قانات .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-31 14:15