خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
/ [. J! R2 _9 \/ ?
31-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، 2014-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل ئەھمەد، ئىسمايىل تىلىۋالدى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسى ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس خې جيەنمىڭ، لى جىڭيى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى بوتاي كوپىن، جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىيات گۇروھى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەكبەر مىجىت، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىم سابىت قاتارلىقلار شۇنداقلا بىر قسىىم تاراتقۇ ئورۇنلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.
9 B @" d: u) |8 N5 T
-2014يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر جەمئىي 39 پارچە بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، زاڭزۇ، قازاق، چاۋشيەن يېزىقىدا نەشىر قىلىندىغان ئالتە خىل ژۇرنال ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز پارچە ئەسەر «جۇڭگو ئارزۇسى»ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدىن تاللاندى. «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن 30 پارچە ئەسەر ئىچىدە 10 پارچە ھېكايە، ئۈچ پارچە نەسىر، 5 گۇرۇپپا شىئېر، 12 پارچە تەرجىمە ئەسەر بار.。
' x m3 z1 o/ d
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلاردىن پەرھات تۇرسۇن، ئادىل تۇنىياز، پەرھات ئىلياس، مۇھەممەدئىمىن ئابلىز، تۇرسۇنجان مۇھەممەد قاتارلىقلار بولۇپ، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «ھازار لۇغىتى» ناملىق تەرجىمە ئەسىرىنىڭ بىر بۆلىكى، تالانتلىق شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «مەن ئالمىغا ئېيتتىم» ناملىق شىئېرى، بالىلار يازغۇچىسى پەرھات ئىلياسنىڭ «شىمال» ناملىق تەرجىمە شىئېرى، ياش شائىر مۇھەممەدئىمىن ئابلىزنىڭ «ئەتىرگۈلگە مەدھىيە» ناملىق شىئېرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئەكبەر قادىر ئاكىمىزنىڭ «قۇت كەپتىرىنىڭ شادلىق ساداسى» ناملىق ئەسىرى «جۇڭگو ئارزوسى» ماقالە قۇبۇل قىلىش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەققىيەت ۋە شەرەپلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمىز. (خەلق تورى مۇخبىرلىرى ھەبىبە، مەلىكەم، پراكتىكانىت مۇخبىر ئابدۇۋايىتلار خەۋىرى)
7 @& o- l1 R# h0 T U9 Y" W5 E
* E2 y3 [" o. J' x
) }* z1 t5 {# T& W& Q8 r$ V