يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3681|ئىنكاس: 9

مىرئەھمەد مامۇت : تاشنىڭ گۈزەللىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

«تاش» نىڭ گۈزەللىكى

مىرئەھمەد مامۇت


ئابباس مۇنىياز تۈركىقان ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پىروزىسىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل تۈردە پىروزا يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۆزىگە خاس بايان ئۇسلۇبى، تىل ماھارىتى ۋە كۆلەم ياراتقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھېكايە-پوۋېستلىرى تىلىنىڭ يېپىشقاقلىقى، ئۆزىگە خاس بايان سەنئىتى ۋە پېرسوناژلارنىڭ روشەن ئىچكى كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلمەكتە. مەن ئابباس مۇنىيازنىڭ نەچچە يىللىق ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسەرلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھەمدە ئۇنىڭ پېرسوناژلىرى بىلەن سىردىشىپ كېلىۋاتىمەن. ھەر قېتىم ئۇنىڭ پېرسوناژلىرى بىلەن ئۇچراشقىنىمدا، نۇرغۇنلىغان ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمۈلىمەن .
يۇقىرىدا ئىيىتپ ئۆتكىنىمدەك، مەن ئۇنىڭ بىر سادىق ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇيمەن. تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 6-سانىنىڭ مۇندەرىجىسى توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ ژۇرنالنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. چۈنكى، بۇ سان ژۇرنالدا ئۇنىڭ «تاش» ناملىق پوۋېستى بېرىلگەن ئىدى. خوتەن ۋىلايىتى ئۈرۈمچىگە يىراق بولۇشتەك ئالاھىدە ئىمكانىيەتكە ئىگە بولغاچقا، بىز خوتەن خەلقى ھەر قانداق خۇش-خەۋەرلەردىن كېيىنرەك ھۇزۇرلىنىشقا ئادەتلەنگەن. ژۇرنالمۇ تارقىلىپ خىلى ئۇزاق كۈنلەردە، ئاندىن خوتەنگە يېتىپ كەلدى. ژۇرنالنى قولۇمغا ئېلىپ شۇنداق ئوقۇغۇم بولسىمۇ، خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلى ئوقۇشقا ئىمكانىيەت بولمىدى. دېكابىر ئايلىرى يېرىم بولغاندىكى بىر دەم ئىلىش كۈنى ئاخىرى ژۇرنالنى قولۇمغا ئالالىدىم. بىر كۈن سىرتقىمۇ چىقماي مەزكۇر ژۇرنالنى ئوقۇپ تۈگەتتىم. مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە تارتقىنى يەنىلا ئابباس مۇنىياز تۈركىقان قەلىمىدىكى «تاش» پوۋېستى بولدى. پوۋېستنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن، خىلى ئۇزاققىچە خىيال دۇنياسىدىن چىقالمىدىم. پوۋېستتا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن رەھمەتجان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئىچكىردىن قايتىش سەپىرى، سەپەرنىڭ جاپالىقلىقى، سەپەر جەريانىدىكى رەھمەتجاننىڭ بىر تاش تېپىۋېلىشى ۋە مۇشۇ تاش كەينىگە يوشۇرۇنغان بىر قاتار زىددىيەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر بولۇپ، دولقۇنسىمان داۋام قىلىۋاتقان توقۇنۇش ئادەمنى ئالاھىدە ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. پوۋېستتىكى تاش ئارقىلىق مەيدانغا چىقىۋاتقان ئاجايىپ خاراكتېردىكى پېرسوناژلار روھى دۇنياسى ئاپتاپ تۆكۈلۈپ تۇرغان چۆلدەك، داۋالغۇپ تۇراتتى. ئاپتور پوۋېستنى قۇرۇق سۆز دۆۋىسىدىن خالىي ھالدا بىر گۈزەل شېئىردەك بايان قىلىۋاتاتتى. مەن پوۋېستنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن، ئۇزاققىچە قەلبىمدە داۋالغۇۋاتقان ھېسسىيات دولقۇنلىرىدىن چىقالمىدىم. ئاخىرى بۇ پوۋېست ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم. پوۋېستىنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلار ئارقىلىق يۇرىتىپ ئۆتمەكچىمەن .
1. گۈزەل، يېپىشقاق تىل
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك ئابباس مۇنىياز تۈركىقان ئۆزىگە خاس بايان سەنئىتى ياراتقان، شۇنداقلا بۇ خىل خاسلىقىنى ھەممىلا ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان يازغۇچىدۇر. ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بايان سەنئىتى يارىتىشتىكى ئاساسلىق ئالاھىدىكى تىلىنىڭ گۈزەللىكىدىن ئىبارەت. ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، ئەدەبىيات ـ تىل سەنئىتىدۇر. ئۇ تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ. تىلنىڭ گۈزەل بولۇشى شۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بايان شەكلى يارىتالىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇنداق خاسلىق ياراتقان يازغۇچىلار تېخى ساناقلىقلا. ئەمما، ئاپتور بۇ پوۋېستىدىمۇ ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىدىكىگە ئوخشاشلا، تىل گۈزەللىكىنى ياراتقان. خۇددى دولقۇنلاپ تۇرغان كۆل سۈيىدەك يۇمران لىرىك تىل ئارقىلىق پىرسۇنازلىرىغا بىر خىل گۈزەللىك ئاتا قىلالىغان. جۈملىلەرنىڭ باغلىنىشى، سۆزلەرنىڭ مارجاندەك تىزىلىشى تەبىئىي ھالدا بىر خىل گۈزەللىك ۋە يېپىشقاقلىقنى ياراتقان بولۇپ، بۇ خىل ھالەت پوۋېستنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغان. تىلدىكى بۇ خىل گۈزەللىك ئاپتورنىڭ بايان تىلىدىمۇ ۋە پېرسوناژلارنىڭ دېئالوگلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
«يەنە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك قىلاتتىم» مانا بۇ ئاپتورنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى پوۋېستقا باشلاپ كىرىشىدىكى ھالقىلىق جۈملە. ھەم بۇ پوۋېستنىڭ بىرىنچى جۈملىسى، شۇنداقلا مۇستەقىل بىر ئابزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور ئۇزاقتىن-ئۇزاق پىكىر بايان قىلىشتىن كۆرە ئاددىي ئىپادىلەشكە، ۋەقەلىك بايان قىلىشتىن كۆرە روھى ھالەتنى ئىپادىلەشكە بەكرەك كۈچىگەن شۇنداقلا ئىخچام تىل ئارقىلىق سۆز گۈزەللىكىنى ياراتقان. ئەسەردە يەنە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان پويىزدەك جۈملىلەر ئۇچرىمايدۇ. سۆزلەر ئىنتايىن ئىخچام، مېغىزلىق بايان قىلىنىش ئارقىلىق مەنە ئىپادىلەپ چىقىلغان . « ... چۈشۈم ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كەلگۈدەك ...
كىچىككىنە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن سېھىرلىك بىر يىپنىڭ ئۇچى كىرىۋاتقۇدەك .
يىڭنە مەن، يىپ-چۈشۈم ئىمىش .
نەقىشلىك چەينەكتىن گۈلدار پىيالىگە ئىسسىق ۋە رەڭدار چاي قۇيۇلۇۋاتقۇدەك .
پىيالە-مەن، چاي-چۈشۈم ئىمىش .
سۈزۈك سۇلار يۇپۇرلۇپ كېلىپ، ئېچىقتىن ئېتىزلارغا ئويناقلاپ كېرىۋاتقۇدەك .
ئېتىز-مەن، سۇ-چۈشۈم ئىمىش .
...
ئۆزۈمنى ئوخشاتقۇدەكمەن ،
چۈشۈمنى ئوخشاتقۇدەكمەن .»
مانا بۇ پوۋېستتىن ئېلىنغان پارچە. شۇنداق گۈزەل سۆزلەر ئارقىلىق، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمىدە بىر گۈزەل جۈملە تۈزۈلگەن. جۈملە تەركىبىدىكى بىرەر سۆزنى ئېلىۋېتىش ياكى ئورنىغا باشقا بىر سۆزنى قويۇش ئىمكانىيىتى يوق. ئېنىقكى، ئاپتور ھەر بىر سۆز، ھەر بىر جۈملىغىچە قەدەر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان. بۇ ئاپتورنىڭ ئەدەبىياتقا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇ باشتىن ئاخىرى ئەستايىدىللىق پوزىتسىيەسى بىلەن جۈملىلەرنى قۇراشتۇرۇپ چىققان. ھەتتا، بەزى جۈملىلەر باش بۆلەكتىنلا تۈزۈلگەن. مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى ئامالنىڭ بارىچە ئىشلەتمىگەن. پوۋېستتا يەنە ئىنتايىن گۈزەل ئوخشىتىشلار ئۇچرايدۇ. بۇمۇ ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىنى، تىلنىڭ يېپىشقاق، لىرىكىلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان .
تىل جەھەتتىكى يەنە بىر گۈزەللىك پوۋېستتا پېرسۇنازلار تىلى ۋە ۋەقەلىككە مۇناسىپ ھالدا ماقال-تەمسىللەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئاپتور پېرسوناژلار تىلىدىكى ئۆزگىچىلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇۋاپىق جايلارغا ماقال-تەمسىللەرنى قىستۇرۇشقا سەل قارىمىغان. بۇ خىل بايان شەكلى ئاساسەن رەھمەتجاننىڭ پىسخىك تىلىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ . « كىچىك تەرىتىم قىستىغاندەك بولدى. بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، ئېھتىيات بىلەن يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتتۈم. يولدىن سەل پەسرەك چۈشكەن تاشلىقتا بىر قانچە ئەر ئۆرە تۇرۇپ تەرەت قىلىۋاتاتتى .
ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە ›
‹ قارغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ سىڭا كۆزۈڭنى قىسىۋال. ›
...
ئىختىيارسىز ھالدا، ئۆزۈم بىر چاغلاردا يادلىۋالغان ماقال-تەمسىللەردىن بىرقىسمى ئېسىمگە كېلىۋاتاتتى .» مانا بۇ رەھمەتجاننىڭ سەپەر جەريانىدىكى بىر قېتىملىق تەرەت قىلىش جەريانىدىكى پىسخىكىسى. ئاپتور بۇ بايانلاردا قۇرۇقتىن-قۇرۇق باياندىن كۆرە، قىسقىلا ماقال-تەمسىل ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغان. بۇنداق ھالەت ئەسەردە خىلىلا كۆپ جايلاردا ئۇچرايدۇ. بۇ ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس سۆز گۈزەللىكىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
دېمەك، پوۋېستتا گۈزەل، يېپىشقاق لىرىك شېئىرىي تىل ئىشلىتىلگەن بولۇپ، باشتىن ئاخىرى بۇ خىل گۈزەللىك ئۆز نازاكىتىنى نامايان قىلىپ، ئەسەرگە بىر خىل جانلىقلىق ئاتا قىلغان .
2. بايان گۈزەللىكى
بايان گۈزەللىكى پىروزا ئىجادىيتىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ قارىشىمدا ئابباس مۇنىياز تۈركىقان ئۆزىگە خاس بىر خىل بايان گۈزەللىكى ياراتقان يازغۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پوۋېستىدىمۇ بۇ خىل بايان گۈزەللىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
پوۋېست بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل بايان شەكلى ئوقۇرمەننى شۇ ۋەقە ئىچىگە بىۋاسىتە قاتناشقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇ خىل تۇيغۇ ئىچىدە ئوقۇرمەن ئوقۇۋاتقان ئەسىرىنى تۈگەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ. ئاپتور بايان جەھەتتىن مۇشۇ خىل بايان ئۇسلۇبىنى قوللانغان .
ئىككىنچى قەدەمدە ئاپتور تاشقى رېئاللىقتىكى رېئالنى ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەشتىن كۆرە پېرسوناژلارنى ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشقا، بىر قاتار ۋەقەلىك دۆۋىسىنى يارىتىشتىن پىسخىك كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق مەنە ئىپادىلەشكە ئالاھىدە كۈچىگەن. پوۋېست باشتىن ئاياغ رەھمەتجاننىڭ روھى-ھالىتىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغان. ئۇنىڭ ھەر بىر ھادىسە ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرى، پىكىر يۈگۈرۈشلىرى، رېئاللىقتىكى ئۆزى بىلەن قەلب دۇنياسىدىكى ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى دىئالۇگلىرى ئارقىلىق زىددىيەت-توقۇنۇشنى دولقۇنسىمان راۋاجلاندۇرغان. رەھمەتجاننىڭ پىسخىكىسىدا توختىماي داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل مەنە ئىپادىلەش جەريانى ئوقۇرمەنلەرنى قۇرۇقتىن-قۇرۇق ۋەقەلەر دۆۋىسىگە باشلاپ قويغاندىن كۆرە، ئۆز روھى ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە داۋالغۇشنى ھەل قىلىشقا ئىنتىلدۈرىدۇ. پوۋېستنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن، تەبىئىي ھالدا رەھمەتجاننىڭ روھى دۇنياسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئوقۇۋېتىپ، ئۆز قەلبىدە تۇغۇلغان زىددىيەتلەرگە كىرىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ. مانا بۇ ئابباس مۇنىياز تۈركىقاننىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بايان سەنئىتى. بۇ خىل بايان سەنئىتىنى ياخشى قوللىنىلغاندا، ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن بىر پىكىر يولى تۇغدۇرغىلى، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم رولىدۇر .
3. دولقۇنسىمان توقۇنۇش
پوۋېست باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقۇچە، ئۇنىڭدا نۇرغۇن زىددىيەت توقۇنۇشلار بولۇپ، بۇ توقۇنۇشلار رەھمەتجاننىڭ روھى دۇنياسىغا ئەگىشىپ گاھ كۈچەيسە گاھ پەسىيىدۇ. پوۋېستتىكى بۇ خىل توقۇنۇش باشقا ئەسەرلەردىكىدەك تەدرىجىي داۋام قىلىپ كۇلمىناتسىيە نۇقتىسىغا كەلگەندە ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتمەستىن، بەلكى، تۇيۇقسىز يۇقۇرلىسا، تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ دولقۇنسىمان ھالەتتە داۋاملاشقان. ئوقۇرمەنلەرگە بىر خىل جىددىيلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلغان بولۇپ، خۇددى بىر ئۇرۇش كىنوسى كۆرۈۋاتقاندەك كەيپىيات شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا بۇ پوۋېستنىڭ كۇلمىناتسىيە نۇقتىسى ناھايىتى كۆپ. ئوقۇرمەنلەر ۋەقەلىككە ئەگىشىپ مېڭىپ ئەسەرنى تاماملىغىنىدا ئۆزىنى خۇددى مۈشكۈل بىر سەپەرنى تاماملىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇنىڭ شەكىللىنىشى ھەرگىزمۇ ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەننى زېرىكتۈرۈپ قويۇشىدىن بولماستىن، بەلكى، قەدەمدە بىر ئۇلغىيىپ تۇرىدىغان توقۇنۇشنىڭ گۈزەللكىدىن ئىبارەت .
رەھمەتجاننىڭ قەلبىدىكى خىياللىرى ئەسەر ۋەقەلىكىگە ئەگىشىپ زورىيىپ ۋە داۋالغۇپ بارىدۇ. بىر قارىسا پەسەيگەندەك كۆرۈنىدىغان توقۇنۇش، يەنە بىر قارىسا يۇقىرى نۇقتىغا يېتىپ قالىدۇ. بۇ خىل بايان سەنئىتى ئەسەرگە بىر خىل گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. پىسخىك ھېكايىلىرىنىڭ ئەڭ زور مۇۋاپپىقىيتى دەل مۇشۇ خىل دولقۇنسىمان توقۇنۇشلار ئارقىلىق بايان قىلىنغانلىقىدا كۆرىلىدۇ.  نۆۋىتىدە بۇ خىل بايان سەنئىتى ئابباس مۇنىياز تۈركىقاننىڭ ئۆزىگە تەۋە خاسلىقى ھېسابلىنىدۇ .
4. ئەسەر قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىچىلىك
ھەممىگە مەلۇمكى ئەسەر مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللا ئىچىدە قۇرۇلما مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر سۇژىت بۆلەكلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسلىقى قۇرۇلما ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاپتورنىڭ شۇ ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ چىقىش چىقالماسلىقىغا قۇرۇلما بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
مەزكۇر پوۋېستتىمۇ قۇرۇلما جەھەتتە ئۆزگىچە بىر خىل شەكىل بار. ئالدى بىلەن ئەسەر بىر چۈشتىن باشلىنىدۇ . « يەنە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك قىلاتتىم» مانا بۇ ئاپتورنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى پوۋېستقا باشلاپ كىرىشىدىكى ھالقىلىق جۈملە. پوۋېست مۇشۇ بىر جۈملىدىن باشلانغان. مۇشۇ بىر جۈملە ئارقىلىق ئوقۇرمەننى ئەسەرگە-بىر تاتلىق چۈش قوينىغا باشلاپ كىرگەن. ئوقۇرمەن ئوقۇۋاتقان بۇ ئەسىرىنىڭ رېئال ۋەقە ياكى بىر چۈش ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلالمايدۇ. دەرۋەقە، بۇ پوۋېست بىر چۈشتىن باشلانغان. ئاپتور ئۇزاق مەزگىل كۆرگەن چۈشى ئارقىلىق ئەسەرگە كىرىشكەن. ئەسەرنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنمۇ تەبىئىي ھالدا ئۇزۇن بىر چۈش قوينىدا لەيلەپ قالىدۇ. ئاپتور ئەسەرنى بىر چۈشتىن باشلاپ يەنە شۇ چۈش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ بىر خىل ئۆزگىچە ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ .
رەھمەتجان بىر نىجاسەتكە پېتىپ چۈش كۆرىدۇ. ئەسەر دەل مۇشۇ چۈشنى ئاساس قىلىپ باشلىنىدۇ. ئارىلىقتا سەپەر ھەققىدىكى خىياللىرى بىلەن چۈشتەك ئۇزۇن يولىنى داۋام قىلىدۇ. ئارىلىقتىكى بىر قېتىملىق تاماققا توختاش ئارىلىقىدا، ئۇ ئۆزى تەرەت قىلغان تاشنى بىر گۆھەر بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمان بىلەن ماشىنىغا ئېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تاشنىڭ قاشتېشى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىلغا قىلالمايدۇ. ئەمما، ماشىنىدىكىلەرنىڭ ھەر خىل پەرەزلىرى ۋە رەھمەتجاننىڭ ئۆزىنى ئاقلاش جەريانلىرى بۇ تاشنى بىر قاشتىشىغا-بىر گۆھەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ھەممەيلەن تاشقا ھەۋەس قىلىدۇ، تاشقا شېرىك بولغۇسى، ھەتتا ئۆزىنىڭ قىلغۇسى كېلىدۇ. يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، رەھمەتجاننىڭ بۇ گۆھەر تېشىنىڭ خەۋىرى پۈتكۈل شەھەرگە ئاڭلىنىدۇ. ئۇنىڭ باشلىقلىرى، خىزمەتداشلىرى، دوستلىرى، ھەتتا شەھەردىكى تاش سودىگەرلەرگىچە ھەممە ئادەم ئاشۇ تاشقا شېرىك بولۇشنى، ئاشۇ تاشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشنى ئويلايدۇ. بۇ تاشنىڭ تەقدىرى قاشتېشى ماكانى بولغان خوتەنگە باغلانغاچقا، بۇ تاش بىر گۆھەرگە ئايلىنىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ، رەھمەتجاننىڭ پىسخىكىسىدا نۇرغۇن داۋالغۇش، ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. تاشنى ساتماقچى بولىدۇ. ئەمما، ساتالمايدۇ. تاشنىڭ ئىگىسى كۆپىيىپ كېتىدۇ. تاش قانچە يۇشۇرۇلغانسىرى، شۇنچە سىرلىقلىشىدۇ. مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن تەبىئىي ھالدا بۇ تاش راستتىنلا بىر گۆھەر، راستتىنلا قىممەت باھالىق قاشتېشى، دېگەن قاراشقا كېلىدۇ. يەنە قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدە ئەگەر بۇ قاشتېشى بولمىسىچۇ ؟ ، پۇلغا يارىمىسىچۇ؟ دېگەن ئەندىشىلەر كۈۋەجەيدۇ. خۇددى بۇ پوۋېستتا ئىپادىلەنگىنى دەل ئۆزىدەك، ئاشۇ تاش ئۆزىنىڭ تېشىدەك، ئۇنى دەرھال سېتىپ مەنپەئەتلەنگۈسى كېلىدۇ. ئەمما، ئاپتور بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنداق دولقۇنسىمان توقۇنۇش ئىچىدە رەھمەتجانغا ئەگەشكەن ئوقۇرمەن، رەھمەتجانغا ئوخشاشلا تېرىككەك، ئاچچىقى يامان بولۇپ قالىدۇ. ئاپتور مۇشۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئەسەر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، قىلچە يوچۇق قالدۇرمايدۇ. ھەتتا، پوۋېستنى ئوقۇۋاتقان مەنمۇ ئاخىرى قانداق بولار ؟ ، تاش راستتىنلا قاشتىشىمىدۇ؟ ئۇنى كىمگە ساتار؟ ئاۋۋال زاكالەت پۇلى بەرگەنلەرگە نېمە دەر؟ باشلىقىغا نېمە دەر؟ خىزمەتداشلىرىغا نېمە دەر ؟ ... دېگەندەك ئۇزۇن ۋە قىيىن سوئاللارغا كۆمۈلۈپ كەتتىم. ئېنىقكى باشقىلارمۇ شۇنداق ئويلايدۇ، ۋە تەبىئىي ھالدا تاشنىڭ تەقدىرىگە قىزىقىدۇ. تاشنى قىممەت باھادا سېتىشنى ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلار ئاپتورنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ئەمما، ئەسەر ئاخىرىدا ئاپتور يەنىلا ماھىرلىق بىلەن بۇنى بىر چۈشكە باغلاش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغان. بۇ ئارقىلىق مال دۇنيا ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسى بىلەن موھتاجلىق ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىنى روشەن سېلىشتۇرما قىلغان. ھەمدە، مەنپەئەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنىمۇ يوقىتىپ قويىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى تەنقىد قىلغان. تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ قاتلىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بىر ئاددىي پوۋېست ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپ قاتلاملىرىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەت، مەنپەئەت قاتارلىق مەنىۋى بايلىقلار ئالدىدىكى ھەقىقىي ئىنساننىڭ پىسخىكىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئوقۇرمەنلەرنى قولىدىن يېتىلەپ بىخەتەر مەنزىلگە يەتكۈزۈشنى ئاساس ئەمەس، بەلكى، ماڭار يولىنى ئۆزى تاللاپ، مەنزىلگە ئۆزىنى ئۆزى قوغداپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئادەم تەربىيەلەش رولىدىن ئىبارەت ...
ئۇندىن باشقا يەنە ئەسەرگە قاتناشقان ھەر بىر پېرسۇناژدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر يارىتىلغان بولۇپ، خاسلىققا ئىگە قىلىنغان. بۇمۇ مەزكۇر پوۋېستنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا ھېسابلىنىدۇ .
يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئابباس مۇنىياز ئۆزگىچە ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق ئاڭ ئېقىمىنى ئاكتىپ قوللىنىپ، ئۆزىگە خاس بولغان بايان گۈزەللىكى ۋە خاسلىقىنى ياراتقان . « تاش» ناملىق بۇ پوۋېست تىلىنىڭ يېنىك، يېپىشقاق، گۈزەللىكى، دولقۇنسىمان زىددىيەت توقۇنۇشقا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۆزىگە خاس بولغان بايان گۈزەللىكى، ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىچىلىك، مۇرەككەپ توقۇنۇشلارنى تەسۋىرلەشتىكى ماھىرلىق ... قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان پوۋېست شۇنداقلا ئابباس مۇنىياز ئىجادىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر پوۋېست ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر پىرۇزىچىلىقىدىكى بىر خۇشپۇراق گۈل بولۇپ قالغۇسى .
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلگىنىدەك، مەزكۇر پوۋېست بىر قاتار ئۆزگىچىلىك ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاندىن سىرت ئۇنىڭدا يەنە ئازراق بىر مەسىلە كۆرۈلگەن. بۇ مەسىلە ئەسەرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئەمما، مەن ئاپتورنىڭ كىيىنكى ئىجادىتىگە پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە ئاشۇ كەمچىلىكنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشنى موۋاپىق كۆردۈم .
پوۋېستتا بىر قانچە پېرسوناژ بار بولۇپ، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگىنى رەھمەتجان. ئۇنىڭغا ياندىشىپ كەلگەن يەنە بىر پېرسوناژ ئىسمائىل زەنجاڭدۇر. ئىسمائىل زەنجاڭ ئاپتور تىلىدا پونكىت باشلىقى دەپ ئىلىنغان. ئەمما، پېرسوناژ تىلىدا «زەنجاڭ» دېگەن خەنزۇچە ئاتالغۇ بىلەن ئېلىنغان. ئەلۋەتتە، كىشىلەر مۇشۇ خەنزۇچە ئاتالغۇ بىلەن ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. ئاپتورمۇ تۇرمۇشنى چىقىش قىلىپ مۇشۇنداق ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئاپتور بىر تىل ئۇستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئەسىرىدە بۇنداق يات تىلنىڭ سۆزىنى ئىشلەتمىسە ياخشى بولاتتى دەپ قارىدىم. يەنە كېلىپ بۇ بىر تەرجىمە قىلغىلى بولمايدىغان ئىسىممۇ ئەمەس. شۇڭا ئاپتورنىڭ مۇمكىن بولسا بۇنداق خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ۋە بۇزۇلغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن .


ئاپتور : خوتەن شەھەر ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپتە
تېلېفون نومۇرى : 13179896707 \ 13399792897
كىملىك نومۇرى : 653223199005023210
米尔艾和麦提。马木提
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-4 20:48:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ماقالىغا مۇبارەك بولسۇن،مۇشۇنداق ماقالىلارنى توختىماي يېزىپ تۇرۇشىڭىزغا تېلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-2-4 20:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئىزدىنىشلىرىڭگە مۇبارەك بولسۇن مىرەخمەت، «تاش» دىگەن پوۋېسىتنى مەنمۇ ئوقۇغان، ماقالە مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ پوۋېستنىڭ ئىدىيۋى مەزمۇنى ھەققىدە ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈش ئۈچۈن خېلى چوڭقۇر ئىزدىنىپسەن، ئىزدىنىشلىرىڭگە يەنمۇ زور بەرىكەت، ئوتۇق، ئامەتلەر يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-4 20:58:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئوتۇقلۇق بولغاي

ۋاقتى: 2015-2-4 21:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە ئىملا خاتالىقى كۆپرەككەن، بىر يەردە «ئابباس مونياز»، بىر يەردە «ئابباس تۇنياز»، دەپ ئاپسىز. ئۇندىن باشقا «ئابباس مونياز  ئىبادىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر پوۋسىت، ....ئاپتۇرنىڭ كېيىنكى ئىبادىتى...» دېگەندەك ئىملا خاتالىقى سەۋەبلىك مەنا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ھالەتكىمۇ دىققەت قىلماپسىز . ئىبادەت بىلەن ئىجادىيەت دېگەن بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا خېلى  پەرق بار ئەلۋەتتە. ماقالىدە يەنە سۆز- جۈملىلەرنىڭ باغلىنىشلىقى بىر ئاز چېچىلاڭغۇ بولۇپ قاپتۇ، ئومۇمەن ئىملاغا، قىسمەن مەزمۇنغا قايتا ئىشلەپ باقامسىز مىرئەخمەت؟!

ۋاقتى: 2015-2-4 21:13:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىش دېگەن بىر نېمىگە قارىغاندا ئابباس ئاكام بۇ پوۋىسىتتا بىرمۇ راسىت گەپ قىلماپتۇ-دە! ئاغىينەم قانداقراق ئەھۋالىڭ؟ ئۆزۈڭ بىلىسەن نېرۋام سەل ئاجىزلاپ قالدى. خاپا بولماي ماڭا ئاۋۇ سەن تىلغا ئالغان <تىلى يېپىشقاق> دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭ؟ قانداق تىلنى يېپىشقاق؟ قانداق تىلنى قېچىشقاق دەيمىز؟

ۋاقتى: 2015-2-4 23:27:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         يۇقىرىدا ئىيىتپ ئۆتكىنىمدەك، مەن ئۇنىڭ بىر سادىق ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇيمەن. تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 6-سانىنىڭ مۇندەرىجىسى توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ ژۇرنالنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. چۈنكى، بۇ سان ژۇرنالدا ئۇنىڭ «تاش» ناملىق پوۋېستى بېرىلگەن ئىدى. خوتەن ۋىلايىتى ئۈرۈمچىگە يىراق بولۇشتەك ئالاھىدە ئىمكانىيەتكە ئىگە بولغاچقا، بىز خوتەن خەلقى ھەر قانداق خۇش-خەۋەرلەردىن كېيىنرەك ھۇزۇرلىنىشقا ئادەتلەنگەن. ژۇرنالمۇ تارقىلىپ خىلى ئۇزاق كۈنلەردە، ئاندىن خوتەنگە يېتىپ كەلدى. ژۇرنالنى قولۇمغا ئېلىپ شۇنداق ئوقۇغۇم بولسىمۇ، خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلى ئوقۇشقا ئىمكانىيەت بولمىدى. دېكابىر ئايلىرى يېرىم بولغاندىكى بىر دەم ئىلىش كۈنى ئاخىرى ژۇرنالنى قولۇمغا ئالالىدىم. بىر كۈن سىرتقىمۇ چىقماي مەزكۇر ژۇرنالنى ئوقۇپ تۈگەتتىم. مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە تارتقىنى يەنىلا ئابباس مۇنىياز تۈركىقان قەلىمىدىكى «تاش» پوۋېستى بولدى.

يۇقارقى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ماقالە مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايمەن!


  

ۋاقتى: 2015-2-4 23:33:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابباس مۇنىياز تۈركىقاننىڭ ئەسەرلىرىنى مەنمۇ ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن ،

ۋاقتى: 2015-2-5 10:04:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپدىشم ئىزدىنىشلىرىڭزىگە مۇبارەك بولسۇن  ماقالىڭىزىدا  پوۋېستنىڭ ئىدىيۋى مەزمۇنى ھەققىدە ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىپسىز. ئىزدىنىشلىرىڭگە يەنمۇ زور بەرىكەت تىلەيمەن. ، ئوتۇق، ئامەتلەر سىزگە يار بولغاي.

ۋاقتى: 2015-2-6 18:36:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قىسمەن سۆز تەكرارلىقىدىن باشقا، ئومۇمەن مۇۋەپىقىيەتلىك يېزىلىپتۇ. ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئاپىرىن مىرئەھمەد، باسقان قەدەملىرىڭىز مەزمۇت ۋە ئۇتۇقلۇق بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش