يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 17

م. قۇربان: كىتاب مۇقاۋا، ماۋزۇلىرىدىكى ئىملا خاتالىقلىرى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىتاب مۇقاۋا-ماۋزۇلىرىدىكى ئىملا خاتالىقلىرى توغرىسىدا

مۇھەممەتئىمىن قۇربان


قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مۇقىم مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە. 20–ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى مەخسۇس كىتاب كۆچۈرۈشتە قوللىنىلغان. بىراق، 20–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ مەتبە تېخنىكىسىنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى بىلەن خەتتاتلىقنىڭ ئورنى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قايتىدىن گۈللىنىپ، مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ھەر خىل نۇسخىلاردا ئىملا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپ، خەتتاتلىقنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر خەتتاتلىقى، ئىملا خاتالىقى، كىتاب مۇقاۋىسى

خەتتاتلىق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدىكى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان سەنئەت تۈرى. خەتتاتلىقتا ھەرپ گۈزەللىكى ئارقىلىق ”ئوبراز“ يارىتىلىدۇ. خەتتاتلىقنىڭ يېزىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يېزىق خەتتاتلىقنى مەيدانغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ”ھازىر دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە، مۇقىم ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىككى خەتتاتلىق سىستېمىسى بار. بىرى، خەنزۇ يېزىقى ئاساسىدىكى جۇڭگو خەتتاتلىقى ھەمدە خەنزۇ يېزىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەن يېزىقلارنى ئىشلىتىدىغان شەرقىي-ئاسىيا، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى مىللەتلەر، ئەللەرنىڭ خەتتاتلىقى. يەنە بىرى، ئەرەب يېزىقى ۋە شۇ يېزىق ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقلارنى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ خەتتاتلىقى.“ (ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر»، شىنجاڭ سەنئىتى، 2002-يىللىق 4–سان) ئۇيغۇر خەتتاتلىقى يۇقىرىقى ئىككى سىستېمىنىڭ ئىككىنچىسىگە تەۋە.

ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

ئۇيغۇرلار تارىختا نۇرغۇن قېتىم يېزىق ئالماشتۇرغان ۋە يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرەب يېزىقى ۋە خەتتاتلىقىنىمۇ قوبۇل قىلدى. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» نى ئەستايىدىل خاتىرىلەش ۋە كۆچۈرۈپ يېزىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە مۇقەددەس بۇرچى بولغان، ھەم «قۇرئان كەرىم» نى كۆچۈرگەن ۋاقىتتا خەتلىرى ئۆلچەملىك، قائىدىلىرى بىرلىككە كەلگەن بولۇشى، خەت يېزىش، كۆچۈرۈش سەۋىيەسىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلەپ قىلىناتتى. («ئەرەب خەتتاتلىقى دەرسلىكى» دىن مەدەنىيىتى نەشرىياتى، بېيجىڭ. خەنزۇچە 2007-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى، 24-بەت) شۇڭا، ئۇيغۇرلارمۇ تەبىئىيلا خەتتاتلىققا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ۋە تارىختا نۇرغۇنلىغان داڭلىق خەتتاتلار يېتىشىپ چىققان.
ئۇيغۇرلار13–ئەسىردىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەم يېزىشقا ئەپلىك ھالەتكە كەلتۈردى. بۇ يېزىق ئىملا ۋە يېزىش قائىدىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەرەب يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 70 خىلدىن ئارتۇق نۇسخىسى بولۇپ، باشقا يېزىق خەتتاتلىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەم ئۇچرايدۇ. («ئەرەب خەتتاتلىقى دەرسلىكى» دىن مەدەنىيىتى نەشرىياتى، بېيجىڭ. خەنزۇچە 2007-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى، 24-بەت) ئۇيغۇرلار بۇ نۇسخىلارنىڭ ئىچىدىن 10 دىن 15 كېچە نۇسخىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر نۇسخىدىكى ھەر بىر ھەرپنىڭ بىر قانچە خىل ۋارىيانتى ۋە يېزىلىش شەكلى بولۇپ، يېزىش ئۇسۇلى جەھەتتە نۇسخىلار ئوتتۇرىسىدا پەرق ناھايىتى زور. شۇڭا خەت يازغاندا، نۇسخا ئالاھىدىلىكىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش خەتتاتلار ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر.
20-ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىغىچە قوللىنىلغان چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر يېزىقى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ھەرخىل تاۋۇش بەلگىلىرىنى ئىشلەتكەن. لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا  ”ئا، ئە، ئې، ئى، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ“ دىن ئىبارەت سەككىز سوزۇق تاۋۇش ھەرپىنى قوللىنىپ، ئىملا قائىدىسى جەھەتتىن ئەرەب يېزىقىغا ئوخشىمايدىغان خاس ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرۈلدى. شۇڭا ئىملادا، مەيلى ھۆسنخەت يېزىشتا بولسۇن ياكى ئادەتتىكى خەت يېزىشتا بولسۇن، ئاسانلا بىلىپ بىلمەي خاتالىشىپ قالىدىغان ئەھۋال سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى بىلەن ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئۇلاپ يېزىلىشىدا كۆپرەك كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بەزىدە دىشلارنى ئارتۇق ياكى كەم چىقىرىپ قالىدىغان، ”ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ“ ھەرپلىرىنىڭ بەلگىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان، چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
20–ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىدىن كېيىنكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى، يەنە بىر مەزگىل لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى ۋە مەتبە تېخنىكىسىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلغا يېقىن يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان خەتتاتلىقىدا چېكىنىش بولدى. كىتاب كۆچۈرۈدىغان ئىشلارمۇ ئاساسەن يوقىلىپ، ۋارىسلىق قىلىدىغانلارمۇ ئازلاپ كەتتى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ بىر تۈركۈم خەتتاتلار ۋە ھەۋەسكارلار خەتتاتلىققا يېڭى باشتىن ئىشتىياق باغلاپ، خەتتاتلىقىمىزنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. 2000–يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى خەتتاتلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە راۋاجلىنىپ، بىر قانچە خەتتات تەرىپىدىن خەتتاتلىق ئۆگىنىش قوللانمىلىرى تۈزۈلدى. بۇ قوللانمىلاردا بىرلىككە كەلگەن ھەرپ ئۆلچىمى قائىدىسى بولمىغاچقا، خەتتاتلار ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈپ ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشىدا پەرق كېلىپ چىقىپ، ئىملادا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن، پايدىلىنىش ماتېرىيالى كەمچىل بولغان ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قوللانمىلارنىڭ تۈزۈلۈشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ خەتتاتلىرىمىز ئەرەب، پارس خەتتاتلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئەرەبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ مەشىق قىلدى ۋە ئۆلچەم بويىچە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.
ھازىر ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزدا كۆپرەك قوللىنىلىۋاتقان نۇسخىلاردىن تۈز خەت نۇسخىسى، ئەسلىيە خەت نۇسخىسى، تەئلىق نۇسخىسى، سۇلۇس خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى، جەللىي دىۋانى خەت نۇسخىسى، كۇفى خەت نۇسخىسى، رۇقئە خەت نۇسخىسى قاتارلىق نۇسخىلار بار. بۇ نۇسخىلار ئىچىدە تۈز خەت نۇسخىسى ۋە ئەسلىيە خەت نۇسخىلىرى ئۇيغۇر خەتتالىقىغا خاس نۇسخىلار بولۇپ، بۇ نۇسخىلار كۆپرەك مەتبۇئاتلاردا قوللىنىلىدۇ. ھەم بۇ ئىككى نۇسخىدا ھەرپلەر ئاساسەن بىر خىل ئۇسۇلدا يېزىلىدىغان بولغاچقا، ئىملا خاتالىقى ياكى خەت نۇسخىلىرىنىڭ شالغۇت يېزىلىپ قېلىشىدەك ئەھۋال ئاز كۆرۈلىدۇ. ئەمما تەئلىق، سۇلۇس، دىۋانى قاتارلىق نۇسخىلارنىڭ ھەر بىر ھەرپىنىڭ بىر قانچە خىل يېزىلىش شەكلى ۋە ھەرپلەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىق چېكىت ئۆلچىمى پەرقلىق، يېزىلىشى ئۆزگىرىشچان، بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، بۇ نۇسخىلاردا يېزىلغان ماۋزۇ ۋە ئەسەرلەردە بەزى ھەرپلەر ئارتۇق ياكى كەم يېزىلىپ قېلىپ، ئىملا خاتالىقى كۆپ كۆرۈلمەكتە. بولۇپمۇ تەئلىق نۇسخىسىدىكى دىشلىرى دولقۇن شەكىللىك يېزىلىدىغان ياكى دىش چىقارماي سىيرىپ يېزىلىدىغان «س، ش» ھەرپلىرىنىڭ ئالدىغا ئۇلىنىدىغان «لـ،ىـ،ـىـ» ھەرپلىرى بىلەن كەينىدىن ئۇلىنىدىغان «ـم، ـخـ» ھەرپلىرىنىڭ ئۇلىنىپ يېزىلىشىدا ئارتۇقچە دولقۇن چىقىرىپ قويۇپ، «ـىـ» كەلمەيدىغان يەرلەرگىمۇ «ـىـ» نىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى، شۇنىڭدەك، بىر دىش كېلىدىغان جايغا ئادەتتىكى دىشنىمۇ يېزىش، ئۇنىڭدىن كېيىن دولقۇن شەكىللىك دىشنىمۇ ئارتۇقچە يېزىپ قويۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئوخشاش شەكىلدىكى خەتلەرنىڭ يېزىلىش قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرمىگەندە، خەتتاتلىقنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەزمۇننىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.  
نۆۋەتتە كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى بىلەن نەشرىياتلار نەشر قىلىۋاتقان كىتابلارنىڭ ماۋزۇسىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق يېزىش بىلەن بىرگە، خەتتاتلارنىڭ ھەر خىل نۇسخىلاردا يېزىپ مۇقاۋىغا كىرگۈزۈپ لايىھەلەشمۇ ئومۇملاشماقتا. بۇ نەشرىياتچىلىقتىكى ياخشى ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە كىتابلارنىڭ ماۋزۇسىدا ئىملا خاتالىقىنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقايمىز.
كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى

ئىملاسىدا خاتالىق كۆرۈلگەن كىتاب ماۋزۇلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
   «پۇلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»، باتۇر روزى. شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى. 2012- يىل 4- ئاي 1- نەشرى.
1.jpg

(1-رەسىم)
بۇ ماۋزۇدا «پۇلسىراتتىن» دېگەن سۆزدىكى «لـ-» ھەرپى بىلەن «ـسـ » ھەرپىنىڭ ئۇلىنىشىدا بىر «ـىـ» ھەرپى قوشۇلۇپ قېلىپ، «پۇلىسىراتتىن» بولۇپ قالغان. بۇ سۆزدە «لـ-» ھەرپىدىن كېيىن دىش چىقارمايلا «ـسـ» ھەرپىنىڭ سوزۇلغان شەكلىنى ئۇلىسا توغرا بولىدۇ. چۈنكى «س» ھەرپىنىڭ سوزۇلغان قىسىمىلا ئۈچ دىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
«داغمۇ ياكى زىنىخمۇ»، ئابدۇقادىر جالالىدىن. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى. 2012- يىلى 4- ئاي 1- نەشرى.
2.jpg
         
(2- رەسىم)
بۇ ماۋزۇدا «داغمۇ» دېگەن سۆزدە «غـ» ھەرپى بىلەن «ـمـ» ھەرپىنىڭ ئۇلىنىشىدا «ـمـ» ھەرپىنىڭ ئالدىغا دولقۇن چىقىرىپ «ـىـ» ھەرپى قوشۇلۇپ قېلىپ، «داغىمۇ» بولۇپ قالغان. «زىنىخمۇ» دېگەن سۆزدىمۇ شۇنداق خاتالىق سادىر بولغان. «غ» ۋە «خ» ھەرپىدىن كېيىن «ـمـ» ھەرپىنىڭ ئالدىغا دولقۇن چىقارمايلا ئۇلانسا توغرا بولىدۇ.
   «ھايات قىسمىتى»، جالالىدىن بەھرام. شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى. 2009- يىلى 12- ئاي 1- نەشرى.
3.jpg

(3- رەسىم)
بۇ ماۋزۇدا «قىسمىتى» دېگەن سۆزدە «ـسـ» ھەرپىنى سوزۇپ يېزىپ بولغاندىن كېيىن «ـمـ» ھەرپىنىڭ ئالدىغا بىر دولقۇن چىقىرىپ ئۇلاپ «ـىـ» ھەرپىنى شەكللەندۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە بۇ سۆز «قىسىمىتى» بولۇپ قالغان. «س» ھەرپىنىڭ سوزۇلۇشىمۇ قىسقا بولۇپ ئۆلچەمگە توشمايدۇ. تەئلىق نۇسخىسىدا ئادەتتە «س» ھەرپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى خەت يازغان قەلەمنىڭ ئۆلچىمىدە 11 چېكىت ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلسا توغرا بولىدۇ. «¬ـتـ» ھەرپىدىن كېيىن ئۇلانغان «ى» ھەرپىنىڭ باش بۆلىكىنىمۇ يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك سوزۇۋەتسە ئالدىدىكى «س» ھەرپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ قېلىپ «س» ھەرپىدىن بۇ يەرگىمۇ بىرى قوشۇلۇپ قېلىپ، ” قىسىمىتسى “ بولۇپ قالغان. شۇڭا «ى» ھەرپىنىڭ چوققىسىنىمۇ مۇۋاپىق ئىنچىكىرەك ئېلىپ، رەسىمدىكىدەك توم ۋە ئۇزۇن سوزۋەتمەسلىك لازىم.
   «پەزىلەت مەنزىللىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 2008-يىل 12-ئاي 1-نەشرى.
4.jpg

(4-رەسىم)
بۇ كىتابنىڭ ماۋزۇسىدا «نـ-، ىـ-،بـ-، تـ-، لـ-،» قاتارلىق ھەرپلەرنىڭ كەينىگە بىۋاسىتە ئۇلىنىدىغان «-ـز،-ـر، -ـژ» غا ئوخشاش ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى ۋە «نـ-، ىـ-،بـ-، تـ-، لـ-،»  ھەرپلىرى بىلەن «-ـز،-ـر، -ـژ» غا ئوخشاش ھەرپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ـىـ» كېلىپ ئۇلىنىدىغان قىسىملارنىڭ مۇناسىۋىتى ئارلاشتۇرۇۋېتىلگەن. «مەنزىللىرى» دېگەن سۆزدىكى «نز» دېگەن قىسىمى بىلەن «-ـلىر» بۆلىكىدە «نـ -ـ‍ز» نىڭ ئۇلىنىشى ۋە «لـ- ـىـ-ـر» لارنىڭ ئۇلىنىشى ئىككىلىسىدە ئوخشاش دولقۇن چىقىرىلىپ پەرقلەندۈرۈلمىگەن. ئەگەر شۇ دولقۇننى «ـىـ» ھەرپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى قىلمايدۇ دېسەك، بۇ سۆز ياكى «مەنىزىللىرى» ياكى «مەنزىللرى» بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككى ئورۇندىكى ھەرپ ئۇلىنىشىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. بۇنى يازغاندا، «نـ-» بىلەن «ـز» نى ئۇلىغاندا ئوتتۇرىغا دولقۇن چىقارماي تۈزرەك تارتىپلا «-ـر» نى ئۇلىسا توغرا بولىدۇ. كەينىدىكى «لـ، ـىـ، ـر» نىڭ ئۇلىنىشىدىكى دولقۇن چىقىرىپ ئۇلاش توغرا بولۇپ، بۇ دولقۇن «ـىـ» ھەرپىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
«قەشقەر خەلق سەنئىتى»؛ سەپەر ھۈسەيىن، مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 2012-يىل 10-ئاي 1-نەشرى.
5.jpg

(5- رەسىم)
بۇ كىتابنىڭ ماۋزۇسىدا «سەنئىتى» دېگەن سۆزدە بىر دىش كەم بولۇپ قالغان. نەتىجىدە «سەنئتى» بولۇپ قېلىپ، ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن.
ھازىرغىچە نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ ماۋزۇلىرىدا يۇقىرىقىدەك خاتالىقلار ئاز ئەمەس. بۇلاردىن باشقا، يەنە بىر قىسىم كىتابلارنىڭ ماۋزۇلىرىدا چېكىت كەم قويۇلۇپ قالغان ۋە «ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» گە ئوخشاش ھەرپلەرنىڭ بەلگىسى چۈشۈپ قالغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىككى كىتابنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ.
«نېمە ئۈچۈنگە تولغان قەلب» شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى،  2011-يىل 4-ئاي 1-نەشرى
6.jpg
(6- رەسىم)
بۇ كىتابنىڭ ماۋزۇسىدا «ئۈچۈنگە» دېگەن سۆزدىكى «چـ-» ھەرپىگە ئىككى چېكىت قويۇلۇپ قالغان. بىر كىتابنىڭ ماۋزۇسىدا بۇنداق خاتالىققا يول قويۇشنى كىچىك ئىش دېگىلى بولمايدۇ.  
«قىسەسۇل ئەنبىيا» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2011-يىل 7-ئاي 3-نەشرى
7.jpg
(7-رەسىم)
بۇ كىتابنىڭ ماۋزۇسىدا «قىسەسۇل» دېگەن سۆزدىكى «ۇ» ھەرپىنىڭ ئۈستىدىكى پەش چۈشۈپ قېلىپ، ”قىسەسول“ بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتاب ئىككى قېتىم بېسىپ تارقىتىلىپ، خاتالىق «تىراژى» 20 مىڭغا يەتكەن.
ماۋزۇلار ئامال بار يېزىقىمىزنى گۈزەل ئىپادىلەيدىغان ھۆسنخەتلەر بىلەن يېزىلغىنى ياخى. بىراق كەڭ تارقىلىدىغان كىتابلارنىڭ ماۋزۇسىدىكى ئىملا مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. كىتابلارنىڭ ماۋزۇسىدىكى ئىملا خاتالىقى سەزگۈر ئۇقۇرمەنلىرىمىز تەرىپىدىن بايقالسا، كىتاب ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، كىتابخانلارنىڭ رايى يېنىپ كېتىدۇ.  شۇڭا، نەشرىياتلار كىتاب ئىسىمىنى خەتتاتلارغا يازدۇرغاندا، ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، خۇددى كىتاب ئىچىدىكى مەزمۇنغا ئەھمىيەت بەرگەندەك مۇقاۋا ماۋزۇسىنىڭ توغرا، ئۆلچەملىك ھۆسنخەتتە يېزىلىشىغا دىققەت قىلىشى تولىمۇ زۆرۈر. كىتاب ئاپتورلىرى ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭ ماۋزۇسىدا ئىملا خاتالىقىنىڭ بارلىقىنى بايقىسا چوقۇم ئازابلىنىدۇ. شۇڭا، ماۋزۇنى قەلىمى پىشقان خەتتاتلارغا يازدۇرۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم.
«تارىختا كىتاب مۇقاۋىلىرىنى مەخسۇس يازىدىغان خەتتاتلار بولۇپ، ئۇلار ‹مۇسەۋۋىر› دەپ ئاتالغان.» (ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ئائىت كىتابلارغا قايتا باھا»، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى 2008–يىللىق 4-سان) بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇرۇندىنلا كىتاب ماۋزۇسىنى يېزىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىغان. كىتاب ماۋزۇسى قانچە كۆركەم يېزىلسا ئادەمگە بېرىدىغان ئېستېتىك زوقىمۇ شۇنچە زور بولىدۇ.
بۇنداق خاتالىقلار يالغۇز كىتابلارنىڭ ماۋزۇسىدىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن، رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىدە، گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەردىمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئىملا ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.

1. يېزىق ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى

14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرلار ”چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر يېزىقى“ نى قوللانغان. بۇ يېزىقنىڭ يېزىلىش قائىدىسى ئەرەب يېزىقىنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىگەنلىكتىن، خەتتاتلارمۇ ئىملا ۋە باشقا جەھەتلەردىن مۇكەممەل سىستېما شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئەرەب خەتتاتلىقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ تەرەققىي قىلغان. ئوتتۇرا ئەسىردە يېزىلغان بەزى قوليازمىلارغا قارايدىغان بولساق، سەۋىيە جەھەتتە ئەرەب خەتتاتلىقىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەرەبلەر ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدىغان ھەرپلەرنى «تەشدىد» بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا بۇنداق ئىپادىلەنمىگەنلىكتىن، «س، ش» غا ئوخشاش ھەرپلەر ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىپ كېلىدىغان «ئۇسسۇل»، «زامانىۋىلىشىش» دېگەندەك سۆزلەرنى يازغاندا دىشلار ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قېلىش، ياكى ئارتۇقچە سوزۇلۇپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلەڭسىزلىك كېلىپ چىقىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. يەنە ھازىر قوللىنىۋاتقان يېزىقىمىزدا بەزى ھەرپلەر چېكىت ۋە پەش بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدىغان بولغاچقا، ھۆسنخەت يازغاندا چېكىت ۋە پەشنى قەيەرگە قويسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ۋە قانداق ئۇسۇلدا قويسا توغرا بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا، ئىملادا ئاسان خاتالىق كۆرۈلىدۇ. ئەرەب خەتتاتلىقىدا «ت، ي» غا ئوخشاش ھەرپلەرنىڭ چېكىتلىرى ئاسما ھالەتتە قويۇلىدىغان ئەھۋال كۆپرەك ئۇچرايدۇ. لېكىن، بىزدە ئاسما چېكىت قويۇلىدىغان «ئې» ھەرپى بولغانلىقتىن، ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكنى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا قوللانغاندا، ھەرپنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، «قىيىنچىلىق» دېگەن سۆزدىكى «ـيـ» نىڭ چېكىتىنى ئاسما ھالەتتە قويغاندا «ـيـ» ھەرپى «ـېـ» ھەرپىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

2. خەتتاتلىق نەزەرىيەسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نىياز كېرىم شەرقىي ، قاينام جاپپار، جۈمە ئابدۇللا، ئابدۇلھەق ھوشۇر، مىجىت سابىر قاتارلىق بىر تۈركۈم پېشقەدەم خەتتاتلارنىڭ خەتتاتلىققا دائىر كىتابلىرى نەشر قىلىندى. بۇ كىتابلاردىن نىياز كېرىم شەرقىنىڭ «ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى»، جۈمە ئابدۇللا قاتارلىقلار تۈزگەن «ھۆسنخەت ۋە گۈلچىمەن»، ھەبىبۇللا روزىنىڭ «ئۇيغۇر ھۆسنخەت نۇسخىلىرى»، ئەكبەر غوجا ئەھمەد ئەلئوغلانىنىڭ «ھۆسنخەت ئۆگىنىش قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ كىتابلار ئەينى ۋاقىتتا نەزەرىيەۋى ماتېرىياللارنىڭ كەمچىل بولۇش جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، چاڭقاپ تۇرغان ھەۋەسكارلارنىڭ خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشىدە ئىجابىي رول ئوينىدى. بىراق ھەر قايسى خەتتاتلارنىڭ تۈزگەن كىتابلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن بىردەك كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە، ئۇلار ئارىسىدا مۇئەييەن پەرقلەرمۇ مەۋجۇت. ئىنچىكە نۇقتىلارنىڭ، ھەرپ ئۇلىنىشىنڭ ھەر خىل بولۇشى سەۋەبلىك خەتتاتلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ھەر خىل ئۇسلۇبلار شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ كىتابلاردا ھەر قايسى نۇسخىلارغا يۈزەكى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈلۈپ، چوڭقۇرلاپ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئەكس ئەتتۈرۈش كەمچىل بولدى. لېكىن، ئەينى دەۋردىكى ئۇچۇرلارنىڭ كەملىكى، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ قويۇق بولماسلىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا، بۇ كىتابلارنىڭ تۈزۈلىشىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. يېقىندىن بۇيان ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىمۇ كۆپ بولدى. نۇرغۇن ياش ۋە ئوتتۇرا ياش خەتتاتلار ئەرەب ۋە پارسلارنىڭ خەتتاتلىققا دائىر ماتېرىياللىرىنى تور بېكەتلىرىدىن چۈشۈرۈپ، تەقلىد قىلىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىىنىڭ سەۋىيەسىدە زور ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، بۇنى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تەتبىقلاپ توغرا قوللانمىغاندا، يەنىلا بەزى ھەرپلەرنىڭ ئۇلاپ يېزىلىشى ۋە ھەرپ ئۆلچەملىرىدە پەرق كېلىپ چىقىپ، خەتتاتلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ماس كېلىدىغان مۇكەممەلرەك، بىرلىككە كەلگەن بىر نەزەرىيەنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ تەخىرسىز ۋەزىپىگە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب خەتتاتلىقىغا مۇراجىئەت قىلىشقا، ئەرەب خەتتاتلىقى تەتقىقاتى كۆپرەك بولغان تۈرك ۋە پارس تىللىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ نەزەرىيەلىرىنى تەتبىقلاپ ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ مۇكەممەل نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈر بولۇپ قالدى.  

3. ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈش

ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى توغرا تونۇپ، خەت نۇسخىلىرىنىڭ تۈرىنى ۋە قايسى ئېقىمغا تەۋە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشتىكى دەسلەپكى ساۋات. يېڭى ئۆگىنىۋاتقان بىر قىسىم خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى قارىماققا خەت نۇسخىلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بەزى نۇسخىلارنىڭ ھەرپلىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا نۇسخىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم «شالغۇت» ئەسەرلەر بارلىققا كېلىدۇ. بۇنداق پوزىتسىيە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ياخشى ئۆگىنىش، قوللىنىش ۋە ئىگىلەشكە ئىنتايىن پايدىسىز. ئەسەر ئىچىگە چوڭقۇرلاپ چۆكۈپ قارايدىغان بولساق، بەزى ئەسەرلەر ئىچىدە بىر قانچە خىل خەت نۇسخىسىنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ئۇچرىتالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارىلاشتۇرۇش ئوڭايلا ئىملا خاتالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار خەتتاتلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە گۈزەللىك قوغلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن يېزىقلار خەتتاتلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۆلچەمگە بولغان تەلەپنىڭ قاتتىق بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر بىر خەتتات ئۆگىنىۋاتقان مەلۇم بىر نۇسخىدا ھەرپ ئۆلچىمىگە يەتسە ئاندىن ئىجادىيلىقتىن، ھەقىقىي ماھارىتىنى نامايان قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. ئۆلچەمگە يەتمەي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈشكە بولمايدۇ. خەتتاتلىقتىكى ئۆلچەمگە يېتىش ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدىغان، ئۇزاق مۇددەتلىك جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. شۇڭا خەتتاتلىقنى ئۆگەنگەندە بىر نۇسخىدىن، بىر نۇسخىدىن ئۆگىنىش،  ئامال بار ئۆگىنىش جەريانىدا ھەممە نۇسخىغا تەڭ ئېسلىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4. شېۋە پەرقىنىڭ تەسىرى

ئۇيغۇر تىلى مەركىزى دىيالېكت، لوپنۇر دىيالېكتى ۋە خوتەن دىيالېكتىدىن ئىبارەت  ئۈچ چوڭ دىيالېكتقا بۆلۈنىدۇ. بۇلار ئۆز ئىچىدىن يەنە ئوخشاش بولمىغان شېۋىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىكمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەتتاتلار يازغان خەتلىرىدە ئۆزى بىلىپ بىلمەي شېۋىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىملادا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، قەشقەرلىك خەتتاتلار كۆپىنچە «ئې» ھەرپى بىلەن «ئى» ھەرپىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا خەتتاتلىقنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلغا رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى، ئاجىزلىشىشى ياكى چۈشۈپ قېلىشىدىن ئىبارەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە پىششىق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن باشقا، يەنە ئىملا قائىدىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگىمۇ دىققەت قىلىش زۆرۈر. بەزى خەتلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغاندا ئىملا لۇغىتىگە مۇراجىئەت قىلىش كېرەك.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك مىسال ۋە سەۋەبلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەتتاتلىق ئەستايىدىللق، سەۋرچانلىق ۋە ئېھتىياتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە سەنئەت كەسىپى. شۇڭا، خەتتاتلىقتا ئىملا، ھەرپ ئۆلچەملىرى ۋە خەت قۇرۇلمىسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. بولمىسا، جەلپكار ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغىلى بولمايدۇ.   

                          
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
[1] ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر» «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى ، 2002-4.
[2] ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001.
[3] تۇراپ قاسىم يولچى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتشۇناسلىقى». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009.
[4] ھەبىبۇللا روزى: «ئۇيغۇر ھۆسنخەت نۇسخىلىرى». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000.
[5] «ئەرەب خەتتاتلىقى دەرسلىكى». (خەنزۇچە نەشرى) بېيجىڭ: دىن مەدەنىيىتى نەشرىياتى، 2007.
[6] مىرسۇلتان ئوسمانوف قاتارلىقلار تۈزگەن: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2009.
[7] ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا دائىر كىتابلارغا قايتا باھا». «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى، 2008–4.
[8] مەردان ئوسمان: «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە دىياگنوز ». «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى ، 2005- 4.
[9] «تۇغلان تورى» دىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار.
(مەنبە: تىل ۋە تەرجىمە، 2014-يىللىق 4- سان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 18:27  


باھا سۆز

ماقالىنى ئېلان قىلمىغان بولسىڭىز، مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ.2512377-0903  ۋاقتى: 2015-2-7 06:59 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-7 18:28:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم بىر تېمىنى يوللاپسىز. رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2015-2-7 18:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەندە بىر كۆز،ئەلدە مىڭ كۆز.

                         -- ئاتىلار سۆزى

ۋاقتى: 2015-2-7 18:53:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرنالدا ئېلان قىلغىدەك ماقالىكەن بۇ. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
(نەشرىياتلارنىڭ گۈزەل سەنئەت تەھرىرلىرى چۇقۇم ئوقۇپ قويسا بولغىدەك)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 18:56  


ۋاقتى: 2015-2-7 19:19:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەھرىر، مۇھەررىر، لايىھەچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر مەزمۇن ئۈستىدە ئىزدىنىپسىز.بۇ شۇلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىلكىنىش بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ!
  

  ماۋۇ كىتاب ماۋزۇسى: «داغمۇ ياكى زىناخمۇ» بولغىيدى؟ ئۇنداقتا،  « زىناخمۇ » دىكى بىر « ا » تاۋۇشىمۇ «چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى» كۆرۈلدىمۇ-قانداق؟
  ئاندىن،

ئېلى ياسىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-2-7 19:20:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-2-7 20:05:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش دېگەن مۇشۇنداق ئىنچىكە بولسا ! ئەمدى لوغەت كۆرۈپ كۆرۈپ ئاندىن «پالاق-پۇلۇق» يېزىۋېتىشتىن ساقلىنىدىكەنمىزدە !

ۋاقتى: 2015-2-7 20:31:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارار1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 19:24
ئۇ يەردە ئا تاۋۇشى ئى تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان. بۇ ئى ھەرپ ...

   ئۇنداق ئەمەستۇ؟ «ئا» تاۋۇشىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئومۇمەن، تەركىبىدە «ئا» تاۋۇشى بولغان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ، ياكى ئاخىرقى بوغۇمىدا «ئا» تاۋۇشى بار بولغان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا «ى» تاۋۇشى ياكى «ى» تاۋۇشلۇق قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان فونېتىكىلىق ھادىسە. ئەمما، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى سۆز تومۇرى(«زىنىخ»)دا  بىرمۇ «ئا» تاۋۇشى يوق. قوشۇلغان قوشۇمچە(«مۇ»)نىڭ تەركىبىدىمۇ «ى» تاۋۇشى يوق. دېمەك، بۇ سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى مەۋجۇد ئەمەس. ئەسلى سۆز تومۇرى(«زىنىخ»)نىڭ ئاخىرىدىكى «خ» ھەرپىدىن كېيىن بىر «ى» ھەرپى (ئۆز نۆۋىتىدە ئىسىملارنىڭ 3-شەخىس قوشۇمچىسى)نىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى سىز دېگەندەك توغرا بولمىغان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-7 20:35:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-07 20:31:44


   ئۇنداق ئەمەستۇ؟ «ئا» تاۋۇشىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئومۇمە

ھە بۇ يەردە مەن ئەركىزات ئەپەندىنىڭ قارىشى بويىچە خاتا   تەھلىل قىلىپ قاپتىمەن. يەنى «زىناخ» دېسە. لېكىن مېنىڭ ماقالىدە ئاساسلىق تەھلىل قىلغىنىم يېزىش جەھەتتىكى خاتالىقلار. كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەر بولسا پىكىر-تەكلىپىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-2-7 21:07:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشىڭىز بەركەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2015-2-7 21:55:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت سەۋەنلىكلەر، بۇنداق بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشلىرى خېلى كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ. كىتاب تىكىستى ئىچىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنىغۇ دەپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئاشۇ «ئاجايىپ پاساھەتلىك» كىتاب ئىسىملىرى بىلەن بىللە بەزى ئاپتۇرلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ خاتا يېزىلىپ قېلىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-2-7 22:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارغا كۆپ ئىزىنىپسىز ،دىمىسىمۇ كىتاپتىكى  ماۋزۇ خەتلىرى خاتا بولۇپ قالسا ،كىتاب ئوبرازىغىمۇ تەسىر يىتىدۇ ئەمەسمۇ ؟

ۋاقتى: 2015-2-7 23:59:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەشىرىياتچىلىقتا  پەرۋاسىز قارىلىۋاتقان مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپسىز ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-2-8 02:26:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم،مۇشۇ ساھەگە قارىتا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتقان ياخشى بىر ماقالە بوپتۇ،ئىزدىنىشلىرىڭ بەرىكەتلىك بولسۇن ئۇكام!…

ۋاقتى: 2015-2-8 04:03:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئىملا مەسىلىسى........ مەن مەتبۇئاتلاردا بىر سۆزگە بەك دىققەت قىلىمەن . ‹‹خۇجايىن››دېگەن سۆز دائىملا ‹‹غۇجايىن ›› بۇلۇپ قالىدۇ؟ خېلىلا نوپوزلۇق مەتبۇئاتلاردىمۇ شۇنداقكەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش