يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 512|ئىنكاس: 4

يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: تونۇردىكى چوغ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غەزەل نەۋائىيدىن، شەھەل قەقىنۇستىن

(مۇسەممەن پايە)

يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس

1

كۆزۈمنى تاكى قىلمىش ئول سائادەت ئەختەرى مەتلەئ
قارۇغ ئىرمەسكى شەبگۇن ھۆللەدىن قىلدىم ئاڭا پەردەئ
-نەۋائىي

قاچانكى «قۇدادغۇبىلىك» (كىميائى سائادەت) ئاپتۇرى كىمياگەر شاھى تەبىب بولدى ئەبرەئى شەھرەئ
مۆئجىزىكى قۇم دۆڭلىرىدىن دۇر ئايرىغۇچى ئىلاھى ئىشق كۆرسەتكەن پەرىزاتى بولدى مىڭ يىللىق دەفتەرى تەرھەئ
يىگىرمە ئالتە ئىككى يۈز ئاتمىش بەلكى ئىككى مىڭ ئالتە يۈز يىللىق يۇلتۇزلۇق دەرياسىدىكى مەۋجەۋى تەجئەئ
ھەيرانمەن، تىرلىيارت تەنلەر غايىپ بولدى ئىككى ھەرپ ئىككى تاۋۇش ئۆچمىگەن بىر چۆچەك نەزمىي ئەشقەئ
ھەيرانمەن نى ئەسرار بۇ شەكىل ۋەزىن زامان ماكان ئوخشاش ئەمەس بىراق مەنتىقى جان تەسۋىيكى يەسۋەئ
باش قېپىدىكى قېتىق جان ئېرىقتىكى ئېچىق زەرەتلىنىش سىستېمىسىكى رەقەملەردەك مۇتلەق قەۋلىۋى رەترەئ
ئالىملار يېزىقلارنى لوپا ئەينەكلەردە كۆردى تىلشۇناسلار ھەرپلەرگە تەبىر بەردى ئاھاڭگەرانىغا يەتمىدى مەنبەئ
ئاقىۋەت بىلدىمكى ئىككى «مەنتىقۇتتەيىر» قاتارى ئىككى بەش قاتلاملىق ئون قىلدى يۈز پەنجەئى پەتلەئ
ئىزاھلار:
1. ئەبرەئى شەھرەئ – رەھىمدىللىكى سالقىن شامالدەك شاھ روھ
2. دەفتەرى تەرھەئ – تەھرىر، مۇھەررىر
3. مەۋجەۋى تەجۋەئ -  دولقۇندىكى بۇژغۇن
4. نەزمەئى ئەشقەئ – ئاشىق غەزەللىرى
5. تەسۋىيكى يەسۋەئ – يەسەۋىي روھى مۇنچاقلىرىدىن تۈزۈلگەن تەسۋىي
6. قەۋلىۋى رەترەھ – رەھىمدىللىك رەت-رەت بولغان قەلب قاتلىمى
7. پەنجەئى پەتلەئ -  بارماق سىرلىرىنىڭ چۇۋۇلۇپ ئېچىلىشى

2

لەبىڭ ھەجرىندە قان ياشىم كىلۇر باغرىم شىكاۋىدىن
ئەجەب ئىرمەس بۇ يەڭلىغ سۇ بولسا ئوت سىفەت مەنبەئ
-        نەۋائىي

يەر شارىدا قانداق ھاسىل بولغاندۇ دەپ يۇلتۇزلارنى ئۇۋاپ ئىزدەپ ئىلمىنىتلار جەدىۋىلىدىن سىفاتىدىن
بەلكى«يەسۇ»غا چۈشكەن ھىدروگىن گەردۇنى كەررىدىن زەنجىرسىمان چەكسىز رەمزىۋى ھىسابىدىن
پىچىرلايمەن بۇلاق ساقلىغاندەك لەئلى سوغدىياننى مېنى قورشىغان كۆز ياشىمنىڭ تەۋرىنىش سىلابىدىن
ئى ھېساپلاش لايىھىلەش جايلاشتۇرۇشتا خاتا قىلمايدىغان نى مۇددىئادىن بۇنچە ھەجرىۋى فىراغىدىن
ئىككى بىرنى تەڭ دەيسەن ئارىسىغا مىليۇنلىغان رەقەملەرنى قىستۇرۇپ ئاپىرىپسەن بۇنچە مەتلىۋى ۋىسالىدىن
خۇددى ئىككى قۇتۇپقا  تاشلانغان گىنداش چايكىنى بېلىقلار بىلەن گوللاپ ئاپارغاندەك ئەسلىنى يىراقىدىن
بۇنداق ئۆزۈڭگە زىيان ۋە ئىسراپ نادانلىق تارىخىغا  خىجىل بولمامسەن خىجىلمەن شەۋكىتى نىشانىدىن
بىلىمسىز خاكسارلىقنى دەيمۇ بىلىمسىز  قىلغۇچى بىلىمسىز پادىشاھلىقنى دەيمۇ دۇد چىقار رەنجىۋى پىغانىدىن

3

قىلۇر قەسىدى جانىم كەلتۈرۈپ بىر-بىرىگە باش گويا
بۇ كىم پەيكانلىرىڭ كۆڭلۈم ھەرەمىن قىلدىلەر مەجمەئ
-        نەۋائىي

گەرچە ئەلباش ئىلىم راۋۇرۇس بولماقچۈن گىپىمنى ئاڭلىسىكەن دىسىمۇ ئەللەر تەنلەر بولغان بەڭباش گويا
ھەتتا ئوڭ سول ۋەزىر ئىككى تاش بەلكى ئىككى تاغ سوقۇشتۇرۇپ جىدەللەر سەۋەبىنى دۆڭگەپ يەكباش گويا
شاخمات ياساپ دۇنيادىكى بارلىق بۇغداينى تاما قىلغان ھىندۇ ئۇخلاپ قوپۇپ ساماندەك كەبى غەمباش گويا
ھەردەم تاختىدا پېچكا تاق-تاق ئۇرۇلغاندا قۇلاق ئاغرىپ قىمارۋازلارغا نەزەر سالغاندا قەيباش گويا
تەركى دۇنيا تاش گەر چەتتە شامال ئۇچۇرغان توزان قاپلاپ سۈزۈكلىكى داتلىشىپ جەھتاش گويا
تاش بولسىغۇ مەيلى ئەفسۇس بىر-بىرىگە قىيىشقاق يوقاتماققا قەستلەشكەن گۇمانلارغا شەكباش گويا
بۇنداق پايانسىز قىيىشقاقلارغا ئىلاجىڭ ئېچىنماق ئاندىن فانايى گەردۇندىن تاپماق مىھىرداش گويا
سەندەل قالقان كاسايا قىلمىسا پايدا قىلىپ كاللىنى قاپاق مۇشكۈلات لەشنى ئېرىغداش گويا
ئىزاھلار:
1. جەھتاش- جاھىللىق تېشى
2. شەكباش- گۇمانخورلۇق

4

بۇنى راكىبدۇرۇر مەركەپكى جەۋلان ۋەقتىدە باردۇر
قۇياشتىن پايەدە ئەئلا فەلەكتىن پۇيەدە ئەسرەئ
-        نەۋائىي

مۇرەسسە يولىنى تۇتماق بىلەن ئۇدۇمنى بۇزدۇم تۆت شەھچە تۆت پەرزى تۆت كىشۋە تۆت جەرەس تۆت قەلئە جاندۇر
بۇ ئۇنىڭغا ئۇ بۇنىڭغا غەرەز يەڭمەك ئەمەس بەلكى تەڭرەت مىھزانى بولدى خۇدگا ئەقلىباندۇر
تەئەججۇپ بۇنى جان دېدىم قەپەزدىن ئۇچقان قۇش قايان كەتتى مەۋھۇم يەنە كەپشى مەتلە باردۇر
ماتىماتىك رەقەم فورمىلىلارنى ئىكس ئىگرك كەسرى رادىكاللارنى سالدى ھىسابى ھەيرە پالدۇر
مۇنەججىم يۇلتۇزلارغا باقتى ئۆچۈۋاتقان يۇلتۇزلاردىن بىرىنى كۆرۈپ قالدى نىشانى بولدى پەقرە لالدۇر
بىلدىمكى بۇنداق ھەسسىلەپ چېچىلماق پەيلىدىن تەن مۈلكۈمدە بىر دەرەم قالمايدىغان غەملە باردۇر
بىر دەرەم يوق تاپماق قەھرىدىن كەپشى  جانلاردا سەرگەندان دەمدە قۇش ئىلھامى بولدى تەنگە ياردۇر
مەركەپ(تۇلپار)مۇ ئۇچتى ئۇچۇرغان مەنزىلدىن مەنزىلگە تارتقان ئەۋقەت نىدۇر جەلبە زاردۇر
ئىزاھاتلار:
1. ئەقلىباندۇر- ئەقىلنى پەرۋىش قىلغۇچى
2. ھەيرە پالدۇر- ھەيرانلىقنى ھەل قىلغۇچى قۇرئىي تەپەككۇر
3. پەقرە لالدۇر- بىچارىلىق جىملىقى
4. جەلبە زاردۇر- جەلىپكارلىققا تەشنالىق
5. پۇيەدە ئەسرەئ – بىر قەدىمى ئەسىردىن ھالقىغان

5

تۇشەر كۆڭلۈمگە ئول يۈز پەرتەۋى كۆكسۈم شىكاۋىدىن
بۇ رەۋزەننى نى بولغاي قىلساڭ ئەي تىغى قازا ئەۋسەر
-        نەۋائىي

كۆزۈم، قۇلۇغۇم تىلىم قۇل بولۇپ دۇنياغا باغلانغاچ دۇنيانى بىلسىمۇ بىلمىدى دۇنيا يىلتىزى زىلالىدىن
تۆگىچى يادى مەنزىلگە بەنت تۆگىسى ھالى نېمە قەدەمدە نى ئازگال بىرەر ئىز يوق ئىكەن نىگاھىدىن
ساندۇقتا مال لىق يەنە تاپسام دېگەن بىلمەيدىكەن تۆگە كۆتۈرۈپ ھاردىمۇ تۆگىدە نى ئىزتىراپ زىھەن سىزارىدىن
دۇنيا ھىرىسقۇ مەيلى شۇ ھىرىس ئۆزىنى بىلمەيدىكەن ئىچىدىكى نېمە ۋىرۇس تىندۇرما تىرەن بىمارىدىن
تىۋىپلەرنىڭ ھالى ھەممىدىن يامانراق ئۆز دورىسىدىن زەھەرلەنگەن جىسمىغا يوق ئىرەن شىپاھىدىن
ساڭا داۋا تۈگۈل لوقمانمۇ داۋائىي ئىلھامغا مۇھتاج تۇرسا مەن قانداق قىلاي يوق پىر ئەن ئىزاھىدىن
«تەڭرى»كەشپىنى قىلغان دانىشمەن زېھنىنى يوغانتىپ ئالەمگە لىق چەكسىزلىكنى تەبىرلىگەن مىزاجىدىن
ئەگەر ئەقىل بەدەنگە رەھمەتلىك ئىكەن ئالەملىك قانۇن ھەم رەھمەتلىك ئىكەننى دېگەن ئىلاھىدىن

6

نىتاڭ ھەركۈن  ئەگەر بەر-بەر يۈز ئافەتكى ئەنجۇمدىن
ساچىپتۇر يۈز مۇخالىپ خاسىيەتلىغ توفىم بۇ مەزرەئ
-        نەۋائىي

بوران كۈنىدە ھەيۋەتلىك دەرەخلەر سۇنار نازۇك گىياغا نى ئامال كىلۇر قازا ھەر بۇ يانداش مەپتۇندىن
ئامالكى ياكى تاش دالدا ياكى ۋاز كېچىپ شاخ بەرگەن ساقلىماق يىلتىزىنى تۇپراقتا خورلۇق زار مەجبۇردىن
جىدەلخور قىيىشقاق ئىنسان ئۇرۇشتا چىكەر جاپا ئۇندىن كۆرە مىھىرداش دەردىنى چەكسە ياخشىراق مەجنۇندىن
ھەق مىزانى بىلىنگەندىن بۇيان نى مەشخۇل ئامەتلىك نى مەجبۇر ئاپەتلىك ئىكەننى بىلدىم بولدۇم راھ مەپتۇندىن
ئۆزۈم يىمەيدىغان زىرائەت، مىۋىلىك ئۇرۇقلىرىنى ئوتخورلار ئۈچۈن تەرمەك بولدى قىلدى شاد مەمنۇندىن
بۇ سىرنى ھېچكىم بىلمىگەنلىكىتىن ئامانلىقىم كاپالەتلىك بولغاچ رازىلىق ئېلىپ بىل ئاندىن شىردىن ئىدىم داھ مەردۇمدىن
مېھرىبانلىقىڭ قىيىشقاق مىزاجى ئادەتكە ئىلاجى نى ئىكەننى ئىزلىمەكتە ئىدىم ئۇزۇن يىل قوغلاشقان مەردۇدتىن
ئىھتىمال قىيىشقاقلار «شەيتان» دېگەن روھ ئەسلى ئەركىن مېھرىبانلىقىدىن رەھمانلىقى بولغان غەمخوردىن

7
نەۋائىي ۋاقىف ئول گەردۇن ئەرۇ سىندەكى قەسىدىڭغە
ئاچار گاھ شامىدىن گىسۇ كىيەر گاھ سۈبھىدىن مەقنەد
-        نەۋائىي

«ئون تەڭرى ئىرادەت»«تۆت ئەدلۇ ئىرادەت»«ئون ئەقلى ئىرادەت» «تۆت ۋەسلى ئىرادەت»قاچانكى كىردى پەھىمىڭغە
گەرچە يوق دىدى مەۋلىۋىيلىك پەندى فىراففوسورلۈق دېپلۇمى مۇبارەك بولسۇن ئەندى ئىتائەت بەختىڭغە
گاھ بۈركۈت گاھ كۇمۇت يەڭلىغ ئەركىن پەرۋازلىغان جان بولمىش پەقەت ئىنساپ ئىھسان كەسىرى ئىرادەت قەھرىڭغە
گۇناھدىن كۇمۇت يەڭلىغ سەزگۈر خۇمارغا بۈركۈت يەڭلىغ ۋەزمىن روھى رىسقى كۆپ تەكشى ئىنايەت ۋەسلىڭغە
نى سوئال كەلمىش مەھشەردىن نى سوراق كەلمىش ئەد- تەپتىن بىر ھۆكۈمكى بولدى جەننەتى دىيادەت ئەھدىڭدە
تۈپەيلى غورۇر ئەتمە مەنزىل ئۇزۇن سەپەر ئەگرى نە زار ئېزىتقۇ ھاسىل دەقىقىي زىيارەت سەبرىڭدە
ئىمكانىڭ پەقەت تەن ئىچرە «ئوت ۋەسلى ئىرادەت» لا راۋانى بولسا ئاندىن ساماۋىي نىگاھەت قەدرىڭغە
زامان«ئەڭ» دەپ يوشۇرغان مەخپىيەتلەر مەۋھۇمى زاھىردۇر ۋە ئىمتىھان مەھرى ھىدايەت پەزلىڭغە

8

غەم غازاڭى زاھىر ئەتمىش چېھرەئى زەردىم مېنىڭ
بارغالى يەلدەك بەھارى مېھرى پەرۋەردىم مېنىڭ
-        نەۋائىي

ئۆمۈر بىھۇدە ئۆتۈپ كىتىپتۇ ئاچچىق تاتلىق چۈشلەر قۇرۇق بولۇپ قاپتۇ كۆڭۈلدىن ھېچ بولمىدى بەختىم مېنىڭ
غەمگۇزار ئالىي بىلىملىك ئۇستاز بالىلىق سىنىپتىن بولغان بولسا بۇنچە بۇزۇق بولماس ئىدى قەلبىم مېنىڭ
كاشكى ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن بىرلا «گەردۇنپەرۋەرلىك» بولسا ئورتاق دىن بۇ چاغقىچە جەننەت ئىدى دەۋرىم مېنىڭ
ئىنسان گۈللىرى نىچۈن بىر-بىرىگە بويۇنداپ سۇندۇرار گۈلخۇن ياپراقلىرىنى نىدىن پەيدا زىيان قەھرىم مېنىڭ
ئاتمىشتىن ھالقىدى تەن يەنە قىرىق تەن ئەقلى ۋاپا قىلۇرمۇ ئەھدى پەيمانىگە دەپ غەمكىن زەۋقىم مېنىڭ
ئۆكتەبىرنىڭ ھونۇز كۈنلىرى ئالتۇن زۇمرەت رەڭلىك بەك چىرايلىق لىكىن بەك چىدامسىز كەلمەكتە سەبرىم مېنىڭ
باغرىمنى ئاسمان جانىمنى شامالسىمان قىلماق ئىدىم ئەپسۇس ئۆمۈچۈكتەك چېپىلغاقلاركى رەنجىم مېنىڭ
ئى ئەقلى ئىرادەت رەنجىمدىن مەرغۇپ بولالمىساڭ ھەممىدىن بەكرەك سەندىن رەنجىشىم مۇمكىن ئەمەس مەيلىم مېنىڭ

9

تەلبەلەردەك سۆزلىشۇرمەن ئۆز- ئۆزۈم بىلەن مۇدام
چن ئۈزۈمدىن ئۆزگە يوق ئالەمدە ھەمدەردىم مېنىڭ
-        نەۋائىي

كۆزدىن بۇلاق ئاچقۇچى تەرەننۇم يوق قۇلاق مەپتۇن بولغىدەك تەلەپپۇزلۇق بىرىلگەن يوق دىل خۇشام
ۋارقىراشلارنى ئاڭلاپ ئېچىنىپ جان قەدرى يوقمىدۇ بۇ جانلاردا دەيمەن چېكىمەن تاماكىدىن بىر ئورام
قۇلاقنى كۆزنى ئىتىپ بەھرام گور لەھەتكە كىرگەندەك جەسەت بولۇمەن ئىككى مىڭ يىللىق داستان بىر تۇتام
ئاندىن فەرھاد كوھى نەپەسلىرىدە پاختەكلى مۇقامىنى شىۋىرلايمەن تەڭكەش قىلىدۇ نەۋائىي بوۋام
مەن ئۆزۈم «مەنتۇقۇتتەيىر» مەن ئۆزۈم «ھەيراتۇل ئەبرار» مەن «خەزەنىئۇل مەئانى» چۈشلىرىم ھەم ئوڭام
غايىپ بولۇر بەش يۈز يىل مەن مەشرەپ مەن گۇمنام مەن فۇرقەت مەن نازىم ھېكمەت ھەممىسى كونا ئۆتۈك كونا جۇۋا بويام
ئى ئەھلى يۇرت ئەيىپ ئەتمەڭلار ۋاز كېچىپ تەنھا يۈرسەم بولسا ئېتىز قىرلىرى دۇنيا شەھەرلىرىدەك كوچام
بەزى ماركىس تاگۇر شەكلىدە ھىندىستاندىن كىلىپ دوستىنى ئىزدەيدۇ مۇڭداشماقچى بولۇپ كوممۇنىست جورام

10

تۇپراق ئولسام كويىدا ئەي ئەبرۇ رەھمەت يامغۇرى
قىل مەدەت ئانچەكىم ئاندىن چىقماغاي گەردىم مېنىڭ
-        نەۋائىي

كىشى پەيلى قىيىشقاق ھاشارەتتەك بولسا يادى دائىم جىدەل زەھەرنى دورىدەك سېتىپ پۇلغا ئالغۇسى
گەر رەھمى مىھىرداش پەزلى بولسا يادى داۋالىماق كىسەل كىلەر زەھەرنى شەكەرگە ئايلاندۇرۇپ باققۇسى
تۈپەيلى ئىنسانلار ئايرىلدى يىلتىز چېچەك نەقلى يىلتىزلار بىلمەك تۇپرىقىدا شۇڭغۇپ بولدى مۇڭدا قالغۇسى
تۈپەيلى ئىنسانلار ياشلىقىدا چېچەك بولۇر قېرىغاندا يىلتىزلاپ ئۆمۈچۈكتەك بىر بۇلۇڭدا ياتقۇسى
ئۆمۈچۈكتەك ياتماققا ئىلاج يوق روھى نەھرۇل بولالامدۇ يىپنى ئۈزەلەمدۇ كەلگۈ نۇردا ئاچقۇسى
دەل شۇ «مەھشەر» مەزگىلى پىلسىرات نەپەسلەر چىن پەرى ئۇقۇملارنى «يانفۇن»غا ئالغۇسى
تۇپراقنىغ كۆزلەر كۆرەر  مەن تۇپراق تۈگۈل توزان بولۇپ كەتكۈچى جان مەزمۇن نۇردا تاپقۇسى
مۇتلەق يوق بولغان ئىكەنمەن دېمەك بۇرۇنلا كۈنلىرىم تەنلەرگە سىڭىۋەرگەن مۈكۈنگەن ھۇلدا قالغۇسى

11

چىقتى جان بىلمىدى مۇقامى مۇژدەئى بەر ئەي مەسىھ
كىم قايۇ مەنزىلدەدۇر مىھرى جاھان گەردىم مېنىڭ
-        نەۋائىي

يادىم دۇنيا بولغاچ بىلمەي قاپتىمەن ھەر نەپەستىن جان چىقىپ تۇرۇپتۇ نەگە كەتتى دىگىن ئەي مەسىھ
چۈمۈلىغۇ يەردە مىدىرلايدۇ ئۇنىڭ جېنى ھەرىمۇ نەھرۇلمۇ قايان ئۇچتى ھازىر قەيەردىكىن ئەي مەسىھ
بوۋايدىىن ئۇچقان جان بوۋاققا بارارمىش نامەلۇم بوۋاق قانداق مەخلۇق بولۇركىن ئەي مەسىھ
مەنغۇ ھېچكىم ئاڭلىيالمايدىغان ئوشاق پەنجىگاھ مۇقامىنى پاختەكتەك كۇڭشىۋەردىم ئەي مەسىھ
بىر جۈپ پاختەك ھالال جۈپ كەلگۈ ئارمان نەدە يۈرۈيدۇ بۇزۇلمىسۇن غەمخورلۇق قىلغىن ئەي مەسىھ
بىر قۇل بولسىمۇ بەختى خۇدلىقىدىن قۇتاتقۇ بابىدىن بىر قۇر  بولالىسۇن ئاتا-ئاناڭدىن ئەي مەسىھ
سەن يوغان دۇنيانى ئەمەس بىر تەندە بىر جاننى قۇرالىساڭ بۇرچۇڭ ھەلدۇر بىردىن ئەي مەسىھ
دوست مۇرت خەلقىم كۆپ بولدى دەپ غۇرۇر قىلما ھەممىنىڭ خۇدراسى ئۆزگىدۇر سەن ئەمەس ھېچكىم ئەي مەسىھ

12

ھەر نىچە كۆڭلۈم سۇۋۇغ ئاھىدىن ئەيتۇر ئاھ كىم
يارغا ياقماس نىكىم ئەيتۇر بۇ دەمى سەردىم مېنىڭ.
- نەۋائىي

نەۋائىي بوۋاي مۇماي قەبرىگاھىدا ئاتمىش ياشىدا «ئەشرەپ- زەينەپ» بولۇپ كاككۇكلىغان چاغكىم
ئون تۆت يىل ئون تۆت قۇش بولۇپ ئىزدەپ ئۇۋىسىنى تاپالمىغان مۇڭلۇق لىسانۇتتەيىر باغكىم
ئون تۆت كۈنلۈك ئاي قىرال تامان ماڭغاندەك قۇلۇندەك يوقالماق مەنزىلىگە ئېچىلغان پالكىم
ئاستىرابات ھىرات مۈلكى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس دەرۋىش ئىبراھىم ئەدھەم خوتەنگە ماڭغان چالكىم
تاغ داۋانلاردىكى ھارماس ئىشەك ئەھمەد فارابىي يادى بولسا بۇ ھەم مەندا تەكرارلانغان جانكىم
يارانلار ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ قالسا بولۇر بەختىم قەقىنۇس پەيلىرىگە ئۇۋا قۇرسا پىتلار ئارماندا داغكىم
ئەجەبكىم تارىخ ھەيۋەتلىك بىر مەقبەرىنى ئالدىمدا قۇرۇپتۇ گەرچە رەسىم ئۆزگىدۇر ۋەزىنلەر قاتار باركىم
ئارخىلوگ ياكى فارمىلوگ ھۆججەت ۋاراقلىسا بۇنى مۆجىزە دەپ ياقاسىنى تۇتۇپ قالار  لالكىم

13

رىزق چۈن مەخسۇس ئىرۇر بىر قۇرس ئۈچۈن ھەركۈن نىدۇر
چەرخ دېمەك سەرگەشتەلىك كويىدا ناۋاگەرىم مېنىڭ
-        نەۋائىي

ئىككى ئاتمىش بەك ئۇزۇن ئۆتەڭ دەڭدۇر مېھرىبانلىقى بولمىسا رەزىل ئالتە دەمدەك غەمگۇن نىدۇر
ئەزەل پۈتمىشتە كەسىپ قەلب قىسمىتىنى پۈتۈپ بولغانمىش نىرىپ پىگمىنت ئىچرە جەمئۇن نىدۇر
نىچۈن تەنگە چۈشەر ئۆزگە ئىشەنمەس خىياللار ئىلھام تۇزانلىرى نەدىن كىلەر ھەرتۈن نىدۇر
دەقىقىلەپ زەررىلەپ پۈتۈلمىشلەر ھىسابىغا  ئەقىل ئاجىز بەكرەك ئەدىل ئىلىم يەمچۈن نىدۇر
ئى قەقىنۇس ساڭا چاۋا ساڭا چاۋا چاتقال توپلاپ كۆيدۈرمەك رىزق بۈركۈتلەرگە زەۋگۈن نىدۇر
چېچىلغان ھارارەت تۈتۈن دۇد دېرىكىنى قىلماق ھارامدۇر چاۋا چاتقال ئىشقى شەمگۈن نىدۇر
دىۋىگاتىل ماي توك بىلەن بەدەن ياغ روھ بىلەن ھەرىكەتتە مىتال نىرۋان زەررە رەۋشۈن نىدۇر
خىيال بىئو ئېلىكتىرۇن ماسسا ماگىنىت ئىلمى راست دەپ بىلۇر تۈپەيلى ئىشلىرىڭ ھەق كۇم نىدۇر.

14

ئى نەۋائىي تاكى ئۇردى مىھىر نەقىشىن تاشى چەرخ
بۇ بىسات ئىچرە ئەجەب شەش دەردەدۇر ۋەردىم مېنىڭ
-        نەۋائىي

بەش بارماقنى يۇمۇپ يەنە بىر ئاچسا جەمئىي ئالتە بولۇر بىرىنچى ئالتىنچى بارماق بىرقاتى بەرخ
يۈسۈپ ھەسەن ياقۇپ يۈسۈپ-ئەخمەد جالال ئالتە ناۋائىي جالالىدىن رۇمى پاتلاق پالى شەرخ
جالالىدىن رۇمى ئىدى پەرىدىن ئەتتار روھى ئۇ ئەخمەد ئۇ يۈسۈپ ئۇ ئەخمەد فارابى نەجھالى دەرخ
«مەنتۇقۇتتەيىر» «دىۋانى ھېكمەت» شۇنداق كەلمىش ئون تۆت كۈنلۈك ئاي ئىرشادى نەرخ
ئىشىق ئاتمىشتا چېچەكلەپ يىگىرمە تۆت ياشلىق مىۋە دەرەخنى كۆرگەندە دەرەخ يەتمىش تۆت رازى قەنخ
ئول مېھرى جاھانگەردى ئاقىۋەت جالالىدىن باغدادى قەبرىسىگە تىكمىش سەرە بولدى قۇت تاجى تەرخ
ئالتىنچى بىر ئەلى ئون بىرىنچى بىر يۈسۈپ بىر كەسرىي ئىسمى ئەزەم سىزىم ئىقتىدا خىلداش مۇنچاقى ئەنخ
سەن مىڭ يىللىق روھى بولساڭ يەنە كىيىنكى مىڭ يىللىق روھى بولغىنىڭ مۇمكىن چېكىتلەر سىمان قۇرسانى قەرخ

15

سىۋىنگىل ئەي كۆڭۈل ئاخىرى جىسمىڭ تابى جان كەلدى
قۇۋان ئەي جانى مەھزۇنكىم ھاياتى جاۋىدان كەلدى
-        نەۋائىي

سۆيۈنگىن ئى قەقىنۇس ئىنسانىيەت پەيدا زاماندىن جىنمانلار ئالىمىدىن تاللىنىپ ساڭا ماھى تابان كەلدى
جاندىكى ئۈچ پاسىباندىن تاكى نوھنىڭ ئۈچ ئوغلىدەك گۇناھ توپانىدىن ئامانلىق كۈشتە راھىبان كەلدى
ئىبراھىم يۈسۈپ دېگەن يۇلغۇنغا قىبلە مېھرابىڭدىن بەكرەك سەجدە قىلغىن تۇرغۇنىڭدا باغىبان كەلدى
ئۇنى بەش مىڭ يىللىق روھ بۇنى ئىللىك يىللىق روھ دىسەڭ نەسىردىن ئەپەندىمگە خىزرى سامىيان كەلدى
سەن يۈسۈپكە كونا بورىيا مىسىر تەختى گىلەم پاياندازدىن ئارتۇق شاھى خۇدغۇلغا ساھىبان كەلدى
سۆيۈنگىن كۈللى ئىنسانلىق بەختى ئۈچۈن يەر بەلبىغى ئىكۋاتۇر تىروپىكتەك يۇرت يولغا شاھىدان كەلدى
مەگەر بىلسەڭ «يەسۇ» يەنى تەندىكى بەلغەم ھەممىدە مەۋجۇتلىقىدىن بىر تىرلىيارت دوست يارىجان كەلدى
كىمكى ساڭا قارشى دېمەك شۇ ئۆز بەختىگە قارشى ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى روھ ئارىبان كەلدى

16

شاكۋە قىلمان گەر جاپادىن باشىمە ياغدۇر ساتاش
تاقەتىم يوق ئەلگە قىلسا بەرگى گۈل ئۇرماق ھەۋەس
-        نەۋائىي

مىللەت نامىم خىللەت ھالىم گەرچە شەكلەن قالپاق چاپان ئۆتۈك جانىم ماھايان چۇۋۇلغان ئارزۇمدا باش
ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان بولمىدى ھېچ ئارامى روھىمنىڭ ھارۋىنى ئۆي قىلىپ سەرگەردان ئالۋۇندا راش
دىنازاۋۇر كەسلەنچۈك كۇمۇت سۇمرۇق بولۇپ نەچچە ئۆزگەرگەن دۇنيادا مەن يەنە ساق سوغدا باش
ئۇچارلىقلار لوغىتىدە «سا»دېگەن قۇش قالمىغان بولسىمۇ ھېچ قۇشقا ئوخشىماس تاپقۇغۋا داش
مەيلى قەبرىستاندا مەيلى قاراڭغۇ جاڭگالدا ياتسۇن تەشۋىشسىز ئۇخلىيالايدىغان يالغۇزكى بىر  تاش
شۇنداق يار يوق ئاتمىشقىچە تۇل يۈردۈم ئەندى كۆردۈم نى جاپا كەلسە ئارامۇ راھىمدا شاش
ئۇ لولى قىمارۋاز مىجەز بولسىمۇ ئۇتماق مۇددىئاسى يوق بەلكى قۇتماق جان ئىچى ئاھۇغا باش
ئۇ بەڭگى مىجەز بولسىمۇ بىرەر خۇمارغا بەندە بولمىغان نەفسى ئەمەس بەلكى ئىلاھى تادۇ قاياش


تونۇردىكى چوغ




ئابابەكرى توختى



-يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس بىلەن تەلقىنلىك سۆھبەت



ئابابەكرى توختى:  سىز دەۋەتقان «شەھەل» (مۇسەممەن پايە) دېگەن ئاتالغۇنى ھازىرغا قەدەر مەتبۇئاتلاردا ئۇچراتمىغان ئىكەنمەن. مۇسەممەن يەنى سەككىزلىك ئۇيغۇر كىلاسىىك شېئىرىيتىدە ھازىر ئانچە كۆزگە چېلىقمىسىمۇ ئەسلىدە بار بىر شېئىرى تۈر، ئەمما «مۇسەممەن پايە» شەكلىدە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. شۇڭا  ئالدى بىلەن  سىز شەھەل(مۇسەممەن پايە) دېگەن ئاتالغۇغا ئىزاھات بىرىپ ئۆتسىڭىز.
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: «شەھەل» (مۇسەممەن پايە) كىلاسسىك تىل شەكلى بولۇپ، شەھەل- شەرھىيلەپ ھەل قىلغۇچى ياكى شەرھىيلەپ ھەل (زىننەت)  بەرگۈچى دېگەنلىك. مۇسەممەن پايە- سەككىز قەۋەت چەمبەرسىمان پەلەمپەي، بۇ مىمارى شەكىل راۋاق مۇنارىدا بولۇپ، تەسەۋۋۇردىن تەسەۋۋۇرغا ئۆرلىگۈچى دەرىجىلەر دېگەنلىكتۇر.
ئابابەكرى توختى: بۇ يازمىڭىزنى ئەدەبىيات ساھىپلىرى تۈگۈل ئۆزىنى ئەدەبىيات ماگىستىرى، دوكتۇرى دەپ مەيدا قېقىپ يۈرگەن بىر قىسىم «قازى كالانلار»نىڭمۇ  چۈشىنەلىشى قىيىن. سىزنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ھەمدە ئۆزىڭىزنى قىيناپ، رىيازەت ئالىمىنى «سەيلە» قىلىپ بۇنداق يېزىشىڭىزدىكى مۇددىئايىڭىز زادى نېمە؟  ياكى ئۆزىڭىزنى نەۋائىيدەك  ئەللامە، دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتمەكچىمۇ؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس:مۇددىئايىم كۆپ تەرەپلىمە ۋە كۆپ قەۋەتلىمە.
1) پارتىيىنىڭ 17-قۇرۇلتىيىدا «ئىلمىي تەرەققىيات» نەزەرىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ نەزەرىيە بىرىنچى قەۋەتتە دەل ئىلىمنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەبىئەت، جەمئىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنى، مەرىپەت، مائارىپ سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئىككىنچى قەۋەتتە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن جەمئىيەتنىڭ سىياسى قۇرۇلمىسىنى، پارتىيە قۇرۇلىشىنى، ئىقتىسادىي، ھىسسىيادى ساھەلىرىنى، ئىكولوگىيىلىك، فىزىلوگىيىلىك قانۇنىيەتكە مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەنلىك.
مۇددىئايىم، بىرىنچى قەۋەتكە دەل ئىلمىي تەپەككۇرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىگە مەنسۇپ. تەپەككۇرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن  ئالدى بىلەن تەسەۋۋۇرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.
سىزگە مەلۇم، بۇ يىل جۇڭگۇدا ئىككى ئولۇمپىيە مۇسابىقسى ئۆتكۈزۈلدى. يەر تەۋرەش، كەلكۈن، قارا يامغۇر ، بوران، مۆلدۈر  ئاپەتلىرىمۇ بولۇپ تۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى «تەبىئەت دىئالىكتېكىسى» نەزىرىدە گارمۇنىيىلىك ھادىسلەردۇر.
ئولۇمپىيەنى ئالايلى، بۇ نوقۇل تەنتەربىيە (تەنەففۇر) مەسىلىسى ئەمەس، قارىماققا تەنەففۇر ماھارەتلىرىنى، كامالەتلىرىنى بەھس قىلغۇچى رىقابەت كۆرۈنسىمۇ ئەسلىدە تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر ماھارەتلىرىنى بەھس قىلغۇچى دىيانەت مەسىلىسىدۇر. يەنى، رىقابەت رىيازەتلىرىگە چىداپ قىيىشقاق (دۈشمەنلەشكۈچى) تۇيغۇلارنى يېڭىپ، مىھىرداش( گۈلشەنلەشكۈچى) تۇيغۇلارنى بىلىش ئىمتىھانلىرىدۇر.  دېمەك، ئولۇمپىيە دەل ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئۈچۈن تەجرىبە، تەسەۋۋۇر ئىمتىھانى بولدى.
دانىشمەنلىك نامى( نوپۇزى) نى تاما قىلامسىز دېگەن گېپىڭىزدىن ئىسىمگە 1990-يىللاردىكى بىر قىسىم كەچمىشلەر كەلدى.
ئۇچاغدا مەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشخانىسىدا بىر بۇلۇڭدىكى كىچىككىنە شىرەگە مۈكچىيىپ  كىتاپ كۆرەتتىم. مەشھۇر تاجىك سەنئەتكار ئاتىكەم زەمىرى ھەر قېتىم ئىشخانىغا كەلسە«يۈسۈپ دانىش»دەپ چاقچاق قىلىپ قوياتتى. «دانىش» تاجىكچە مۇتەپەككۇر، ئالىم دېگەنلىك بولىدۇ. بىراق مەن دەرۋىش سۈپەت ئاددىيلا بىر ئادەم ئىدىم، ئەمەل نامىم، ئۇنۋانىممۇ يوق ئىدى. شۇچاغدا «نوپۇز ھەققىدە» دېگەن بىر ئەسەرنى يازغان ئىدىم. (ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹يۈسۈپ ھۆسەيىن› ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتىكى بەزى بايانلار بار)  مەن ئېلان قىلش پۇرسىتى بولمىغان شۇ ئەسەردە «لوپا ئەينەك» رەمزى بىلەن نوپۇز( ئىناۋەت) كۆرۈر( ئىپتىخار) دېگەن روھنىڭ «ئوشۇقچە قىممەت» ئىكەنلىكىنى، «لوپا ئەينەك» پىرامىدا شەكلى جەمئىيەتنىڭ ئوت(رادىئاكتىۋ دولقۇنلار) تۈگۈنى بولۇپ جانغا زامىن بولىدىغان قازايى ھادىس ئىكەنلىكىنى، بۇ روھ گەرچە ناتۇرال دەۋردە كاپىتال( مۇنۇپال) دەۋردە نۇرمال ھادىسە بولسىمۇ كامىنال( ئومۇھال) دەۋردە نادانلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدىم.
«گەردۇنى»(ئون قەۋەت پەلەك) روھىدىكى ئەقىللىق كىشى مۇتلەق ئىنسانپەرۋەر بولىدۇ، ئۆزگىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تامانىڭ دامىغا يېقىن كەلمەيدۇ. روھىمدا ھوقۇقى (نوپۇزى) بار ئىنسان بىرىنچى قۇل، ھوقۇقى (نوپۇزى) يوق ئىنسان ئىككىنچى قۇل. ئىككىنچى قۇلنىڭ جاپاسى كۆپ بولىدۇ. جاپا كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تەڭرى رەھمىتىنى سەزگۈچى راھا بىر نىسبەت كۆپ بولىدۇ. مەن بۇ نوقتىدا دائىم ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەن.
ئابابەكرى توختى: گەپنىڭ دائىرىسى بەك يوغىناپ كەتتى، گەپنى بەدىئي تەسەۋۋۇر بولغان مەزكۇر ئەسەر گىردابىغا  كىرگۈزەيلى!
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: كىلاسسىك ھېكمەتلەردە «كەمتەرلىك- سەرۋەرلىك، تەكەببۇرلۇق- تەنەزۇللۇق» دېگەن تىئورما بار. سىزز ھازىر بىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك سىياسىئۇنلىرىمىزدا، زىيالىلىرىمىزدا بىر خىل تەكەببۇرلۇق، كىچىككىنە ئىجتىمائىي تەسىرگە چىدىمايدىغان ھادىسىنى كۆرىسىز. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ دەل «تەكەببۇرلۇق- تەنەززۇللۇق» دېگەن ھۆكۈم مەسىلىسىدۇر. تەككەببۇرلۇق ئەسلىدە تەپ- كەب- بۇر دېگەن ئۈچ بوغۇمدىن تۈزۈلگەن، يەنى بەدەنگە ھەددىدىن ئارتۇق تەپ (ئوت، ھارارەت) تىندۇرما بولۇپ قان، جان، راۋان بولالماي قاتماللىقنىڭ پارتلىشى دېمەكتۇر. بۇر- (پارتلاش) بولغان ئىكەن تەنەززۇل –بەدەن ئىچىدىكى بۇزۇلۇش ئاندىن ۋەتەن( مۇناسىۋەتلەردىكى) بۇزۇلۇش بولىدۇ. دېمەكچى، مەزكۇر ئەسەر مۇشۇنداق تەنەززۇل( بۇزۇلۇش)نى تەخەييۇل(تۈزۈپ قۇرۇش) قىلىشقا پايدىلىق بولامدىكىن دېمەكچىمەن.
ئابابەكرى توختى: سىز دېگەن «تەكەببۇر»لار چۈشەنمىسە، ئوقۇمىسا قانداق تەخەييۇل( تۈزۈپ قۇرۇش) بولىدۇ؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: پىسخولوگىيە بويىچە مەنتىقىلىسەك «تەكەببۇرلۇق» نىڭ بىر ئالاھىدىلىكى مەنمەنچى( ئۆرلىگۈچى) بولىدۇ. شۇنىمۇ بىلەلمىسەم قانداق بولىدۇ، ئۇ قانچىلىك بىر نېمە ئىدى؟ دېگەن بەھس قىلغۇچى تۇيغۇ قوزغالسا مەقسەتنىڭ يېرىمى ھەل بولىدۇ.
ئابابەكرى توختى: «قويە ئۇنداق پەلىپەتىش نېمەڭنى، ئوقۇپ زېھنىمنى ئۇپرىتىپ نېمە قىلاي» دەپ تاشلاپ قويسىچۇ؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: بۇنداق تۇيغۇنى تەنەززۇلدىن كېيىنكى لەقۋالىق، ئەقلىي پارالىچ كېسىلى دىيىش مۇمكىن. بۇنداق كېسەلنى  ھايات رىيازەتلىرى داۋالايدۇ. سەل غورۇرى بار «تەكەببۇر»لار چىدىشى كېرەك. قېنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىپ باقاي دېسە پايدا كۆرىدۇ.
ئابابەكرى توختى: سىز دەۋاتقان بۇ ئاتالمىش »پايدا» زادى نېمە؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: بىزدە مۇنداق بىر خۇراپى ئادەت بار، كاللىنى كۆپ ئىشلەتسە (باش يوغان) «كالا»بولۇر. باھنى كۆپ ئىشلەتسە (چات يوغان) «ئىشەك» بولۇر. شەھۋەت، قىمارخۇرلۇق، زىناخورلۇققا ھەۋەس قىلىدىغان، تەكەببۇرلۇقنىڭ بۇنداق «لۈكچەك» نۇسقىسى ھۆكۈمران  بۇنداق نادانلار ئويلىمايدۇكى، پۈتۈن بەدەندىكى بىر تال موي، پۇتتىكى تىرناققا قەدەر ھەممىسىدىكى سېزىم باش(مېڭە) بلەن زىچ توقۇلۇپ كەتكەن. باش قانچە ئاز تەپەككۇر ، تەسەۋۋۇر قىلىدىكەن مېڭە ياغلىشىپ دادلىشىپ تېخىمۇ «كالا» بولىدىغان گەپ. تىز چاپىدىغان ئات، يىلپىز  قاتارلىق ھايۋانلار تەنەففۇر (تەنھەرىكەت) قىلىۋاتقاندا تەپەككۇرى، تەسەۋۋۇرى يوق بولامدۇ؟  ئومۇمەن يەل قانچە سۈرۈلسە پەي، پاتاڭ شۇنچە راۋان بولىدۇ. «ماھۇم تەلىماتى» بويىچە تەپ ( تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر) ئېنىق، قېنىق، سۈزۈك بولىدىكەن يەل(تەنەففۇر) شۇنچە تەرتىپلىك بولىدۇ. يەل تەرتىپلىك بولىدىكەن نەم( قان، لىمفا، نىرۋان سۈيۈقلىقى) ئىچىدىكى سىنتىز شۇنچە تەرتىپلىك بولىدۇ.
ئابابەكرى توختى: نەۋائىي غەزەللىرىدىكى تىل ئوتتۇرا ئەسىر تىلى ئىدى. سىزمۇ «شەھەل»لىرىڭىزدە بۇ زاتى مۇبارەكنى تىل ئۇسلۇبى جەھەتتە دوراپ خېلى رىيازەت چېكىپسىز، نۆۋىتى كەلگەندە يېڭىدىن چۈشىنىكسىز بەزى سۆزلەرنىمۇ ياساپسىز.  بۇنىڭدىكى مەقسەت نېمە؟ ياكى سىز روھىمىزنى ئوتتۇرا ئەسىر سۆرەپ ئاپارماقچىمۇ؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: روھ( جان) ۋە زامان ئۇقۇمىدا «چېكىنىش» مەۋجۇت ئەمەس. سائەت تىلى مەجبۇرى چېكىندۈرۈلگەن بىلەن ئەسلى دەقىقىلەر ھەرگىز چېكىنمەي مېڭىۋىرىدۇ. تەڭرى قۇياشنى جايىدا توختاتقان بىلەن يەرنىڭ ئايلىنىشىنى چېكىندۈرگەن ئەمەس. بۇ يەردە مەن نەزەردە تۇتقان مەسىلە تارىخ ئۇنتۇلغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى ئەقىل بىلەن تارىختىكى ئەقىل ئارىسىدىكى خەندەككە «كۆۋرۈك» سېلىش. كۆۋرۈك ئىككى قىرغاققا ھۇل قويىدۇ.
«مەجالىسۇن نەفائىس» دىن مەلۇمكى، نەۋائىي دەۋرىدە نۇرغۇن مەھلىۋى، مەۋلانە( ھازىرقى دوكتۇر، ماگىستىرلارغا باراۋەر)، شائىرلار ئەڭ مۇرەككەپ، مۇئەممالىق تەسەۋۋۇر بىلەن بەھس قىلاتتى. مانا بۇ جايدا «كەمتەرلىك- سەرۋەرلىك» دېگەن ھېكمەتلەرنى ئەسلەش مۇۋاپىق. ئەقىل ئۆزى بىلەلمىگەن سىر ئالدىدابىچارە بولىدۇ. بەدەن تەرلەيدۇ. تەر چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئورنىغا «تەپ» ئورۇنلىشىدۇ. نەتىجىدە نەم ئازىيىپ تەندە پەي جانلىنىپ تەمكىن بولغاندا ئەقىل كىلىدۇ. ئاندىن خىيالى سەپەر باشلىنىدۇ. سەپەر ئالدىدا ماڭغان ماڭغىنى سەرۋەر( رەھبەر) بولىدۇ. بۇنداق سەرۋەر سەپەر، نەزەر، قەدەم، نەفەس دېگەن تۆت ئۇقۇمنىڭ چارىسىنى قىلىدۇ. دېمەكچى، نەۋائىي دەۋرىدە نۇرغۇن ئالىملار، شائىرلار، رازىقلار، ئارىفلار بارلىققا كەلگەن.
بۈگۈنگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:
پارتىيە قۇرۇلتىيىدا “立党为公”دېگەن بىر ئاتالغۇ مەيدانغا چىقتى. تەرجىمانلىرىمىز بۇنى ئاددىي ھالدا « ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش» دەپلا تەرجىمە قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار “公”نىڭ مەنىسىنى دېگەندەك چوڭقۇر چۈشىنىپ كىتەلمىدى. بۇ خەتنىڭ ئەسلى مەنىسى « ئەۋلىيا، دانىشمەن، مۆتىۋەر»دېگەنلىك بولۇپ، بۇمەنىگە بەدەل قىلىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلغاندا بىلىملىك دانىشمەنلەر پارتىيىنى قۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ. يەنى كومپارتىيە-سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، كوممۇنىزمچۇ؟ ئۇ دەۋردە قانداق ئەمەلىيەت بارلىققا كىلىدۇ، بۇ دەۋرنى يارىتىشنىڭ تەدبىرلىرى نېمە دېگەن سىرلارنى بىلگۈچىلەر دېمەكتۇر. ھازىر بىزدە سوتسىيالزمنىڭ تەڭدىللىك
“齐福主意”ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان پارتىيە ئەزالىرى كۆپ بولمىسا كېرەك.
ئابابەكرى توختى: ھازىر  ئۆزگىچە بەدىئي دىت ياكى تەسەۋۇردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان، يازغۇچى ياكى تەتقىقاتچىنىڭ ئىدىيىسى، كۆز قاراشلىرى دەۋردىن ھالقىپ كەتكەن بىر قىسىم  ئىلمىي ئەسەر ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى  باشلىقلار چۈشەنمىدى، ئېلان قىلىش ئۆلچىمىگە توشمايدىكەن، ئاممىبابلىقتىن يىراق بولغاچقا خەلق ئاممىسىمۇ چۈشىنەلمەيدۇ دېگەندەك «قالپاق»لارنى كىيگۈزۈپ بۆشىكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزمۇ بۇ خىل قىسمەتتىن خالى بولالمىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: بىلىمىلىك بىلەن بىلمىسىزنىڭ پەرقى خۇددى بۆشۈكتىكى بوۋاق بىلەن بوۋاي پەرقىگە ئوخشايدۇ. ھەرقانداق كەسىپنىڭ چېكى بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن چەمبەر سىزىقىنى يېڭى قەۋەت سىزىق قىلىشقا  نىگىز بولىدىغان «چېكىت»نى تەقەززا قىلىدۇ. دېمەك، بىلمىگەنلەرنىڭ بىلىش دەرىجىسىنى ئاساس قىلىپ چەكلىنىش كېرەك دېگەنلىك. ئاخىرى بوۋاق بۆشۈكتەئانىسى سۈت بەرسە ئىمىپ ئۇخلايدىغان دەرىجىگە يىتىپ بارىدۇ. بالىلارچە قاراملىق، بەڭۋاشلىق- ساراڭلىق ھوقۇقى نوپۇزى ھالەت بولۇپ قالسا جەمئىيەتتە ئانارخزم ئەۋج ئالىدۇ.
ئابابەكرى توختى: ئەمدى ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى، بەدىئي قۇرۇلمىسىغا ئائىت مەسىلىگە كېلەيلى،  ئادەتتە غەزەللەر 14،15،16 بوغۇملۇق بولىدۇ، (مۇقەقارىپ بەھرى ۋە بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان بەھرلەرنى نەزەرگە ئالمىدىم) سىزنىڭ شەھەللىرىڭىز 28،30،32بوغۇملۇق بولۇپ،  غەزەلنىڭ بوغۇم ئالاھىدىلىكىگە تۈپتىن خىلاپلىق قىلىنغان. بۇ نوقتىنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: شۇڭا مەن «شەھەل»دېگەن ئالاھىدە ئۇقۇمنى ئىختىرا قىلدىم. مەلۇمكى، غەزەلدىكى (نەۋائىي غەزەللىرىدىكى) ئەسلى مەنا ئەينى زاماننىڭ تەلىپى بويىچە مەجھۇل( نىقابى)ھىسسىيات بىلەن ئىزھار ئىتىلگەن. ئۇنى تىيىپجان قاتارلىقلارنىڭ بۈگۈنكى زامان تىلىمزغا يەشكەن شەرھىيلىرىمۇ بەك يۈزەكى، تاشقى پوستىلاق قەۋىتىنى تاتىلاش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالغان.
مەن شەھەلنى يېزىشتىن بۇرۇن يىگىرمە يىلدەك نەۋائىينىڭ مەنىۋىيەت قاتلاملىرى بىلەن ھەپىلەشتىم. غەزەللەرنىڭ ئىدىيىۋى، ئىسمىسكىۋى قەۋەتلىرىنى مالتىلىدىم. يەنى ھەربىر غەزەل(فانى)بىلەن پۈتۈن ئۆمۈر جەريانىنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن خۇددى ياشلىقتىكى نەزمىسىنى قېرىغاندا قايتا ئوقۇغاندەك تەسىرات بىلەن ئىزھار قىلدىم. مەسىلەن: سىز شەھەلدىكى 28،30،32بوغۇملۇق 8مىسرالىق نەزمىي، نەسرىي ئەبجەشلەشكەن جۈملىلەردىن مەنانى ئاڭقىرالىسىڭىز غەزەلدىكى ئىككى مىسرانى كۆرگۈچى كۆزىڭىز روشەن بولۇپ قالىدۇ. دېمەك مەن شەھەلدە ھەم ئكزۈمنىڭ ھىسسىياتى بىلەن ھەم نەۋائىينىڭ ھىسسىياتى ئوتتۇرىسىدىكى قاتلانما، پاتلانما ھىسسىياتنى ئىزھار قىلدىم.
ئابابەكرى توختى: بايا سىز ئىسمىسكىۋى دېگەن بىر ئاتالغۇنى تىلغا ئالدىڭىز. بۇنى شەرھىيلەپ ئۆتسىڭىز.
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: بۇ ئۇقۇم ئىستىتىكا بىلەن مىستىتىكا دېگەن ئىككى سۆز قوشۇلمىسىدىن تۈزۈلگەن، بۇ مەخسۇس ئىلىم، ئۇ ئارزۇ (لىراگىدىك)قايغۇ(تىراگىدىك) ھىسسىيات سىستېمىسىدىن ئىبارەت. شەھەلدىكى ۋە غەزەلدىكى تالالنغان مەزمۇن قارىماققا شەخسى سەرگۈزەشت، چۈشەنچىدەك كۆرۈنسىمۇ ئۇ ئىنسانىيەت( گەردۇن) روھىدىكى يەنى ئونىنچى قەۋەت چەمبەردىكى چېكىت- قۇياشتەك، بىرىنچى قەۋەت چەمبەردىكى چېكىت- ماھتەك بىر خىل ئوڭ تاناسىپ تۈزىدىغان روھتۇر. شۇڭا نەۋائىيدىكى «فانى» دەقىقىي، «باقى» ئەبىدىي روھتۇر.
ئابابەكرى توختى: نەۋائىي غەزەللىرىنى بولۇپمۇ «خەزانىئۇل مەئانى»نى ئوقۇغانلارغا مەلۇمكى، نەۋائىي نەزمىيەتلىرىدە غايىپ پەرىزات يادى بىلەن ئۆرتەنمەك، رىياكارلارنى تەرك ئىتىپ خىلۋەت مەيخانىدا «مەي»ئىچىپ مەست «فانا» بولماق، «فانا»لىق مۇددىئاسىغا دەخلى يەتكۈزگۈچى تەسىرلەرگە بولغان قايغۇ، تەشۋىشلىرىنى ئىزھار قىلىشتەك مىلودىك ئالاھىدىكلەر بار.  بۇنىڭ ھازىرقى رىئاللىقا، ئەدەبىياتىمىزغا بولۇپمۇ شېئىرىيىتىمىزگە نىسبەتەن قانداق رولى بار قارايسىز؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: نەۋائىي غەزەللىرىدىكى ئۇنچە ئاددى شەكلى مەزمۇن ئەمەس. ئالدى بىلەن فلوسوپىك يۈكسەكلىكتىن تۇرۇپ قارايلى:
نەۋائىينىڭ فلوسوپىك قارىشى «گەردۇن» (ئون قەۋەت پەلەك) يەنى ئون تەڭرى ئىرادەت، ئون ئەدلى ئىرادەت، ئون ئەقلى ئىرادەت، ئون ۋەسلى ئىرادەتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن مۇتلەق ئومۇمۇل ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىنسانىيەت سائادىتىنى ئارزۇ قىلغۇچى غايە چىقىدۇ. بۇنداق ئىدىيىگە ھازىرقى زاماننىڭ كۆزى بىلەن قارىساق، ھازىر مەۋجۇت بولمىغان كامىنال(كوممۇنىزم)نى غايە قىلغان كوممۇنىستلارنىڭ سوتسىيىئال (تەڭدىللىك) قاراشلىرىنى كاپىتال(مونۇپۇلىزم) ئاساسىدىكى لىبۇرال(ئەركىن)رىقابەتلىك تالىشىشلار، جىدەل- ئۇرۇش ھېرىسلىرى زەھەرلەپ تۇرىدۇ. نەۋائىينىڭ بەش يۈز يىل بۇرۇنقى ناتۇرال دەۋردىكى ئىنسانپەرۋەرلىكى ئەنە شۇنداق پىرمانلىق تەسىرلىرىگە زىت ئىزتىراپ(پىراق) ئىدى. ئەمدى ئاددىي بەدەن ياشايدىغان 2-3-4-5-6-7-قەۋەت چەمبەرسىمان مۇناسىۋەتلەر(مىللەت، خىللەت، سىنىپ، جىنىس، ھىسسىي، مەھەللىۋى مۇناسىۋەتلەر)بويىچە ئوبيېكتىپ (موھىت) بلەن سوبيېكتىپ(موھىپ) جەھەتتىن قارىساق تارىخ ھازىرقى زامان ئۈچۈن نۇرغۇن خوراپىي، خاتا قالدۇقلارنى قالدۇرغان. مەسىلەن: مۆچەلنى ئالساق بۇ يىل پالانى ھايۋان يىلى، ئۇ يىل پالانى ھايۋان يىلى، بۇ يىلدا ئاپەت كۆپ بولىدۇ، ئۇ يىلدا ئامەت كۆپ بولىدۇ دەيدىغان ئۇدۇملار ھېلىھەم ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ. ئەسلى تەبىئەتتە بولمىغان «جەمئىيەت» شەرھى ئىھتىياجىدىن ياراتقان بۇنداق ئەپسانىۋى ھادىسىلەر جەمئىيەتتە بولماسلىققا تېگىشلىك تىراگىدىك ھادىسلەرنى قەستەن ھاسىل قىلىدۇ. بۇنى ھەل قىلىمەن دەپ تەدبىر ئىزدىسەك، تەبىئەتكە چىقىپ تەڭرىگە ياكى غايىپ پەرىزاتقا ھال بايان قىلىش كىرەك. گەپ(يەل) ھاۋاغا ئۇچۇپ، «فانايى»ھالەت بولىدۇ. بۇنداق ئىچكى مۇنازىرىدىن كىيىن تىئورىيە(مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھۆكۈم)گە ئىلھام بولىدۇ. دېمەك، مۇشۇنداق تىئورىيە نەۋائىي نەزمىيەتلىرىدىكى مىلودىيىدۇر. بۇنداق مىلودىيىنى خىلۋەتتە ئوقۇغان خېرىدار  كىشى داۋالايدىغان دورىنى ئىستىمال قىلىپ روھى بىمارلىققا شىپا تاپقاندەك ھىس قىلىدۇ. كەمىنەنىڭ شەھەللىرى ئەنە شۇنداق ئۆگىنىش، تەققاسلاش جەريانىنىڭ مەھسۇلى.
ئابابەكرى توختى: نەۋائىي نەزمىيەتلىرىدىكى مىلودىيە تەركىپلىرىدىن بىرى ئىشىق(مۇھەببەت) مەجنۇنلىقى.  بۇ نوقتىدا بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە پىىكر ئالماشتۇرۇپ باقايلى.
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: تارىخ ھازىرقى ئىنسانىيەتكە مۇھەببەت مەپتۇنلىقىنى قالدۇرماستىن مۇجەللەت مەجبۇرلىقىنى قالدۇرغان.
تارىخنىڭ ناتۇرال دەۋرى، كاپىتال دەۋرلىرىدە بولمىسۇن ئىنساندىكى مۇھەببەت، ئائىلە ھەۋەسلىىرى سىياسى، ھىسسىيادى قورالغا ئايلانغان. رىقابەت- ئۆزىنى يوغانتماق، ئۆزگىنى يوقاتماق بولغانلىقى ئۈچۈن  نەسىل، نەسەپ، ئاندىن جىنسى ئىقتىدار مەسىلىسى سىياسى رىقابەتلەرنىڭ نىگىزى ئىدى. تارىختىكى بۇنداق ئىشىق(مۇھەببەت) قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن يەر شارىدا ماكرو جەھەتتە ئىكولوگىيلىك بۇزۇلۇش، مىكرو جەھەتتە فىزىلوگىيلىك بۇزۇلۇش ئەۋج ئالدى. ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي جىنسى ئىقتىدارى ھايۋانات، ھاشاراتلەردىن كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى. نەتىجىدە مۇھەببەت غەليانى قانچە ئەۋجىگە چىققانسىرى مۇھەببەت ئەپھالى شۇنچە پارىغ بولىدىغان «كىچى پىنھانى»، «كۈندۈز  زىمىستانى» بولىدىغان ھادىسىلەر كۆپەيدى.
ئابابەكرى توختى: سىز دەۋاتقان «مۇھەببەت مەپتۇنلىقى» نىڭ«مۇجەللەت مەجبۇرلىقى»غا تارىخى زۆرۈرىيەت بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەپلىرى بارمۇ؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: مۇجەللەت ئۇقۇمى- مۇھەببەت(ئىشىق) نامى ئاستىدىكى شەھۋانى ھىرىسمەنلىكىنىڭ زىيان- زەخمەتلىرىنى، ئاچچىق ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگۈچى مۇھەببەت ھەجرى مەزگىلىدىكى بىلىش، شۇنداقلا، تەكەببۇرلۇق بىلەن بولغان تەنەززۇلنى كەمتەرلىك(بىچارىلىك) بىلەن تۈزۈپ قايتىدىن قۇرۇش(تەخەييۇل) مەزگىلىدىكى بىلىش. كىلاسسىكلار بۇنى ئىلاھى ئىشىق دېگەن. تارىختا زاھىدلار، راھىپلار، ئارىپلار، ئابىتلار تىلغا ئالغان بىلىش باسقۇچى- ئىلاھى ئىشق- ئاشىقلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھازىرقى زاماندىكى مەرىپەت، مەدەنىيەت ھادىسلىرىگە تەدبىقلىىساق، بالىلارنىڭ، ياشلارنىڭ، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلى راھىپلىق، ئارىپلىق مەزگىلى بولىدۇ. راھىپ، ئارىپ مەزگىلى- تەبىئەت، جەمئىيەت بىلمىلىرىنى ئۆگىنىش، زېھنىنى دەرسلەرگە، ئىمتىھان مۇئەممالىرىغا جەملەش، ئۆگىنىش مەشغۇلى مەزگىلى دېمەكتۇر. زاھىتلىق، ئابىتلىق مەزگىلى- تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدىن ئىبارەت. بۇ چاغدا جىنسى ھورمۇنلار جانلانغان، ئەقىلنى كونتىرۇل قىلىش قىيىنلاشقان بولىدۇ. بۇ فىزىلوگىيلىك، پىسخولوگىيىلىك نەزەرىيىدىن كۆرە تەجرىبە، نىرۋا، لىمپا سىستېمىسىدىكى ئامانلىق، راۋانلىقنى تەڭشەش پەھمى، تەدبىرىنى بىكىتىدىغان  موھىم مەزگىلدۇر.
مۇجەللەت ۋەسلى زۆرۈرىيەتلىرى مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلارغا، ئائىلە قۇرغان قىرانلارغىمۇ  ماس كىلىۋىرىدۇ. بىر سوتكىلىق زامان كاتەكچىسىنى ئالساق  8ۋەسىل(سۈبھى، سەھەر، چاشكا، چۈش، پىشىن، گۇگۇم، خۇپتەن، تۈن) 8ۋەزىن( ئۆرلىگۈچى،ئىلگىرلىگۈچى، كىڭەيگۈچى، قاتتىقلىغۇچى باش روھ، تۆۋەنلىگۈچى، چىكىنگۈچى، تارايغۇچى، يۇمشىغۇچى چاتروھ)نىڭ ھەربىرسىنىڭ مەشخۇلىيەت ئىھتىياجى، ئىقتىدار ئىمكانى بولىدۇ.
ئابابەكرى توختى: مۇنداق قارىماققا شەھەل مۇسەممەن پايە «مۇجەللەت مەجبۇرلىقى»نى ئاساس قىلغان دېمەكچىمۇسىز؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: شۇنداق، 28،30،32بوغۇملۇق ئۇزۇن رۇدۇن(رېتىمىلق) تەۋرىنىش مېڭىدىكى ئۆلگەن نىرۋۇنلارنى غىدىقلايدۇ. تەسەۋۋۇر ھۆجەيرىلىرى ئېچىلىدۇ. شۇنى بىلىش لازىمكى، ئىنسان تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاجىزلىمايدۇ، بەلكى تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر قىلمىغانلىقى ئۈچۈن نىرۋۇنلار ئۆلۈپ ئاجىزلايدۇ.
ئابابەكرى توختى: سىزگە مەلۇم، ئەدەبىياتتا تەسەۋۋۇر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنسىمۇ بەدىئي تەسەۋۋۇرنىڭ ھامان سىياسى بىلەن ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ. تەھرىر ۋە سىنزۇر خادىملىرىنىڭ بۇنداق شەھەلگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق، شەھەلنىڭ مەۋقەۋى مەسىلىسىگە نىسبەتەن كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس:  مەن بۇ مەسىلىلەرنى 1980-يىللاردا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىميىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا ئىشلەۋاتقان چاغدا ھەل قىلغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى گەردۇنى (ئون قەۋەت چەمبەرسىمان پەلەك) ئەقىدەت ئۈچۈنمۇ بۇ نورمال مەۋقەدۇر. بۇ مەۋقە مىنىڭ ماركسىزمغا، سوتسىيالىزم(تەڭدىللىك يولى) نىسبەتەن سەمىمىي ئىخلاسىمنى بەلگىلىگەن. شەھەلدە تەسەۋۋۇر ئەركىن بولسىمۇ بۇ ئەركىن (لىبۇرال) شەكىل تەڭدىللىك(سوتسىيالىزم)نى ئىلگىرى سۈرگۈچى يالقۇندۇر. مەن ھوقۇقىي ۋەزىيەت ئۆزگۈرۈشلىرىنى ئىھتىرام بىلەن قوبۇل قىلساممۇ ئومۇمىي يول- تەڭدىللىككە ئىتائەت قىلماقنى ئەقىدەت دەپ بىلىمەن. بۇ ئەقىدەت شەھەل قاتلاملىرىدا پارلاپ تۇرىدۇ. ھازىرقى تەھرىر، سىنزۇر خادىملار سىياسى جەھەتتە ئارىپلىققا يەتكەن، مەن ئۇلار نەزەردە تۇتقان ئىجتىمائىي، سىياسى مەسىلىلەرنى بىلىمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ مەندىكى تارىخ قارىشىنى بىلىپ كىتىشى ناتايىن.
ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت( كۈلتۈر) مەنىۋىيەت( كۈنزەن) خاراكتىرىنى ئىككى قاتلام دىيىش مۇمكىن. بۇنى دەرەخنىڭ چېچىكى بىلەن يىلتىزى مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.
يىلتىز مەدەنىيەت- قېرى مەدەنىيەت، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەزەلىيەتتىن مەھشەرگە قەدەر بولغان ئۆزگۈرۈشلىرىدىكى ئىنسانى ماھىيەت مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تەپەكۇر قىلىدۇ. چېچەك مەدەنىيەت- كىچىك مەدەنىيەت. ئۇ مەلۇم تارىخى باسقۇچتىكى خۇددى «يىل مۆچەللىرى»، ئاي كۆرەلمىسى نەقلىدىكى قىسمەن ھادىسلەرگە ھەۋەس قىلغۇچى«زاماندار» ھادىسىدۇر. مەسىلەن: ياۋرۇپا، ئامىرىكا مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ھەۋەس قىلىش ياكى ئىسلامىيەت ياكى مىللى مەدەنىيەت تەرغىباتىدا پەيدا بولغان يېڭى چۈشەنچىلەرگە ھەۋەس قىلىش قاتارلىقلار.
قەدىمكى گىرىك، رىم دەۋرلىرىدە گىلادىياتۇرلارنى ھايۋاندەك ئۇرۇشقا سالىدىغان قۇلدار مەدەنىيەت گۈللەنگەن ئىدى. ئۇ بۇرۇنقى ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىكى ئوۋچىلىق مەدەنىيتىگە قارىغاندا كىچىك بالىدەك نادان، تەئەددۇم( قەھرى غەزەپلىك) سەنئەت ئىدى. كىيىن چەكلەندى. يېقىنقى زاماندا ئارتىستلار سەھنىدە تىياتىر ئوينىغاندەك كاپاىتال مەدەنىيەت شەكلى بولدى. بۇ يەنىلا ئەقلى ياش بالىدەك تەۋەھھۇم (رەھىمدىل، ئەدەپلىك) سەنئەت شەكلى بولدى. كەلگۈسىدە بۇنىڭ ئىستىمالىستىك خاراكتىرىدىن كىلىپ چىقىدىغان ئىكولوگىيىلىك، فىزىلوگىيىلىك ئاقىۋەتلەر بىلىنگەندە ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا بۇ چېچەك( كىچىك) مەدەنىيەت خاراكتىرىگە ئىگە. دېمەكچى، مېنىڭ شەھەللىرىم يىلتىز( قېرى مەدەنىيەت) مەۋقەسىدىن كۆكلىگەن مايسىلاردۇر.
ئابابەكرى توختى: بەدىئىي تەسەۋۋۇردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردا بولۇپمۇ شېئىرى، نەزمىيەتتە ئەپسانىۋى مۇبالىغا نۇرمال ئەھۋال، بىراق سىزنىڭ شەھەللىرىڭىزدىكى نۇرغۇن زامان قاتلانمىسى ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدىكى پاتلاشقان تارىخى شەخس ئايلانمىسى مۇبالىغە چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. مەسىلەن: 26يىل، 260يىل، 2600يىل دىگىنىڭىز قانداق گەپ؟ قانداقسىگە ماركىس تاگۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ۋە ھىندىستاندىن قەشقەرگە كىلىپ قالىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىشىڭىز ئىنتايىن زۆرۈرغۇ دەيمەن.
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس:ئىسىمدە قېلىشىچە «مەكتۇبات»دېگەن ئەسەردىكى كىچىك بىر رىۋايەتتە، ھەزىرىتى ئىبراھىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ: ئى تەڭرىم، مۆئجىزىلىرىڭگە ئاپىرىن، كۆڭلۈم قوبۇل قىلىدۇ، بىراق ئەقلىمنىڭ ۋە ئەقىدەت ئىمانىمنىڭ ئىنانى ئۈچۈن دەلىل كۆرسەتكىن دېگەن ئىكەن. سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى تۈگۈن مۇشۇنداق ھىسسىياتقا ئوخشاپ كىتىدۇ. يوقارقى ئەپسانىۋى مۇبالىغە مەسىلىسىنى ئالساق، نەزمىي شەكىلدە مۇبالىغە كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇنىڭ ئاستىدا 26يىللىق تەققەس مەزمۇن مۈكۈنگەن. 26يىل دېگەن 1982يىلدىن باشلاپ «قۇتادغۇبىلىك» سىرلىرىنى ئىزدەپ ئكتكەن يىللاردۇر. 260يىل دېگەن ھازىرقى 2008يىل سىنتەربىر كۈنلىرىدىن قەدىمغا قاراپ سۈرگەندە 1748-يىللىرىغا توغرا كىلىدۇ. تەققاس جەريانىدا كەلگەن ئىلھام بويىچە  1748-يىللىرى خۇجا ياقۇپ( ئەرشى) 18ياشلىرىدا ئاتىسى مۇھەممەت سىدىق  دانىيال(زەلىلى) بىلەن ئىلىدىكى يىللىرى ئىدى. ئەرشى  ئەقلى مەشىق ئۈچۈن «قۇتاغۇبىلىك»نىڭ ھىرات نۇسقىسى كونىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نەمەنگەن نۇسقىسى قىلىپ كۆچۈرگەن يىللاردۇر. مەزكۇر خۇجا ياقۇپ ( ئەرشى) ئەلىشىر نەۋائىي( يۈسۈپ ئەلى) نىڭ بوۋىسى ياقۇپ چەرخى ( ئەشرەپ ئالاھىدىن) بىلەن يەتتىنچى قاتلام ئىدى.
2600يىل دېگەن ھازىرقى زاماندىن باشلاپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 600-يىللارغا توغرا كىلىدىغان زاماندۇر. بۇ تارىختىكى ساسانىيان دەۋرىدىن كاشانىيان دەۋرى بولىدىغان ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئىدى. بۇ زاماندا قەدىمقى ئاتەش دىنى دەستۇرى «ئابىسۇ» گىرك تىلىدىكى «زەبۇر» ۋە زاراياستۇرا نامى بىلەن تارقالغان زامان ئىدى. «ئابىسۇ» ئەسلى قەدىمقى سومىر تىلى(ئالتاي تىلى) ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك»تىكى كۈنتۇغدى،   ئايتولدى ئەشۇ دەۋر روھى ئىدى.
ئابابەكرى توختى: بىر كىتاپ روھىنى مۇنداق قاتلاش روھى قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن، بىراق، تارىخنى ئۆز ئۇچۇرى بويىچە قوبۇل قىلىش مىتودولوگىيىسىگە ئاساسلانغاندا چوقۇم ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بولىشى لازىم. سىزنىڭ يوقارقى دەلىللەشلىرىڭىزدە بۇ نوقتىغا سەل قارالغانمۇ قانداق؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس:شۇنداق. ئەپسۇسكى، پاكىت( ماتىرىيال) دېگەن نىسىپ بولغان كىشىگە راست ھال كۆرۈنسە، تۇتۇپ كۆرمىگەن كىشىگە ھامان يالغان كۆرىنىدۇ. مەن كۆڭلۈمگە غەلىتە ئىلھام (خىيال) چۈشكەندە خاتىرىلەپ، بۇنداق تەسادىپنىڭ ئەساسىپلىرى نېمە دەپ سەۋەپ، نەجەپ ھادىسلىرىنى ئايلاپ، يىللاپ تەققاسلاپ كۆرگەن. چۈنكى، ئىلمىيلىك ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزگىنى قايىل قىلىش قۇرالى ئەمەس بەلكى ئۆزىنى راھىل قىلىش مەسىلىسىدۇر. راھىل- قاتىللىقنىڭ ئەكسىچە تىرىلىش ۋە تىرىلدۈرۈش تۇيغۇسىدۇر. دېمەك، »قۇتادغۇبىلىك»تىكى دەرۋىش روھى ئۇدغۇرمىش- قەدىمكى سوقرات روھىدىن تارتىپ ئاخىرى ماركسىزمدىكى پىرۇلتارىتات روھى ئىدى. «ھەيرەتىم ئۆزرە ھەيرەتىم» دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ. قەدىمقى گىرك دانىشمىنى سوقرات بىلەن قەدىمقى چىن دانىشمىنى لاۋزىنىڭ روھىنى سېلىشتۇرساق «فانايى ۋاپا»روھى بىر سىستېمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئابابەكرى توختى: قارىغاندا يوقارقى ئەپسانىۋى مۇبالىغە يوغان بىر رومان بولغىدەك ھېكايەت ئىكەندە!
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: رومان، ھېكايەت دېگەن توقۇلىدۇ. بىر ئەدىپ بىر ئايدا بىر روماننى يازالىشى مۇمكىن. ئەدەبىياتىمىزدا ھازىرغىچە «ئىرادەت ۋە بىشارەت» دەيدىغان بىر ژانىر يوق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: سىز مەندىن يوقارقى ئەپسانە قانداق مەيدانغا كەلدى دەپ سورىسىڭىز مەن «قۇش»قايسى دەرەختىن قايسى دەرەخكە قوندى دەپ سورىشىم مۇمكىن. 1995-يىلى ئانام ئۆلۈپ كىتىشتىن ئىلگىرى تۇغۇت دوختۇرى بولغانلىقنىڭ ھېساپسىز دەردىنى تارتىپ يۈرگەندە بىر ماتىرىيالدىن سىتالىن قىزى سېۋتىلىنانىڭ لوندۇندا ھەركۈنى سەھەردە ماركىس قەبرىستانىدا تىمسىقلاپ يۈرۈيدىغانلىقىدەك ئۇچۇرغا كۆزۈم چۈشتى. (بۇ خاتىرىنى «قەلبىمدىكى قەبرىلەر» دېگەن تارىخى ئوچېركتا بايان قىلغان ئىدىم) شۇندىن كىيىن ماركىسنىڭ قىزى ژېننى، سىتالىننىڭ قىزى سېۋتىلىنا، ئىبراھىمنىڭ قىزى ھەۋۋانى قاتارلاشتۇرۇپ، «بىئو رادىئاتسىيە»نىڭ زامان، ماكان كۇۋادراتلىرىنى قۇرئىلاپ يۈردۈم. ئەسەر دېگەن شەجەردۇر. (شەجەر- جان دەرىخى دېمەكتۇر)
ئابابەكرى توختى: ھازىر ئەدەبىيات ساھەسىدە كىلاسسىك تېمىلارنى دىنىي تەرغىبات بولامدىكىن دەپ ئەنسىرەيدىغان بىر خىل ئەھۋال مەۋجۇت. غەزەل ۋە شەھەلدىنمۇ مۇشۇنداق قاراشلار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. سىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قارىشڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار.
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: ھەيران قالارلىق ئىش، ھازىر بېيجىڭدىن «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دېگەن ژورنال چىقىدۇ. باشقا تىللاردا يەنى دىن تەتقىقاتى بويىچە ژورناللارمۇ نۇرغۇن. ئەجىبا ئاشۇ ژورناللاردىكى تەرغىباتلاردىن ئەنسىرەپ كەتمەي كىلاسسىك تېمىلاردىن ئەنسىرەش نادانلىق ئەمەسمۇ؟
سىزنىڭ ئىلھامىڭىز بىلەن دىنىي ساھەدىكى دۇئا- تىلاۋەت بىلەن كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى مۇقامى ئىرادەت ئارىسىدىكى پىرىنسىپاللىق پەرق توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزگۈم كەلدى. دۇئا- تىلاۋەتلەرنىڭ شەكلىنى، ۋەزنىنى تەققاسلىغاندا ئىستىمالىزم چاقناپ تۇرىدۇ. تىلاۋەت قىلغۇچى ھىسسىي ئىھتىياجى ئۈچۈن ئاللاھنى خىزمەتكە بۇيرۇيدىغان تەلەففۇر شەكلى بىلەن ھاجەتلىرىمنى راۋا قىلغىن ماڭا ئامەت بەرگىن، دۈشمەنلىرىمگە ئاپەت بەرگىن، مېنى سالامەت قىلغىن، يامانغا مالامەت سالغىن دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. بۇ بىر خىل خوراپات، جان ئىسراپچىلىقى ۋە تۈگىمەس قىساسخورلۇق سەۋەبى.
نەۋائىي غەزەللىرىدىكى مۇقامى ئىرادەت ئۇنداق ئەمەس. مەيخانىدا (خىلۋەت تەبىئەت باغرىدا) مەي ئىچىپ (ئاپتاپ بىلەن ھاۋانى تەكشى نەپەسلەپ) مەست بولغاندىن كىيىن تەبىئەت تەڭرى تىنىمگە سالغان، سېلىۋاتقان، سالىدىغان جان ئۇنىڭ رەھمىتى،  سېزىم ۋە ئەقىلدە ھاسىل بولغان ھەربىر ئۇقۇم تەڭرىدىن ئىرادەت، مەن ئۇنى ئىجابەت قىلمىقىم لازىم، تەڭرىنىڭ سالغان ئىلھامى سىزىم كىلىشتىن بۇرۇنراق چۈشكەن ئىنئامدۇر دېگەن ئەقلىي يەكۈن( ھۆكۈم) ئاساسىدىن تۇرۇپ، ئاندىن ئى نەۋائىي مۇنداق قىلغىن، ئۇنداق قىلغىن دەپ ئۆزىگە ئىرادەت قىلىدۇ. بۇ تەڭرىنى خىزمىتىگە سېلىش ئەمەس بەلكى تەڭرى خىزمىتىنى قىلغۇچى( قۇللۇق) بولىدۇ. بۇنداق پەرقىي مەسىلىنى ھازىرقى تەپەككۇر شەكلىگە جارى قىلساق: ئى پارتىيە، ئى ھۆكۈمەت خىزمىتىمنى قىلغىن، ماڭا يوقىرى مائاش بەرگىن، ئەمىلىمنى ئۆستۈرگىن دىسەك توغرىمۇ ياكى ئى پارتىيە، ئى دۆلەت تەرەققىياتىڭ ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىمەن، ئى كوممۇنىست بولغان سەن كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كەررە ھەسسە قوشقىن دېسەك توغرىمۇ؟ بۇ بىر تەپەككۇر مىدودى مەسىلىسىدۇر.
ناۋادا سىز سوتسىيالىزمنى، كوممۇنىزمنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بولسىڭىز ھالا، تەڭدىل، سەۋرلىك بولىسىز.
ئابابەكرى توختى: مەن سىزنىڭ شەھەللىرىڭىز ئارىسىدىن تىياتىرغا كىرىپ ئېچىنىپ چىقىپ، ئىسىت پۇل دەپ تىللاپ يۈرگەندىن كۆرە ئېتىز قىرلىرىدا غىڭشىپ يۈرگىنىم ياخشىراق ئىكەن دېگەندەك ئۇزۇن مىسرالارنى كۆرۈپ قالدىم. سىز بۇ ئارقىلىق نېمە دېمەكچى؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: مەن بۇ مىسرادا «مۇنبەر» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تەرەننۇم پەلسەپىسى» دېگەن ئەسىرىمدە بايان قىلغان سەنئەت مەسىلىلىرىگە دارىتمىلىغان ئىدىم. بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت سەھەسىدىكى كىرىزىس ۋە چىرىكلىشىش ھادىسلىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. گەپنى ئىخچاملىساق، «باھا بىلەن ساپا» دىكى ئەكس تاناسىپلىق دىيىش مۇمكىن. سەرپلەنگەن ئىقتىسادى قىممەت كۆپ، ئەمما، تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ، ئارتىسلارنىڭ ئەقلى ھىسسىياتى قالايمىقان، ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە نەپسى تاقىلداپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەقلى چېچىلغان. نەتىجىدە ئورۇنلانغان سەنئەت نومۇرلىرى جەلپكارلىقتىن مەھرۇم بولغان. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتساق، بىر مەيدان ئويۇن قويىۋالدۇق، پۇل تاپتۇق دەيدىغان قانائەت بولىشى مۇمكىن. شۇنداق قارىسام ھازىرقى زاماندا ھەربىر گەۋدىلىنىش، مەيداندا نامايان بولۇش-يوقۇلۇش(بىمار بولۇش) تاپقان پۇلىنى دوختۇرخانىدا چېچىپ سەرگەردان بولۇش ئىكەن. نېمە ئۈچۈن؟
يەنە بىر مىسرادا «مەستلەش- قەستلەش» دېگەن بىر ھۆكۈم يېزىلغان. باشقۇرغۇچىلار، ئارتىسلار مەستلەرچە مەيدانغا چىقىپ، خېرىدارلىرىغا (ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ھېساپلاشمىغان ھالدا) قەستلەيدىغاندەك يالغان، ساختا نومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن بىزار بولغان خېرىدارلار غەيۋەت ئوقلىرىنى ئاتىدۇ. ئۇلار بۇنى رىقابەت  ئېڭى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. رىقابەت دېگەن ئىنقىراز (ھەرئىككى تەرەپ زەخمەت يەپ يوقۇلۇش) دېگەنلىك.
ئابابەكرى توختى: سىز شەھەل ياكى سىزنىڭ تىلىڭىز بويىچە دۇرۇت دېگەن ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا  سوزۇلغان، ئاچچىڭىز كەلسىمۇ دەۋىرەي، ئاچچىق ئۈچەيدەك ئۇزۇن  مىسرالىرىڭىزنى باشقىلار ئوقۇغاندا نەپىسى يېتىشمەي ئوقۇماي تاشلاپ قويغان. ئاڭلىسام ھازىر چەتئەللەردە شېئىرىيەت ئامبۇلاتورىيىسى  قۇرۇلۇپ، ھەرخىل كىسەللەرنى داۋالاش مەقسىدىگە يەتكەن. سىزنىڭ بۇ شەھەللىرىڭىزنىڭ مىدىتسىنادا رولى بارمۇ؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: ئاچچىق ئۈچەيدەك ئۇزۇن دېگەن ئوخشىتىشىڭىز ناھايىتى جايىدا بولدى. تىببىي ماتىرىياللاردىن كۆرىشىمچە، ئادەمنىڭ ئۆتتىن مەقئەتكىچە سوزۇلغان ئۈچەي بىرنەچچە كىلومىتېر كىلىدىكەن. نادان ئىنسانلار قېرىن- ئۆچەيلىرىگە تولغان «گەندە»نى ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بار دەپ تەنھەركىەت ئوينايدىىكەن، ھەتتا تاماقتىن كىيىن پىيادە يول مېڭىپ بەرسەڭ ئۆمرۈڭ ئۇزىرايدۇ دەپ قارايدىكەن. ماھۇم تەلىماتى بويىچە قېرىندىكى نەمدىن مېڭىدىكى تەپ ئارىسىدا 32چاقىرىملىق مەنزىل بار. نەم زەررە خۇددى چۈمۈلىدەك نۇرغۇن «تاغ- داۋانلار»دىن ئېشىپ، مىدىرلاپ ماڭغاندىن كىيىن ئاندىن مېڭىدىكى تەپ زەرەت بولىدۇ. بۇ جەريان خۇددى كېچىدە ئۇخلىغاندا  كۆرگەن چۈشلەردەك، تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر ئاندىن تەنەففۇر جەريانىدۇر.
ئابابەكرى توختى: قارىغاندا غەزەل ۋە شەھەللىرىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار  ئوخشىمامسىز؟
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: بىر چاغلاردا تارىخنى قەھرىمانلار ياراتقانمۇ ياكى خەلق ياراتقانمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسى بولغان زامانلارمۇ بولغان. ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدا ئەقىلنىڭ نەقەدەر كەمتۈكلىكىنى، نەقەدەر بىھۇدە مۇنازىرە بولغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. يەر شارىنى ئىنسانلار ئايلاندۇرمايدۇ. پەسىللەرنى ئەقىل پەيدا قىلمايدۇ. بەلكى تەبىئەت قانۇنى ھادىسلىرى جەمئىيەت ھادىسلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
تارىخى ھادىسلەرنى  شامال ياكى بوران مىسالىغا ئوخشاتساق ھازىرقى مىترولوگىيە ئىلمى «بارىنو»، «ئارىنو» دېگەن زەررىلەرنى بايقىدى. بۇ نەقىلدىن جارى قىلىش مۇمكىنكى،  تارىخنى ئىدىيىلەر يارىتىدۇ. ئىدىسۇن ئىلىكتىرنى ئىختىرا قىلغاندىن بۇيانقى ئىلىكتىرلەشكەن تارىخنىڭ مەنبەۋى رەببانى ئىدىسۇنمۇ؟ ياق، قەدىمقى ئىنسانلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ كېچىدە كۆز ئالمىسى ئىچىدە پارلاق پەرىشتىلەرنى كۆرگەندىن كىيىن پەرىشتىلەر ئالىمى دېگەن ئىدىيىنى ياراتقان. تاشلارنى سۈركەپ ئوت چىقىرىپ، مەشئەل ۋە جىنچىراقلارنى ياراتقان. ئاندىن چاقماقلارنى، پارتلايدىغان پۇرۇخلارنى ياراتقان. مىتاللار سۈركەلگەندە ئوت چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈشكەن. مۇشۇنداق تارىخى ئىدىيىلەر تىزمىسىدىن  ئىدىسۇن پەقەت لامپىنى ئىختىرا قىلىپ، ئۆمرىنى يەكۈنلىگەندىن كىيىن باشقىلار ئىلىكتىر بىلەن ھەرىكەت قىىلدىغان دىنامىتىك ھەرىكەتلەرنى بايقىدى. بۇنىڭغا قاراپ تارىخنى خەلق ياراتقان دەپ ئاددىي ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. بىراق، خەلق دېگەن بىر ئۇقۇم ئىچىدە تەييارغا ھەييار بولىدىغان مىليۇنلىغان جانلار بار. (ئامىرىكا ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەخلەت نوپۇس دېگەن ئەنە شۇ) بۇ جانلارنىڭ ھايۋان، ھاشارەتلەردىن ئانچە پەرقى يوق، ئىدىيە دېگەن تەقدىرگە ئىگە بولىدىغان پەرۋىش قىلىشنى، يېڭىلىنىشنى نىيەت قىلىدىغان روھ دېمەكتۇر. ئىدىيە- ئىختىراۋى ھستۇر. ئىدىيە- بىربىرىنى ئىتىراپ قىلغۇچى ھېسلار، سىزىملار گارمۇنىيىسىدۇر. مەسىلەن: غەزەل بىلەن شەھەل ئىككى خىل ئىدىيە 500يىللىق زامان، ماكان پەرقىگە ئىگە. غەزەل- شەھەلگە سەۋەپ. نەۋائىي غەزەللىرىگە ئۆزىدىن بۇرۇنقى 500يىل ياكى 1000يىللىق ئىدىيىلەر سەۋەپ ئىدى. بۇ شەھەللەرنىڭ رەتلىنىشىگە سىز سەۋەپ، ئىلان قىلىشقا تەھرىر سەۋەپ، تەرجىمە قىلىنسا تەرجىمان سەۋەپ، قىممەتلىك قىلىشقا ئەقىللىق «نائىل» سەۋەپ،  بەرىكىتىگە خېرىدار سەۋەپ، شۇڭا بىر ھېكمەتتە سەۋەپلەرنىڭ سەۋەپكارى نەجەپلەرنىڭ نەجەپدارى بىلىنگەن، بىلىنمىگەن  قەۋەتلەرنىڭ جەھەتكارى، تەلەپكارنىڭ ھەلەپكارى- تەڭرىدۇر دىيىلگەن ئىكەن. ئىشىنىمەنكى، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا مەن تېخى ئۆزۈمنى ئىسپاتلاشقا ئۈلگۈرىمەن.
ئابابەكرى توختى: بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ناھايىتى مەنىلىك ھەم كۆڭۈللۈك بولدى. ئوقۇرمەنلەر سىزنىڭ ئىدىيىڭىز، كۆز قاراشلىرىڭىز ھەققىدە مەلۈم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدى دەپ قارايمەن. تارىخنىڭ مۇساپىسى تېخى ئۇزۇن، سىزنىڭ تەسەۋۋۇر، تەپەككۇرىڭىزمۇ تېخى چاپقۇر ھالەتتە كىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدە بەلكىم ئوقۇرمەنلەرگە يەنە يېڭىدىن –يېڭى  سەمەرىلىرىڭىزنى ئىنئام قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئاخىرىدا مەن سىز ھەققىدە يازغان بىر شېئىرىم بىلەن بۇ سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇراي:
يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس

قەقىنۇس شەھرىنىڭ
پۇقراسى بىر.
خۇداسى ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان،
ياشاشنىڭ ئۆزى سىر.

غەيىپتىن خەۋەر يوق،
ئەمما كۆڭۈل توق.
كۈل دۆۋىلىرىىنى چوقچىلاپ،
سېنى تونىدۇق.

ھەممىمىزدىن ئاۋال،
ھەممىمىزدىن كىيىن
قۇياشقا يۇمىلاق قانات سىزدى،
ھاياتنى چۇۋىۋاتقان يۈسۈپ ھۆسەيىن.

يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقىنۇس: رەھمەت سىزگە! بۇ شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم. مېنىڭچە،  باشقىلار نېمە دىيىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ ماڭا بىرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا! سىزنىڭمۇ ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولغاي!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 13:27  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-1 17:15:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

         قەقنۇس قانات قېقىپ كەتتى،
قەقەچىلەر يەنى چاۋاك چېلىشىپ قالدى.

ۋاقتى: 2015-9-27 10:10:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ شىئېرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ۋاقتى: 2015-9-27 14:20:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قەقنۇسنىڭ ھايات چېغىدا تەشەببۇس قىلىپ ئاقتۇرالمىغان نەپەس ۋەزنىدىكى ئەسەرلىرى ئوخشايدۇ. ساقلاپ قويۇپ ئوقۇپ چىقاي.

ۋاقتى: 2015-9-27 14:29:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەپەككۇرسىمان شائىر،مېنىڭ قەقنۇسنى تونۇغان ۋاقتىم ئۇنىڭ«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژورنىلىغا بېسىلغان «ئۆگۋادۇ تەلىماتى»دىگەن ماقالىدىن باشلانغان،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەپەككۇرغا تويۇنغان ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.بۇنىمۇ ساقلاپ قويسام بولغۇدەك.قەقنۇسنىڭ ئىدىيىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يىشىپ چۈشەندۈرۈلسە ياخشى بولاتتى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش