تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 25|ئىنكاس: 0

مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچىنىڭ ئىككىنچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 03:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچىنىڭ ئىككىنچىسى         

   مورس لول  

«يېڭى زىلاندىيە»

                          

مېنىڭ ھايات لوغىتىمدە پەقەت ئىككى كۈنلا مېنى مەڭگۈ ئازاپلىمايدۇ.     

بىرى-تۈنۈگۈن،سەۋەنلىك ۋە كوزياشلار،نادانلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە تولغان.لېكىن تۈنۈگۈن مەڭگۈلۈك يوقالغان ،دېڭىزنىڭ چوڭقۇر  قىتىغا كۆمۈلگەن،مەن ئۇنىڭغا ئامالسىز .   

                                             

يەنە بىرى-ئەتە،توسالغۇ ۋە تەھتىت،خەتەر  ۋە بەخىتسىزلىك بىلەن تولغان،لېكىن قۇياش يەنە بىر قىتىم كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى،مەن ئەتە ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلمايمەن،چۈنكى ئۇ تېخى دۇنياغا كەلمىگەن.  

        

خۇداغا شۈكرى بۈگۈنكى كۈننى مەھكەم تۇتۇم.بۇ بىر كۈنلۈك ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىمەن،ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىكھەر بىر مىنۇت،ھەر بىر سېكۇنۇتتىن تولۇق پايدىلىنىمەن ،پۈتۈن زىھنىمنى، تالانتىمنى،ئەقىل-پاراسىتىمنى ۋە تىرىشچانلىقىمنى  مەركەزلەشتۈرۈپ،مۇۋەپىقىيەتنىڭ ئالتۇن پەلىسىگە يۈرۈش قىلىمەن.  



مېنى ھېچقانداق نەرسە  ئىككىلەندۈرەلمەيدۇ،مېنى ھېچقانداق نەرسە توختىتالمايدۇ،مېنى ھېچىقانداق  نەرسە ئەسلىمە ۋە خىياللارنىڭ سايىسى ئىچىگە بەند قىلالمايدۇ.                                                               

مەن جەسەتكە ئوخشايدىغان تۈنۈگۈننڭ ۋە ئېغىر ئەتىنىڭ ئىچىگە غەرىق بولۇپ يۈرگەندىلا، ئاندىن ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىمەن .  ئاندىن مەغلۇبىيەتنىڭ  ئازابىنى تارتىمەن.   

                                 

خوشەمەتچى، قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ئادەملەردىن، ئارزۇ- ئارمانلارنى قەغەز يۈزىگە يېزىۋېلىپ،   چوڭ ئىشلارغا ئېسلىۋېلىپ،كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدىغان،  ھەركەت قىلىشنى خالىمايدىغان ساختىپەزلەردىن يىراق تۇرىمەن،   ئەجدادلىرىنىڭ شان-شەرەپ ۋە ئىمتىيازىنى دەسمايە  قىلىپ كىرىلىپ يۈرىدىغان،نادان، ئۆز بىشىمچى سۆلەتۋازلاردىن يىراق تۇرىمەن.



   بىر ئىشقا رايى بارمايدىغان،ھممە ئىشتىن ئاغرىنىپ يۈرۈيدىغان ناچار كەيپىيات بىلەن خوشلىشىمەن ،نومۇسسىزلارچە  ئاچ كۆزلۈك، شۆھرەت پەرەسلىك ۋە  قارا نىيەتلىكتىن  خوشلىشىمەن ، سېسىق پۇراق تارقىتىپ تۇرىدىغان،    قارا ۋاقىت ئچىدىن ئېقىپ چىقان ناپاك گۈللەردىن  خوشلىشىمەن،   مەڭگۈ كەينىمگە قارىمايمەن…      

                          

   ئېغىر يۈك ئاستىدىن قۇتۇلۇپ  چىقىمەن، قۇرۇق خىياللارنى  تاشلايمەن ،  يۈرۈكۈمنى توختۇتۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالىمەن،  قۇياشقا  قاراپ  مەمنۇنلۇق  ئىچىدە  كۈلىمەن.      سەگەك ، تېنچ  ۋە بىمالال كەيپىياتنى ساقلايمەن ،      ئۈمۈدۋار،   كەڭ قۇرساق ،ئوچۇق –يورۇق  ھالەتنى ساقلايمەن،      سەزگۈر، ئۆتكۈر،  يېڭى تەپەككۈرۈنى ساقلايمەن…  

                                                      

قىيىنچىلىقتىن ئادەملەردىن قورۇقمايمەن ،ھەم ئۆزۈمنى چوڭمۇ تۇتمايمەن،    پەسمۇ تۇتمايمەن،  ئېتىقادىم؛   مېنى ئۆزۈمدىن باشقا ئادەم مەنسىتمەسلىككە جۈرەت قىلالمايدۇ.                                            

ئايىغى چىقماس قۇرۇق  خىيالدىن زىھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ  بىرەر ئىشنى  پۈتۈرگەن ئەلا،  ئەڭ كچىك ئىش بولسىمۇ مەيلى.   

   

  تەڭرى ماڭا بىر جۇپ پۇت بەرگەن، مېنى يول ماڭسۇن دەپ؛   ماڭا بىر  

جۇپ كۆز بەرگەن ، مېنى شەيىئىلەرنى كۆرسۇن دەپ؛       ماڭا بىر يۈرەك بەرگەن مىھىر مۇھەبىتىنى  ئىپادىلىسۇب دەپ؛       شۇڭا مەن بىر جۇپ پۇتۇمدىن ياخشى پايدىلىنىمەن،     ئۇنى بىكار تۇرغۇزمايمەن؛   

   ئىككى كۆزۈمدىن ياخشى پايدىلىنىمەن،   ئۇلارنى يۇمۇۋالمايمەن،    يۈرگۈمدىن ئوبدان پايدىلىنىمەن ، ئۇ  بىخۇد ھالەتتە تۇرمايدۇ..                  

ئۆزۈمگە توختىماي  يېڭى نىشان بىكىتىپ  تۇرىمەن .    بۇ ئالەمنىڭ چېكى يوق .      ئەڭ  گۈزەل  مەنزىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن،   توختىماي ئىلگىرىلەشكە ،   قاتمۇ-قات   تاغلاردىن   ھالقىپ  ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.           ئاسماندىكى گۈزەل توزدىن ،  قولۇمدىكى  قۇشقاچ ئەلا،          ھەرقانچە گۈزەل  خىيالنىڭمۇ بىر پارچە ئاق قەغەزدەك ئەمەلىي قىممىتى يوق.  



         شۇڭا مەن ئەمەلىيەتكە  ماس كەلمەيدىغان  خىياللارنى تاشلايمەن.     يېنىمدىكى ئىشلار مەيلى قانچىلىك تەس ھەم قول تۇتىدىغان بولسۇن،     ئۇنى پۇختا ئورۇنلايمەن.         باشقىلارنىڭمۇ مۇۋەپەقىيىتى تەلەيدىن كەلگەن ئەمەس،     باشقىلارنىڭ ئاقۇزغان تەرىنى مەن كۆرمىدىم،       بۇ خۇددى چىرايلىق ئېچىلغان بىر تال گۈلنى كۆرۈپ تۇرساممۇ،        ئۇ ئېچىلىشتىن ئىلگىرى قانداق ئەجىر سىڭدۈرگىنىنى  بىلمىگەنگە ئوخشاش ئىش.



مەن قويۇق ھەسەل شەربىتىنى  ھوزۇرلۇنۇپ ئىچىۋاتقاندا،    ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ۋە قىيىنچىلىقىنى ھېس قىلالىدىممۇ؟



  بۈگۈنكى خىزمەتنىڭ ئۆزى يىنېك ئەمەس،   ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپىرىپ  ئەتىكى  ئېغىر  مەسۇلىيەتنى يۈكلىۋالساق،      ھاياتىمىز  بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ.  ئارتۇقچە يۈك كۆپ ھالاردا بىر ئىشنىڭ  مەغلۇپ  بولىشىغا  سەۋەپ  بولۇپ  قالىدۇ…



بۈگۈننى  قەدىرلەيمەن،  پۇشايماندىن  ئادا- جۇدا بولىمەن. كىشىلىك  ھايات  يولىنى  قايتا  ماڭغىلى  بولمايدۇ .    ئەگەر بىرەر قەدەمنى خاتا   بېسىپ  قويساڭ،     ھەرگىز پۇشايمان قىلما. پۇشايمان ئىلكىدە     ئىرادەڭنى  خوراتقاندىن،    ئالدىڭدىكى ھەر بىر ئىشقا يورۇق    كۆڭۈلۈك  بىلەن   مۇئامىلە  قىلغىنىڭ   تۈزۈك.



مەغلۇبىيەتكە     رەھمەت ئېيىتقىن،    چۈنكى قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان  ئىش  ۋە  ئەڭ  ئاسان  قىلغىلى  بولىدىغان   ئىش كۆپ ھالاردا مەغلۇبىيەتتن تەس بولىدۇ…                                                  

                   مەنبە؛                                         

        ياۋرۇپا سودا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان  رىغبەتلەندۈرگۈچ مۇقەدەس كىتاپ؛  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 04:19 , Processed in 0.071224 second(s), 10 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش