nurbag يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 12:38
شەھرىزات،
مويەن ئېيتقان بىر ئابزاسقا ئوبدان قاراڭ. مو ...
راست دەيسىز شاھىب ئۇستاز، سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز يۈكسەك سەنئەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئېيتىلغان
شۇڭا سىزنىڭ يەيدىغان غېمىڭىز ھەقىقىي سەنئەت غېمى، يۇقۇرى پەللە. تىرىشايلى ، تىرىشىپ بەرسەك بەلكلىم مەقسىدىمىزگە يېتىپمۇ قالارمىز. بىر قېتىم ئاقسۇدىكى بىر يىغىندىن قايتىپ چىقىۋېتىپ، ئېزىزى ساۋۇت ئاكا ئالدىمغا كېلىپ قۇلۇمنى چىڭ تۇتىۋالدى ۋە؛« ئۇكام، قاراڭ ئاۋۇ چىقىۋاتقانلارغا، ئىككى يۈزدىن ئاشىدۇ. بىراق بىلەمسىز؟ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھەقىقىي يازغۇچى - شائىر دېگەندىن پەقەت بىر-ئىككىسىلا چىقىدۇ» دېگەن ئىدى. ئېزىزكاممۇ ھەققىقىي سەنئەتنىڭ نېمىلىكىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئادەم بولغاچقا، بۇلۇپمۇ « رومان» نۇپۇزىنى بەك چوڭ بىلگەچكە بۇ نۇقتىغا قول تىقمىدى. ئۇ ھەتتا باشقىلارنىڭ «نېمىشقا رومان يازمايلا؟» دېگەن سۇئالىغا؛« رومان يېزىشقا كۈچۈم يەتمەيدۇ» دەپ سەمىمىي جاۋاپ بېرىدۇ. ئېزىزكام رومان يازالمايدۇ ئەمەس، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي روماننىڭ بەك يۇقۇرى. لېكىن ئۇ يەنىلا بىز ياىشى كۆرىدىغان پەزىلەتلىك ياخشى يازغۇچى. ئېزىزىكامدەك ياشىماق ئاسان ئەمەس،
دېمەكچى بولغىنىم شاھىب ئۇستاز، سەنئەت قارشى يۇقۇرى ۋە ئۆزگىچە ئادەملەرنى بەكرەك ھۆرمەت قىلغۇم كېلىدۇ. گەرچە مەن بەك ئۆزگىچە ئەسەر يازالمىساممۇ.