شۇ قەدەر رەتلىكتۇر...
بېن جونسۇن(ئەنگىليە)
تۇرسۇن قۇربان كۈلپىتى تەرجىمىسى
شۇ قەرەر رەتلىكتۇر،شۇنچە چىرايلىق،
بەئەينى ماڭغاندەك قايسى بىر تويغا.
ئەتىرلەر كۈچلۈكتۇر،ئۇپىلار قېنىق،
ئاڭلىغىن،ئەي قىزچاق سۆزۈمنى بىر پەس،
ھېچكىشى كۆرەلمەس جامالىڭ قانداق،
گىرىمگە كۆمۈلۈش گۈزەللىك ئەمەس.
بىر كۆرەي يار سېنىڭ ئاددىي ھالىتىڭ،
بىر كۆرسەت سەن ماڭا ساددا چىرايىڭ.
كىيىمىڭ شامالدا لەپىلدەپ تۇرسۇن،
چاچلىرىڭ سەلكىندە ھەر يانغا ئۇچسۇن.
تەبىئىي تۇرقۇڭ گۈزەل كۆرىنەر،
كۆڭۈلنى ئۇتالماس قويۇق گىرىملەر.
‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››2014.1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-1 23:30
|