يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 765|ئىنكاس: 16

ئابابەكرى توختى: مۇھەببەت بايرىقى ئاستىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇھەببەت بايرىقى ئاستىدا

ئابابەكرى توختى

1
ئارەزىڭنى باغ ئارا چۈن كۆردى ھەيران بولدى گۈل①،
قامەتىڭگە ئەي پەرى ئۈنسىز غەزەلخان بولدى گۈل.
بەرگىلەرنى تىترىتىپ ئۆتتى گويا كۈز سەلكىنى،
خۇددى مەندەك نائۈمىد قالدى، پەرىشان بولدى گۈل.
رومىلىڭنى قايرىساڭ كۆيدى گۈرۈلدەپ بۇ جاھان،
بۇ مالامەت دەستىدىن بىرپەستە گۈلخان بولدى گۈل.
بىر نىگاھ بىرلە ئېتىلدى شۇ نىگاھتىن مىڭ باشاق،
ھالىغا مىڭ ۋايىكىم، جەڭگاھتا قۇربان بولدى گۈل.
يەنە بىر رەت ئەيلىدىڭ گۈلگۈن نىگاھتىن بۆسەلەر،
بۇ يۈرەكىمدەك شۇئانلا تەھ-بەتەھ قان بولدى گۈل.
ئۇشبۇ قىسمەتتىن ياقاڭنى يىرتمىغىن ئەي ئەندەلىپ،
ئول نىگارىم ھۆسنىدە مەڭگۈگە مېھمان بولدى گۈل.
گۈل ئۈزەي دەپ تاڭ سەھەر كىرگەندە باغقا ناتىۋان،
شۇندا ھەيران قالدۇرۇپ ئۇيغۇننى ئىنسان بولدى گۈل.
①        بۇ مىسرا نەۋائىينىڭ.
2
نەچە كۆيگەي بۇ يانار ئوتقا زەئىپ جانىم مېنىڭ②،
بولغۇسى ئالەمگە بايراق دەۋرىگەن قانىم مېنىڭ.
ئەيلىمەس ھەرگىز تەكەللۇم جىلۋىلىك بىر غەمزىسى،
كۆيگۈسى يار ۋەسلىدە قۇچقان شەرەپشانىم مېنىڭ.
قاپسىغاچ تۈن لەشكىرى تاڭلار كۆزۈمدە يىرتىلۇر،
ئاي غېرىپ، يۇلتۇزمۇ ھەم غۇربەتتە ئاسمانىم مېنىڭ.

يارىسىز ھەم بادەسىز قالدىم خازانلار پەسلىدە،
مۇزلىتىپ ئۆتتى يۈرەكىمنى زىمىستانىم مېنىڭ.
قاغچىراپ ياتسام كۈنۈ-تۈن نە سۆيۈكتىن يوق خەۋەر،
تاممىدى لەۋلەرگە ئەسلا  ئابىھەيۋانىم مېنىڭ.
بىر دىدارى مەككىنى ئۈپمەككە ئارمان بولغۇسى،
قالمىدى بۇ خەستە دىلدا ئۆزگە ئارمانىم مېنىڭ.
سۈرىتىڭگە باش ئۇرۇپ ئايلانغىنىمدا دەھرىگە،
نە قىلارسەن ئۆلتۈرۈپ توشمامدۇ پەيمانىم مېنىڭ.
②بۇ مىسرا لۇتفىينىڭ.
3
ئاشىق ئولمايدۇ كىشى تا كەچمىگۈنچە جانىدىن③،
جانىغا جان بەرگۈچى شۇ پەرىۋەش-جانانىدىن.
ئەيلىمەس بولدۇم پىسەنت كۇرمىڭ بالاغا، رەنجىگە،
بىر ئۈمىد بىخ ياردى ھەم ئوت ئاشىقى پەرۋانىدىن.
كۆر جاھان بۇ بەندىنى، كىيدىم كۇلاھۇ- جەندىنى،
بارچە غەمنى تەرك ئىتىپ چىقتىم قەلەندەرخانىدىن.
ھەزرىتى سوقرات كەبى چاپتىم ئىبادەت غارىغا،
بارچىنى لال قالدۇرۇپ بۇ ئۆلمىگەن ئەپسانىدىن.
ئۆز- ئۆزۈمنى مىڭ قېتىملاپ ئۆلتۈرۈپ قىلسام جەبىر،
ئەرزىگەي بىررەت تەبەسسۇم ۋەسلىگە سەرسانىدىن.
بۇ كۆيۈش ھۆكمى بىلەن پۈتمەيدۇ ئەسلا ھەسرىتىم،
تاپقۇسى بىر لەھزە شان، شۇ لەھزىگە ھەيرانىدىن.
جام بىلەن، ئىلھام بىلەن، ئىنئام بىلەندۇر  ۋەھدىتىم،
ئۈنگۈسى قەبرەمدە گۈل يار ۋەسلىدە ۋەيرانىدىن.
③بۇ مىسرا زەلىلىينىڭ.

4
قايدا ئۆز يارىمغا ئوخشار بولسا گەر يۈزمىڭ پەرى④،
قايدا جانىمغا بالادۇر بىر نىگاھ- بىر خەنجىرى؟
قايدا نۇرئەفشان بولۇر ئايسىز تاتارغان تۇنلىرىم،
قايدا باغرىمغا يىقىلغان مۇشتەرى ھەم ئەختىرى؟
قايدا تىڭشايدۇ ئىشىق داستانىنى شۇ مۇغبەچە؟
قايدا ھۆل بولغان ئىسەدەشتىن ھىلالسىز پەنجىرى؟
قايدا رۇي بەردى بۇ قۇللۇق، جان مېنىڭ ئىلكىمدە يوق،
قايدا باغلانغان دىلىمغا بۇ مۇھەببەت زەنجىرى؟
قايدا كۆردۈمكى سېنىڭدەك بىر گۈلى رەنانى مەن،
قايدا قىلدىڭ بارچە ئىقلىمنى ئۆزۇڭنىڭ خۇشتىرى؟
قايدا بولغان بۇ  مىسال بىگانىلىق، يىگانىلىق،
قايدا تامغان چاكۇ-چاك لەۋلەرگە سۆيگۈ كەۋسىرى؟
قايدا مەجنۇندەك سۆيۈشنى قىلدى ئالەم شەرمىسار،
قايدا تولغان نەزمىگە لىق ئاشىقىڭنىڭ دەپتىرى؟
④بۇ مىسرا ئەرشىنىڭ.
5
ئوتلۇق ئاھىمدىن بولۇپ شەمئىي شەبىستان بۇ كېچە⑤،
سۇلدى گۈل تىمتاسلىقىدا بۇلبۇلىستان بۇ كېچە.
يار ھىدىنى ھىدلىدى ھەتتاكى يالپۇز ئاھ چېكىپ،
دىلرەبالىق تاپتى گۈلدىن گۈل- گۈلىستان بۇ كېچە.
يەلپۇسە يار زۇلفى يەڭلىغ تولغۇنۇپ مەجنۇن سابا،
ئاشىقى بىچارىنىڭ باغرىدا نىمجان بۇ كېچە.
ناز بىلەن شەرەت قىلىپ  مۆكتى بۇلۇتلار بەھرىگە،
لەشكىرى يۇلتۇز گويا ئاي بولدى سۇلتان بۇ كېچە.

«غىچ» قىلىپ ئاچتىڭ ئىشىك تەۋرەندى سايەڭ باغ ئارا،
نازىدىن ئول پەرىنىڭ شەككەرىستان بۇ كېچە.
كەلدى بىر ئوت ئوت بىلەن،  ياق، جان بىلەن ئويناشقىلى،
سويلىماس يەرشارىنى ئەمدى زىمىستان بۇ كېچە.
بۇ ۋىسالگاھ دەملىرى لەۋدىن قەلبكە ئاققۇسى،
مىڭ ئۆمۈرلۈك ياغدى چۈنكى ياردىن  ئىھسان بۇ كېچە.
⑤بۇ مىسرا نەزارىينىڭ.
6
جاھان باغى ئارا نەقلى قەدىڭ سەرۋى خىراماندۇر⑥،
ئەجەپ بىر ماھى تاباندۇر،جېنىمغا ئوتنى سالغاندۇر.
مېنىڭ نە ئىختىيارىمدۇر سۆيۈلمەك ھەمدە سۆيمەكلىك،
يۈرەك زەرداپ ئىلە قاندۇر، گويا لەئلى بەدەخشاندۇر.
چېچەكلەر كەلكۈنى ئۆزرە باھارنىڭ شولىسى ئۆچسە،
ۋۇجۇد مۈلكى زىمىستاندۇر، خازانلار نالە-ئەفغاندۇر.
تىرىلمەك لەھزىسى بىررەت نىگاھلار تاشلىغان لەڭگەر،
شەبىستانىم نۇرىستاندۇر، يېشىم شەبنەمدە گىرياندۇر.
سابالار چايقىسا خۇشبۇي ھىدىنى مەست بولۇپ رەيھان،
پىراق دەشتىدە سەرساندۇر، رەشىك باغرىدا پەيكاندۇر.
ئاشۇ تەنھالىقىڭ دىلدار ياشاشنىڭ بائىسى بولدى،
تىرىكلىك ھۆكمىگە شاندۇر، ئۆلۈمگە خەيرى-ئىھساندۇر.
نىتەي، بۇ جانپىدالىقتىن ئىلىپ قەددىم بولۇپتۇ دال،
دىلىمدا بىرلا ئارماندۇر، ۋىسالى مەڭگۈ ئەدناندۇر.
⑥بۇ مىسرا ھىرقەتى(گۇمنام)نىڭ.
7
ئاھ ئۆلتۈردى فىراق، ئول گۈلئۇزارىمدىن يىراق⑦،
ھالەتىم مەجنۇن سىياق، پەسلى باھارىمدىن يىراق.
ئۆرتىگەي تۈنلەرنى ئەمدى ئوت چېچىپ تەنھالىقىم،
خەستە باغرىم قاغجىراق، كۆزى خۇمارىمدىن يىراق.
بىر كۆرۈشكە ئاي يۈزىنى بۇ جېنىم بولسۇن نىسار،
يوقكى ئۆزگە  ئىشتىياق، شۇ ئىنتىزارىمدىن يىراق.
كەتتى دۇنيانىڭ مەئىشەت بارچە شادلىق كۈلكىسى،
ئۆچتى كۆلبەمدىن چىراق، مەن روزىغارىمدىن يىراق.
«مەيدە كۆر يار ئەكسىنى» دەپتۇ نەۋايى ھەزرىتىم،
باش ئېلىپ ماڭسام قاياق، مەن ئىختىيارىمدىن يىراق.
سۆيگۈسىز بىر مۇردىدۇر جان كۆكلىگەن بۇ باتىنىم،
تەككىنى كالتەك تاياق، ھەم ئىپتىخارىمدىن يىراق.
ئۆرتىدى زەپ ئۆرتىدى كۈللى جاھاننى ھەسرىتى،
مەن قاچان بولدۇم ساياق، ھىجرەتتە يارىمدىن يىراق.
⑦بۇ مىسرا ئاتايىنىڭ
8
بۇ مېنىڭ شۇم تالەئىمدىن يار باقمايدۇ ماڭا⑧،
ئاي يۈزىدە خالى بار رۇخسار باقمايدۇ ماڭا.
بىر نىگاھ بىرلە جاھان تولغاي نۇرىستان بەھرىگە،
كۆزلىرى جادۇ شىرىن گوفتار باقمايدۇ ماڭا.
كىرپىكى خەنجەر سىياق پاتتى جېنىمنىڭ قەھرىگە،
غەمزەلىك بىر كۈلكىسى ئىزھار باقمايدۇ ماڭا.
چاچلىرى تۇننى تەۋەللۇت ئەيلىگەن تۈن نىسبىدە،
لەڭ ئۇرۇپ ئاققان قارا ئەنھار باقمايدۇ ماڭا.
مېڭىشى ئاھۇ ئۇنىڭ مەن ئوۋچىسى، دىۋانسى،
ياغقىنى ماڭدامدا بىر دىشۋار باقمايدۇ ماڭا.
يارنى دەپ شائىر ئاتالدىم ئەلمىساقتىن ۋە لېكىن،
كۈيلىسەم زەرداپ يۇتۇپ ئەشئار باقمايدۇ ماڭا.
مىنى گۇمراھ ئەيلىدى بۇ سۆيمىگەننى سۆيگىنىم،
  سۆيگۈسى غەپلەتتەدۇر زىنھار باقمايدۇ ماڭا.
⑧بۇ مىسرا نەۋبەتىنىڭ
9
بويۇڭتەك بۈتمەدى بوستان ئارا سەرۋى راۋان ئى جان⑨،
سىنىڭدەك ماھى تاباننى تۇغۇپتۇ بۇ ماكان ئى جان.
قىيا بىر باققىنىڭ بولدى جېنىمنىڭ ئاپىتى بىر چاغ،
مالايدەك ئەگىشىپ ماڭدىم ئوزۈڭ مەڭگۈ خاقان ئى جان.
ھىلال قاشىڭدا يۇلقۇندى، كۆزۈڭدە توزىدى ئاسمان،
ئۆمۈرلۈك قۇتقا ئايلاندى ئەشۇ بىر ئارمىغان ئى جان.
مالامەت لەشكىرى ئەمدى ئاياۋسىز خامتالاش ئەتتى،
ئۆزۈم تىلسىز، دىلىم غەمناك، چىرايىم زەپىران ئى جان.
«ساتارىم تارىغا جان رىشتىسىدىن تار ئىشىپ سالدىم»،
كىزەي ئالەمنى سۆيگۈ دەپ  ئېشىپ مەن تاغ-داۋان ئى جان.
سېنىڭ پۇرقەتلىرىڭ بىرلە چۈشەندىم رەھنەمالىقنى،
ماڭا خاس تەركى دۇنيالىق، ئۆزۈڭ قالغىن ئامان ئى جان.
مېنىڭ سۆيمەكلىكىم پەرھىز قىيامەت كەلسىمۇ تاكى،
ۋىسال غەليانلىرى شۇنداق ئالار كۆپ ئىمتىھان ئى جان.
⑨بۇ مىسرا سەككاكىينىڭ

10
ھېچكىشى مەندەك سېنىڭ ئىشقىڭدا شەيدا بولمىدى⑩،
ھېچكىشى شەيدالىقىدىن بۇنچە سەۋدا بولمىدى.
گۈل يۈزۈڭنى سەجدىگاھ قىلغاندا گۈلگۇن لالىلەر،
ھەسرىتا، گۈل قامىتىڭ گۈلزاردا پەيدا بولمىدى.
خۇش زەبانىڭدىن بىھۇش بولغاندا بۇلبۇل تاڭ سەھەر،
بىلمىدىڭ، قان يىغلىشىپ نى دەردۇ- غەۋغا بولمىدى؟
ئاھ ئۇرۇپ بوزلايدۇ رومالىڭ ئىلىنغان تالچىۋىق،
ئول دىدارىڭ شۇنچىلىكمۇ قايتا ئەسرا بولمىدى.
سەبرىسى يوق بۇ مالامەتنىڭكى كۆپتۇر جەبرىسى،
بۇ مۇھەببەت ئالىمىدە سەنچە يەكتا بولمىدى.
زارىقىپ ۋەسلىڭگە يار كەزدىم بالالەر دەشتىنى،
يانمىدىم بۇ يولدىن ئەسلا، سەندە پەرۋا بولمىدى.
ئالدىغۇ جاننى  تامام بۇ سۆيگۈنىڭ رەسۋالىقى،
ھېچكىشى مەندەك لېكىن ئالدىڭدا رەسۋا بولمىدى.
⑩بۇ مىسرا قەلەندەرنىڭ
11
كۆرمەيىن گۈلچەھرىنى نەيلەي گۈلى گۈلزار ئارا⑪،
جان قۇشى قىلغايمىكىن پەرۋاز ئاشۇ ئەسرار ئارا.
نە ئىشىقتىن ئۆرتىنەرمەن، نە رەشىكتىن ئۆرتىنەي،
قان قۇسۇپ بولدۇم بىھۇش كۆرسەم سېنى ئەغيار ئارا.
تاپمىدىم سەندەك لېۋەن بىر گۈلنى تا بۇكەمگىچە،  
يەككە سەن، بىر دانىسەن ئالەمدىكى دىلدار ئارا.
ساقلىدى تۈن تەڭگىچە كۆلبەمدىكى ئاي ياستۇقى،
يۇلتۇزۇڭ شەبنەم بىلەن مەندەك غېرىپ بىدار ئارا.
ئاھلىرىم ئۆرتەپ پەلەكنىڭ يىرتىلار چۈمپەردىسى،
بىر يۈرەك سەكپارىدۇر بىۋاق ئۈزۈلگەن تار ئارا.
ئۈزمىدىم زىنھار ئۈمىد، كەتسەڭمۇ تاشلاپ تاش كەبى،
ئاچقۇسى دەپ بىر كۈنى شۇل يار قۇچاق مۇڭزار ئارا.
سۆيگۈسىز مىڭ يىل ياشاش بىركۈنگە تەڭمۇ، ئەي رەپىق!
ئەمدى كۆر ئاشىق يۈرەكىمنى ئېسىلغان دار ئارا.
بۇ مىسرا مەشھۇرىنىڭ

12
گۈلمىدى، غۇنچەمىدى يارىم سېنىڭ باشىڭدىكى⑫،
ئايمىدى  ئەگىم ھىلال،  بەرگى قىياق قاشىڭدىكى.
باخ ئىتىپ تۈن پەرىسى باغنى بېسىپتۇ باغرىغا،
نە رەشىك بۇ نە سۆيۈش باغىمنى بويلاشىڭدىكى.
ناز بىلەن ئويغاندى تاڭدا لالىلەر پۈركۈپ ئىپار،
سىرغىتار ياپراقىدىن شەبنەمنى  كۆز ياشىڭدىكى.
گۈل بىلەن قىزنى پەرق ئەتمەي ئۆتۈپ كەتتىم، ئىسىت!
سۆيگۈمۇ «دۆت»دەپ قېچىپ ئاتقان لەنەت تاشىڭدىكى؟
ئۇچرىساڭ ئەمدى ناگاھ قاچتىڭ ھوشۇمنى لال قىلىپ،
«ئۈز ئۈمىد»دەپ يۈرگىنىڭمۇ بۇنچە قېيداشىڭدىكى؟
بۇ مۇھەببەت سىرلىرىنى كىم يېشەر تا ئۆلگىچە؟
مەن كەبى بولدى مانا ئىچكەن زەھەر ئاشىڭدىكى.
بىلمىدىم، نە بىر بالا ياغدى بېشىمغا، نە سەۋەپ؟
مەشۇقۇم بىر سەن تۇرۇپ جانىمنى قىيناشىڭدىكى؟
⑪بۇ مىسرا نازىمنىڭ
13
ساڭا ئاز ئى كۆڭۈل نېچۈن بۇ يولنى ئىختىيار ئەتتىڭ⑬،
مىلەپ يۇلتۇزغا ياشىڭنى، تولۇنئاينى بىدار ئەتتىڭ.
قەلەمنى تاشلا دەپ شۇنچە يۈرەك زارلاپ قىلار تەنبىھ،
لىكىن سەن ئاشىنالىقنى ئۆمۈرلۈك تىلتۇمار ئەتتىڭ.
داۋاسىز دەردلىرىڭ قالدى، قېنىڭدا كۆكلىدى خەنجەر،
ۋىسال جامىدا مەي ئىچمەك كويىنى سەن خۇمار ئەتتىڭ.
داۋانلار ھالقىدىڭ تىنماي تاپاي دەپ كامرانلىقنى،
شەبىستان بەرگىنى تاڭلار لېۋىگە ئىنتىزار ئەتتىڭ.
ناۋاكەش بۇلبۇلۇڭ مىسكىن چىمەنلەر سەلكىنى ئىچرە،
ناھاتكى، قاغىدەك بەزەن قاقىلداپ سەن بىزار ئەتتىڭ.
مۇقەددەس ئېتىقادىڭ يوق غەيىبتىن گەپ ساتار بولساڭ،
شېئىرنى خار زەبۇن ئەيلەپ  ئۆزۈڭنى شەرمىسار ئەتتىڭ.
جاھان باقى ئەمەس، ئەمما سېنىڭ كۆيمەكلىكىڭ باقى،  
كۆيۈشتىن كۆيدۈرۈشتىن ھەم يىقىلماس بىر مۇنار ئەتتىڭ.
ئەسىرلەر شاۋقۇنى زىنھار بوغالماس شۇ خىتابىڭنى،
جىمى مىسرا ئارا ئويغاق دىلىڭنى چۈنكى بار ئەتتىڭ.
⑬بۇ مىسرا زىيائىينىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ناچۇق0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 10:45  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللاسى +20 يىغىش سەۋەبى
ئەھەدى + 10 --------ياقتۇردۇم...
owchi + 10 ھوزۇرلۇق لېرىكىلار

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-30 00:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى شېئىرىيەت پەرۋانىلىرىمىزدىن ئون ئۈچ نەپەر شائىرىمىزنىڭ يېتۈك مىسرالىرى بىلەن باشلانغان « مۇھەببەت بايرىقى ئاستىدا » كى ئابابەكرىنىڭ بۇ شېئىرلىرىنى زور ئىشتىياق  ۋە چەكسىز سۆيۈنۈش تۇيغۇسى ئىچىدە ئوقۇپ، دوستۇم ئابابەكرىگە  رەھمەت...لا دېيەلىدىم.
  مۇبارەك، ئابابەكرى، بۇ شېئىرلىرىڭغا.

ۋاقتى: 2015-1-30 00:47:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى كىلاسىكلىرىمىزنىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇغاندەك تۇيغۇدا سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم ، تىل پاساھىتىڭىزدىن ئۆزگىچە زوق ئالدىم . شۇ تاپتا دەسلەپ بولۇپ ئىنكاس يازالىغىنىم ئۈچۈن تولىمۇ خۇرسەنمەن ...

ۋاقتى: 2015-1-30 10:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاساھەتلىك غەزەللىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ھەمدە ساقلىۋالدىم.

ۋاقتى: 2015-1-30 11:03:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  

        ئابابەكرىنىڭ ئارۇزدىكى تالانتىنى 1993- يىلى بايقىغانىدىم. بۇ تەزمىنلەرنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك جەزبىدار چىقىپتۇ. يېڭى خىزمەت ئورنى ياراشقاندەك قىلامدۇ-نېمە!
        بۇندىن كېيىنكى ئىجاد سەپىرىڭىزگە ئاق يول بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-1-30 11:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
'ناچۇق دېگەن كىمدۇ '،دېسەم سىلىكەنلىغۇ؟يازمىلىرى  شۇنداق پاساھەتلىك چىقىپتۇ.ھارمىغايلا،سىلىنىڭ  مۇنبەردىكى ئىسىملىرىنى   ئۆزگەرتكىلى ھېچقانچە بولمىدىغۇ دەيمەن-ھە؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-30 22:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەزمىنلەردىن 10 پارچىسى قەشقەر ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىندى.  ئۇستازلار ۋە دوستلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-1-31 00:40:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ بايرىقىنى ئوبدان لەپىدىتىپلا!   ئىچىم لەرزىگە كەلدى.
ئېسىل ! ئېسىل!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-31 13:46:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەسىلىدىكى ئىسمىم بىلەن كىرەلمەي بۇ يېڭى نام بىلەن كىردىم. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن يوللىغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىم يوق بولۇپ كەتتى. ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولماسمۇ؟

ۋاقتى: 2015-2-1 14:37:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم  ئابابەكرىنىڭ بۇنۇڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-2-1 17:39:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    يوقارقى 13پارچە تەزمىننى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ،ئۇيغۇر شېرىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولمىش ۋەزنى ئارۇز ئەنئەنىسىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلىشتا تاشلانغان مۇبارەك قەدەمنىڭ  مۇۋاپىقىيىتى بىلەن شائىر ئابابەكرى توختى ئەپەندىنىڭ قەلەم تۇتقان قولىنى ھۆرمەت بىلەن قىستىم.مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-1 17:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9- بۆلەكتىكى شېئىرنىڭ «ئېشىپ مەن تاغ- داۋان ئى جان» دېگەن مىسرادىكى تاغ «داغ» دەپ يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟

مەنمۇ كۆپ ھوزۇر ئالدىم، شېئىرلاردا ئەرەب ۋە پارىسچە ئاتالغۇلار ئۇستىلىق بىلەن ئۆز جايىنى تېپىپتۇ .

ۋاقتى: 2015-2-2 09:26:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ۇيغۇن  دېگەن ناملىرى بارىدى، ئ‍ۇستازنىڭ شېئ‍ ىرلىرى ھەم ئ‍ۆزگىچە ھەم كىشىگە يېقىشلىقى بىلەن ئ‍ۆزىگە جەلىپ قىلاتتى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-2 10:42:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قانچە جايدا ئىملا خاتالىقى يۈز بىرىپتۇ. قەلەمداشلار ۋە ئۇستازلارنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كورسىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-2 10:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇن دېگەن نام بىلەن زادىلا كىرەلمىدىم. شۇڭا ئامالسىز قايتا تىزىملىتىشقا توغرا كەلدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش