مەن ئالدىڭدا يوقالغان سىما
ياقۇپجان قۇربان
جۇدۇن كۆرسەم سەندىن كۆرمىدىم،
باغلىرىمنى باستى لىق تىكەن.
يىقىلدىم راس،لېكىن، ئۆلمىدىم،
ئۆلمەس جاندا ئۈمىد بار ئىكەن.
ئۆتۈۋەردىڭ ئالدىمدىن مەغرۇر،
ئىزلىرىڭدا توزۇپ كەتتى ياش.
رۇجەك چىكەر چۈشلەر بىماغدۇر،
خۇددى مىسكىن يامغۇرغا ئوخشاش.
نائىل قىلغان ھاياتنى سۆيگۈ،
شۇڭلاشقا ئۇ مەڭگۈلىك تېما.
«قېنى ئۆلۈم» دىمە،مەن مەڭگۈ-
كۆز ئالدىڭدىن يوقالغان سىما.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-3 17:55