كۆرۈش: 4380|ئىنكاس: 6

ئىقبال تۇرسۇن: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئويغىنىش ئېڭى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئويغىنىش ئېڭى
ئىقبال تۇرسۇن
1
   تارىخنىڭ ھەر بىر دوقمۇشىدا ئۆتمۈش ئامىللىرى بىلەن كەلگۈسىنىڭ بېشارەتلىرى بىر-بىرىگە زىچ گىرەلىشىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى يېقىنقى زامان جەمئىيىتىدىكى ئۆتكۈر ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردە يېتىلگەن مۇرەككەپ مەدەنىيەت ئىدىئولوگىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي جەڭگىۋارلىق ۋە مىللىي ئويغىنىش ئېڭىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئالاھىدىلىكىنى ياراتتى.
   ئۇيغۇر ھازىرقى زامان جەمئىيىتى قويۇق فېئوداللىق تۈسكە ئىگە ئەنئەنىۋى يېقىنقى زامان جەمئىيىتىدىن راۋاجلىنىپ، ھازىرقى زامان سوتسىيالىزىم تۈزۈمىگە ئۆتكەن جەمئىيەت. بۇ دەۋر ئەدەبىياتى تارىختىكى ھەر قانداق دەۋر ئەدەبىياتىغا قارىغاندا، جەمئىيەتكۈرەشلىرىنى يارقىن ئىپادىلەپ، خەلقنى فېئودالىزىم زۇلىمى مۇتەئەسسىپلىككە قارشى كۈرەشكە چاقىرىپ، ئازادلىق، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىش ئىددىيىلىرى بىلەن خاراكتېرلەندى ھەمدە مىللىي شەكلى، مەزمۇنى، ئىستېتىك قىممىتىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور سىياسىي ۋەقەلەرگە نەپەسداش بولغان مائارىپ، مەدەنىيەت-ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىگە مەنبە ۋە ئاساسقىلغان ھالدا بارلىققا كەلدى.
2
  قاراخانىيلار دەۋرىدە تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئاچقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەكەن-سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەمىن يىللىرىدا يەنە بىر قېتىم روناق تاپقاندىن كېيىن، خوجىلارنىڭ تەرىقەت چۈمپەردىسىگە ئورالغان سىياسىي تۇمانلىرى قوينىدا غايىپ بولۇپ، جۇڭغارلارنىڭ زۇلمەتلىك دوزىقىغا تاشلاندى. تارىم ئاسمىنىنى قاپلىغان جاھالەت تۇمانلىرى ئىلگىرى نۇر چاچقان مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى خارابلاشتۇرۇپ،ئاۋات مەرىپەت بۆشۈكلىرىنى چۆلسىرىتىپ قويغان، ھەممە ياقنى نادانلىق، جاھىللىق ۋە يوقسىزلىق ئىلكىدە ئىڭرىغان خەلقنىڭ ئاھۇ-زارى قاپلىغانىدى. بۇ چاغدا جاھاننىڭ يەنە بىر چېتى-ياۋروپادا قانات يايغان سانائەت-تېخنىكا ئىنقىلابى ھەمدە ئىسلاھات دولقۇنلىرى شىددەتلىك ئېقىم ياساپ، يېڭى ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت چاقىرىقلىرى مەھكۇم خەلقلەرنىڭ بەخت-سائادىتىدىن دېرەك بەرگۈچى ئالتۇن قوڭغۇراق بولۇپ جاراڭلىدى. ئۇنىڭ ياڭراق ئۈنى دۇنيانىڭ يىراق شەرقىدە-تارىم ۋادىسىدا قەدىم خارابىلەرگە قوشۇلۇپ ئۇيقۇغا غەرق بولغان بۇ خەلقنى غايە، خام-خىيال چۈشلىرىگە ئالدانغان بىھۇش ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. مىللەت، ۋەتەننىڭ تەقدىرى، ئىستىقبالىغا قايغۇرىدىغان مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر سودىگەرلەر كارخانىچىلار ۋە زىيالىيلار ئارقا-ئارقىدىن ئاسىيا-ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئەرەب، ھىندى، تۈركىي ۋە ئېنگىلىز ئەللىرىگە بېرىپ. بۇ جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن تۆمۈريول، زاۋۇت-فابرىكا، ماتورلۇق ماشىنىلار، يېڭىچە مائارىپ ۋە يېڭى ۋەزىيەتنى كۆرۈپ، چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىدى ھەم ئۇلاردىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى[①].
مىللىي مائارىپ مەدەنىيەت ۋە تېخنىكىنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى جىددىي زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھۈسەيىن مۇسا ھاجى (1884-1926-يىللار) بىلەن باۋۇدۇن مۇسا ھاجى(1851-1928) ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تارىختا «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دەپ ئاتالغان تۇنجى پەننىي مەكتەپ- ئاتۇش ئىكساق مەكتىپىنى 1885-يىلى قۇرۇپ چىقتى[②].ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قەشقەر، يەركەن، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن زاۋۇت-فابرىكىلار، كارخانا-شىركەتلەر قۇرۇلۇپ، مىللىي سودا-سانائەتنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى[③].ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى ئىلىم-مەرىپەت، مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋەئىچكى-تاشقى سىياسىي تەسىرلەر ئۇيغۇر پىسخىكىسىنىڭ چوڭقۇر تراگېدىيىلىك قاينىمىداتۇنجۇقۇپ كېتىۋاتقان ھاياتلىق ئىستەكلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋەمەدەنىيەت گۈللىنىش ئېڭىنى ئۆستۈردى ۋە مىللىي ئويغىنىش ئېڭىنى تەشۋىق قىلىدىغان مىللىي دېموكراتىك ئەدەبىياتنىڭ ئىلغار خاھىشى مەيدانغا كەلدى.
  خۇددى يېقىنقى زامان ياۋروپا كاپىتالىزىمىنىڭ فېئودالىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى قورالى ئىنسانپەرۋەرلىك بولغانىدەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەنىۋىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مىللىي ئويغىنىش ئېڭى يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى «غېرىپلار ھېكاياتى»، «نۇزۇگۇم»، «زەپەرنامە» قاتارلىق بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ ئىددىيە ئەنئەنىسى سۈپىتىدە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىچىدە ئۆلۈمنى تەسۋىرلەيدىغان ئىجادىيەت يۈزلىنىشىنى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ خىل ئەدەبىيات خاھىشى سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى بولماستىن، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رېئال زىددىيەتلەر ھەمدە فېئودالىزىم جاھالىتىدىن يېڭى بىر ئىجتىمائىي فورماتسىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن، ئەنئەنىۋى، بېكىنمە، قالاق جەمئىيەتتىن ئېچىۋېتىلگەن،زامانىۋى جەمئىيەتكە ئىلگىرىلىگەن يېقىنقى زامان ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى،راۋاجى ۋە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىشى ھېسابلىنىدۇ. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى (1876-1937)ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا مەتبۇئاتچىلىق ۋە شېئىرىي ئىجادىيەتتە مىللىي ئويغىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن شائىر. ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى ئوقۇش ۋە زىيارىتى ئۇنىمول بىلىمگە ئىگە قىلىپلا قالماي، بۇ ئەللەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتلىرى يېڭىپىكىرگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى يېڭىلىق ۋە تەرەققىياتنى قوللايدىغان ئىلغار پىكىرلىك جامائت ئەربابىغا ئايلاندۇرغان. 1918-يىلى باۋۇدۇن مۇساباينىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن«مەتبەئى خۇرشىد، مەتبەئى نۇر» ناملىق مەتبەئەنى سىرتتىن كىرگۈزۈپ، قەشقەردە تۇنجى گېزىت- «ئاڭ گېزىتى»نى دۇنياغا كەلتۈردى[④]. بۇگېزىتتە ئۇ مەدەنىيەت دۈشمەنلىرىگە قارشى خەلق ئېڭىنى ئويغىتىدىغان جەڭگىۋارسادالارنى ياڭراتتى. شائىر:
بىر قىلىچ بەرسە «خۇدا» كەس! دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلقىم بوينىدىن خارلىق كىشەن-زەنجىرىنى.
گەر خارابكەن ئەل-ۋەتەن كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى...
  دەپ خىتاب قىلىپ، ئەل-ۋەتەننى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا باش ئەگمەي كۈرەش قىلدى. «ئاڭ گېزىتى» دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بېسىمى بىلەن توختاپ قالغاندىن كېيىن 1933-يىلى«ئەركىن ھايات گېزىتى»نى، 1934-يىلىدىن باشلاپ «يېڭى ھايات گېزىتى»نى نەشىر قىلىپ[⑤]،دۈشمەنلەرگە ئەجەللىك زەربە بەردى. يېڭىچە مەكتەپ، يېڭى نەشىر ئەپكارلىرى ۋە يېڭىكۆز قاراشلار جەمئىيەتتىكى يېڭى دېموكراتىك خەلقچىل ئىددىيىلەرنى ئالغا سۈرۈپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقتىن، پۈتۈن ھاياتىنىئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېڭىنى قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن بېغىشلىغان بۇ مەدەنىيەت جەڭچىسىنىشېڭ شىسەينىڭ ئەكسىيەتچىل داھىيلىرى 1937-يىلى قەشقەر تۈرمىسىدە ئوتتا كۆيدۈرۈپپاجىئەلىك قەتلە قىلدى. بۇ دەۋر مەدەنىيەت سېپىدە قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بىلەن بىللەكۈرەش قىلغان يەنە بىر مەشھۇر نامايەندە-مەرىپەتپەرۋەر مائارىپچى، ۋەتەنپەرۋە ردېموكرات، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇلۋارىس قەشقىرى (1862-1924)بولۇپ، خۇسۇسەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئابدۇقادىردا موللا مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىدە قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قانات يايدۇرغانمائارىپ، مەتبۇئاتچىلىق ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتچىلىق تەشەببۇسلىرى ئارقىلىق مىللىي ئويغىنىشنىڭ تۈپ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەپ بېرىشكە ھەسسە قوشقان. پەن-مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ئەينى چاغدىكىمەكتەپ ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈش، يېڭىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقنىڭ پاراسەت روجەكلىرىنى ئاچىدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىك شېئىر ھەم نەزەرىيە رىسالىلىرى ئارقىلىقدەۋر مەسىلىلىرىگە قاۋاب بەرگەنىدى. ئابدۇقادىر داموللا ئۆز ۋەتىنىنىڭتاجاۋۇزچىلار تاپىنى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىپ، خەلقنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋى قۇللۇقتا قالغانلىقىنىڭ ھەقىقىي مەنبىئىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى. ئۇ يەنە بىر مۇنچە تەربىيىۋى ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلقنى نادانلىق قوينىدىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىدىغانپارلاق يولغا يېتەكلىدى. جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا، يەرلىك مۇتەئەسسىپدىندارلار، ساختىپەز سوپى-ئىشانلارغا، خۇشامەتچى، تەسلىمىچى، ئىككى يۈزلىمىچى مۇناپىقلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدى[⑥].1924-يىلى جاھانگىرلارنىڭ يەرلىك كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرىشى ئارقىسىداسۈيقەستكە ئۇچراپ قۇربان بولدى.
   بۇ مۇدھىشيىللاردا ئۇيغۇرلار سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي،ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلدى. ئالۋاڭ-ياساق، باج-سېلىقلارنىڭ ئېغىر، تۈرى كۆپلىكىدىن خەلق يەلكىسىنى قورام تاش بېسىۋالغاندەك ھالغا چۈشۈپقالغان ئىدى. ياڭ زىڭشىن دەۋرىدە چوڭ پومىشچىك، باي سودىگەرلەر ئارقىلىق، شۇنداقلائەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يۇرتۋازلىق كۆز قارىشىدىنپايدىلىنىپ ئۇلارنى بىر-بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان قىلىپ قويدى[⑦]. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇ شىنجاڭدا مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ، تەرەققىياتىنى بوغۇپ، خەلقنى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچكى رايونلاردىن كېلىدىغان يېڭى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپچەكلىدى. 1927-يىلى بۇ ئالۋاستىنى يەر يۇتقاندىن كېيىن، ئونىغا چىققان جىن شۇرىنئۇنىڭ ئىزىدىن بېسىپ مىللىي يەكلەش ۋە كەمسىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
  خۇددى رۇس تەنقىدچىسى ئېرلىن: «ئىجتىمائىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان رۇس خەلقىگە نىسبەتەن ئەدەبىيات بىردىنبىر مۇنبەر. بۇ مۇنبەردە خەلق ئۆزلىرىنىڭ غەزەپلىكچۇقانلىرى ھەم ۋىجدانىي ساداسىنى جاكارلىيالايدۇ»[⑧] دەپ ئېيتقاندەك، ھازىرقى زامان ئالاھىدە تارىخىي مۇھىتتا يارىتىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىچىدە ئۆلۈمنى تەسۋىرلەپ، مىللىي ئويغىنىش روھىبىلەن ئىنسانپەرۋەرلىكنى بىرلەشتۈردى. بالدۇر ئويغانغان شائىر، يازغۇچىلىرىمىز بۇ ھېسسىياتنى قەدىمكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاش غايىۋى رومانتىكا ياكى لىرىك سۆيگۈ تېمىلىرى شەكلىدە دەۋرگە يوپۇتۇپ، خىيال-ئارزۇ دەرىجىسىدە توختاپ قالمايدۇ.بەلكى يېقىنقى دەۋردە ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەن تەنقىدىي رېئالىزم خاھىشى ھەم ئىسيانكارلىق روھىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، رېئال ئىنقىلاب كۆرىشىنىڭ ئەمەلىيىتىگەپۈتۈنلەي بىرلەشتۈرىۋېتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1933) ئىجادىيىتىئەڭ ۋەكىللىككە ئىگە. «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»[⑨]20-30-يىللار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نادىر نەمۇنىسى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلقنىيېتەكلەپ نادانلىققا، فېئودالىزىم زۇلىمى ۋە ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەتكە قارشى جانمۇ-جان ئېلىشقان مەدەنىيەت سەھنىسىنىڭ ئىسيانكار جەڭچىسى، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابچى ۋە شائىر. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۈچلۈك جەڭگىۋارلىق، كۆرەشچانلىق ۋە ئويغىنىش ئېڭى بىلەن سۇغىرىلدى. ئۇنىڭ «ئويغان»، «ياز تۈنى»، «ئىستىمەس»، «يەجۈجى-مەجۇجى»غا ئوخشاش شېئىرلىرىدا دىنىي خۇراپات، جاھالەت، فېئودالىزىمنى قاتتىق سۆكۈپ، خەلقنى مەرىپەت ئارقىلىق ئويغىنىشقا چاقىردى.
3
   1933-يىلى«12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشى» ۋە خوجىنىياز ھاجى قوزغىلىڭى يۈز بەرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولدى. ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. بۇ دەۋر غەرب جاھانگىرلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇزقىلىۋاتقان، دۆلەت ئىچىدە گومىنداڭ-كومپارتىيە ئۇرۇشىۋاتقان، غەربىي شىمالدا جاڭپېييۈەن بىلەن ما جۇڭيىڭ بىرلىشىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا، شىنجاڭدا جىن ئورنىنىئىگىلىگەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە يولۇقۇشىنى بېشارەتلەپ تۇراتتى[⑩].بۇنداق ئەھۋالدا ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى بىلەنھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ، 1935-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسىگە ئۈچ تۈرلۈك شەرتنىقويۇپ ھەمكارلاشتى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستامۇستەقىل بولۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، گومىنداڭ ۋە كومپارتىيە بىلەن ھەمكارلاشتى[11]ھەمدە «چېگرا-مۇداپىئە ئارمىيىسى»نى «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئارمىيىسى»گە،«جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى»نى «ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى ھىمايە قىلىشئىتتىپاقى»[12]غا ئۆزگەرتىپ، ماۋزېدۇڭنىڭ «بىرىنچى ئاۋغۇست بىرلىك سەپ مۇراجىئەتنامىسى»نى ھىمايەقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سىياسىي بۇرۇلۇشنىڭ تۈرتكىسىدە جەمئىيەت نىسپىيمۇقىملىشىپ، مائارىپ، ئىلىم-پەن، يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى مەدەنىيەت ئىشلىرى بەزىتەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ھەممە جايلاردا دارىلمۇئەللىمىن، تېخنىكا-كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئاپپاراتلىرى نىسپىيمۇنتىزىملاشتى. ئۆلكە، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە سانائى نەفىسە، دراما-تىياتىر ئۆمەكلىرى ۋە گېزىت-ژۇرنال ۋە مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى[13]. بۇتەبىئىي ھالدا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ 30-يىللاردىكى مۇنبىرىدە مىللىي ئويغىنىش ئېڭىنى يېڭىچە شەكىلدە ئىپادىلەپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. مائارىپ ۋەمەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى مەشھۇر ۋەكىللىرى مەمتىلى توختاجى،خەمىت ۋەكىلى، ئابدۇللا روزى، لىن جىلۇ قاتارلىقلار بولۇپ، ئەينى دەۋردە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى.
   مەمتىلى توختاجى (1901-1937) بۇ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان مەشھۇر مائارىپچى ۋە شائىرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 30-يىللاردىكى يېڭى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزى يېزىپ ئاھاڭغا سالغان شېئىرنى ئوقۇتۇپ، ئاتۇش-قەشقەر خەلقىنى ئويغاتقانىدى. بۇ جاپالىق يىللاردىكى ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ كۈرەش تەلىپى بۇ دەۋرنىڭ سانائى نەفىسە، دراما-تىياتىرچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە ئەھمەد زىيائى، نىمشېھىت، زىيا سەمىدى، قاسىمجان قەمبىرى، زۇنۇن قادىرى قاتارلىق شائىر، ئەدىبلەر، دراماتورگلارنى ئەدەبىيات مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقتى. شۇڭلاشقا 30-40-يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مىللىيئويغىنىش ئېڭى ئالدى بىلەن تىياتىرچىلىقتىن باشلاندى[14].
   قەشقەردە سانائى نەفىسەنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىر ئۆمىكىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى قۇرغان خەلق سەنئەتكارى ئابدۇللا تۇردى ئىككى ئوغلى-داۋۇت ئابدۇللا ۋە سەمەت ئابدۇللانى بىللە ئېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدە تاتار، ئۆزبېك تىياتىر سەنئىتى ۋە ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن تونۇشۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيى، 30-40-يىللاردا قەشقەردە خەلقنى ئويغىتىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل ۋە تىياتىرلارنى ئىشلەپ، رېژىسورلۇق قىلىپ ۋە ئويناپ مەدەنىيەتنىڭ جانلىنىشىغا كۈچلۈكتەسىر كۆرسەتكەنىدى[15]. شۇنىڭغا ئەگىشىپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سانائى نەفىسە تەركىبىدىكى ئۇيۇشمىلاردا«ساتىراچ»، «چېكىملىكنىڭ ئاقىۋىتى»، «شەرمەندىلەر» ناملىق تىياتىرلار ئىشلىنىپقويۇلدى. لىن جىلۇنىڭ «سادا» درامىسى، كلاسسىك داستانلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن«لەيلى-مەجنۇن»، «پەرھات-شېرىن»، «غېرىب-سەنەم» درامىلىرى، قاسىمجان قەمبىرىنىڭ«ئالدامچى تېۋىپ»، «زەينەپكە تۆھمەت» قاتارلىق دراما، ئوپېرالىرى بىر دەۋردىكىئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى، تەقدىرى ئاساسىدا جەڭگىۋارلىق روھىنىگەۋدىلەندۈرۈپ، مىللىي ئويغىنىش ئېڭىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئۇلار ئىجاد ئەتكەنيىللار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىدا داۋالغۇش يۈز بېرىپ ئەركىنلىك،ئازادلىق پىكىرلىرى بۇ ئازاپلىق رېئاللىققا يۈزلەنگەن ھالدا ھاياتنىڭ ھەممەساھەلىرىگە چېتىلىپ كەتكەنىدى.
شۇڭائازاپلىق ھېسسىيات ئىچىدە ئۆلۈمنى تەسۋىرلەش ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋەئىجادىيىتىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شائىر نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى داموللا (1906-1972)دەسلەپكى ئىجادىيىتىدە كلاسسىك داستان «لەيلى-مەجنۇن» ۋە «پەرھاد-شېرىن»نىئوپېرالاشتۇرۇرپ[16]،ئەركىن مۇھەببەت ۋە ئازادلىققا تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن بولسا،40-يىللاردا «بۈيۈك جۇڭگو»، «ئاسارەتتە تۇرۇپ قالغانلارغا خىتاب»، «ئالدىدا»،«قەبرىدىن ئاۋاز» قاتارلىق شېئىرلار ئارقىلىق مەرىپەتنى تەشۋىق قىلىپ،فېئودالىزىم، جاھىلىيەتنى قارىلاپ، ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئاۋاز قوشتى. قەلبىدىكىكۈچلۈك ھەسرەتلىك كەيپىياتنى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە ئانايۇرتىنىڭ تەقدىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قان دەرياسىغا ئايلانغان ئېچىنىشلىقھالىغا قايغۇردى. دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم ھالاكىتىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىپ، خەلقكۆرىشىگە ئىلھام بەردى.
شائىرخەلقنى دۈشمەن مىكرىدىن ھوشيار تۇرۇشقا، سۈلھلىرىگە ئالدىنىپ قالماي جەڭنىئاخىرىغىچە كەسكىن داۋام قىلىپ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، يەربىلەن يەكسەن قىلىشقا چاقىردى؛ خەلقنى، خەلقنىڭ مۇڭ-ھەسرىتىنى، ئازاپ-كۈلپەتلىرى،ئارزۇ-تىلەكلىرىنى شېئىرلىرىغا مەزمۇن جېنى قىلىپ، خەلققە تەقدىرداش بولۇپ ياشىدى.بۇ مەزگىلدە ئالىم ۋە شائىر ئەھمەد زىيائى «توزىماس چېچەكلەر»، «لاداخ يولىداكارۋان»، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ۋە تەنقىدىي مۇلاھىزىلىكئەسەرلىرىدە[17]ۋەتەن ئازادلىقى چاقىرىقىنى توۋلاپ، ھەق-ئادالەتنى كۈيلەپ ئۆز خەلقى، ۋەتىنىگەبولغان ساداقىتىنى مۇنداق ئېيتقانىدى:
يۇرتئەل ئۈچۈن تارتقان ئازابنى،
شاھلىقتەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك.
خەلقيولىدىكى بىر مىنۇت تۇيغۇ،
مىڭيىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.
ئەلنىڭبەختىنى كۆزلەپ ئەي زىيا،
يىغلىسايىغلاپ، كۈلسە كۈلگۈلۈك.
ئەھمەدزىيائى 1944-يىلى يازغان «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىنىڭ تېمىسى ئەينەن تارىختىنئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئابدۇرېھىم نىزارى شۇ ناملىق داستانىبىلەن يۈكسەك شەرەپكە سازاۋەر بولغانىدى. ئەھمەد زىيائى بۇ ۋەقەلىكنى ھازىرقىزامان جەمئىيىتىگە ئەكېلىپ ئۇنى ئەركىنلىك، ئازادلىق، ھەققانىيەت، باراۋەرلىك، چىنمۇھەببەتنى ئۇلۇغلاشقا قارىتىپ، تېخىمۇ ئىسيانكار روھنى ئىپادىلىدى.قەھرىمانلارنىڭ ھالاكىتى كىشىلەر قەلبىدە كۈچلۈك زىلزىلە قوزغاپ، تراگىدىيىلىكگۈزەللىكنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكىئويغىنىش ئېڭىنىڭ ئىستېتىك ئالاھىدىلىكىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى، ئەلۋەتتە.
4
2-دۇنيائۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ساختىلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپئالۋاستى قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو كومپارتىيىسىدىن يۈزئۆرۈپ، ئاتالمىش «6 بۈيۈك سىياسەت»نى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇپكىرگەن ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارھەمدە ۋىجدان ئەھلىنىڭ ھەر قاندىقىنى كەڭ دائىرىدە تۇتقۇن قىلدى، يوشۇرۇن ھالدائۆلتۈردى ياكى تۈركۈملەپ قەتىلە قىلدى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەنزۇ-زاڭزۇ مىللەتلىرىئىشلىرى مىنىستىرى ۋۇجۇڭشىن شېڭ شىسەينىڭ ئورنىغا ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىن،مىللىي كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە1944-يىلى 11-ئايدا ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلغان ئۈچۋىلايەت قوراللىق مىللىي كۆرىشى پارتلىدى[18].ئۇرۇش تۇمانلىرى بىلەن قاپلانغان بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەڭگىۋارلىقىنىتېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىنقىلاب غەلبىسىنى تەسۋىرلەپ، ئىنقىلاب قەھرىمانلىرىنىمەدھىيەلەپ، خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق كۆرىشىگە مەدەت، ئىلھام بەردى. قەھرىمانلارئوبرازىنى ۋە قەھرىمانلىق روھىنى تەشۋىق قىلدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىياتنەتىجىلىرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ خەلقنى ئويغىتىشتىكى يۈكسەك قىممىتىنى نامايان قىلدى.بۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىدۇر. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئازادلىق،ئەركىنلىكنى مەدھىيلەپ، جاھالەت، ئېزىلىشكە قارشى تۇردى. دۇنيا ۋەزىيىتى، جۇڭگو ۋەشىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلىپ تۈرلۈك بېسىم، خەۋپ-خەتەر،قىيىن-قىستاقلارغا باش ئەگمەي ۋەتەن ئازادلىقى، ھەر مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىكۈيلىدى. قەيەرگە بارسا شۇ جايدا ئىنقىلاب مەشئىلىنى كۆتەردى. ئۇ جۇڭگوكومپارتىيىسىگە چوڭقۇر ئەقىدە باغلىغاچقا، ئۇنى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلىدى. ئۇنى خەلقھەم ۋەتەن ئازادلىقىنىڭ نىجادلىق يۇلتۇزى دەپ قاراپ ھەقىقىي كومىنىستىك روھ بىلەنمەدھىيىلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئالدىنقىلار ئورۇنلىيالمىغان ئىنقىلابنى ئۆززىممىسىگە ئېلىپ داۋام قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئىچكى كۈچ-ئۇنىڭ ئۆز خەلقى باشتىنكەچۈرگەن ئېچىنىشلىق تارىخىي ئىزلىرى ھەققىدىكى تونۇشى ئىدى:
خەلقىمئۇزاق يىللار جەبرۇ-جاپالار چېكىپ كەلدى،
زۇلۇمدەستىدىن كۆز يېشى دەريادەك ئېقىپ كەلدى.
قانچەرەت قوزغالدى ئەركىنلىك، ئازادلىق ئىزدەپ،
يېتەلمەيمەقسەتكە شۇم قارا تاغلار بېسىپ كەلدى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1942-يىلى ئۈرۈمچىدە يازغان «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق داستانىدابوۋاي، موماي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن ئوغلىنىڭ سۆيگۈنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت،ساداقەت ۋە ۋىجدانىي بۇرچ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئانا تۇپراققا بولغانچوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتى، خەلقچىل ئىددىيىسىنى ھەسرەتلىك سۈكۈت ئىچىدە ئىپادىلەپ،چىن مۇھەببەتنىڭ ئۆلۈمنىمۇ باش ئەگدۈرىدىغانلىقىدەك ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازاد تاڭغا بولغان تەشنالىق يۈرىكىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىكىھەسرەتلىك پىغاننى كۈچەيتتى.
لۇتپۇللامۇتەللىپ ئاقسۇغا بارغاندىن تارتىپ، تا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قەتلىقىلىنغانغا قەدەر بىر ياقتىن ئاقسۇدا سانائى نەفىسە ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ شائىرئابدۇللا روزى بىلەن بىللە «ئۆگەي ئانا»، «تاھىر-زۆھرە» غا ئوخشاش دراما-ئوپېرالارنى يېزىپ، سەھنىلەشتۈرۈپ ۋە رول ئېلىپ خەلقنى ئويغاتسا، يەنە بىرتەرەپتىن شېئىرنى قورال قىلىپ دۈشمەنلەرگە ئەجەللىك زەربە بەردى. ھاياتىنىڭئاخىرقى نەپسىگىچە قەھرىمانلىق ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
   دېمەك،ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىچىدە ئۆلۈمنى بەدىئىي ئىپادىلەپ ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋىپىكىرلەرنى دەۋرگە تۈرتكە قىلىش— ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى بىر ئىددىيىۋى دولقۇن سۈپىتىدە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئويغىنىش ئېڭىنى نامايان قىلدى. ئۇنىيېڭى دەۋرگە سوۋغا قىلدى. تەبىئىيكى بۇ روھ يېڭى دەۋر ۋە ئەدەبىيات ئىددىيىسى ئۈچۈن يۇقىرى ئىستېتىك قىممەتنى جارى قىلدۇرىدۇ.

(«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2000-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)




[①] نۇرمۇھەممەت زامان: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، 4-توم (ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قىسمى)شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1995-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 32-بەتكە قارالسۇن.

[②] ئابدۇللا تالىپ: «ئۇيغۇر مائارىپ تارىىىدىن ئوچېرىكلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىلئۇيغۇرچە نەشرى 82-بەتكە قارالسۇن.

[③] ئابدۇللا تالىپ: «ئۇيغۇر مائارىپ تارىىىدىن ئوچېرىكلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 82-بەتكە قارالسۇن.

نۇرمۇھەممەت زامان:«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، 4-توم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1995-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 34-بەتكە قارالسۇن.[④]

[⑤] نۇرمۇھەممەت زامان: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، 4-توم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1995-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 18-بەتكە قارالسۇن.

[⑥] نۇرمۇھەممەت زامان: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، 4-توم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1995-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 18-بەتكە قارالسۇن.

[⑦]  «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەشكىللەپ تۈزدۈرگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى510-بەت.

[⑧] ئېرلىن:«ئەدەبىيات توغرىسىدا»، دەۋر نەشرىياتى، 1992-يىل خەنزۇچە نەشرى 58-بەت.

[⑨] «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1988-يىل نەشرى.

[⑩] «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 16، 17-قىسىملار، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985-، 1986-يىللار نەشرى ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»غا قارالسۇن.

[11] جاڭجىجۇڭ: «ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا قەدەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.

[12] جاڭجىجۇڭ: «ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا قەدەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.

[13] ئابدۇللا تالىپ: «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 101-،108-بەتلەرگە قارالسۇن.

[14] نۇرمۇھەممەت زامان: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 4-توم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1995-يىلئۇيغۇرچە نەشرى 21-بەتكە قارالسۇن.

[15] «شىنجاڭ سەنئىتى»ژۇرنىلى، 1985-يىللىق 3-سانىغا قارالسۇن.

[16] نىمشېھىت:«مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1987-يىل نەشرى.

[17] ئەھمەد زىيائى: «توزىماس چېچەكلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، «رابىيە- سەئىدىن» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1985-يىل نەشرى، ئۇيغۇرچە.

[18] «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» (14-، 15-، 16-قىسىملار) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 11:14  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-29 11:54:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىقبال تۇرسۇننىڭ ئىجادىيىتى تېخىمۇ  بەركەتلىك بولسۇن...!

ۋاقتى: 2015-1-31 16:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە  ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن ...

ۋاقتى: 2015-2-1 12:02:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەمدۇق ياكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەمدۇق؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-1 20:45:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناچۇق0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 12:02
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەمدۇق ياكى ئۇيغۇر ھا ...

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەيمىز.

ۋاقتى: 2015-2-2 00:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، «ئويغىنىش ئېڭى» دېگەن ماۋزۇ ماقالىگە سەل چوڭ كېلىپ قالغاندەك.ئۇنداق ئەمەس،دەي دېسەم،قايىللىقىم يەنە نېمىلەرنىدۇر تەلەپ قىلغاندەك.
قىسقىسى،ئورتاق بىر «زۇكام» بارمۇ نېمە بىزدە؟!

ۋاقتى: 2015-2-2 10:44:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر چېتىلىش دائىرسى كەڭ، ئېسىل ماقالە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش