كۆرۈش: 941|ئىنكاس: 23

بىر قېتىملىق لېكسىيە ۋە ئىككى قېتىملىق سۆھبەتتىن خۇلاسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1090
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 516
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 18:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            بىر قېتىملىق لېكسىيە ۋە ئىككى قېتىملىق سۆھبەتتىن خۇلاسە
# e; b$ O- ~4 V: S& a! D: X  h8 }9 [3 c+ k( R7 c
   ئەسسالام يازغۇچىلار تورىدىكى ئەزىز  قېرىنداشلار، كەمىنە تاھىرخالىقتىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !
. t7 `/ u2 S# a$ M7 ~; N6 o   بەلكىم ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، مەن ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مۇنبەرگە شىنجاڭ بىلكۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئازاد سۇلتان مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسى ھەمدە يازغۇچى پەرھات جىلان ۋە ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر خەۋەرنى يوللىغان ئىدىم. ئەمما، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يىل ئاخىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پائالىيەتنىڭ خەۋىرىنى تورغا ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم. يېڭى بولۇش، تېز بولۇش، چىن بولۇش - خەۋەرنىڭ جېنى، ئەلۋەتتە!   مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلاردىن ئەپۇ سورايمەن. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ بىر مۇھىم ئۇچرىشىش ۋە ئەدىبلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن، پائالىيەت مەزمۇنىنى كېچىكىپ بولسىمۇ تورغا يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .
" D" r7 Z% y1 ?* w. \  بىرىنچى قېتىم تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمان: بىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازىمىز، تىل- ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە تالاي دوكتور ۋە ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا زور يۈكسىلىش ۋە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلگەن ئازاد سۇلتان مۇئەللىم .
: K* L; R9 f& m  ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق سۆھبەتلەرنىڭ ئەزىز مېھمىنى ۋە قەلەم ساھىبلىرى بولسا، « مەھمۇد كاشغەرى»، «ئورخۇن شەجەرىسى»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى» قاتارلىق داڭلىق رومانلارنىڭ مۇئەللىپى، ئەل سۆيگەن تالانتلىق يازغۇچىمىز پەرھات جىلان ئاكا ۋە «باھادىرنامە»، «جاللات خېنىم» قاتارلىق نادىر رومانلىرى بىلەن ئەل قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان  ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان.
8 m# I1 R$ |2 j3 g   مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ ئۈچ ئەدىبنىڭ نەق مەيداندىكى ئوقۇرمەنلەرگە بەرگەن ئورتاق تەسىرى شۇ بولدىكى ، بۇلارنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە سۆھبەت جەريانىدىكى بايانلىرى دەبدەبىلىك، قۇرۇق ھاياجاندىن خالىي ھالدا، سەمىمىي ۋە ئىلمىي كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتكە داخىل بولغانلارمۇ ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت كەچۈرمىشلىرى، ئىجادىيەت خاسلىقى، ھەربىر ئەسەرنى يېزىش جەريانىدىكى جاپالىق، ئەمما سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇلاردىكى كەمتەر روھتىن ئۆزلىرىگە مول مەنىۋى ئوزۇق ئالدى (  ئۆزۈم شەخسەن شۇنداق قارىدىم) . 3 ^$ _( M* H8 K( |
  مەن بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە، مۇشۇنىڭ بىلەن دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ۋە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئۈچ ئەدىب ۋە يازغۇچىلىرىمىزنى قوشقاندا جەمئىي بەش قېتىملىق لېكسىيە ۋە سۆھبەتكە داخىل بولدۇم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ھەم سۆيۈندۈرگىنى، ھەر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم يۇرت ئاتلاپ كەلگەن ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوماق پەرزەنتلىرىنى لېكسىيە ئاڭلاشقا بىللە ئېلىپ كەلگەنلىكى بولدى. مانا بۇ بىز ئۇيغۇرلاردىكى قەدىرلەشكە ھەم مەدھىيەلەشكە تېگىشلىك ئالىيجاناب روھ، شۇنداقلا ئەدىب ۋە يازغۇچىلىرىمىزغا ، نادىر كىتابلىرىمىزغا قىلىنغان ئالىي ھۆرمەت.
# S- J7 h; d* i; m. q. ^' j' ~1 P بۇ ئۈچ قېتىملىق سۆھبەتتىن ئالغان تەسىراتىمنى تەرتىپ بويىچە قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۆتسەم، بۇلارنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
2 f* o0 A! w$ v. y   بىرىنچى قېتىملىق لېكسىيەدە، ئۇستاز ئازاد سۇلتان مۇئەللىم ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ھايات كەچۈرمىشلىرىنى نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ ناھايىتى راۋان ھەم ئوبرازلىق بايان قىلىپ بەردى. بۇ مېنىڭ ئازاد مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىنى تۇنجى قېتىم نەق مەيداندىن ئاڭلىشىم بولغاچقا، مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى تولىمۇ ھاياجان ھەم قىزىقىش ئىچىدە ئاڭلىدىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ سۆزلەشنى تاللىماي، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھالدا مۇنبەردە ئۆرە تۇرۇپ (ئارىلىقتا دەممۇ ئالماي)، ئۇدا ئۈچ سائەتكە يېقىن نۇتۇق سۆزلىشى مېنى بەكرەك ھەيران قالدۇردى ھەم ھاياجانلاندۇردى. مانا بۇنى ھەقىقىي ئۇستاز روھى دېسەك ئارتۇق كەتمەس، ئەلۋەتتە !
$ A8 q/ {+ j, I& j: ^/ h   ئازاد مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى بەكلا كۆپ ئىكەن؛ ئازاد مۇئەللىم ئۆز مىللىتىنى ئاغزىدا ئەمەس، ئەكسىچە ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق يۈرىكىدىن سۆيىدىكەن. ئازاد مۇئەللىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ مۇشۇنداق  مول ۋە ئۇنىۋېرسال نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىدە، ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ يېتىلدۈرگەن كىتاب ئوقۇش، كىتابنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش روھى مۇھىم رول ئويناپتۇ. مېنىڭچىمۇ، كىتاب ئەڭ بۈيۈك ھەم ئۇلۇغ ئۇستاز . ئۇنىڭ ئورنىنى ئىنتېرنېت ، تور ئەدەبىياتى ۋە بۈگۈنكى مودا بولۇۋاتقان ئۈندىدار مەڭگۈ بېسىپ بولالمايدۇ. كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ رولى توغرىلىق بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمىساممۇ بولار. چۈنكى، ئىنسانىيەت 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇپ، ئىلىم –مەرىپەت ۋە مائارىپنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلىنىشىدا، كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە قايتا-قايتا تەكىتلەپ ئولتۇرۇش، بىزدەك كىتاب بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، كىتابخۇمار قوۋمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن نومۇس دەپ ئويلۇدۇم! مېنىڭ بۇ توغرىلىق ئايرىم ماقالە يېزىش ئويۇم بولغاچقا، بۇ يەردە بەك تەپسىلىي توختالمايمەن!
% S* ^0 t/ H6 C1 d0 h  Z0 ?0 X% P قىسقىسى، ئازاد سۇلتان مۇئەللىم لېكسىيەسىدە مائارىپ، ئىلىم-پەن، مىللىي كىملىك، كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ مۇھىملىقى، يازغۇچىلارنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلاردا ئەتراپلىق ۋە قايىل قىلارلىق سۆزلىدى. سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىمۇ ئۇستازدىن ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ھەم كۆڭلىدە تۈگۈن بولۇپ تۇرغان نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى سوراپ قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشتى.* c3 c7 A6 l4 {; c: b
ئەمدى يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكىنىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە كەلسەك، پەرھات جىلان ئاكىمۇ ئۆزىنىڭ «مەھمۇد كاشغەرى»رومانىنى يېزىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن تارىخىي ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ بەردى. مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى شۇ بولدىكى، پەرھات جىلان ئاكىنىڭ ئاتىسى (ئەپسۇس، ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ) ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر پەرزەنتى ئەخمەتجان قاسىمىغا خۇسۇسىي كاتىپ بولغان ئادەم ئىكەن. بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلاپ ھەممىمىزنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدى. پەرھات جىلان ئاكىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولدىكى، ئۇ رۇس تىلىغا ناھايىتى پىششىق ئىكەن. ئۇنىڭدىكى دەل مۇشۇ ئارتۇقچىلىق ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىدە ۋە تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپتۇ. دېمىسىمۇ دانالىرىمىز « تىل بايلىقى - دىل بايلىقى» دەپ بەك توغرا ئېيتقانىكەن . پەرھات جىلان ئاكا كۆرۈنۈشتە كەم سۆز ، ئەمما سالماق ، ئەقىللىك كىشى ئىكەن . پەرھاتكامنىڭ قىسقا بايانلىرىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىنكاسى تېز ھەم زېرەك رىياسەتچىمىز كۈرەش بارات پەرھاتكامنىڭ ئاغزىنى «غېرىچلاپ» يۈرۈپ، ئۇنى تۈرلۈك سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بەرگۈزدى. پەرھات جىلان ئاكىمۇ كۆرگەنلىرى ۋە بىلىدىغانلىرى ئاساسىدا نەق مەيداندىكى ئوقۇرمەنلەرگە ياخشى سۆزلەپ بەردى. ئاڭلىغۇچىلارمۇ پەرھات ئاكىدىن «مەھمۇد كاشغەرى» رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئويلىغانلىرى ۋە تەسىراتلىرى ئاساسىدا تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى. پەرھات جىلان ئاكا  ئەڭ ئاۋۋال بىر تىلشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن، مېنىڭ ئۇيغۇر تىلى، ئىملا ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت سورىغان سوئاللىرىمغىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل جاۋاب بەردى. «ئاغزى ئىتتىك»، سەزگۈر رىياسەتچىمىز كۈرەش بارات، پەرھات جىلان ئاكىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا خۇسۇسىي كاتىپ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنىڭغا ئەخمەتجان قاسىمى توغرىلىق بىرەر رومان يېزىپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىۋىدى، پەرھات جىلان ئاكا ئىمكانىيەت ۋە قەلەم قۇۋۋىتى يار بەرسە چوقۇم ئويلىشىپ باقىدىغانلىقىنى ھەم تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۈرەش باراتنىڭ بۇ تەكلىپى سورۇندىكى ھەممەيلەننى ھاياجانلاندۇردى ھەم سۆيۈندۈردى. پەرھات جىلان ئاكا سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئۇلۇغ يازغۇچىمىز ھەم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن(ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى تىل تەتقىقات ئورنىدا) چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىنتايىن پەزىلەتلىك بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە كۆپ جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقىنىمۇ ئەسلەپ ئۆتتى. مەنمۇ ئالىم، ئۇلۇغ يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بىباھا تەرىپلىرىنى كۆپ ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن شۇ دەقىقىدە قەلبىم بىر ھازا لەرزىگە كەلدى. چۈنكى، بىزدە پەزىلەت ھەم بىلىمدە تەڭ كامالەتكە يەتكەن ئەدىبلەر ناھايىتى ئاز. شۇنداقلا بۇخىل روھنى تەڭ يېتىلدۈرمەكمۇ  بىر بەندە ئۈچۈن مۈشكۈل ئىش. شۇڭا، بىلىملىكلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، پەزىلەتلىكلەر تۇتىيا بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك خەلق قەلبىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن پەزىلەت ساھىبلىرىنىڭ يارقىن سىماسى بىز ئۈچۈن مەڭگۈ يىقىلماس ئابىدە، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.  ئومۇمەن، بۇ قېتىمقى سۆھبەتمۇ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تاماملاندى. 9 _" Q- P% x( m. t( K: ?
     ئەمدى، ئەڭ ئاخىرقى سۆھبەت ساھىبى، ئۆزىگە 160 يىللىق زىل ھەم مۇرەككەپ تارىخنى مۇجەسسەم قىلغان «باھادىرنامە»دىن ئىبارەت ئالتە توملۇق تارىخىي روماننى يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زىل-زىل قوزغىغان ئىستېداتلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ سۆھبىتىگە كەلسەك، بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە يازغۇچىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، قابىل رەھبەر، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئەخمەت كىبىر، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان، « شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى پولات غەنىزات  قاتارلىق زىيالىيلارمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتناشقان ئادەم سانى ئىلگىرىكى قېتىمقىلاردىن ئالاھىدە كۆپ بولدى. ئاۋۋال، رىياسەتچى كۈرەش بارات ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت مۇساپىسى توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئاپتور ياسىنجان سادىق چوغلان « باھادىرنامە» نى يېزىش، ماتېرىيال توپلاش جەريانىدىكى ئەگرى-توقاي مۇساپىلەرنى، رومان  نەشىر قىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلار، روماندىكى تارىخىي شەخسلەرنىڭ يارىتىلىش ئۇسلۇبى، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ كەسپىي يازغۇچى بولۇش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى پاكىتلىق ھەم كەمتەرلىك بىلەن بايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى ئوقۇرمەنلەرنى يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچى ۋە غەيرىتى ھەربىر سۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ تۆھپىكار يازغۇچىمىزمۇ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە ئۆزىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقان خەلقىگە   تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. * y0 ?% I* _6 {% C9 p% |
مەن يۇقىرىقى ئۈچ ئەدىبنىڭ لېكسىيەسى ھەم سۆھبىتىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، ئىنساننىڭ ۋە ھاياتنىڭ قىممىتى ئەلگە نەپ بېرىشتە، توختاۋسىز ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش  روھىدا ئىكەن؛ كەمتەرلىكنى ئۇستاز، ۋىجداننى قاراۋۇل، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى تۈپ نىشان قىلغان  ھەرقانداق يازغۇچى خەلقنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالماي قالمايدىكەن.
& _8 w4 w0 w' [" P* B* m) Y  يۇقىرقى ئۈچ ئەدىبنىڭ كەمتەر ۋە سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىدىن شۇنداق بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كەلدى. قولىغا قەلەم ئالغىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، خەلىققە نەپ بەرگۈدەك بىرەر پارچە ئەسەر سۇنۇپ باقمىغانلارغا سەمىمىي تەكلىپىم شۇكى: كۆپرەك ئۆگىنەيلى؛ كۆپرەك ئىزدىنەيلى؛ كۆپرەك تەپەككۇر قىلايلى؛ پىشمىغان ئەسەرنى نام-شۆھرەت تاماسىدا مەتبۇئاتلارغا ئالدىراپ سۇنمايلى؛ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشنى، بولۇپمۇ مىللەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقانلارنىڭ ھايات چېغىدا كۆپرەك قەدرىنى قىلايلى، ئۇلارنى قوللايلى، مەدەت بېرەيلى؛ ياراملىق يازغۇچى - شائىر بولالمايدىغانلىقىمىزغا كۆزىمىز يەتكەنلەر ھەم بۇ  كوچىدا تەمتىلەپ يۈرۈۋاتقانلار ئەدەبىياتنىڭ كوچىسىنى پاخاللاشتۇرماي، ئەڭ ياخشىسى ئىخلاسمەن ۋە مەسئۇلىيەتچان ئوقۇرمەن بولۇشقا تىرىشايلى! چۈنكى، پۇچەك ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئالدىماسلىقنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىق.7 X$ P+ _7 v# J/ ^' i9 X
ئەلۋەتتە، ئەدەبىيات ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن ھەرقانداق بىرەيلەننىڭ يېزىش ھەم يازغانلىرىنى ئېلان قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار. ئەمما، يازايلى ، ئاز، ساز يازايلى؛ خەلقنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە ، تەپەككۇرىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك يازايلى؛ ياخشى يازالمىساق، باشقىلارنىڭكىدىن بەدىئىي زوق ئالايلى!  ! g+ n1 k- `! X' K4 r( D
                                                                                  تاھىرخالىق خەۋىرى ھەم فوتوسى
) _. e4 X! o% b0 D& A: h6 C& R  تۆۋەندىكىسى يۇقىرىقى ئۈچ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرى:
8 f* a, w6 N# Q! C8 R! w" d! E/ _0 x3 a, U$ F/ I8 \
سۈرەتلەر تەرتىپ بويىچە يوللاندى .7 |. D# |1 V* r2 S8 `6 H- v
4 e; U* Z7 b' i5 H* V. Q/ Z
0 Z7 l8 V! }2 v" g
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 21:10  
. X) j9 L) Z* C4 Q( R. o9 r! {5 |' a! o) G5 D; [

كىتاب ئوقۇش - روھنىڭ غىزاسى ، ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى ، مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1090
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 516
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 18:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئازاد سۇلتان مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىدىن كۆرۈنۈشلەر

azat muallim2.jpg
azat muallim3.jpg
azat muallim4.jpg
azat muallim1.jpg
azat muallim5.jpg
azat muallim9.jpg
azat muallim8.jpg
azat muallim10.jpg
azat muallim11.jpg
azat muallim12.jpg
azat muallim13.jpg
azat muallim14.jpg
azat muallim15.jpg
azat muallim16.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 19:07  
) ?% M' H# [9 g2 D. V: ~1 m2 p; l! I. q0 E

azat muallim7.jpg
azat muallim6.jpg
كىتاب ئوقۇش - روھنىڭ غىزاسى ، ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى ، مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1090
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 516
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 18:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكىنىڭ سۆھبىتىدىن خاتىرىلەر

parhat jilan3.jpg
parhat jilan4.jpg
parhat jilan1.jpg
parhat jilan2.jpg
parhat jilan 5-1.jpg
11.jpg
15.jpg
parhat jilan 2-2.jpg
parhat jilan5.jpg
parhat jilan7.jpg
parhat jilan 6.jpg
9 (2).jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 19:32  
7 i# @- x. Q: J" f4 Q. j; |  ~/ I5 b8 L* r- X& u- R8 J. @

كىتاب ئوقۇش - روھنىڭ غىزاسى ، ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى ، مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1090
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 516
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 18:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ سۆھبىتىدىن كۆرۈنۈشلەر


# s( _+ q% g4 w( }3 U! H" [2 _6 k) {  k/ F& L
1_副本_副本1.jpg
02.jpg
4_副本2.jpg
05.jpg
09.jpg
10.jpg
17.jpg
18.jpg
20.jpg
22.jpg
37.jpg
39.jpg
42.jpg
45.jpg
49.jpg
50.jpg
51.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 19:39  
) v2 G) M+ N; N0 J
- ]8 @2 e& v8 y' }( U
كىتاب ئوقۇش - روھنىڭ غىزاسى ، ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى ، مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1090
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 516
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 18:51:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنى ئەپسۇسلاندۇرغان بىر ئىش    


$ F! P& h: k9 ^5 J8 Z2 _$ sبۇ ئۈچ قېتىملىق لېكسىيە ۋە سۆھبەتكە بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خېلى داڭلىق تاراتقۇلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى  مۇخبىر ياكى ئوپىراتور ئەۋەتمىدى، پەقەتلا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبىتىگە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىسى مەخسۇس مۇخبىر ئەۋەتىپ، «شەھەر خاتىرىسى» پىروگىراممىسىدا بار - يوقنىڭ ئورنىدىلا چالا -پۇچۇق خەۋەر قىلدى ، خالاس . «ھەممە ئادەمگە بەرسە ياخشى، ئاخۇنۇمغا مەسە ياخشى» دېگەندەك، ھازىرقى تاراتقۇلارنىڭ نېمە كويدا يۈرىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن . مېنىڭچە،  ئۇلار ئەلۋەتتە پۇلنى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدۇ ! ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى كۆزلەيدىغان ، خالىس تەشۋىقات قىلىدىغان تاراتقۇلار يوقنىڭ ئورنىدا . ئۇلار نەدىكى بىر ھەسەل زاۋۇۇتى،   ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ قىيامى زاۋۇتى، مەشرەپ ، ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ پۇل تاپسا تاپىدۇكى، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك، ئىلىمدارلار توپلانغان ئىلمىي پائالىيەتلەرگە چولىسى يوق .   2 v7 t6 T" d$ s. g2 x% B# N8 u
  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشكە بولىدۇكى، ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى تاراتقۇلار ھامان بىر كۈنى پۇقراۋىي تاراتقۇلار تەرىپىدىن ۋەيران بولىدۇ، بۇنىڭغىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى!  مەنمۇ بۇ پائالىيەتلەرنى خالىس خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتىمەن ، مېنىڭ « شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى» بىلەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتىم يوق . قولۇمدا رەسىم ئاپپاراتى ، يۈرىكىمدە «ئۇيغۇرلار» بولغاچقىلا قىلىۋاتىمەن بۇ ئىشنى ! بۇ ھەم ئۆزۈمنى يېزىقچىلىق ھەم فوتوگرافىيە جەھەتتىن چېنىقتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق ، ئەلۋەتتە ! ياخشى  ھەم خەيىرلىك ئىشلارنى قوللاش ھەممىمىزدىن باشلانغۇسى !& G- ~8 e3 M0 L" w

$ r) b1 O* H; p7 F: r7 N& O( H
6 k& e6 V1 ]8 _: I4 G6 R9 b9 A; S! o2 q" w

: m6 L5 u" Z: S, k0 N0 i
1 x& I) L- X, \. U. I( r; E* f' Y/ C$ l' I+ t- z  a! Z
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 21:23  
) S, R  q7 c' x& p  [# r! ~' z% s# C
0 {/ M' l/ h: i8 C1 L

كىتاب ئوقۇش - روھنىڭ غىزاسى ، ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى ، مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3637
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 610
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 19:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىن فىلىمىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىزچۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  249
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1077
تۆھپە : 15
توردا: 282
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 20:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، بولسا ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكىمىزنىڭ «باھادىرنامە» نىڭ ئاخىرقى تۆت توم مەسلىسى، پەرھان جىلان ئاكىمىزنىڭ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان رومانى توغرىلىق ئۇچۇر بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن، يوللىغۇچىنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىغا كۆپ رەھمەت !

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6574
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3625
تۆھپە : 0
توردا: 417
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 22:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر خالىق ئەپەندىنىڭ بۇ ئەمگىكى ناھايتى تەپسىلى ھەم ئىخچام سۈزۈك تىللىرى ئارقىلىق يورتىلىپتۇ ،مەن قىزىقىۋاتقان ،باراي دەپمۇ بارالمىغان بۇ كاتتا لىكسىيەنىڭ مەزمۇندىن خەۋەر بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى خۇش ھىس قىلۋاتىمەن ،ئەدىب يازغۇچى ،ھەم تەتقىقاتچى ئۇستازلىمىزدىن ئازات سۇلتان ،پەرھات جىلان ،ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىق ئەپەندىلەرنىڭ تىنىگە سالامەت ،ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !ھارمىغايسىزلەر ئۇستازلار !تاھىر خالىق ئەپەندىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاپىرىن !رىياسەتچى كۆرەش بارات ئەپەندىگە ،بىلكۈچ كىتابخانىسنىڭ مەسئۇلىغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئىيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن .

ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5041
تۆھپە : 10
توردا: 1766
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 22:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئېيتىلىشىچە، باھادىر ئوغلان ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «باھادىرنامە» نىڭ ئاخىرقى تۆت تومىمۇ يېزىپ تاماملىنىپ نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خۇشخەۋەر بولغانىدى. شۇنداق بولغاندا، بۇ ئەسەر ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ.. {! t; ]. V6 |2 H7 z
  ياسىنجاننىڭ تېنى سالامەت، ئىجادىيىتى سەمەرىلىك بولغاي.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 1339
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5059
تۆھپە : 14
توردا: 1576
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 11:09:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازاد سۇلتان مۇئەللىم ،  پەرھات جىلان ئەپەندىم  ۋە ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىقلار  بىز ئەدىبىيات ھەۋەسكارلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، ئەڭ يېقىنىمىز دەپ بىلىدىغان مۆتىۋەرلىرىمىز !!!  مۆتىۋەرلىرىمىز -  بىزنىڭ شۇنداقلا مىللەتنىڭ يارىشىقى!!!!!!!!! G  E" H* x( b  S9 R) `
6 B# y1 ]2 u- l' V( J3 a
مۇشۇنداق بىلىملىك ،ساپالىق ئادەملەر بىلەن ھەمسۆبەت بولوشنىڭ ئۆزى بەخىت .0 {' G" ~4 f/ G1 {) B
$ @1 d2 e5 `  P5 E: X
بو لىكسىيەنى نەخمەيداندا ئاڭلىغان ئاڭلىغۇچىلارغا ھەجەپمو ھەۋىسىم كەلدى .) L2 ~6 U. u& T" i8 @) D( K. V

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا قازمىسا نىمە پايدا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4378
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 18:44:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇلىشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن.  i1 b/ g2 ?8 u7 u3 i
تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۈر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1090
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 516
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 20:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامچە0909 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 19:36 / Q4 j" x8 M& y/ c0 }4 n# H
سىن فىلىمىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىزچۇ
1 z! U' S( `5 j/ n8 K
    ھەي ...  بۇنىڭغا نېمە دېسەم بولار ئەمدى !؟ بۇ ئۈچ قېتىملىق لېكسىيە ۋە سۆھبەتكە بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خېلى داڭلىق تاراتقۇلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى  مۇخبىر ياكى ئوپىراتور ئەۋەتمىدى، پەقەتلا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبىتىگە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىسى مەخسۇس مۇخبىر ئەۋەتىپ، «شەھەر خاتىرىسى» پىروگىراممىسىدا بار - يوقنىڭ ئورنىدىلا چالا -پۇچۇق خەۋەر قىلىپ قويدى، خالاس. «ھەممە ئادەمگە بەرسە ياخشى، ئاخۇنۇمغا مەسە ياخشى» دېگەندەك، ھازىرقى تاراتقۇلارنىڭ نېمە كويدا يۈرىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن . مېنىڭچە،  ئۇلار ئەلۋەتتە پۇلنى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدۇ ! ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى كۆزلەيدىغان ، خالىس تەشۋىقات قىلىدىغان تاراتقۇلار يوقنىڭ ئورنىدا . ئۇلار نەدىكى بىر ھەسەل زاۋۇۇتى ،  ئاچچىقسۇ ، قىزىلمۇچ قىيامى زاۋۇتى، مەشرەپ ، ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ پۇل تاپسا تاپىدۇكى، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك، ئىلىمدارلار توپلانغان ئىلمىي پائالىيەتلەرگە چولىسى يوق . شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشكە بولىدۇكى، ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى تاراتقۇلار ھامان بىر كۈنى پۇقراۋىي تاراتقۇلار تەرىپىدىن ۋەيران بولىدۇ، بۇنىڭغىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى!  مەنمۇ بۇ پائالىيەتلەرنى خالىس خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتىمەن ، مېنىڭ « شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى» بىلەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتىم يوق . قولۇمدا رەسىم ئاپپاراتى ، يۈرىكىمدە «ئۇيغۇرلار» بولغاچقىلا قىلىۋاتىمەن بۇ ئىشنى ! بۇ ھەم ئۆزۈمنى يېزىقچىلىق ھەم فوتوگرافىيە جەھەتتىن چېنىقتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق ، ئەلۋەتتە !" N5 W( W9 V. W! d
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرخالىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 20:23  - v0 q% D+ E/ z: Y4 R+ l' y/ v
' j+ u+ P! |1 B1 {- w3 A$ D4 q; }; t

كىتاب ئوقۇش - روھنىڭ غىزاسى ، ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى ، مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر !
bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3126
تۆھپە : 32
توردا: 729
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-18

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 21:05:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تاھىر ئەپەندى مەيۈسلەمەڭ. مانا مۇشۇ مۇنبەرمۇ بىر خىل تاراتقۇ. مۇشۇ يەردە بولسىمۇ ئەمگەك قىلىپ تۇرايلى. مانا بىز، مۇشۇ مۇنبەردىكى كۆپچىلىك سىزنى قوللايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3637
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 610
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 12:52:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرخالىق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 20:13 % u5 @1 D& u; ]; {6 w, L6 e2 }
ھەي ...  بۇنىڭغا نېمە دېسەم بولار ئەمدى !؟ بۇ ئۈچ قېتىم ...

, m9 h5 ]1 Y2 M0 Bئەپسۇسلىق ئىچىدە قالدۇرغان ئىنكاسىم ،سىزنىڭ ئۇيغۇرۇم دەپ ئىزتىراپ چىكىۋاتقان يۈرۈكىڭىزدىكى ئازاپلىرىڭىزنى ئازاپلاپ قويۇپتۇ . قېرىندىشىڭىزنىڭ مەقسەتسىز ئىنكاسىنى توغرا چۈشۈنىشىنىڭزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.ئۇيغۇرۇم دەپ كۆيۈۋاتقان يۈرۈكىڭىز قاراڭغۇ دىل خانىلەرنى يۇرۇتقىسى،نىيەتلىرىڭىز قەدەمدە نۇسرەت تاپقۇسى...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3982
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6136
تۆھپە : 0
توردا: 912
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 19:10:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلىببە ؟
  ~9 Z  \$ @/ j- J, y- v7 s
2 e% G# s  `; x; ^6 M

مەن ئۆزەمگە ئامانى دەپ تەخەللۇس قويغۇم بار ، شۇ سەۋەپتىن ئامانى دىگەن ئىسىم بىلەن تىزىملاتتىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش