يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 4580|ئىنكاس: 2

ئىقبال تۇرسۇن:ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ 40 يىلى ۋە ئۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەقىقاتىنىڭ 40 يىلى ۋە ئۇنىڭغا باھا
ئىقبال تۇرسۇن
1.ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە بۇ ھەقتە ئېلىمىزدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار
قەدىمكى زېمىندىكى خەلقنىڭ نىجاتلىق كۈرىشى، ھاياتلىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى —ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىلىش تەرەققىياتىنىڭ ئوبرازلىق ئىنكاسى. ئۇ ئەجدادلارنىڭ دۇنياقارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش، جەمئىيەت تونۇشى، ئەدەبىي، مەدەنىي ھايات جەريانلىرىنىلائىپادىلەپ قالماي، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ قاتلىمىنى، پەلسەپە،ئىستېتىك قاراش، تەبىئەت، ئىجتىمائىيەت نەزەرىيىۋى سەۋىيىسىنىمۇ نامايان قىلىدۇ.شۇڭا روھىيەت گادايلىقتىن تەقدىرى نىجادلىق يولىنى ئىزدەپ كېتىۋاتقان خەلقىمىزئۇزاق بىھۇشلۇقتىن كېيىن، ئۆز يىلتىزى، روھىيىتىنى ئەجداد قەدەملىرىنىڭ ئۇپرىماس تامغىلىرى بولغان يازما ئابىدىلەردىن ئىزدىمەكتە.
1949-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىنى قېزىش، توپلاش، رەتلەش ۋەدەسلەپكى قەدەمدە تەتقىق قىلىش خىزمىتى باشلاندى. 1951-يىلى تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژۇرنىلى تەسىس قىلىنىپ، شۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، مەلۇم نىسبەتتە ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ دىۋانلىرىدىن پارچىلار بېرىلدى ھەم بىر قىسىم كلاسسىكلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. 1956-يىلى ئېلىمىز ئەدەبىيات-سەنئىتىدە «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملاربەس-بەستە سايراش» يۆنىلىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى قېزىش، توپلاش ۋە تەتقىقات خىزمىتىدە ياخشى مۇھىت ياراتتى. شۇ يىلى «نۇرگېزىتى»نىڭ 13-ئىيۇن سانىدا گۇاڭتيەن ناملىق بىر ئاپتورنىڭ «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆھبەت» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ئازادلىقتىن كېيىنمەملىكەتلىك مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان كلاسسىك ئەدەبىيات توغرىسىدىكى تۇنجى ماقالە بولدى. شۇ گېزىتنىڭ 9-سېنتەبىر سانىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1956-يىلى «شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى» ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا «ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمىنىڭ خاتىرىسى» ناملىق ماقالىسىدا مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ ىاس ھاجىپ ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 1957-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ21-ئىيۇن سانىدا پروفېسور فېڭ جياشېڭ «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە»ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارتوپلىمى» (1958، 1981-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى، 1-، 2-توم) كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئېتنىك مەنبەسى، تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە قەدىمكى ئەدەبىياتى ھەققىدەنىسبەتەن ئەتراپلىق ئۇچۇر بەردى. 1959-يىلى «ئەدەبىيات بىلىملىرى»نىڭ 6-سانىدا ۋاڭيۆنىڭ «گۈلشەندىكى بىر تال قىزىلگۈل-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا قىسقىچەتونۇشتۇرۇش» ناملىق ماقالىسى بەزى يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. «شىنجاڭ ئەدەبىياتى» دا موللا بىلالنىڭ «چاڭموزا» داستانى، موللا شاكىرنىڭ «زەپەرنامە»،نىزارىنىڭ «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق داستانلار ۋە پارچىلار تونۇشتۇرۇلدى. بۇمەزگىللەردىكى تەتقىقاتنىڭ سانى ئاز، ئاددىي ئىزاھ ياكى تونۇشتۇرۇش ھالىتىدەبولسىمۇ، ئۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ 20-ئەسىردىكىئەگرى-توقاي يولى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە چىققانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يورۇق كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئەلگە جاكارلىغانىدى. مەملىكەت ئىچىدىكى قېرىنداش مىللەتلەرتەتقىقاتچىلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىسنى ياۋروپانىڭ ئۆتكەن ئەسىر ۋە بۇ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە بىر قەدەر ياخشى ماتېرىيال ئاساسى سېلىپ بەرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، كلاسسىك نامايەندىلەر ۋە نەمۇنىلەر بىلەن دەسلەپ تونۇشقان ئىلىم ئەھلىلىرىمىز دەۋرنىڭ تىلشۇناسلىرى سۈپىتىدە، ئەرەب، پارس، رۇس تىللىرى ئارقىلىق غەربنىڭ تەتقىقاتى بىلەن تونۇشقان، ئەستايىدىل ئۆگەنگەن. شۇڭا ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئازراق قىستۇرۇپ ئۆتۈش ئارتۇقچەبولمىسا كېرەك.
تارىختىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى دۇنياشەرقشۇناسلىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي قىسمى سۈپىتىدە غەرب تۈركولوگ –ئۇيغۇرشۇناسلىرى تەرىپىدىن 19-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدەباشلانغان. 1812-يىلى گېرمانىيەلىك كلافورت «ئۇيغۇر تىل ۋە ئەدەبىياتىغا دائىرماقالىلەر توپلىمى»دا ئۇيغۇر تىلى-ئەدەبىياتى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى غەرب ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ياۋروپائالىملىرىدىن دانىيەلىك تومسۇن 1893-يىلى «ئورخون ۋە يەنسەي ئابىدىلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىزاھلىنىشى» (‹دانىيە خانلىق ئاكادىمىيىسىنىڭ مەلۇماتى›غا بېسىلغان)ناملىق ئىلمىي دوكلاتى بىلەن پۈتۈن دانىيە خانلىق ئاكادېمىيىسىدە زىلزىلە قوزغاپ ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «ئورخون ئابىدىلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى» (فىللاندىيە ئورالئىلمىي جەمئىيىتى ماقالىلەر توپلىمى) دېگەن ئەمگىكى ئارقىلىق بۇ تەتقىقاتقا يولئاچتى. تومسىننىڭ مەڭگۈ تاشلارنى ئوقۇپ ئىزاھلىشى غەرب ئالىملىرىنى تاڭ قالدۇرۇپ،ئوتتۇرا، مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا زور ئىشتىياق قوزغىدى. 1898-يىلىد.پوزىدىنوۋ «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئوچېرىكى»نى، 1909-يىلى ھ .ۋىتكار «شىنجاڭدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى» ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە تەتقىقاتچىسى يۈ تيەنخىڭ 1923-يىلى «تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەتقىقات»،رۇس ئالىمى ك. ئا. بوروكوۋ 1925-يىلى «ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى»، 1931-يىلى سوۋېت تاتار ئالىمى ز. بەشرى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىئېلان قىلدى.
ئېلىمىزدە30-يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات باشلاندى. 1937-يىلى ۋاڭرېفىي «يۈيگۇڭ ژۇرنىلى»نىڭ 7-جىلد 4-سانىدا «ئۇيغۇر نامىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە»ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1946-يىلى لوچۇۋەننىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنى»، پولاتنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە قەدىمكى مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالىلىرى «مەركىزى گېزىت» تە ئېلان قىلىندى.ئارخېئولوگىيىلىك دەلىلنىڭ ئاجىزلىقى، كلاسسىك قوليازما، تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ يوق دېيەرلىكىدىن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەر تا 60-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە يەنىلا تونۇشتۇرۇش، ئاددىي ساۋات خاراكتېرىدە ئىدى. غەربنىڭ نىسبەتەن گەۋدىلىك نەتىجىلىرى ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى بىر قانچە قېتىملىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە ياۋروپامۇزىيىلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىغا تولدۇرىۋەتكەنلىكى، ئاساسىي ماتېرىياللارنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىگە باغلىق ئىدى.شۇڭا ئازادلىقتىن ئېلگىرى بۇتەتقىقات چەت ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا بىزدە جانلىنالمىدى.50 -يىللاردىن 70-يىللارغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى ئۇيغۇرلار بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي يولغا يانداشقان ھالدا،مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ئومومىي نۇقتىدىن بىر قېتىم باھابېرىلىشكە باشلىدى.تىل- يېزىق ، خەلق ئېغىز ئىجادىيتى، يازما نەمۇنىلەرنىڭ تېما،سيۇژېت جەھەتتىن ئىزاھلاندى.كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ قەدىمكى مىفولوگىيە ، ئېپوسچىلىق دەۋرىدىن تا ئىسلامىيەتكىچە بولغان قەدىمكى دەۋىر ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر خانلىقىدەۋرىدىكى مەڭگۈ تاشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا خەلق ئىجادىيتى، پوئېزىيە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ باسقۇچتا ئومومەن بارلىق ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيتى كۆپىنچەمۇئەييەن دىنىي ئەقىدىگە مۇستەھكەم باغلانغانلىقتىن، قەدىمكى دەۋىرنىڭ قىياپىتىتارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي خارابىلار ھەم خەلىقنىڭ تۇرمۇشى، ئاممىۋى سورۇن پائالىيەتلىرىدە ساقلىنىپ قالغان.تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب- شىمالى ئېتىكى، تاغباغرىلىدىن ئوخشاشمىغان دەۋرلەرگە مەنسۇب يادىكارلىقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە بۇلاردىكى تۈرلۈك دىني نامايەندىلەر قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىيمەزمۇنلىرىدىن بولۇپ كەتكەن.ئەمدىلا جانلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ يولى توسالغۇسىز بولمىدى.1958- يىلىدىكى سولچىللىق سىياسىتىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى بىلەن يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش تەتۈر قۇيۇنى تەتقىقاتقانۇرغۇن پېشكەللىكلەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت، بۇ ساھادە تېرىشىپ ئېزدىنىۋاتقان پېشقەدەم تەتقىقاتچىلارغا چىدىغۇسىز ئازاب ئېلىپ كەلدى.. پەقەت 61-يىلىدىن باشلاپ بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا موللا بىلال، ئابدۇرەھىم نىزارى، گۇمنام شېئىرلىرى تونۇشتۇرۇلدى. 1960-يىل خەنزۇچە «شىنجاڭ ئەدەبىياتى»نىڭ 5-سانىداخۇجىڭخۇا، گېڭ شىمىننىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى» ناملىق ماقالە،«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1963-يىل 25-فېۋرال سانىدا گۇباۋنىڭ «يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرنەسرى غەزەلچىسى سەۋنىچ قايا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن تەتقىقاتنىڭ ناھايتى ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»ئاخىرلاشقىچە بولغان ئون نەچچە يىل ئىچىدە سىياسىي مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى،ئىدېئولوگىيىنىڭ قاتتىق تىزگىنى ئاستىدا كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى خۇددى باشقائىلىملەرگە ئوخشاشلا ئېغىر پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. تا 80-يىللارغىچە كىشىلەرنى بۇ ھەقتە يۈرەكلىك پىكىر قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. تۇرمۇش ۋە ئۆزىنى تونۇش ئېڭى ئەمدىلا بىخلىنىۋاتقان خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەنىۋى بايلىقىنى تونۇپ ئىپتىخارلىق بىلەن قولغا ئالغىنىغا ئۇزاق بولماي، تارىختا يەنە بىر قېتىم مىسلىسىز دەرىجىدە ۋەيران قىلىندى. نوقۇل سىياسىي شوئار بىلەن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن 70-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بەزىبىر ئىلگىرىلەشلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدا يېزىلغان مەخسۇس ئەسەر ھەم نەشىرگە تەييارلانغان بىرەر كلاسسىك ئەسەر بارلىققا كەلمىدى.
2.ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ ئۇتۇقى ۋە ئۇنىڭغا باھا
پارتىيەمەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىگە يېڭى يول ئېچىپ بەردى. 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر يىغىنىدا «ئەدەبىيات-سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش،سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن،ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىغا قىسمەن بولسىمۇ ئەركىنلىك شەكىللەندى؛ئەدەبىيات، تارىخ تەتقىقاتىدىكى «چەكلەنگەن رايون»لار بۇزىۋېتىلدى. تەتقىقاتتىكى قاتماللىق، تەقلىدچىلىك، شوئارۋازلىق خاھىشى قىسمەن بولسىمۇ ئىدېئولوگىيە چەكلىمىسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن كلاسسىك مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭ ئېسىل جەۋھەرلىرىنى، ئىلغار روھىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش،بۈگۈنكى ئىجادىيىتىمىزگە ئۆرنەك قىلىش تەشەببۇسى بىلەن كلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدىكى غۇلغۇلا قايتىدىن مۇنازىرە سەھنىسىگە چىقتى، ئاخىرى ئۆزىنىڭ تارىخىي ئاقلىنىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئىسپاتلىدى. 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇھېكمەتلەر غەزىنىسىنى ئېچىش ۋە جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇشتا خۇشاللىنارلىق ئۇتۇقلارقولغا كەلتۈرۈلدى. قەدىمكى مىفولوگىيە دەۋرى، تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىدىن تاكى تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئەدەبىيات يىلتىز تارتقان 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىككىمىڭ يىلدىن ئارتۇقراق تارىخقا ئىگە كلاسسىك ئەدەبىيات بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ رەتكە تۇرغۇزۇلدى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە تەتقىق قىلىنىپ باھا بېرىلدى. 80-يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن يۈكسەك مەجبۇرىيەت تۈرتكىسىدە ئۆزىمىز ياشىغان زېمىننى، روھىمىز يېتىلگەن تۇپراق ۋە يىلتىزىمىزنى ئىزدەپ قەدىمىي ئىزلاردا قالغان يازما يادىكارلىقلار،قوليازما، ھۆججەتلەر، كلاسسىك دىۋانلار ئارقا-ئارقىدىن يىغىۋېلىندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان نادىر ئەسەرلەردىن بەزىلىرىنىڭ فوتۇ نۇسخىلىرى ئېلىپ كېلىنىپ ئىشلەندى. بۇ كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا پۇختا،ئىشەنچلىك ماتېرىيال ئاساسى يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن 1980-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (پروگرامما شاپىگراف) تەييارلىنىپ مۇزاكىرىگە قويۇلدى. 1982-يىلى «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى تېزىسلىرى» (ۋ.غۇپۇر، ئە. ھۈسىيىن) بىلەن تۆت توملۇق «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (ئا.سابىت، قەشقەر ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى باستۇرغان) ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەتقىقات مېۋىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى ۋە ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدە قوللانمىلىقرولىنىمۇ ئوينىدى. ئەينى چاغدا تەتقىقاتىمىز ئاز ۋە تېيىز ھالەتتە تۇرغان،ماتېرىياللار چەكلىك بولغان شارائىتتا بۇ ئىككى ئەسەر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى خېلى چوڭقۇر، ئەتراپلىق ۋە سېستىمىلىق شەرھىلەپ رەسمىي پەن سۈپىتىدە جەمئىيەتكەتونۇتقانىدى. بۇ مەزگىلدە يەنە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا نەشىرقىلىنغان خەنزۇچە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (لى گوشياڭ تۈزگەن) بىلەن1983-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىداتۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق كىتابلارمۇ ئۇيغۇركلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېڭى ئۇتۇقلىرىدىن بولۇپ قالدى.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» (شەرىپىدىنئۆمەر، 1985-يىل) ئەدەبىيات ھەققىدىكى يېڭى مەسىلىلەرنىڭ كەڭلىكى، نىسبەتەن چوڭقۇرلۇقى، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ بەزىيېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن بۇ تەتقىقاتنىڭ قەدىمىنى ئىلگىرىسۈردى. «ئۇيغۇرلاردا كلاسسىك ئەدەبىيات» (شەرىپىدىن ئۆمەر، 1988-يىل) ۋە «ئۇيغۇركلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن تېزىس» (غەيرەتجان ئوسمان، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۈچۈنتۈزۈلگەن)، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)،«تارىخىي مىراس-قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە بايان». بۇنىڭدىن باشقا سوۋېتتا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر كلاسسىكلار ئىجادىدا داستان ژانېرى» (باتۇر ئەرشىدىنىموۋ)قاتارلىقلار كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ ئۇسۇل، دائىرە، نەزەرىيىۋىلىك جەھەتتىن خېلىلا چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ كلاسسىك ئەدەبىيات ئىددىيە تەتقىقاتى يېڭىلىققا يۈزلىنىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرى بىر قەدەر چوڭقۇرلاشتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مىفولوگىيىسىدىن باشلانغان كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا باغلانغان ھالدا راۋاجلانغان بولۇپ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى،مىللىي تەپەككۇر شەكلى، بەدىئىي ماھارەت قاتارلىقلاردا ئۆزىگە خاسئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئالدى بىلەن ھەر بىر دەۋر مەھسۇلاتىنىڭ شۇ جەمئىيەت زىددىيەتلىرىنىڭ ئوبرازلىق تەسۋىرىي كۆرۈنۈشى بولغانلىقىغا باغلىق، شۇنداقلا ھەر بىر دەۋر ئىجادىيىتى شۇ ھاياتتىكى تارىخىي، ئىجتىمائىي ماھىيەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قويۇق شەرق ئەنئەنىسىنى ساقلىغان، شەرق ئەدەبىي ئۇسلۇبىغا ئىگە، كۆپ خىل دىنىي ئەقىدە، كۆپ خىل مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇنداقلا كۆپ خىل يېزىقتا خاتىرىلەنگەن ئەدەبىيات. ئۇ تارىم،ئالتاي، ئىلى ۋادىلىرىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك يولىتۈگۈنىدە ياشاپ شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت يەتكۈزگۈچى، كۈچەيتكۈچىلىك رول ئوينىغانلىقىدەك جەرياندا كۆپ قاتلام قۇرۇلمىنى ھاسىل قىلغان.
يەنەبىر تەرەپتىن، ئەدەبىياتنىڭ تۆرەلمىسى ھېسابلانغان ئىپتىدائىي دىن- تۇتېمچىلىق مەزمۇنى سىڭگەن مىفلاردىن قەھرىمانلىق ئېپوس دەۋرىگىچە قەدىمكى زارۇئاستېر، شامان،مانى دىنىدىن بۇددىزىم مەدەنىيەت-سەنئىتىگىچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تەرىقەتچىلىكىنىڭ ئەخلاق مىزانى، نىستورى-خرىستىئان دىنىنىڭ ئىنسان توغرىسىدىكى تەرغىباتىدىن شەرق ئىسلام پەلسەپە سېستىمىسىغىچە بىر ئىزچىل ئېقىم سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيامەدەنىيىتىنىڭ بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان چوڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەنە شۇ چەمبىرەك ئىچىدە بولغان. ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش سەنئىتى، ئىستېتىك قۇۋۋىتى يۇقىرى، ئىددىيىسى ئىلغار، تىلى گۈزەلبولسىمۇ، كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئەنئەنىچىلىك، نەزەرە قىلىش ئىزچىل داۋاملىشىپ،مۇستەقىل سيۇژېت ۋە تىپلىق نەسرىي ئەسەر ئىجادىيىتى ھەم نەزەرىيىۋى مۇھاكىمەئەسەرلىرى ئاز بولغان. شۇنداقتىمۇ ئەنئەنىچىلىك ۋە سيۇژىتقا نەزەرە قىلىش ئوخشىمىغان شەخسلەر، دەۋرلەردە ئۆز خاسلىقىنى يوقاتمىغان. كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى يىراق شەرق مىفلىرىدىكى غايىۋى ئوبرازلاردىن، يەنىقەدىمكى دىن ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسى سۆزلەنگەن مۇقەددەس دەستۇرلاردىكى تەۋسىيىلەرگەمەنبەداش بولغان قەھرىمانلىق ئېپوسلىرىدىن ئېچىلدى. ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭجاسارىتى، تەبىئەتنى كۈيلىشى، ساددا ھاياتتىكى مۇھەببەت تۇيغۇلىرى، تۇرمۇش گۈزەللىكىگە ئىنتىلىشلىرى ئەكس ئەتكەن. يېزىق دەۋرىگە كەلگەندە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاتىلىق سەلتەنەتلىك ھاياتى، ھەربىي يۈرۈش، دۆلەت قۇرۇش، شەھەر-قەلئەلەرنى بىناقىلىش، چارۋىچىلىق، كۆچمەنچىلىكتىن مۇقىم ئولتۇراق ئىگىلىكىگىچە كۆچۈش، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مېتالچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋاللىرى شۇ دەۋرگەخاس تەپەككۇر ھەم پىسخىك تەرەققىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. «ئوغۇزنامە»، شىراق،تۇمارىس، باتۇر تەڭرىقۇت، بۆكۈخان رىۋايەتلىرىدىن دەدە قورقۇت، ئەفراسىيافقىچە؛مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى، قەدىمكى شېئىر-قوشاقلاردىن قوجۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگىچەئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىنى ئىجادىيەت يولىنىڭ باشلىنىشى، مىللىيلىكىنى شۇقەدەر جانلىق، يارقىن سۈرەتلىگەن. ئەمما مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىمكى باسقۇچىغا تەئەللۇقلۇقى بىلەن ئۇلار ساددىلىقتىن خالىي بولالمىغان، ئەلۋەتتە. يازمامىراسلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز ئىدى. شۇ جەھەتتىن بۇ ھەقتە ئىزدەنگەندە دىنىي ئېتىقاد، فولكلور، ئېتنوگرافىيە، ئىنسانشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىنچىكە تەتقىق قىلىش مۇھىم.
مۇنازىرە ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن باسقۇچ دەل قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقى (870-1212) دىنباشلانغان ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. غەربكە ئۈچ لىنىيە بويىچە كۆچكەن ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغ، تارىم ۋادىسىدا ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن قېرىنداشلىرى بىلەنبىرلىشىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا قاراخانىيلار خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى،گەنجۇ خانلىقلىرىنى قۇرغاندىن كېيىن بۇ بىپايان زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىيھسىي، مەدەنىيھاياتى، جەمئىيەت تۈزۈمى، تۇرمۇشى، ئەدەبىيات-سەنئىتىدە پەرقلىق ئالاھىدىلىكلەر شەكىللەندى. بولۇپمۇ قاراخانىيلار خانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 943-يىلى ئىسلامدىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن قاراخانىيلار بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇر خانلىقى ھەم رايونلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. مەدەنىيەت ۋەئەدەبىياتمۇ زور دەرىجىدە پەرقلەنگەن ھالدا راۋاجلاندى. ئىدىقۇت خانلىقىدا بۇددادىنى ئەقىدىسى قويۇق سىڭگەن پوئىزىيە ۋە تەرجىمە-شەرھىچىلىك ئەدەبىياتى زورمۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ «چىستانى ئىلىك بەگ»، «ئىككى تېگىن ھېكايىسى»، «مايتىرسىمىت»، «ئالتۇن يارۇق»قا ئوخشاش مەشھۇر تەرجىمە نەمۇنىلىرى مەيدانغا كەلدى. قاراخانىيلار ئەدەبىياتىدا بولسا قەدىمكى قەھرىمانلىق، مۇھەببەت تېمىسىدىن پەلسەپە-ئەخلاق، دىداكتىك مەزمۇن ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىرىنچى ئالتۇن دەۋرى ھېسابلانغان بۇ باسقۇچتا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرى ۋە ئۇنىڭ «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپيۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىنسكىلوپىدىك پەلسەپىۋى داستانى «قۇتادغۇبىلىك»، ئەبۇ ناسىرفارابى (870-950)نىڭ بىر يۈرۈش گۇمانىستىك پەلسەپە سېستىمىسى، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» دىداكتىكىسى، ئوتتۇرا ئەسىر گۇمانىستىك ئىددىيىسىنىڭ بايراقدارى ئەلشىر نەۋائى (1441-1501) نىڭ «خەمىسە» تۈركۈمىدىكى داستان ۋە لىرىكغەزەللىرى بارلىققا كەلدى.  تا بۈگۈنگىچە قاراخانىيلار ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ بىر ئالتۇن دەۋر بولۇشىدىكى مەنبەنىڭ نېمىلىكى؛بۇ دەۋر ئەدەبىياتىدىكى ئىدىئالنىڭ نېمە ئۈچۈن دىداكتىك ئەخلاق تېمىسىنى،گۇمانىزىم غايىسىنى مەركەز قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئىسلام كالامى بىلەن شەرق پەلسەپە ئىددىيىسى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى مەسىلىلىرى ئىككى خانلىق ئەدەبىيات ئالاھىدىلىكى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالدى ياكى شەھەرمەدەنىيىتى دەۋرى نۇقتىسىدىنلا تەتقىق قىلىندى. مېنىڭچە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىقى قىلغاندا ئۇنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى مەنبەنى جۇغراپىيىۋى ئامىل،ئىقتىسادىي ئاساس، دىنىي تەسىر، ئىچكى- تاشقى كۈچ  ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيەتئالماشتۇرۇش تارىخى نۇقتىلىرىدىن ئىزدەش كېرەك. چۈنكى ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى، ئىسلام ئىدىئولوگىيىسى، ئەرەب مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى، «قۇرئان» تەرغىباتى بىرىنچىدىن،ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىدە خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ياسىدى.ئىككىنچىدىن، قەدىمىي چارۋىچىلىق، كۆچمەن ھاياتتىن شەھەر ھاياتىغا كۆچۈپ ئولتۇراقمەدەنىيەت بەرپا قىلدى؛ كۆپ تەرەپلىمە ئالاقە جەريانىدا ئەسلىي يەرلىك مىللىي پائالىيەتلەر بىلەن تۈرلۈك دىنلارنىڭ قالدۇق تەسىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئۇيغۇرنەزرىيىۋى تەپەككۇرىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. ئۈچىنچىدىن، يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. خەلقىمىز يەرلىك ھاياتتىن دۇنياۋى ئالاقىگە كىرىپ، شەرق-غەربتەپەككۇرىنىڭ يېڭىلىقىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆزلىرىنى بېيىتتى.
يېقىنقى ئون يىللىق ئۇتۇقلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن كۆرسىتىش مۇمكىن:
بىرىنچىدىن،تارىختىكى ھەر قانداق دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ ئاق قېلىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىلدى. ھەر قايسى تىللاردامەخسۇس كىتاب، مۇھاكىمىلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ بارغانسېرى كۆپىيىپ باردى.
ئىككىنچىدىن،ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدىكى مۇنازىرىنىڭ جانلىنىش مەنزىرىسى شەكىللەندى.ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسى ۋە خەنزۇچە ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ژۇرناللار،گېزىتلەردە ناھايتى نۇرغۇن ماقالىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىلگىرىكى ئاددىي تونۇشتۇرۇشتىن نىسبەتەن چوڭقۇر نەزەرىيىۋىلىككە كۆتۈرۈلدى. ئومۇمىي تەھلىلدىنمەخسۇس تەتقىقاتقا قاراپ يۈزلەندى.
ئۈچىنچىدىن،ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت قوليازما، تارىخىي ماتېرىيال،ۋەسىقە-ھۆججەتلەر، دىۋانلار كەينى-كەينىدىن نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. «بۇلاق»ژۇرنىلى نەشىر قىلىنغان ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىن نۇرغۇن تونۇشتۇرۇپ، بۇ ئۈزۈلمەس بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان فونتان بىلەن تەشنادىللارنى قاندۇردى.
تۆتىنچىدىن، كلاسسىك ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنى ئېچىش، پايدىلىنىش جەريانىداپېشقەدەملەر ئىزىدىن يېتىشكەن مۇئەييەن ساندىكى ئوتتۇرا ياش، ياش تەتقىقاتچىلار ۋەبىر قىسىم يېڭىدىن كىرىشكەن ھەۋەسكارلار سېپى بارلىققا كەلدى. بۇ ساھەدە يول ئېچىپبەرگەن پېشقەدەم ئۇستازلىرىمىزدىن نىم شېھىت، ئەھمەد زىيائى، ئىبراھىم مۇتئى،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئىمىن تۇرسۇن، ئۇيغۇر سايرانى، مەمتىمىن يۈسۈپ، ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن، شەرىپىدىن ئۆمەر قاتارلىقلار بىلەن بىللە يەنەئابدۇرېھىم سابىت، قاسىم ئارىش، ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسىيىن، ئابدۇكېرىمراخمان، ھاجى ياقۇپ، ماھمۇد زەيىدى، جۈنەيد بەكرى قاتارلىقلار كلاسسىك ئەدەبىيات مەسىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كۈچ چىقاردى.بۇ ساھەدە ئىزدىنىپ نەتىجە يارىتىۋاتقان تەتقىقاتچىلىرىمىزمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.ئۇلار ئابلىمىت روزى، ھىمىت مەخسۇت، ھاجى ئەخمەت، مەمەتئىمىن قۇربان، مەخمۇتنىزام، غاپپار روزى، غەيرەتجان ئوسمان، يارمۇھەممەت تاھىر، ئىسمايىل تۆمۈرقاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىمۇ ئۆزگىچە قىممەتكە ئىگە. كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ زۆرۈر بىر ئاساسى كلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇش بولسا، يەنە بىرى ئارخېئولوگىيە جەھەتتىن دەلىللەشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىياتىنى ئارخېئولوگىيە مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تارىم مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى-ئارخېئولوگلىرىدىن خۇاڭ ۋېنبى، قۇربان ۋەلى، ئابدۇقەييۇم خوجا،ئىسراپىل يۈسۈپ، دولقۇن قەمبىرى، سابىت ئەھمەت، رىشىت خوجا قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتىمۇ ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولدى. كلاسسىك ئەدەبىياتنى تىلشۇناسلىق نۇقتىلىرىدىن تەتقىق قىلىش يەنە بىر مۇھىم تەرەپ. بۇ ساھەدە خەمىت تۆمۈر،مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، ئامىنە غاپپار، نەسرۇللا يولبولدى،ئابدۇرۇپ پولات، ئابدۇرېشىت ياقۇپ، ئابلىمىت ئەھەتنىڭ ئەمگىكى گەۋدىلىكتۇر. 40 يىلئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالاھىدە بىرتەتقىقات تۈرىگە ئايلاندى. نۇرغۇنلىغان قېرىنداش مىللەتلەر تەتقىقاتچىلىرى بۇساھەدە تېگىشلىك ئەجىر سىڭدۈردى. ئۇلاردىن فېڭ جياشىڭ، جى شەنلىڭ، گېڭ شىمىن، سۇبىخەي، لى گوشياڭ، گو باۋ، ليۇ بىن، خۇ جىڭخۇا، ۋېي لياڭتاۋ، لاڭيىڭ، ۋاڭ باۋ، ليۇيوڭ قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق«قۇتادغۇبىلىك تەتقىقات جەمئىيىتى»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى»،«ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى» قۇرۇلۇش بىلەن كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا سەھنە ۋە ياخشى پىكىرلىشىش شارائىتى ھازىرلىدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ غايەت زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگۈسى.
3.روھىي بايلىقىمىزنى نۇر چاچقۇزۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز
ھازىرئۈچ توملۇق «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن قىسمەن كىشىلەر: ئەمدى كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئىزدەنگۈدك تېماقالمىدى دېيىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ يۆنىلىشى،مېتودولوگىيىلىك پرىنسىپى ۋە سېستىمىسىنى يېڭىلىماي بولمايدۇ. ئۇيغۇرئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي تارىخى تەسۋىرى، كلاسسىك ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، كلاسسىك نەزەرىيىۋى ئەسەر ھەم نەزەرىيىۋى قاراش تەتقىقاتى، ئېقىم-ئىددىيىلەر تەتقىقاتى ھازىرقى چوڭ بوشلۇقتۇر.
ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئەدەبىياتنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىمۇ، بىر ئىزىدا توختاپ قالغان،خارابلاشقان، ئاق قالغان دەۋرىمۇ بولغان. بۈگۈن ۋە كەلگۈسى نۇقتىسىدىن باھابەرگەندە، كلاسسىك ئەدەبىيات دەرۋەقە بۈگۈنكى ئىجادىيەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقى تەبىئىي. ئەمما بۈگۈنكى دەۋردىكى راۋاجلانغان كۆپ تەرەپلىمەئەدەبىيات-سەنئەت مەنبەسىز ئېقىن، يىلتىزسىز گىياھ ئەمەس، بەلكى ئاشۇ سەلتەنەتلىك قەدىمكى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي راۋاجى ۋە داۋامىدۇر.
ۋۇجۇدىمىزدىكى ئۇنتۇلىۋاتقان بىر روھ نەسلىنى ئۇنتۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چاغدا ئۆزجىسمىمىز ۋە روھىيىتىمىزنىڭ مەنسۇبىيىتىنىمۇ ئۇنتۇيمىز-دە، ئىنسانلار توپىدا ئۆزخاتىرىسىنى يوقاتقان تراگىدىيە تىپلىرىغا ئايلىنىپ قالىمىز. بۇنىڭغا يول قويغىلى بولمايدۇ. ئەجداد يولىنى ئۇنتۇپ مەنبە، بۇلاقتىن ئايرىلغان ھالدا ئالدىغىلاقارىغان كىشىنىڭ يولى ئۆز نىشانىنى يوقاتقان كىشىنىڭ مەقسەتسىز ياراتقان تەقدىرىگەكۆپ چاغدا ئورتاق بولىدۇ. بۇ، كلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئىزدىنىش ۋەتەتقىقاتنىڭ تۈز، ئاددىي بايان تەھلىلچىلىكىدىن قۇتۇلالماسلىقى، دەۋر، شەخس،تېمىدا خاسلىق گەۋدىلەنمەسلىكى، شۇنداقلا ئەسەر بىلەن نەزەرىيىۋى قاراشنىڭ توغرابىرلەشتۈرۈلمەسلىكى كىشىلەرنى قىزىقتۇرالماسلىقتىكى بىر سەۋەب. كلاسسىك ئەدەبىياتنى باشقا رايون ۋە مىللەتلەر ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشبىزدىكى ئاجىز ھالقا. كلاسسىك ئەدەبىياتتا تېما، دەۋرلەر، شەخس، ئەسەرلەر بويىچەمەخسۇسلاشقان تەتقىقات تۈرلىرى ئېچىش تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم بىر يۈزلىنىشى. كلاسسىك ئەدەبىيات نەزەرىيىسى سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇش تەتقىقاتىمىزنىڭ ئاساسلىق ھەم نۇقتىلىق مەقسىتى. بۇنىڭ ئۈچۈن كلاسسىك ئەدەبىياتقا بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا چېتىلىدىغان باشقا پەنلەرنىمۇ ئۆگىنىش، كىتابىي نەزەرىيىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىي تەجرىبە تونۇشىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بىر تەرەپتىن تەتقىقاتنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن بۇساھەدە قېرىنداشلارچە ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ يۈكسەك سەمىمىيەت، ئىلمىي مەسئۇلىيەت بىلەن ھەمكارلىشىش لازىم. جۈملىدىن، چەتئەللەر بىلەن تەتقىقات تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش،مۇھاكىمە سورۇنىنى كۆپرەك ھازىرلاپ ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئورنى، قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. بۇ ساھەدە يۇقىرى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىزدىنىش ھەممەيلەننىڭ بۇرچى.

(«شىنجاڭ كۇتۇپخانىچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-29 22:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت...

ۋاقتى: 2015-2-2 10:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈملۈك ئۇستازىم ئىقبال ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش