كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 10

ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئۆرلەش، ئۈچ قېتملىق چۆكۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئۆرلەش، ئۈچ قېتملىق چۆكۈش (تۈگەنچە)
ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ

(ئەزىز ئەيسا تۈزگەن‹ئاقسۇدىكى مەكتەپلەر ۋە مائارىپچىلار ›ناملىق كىتاپتىكى ‹ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ تەزكىرىسى ›دىن پارچە)

80يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئاقسۇ شەھرى يېڭىچە ئۇيغۇر مائارىپ تەرەققىيات تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئاقسۇ شەھرى ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرى ئۆز تەرەققىيات تارىخىدا ئۈچ قېتىملىق يۈكسىلىش ئۈچ قېتىملىق چېكىنىش باسقۇچىنى باشتىن كۆچۈرگەنلىكىنى بايقايمىز
1-        >ئاقسۇدا يېڭىچە پەننى ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە خاراپلىشىشى
1934-يىلى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى، ۋە بۇ ئىنقالاپنىڭ يول باشچىسى خۇجا نىياز ھاجىنىڭ ئەتراپلىق پىلانلاپ يول يورۇق كورسىتىشى، تەشكىللەپ ھەر جەھەتتىكى زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇپ ئەمىلىلەشتۈرىشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۇنىڭ دوتىيى (مەمۇرىي ئەمەلدارى) نىياز شىرىپى، ئۇستاز مەمتىمىن قارى (سوپىزادە)،مۇسا دامۇللا، ئەخمەت پەرىت، زەكى ئەھمىدى، شەۋقى، زەۋقى ئەپەندىم…قاتارلىق ئۇستاز، تۆھبىكارلارنىڭ باش بولۇپ تۇنجى قەدەمدىكى تۈرلۈك جاپا مۇشەققەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى بىر بىرلەپ يېڭىپ ئاقسۇدا غازى ئاتا مەكتىپى،(ھازىرقى ۋىلايەتلىك سىپەن مەكتەپ، مۇشۇ مەكتەپ ئاساسىدا قۇرۇلۇپ كىڭەيگەن)  سادىقىيە مەكتىپى (ھازىرقى ئاقسۇ شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ) ۋە نىيازىيە مەكتىپى (ھازىرقى ئاقسۇ شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ) قاتارلىق ئۈچ مەكتەپنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ شۇ دەۋردىكى ئاقسۇ جەمئىيىتى ئۈچۈن مەدەنىيەت مائارىپ ساھەسەدىكى يېڭى يۈكسىلىش ھادىسىسى بولۇپ ئاقسۇدا يېڭى پەننى ئۇيغۇر مەكتەپلەر يوق بولۇشتەك جاھالەتلىك قاراڭغۇ تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. ئاقسۇ ناھىيە مەركىزىدە يۇقىرىقى ئۈچ ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ باشلامچى بولۇپ قۇرۇلۇشى بىلەن ئاقسۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق ھەرقايسى مەھەللە ئايماقلاردا يېڭى ئۇيغۇر مەكتەپلەر ئارقا ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ئۇقۇش باشلىدى. قىسقىسى قىسقىغىنا ئۈچ تۆت يىل ئىچىدە ئاقسۇ ناھىيە مەركىزى ۋە مەھەللە ئايماقلاردا پەننى يېڭى ئىپتىدائى (باشلانغۇچ) مەكتەپلەرئۇمۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ ئاقسۇ مىللىي مائارىپى تۇنجى قېتىم پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىيات قەدىمىنى ئېلىش شارائىتىغا ئىگە بولغان ئىدى. ئابدۇراھمان مامۇت ئاكا ئۈزىنىڭ "كونا شەھەر مائارىپ تەزكىرىسى " (شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى 24-سان) ناملىق يازمىسىدا"نىيازىيە "مەكتىپى "ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق دورا شىركىتىدىن پېنسىيەگە چىققان، شۇ نىيازىيە مەكتىپىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىدىن بولغان سائادەت سۇلتانىۋا ئىسىملىك كىشىنىڭ ئەسلىمىسىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ. "نىيازىيە "قىزلار مەكتىپىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى چىرايلىق مەكتەپ فورمىسى كىيەتتۇق. فورمىمىز ئاق رەڭلىك كوپتا، قارا رەڭلىك يۇپكا ئىدى. نامرات ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ تىككۈزۈپ بېرەتتى. كۇچىلارغىمۇ شۇ چىرايلىق فورمىمىزنى كىيىپ چىقاتتۇق. يۈرۈش تۇرۇشىمىز ناھايىتى رەتلىك، پاكىزە ئىدى. ئوقۇتۇش سۈپىتى چىڭ تۇتىلاتتى. ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىناتتى. ئەلاچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ماددىي بۇيۇم ۋە تەقدىرنامە بىلەن مۇكاپاتلىناتتى. دەرستىن كىيىن تەنتەربىيە، سەنئەت، شېىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىقلار بىلەن مەدىنى تۇرمۇش ئىنتايىن جانلىق ئۈتەتتى. "يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز شۇ ۋاقىتلاردا ئاقسۇدىكى يېڭى قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. بىراق 1937-يىلىدىن باشلاپ پۈرسەت پەرەس، ئىككى يۈزلىمىچى، ئىككى قۇلى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئىتىدارلىق، ئەڭ نادىر، ئوت يۈرەكلەردىن بولغان نەچچە ئون مىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ قىزىل قېنى بىلەن بۇيالغان جاللات شىڭشىسەي خوجانىياز ھاجى بىلەن فۇكاڭدا پۈتۈشكەن بىتىمنى يىرتىپ تاشلاپ ئۈزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئېتىپ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. شۇنداقلا ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ شىنجاڭدىكى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىي ئوقۇتقۇچى، ئىنقىلاپچىلارنى تۈرلۈك باھانە سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلاپ بىر بىرلەپ مەخپىي ھالدا قەتلى قىلدى. شۇ جەرياندا ئاقسۇدىكى مەرىپەت مەشئىلىنى ياندۇرغۇچى سەركىلەردىن غۇجىنىياز ھاجى، نىياز شىرىپى، مەمتىمىن قارى ھاجىم، ئەخمەت ئەپەندىم ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارئارقا-ئارقىدىن تۈرمىگە سۇلىنىپ بىر بىرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. مەكتەپلەر سەركىسىز، يۈلەكچىسىز، مۇئەللىمسىز قالدى. يېڭى قۇرۇلغان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار كۈنسېرى ئازلاپ تارقاپ كېتىش گردابىغا بېرىپ قالدى. مەكتەپ خىراجىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى تارقىتىلمىدى. بولۇپمۇ1945-يىلىغا كەلگەندە ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. شۇيىلى 9-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئارمىيەسى ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كىيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتى ئۇرۇشتا ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئارمىيەسى ئاقسۇ يېڭى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاۋۋال ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شەھەرتەۋەسىكى مىللىي مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىۋالىدۇ، مەكتەپلەر ئۇلار تۇرىدىغان بازا بولۇپ قالىدۇ-دەپ گۇمان قىلىپ شەھەر ئىچىدىكى مىللىي مەكتەپلەرنى مەجبۇرى تارقاتلاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بىناسى چوڭ كۇلۇپ قاتارلىقلارغا تامام ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلغىلى ئەمدىلا تۆت يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ،ئەمما شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوبدانلا گۈللىنىش تەرەققىي قىلىش قەدىمى ئېلىۋاتقان ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپى ئەجەللىك يۇقۇتۇشقا دۇچ كېلىدۇ .
2-        >ئاقسۇدا ئازادلىقنىڭ دەسلەپتىكى يىللىرىدا كومپارتىيە رەھبەرلىگىدىكى خەلق ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي مائارىپقا ئىگە بولۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىكى سورۇقچىلىق
1950-يىلى يىل بېشىدا، ئاقسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۈكىمىتى قۇرۇلدى. ئاقسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۈكىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ج. ك. پ. نىڭ ئاقسۇدىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىر تەرەپتىن جىددىي ئاقسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۈكىمىتىنىڭ تەشكىلى ئاپىراتى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ يەنە بىر تەرەپتىن ئەمدىلا ئازادلىق بۇسۇغۇسىغا قەدەم ئالغان ئاقسۇ، ۋە ئاقسۇ خەلقىگە ئىشلەپچىقىرىش، كۈندىلىك تۈرمۇش، مەدەنىيەت مائارىپ جەھەتتىن باراۋەر، ئادىللىق، پاكلىق بىلەن ھەقىقىي خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت سائىدىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇدا تۇنجى قېتىم مىللىي مائارىپنى باراۋەر ئاساستا يولغا قۇيىلىدىغان ھەم راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بولىدىغان خەلق ھۈكىمىتى بار بولدى. ئاقسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۈكىمىتىنىڭ يار يۆلەك بۇلىشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى قارمىقىدىكى 1940-يىلى قۇرۇلغان ئاقسۇ ناھىيەلىك مائارىپ بۈلىمى (ھازىرقى ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى) يېڭى ۋەزىپە، يېڭىچە تەرتىپ يېڭى نىشان بىلەن خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئاقسۇ ناھىلىك مائارىپ بۈلىمى خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كىيىن ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ناھىيە مەركىزى ۋە يېزىلاردىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى، گومىنداڭ ھۈكىتىمى تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەنلى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر تۇتاش ھۈكىمەت ئىگىدارچىلىغىغا ئۆتكۈزىۋېلىندى. ئاقسۇ ناھىيەلىك ھۈكىمەت مەكتەپلەرنى ھۈكىمەت ھىمايىسىگە ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كىيىن    ھەرقايسى مەكتەپلەردە يېڭىدىن سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇلدى. ئاقسۇ ناھىيەلىك مائارىپ بۈلىمى قالدۇرۇپ ئىشلىتىلگەن ئەسلىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى يىغىپ قىسقا مۇددەت سۆتسىيالىستىك دۆلەت تەربىيەسى، ۋە مائارىپ تەربىيەسى نەزىريىسىدە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ۋە مەقسىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگرتىشلەرنى ئېلىپ باردى. ئەسلىدىكى يىساپ ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەرگە دائىر دەرسلىكلەر ئۆزگەرتىلمەي ئىشلىتىلىپ تۇرۇلدى. كونا دەرسلىكلەر ئىچىدىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىكى، ۋە مائارىپ تەربىيەسىگە دائىر مەزمۇنلار، ئۇيغۇرلار ئۇقۇيدىغان مەكتەپلەردىكى ھەپتىدە ئۇقۇيدىغان بىر سائەتلىك دىنى دەرس مەزمۇنى چىقىرىۋېتىلدى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇدىكى پۈتۈن كۈنلۈك باشلانغۇچ 1-يىللىق سىنىپىغا يېڭىدىن جەمى 566نەپەر خەنزۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.
1950-يىلى قىشتا ناھىيە مەركىزىدە ئىشچى خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت مەكتىپى قۇرۇلدى. ئازادلىق ھارپىسىدىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى جەريانىدا بۇ مەكتەپ قىشلىق مەدەنىيەت ئۆگىنىش، ساۋات چىقىرىش كۇرىسلىرى ئېچىلىپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، مەدەنىيەت ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى. 1950-يىلى يىل ئاخىردا ئادەتتىكى مائارىپ يۆلىنىشىدە "مائارىپنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، "ۋە "ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك يېتىلدۈرۈش " فاڭجېنى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى ۋە ئۇمۇملاشتۇرۇلغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە تىرىشىپ ھەرخىل مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوغۇت توپلاش، كۈچەت تىكىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تەشكىللىنەتتى. ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى 1952-يىلى تۇللۇق تاماملاندى.
دېمەك 1950-يىلى 1-ئايدىن 1953-يىلىغىچە بولغان ئارىلىق ئاقسۇدا ئاقسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۈكىمىتى قۇرۇش، مائارىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ،ئۆزگەرتىش، مۇستەھكەنلەش دەۋرى بولدى .
1954-يىلىدىن كىيىن ئاقسۇ ناھىيەسىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپى ساغلام تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىردى. شۇ يىلى ئاقسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۈكىمىتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۈكىمىتى (شۇ يىللاردا شىنجاڭ ئۆلكىسى دەپ ئاتىلاتتى) نىڭ "ئازسانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى"غا ئاساسەن ئاقسۇ ناھىسى قارمىقىدىكى يىراق تارقاق بولغان دېھقان چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا يېڭىدىن تۆت ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ قۇردى. (تۇقاي مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق).شۇ يىلى 9-ئايدا ناھىيە بۇيۇنچە ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يېڭى ئۇقۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆت يىلدا خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئالتە يىلدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. ئىمتىھان قەغىزىگە بەشلىك ئۆلچەم بۇيۇنچە نومۇر قۇيۇش تۈزۈمى 100لىك ئۆلچەم بۇيۇنچە نومۇر قۇيۇش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى .
1957-يىلى ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۈكىمىتى ئاقسۇ ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سېستمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئازسانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن نوپۇس بىرقەدەر كۆپ بولغان 5-رايون (ھازىرقى قۇمباش يېزىسى) بازىرىدا قۇمباش ئوتتۇرا مەكتەپنى قۇرۇپ ئاقسۇ ناھىيە تارىخىدا ئوتتۇرا مەكتەپ بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.
1966-يىلى ئاقسۇدىمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەتۈر شامىلى كۈتۈرلۈشكە باشلىدى. ئۇزۇنغا قالماي ئاتالمىش ،«بىرتەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ» لەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپلەردە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتى قۇرۇلدى. ئوقۇتۇش مۇددىتى 6 يىلدىن 5 يىلغا ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ناھىيەلىك ئىنقىلابى كومىتېت «سانائەتنى، يېزا ئىگىلىكىنى، ھەربىي ئىشلارنى ئۆگىنىش» دېگەن يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىنغان «7-ماي» ئوتتۇرا مەكتىپى (ھازىرقى 7-ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇشى مۇمكىن) ۋە 7-ماي يېزا-ئىگىلىك داشۆسى» نى قۇردى. «ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە» «يۈگۇڭنى تاغنى يۆتكىشى»، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»، «بېتيۇننى خاتىرىلەيلى» دېگەن ئەسەرلەر مەكتەپلەردە ئاساسلىق ئوقۇتۇش مەزمۇنى قىلىندى. «ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ باشقۇرۇش»، «ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىش»، «ئەقىل بىلىم بىرىنچى» دەيدىغان قاراش پىپەن قىلىنىپ، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش، مەرىپەتكە ئىنتىلىش، مۇكەممەل تەربىيەلىنىش قىزغىنلىقى سۇسلاشتۇرۇلدى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، سانائەت يېزا-ئىگىلىگى ۋە ھەربىي ئىشلارنى ئۆگىنىش پائالىيىتى مەجبۇرىي قانات يايدۇرۇلغانلىقتىن، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەش ئاقىۋىتى ئېلىپ كەلدى. ئىشچىلار تەشۋىقات ئۆيى، دېھقانلار تەشۋىقات ئۆيى قاتارلىقلار شەھەر-يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلدى. «ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە» لەر مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق دەرسلىكى قىلىندى. ئىمتىھان ئارقىلىق سىنىپ كۆچۈش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈزۈمى زور دەرىجىدە چېكىندۈرۈلدى.
3->پارتىيە 3-ئومۇم يىغىنىدىن كىيىنكى ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش دەۋرىدىكى تېڭىرقاش
پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن قاباھەتلىك مەدەنىيەت زور ئىنتىقىلابى دەۋرىنىڭ سەلبىي تەسىرى تۈگىتىلىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىق ئوڭشالدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەت مائارىپ ساھەسىگە قارىتا «مائارىپنى زامانىۋىيلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش» دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ شەھىرىمىز مائارىپىمۇ 3-قېتىملىق يۈكسىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئاقسۇ ناھىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شەھىرىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مائارىپ تۈزۈلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلدى. مەكتەپلەرنىڭ خىراجىتى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كۆپەيتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، تۇرمۇش تەمىناتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئوقۇش مېتودى ياخشىلىنىپ، ئىككى ئاساس مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ئەخلاقى ئۆستۈرۈلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى. ئاقسۇ ناھىيەسىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەرتىپكە سېلىنىپ، كەسىپچانلىق چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىدىيەۋى جەھەتتە ساغلاملاشتۇرۇلدى. ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش، سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىش، ئىمتىھان بېرىش، سىنىپ كۆچۈش، قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش، جازالاش قاتارلىق قائىدە-تۈزۈملەر بەرپا قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ھەر قايسى پەنلەر بويىچە «ئوقۇتۇش پراگراممىىسى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، «ئىككى ئاساسىي مەشىق» كە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي بىلىم دەرسلىرىنى ياخشى ئوقۇش بىلەن بىللە، يەنە «لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ، يېڭى كەيپىيات تىكلەش»، «بەش بولۇش تۆت گۈزەل، ئۈچنى قىزغىن سۆيۈش»، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش، تەنتەربىيە ئەدەبىيات-سەنئەت، گۈزەل-سەنئەت قاتارلىق پائالىيەتلەر كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇلدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ 80-يىللارنىڭ دەسلىپىدە مائارىپ مىنىستىرلىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇددىتىنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، 6 يىللىق ئوقۇش تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
1985-يىلى پۈتۈن شەھەر بويىچە ھەر دەرىجىلىك پۈتۈن كۈنلۈك باشلانغۇچ مەكتەپلەر (ئۇيغۇر-خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 112 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلەر 105 بولۇپ، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 17683 نەپەرگە، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 978 نەپەرگە يەتتى. 1949-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە سۈرۈپ ھېسابلىغاندا ئاقسۇدا 50740 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى. ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ دەۋىرنى ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەڭ گۈللەنگەن، ئەڭ راۋاجلانغان بىر دەۋرى دەپ خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇ.
2000-يىلىدىن كىيىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئىسلاھاتى تېخىمۇ چوڭقۇر يولغا قۇيۇلۇپ ئېچىۋېتىش، بازار ئىگىلىگى تەدبىرىنىڭ ئىجابىي تەسىرىدە ئاقسۇ خەلقىمۇ ھاللىق تۇرمۇش بوسۇغىسىغا قەدەم قويدى. خەلقنىڭ تۇرمۇش ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن مائارىپقا بولغان تەلەپ-ئېھتىياجمۇ كۈنسېرى يۇقىرىلاپ باردى. ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىمتىھان مائارىپى تۈزۈمىنىڭ سەلبىي ئاسارىتىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان مائارىپ ئىشلىرىمىز گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ ئىسلاھات يېڭىلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن تۇللۇق چىقالمايدىغان، خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى بىلەن مائارىپ، ئوقۇتۇش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئارىسىدا مەلۇم ئارىلىق پەيدا بولىدىغان، مائارىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى كۈنسېرى ئاجىزلىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى. يۇقارقى ئامىللارغا يەنە "قوش" تىل (مەكتەپلەردىكى دەرسخانىدا ئۇقۇتۇشىدا خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى تەڭ ئىشلىتىدىغان ئوقۇتۇش بولۇپ قوش تىل ئوقۇتۇشى دەپ ئاتالدى .)ئوقۇتۇشىنىڭ تۆۋەنگە كەلگەندە يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئاساسەن سىقىپ چىقىرىۋېتىپ يەككە تىل سۈپىتىدە ئەمىلىلىشى، مائارىپ سېستمىسىدا چىرىكلىك ھادىسىسىنىڭ يامرىشى، ئىقتىسادى ئىسلاھات دولقۇنىدا بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا پۇلغا چوقۇنۇش، راھەت پەرەسلىك، "پۇل ھەممىنى ھەل قىلىدۇ "دېگەندەك سەلبىي قاراشلارنىڭ يامرىشى، "ئۈچ خىل كۈچ ۋە دىنى ئەسەبىلىك ئىدىيەسىنىڭ كەڭ ئۇيغۇر جەميىتىگە بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەسىگە مەلۇن دەرىجىدە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى، مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپمىز جىددىي ھالدا ئۆز قۇرۇلمىسىنى، مەقسەت، نىشان، ئۇسۇللىرىنى يېڭىلاش، ئەلالاشتۇرشقا ئېھتىياجلىق بولماقتا .
ئومۇمەن بىز ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋردىكى تەرەققىي قىلىش، چېكىنىشكە دائىر بايانلاردىن شۇنداق بىر خۇلاسىگە كىلىمىزكى ؛ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرىمىزغا ئىگە بولىدىغان يۆلەك بولىدىغان ئۇلۇغ جۇڭگو كۇمۇستىك پارتىيىمىزدەك ھەقىقىي خەلىقچىل، ئادىل ھاكىمىيەت بولغاندىلا كەڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەنگە ئوخشاش ئاقسۇ مائارىپ ئىشلىرىمىزمۇ راۋاجلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەكسىنچە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېڭى مەكتەپ ئېچىشىنى، دەرسلىك نەشر قىلىشنى ئۇچۇق ئاشكارا چەكلىگەن گومىنداڭ ھاكىمىيىتى، ياكى ياڭزىڭشىن، ۋە شىڭشىسەيدەك مىللىتارىسلار ئەكسىيەتچىلەر باش بولغان نامۇۋاپىق ھاكىمىيەت بولسۇن ۋە ياكى جەمئىيەت تەرەققىيات تارىخىغا قارشى ھالدىكى تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر، پاسسىپ قىممەت قاراشلار، ئەسەبىي رادىكال دىنى ئېقىملار ئەۋج ئالغاندا ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرىمىز چېكىنىش، تېڭىرقاش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 11:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-27 21:42:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاقسۇ ئۇيغۇر مائارىپ تەزكىرىسى» ناملىق كىتاب يېزىپ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپسىز. بۇنداق تەزكىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىزدە تولىمۇ كەمچىل، ئەمما  بىزگە بەك زۆرۈر ئىدى.

ۋاقتى: 2015-1-28 01:32:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رازى بولسۇن!...

دوستۇم ئەزىز  سەندىن....

ياخشى يېزىپسىز...

ۋاقتى: 2015-1-28 09:39:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاڭ ئاكا....:)

ۋاقتى: 2015-1-28 10:19:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغنىڭ بۇ ئەمگىگى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم ئىشتۇر...سىزگە قۇت بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-1-28 10:27:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن دىلىم سۈيۈنۈپ كەتتى .ئۇستاز ئېزىز ئەيسانىڭ تىنىگە سالامەتچىلىك ، ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن .........

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-28 11:15:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلارنىڭ سەمىمى رىغبىتىگە رەھمەت . بىراق چارچاش ۋە باشقا سەۋەپلەردىن يەنىلا ئىملادا بىر قىسىم سەۋەنلىككە يول قويغانلىقىمنى بايقىدىم ،خىجىلمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 11:17  


ۋاقتى: 2015-1-28 16:02:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەزكىىرىنى تاماملاپ بولغۇچە  ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىلە ، كۆپ ئىزدەندىلە ،شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلدىلا، شۇڭا تەپسىلاتلار  ئىنچىكە ، توغرا  بوپتۇ ، بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەممىنى بىلىپ تۇردۇم ، قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن ، سالامەتلىكلىرى ،ۋاقىت يار بەرمىگەن چاغلاردىمۇ بوشاشمىدىلا .....تارىخ سىلىنى ئۇنۇتمايدۇ مۇئەللىم ! بىزلەر ئەمگەكلىرىنى قەدىرلەيمىز !

ۋاقتى: 2015-1-29 00:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تارىخىي جەرياننى يورۇتۇپ بېرىپسىز، ئىزدىنىشلىرىڭىز يەنىمۇ سەمەرىلىك بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 11:32:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۈل ،مىنىڭ ئۇۋالچىلىق تارقانلىقىمنى چۈشەنگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.جاپا تارتساممۇ ئۇۋالچىلىقتا قالماسمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم .ئەمما...كىتاپ ھازىر تۇنجى قېتىم كۆرۈپ بېقىش نۇسخسى بېسىلدى .شۇنىڭغىچە بىر پۇڭ  راسخوت بەرمىدى ...مانا ئەمدى بولسا بۇ نەتىنجىنى تالىشىدىغانلار ،ئىگە بۇلىدىغانلار كۆپ چىقىۋاتىدۇ....

ۋاقتى: 2015-1-29 15:57:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈندۈم ئۇستاز،   تىنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش