كۆرۈش: 588|ئىنكاس: 0

مىركايىل نۇرئالىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 5207
تۆھپە : 23
توردا: 2156
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:02:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

DSC_8444.JPG

  

    مىركايىل نۇرئالىم، 1964-يىلى 6-ئاينىڭ29 -كۈنى نىلقا ناھىيە سۇپتاي يېزىسىدا تۇغۇلغان.ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى ئوقىغان.1981-يىلدىن ــــــ1983-يىلغىچە نىلقا ناھىيەلىك 1-ئورتا مەكتەپتە،1983- يىلدىن ـــــ1985-يىلغىچە ئىلى 2-سىپەن مەكتەپتە  ئومۇمى پەن كەسپىدە ئوقىغان.1987-يىلدىن ـــ1989-يىلغىچە ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئەدىبىيات كەسپىدە،1994-يىلدىن ـــ1996-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئەدەبىيات كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە سۇپتاي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

    مىركايىل نۇرالىم 1988-يىلى ‹‹ئىلى دەرياسى››ژورنىلدا ئىلان قىلغان ‹‹ھايات ئۆتەر،تۈگۈمەس سۆيگۈم››دېگەن تۇنجى شېئرى ئارقىلىق ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن.شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا ‹‹ھايات ناخشىسى››،‹‹ئاياق تىۋىشى››،‹‹ئانا››،‹‹مەشرەپ››،قاتارلىق يۈز پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئىلان قىلىنغان.‹‹تال تۈۋىدە››،‹‹تۈن كېچىدىكى ئاۋاز››،‹‹قاسىمكامنىڭ پاراڭلىرى››،‹‹سۇنغان كۆڭۈل›› قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىلەرنى ئىلان قىلغان.بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹قاسىمكامنىڭ پاراڭلىرى››ناملىق ئەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.‹‹ئەدەبى ئەسەرنىڭ تىلىنىڭ ئوبرازلىق ئالاھىدىلىكى››،‹‹قەدىمقى يۇرت ـــ سۇپتاي›› قاتارلىق ئەدەبى ۋە تارىخى ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان.ھازىر ‹‹ئابرال ئۇنۇتمايدۇ›› ناملىق روماننى نەشىرگە بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا.ئۇ  ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەميىنىڭ ئەزاسى،2013-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم نەھىيە ۋە ئوبلاست دەرىجىلىق ‹‹ئىلغار مائارىپ خىزنەتچىسى›› بولۇپ مۇكاپاتلانغان.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش