ياسىنجان سادىق چوغلان 1966- يىلى 3- ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە. ھازىرشىنجاڭ تارىم دەريا ئىقىمى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(سابىق يەكەن دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسى )نىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى، <<قەشقەر>> ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.
ياسىنجان سادىق چوغلان 1988- يىلى 4- ئايدا سابىق <<يەكەن گېزىتى>>دە ئېلان قىلغان <<ئاددى- ساددا باشلىق>> ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىجادىيەت ئىلىپ بىرىپ رايۇنىمىز ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى، ئۇنىڭ بىر قىسىم ھىكايە-پوۋېستلىرى، شۇنداقلا «جاللات خىنىم»، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، « باھادىرنامە » قاتارلىق تارىخى ۋە رىئال تىمىدىكى رومانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى، بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە مەخسۇس تىمىدا ئەدەبىي ئوبزورلار يىزىلدى. رومانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى پەيدا قىلدى.
«قۇرۇپ كەتكەن دەريا>>، «قۇملۇق»، «كالا»، «تاۋۇس ئەللەيىن»، «يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما»، «پاتىمەنىڭ كۆينىكى»، «باھار»....قاتارلىق پوۋېست – ھېكايىلىرى خەنزۇ ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىندى
ئۇنىڭ « ئىھ، سەھرا » ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 6 – نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى مەملىكەت بويىچە 6- نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، « قۇملۇق » ناملىق پوۋېستى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا» ناملىق پوۋېستى «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى مول نەتىجىلىرىگە ئاساسەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتى ئۇنىڭغا 2006-يىلى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى(تۆھپە مۇكاپاتى) » بەردى. قەشقەر ۋېلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئەخلاق – كەسىپتە تەڭ يىتىلگەن مۇنەۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت خادىمى»بولۇپ باھالاندى.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى تۆۋەندىكىچە؛1.
«يۈرىكىم يىغلايدۇ» ھېكايىلەر توپلىمى، 1996-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا
نەشىر قىلىنغان.
2. «ئاي مۆككەن كېچە» ھېكايىلەر توپلىمى،1997-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
3. «جانانغا يىزىلغان خەتلەر» پوۋېستلار توپلىمى، 1998 -يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
4. «كاككۇك بالىسى» پوۋېستلار توپلىمى، 1998- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
5. «سۈكۈتتىكى زىمىن» پوۋېست-ھېكايىلار توپلىمى، 2001- يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
6. «كۈيلەر خانىشى - ئاماننىساخان» تارىخى پوۋېست، 2003-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان،
7. «ئادالەت ھامىيسى – سەئىدخان» تارىخى پوۋېست،2003 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
8. «دىۋان مەشرەپكە تۆكۈلگەن قان»پوۋېست- ھېكايىلار توپلىمى،2005 -يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
9. « داۋان » رومان،1998 -يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
10. «جاللات خىنىم» ئىككى قىسىملىق تارىخى رومان، 2003 -يىلى شىنجاڭ خەلەق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
11. «نازىنىن قىزلار» رومان، 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
12. «شەرەنداز ئايال» رومان،2008 -يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
13.‹‹باھادىرنامە» ئالتە قىسىملىق تارىخى رومان 2010 – يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
14. «ئالتۇن جۇۋان» پوۋىسىت – ھىكايىلار توپلىمى، 2011- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
15. «ئاتەش قەلىب،ساخاۋەتلىك زىمىن» ماكرو ئەدەبىي ئاخبارات، 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
16. «يوللار ئىسىڭدە بولسۇن» ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، 2000 -يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 14:32