يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 11

پاشاگۈل ئىسمائىل تۇردى ھاجى قىزى: بوكىس چىمپىيونى ئابدۇراھمان ئاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
[ ئاپتۇر ئېلاۋىسى: ئاسىيا بوكىس چىمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى بىلگەندە، ئۆزۈمگە ئىشىنەلمەي قالدىم. 2015-يىلى كىرىپلا، نىمە ئىش-بۇ... ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، ئۆيدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىۋاتىمەن، كۆزلۈرۈمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلىرىم تۆكۈلمەكتە. ئۆمۈر يولدۇشۇم بىلەن ئوغلىمىزنى ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ تەنتەربىيەدە ئازراق تەربىيەلىشىگە بەرمەكچە بولۇپ، مەسلىھەتلەشكەنئىدۇق، قارىغاندا بۇ دۇنيادا دىدار كۆرۈشۈش نىسىپ بولمىغان ئوخشايدۇ. ھەي ئابدۇراھمان، ھەي ئابدۇراھمان، سەن كەيگەن بىر جۈپ پەلەي بويۇن قىسىپ قالىدىغان بولدى. ياق، سەن تەربىيەلىگەن ئىز-باسارلىرىڭ ئۇنى كىيىپ، بەيگە مەيدانىدا رەقىبىنى يېڭىپ، روھىڭنى شاتلاندۇردۇ، تالاي ئەۋلاتلىرىڭ قەبرەڭگە گۈل قويىدۇ.ئەپسۇس،بەك ياش كەتتىڭ، نى ئارزۇ-ئارمانلىرىڭ سەن بىلەنلا كەتتى. ئۇستازىڭنىڭ كەينىدىنلا كېتىپ قالدىڭ، خەلقىڭ نادامەتتە قالدىغۇ؟
قانداقلا بولمىسۇن، ھاياتلىغىڭدا ھۆرمىتىڭنى قىلىپ، ساڭا ئاتاپ مەدھىيە يېزىۋاپتىكەنمەن. شۈكۈر... ئۆلۈمگە نەچارە... ئىجادىيەت سەپىرىمدە يازغان بۇ تۇنجى ئوچۇق خەتنى كۆرگەنسەنمۇ؟ ساۋاقدىشىم مۇشۇ ژورنالنى ساڭا ئاپىرىپ بەرگەچ ھەم تونۇشۇپ، سالام بېرىپ كېلەيلى، دېسە، ئۆزۈمنى كۆز-كۆز قىلغۇم يوق، دەپتىمەن، گەرچە شۇنداق كۆرۈشكۈم بولسىمۇ. ھەي، تەقدىر، ھەي تەقدىر... خاتىرجەم ئۇخلا باھادىر يىگىت. سەن ئەل قەلبىدە ياشاپ قالدىڭ، ۋەتەننىڭ ئوغلىسەن،ئويغۇرنىڭ غۇرۇرىسەن!
مەن 2001-يىلى ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان، ساڭا ئاتاپ يازغان بۇ ئوچۇق خەتنى دوستلار ھوزۇرىغا سۇنۇپ، ساڭا بولغان ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەكچى.]
         
                                           غەلىبە، ئۇ سەندە

                           پاشاگۈل ئىسمائىل تۇردى ھاجى قىزى

      
                                  ئابدۇراھمان ئابلىكىمگە ئوچۇق خەت

(ئاسىيا بوكىس چېمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن 27-نۆۋەتلىك ئولىمىپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىدىن تۇغۇلغان ئويلار.)

     سالام قەدىرلىك ئابدۇراھمان، سالامەتمۇسىز! ئالدى بىلەن سىزگە ئامان-ئېسەنلىك ۋە چەكسىز زور مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!!!  سىز ئارقىلىق ئالتاي دىيارىدىكى قەدىردان ئاتا –ئانىڭىز: ئابلىكىم ئاكا بىلەن ئاتىكەم ھەدىمىزگە مىليونلىغان خانىم –قىزلار قەلبىدىن ئوتلۇق سالام!!!
    ناتونۇش قىزنىڭ ئوچۇق خېتىنى ئوقۇپ،ئويغۇر قىزلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتلا ئەمەس، بەلكى، تەنتەربىيە ۋە تەبىئي پەنلەرگىمۇ ھەرۋاقىت نەزەر سېلىپ تۇرىۋاتقانلىغىنى بىلگىنىڭىزدە، قەددىڭىز تېخىمۇ دەس تۇرۇپ،بەيگە مەيدانىدا، رەقىبىڭىزگە شىددەت بىلەن ئېتىلارسىز! ھۇررا! ئابدىراخمان،ھۇررا!!!مىليون يۈرەكتىن ئالقىش!
     قەدىرلىك ئابدۇراھمان، سىز سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر تۆت يىلدا ئاران بىر قېتىم كېلىدىغان 27-نۆۋەتلىك ئولېمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ماڭغان ۋاقتىڭىزدا، بىز سىزنى نازۇك،  ئىچكى ھېسىياتقا باي قەلبىمىز بىلەنلا، ئۇزۇتۇپ قالغانىدۇق. بېيجىڭدا سىزنى بېىيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۈنىۋېرىستىتىنىڭ قىزلىرى خاتىرىلىرىگە ئىمزايىڭىزنى قويغۇزۇپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈل –دەستلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ چىققانلىقىنى دوستۇمدىن تېلىفۇن ئارقىلىق ئاڭلىغىنىمدا، ئۇلار ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ يوقلۇقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم، تۇرۇپلا، يەنە ئىچىمدە خۇش بولۇپ، سىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلىدىم. بىز قىلالمىغاننى بېيىجىڭدىكىلەر قىلىپتۇ، پايتەخىت دېگەن پايتەخىتتە.
   قىزلىرىمىز سىزدەك تەن بىلەن روھنى بىرلەشتۈرەلىگەن ئات مىجەز، جەسۇر يىگىتلەرنى كۈتۈۋاتقىلى خېلى بولغانىدى.21-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە، سز شىددەت بىلەن پارتلاپ چىقىپ، يىگىت روھىنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى ئۆز ئەمەلىيتىڭزدە ئىسپاتلاپ، ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە مۇڭلىنىپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتكەن قىزلار كۆڭلىنى ئۈمىد نۇرى بىلەن يورۇتتىڭىز .تەشەككۈر سىزگە !!!
  ئەرلەر دۇنيانى ئۆزگەرتگۈچىلەر ھەم ئاياللار قەلبىنى بويسۇندۇرغۇچىلاردۇر. بىزگە مانا مۇشۇنداق يىگىتلەر كېرەك. تارىختىكى ئالىب ئەرتۇڭادەك يۇرت –ماكانىنى، قىز –ئاياللىرىنى قوغداش يولىدا باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، مەرتلەرچە قۇربان بولغان ئەركەكلەر كۆز ئالدىمىزغا كەلگەنسېرى، ھازىرقى يىگىتلىرىمىزدىكى نازۇكلۇق، بوشاڭلىق، ھورۇنلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، قورقۇنچاقلىق گىرەلەشمە ھالەتتە تۇرۇپ، بىزنى ئەپسۇسلاندۇرغاندى.
    مانا ئەمدى سىزدىكى باتۇرلۇق، شىجائەت، جەسۇرلۇق ھەم پەم –پاراسەت بىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆز يىگىتلىرىمىزگە زور ئىشەنچ ۋە ئىپتىخار بىلەن ھۆرمەت كۆزلىرىمىزنى تىكىشىمىزنى چاقىرماقتا...
    ئابدۇراھمان، سىز مىليون قىزلارنىڭ نازۇك يۈرىگىنى تىترەتتىڭىز. قىزلار ئىلگىرى ياتاق ئۆيلىرىگە كىنو ۋە ناخشا چولپانلىرىنىڭ رەسىمىنى ئاسسا، ئەمدى سىزنىڭ رەسىملىرىڭىزنى بەس –بەس بىلەن تالىشىپ ئېسىشماقتا.
     قاراڭ، قىزلارغا، ئۇلار ساپالىق، باتۇر،تىرىشچان،قابىلىيەتلىك، پەن-تېخنىكا ۋە ھۈنەر-سەنئەتكە ماھىر،ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى يۇقۇرى،قىز-ئاياللىرىنى ھەر جايدا قوغداشقا جۈرئەت قىلالايدىغان،سەمىمى، راستچىل، پاراسەتلىك، روھى گۈزەل،ۋۇجۇدى پاكىز، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، ھەق-ناھەق قارىشى كۈچلۈك، ئەگەشكۈچى ئەمەس، باشلامچىلىق قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرلىيەلەيدىغان، ھوقۇق قارىشى كۈچلۈك، قېنى قىزىقلىغى بىلەن ئەمەس، سالماق، ئەقىل بىلەن ئويلۇنۇپ  ئىش قىلىدىغان ئوغلانلىرىنى قەدىرلەشنى، كۆككە كۆتۈرۈشنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.     
   يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بېكىنمىچىلىك، شۈكرى -قانائەتچىلىك، تەپەككۈردىكى ئاددىيلىق، ئەڭ مۇھىمى، روھىيەتتىكى چۈشكۈنلۈك، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئي ئاپەتلەر تۈپەيلى خەلقىمىز ئۆز ھاياتى ۋە تەقدىرىنى مەنا دېڭىزى بىلەن بېيىتالمىغان ھەم چوڭقۇرلاشتۇرالمىغانىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ توغرا بولغان ئىسلاھات تۈرتكىسى مىللىتىمىز مەنىۋىيتىدىمۇ ئىسلاھات دولقۇنىنى پەيدا قىلدى.
مىللەتنىڭ ساپاسى مىللەت ئەزالىرى ساپاسىنىڭ يىغىندىسىدۇر.  تەن بىلەن روھنىڭ بىرىكىشى –تەننى تەربىيەلەش، روھنى تاۋلاش ئارقىلىق قات –قات ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن باتۇرلۇق، قاراملىق، قەھرىمانلىق روھىنى روياپقا چىقىرىدۇ.
21-ئەسىر بوسۇغىسىدا خەلقىمىزدە بۇنداق يۈكسەك روھنىڭ پەيدا بولۇشى پارلىنىۋاتقان گۈزەل كېلەچىكىمىزدىن بىشارەت بەردى. چۈنكى،بىزگە نوپۇس ئەمەس، ئادەم كېرەك. تىرىشچان، ئەقىللىق ئادەم كېرەك.  سىزدەك ئاتقا مىنەلەيدىغان، ئاتنى ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇپ، چاپتۇرالايدىغان باھادىر يىگىتلەر كېرەك.
سىز گەرچە نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن بولسىڭىزمۇ،لېكىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان مەۋجۇتلۇق يولىدىكى ساھەدە ۋەتىنىمىز  جوڭگۇنى زىل –زىلىگە سېلىپ، دۆلىتىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھەقىقى نامايەن قىلىپ، خەلقىمىزگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ،روھىنى تاۋلاپ،روھ بىلەن تەننىڭ دېئالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا چاقىردىڭىز. مىليون ئانىلار سىزدەك قورقماس، ۋۇجۇدى پاكىز ئوغلىدىن سۆيۈنمەكتە. خانىم –قىزلار سىزدەك ئەمەلىيەتچىل،  قاتتىق سۆڭەك، قاپلان يۈرەك يىگىتكە، ئەڭ مۇھىمى، ئادىمىيلىكىنى تونۇپ ھەم ئېتىراپ قىلىپ، دۇنياغا يۈزلىنەلىگەن ئىنسانغا بارىكاللا ئېيتىپ، گۈلدەستىلەر ئۇزاتماقتا.
ئابدۇراھمان، سىز يېڭىلمىدىڭىز، بەلكى يېڭىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچىنى تېپىۋالدىڭىز. بەزى ئادەملەر 30- 40ياشقا كىرىپمۇ يېڭىش ۋە يېڭىلىش دوئېلىغا چۈشەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. سىز بولسىڭىز ئەمدىلا  22ياشقا كىرگەندە، ئۆزىڭىزنىڭ تېخى تولۇق قاتمىغان ئەزىز تېنىڭىز، كىرىستالدەك سۈزۈك روھىڭىز بىلەن دۇنيادىكى ئەركەكنىڭ ئەركىكىنى، نوچىنىڭ نوچىسىنى، باھادىرلارنىڭ باھادىرىنى تاللايدىغان رەھىمسىىز جەڭ مەيدانىغا دادىل قەدەم بىلەن مەغرۇر كىرىپ كەلدىڭىز، مانا، مۇشۇنىڭ ئۆزى غەلىبە.
ئاڭلاۋاتىمەن، تۆت ئەتراپىمدىن سىزنىڭ ئىسمىڭىز جاراڭلاۋاتىدۇ. ھەممە قىزلار تەرىپىڭىزنى قىلىپ، مۇبارەك ئىسىم –شەرىپىڭىزنى زىكرى قىلىشۋاتىدۇ. مەنمۇ شۇ تاپتا باھادىرلىق، قاپ يۈرەكلىك، يىگىتلىك ئۇچقۇنى چاچراپ تۇرغان كۆزلىرىڭىزگە (سۈرەتلىرىڭىزدىكى، سىزنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم، پەقەت تېلىۋىزوردا كۆردۈم، چۈنكى، مەن تەنتەربىيەگە بەك قىزىقىمەن، شۇڭا تەنتەربىيە نومۇرلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇپ كۆرىمەن، شۇ ھەقتىكى گېزىت-ژورناللارنى ئىزدەپ يۈرۈپ، سېتىۋېلىپ، ساقلايمەن.) قاراپ ئولتۇرۇپ بۇ سالامنى يوللاۋاتىمەن.
ئابدۇراھمان، «مەغلۇبىيەت مۇۋەپپىقيەتىنىڭ ئانىسى»سىز مەڭگۈ يەڭگۈچى، مىليونلىغان خانىم –قىزلار سىزگە غەلىبە تىلەيدۇ! بۇ نۆۋەت سىز چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسىز، تىرىشقايسىز،  غەلىبە سىزگە مەنسۈپ ھەم بىزگە!

«شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى (2001-يىلى 2-سانىدىن ئېلىندى).


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-5 15:14:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ھالدا سىز ئەينى ۋاقىتتا ئەھمىيەتلىك بۇ ئىشنى قىلغان ئىكەنسىز.بۇ بىر ياخشى خاتىرىلەش بۇپتۇ.

ۋاقتى: 2015-2-5 15:46:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز !

ۋاقتى: 2015-2-5 15:52:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىمدىن سەلگىنە نېرى بولغان جۇدالىق ھېسلىرىغا  يەنە بىر قېتىم ئەسىر قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. مەنمۇ تېخى بۇ چولپانىمىز ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئوغلۇمغا ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن ئىدىم.

ۋاقتى: 2015-2-5 16:57:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇن ،بىراق قاملاشمىغان ماۋزۇ.

ۋاقتى: 2015-2-5 18:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ياخشى ئكەن

ۋاقتى: 2015-2-5 18:44:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ياخشى ئكەن

ۋاقتى: 2015-2-5 22:08:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ماقالىنى كۈرۈپ مەرھۇمنى يەنە بىر قېتىم سېغىنىش ئىچىدە ياد ئەتتىم. ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-2-5 22:34:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ماۋزۇ ناھايىتى ياخشى قۇيۇلۇپتۇ!  پەقەت غۇرۇرلۇق،  مەسئۇليەتچان قىزلارلا ئۆز قەۋمىدىن چىققان پالۋانغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇشۇنداق دېيەلەيدۇ، كۆڭلىدىكنى شۇنداق چىرايلىق ئىپادىليەلەيدۇ، بۇ ئىپادىلەش شۇ قىزنىڭ ئارزۇسى، ئۈمىدىلا ئەمەس بەلكى پالۋان يىگىتكە كۈچ قۇۋۋەت، غۇرۇر بېغىشلايدىغان سەمىمى تىلىكىدۇر...  
  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 22:35  


ۋاقتى: 2015-2-6 00:02:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات دىگەن شۈنچىلىككەن،مەن ئۇ ئوچۈق خېتىڭىزنى ئوقىغان سىمنارىيەدىشىم(98.يىلدىكى)بەكمۇ ياخشى چىقىپتىكەن.توردا كۆپ كۆرگىلى بولمايدىغۇ سىزنى؟

ۋاقتى: 2015-2-6 10:27:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىل يالقۇنىڭىز ئۆچمىسۇن،پاشاگۈل……

ۋاقتى: 2015-2-8 14:45:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ۋە قىممەتلىك ماتىريال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە ئالىي تەشەككۈر....!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش