يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3483|ئىنكاس: 46

مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر «يالپۇز ھېدى» ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

QQ图片20150129030849.jpg



يالپۇز ھېدى

«ھېكايە»

مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر


     يۇرتقا كېلىپ  پىلانلىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بولمايلا مانا ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي بولۇپ قاپتۇ. ئۇرۇق- تۇققان قېرىنداشلىرىمنى يوقلاپ، مەھەللەمدىكى كېچىكىمىزدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلۇرۇم بىلەن ھال- مۇڭ بولۇشۇپ كۈنلەرنىڭ شۇنچە تىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالغان ئېدىم.
       سەھراغا ياز بەكلا بالدۇر كىلەمدۇ بىلمىدىم،مارت ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولمايلا ھاۋا شۇنچىلىك ئېللىق، ئېتىز –ئېرىقنىڭ دىھقانچىلىق ئېشلىرى باشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ھەممە ئادەم ئالدىراشلا يۈرەتتى. يىقىن يورۇقلۇرۇمغا تېخى قانماي، ماڭا قىسىنغان  ئاشۇ بىر قاچا ئىشىغا ئېغىز تىگىپ بولالماي تۇرۇپ بۇيەردىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتتى. نىمە ئېلاج ،تۆت يىل ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ ،ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، يەنە كېلىپ ھەممە ھەۋەس ھەسەتتە قارىشىدىغان كاتتا بىر ئەرباپنىڭ ئوغلىنىڭ خانىمى ، يۈزنەچچە كۋادراتلىق ئالىي بىزەلگەن ئۆينىڭ  قارانچۇقى تۇرسام، ئېڭىكىمگە تاقاشقان ئېككى بالام ، لېفىت بىلەن چېقىپ چۈشىدىغان ئاپتۇنۇم رايۇن  دەرىجىلىك ئىدارىنىڭ 13-قەۋىتىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قېلىدىغان ئىشخانام بار تۇرسا كەتمىسەم بولمايدۇ-دە!..
     مۇشۇلارنى ئويلاۋېتىپ  بىردىنلا پۈتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئولۇشۇپ كەتتى. راستىمنى دىسەم بۇيەردىن كەتكۈم يوق ،كىندىك قېىنم تۆكۈلگەن بۇ تۇپراقتىن ئەمدى بولسىمۇ  ئايرىلغۇم يوق ئېدى..كەتمەسلىك ئېھتىيارىم ئەمەس..
نۇرغۇن كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى  بىلىپ تۇرساممۇ قايتىپ كەتمىسەم بولمايدىغانلىقى  ئۆزۈمگە ئايان«چىدا، گۈلىستان غەيرەت قىل! بۇ كۈنلەر ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ ،بالىلار ئالىي مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۋالسۇن،  لېۋىڭنى چىشلەپ تۇرۇپ، زەھەر بولسىمۇ يۇتىۋەت. ھازىرچە ئورنىڭنى باشقىلارغا بوشاتما!»

*  *  *  *

      ھەر قېتىم مۇشۇ سۆزلەرنى تەكرارلىغان چېغىمدا بۇ بەرداشسىز كۈنلەرنىڭ  قاچان، قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ رەقىبىمگە ئورنىمنى بوشاتماي ، خورلۇقلارغا دات-پەرياد چەكمەي ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك توي تۆكۈن ،نەزىر- چىراقلارغا بېرىپ كېلىپ خىزمىتىمنى ئىشلەپ ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قېلىپ  ياشاپ كېلىۋاتاتتىم. بىراق يۈرۈكۈم لەختە-لەختە،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئالدىدا  ئايىلەمدىكى دىشۋارچىلىقىمنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن يالغان كۈلۈپ يۈرىۋاتقىنىمغا قانچە ئۇزۇن بولدىكىن؟ قاتار چاي دەپ بىر نەچچە چايلىرىمىز بار ،بىر قارىسام ھەمىمىز  شۇنداق يىقىن ئارىمىزغا قىل سىغمايدىغان ئايرىلماس دوسلاردەك، يەنە بىر قارىسام خۇددى ئەزەلدىن بىزلەر تونۇشمايدىغان نا تونۇش رەقىپلەردەك, پۇرسەت تاپساقلا بىر-بىرىمىزنىڭ يىغىرىنى تاتىلاش ، يىڭى ئالغان ئۆي ،ماشىنا ،زىبۇ-زىننەت  مودا كېيىم -كىچەكلىرىمىزنى كۆز-كۆز قىلىش،ئۆزىمىزنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن يىقىنلىشىۋاتقاندەك ، ئارىمىزدا كىم يوق بولسا شۇنىڭ غەيۋەت –شىكايىتىنى قىلىش ئۈچۈنلا بىر يەرگە جەم بولىۋاتقاندەك تۇيغۇدا  گاڭگىراپ قالاتتىم.كىمگە ئىشىنىپ كىملەرنى يىقىن دوستۇم دەپ ئىچ سىرىمنى ئېيتسام بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم.ئەتراپىمدا مېنى قورشاپ تۇرغان بىر توپ دوسلۇق چەمبىرىكى ھاسىل بولغان  بولسىمۇ ،ھەر قېتىم سوزۇلغان قوللۇرۇم ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالاتتى. بىر باغلام ئوسما تاپساق تەڭ قويۇشقا ئالدىراپ ئۆي-ئۆيلەردىن بىر-بىرىمىزنى قىچقىرىپ يۈرۈيدىغان سەھرادىكى  دوسلۇرۇمنى ئىچ-ئىچىمدىن  سېغىناتتىم.
      بەزىدە ئاداش،جېنىم دوستۇم دەپ مېنى قۇچاقلاپ كەتكەن ئاشۇ ياسالما دوسلۇق ئەققىدە ئويلىنىپمۇ قالاتتىم .چوڭ شەھەرلەردىكى  مېھر- مۇھەببەت، دوسلۇق ،جەمىيەتتىكى ئورنىمىز،ئەل- جامائەت ئالدىدىكى يۈز- ئابرۇيىمىز، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ، ھوقۇق -مەنپەئەت،ئىمتىياز  ئۈستىگە  قۇرۇلغان بولامدىكىنە؟
*   *   *   *  *  *

     نىمىشقىدۇر مۇشۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېشىم چوڭايغانلىقتىنمۇ ياكى ،ئېچىمگە يۇتۇپ كېلىۋاتقان ئازابلارنىڭ ئوغرى مۈشۈكتەك يۈرىكىمنى تاتىلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىنمۇ ، كۆز يېشىم قۇرىماسلا بولۇپ قالدى. ئائىلەمدە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاز ۋاقىت بولسىمۇ ئۇنتۇلۇپ  كېتىش ئۈچۈن بىر ئايلىق دەم ئېلىش بىلەن يۇرتقا ئانامنى يوقلاپ كەلگەن ئېدىم.
     ئانامنىڭ چاشلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، بېلى سەل ـ پەل مۇكچەيگەن بولسىمۇ شۇ قەدەر تېتىك ،مېنى كەلدى دەپ خۇشاللىقتا  قازان بىشىدىن نىرى بولالماي پاي پىتەك بولۇپ  يۈرەتتى.ئانام مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئايال بولسىمۇ ناھايىتى ئەدەپ- قائىدىلىك ، ئىشچان ئايال ئېدى. ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر ئانامنىڭ چىڭراق ئاۋازدا گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئېدىم. ئانام- دادام ،موماملار بىر-بىرىنى «سېلى،ئۆزلىرى»  دەپ گەپلىشەتتى.ئاچام بىلەن ئېككىمىزمۇ بىر-بىرىمىزنى «سېلى ئۆزلىرى» دىيىشىپ سۆزلىشەتتۇق.گەرچە ئائىلىمىز دېھقان ئائىلىسى،  ئۆزىمىز غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بولساقمۇ  ئىجىل-ئىناق، بەخىتلىك ئائىلىلەردىن ئېدۇق.

       ھەر قېتىم دىلىم ئازار يىگەندە ،غېرىپسىنغاندا  ھەشەمەتلىك بىزەلگەن ئۆيۈمگە قاراپ ئۆزۈمنى خۇددى قەپەز ئېچىدىكى قۇشتەك ھىس قىلاتتىم. سەھرادىكى خام كىسەكتىن سېلىنغان پاكار تاملىق ،ئاخشاملىرى تۈن تەڭگىچە مومامنىڭ چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈم ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغان ئاشۇ  ئۆيۈمنى سېغىناتتىم. ئۈنسىز سېغىنىش ئىسەدەش ئىچىدە بالىلىقتىكى  بىر تالاي تاتلىق ئەسلىمىلىرىمنى بىر- بىرلەپ  ئەسلەپ چىقاتتىم.
     ئەتە  كېتىمەن ،ئانامنى، ئاچامنى،مېنى كەپتۇ دىسە ئۆي-ئۆيلەردىن ئاتەيەن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى  كىرىدىغان ئاق كۆڭۈل قەلبى سۇدەك سۈزۈك  يۇرۇتداشلىرىمنى ، مېھرى ئېسسىق سەھرايىمنى تاشلاپ شاۋقۇن سۆرەنگە تولغان چوڭ شەھەرگە قاراپ يەنە ئۇچىمەن..
      ئاخشام ئانام بىلەن مۇڭدۇشۇپ قايسى چاغدا كۆز يۇمدۇم بىلمەيمەن. ئانامنىڭ؛
      -ئەمدى كەتسىڭىز يەنە قاچان كىلەرسىز قىزىم ،جۈدەپ كېتىپسىز؟ ئاجىزلاپ كەتكەندەك قېلىسىز...-دىگەن گەپلىرى قەلبىمدىكى ھەسرەت پىلتىسىگە يەنە بىر قېتىم ئوت قويىۋەتتى.
      -نىمىلەرنى دەيدىغانلا ئانا، مەن بىر ئوبدان تۇرمامدىم مانا ؟دەيىتتىم مەن ئانامغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن لېۋىمنى چىشلەپ تۇرۇپ.
      - ئوبدان تۇرۇشنىغۇ  تۇرۇپسىز قىزىم، لېكىن يۈزىڭىزدە قان دىدارى يوق تاتراڭغۇ ، خۇددى ئۇزۇن يىل كىسەل تارتقان ئادەمدەك كۆزلىرىڭىز خۇنۇكلىشىپ كېتىپتۇ-، دېدى ئۇ يەنە مېنىڭ بارلىق  مەخپىيەتلىكلىرمنى بىلىۋالغاندەك.
مېنى قىيناۋاتقان كۈندەشلىكنىڭ ئازابىنى،ئاياللىق غورۇرۇمنىڭ ئېككى بالامنىڭ دادىسى تەرىپىدىن دەپسەندە بولىۋاتقانلىقىنى ، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە جېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان غېرىپلىقنىڭ دەردىنى كىمگىمۇ  دىيەلەيتتىم. بۇ قېتىم يۇرتقا كېلىشتىن بۇرۇن  ئانامغا نۇرغۇن گەپلىرىمنى ئېيتماقچى  ۋە قىلنىڭ ئۈستىدە داۋالغۇپ تۇرغان ئائىلەم توغرۇلۇق ئانامدىن  مەسلىھەت ئالماقچى بولغان ئېدىم.بىراق ئانامنىڭ ۋاقىتسىز پۈكۈلگەن قەددىنى، مۇڭسىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆرگىنىمدە ھەممىنى ئېچىمگە يۇتىۋېتىشكە تېرىشاتتىم.


*  *   *   *  *  *  *   *
      بۈگۈن  سۇبىھى بىلەن تەڭلا ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم، چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 3؛30 نىڭ  ئايرىپىلانىدا ئۈرۈمچىگە ماڭىمەن. ئانام كېچىدىن ئۇخلىمىغاندەك قىلاتتى، ئانامنىڭ قىزارغان كۆزلىرىگە ھەر بىر قارىغىنىمدا  يۈرۈكۈم ئېچىشىپ كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم،سەھەرنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا ھويلىنىڭ تېمىغا يۆلەنگىنىمچە بىر پەس ئىسەدىۋالغاندىن كېيىن ئۇزۇن چاپىنىمنى كېيىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كىندىك قېىنىم تۆكۈلگەن ئانا سەھرايىمنى باغرىمغا بىسىۋالماقچى بولغاندەك غۇلاچلىرىمنى كېرىپ ھويلا دەرۋازىسىدىن چىقتىمدە، پۇتلۇرۇم مېنى ئېلىپ ماڭغان تەرەپكە قاراپ  يۈرۈپ كەتتىم...
       كۆكلەمنىڭ ھېدى قاپلىغان سەھرانىڭ سەھىرى نەقەدەر گۈزەل، ساپ- ھە...!
بىر بېسىپ، ئېككى بېسىپ مومام بىلەن يالپۇز تىرىدىغان ئېتىزلىق تەرەپكە كېلىپ قالغىنىمنى سەزمەي قالغان ئېدىم..
ئېتىز ـ ئېرىقلار ئاراچلىرىدىن بىخ سۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان ياۋا ئوتلار ئارىسىدا ماڭا نۇرغۇن ئەستىلىكلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتىدىغان يالپۇز بار ئېدى. ئېرىق بويىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ياۋا ئوتلار ئارىسىدىن  ئەمدىلا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان يالپۇزدىن بىر تال ئۈزىۋالدىم-دە، قىنىپ-قىنىپ پۇرىدىم.شۇ دەمدە كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈپ كەتتى،چۈنكى يالپۇزدا رەھمەتلىك مومامنىڭ ھېدى بار ، بۇ جايلاردا يەنە دادام رەھمەتلىكنىڭ ئاياق ئىزلىرى بار ئېدى.
      مەن يالپۇزنى تونۇشنى ھەم  تېرىشنى مومامدىن ئۈگەنگەن ،يالپۇزنىڭ شىپالىق رولىنى دادام رەھمەتلىكتىن ئاڭلىغان ئېدىم.كېچىكىمدە مومام ھەر يىلى بىدە كۆكى تەرگىلىمۇ، يالپۇز تەرگىلىمۇ مېنى ئىتىزلىققا ئۆزى بىلەن بىللە ئەگەشتۈرۈپ بىللە ئېلىپ باراتتى. ئۆيىمىز بىلەن ئېتىزلىقنىڭ ئارىسى ئۈچ-تۆت  كىلومىتىر ئەتراپىدا بولۇپ مومام ئېككىمىز ياياق بېرىپ كېلەتتۇق. بۇنداق كۈنلەردە مەن ئېتىزلىقنىڭ ئۇ  بىشىدىن بۇ بىشىغىچە ئوغلاقتەك سەكرەپ ئويناپ، ھارمايتتىم. ھەر قېتىم ئېتىزلىققا كەلگىنىمدە   مومامنىڭ ئېيتىپ تۈگىمەيدىغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى تىڭشىغىنىمچە ئاللا قانداقتۇر ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان ھاجايىپ ھىسلارنىڭ بۆشىكىدە ئەللەيلىنەتتىم.
        مومامنىڭ ناخشىلىرى بەك مۇڭلۇق ئېدى. 10-11 ياشقا كىرگەن چاغلىرىممىكىن،  ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرى مومام بىلەن يالپۇز تەرگىلى ئېتىزغا كەلدۇق.يۈگرەپ يۈرۈپ  يالپۇز تىرىۋاتاتتىم، قۇلاق تۈۋىمدە مومامنىڭ  تىترەڭگۈ ئاۋازدا ئېيتقان يالپۇز ناخشىسى جاراڭلىدى، ئېرىق قىرىدا تىزىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغىنىچە يالپۇز ناخشىسى ئېيتىۋاتقان مومامغا قارىدىم!
ئۆستەڭ بويىدا يالپۇز ،
يالپۇزنىڭ شېخى يالغۇز.
مەن شۇنداق بىتەلەيمۇ،
كۈندە  يۈرىمەن يالغۇز.
     مومامنىڭ كۆزىدە ياش لېغىرلاپ قالغان ئېدى.
     نىمە بولدىڭىز موما ،يىغلاپسىزغۇ؟ مەن يېشىڭىزنى سۈرتۈپ قوياي،- دىگىنىمچە مومامنىڭ قۇچىقىغا ياماشتىم .
    -قوزام بالام، باغرىم بالام ،جىگىرىم بالام...
    ھەر قېتىم مومام مېنى مۇشۇنداق تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئەركىلەتكىنىچە باغرىغا باساتتى ،بۈگۈنمۇ شۇنداق دىگەچ پىشانەمگە سۆيۈپ باغرىغا باسقىنىچە ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، مومامنىڭ بوينىغا ئېسىلغىنىمچە مەنمۇ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتىم،  ئۆزۈمنىڭ نىمىگە يىغلىنىمنى مومامنىڭ نىمىشقا يىغلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.
       شۇ كۈنى مومام ئېككىمىز خېلى كۆپ يالپۇز تېرىپ كۈن چۈشتىن قايرىلغاندا ئۆيگە قايتتۇق، يول بويى مومامنىڭ ھەر يىلى بىدە كۆكى ياكى يالپۇز تەرگىلى چىققىنىمىزدا نىمىشقا يىغلايدىغانلىقىنى نىمە ئۈچۈن شۇنچە مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ كەلدىم. كەچلىك تامىقىمىز مومام ئېككىمىز تېرىپ كەلگەن يالپۇزدا تۈگۈلگەن كۆك چۆچىرە بولدى ..مەن يالپۇزنى بەك ياخشى كۆرۈپ تىرەتتىم يۇ لېكىن يالپۇزدا چۆچۈرە تۈگسە پەقەت يىمەيتتىم..بۇ كۈنى مومام  بىر تال چۆچۈرىنى سۈزۈپ« يەپ بىقىڭە خېنىم بالام پىشىپتىمۇ» دىگىنىچە ماڭا تەڭلىدى، مەن ئانامنىڭ ئادىتى بويىچە چۆچۈرىنى سوغۇق سۇدا چايقىۋېتىپ ئاغزىمغا سالدىم ، چۆچۈرىدە  بىر خىل قىرتاق تەم بار ئېدى، كۆزۈمنى يۇمۇپلا يۇتىۋەتتىم-دە، مومامغا قاراپ ؛
    پىشىپتۇ موما-، دېدىم..
     ئانام  چۆچۈرىنى ئۆيىمىزدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىدىغان مىس لىگەنگە سۈزۈپ داستىخانغا ئەكەلدى.مېنىڭ ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان مېزىلىك پۇراقنى ئەمەس تەمىدىكى قىرتاقلىقنىڭ نىمە تەم ئىكەنلىكىنى بىلگۈم كەلدىمۇ ئەيتاۋۇر مومام، ئانام، دادام ،ئاچاملار  بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ بۈگۈن تۇنجى قېتىم مومام.ئانام-دادام ئاچاملار بىلەن  يالپۇز چۆچۈرىسى يىيىشكە باشلىدىم.
     نەچچە تال  چۆچۈرىنى يەۋەتكەندىن كېيىن ،ئانامغا قاراپ؛
    - ئانا يالپۇز چۆچۈرىسىنىڭ تەمى نىمىشقا قىرتاق،- دەپ سورۇدىم.ئانام« تاماق ۋاقتىدا جىق گەپ قىلمايدىغان كېچىك بالا دىگەن»  دەپ گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىۋەتتى.دادامغا قارىدىم،دادام ئىشتىھا بىلەن چۆچۈرە يەۋاتاتتى.
     -دادا،يالپۇز چۆچۈرىسىنىڭ تەمى نىمىشقا قىرتاق بولىدۇ،- دەپ سورۇدىم دادامدىن.
     -يالپۇزنىڭ شىپالىق رولى بار قىزىم،تىبابەتتە يالپۇزنىڭ دورىلىق قىممىتى يوقىرى . تەبىئىتى3-دەرىجىدە ھۆل ئېسسىق  بولۇپ ئادەتتە ياللۇغ «زەھەر» قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، يالپۇزنىڭ تەمىدە بىر خىل دورا تەمى بار شۇڭا سىزگە قىرتاق تىتىدىمىكىن ،- دېدى ماڭا  چۈشەندۈرۈپ.
     -دادا  گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىم ، مەن  يالپۇزنىڭ شىپالىق رولىنى ئەمەس تەمى نىمىشقا قىرتاق دەپ سوراۋىتىمەن، يالپۇز تەمىنىڭ قىرتاق بولىشىدا دورىلىق تەركىبىدىكى تەم ئەمەسقۇ؟..
     - ئۇنداقتا سىز دەڭە  قىزىم يالپۇزنىڭ تەمى نىمىشقا قىرتاق -دېدى دادام قىزىقىش ۋە،ھەيرانلىقتا ماڭا تىكىلگىنىچە .مەن مومامنىڭ سەل-پەل قىزىرىپ ئېششىغان قاپىقىغا قاراپ ئۇلۇق كېچىك تىنغىنىمچە؛
     - بىلەمسىز دادا يالپۇزنىڭ خۇشپۇراقلىقىدا مومامنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى بار، ھەر قېتىم مومام يالپۇز تەرگىلى بارغىنىمىزدا  يالپۇزلارغا  بەك مۇڭلۇق ناخشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.يالپۇزنىڭ يىلتىزلىرىغا مومامنىڭ كۆز يىشى تىمىپ كەتكەن، ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشمۇ تۇزلۇق ھەم قىرتاق بولىدىكەنغۇ، ، شۇڭا  يالپۇزنىڭ تەمى قىرتاقمىكىن، سىز دىگەن دورىلىق قىممەت دەل مومامنىڭ كۆز يېشىدىن بىنا بولغانمىكىن،دەيمەن،-دېدىم مەن.  
سۆزلىرىمدىن داڭ قېتىپ قالغان دادام مومامنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىگە قاراپ،
      -ئانا نىمىشقا يىغلايلا، مەن رەنجىتىپ قويدۇممۇ سېلىنى ،مەن ياخشى قارىيالمىدىم شۇنداقمۇ ،  مېنى كەچۈرسىلە ئانا–دېگىنىچە مومامنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتى.
      -جېنىم بالام، شۇڭقارىم  تۇرسىلا ئورۇنلىرىدىن ،  مەن سېلىدىن  ئېككىلا دۇنيا رازى بالام. ئاللاھمۇ سېلىدىن رازى بولسۇن ئىنشا ئاللاھ.. !-دېدى ۋە ئارقىدىن، – كىچىكىمدە مەنمۇ ئانام بىلەن يالپۇز، كۆك تىرەتتىم،ھەر قېتىم كۆكلەم پەسلىدە  ئەشۇ غەمسىز، سەبى چاغلىرىمنى ئانام رەھمەتلىكنى سېغىنىپ قالىمەن  ، دادىلىرى رەھمەتلىكمۇ يالپۇز چۆچۈرىسىگە بەك ئامراقتى ، مەن نە -نەلەردىن يالپۇز ،بىدە كۆكى تىرىپ كېلەتتىم،دادىلىرى تىترەپ تۇرغان پاقلان گۆشىىنى بەلۋىغىدىن يىشىپ «مانا ماۋۇ ئەركەك پاقلاننىڭ گۆشى ھەم  قۇيرىقى ،يالپۇز بىلەن قىيما قىلىپ ئوخشۇتۇپ  چۆچۈرە ئېتىڭلا» دەيتى. چۆچۈرە پىشقاندا ئىشتىھا بىلەن  بىر لىگەن چۆچۈرىنى ئۆزى يالغۇز  دىگۈدەك يەپ قوپۇپ كىتەتتى، -شۇ..  كەتكەنلەرنى سېغىنىپ ئوغلۇم! ئۇلار كۆزۈمدىن ئۇچۇپ كەتتى ،بەك ئۇزۇن بولدى چۈشۈمگىمۇ كىرمەس بولىۋالدى،-دېدى مومام يىغلامسىراپ تۇرۇپ.شۇ كۈنى  ھەمىمىز مىشىلداپ ،يىغلىشىپ ئولتۇرۇپ يالپۇز چۆچۈرىسىنى يەپ تۈگەتتۇق..

         بىر ئاخشىمى مومامنىڭ قوينىدا يېتىپ چۆچەك ئاڭلاۋېتىپ تۇيۇقسىزلا مومامدىن:
     -موما مېنىڭ ئانام ،دادام بار ئېكەن، سېلىنىڭ نىمىشقا يا ئانىلىرى يا دادىلىرى يوق،- دەپ سورىغان ئېدىم مومام چوڭقۇر  تىنىۋېتىپ ماڭا يوتقاننى ياپقاچ مەيۈس بىر ئاھاڭدا ؛
     -ۋۇدان-ۋۇدان تاتلىق قوزام كىم دەيدۇ مېنىڭ ئانام، دادام يوق دەپ ؟ ئانام ، دادام بار.  لېكىن ئۇلار  يىراق بىر يەرگە سەپەرگە چىقىپ كەتكەن ،ئاللاھ خالىسا مەنمۇ پات يىقىندا ئانام دادامنىڭ قىشىغا سەپەرگە چىقىمەن قوزام..-دېگەن ئىدى.
    - مەنمۇ بارايچۇ موما مېنىمۇ ئېلىۋالسىلا  ماقۇلمۇ؟
     -ياق ،ھازىر بولمايدۇ قوزام ،سىزمۇ كېيىن چوقۇم بىزنى ئىزدەپ بارىسىز ، شۇ چاغدا ھەمىمىز جەم بولىمىز ...
     -ياق-ياق ئۇ چاغقىچە سىلىنى سېغىنىپ كەتسەم قانداق قىلىمەن موما؟
    -ئاپئاق قوزام گەپ ئاڭلاڭ ،سىز ئوقىيسىز  ئوقۇپ كادىر بولىسىز ، ئاندىن  نىمىش قىلاتتىڭىز ؟
     -ھە،توغرا پۇل تېپىپ ئانام-دادامغا يىڭى ئۆي سېلىپ بىرىمەن.
    -ئاندىنچۇ؟
     -ئاندىن يەنە جىق پۇل تېپىپ  سىلىنى كۆتۈرۈپ ھەرەمگە ئاپىرىمەن.
     - جېنىم بالام ،باغرىم بالام ،ئاللاھ مىرادىڭىزغا يەتكۈزگەي قوزام !
     ۋاقىت ئاتقان ئوق  دىگەندەك ،تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا يىزىدىن مېنىڭ بىلەن يەنە ئېككى ئوغۇل ساۋاقدىشىمىز بولۇپ  ئۈچىمىز ئۇرۈمچىدىكى ئالى بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا مېڭىشقا تەييارلىق قىلدۇق. ئەتە ماڭىمەن دەپ تەييارلىق قىلىپ يۈرگەن  پەيىتتە، مومام ياندىكى ئۆيگە قولۇمدىن تۇتقىنىچە ئەكىرىپ  قۇلىقىمغا پىچىرلاپ دىگۈدەك ؛
     -ئۈرۈمچى دىگەن چوڭ شەھەر دەپ  ئاڭلىغان قىزىم،  ئۆزگە يۇرتتا بويۇن قىسىپ قالماڭ ئانامدىن قالغان تەۋەرۈك زىرەمنى بىلىسىزغۇ ، بۈگۈن ناھيە بازىرىغا ئاپىرىپ يۈز كويغا سېتىپ كەلدىم ،ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن، ئوبدان چاغدا ئەسقاتتى. مەھكەم  ساقلاپ ئۇرۇمچىگە بارغاندا  بىر قۇر يىڭى كىيىم ئېلىپ كېيىپ سىنىپقا كىرىڭ ئانىڭىزغا دىمەڭ زىرىنى ساتقىنىمنى  مەنمۇ دىمىدىم،- دېدى.
    -نىمىشقا بۇنداق قىلغانلا موما ،دادام ئۇقسا چوقۇم رەنجىيدۇ ئەتىلا بۇ پۇلنى ئاپىرىپ بېرىپ زىرىنى قايتۇرۇپ كەلسىلە ،مىنىڭ كېيىملىرىمۇ ئانچە كونا ئەمەسقۇ ؟
    -ياق بالام دادىڭىزغا دىمىسەك ئۇ نەدىن بىلىدۇ ،قىرىغاندا نىمە كەپتۇ زىرە سېلىپ ، زىرەممۇ بەك كونىراپ ئۇپىراپمۇ كەتكەن. خۇدايىم بۇيرىسا سالامەت ئوقۇشىڭىزنى تۈگۈتۈپ كادىر بولغاندا قوشنىمىز گۈلنىساخاننىڭ قۇلقىدىكىدەك  يىڭى نۇسقىدىكى ياقۇت كۆزلۈك چىچەك ھالقىدىن  ئېلىپ بەرسىڭىز ئۆمرۈم بولسا شۇنى سالارمەن قىزىم .
تۇنجى قېتىم  يىزىدىن ئايرىلغان ئاشۇ كۈنى مومام تاكى مەن چىققان ئىشەك ھارۋېىسىنىڭ  قارىسى يۈتكىچە ،مەھەللە چېتىدىكى توپىلىق يولنىڭ قاق ئوتۇرىسىدا قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە تۇرۇپ قالغان ئېدى.ئۇ چاغلاردا قاتناش قولايسىز چاغلار بولغاچقىمۇ قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتالمايتتىم.
    ئوقۇشقا بىرىپ ئېككىنچى يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايىتتىم. يول بويى قولۇمدا مەن ئالى مەكتەپكە ماڭىدىغان ئاخشىمى  مومامنىڭ  يۈزكوي پۇلنى چىرايلىق  چىگىپ يانچۇقۇمغا سېلىپ قويغان كونا قول ياغلىقىغا چىگىلگەن  تۈگىنچەكنى چىڭ تۇتۇپ بىردە ھاياجان، بىردە سېغىنىش ئېچىدە تۆت كۈن دىگەندە ئاران يىزامغا كەلدىم . كۆز ئالدىمدا  مېنى كۈتىۋېلىشقا  چىققان شۇنچە جىق ئادەم ،ساقىلى ئۆسۈپ قەددى پۈكۈلگەن دادام، مۇرىسى يىنىك تىترەپ  بىشىدىكى ئاق ياغلىقنىڭ بۇرجىكىگە كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋاتقان ئانام، قۇچىقىدا بوۋاق كۆتۈرىۋالغان ئاچام، يەنە نۇرغۇن سېماھلار ..
     -موما..موما ..دادا، مومام قېنى ؟..
ۋاي ئانام..ئارزۇلاپ باققان نەۋرىلىرى كەلدىغۇ ئانام، يولىغا ئىنتىزار بولغان قوزىلىرى كەلدىغۇ ئانام ، ئەمدى  ئالدىغا چىقماملا ئانا، مومام قېنى دىسە نىمە دەپ جاۋاپ بىرەي ئانام !
ئاھ خۇدا ...قولۇمدىكى قول ياغلىق ئېچىدە ئالتۇن بولمىسىمۇ ، تاماق پۇللىرىمنى تىجەپ  ئۈرۈمچىدىن مومامغا سېتىۋالغان ياقۇت كۆزلۈك چىچەك ھالقا بار ئەمەسمىدى ...مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئۇنىڭ  قۇلىقىغا سېلىپ قويماقچى ئېدىمغۇ؟
توۋا مومام راسلا كېتىپ قالغانمىدۇ ؟ مەن بىلەن خوشلاشمايلا ھە..؟
       شۇنداق قېلىپ مومامنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەي  تۇپراق ېىشىدا توپىسىنى يۇمشىتىپ ، دادام بىلەن يىغلاپ دۇئا قىلىپ ئۆيگە  قايتىپ كەلدۇق. تەتىلنى توشتۇرۇپ يانا مەكتەپكە ماڭدىم. تۆت يىل بىردەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى.
ئوقۇشۇم تۈگەپ ئۈرۈمچىگە تەخسىم قېلىنىپ ،كېيىنكى يېلى ئىدارە باشلىقىمنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلدىم  بالىلىق بولدۇم. ئاتا-ئانامغا  ئىقتىساد جەھەتتىن ئاز تولا ياردەم قىلغانمۇ  بولدۇم يۇ -لېكىن  يۇرتقا بېرىپ بىرەر ئاي تۇرۇپ ، بىر قازان ئاش ئېتىپ مەن ئەتكەن ئاشنى يەپ بېقىڭلار دىيەلمەي مەستىن، ئاتا-ئانامنىڭ مېنى جاپا تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالماستىن تۇيۇقسىزلا دادام ئالامدىن ئۆتتى .
     دادامنىڭ ھەر ھالدا يۈزىنى بولسىمۇ كۆرەلىدىم.
     ئەمما باللىرىم كېچىك ،مەكتەپتە ئوقىۋاتقان بولغاچقا،دادامنىڭ  قىرىق نەزىرىگىمۇ  تۇرالماي يىگىرمە نەچچە كۈن بولغاندا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم.
ھەر قېتىم يۇرتقا بارغىنىمدا ئانامنى «ئۈرۈمچىگە ئەكىتىپ بىللە تۇرايلى» دېسەم، ئانام ؛
    -دادىڭىز –مومىڭىزنىڭ روھى چۆگۈلەپ تۇرىدىغان ئۆينىڭ چىرىقى ئۆچۈپ قالسا بولمايدۇ بالام ،ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىڭىز تىككەن كۆچەتلەر تازا مېۋىگە كېردى ،مەن كەتسەم بۇ يوغان ھويلا  ئېگىسىز قالىدۇ،  مەن سەھرادا تۇغۇلۇپ سەھرادا چوڭ بولدۇم ،ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرگە كۆنەلمەيمەن قىزىم،  سىزنى سېغىنسام بېرىپ تۇرۇپ كىلەرمەن ،سىزمۇ كېلىپ تۇرىۋاتقاندىكىن،- دەپ رەت قىلاتتى.
     ئەمما  ھەر قېتىم كەلگىنىمدە سەھرايىمنىڭ  باھارى، يالپۇز ھېدى، يالپۇزنىڭ  قىرتاق تەمى ،مومامنىڭ يۈرەكنى ئىزىدىغان  مۇڭلۇق ناخشىلىرى  خىيالىمدىن  دەقىقە نېرى كەتمەيتى.كۆڭلۈمنى ئاۋۇندىرىدىغان خۇشاللىق بار دىيىلسە ئۇ بولسىمۇ تۇيغۇمدىكى مومام مېنى ئەگەشتۈرۈپ ئاپىرىدىغان بالىلىقىمدىكى ئاشۇ كۆز يەتمەس ئېتىزلىقلار، ئېرىق بويىدىكى ياۋا ئوتلاردەك  قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قات-قاتلىرىغا بىخ سۈرۈپ ۋۇجۇدۇمغا يىلتىز تارتىپ كەتكەن ،يۇرتۇمغا بولغان ئوتتەك مۇھەببەت سېغىنىشلىرىم ئىدى.

2014 -يىلى 30 ئاپرىل، تۈن نىسپى، شەھرى شىخەنزە..

、  ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 2014-يېللىق 4- سانىدا
ئېلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 04:24  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 04:55:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يالپۇز ھېدى»قەلەمنى تاشلاپ 25 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يازغان ھېكايەم ، بەلكىم ھېكايەمدە نۇرغۇن كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىم بولىشى ئېھتىمال..
-ئەمما مېنى رىغبەتلەندۈرگىنى ،ھەم خۇشال قىلغىنى ئاقسۇ ئەدەبىياتىغا ئەۋەتىپ ئۇزۇن بولمايلا  مۇھەرىرلەرنىڭ ئەجرىدە ژورنال يۈزىدە يورۇقلىققا ئېرىشكىنى بولدى.. ئىچكىر ئۆلكىلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەن ياشاۋاتقان  بۇ موھىتتا ، ئېككىنچى شاڭخەي دەپ نام ئالغان چوڭ شەھەردە  ،يەككە -يىگانە غېرىپ ھالەتتە ئىجادىيەت قىلىۋاتقان مېنىڭدەك بىر ھەۋەسكار ئۈچۈن ،ھەر بىر پارچە شېئىر ،نەسىرلىرىمنىڭ ،ئىلان قىلىنىشى مەن ئۈچۈن ئەلىۋەتتە بىر نەتىجە ئېدى.. .
ھېكايەم ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەدىكى بىر تورداش قەلەمدىشىمدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم« مۇنەۋۋەر خانىم مۇبارەك بولسۇن ! سىزنىڭ  بىر پارچە نەسىرىڭىزنى شىنجاڭ خەلىق  رادئىو ئىستانسىسدا ئاڭلاتتى،سىزنى يىقىنقى نەتىجىلىرىڭىز بىلەن قۇتلۇقلايمەن» دىگەن خەت ئېدى.
ئۇچۇرنى كېچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ ،دەرھال ئۇچۇر قىلىپ قايسى نەسىرىمنى ئاڭلاتتى دەپ سوردىىم. ماڭا يانا ئۇچۇر كەلدى«مەن ماشىنا  ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئېدىم ،يىنىمدا ئادەم بار تازا ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم، « يالپۇز» دېدىغۇ دەيمەن دىگەن ئۇچۇر كەلدى..مەن شۇئان ئۈنلۈك ئاۋازدا « يالپۇز ھېدى» دەپ توۋلىۋەتتىم..  نەچچە كۈن ئۆتمەي يەنە بىر قەلەمدىشىم  رادئىو تورىنى ئىزدەپ تېپىپ   ئايلاندۇرۇپ  QQررىمغا يوللاپ بەردى..ئەڭ ئاددى يىزىلغان بىر پارچە ھېكايەم دەپ ئويلايتىم ،ئەمما  باشقىلارنىڭ ئاۋازىدا  ئاڭلاپ پىروزا قەدىمىمنىڭ ھەر ھالدا مۇۋاپىقىيەتلىك بىسىلغىنىنى ھىس قىلدىم..ئۆزۈمگە ئىشەنچىم بار بولدى. يىقىندا ئاڭلىسام «يالپۇز ھېدى» نى مەركىزى خەلىق رادئىو ئىستانسىسىدىنمۇ ئاڭلىتىپتۇ ..
ھىكايەمنى ئوقىغان بەزى قەلەمداشلىرىم؛ خانىم سىز شەھەر موھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن،خىزمەتچى ئايلىسىدە دۇنياغا كەلگەن تۇرۇقلۇق ،ھەجەپ يىزا تۇرمىشىنى شۇ قەدەر چىرايلىق ئىپادىلەپسىز دەپ سوراشتى.
-مەن دېدىمكى؛
مەن تۇيغۇمغا سادىقمەن،تۇيغۇمدىكى تەپەككۈر مېنى نەگە باشلاپ كەتسە ،قەلىمىم شۇنى يازىدۇ، بەلكىم بۇ   ماڭا ناتونۇش بىر ئايالنىڭ كەچمىشىدۇ، ئەمما بۇ مىنىڭ ھاياتىم بىلەن قىلچە مۇناسىۋېتى يوق ،ھەم مىنىڭ كەچمىشىممۇ ئەمەس!
شۇ سەۋەپلەردىن  مۇنبەرداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى..


mp3 ئاۋازلىق نۇسقىسىنى ساقلىۋالغان ئېدىم ،ئەمما قانداق يوللاشنى بىلەلمىدىم. خالىس ياردەم قىلىدىغانلار بولسا تورغا يوللاپ  بەرگەن بولساڭلا دىگەن ئۈمۈتتىمەن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 05:02  


ۋاقتى: 2015-1-29 11:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇيغۇمغا سادىقمەن،تۇيغۇمدىكى تەپەككۈر مېنى نەگە باشلاپ كەتسە ،قەلىمىم شۇنى يازىدۇ،
_____________________________________________________
مۇشۇ پىكىرگە چۇقۇم ھۆرمەت قىلىڭ!

باھا سۆز

تىرىشىمەن...  ۋاقتى: 2015-2-2 11:42 PM
qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-1-29 11:26:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-1-29 12:12:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژورنالدا  ئوقۇپ سۆيۈنگەن ئىدىم .قايتا مۇنبەردە  ئوقۇپ  يەنە يالپۇز ھىدىنى سېغىندىم ...

باھا سۆز

رەھمەت ئەزىزىم...  ۋاقتى: 2015-2-2 11:43 PM
ۋاقتى: 2015-1-29 15:50:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى كۈچلەرگە ئېتىبار بەرگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم . ھېكايىنى تېخى ئوقۇمىغاچقا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشنى لايىق كۆرمىدۈم . ئوقۇپ بولۇپ پىكىر بايان قىلاي ......

باھا سۆز

شۇنداق؛ مەنمۇ ئېرىق ئايرىمايدىغان مۇھەرىرلىرىمىزدىن بەك سۆيىنىمەن..  ۋاقتى: 2015-2-2 11:45 PM
ۋاقتى: 2015-1-29 16:27:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. ھېكايىڭىزنىڭ ئەسلىمە بىلەن باشلانغان بايانلىرى ھېسسياتلىق ھالەتتە ياخشى چىقىپتۇ. ئەمما، ھېكايىڭىزنىڭ باش قىسمى بىلەن كىيىنكى قىسمى سەۋەپ-نەتىجىلىك باغلاشمىغاندەك ھېس قىلدىم.  

ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، يەنە كېلىپ ھەممە ھەۋەس ھەسەتتە قارىشىدىغان كاتتا بىر ئەرباپنىڭ ئوغلىنىڭ خانىمى ، يۈزنەچچە كۋادراتلىق ئالىي بىزەلگەن ئۆينىڭ  قارانچۇقى تۇرسام، ئېڭىكىمگە تاقاشقان ئېككى بالام ، لېفىت بىلەن چېقىپ چۈشىدىغان ئاپتۇنۇم رايۇن  دەرىجىلىك ئىدارىنىڭ 13-قەۋىتىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قېلىدىغان ئىشخانام بار تۇرسا كەتمىسەم بولمايدۇ-دە!..

مۇشۇنداق ئىدىيە-قىممەت قاراشتىكى ئايالنىڭ رەشىك ئوتىدا پۇچىلىنىۋېتىپ، چىن ھېسسياتلىق ئەسلىمىسى ئىچىگە كىرىپ كېتىشلىرى باغلاشماي قاپتۇ.

باھا سۆز

رەھمەت...  ۋاقتى: 2015-2-2 11:46 PM
ۋاقتى: 2015-1-29 16:27:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى كەچتە، نىمىش قىلىۋاتىسىز، دەپ سورىسام يالپۇز ھىدىنى يېزىۋاتىمەن،دەپ جاۋاپ بەرگەنتىڭىز...ئۇزاق ئۆتمەي «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»دا ھەقىقى ھىدلىرىڭىزنى كۆردۈم.سىزنىڭ تېخىمۇ خۇشبۇي ھىدلار بىلەن چىچەك ئاچىدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىمەن!

باھا سۆز

شۇنداقراق دىگەن بىر گېپىمنى يادىمغا سالدىڭىز...  ۋاقتى: 2015-2-2 11:46 PM
ۋاقتى: 2015-1-29 16:27:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. ھېكايىڭىزنىڭ ئەسلىمە بىلەن باشلانغان بايانلىرى ھېسسياتلىق ھالەتتە ياخشى چىقىپتۇ. ئەمما، ھېكايىڭىزنىڭ باش قىسمى بىلەن كىيىنكى قىسمى سەۋەپ-نەتىجىلىك باغلاشمىغاندەك ھېس قىلدىم.  

ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، يەنە كېلىپ ھەممە ھەۋەس ھەسەتتە قارىشىدىغان كاتتا بىر ئەرباپنىڭ ئوغلىنىڭ خانىمى ، يۈزنەچچە كۋادراتلىق ئالىي بىزەلگەن ئۆينىڭ  قارانچۇقى تۇرسام، ئېڭىكىمگە تاقاشقان ئېككى بالام ، لېفىت بىلەن چېقىپ چۈشىدىغان ئاپتۇنۇم رايۇن  دەرىجىلىك ئىدارىنىڭ 13-قەۋىتىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قېلىدىغان ئىشخانام بار تۇرسا كەتمىسەم بولمايدۇ-دە!..

مۇشۇنداق ئىدىيە-قىممەت قاراشتىكى ئايالنىڭ رەشىك ئوتىدا پۇچىلىنىۋېتىپ، چىن ھېسسياتلىق ئەسلىمىسى ئىچىگە كىرىپ كېتىشلىرى باغلاشماي قاپتۇ.

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-1-29 16:29:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-1-29 16:32:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭى تىزىملىتىپ كىرگەنتىم. ئىنكاس يوللىسام تەكرارلىنىپ كېتىپتۇ. بۇ مىنىڭ يوللاش مەشغۇلاتىدىكى خاتالىقىمدىن بولىۋاتقان ئەھۋال ئىكەن.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچە يوللىنىپ كەتكەنلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-1-29 16:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 16:29
سىز بويىۋالغان يەر كىنايىكەن.

ئۆزىگە ئۆزى كىنايە قىلارمۇ؟ باش-ئاخىرى بىر ئادەمگە ئوخشىسا تېخىمۇ چىن چىقىدۇ.

باھا سۆز

بەزىدە ئادەممۇ،ئۆزىگە -ئۆزىگە -ئۆزى سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدىغۇ ...  ۋاقتى: 2015-2-2 11:48 PM
qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-1-29 16:44:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-1-29 16:47:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-1-29 17:45:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 16:44
ھېكايىدىكى (مەن) شەھەردىكى ھاياتىغا قايتىشقا رايى يوق ...

شەھەردىكى ھاياتىغا قايتقىسى يوق ئايال نېمىشقا شەھەردىكى تۇرمۇشىنى قايتقىسى يوق ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ دېگەن نۇقتىدىن كىيىنكى يالپۇز ھىدى ئەسلىمىلىرىدىكى پەرىق.... ماختىنىش ۋە ئاجىزلىق...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش