كەل، بىردەم مۇزىكا ئاڭلايلى
مۇھەممەد ئەلى
دىلئاچار
يارقىن تىل ئۈستىدىن سىيرىلار ئۆلۈم،
جاناننىڭ بارمىقى ئەۋرىشىم پەدە.
تونۇش بىر ئاۋازدىن يېقىلدىم تەكرار،
مەنانىڭ توختاشچان نوقتىسى نەدە؟
يوللارنى بىرمۇبىر ئەسلىدىم سىلىق،
ئەي بۇلار ئەزەلدىن ئادەمسىز كېچە.
دىلىمنى كۈيلەرگە ئاچتىم بىپايان،
شامالنىڭ چالغىنى ھەسرەتلىك سېدە.
چېچىنىڭ تېلىدا بىر توپ كامانچە،
ئەي جانغا قاراڭغۇ سالىدۇ ئىكەك.
سۆزلەرگە ئېزىقىپ كەلگۈچى كىمسەن؟
نېمىشقا ئاتىدىڭ ئۇنىلا ئىندەك.
2014- يىلى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-6 19:11