بېشىڭنى ئوڭشايمىز
(ئىتوت)
ئادىلجان قادىر يارقۇت
پىرسۇناژلار:
سەردار: (30ياش) مەمۇرى كادىر
ئىرشات: (30ياش) شىركەت خادىمى
شىرزات: (30ياش) ئىشسىز
سەھنە قىياپىتى: چايخانا
مەزمۇنى:
سەردار: كىلە ئاداش! ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، «سەن ئۇياقتا، مەن بۇياقتا، كۈرۈنمەيسەن ئەتراپتا» دىگەندەك دىدارىڭنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ! رۇخسارىڭنى بىلەت ئېلىپمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بوپ كەتتى سىنىڭ!
ئىرشات: گەپ قىلما ئاداش، خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا، ھىلىغۇ سەنكەنسەن، چوڭ ئۆيدىكىلەرنىمۇ يوقىلىيالماس بوپ كەتتۇق دىگىنە!
سەردار: ئالدىراشمىغۇ بوپ كەتتۇق، ئەمما زە ئەجەپ تاشلىۋالدۇق ھە كەيىپ-ساپانى! ھە ئاداش!
ئىرشات: شۇنى دىگىنە! بۇرۇنلاردا ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق، خۇشال بولساقمۇ ئىچىپ، خاپا بولساقمۇ ئىچىپ، زىرىكسەكمۇ ئىچىپ، ئىشتاننى ئىلمەكتە سۆرىتىپ، دوسىت-بۇرادەرلەر، ئاتا-ئانىلار ئالدىدا بەكمۇ سەتلىشىپتىكەنمىز.
سەردار: مانا مۇشۇنداق بىر ئوبدان چايلارنى ئىچىپ گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىپ ئولتۇرساقمۇ بولىدىكەنغۇ مانا!
ئىرشات: شۇ چاغلارنى ئويلىسام راستىنلا نۇمۇس قىلىمەن جۇمۇ ئاداش، يا ئۆگۈنۈش ئۆگۈنۈش بولمىغان، يا خىزمەت خىزمەت بولمىغان، يا ئائىلە بەرىكەت تاپمىغان، يا ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز بولمىغان.
سەردار: بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئىچكەن ھېلىقى گۇينىڭ چىشلىۋالغىنى دىگىنە تېخى!
ئىرشات: ئاداش! يا بولمىسا ئەتە دەم ئېلىش بولغاندىكىن، KTV ياكى بولمىسا، دىباغا بېرىپ بىر ھېلىقىندا قىلمايلىما؟ بۇگۇن خوتۇندىن سوراپ چىقتىم!
سەردار: KTV غا بارغۇچە DDV لا ئىچىپ جاھاننىڭ خاپىلقىدىن بىرلا قۇتۇلمايلىما؟! (تەنە قىلىدۇ) ئاران تاشلىغاندا، شەيتاندەك گەپ قىلمىغىنا ئاداش!
ئىرشات: يائاللا ئاداش! نىمە يىسە خوتۇندىن قورقىدىغان بولىدىكەن؟ ماڭا بىر دەپ بىرە ئەجەپ قورقىدىغان بولۇپ كەتتىڭيا ئاشۇ ماھىرەدىن؟
سەردار: ئاداش! ھىلىمۇ يۇرتىمىزغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىز بىلەنمۇ ئىچتۇق، خىزمەتداشلىرىمىز بىلەنمۇ ئىچتۇق، مۇناسىۋەت ئۈچۈنمۇ ئىچتۇق، خاپىلققىمۇ ئىچتۇق، خوشلۇققىمۇ ئىچتۇق، توي-تۆكۈندىغۇ ئەسلى ئىچتۇق، تاس قالدۇق، ئۆلۈم-يىتىم، نەزىر-چىراقتىمۇ ئىچكىلى، بولدى قىلايلى!
ئىرشات: نىمە دەيدىكىن دەپ قويسام سۆزلەپ كەتكىنىنى! ئاداش مەن سەندىنمۇ بەك تاشلىدىم، ماۋۇ مىنىڭ ئايالىم ئادەم بار يەردە قول تەككۈزمىگىنى بىلەن، ئۆيگە بارغاندا ئەدىپىمنى بىرىدۇ! شۇڭا مەن سەندىنمۇ بەك تاشلاپ، ياخشى ئىشنى باشلاپ، خىزمەتكە بېشىمچىلاپ چۆكتۈم دەيمەن! قارا ھازىر كەيىپنى تاشىلغاندىن بىرى ماشىنا ئالدىم، ئۆي ئالدىم، تېخى سىلەرنىڭ شىركەتكە پايمۇ قوشتۇم شۇنداققۇ؟!
سەردار: ھە ماۋۇ گىپىڭ بولىدۇ! ئاشۇ ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ نەدە تۇرغانلىقىز. نىمىش قىلغانلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كارى بولماي يۈرۈپ باقسىچۇ؟
ئىرشات: شۇ ھېلىقى مىنىڭ خىزمەتدېشىمنىڭ ئايالىدەك....ھېلىقىدەك......
ئىرشات: شۇ شۇ مەنمۇ ئاڭلىغان!
سەردار: ئويلاپ باقە! ئەگەر ئاياللىرىمىز بىزدەك پۇلنى بۇزۇپ چېچىپ، قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ، يەنە رەڭلىك ئولتۇرۇپ، ماجاڭ ئويناپ، ئۆيگە كەچ قايتىپ..... دىگەندەك ئىشلارنى قىلسا سەن قانداق قىلاتتىڭ؟!
ئىرشات: مانداق قىلسا ئاداش مەن شۇ، چانىۋىتىپ شۇمپەن بوپ كىتىپ، ئاتىدۇ مىنى، بۇ گەپنى دىمە!
سەردار: ھە مانا! جاۋابى چىقتى! بىزنىڭ قىز-ئاياللىرىمىز ھۆرمەتلىك ئانىللىرىمىزنىڭ ئىسىل خسىلەتلىرى بىلەن ياخشى تەربىيە ئالغاچقا، سۈكۈت ئىچىدە بىزگە ئىنساپ تىلەپ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولۇپ، ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتىپ، بىزنىڭ بىخارامان ماشىنا ھەيدەپ، پاكىز كىيىنىپ، خاتىرجەم خىزمەت ۋە تىرىكچىلىك قىلىشىمىزغا شارائىت يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ، شۇڭا بىزمۇ ئۆزىمىزنى سوراپ توغرا يولغا ماڭغىنىمىز ياخشى!
ئىرشات: يا ھەزرەت! پەيلاسوپ! سەن شۇ سەردارمۇ يا، بۇگۈن چۈش كۆرىۋاتامدىم؟! ئۆزگىرىپسەن جۇمۇ ئاداش، مەن قارا! ئىشتىن چۈشۈپلا تېلفۇنۇمنى ئىتىپ، ئۆيدىمۇ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تەييارلاش،كىتاپ كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ، جىق ئاغىنىلەرنى تاشلۋەتتىم دىگىنە! مۇشۇ كەيىپ- ساپا قىلغان كۈنى قارا ئاداش شۇ كۈنى بىر كۈنۈڭ ھارام بولىدۇ، ئەتىسى چىشلىۋېلىپ بىر كۈن ھارام بولىدۇ، باشلىقتىن تەنقىد ئاڭلايسەن، خوتۇن، خىزمەتداشلار سەسكىنىدۇ،ئەتىسى نىيۇرىمىيەن(كالا گۆشى ئۈگرىسى) ئىچسەڭ، ئاخشامقىغا ئوخشاش بولىسەن، ئىشلقىلىپ ئاۋارچىلىقى جىق، دىمىسەممۇ سەنمۇ بىلىسەن!
سەردار: گىپىڭدىن قارىغاندا سەنمۇ ئىرادىنى چىڭ باغلاپ، ھەقىقەتكە قايتىپسەن ئاداش! بۇ بەك ياخشى بوپتۇ!
ئىرشات: ئاداش! يېقىندىن بىرى شىرزات كۆرۈنمەيدىغۇ؟
سەردار: ئاداش ئۇنىڭ گىپىنى بىر قىلمىغىنە! ھەقىچان ئىچىپ-چىكىپ يۈرگەندۇ تايىنلىق!
ئىرشات: ئاداش سەنمۇ ئۆتكەندە بەك ئاشۇرىۋەتتىڭ! شۇندىن بۇيان ئۇ پەقەتلا بىزنى ئىزدىمەيدىغان بولىۋالدى.
سەردار: قاچانقى گەپنى دەيسەن؟! نىمىنى ئاشۇرىۋەتتىم؟
ئىرشات: ئۇنتۇپ قاپسەندە؟! ئۇ سەندىن تىجارەت قىلىشقا بىرەر مۇۋاپىق جاي ھەل قىلىپ بىرىشنى ئۆتۈنسە، سەن مەسىتلىكتە «بىزگە ئېغىرچىلىقڭنى سالمىغىنىڭ، بىزنى قوللىغىنىڭ» دىگەنىدىڭ! ئىسىڭگە كەلدىمۇ؟
سەردار: ھىلىمۇ بۇ گەپنىڭ نەرى خاتا؟ بىزمۇ ئۆز كۈنىمىزنى ئاران ئېلىۋاتقان ئادەملەر تۇرساق، ئۇ ھىلى پۇل سورايدۇ، ھىلى بىر ئىشقا ياردەم قىلساڭ بولىتى دەيدۇ، ھىلى مەست بوپ قېلىپ قەرىزگە بوغۇلسىمۇ تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلغان، ئىشقىلىپ جىق زىرىككەن مەن ئۇنىڭدىن، ساڭا دىسەم بىزدەك ئەمدىلا تەرەققىيات يولىغا مېڭىۋاتقان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ ئېغىرچىلىقنى سالمىغىنى ھەقىقەتەن بىزنى قوللىغىنى، شۇڭا مەسىتلىكتە شۇنداق دەپ سالغان ئوخشايمەن!
ئىرشات: ئۇنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن ئاۋارچىلىقى راس سەل جىق ئاداش، لىكىن كىم بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ساۋاقداش، ئەل-ئاغىنينە بولسۇن دەپتۇ، ئۇنىڭمۇ كۈنى تەس ئاداش.
سەردار: لىكىن، ئۇ يېقنقى بىر ئىككى يىلدىن بىرى بەك ئاشۇرىۋەتتى ئاداش، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەك ئامراق، شۇ كەيىپنى تاشلىسا ياخشى بولاتتى.
ئىرشات: سەن بىلىسەن ئاداش، ئۇ بىز بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغاندا دەرىسلەردە ھەممىمىزدىن ياخشى ئىدى، دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالماي، كىسەلچان ئانىسىنى باقىمەن دەپ، كۆرمىگىنى قالمىدى، بىزمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەم قىلدۇق ئەمما، ئۇنىڭ قىينچىلىقلىرى ئالدىدا بۇ ھىچنىمە ئەمەس، شۇڭا ئۇ بەلكىم شۇ روھى بېسىم بىلەن چۈشكۈنلىشىپ بىرمەزگىل ئۆزىنى تاشلىۋەتتى، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ھازىر جاھاندارچىلىق قىلماق تەس، قارا بىزمۇ ئاتا-ئانىمىز ھايات، ئەر-ئايال مۇئاشلىق تۇرۇپ، قەرىزدىن قۇتۇلالماي يۇرىمىز.
سەردار: ئۇنىسىغۇ راس ئاداش، ئەمما بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق دەردىمىز بار، ئۇمۇ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتسا بولاتتى.
ئىرشات: ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى قانچىلىك بولدى؟
سەردار: بىر يىلچە بولاي دىدىغۇ دەيمەن!
ئىرشات: بىزمۇ ياخشى قىلماپتۇق ئاداش، ئۇ ھازىر نەلەردە نىمىش قىلىپ يۇرىدىغاندۇ؟
سەردار: راس خېلى ئۇزۇن بوپتىمۇ نىمە؟
ئىرشات: كۆرۈنمىگىلى ئۇزۇن بولغىنىغا قارىغاندا، ئۇ ئانىسىنى ئېلىپ دادىسىنىڭ يۇرتىغا قايىتقانمىدۇ يا؟ دادامنىڭ تۇغقانلىرى يۇرىتقا يېنىپ كىلىڭلار دەۋاتىدۇ دىگەندەك قىلىۋاتاتتى.
سەردار: مىنىڭچە ئۇ سەھراغا كۆنەلمەيدۇ!
ئىرشات: دىمىسىمۇ ئۇنىڭغا بەك جاپا بولدى ئاداش، ئۇششاق-چۈششەك تىجارەتمۇ قىلدى، ۋوگزالدا يۈك توشۇپمۇ باقتى، قارا ئىشلەمچىمۇ بولدى، ئىشقىلىپ يالغۇزلۇقتا قىلمىغىنى قالمىدى.
سەردار: راس دىگەندەك بىچارىگە ئوڭ كەلمىدى، مىنىڭچە ھاراقنى تاشلاپ دۇرۇس يول تۇتسا قىلغان ئىشى بەرىكەتلىك بولاتتى.
ئىرشات: يائاللا ئاداش سەن ئەجەپ كەيىپ-ساپا قىلىپ باقمىغاندەك گەپ قىلىپ كەتتىڭا؟ دۆلەت مەمۇرى دەپ قويسا ھەددىڭدىن ئاشما جۇمۇ! ئەينى ۋاقىتتا تاپشۇرۇقنى شىرزاتتىن كۆچۈرگىنىڭ ئىسىڭدىن چىقىپ قالمىسۇن!
سەردار: ئادەمنى خىجىل قىلمىغىنە ئاداش!
ئىرشات: ئاداش ئۇنىڭغا بىر تېلفۇن قىلمامسەن، بۇگۈن بىر كۆرۈشۈپ مۇڭدىشايلى!
سەردار: سەن قىلە ئاداش! مەن سەل خىجىل بولىمەن، ھېلىقى چاغدا قىزىرىشىپ قالدۇق ئەمەسمۇ!
ئىرشات: بوپتۇ مەن قىلاي! (قولىغا تېلفۇننى ئېلىپ تېلفۇن قىلىدۇ) ئاداش بۇ ئىشلىتىلمىگەن نۇمۇر دەيدىغۇ!
سەردار: ئۇنداق ئەمەستۇ؟!
ئىرشات: شۇنداق دەيدۇ! يالغان بولسا سىنىڭكىدە ئۇرۇپ باقە!
سەردارنىڭ تېلفۇنى سايرايدۇ
سەردار: ۋەي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ۋاي ئاداش بارمۇ سەن قۇلىقىڭ قىززىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئىرشات بىلەن ئىككىمىز ھازىر ساڭا تېلفۇن قىلايلى دەپ تۇرغان، ھە بىز «ئامەت» چايخانىسىدا، ھە ھە سەنمۇ يېقىن ئەتراپتىما؟ ھە ھە بولىدۇ، تىزراق كىرە ئاداش ساقلاپ تۇرايلى(تېلفۇننى قويىۋىتىدۇ)
ئىرشات: شىرزاتمىكەن؟
سەردار: شۇنداق ئاداش! ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيغاندەك ماڭا تېلفۇن قىپتۇ!
(ئىككىسى خۇشاللقىتىن ئىككى قولىنى چاڭڭىدە تەككۈزۈپ شوخ قىلىقلىرىنى چىقىرىشىدۇ شىرزات سەھنگە چقىدۇ)
شىرزات: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇرادەرلەر!
ئىككىيلەن: (تەڭلا) ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ! (ئۈچەيلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرشىدۇ)
سەردار: ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ؟ ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىدۇق! نەلەردە يۈردۈڭ؟
ئىرشات: شۇنداق ئاداش! بىز خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا سىنى ئىزدەپ تۇرالمىدۇق! قانداق ئەھۋالىڭ ئايشەم ئاپام قانداق تۇرىۋاتىدۇ؟!
شىرزات: رەھمەت دوسىتلىرىم! مەنمۇ ئاناممۇ ياخشى تۇرىۋاتىمىز! بۈگۈن سىلەرنى سېغىنىپ تېلفۇن قىلغانىدىم!
ئىرشات: ياخشى بوپتۇ ئاداش، بىزنى كەچۈرگىن سىنى، ئايشەم ئاپامنى يوقلىيالمىدۇ!
ئىرشات: ھېچقىسى يوق بۇرادەرلەر! مىنى ئەسلەپ تۇرغان بولساڭلار ماڭا شۇ كۇپايە!
سەردار: ئاداش بەكلا يوقاپ كەتتىڭ نىمىشلار بىلەن ئالدىراش يۈردۇڭ!
شىرزات: پۇل تاپساق ئۇيناپ-كۈلۈپ، ھاراق ئىچىپ دۈم چۈشۈپ، ئايغا قاراپ قاش ئېتىپ، نەخ ئېلىپ نىسى سېتىپ، چىشلىۋالسا ئۈگرە ئىچىپ يۇردۇق شۇ.....
سەردار: ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداق ئەمەستۇ؟!....
ئىرشات: ئەپتىڭدىن قارىسىغۇ ئۇنداق ئەمەستەك ئاداش!
شىرزات: چاخچاق قىلىپ قويدۇم ئاغىنىلەر! (مۇڭلۇق موزىكا) «دوسىت يىغلتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دىگەندەك، مەن شۇنداق چۈشكۈنلىشىپ، زەيىپلىشىپ، نىمىش قىلارىمنى بىلمەي، سىلەرگە ئېغىرچىلىقىمنى سېلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دوستۇم سەردارنىڭ «بىزگە ئېغىرچىلىقڭنى سالمىغىنىڭ، بىزنى قوللىغىنىڭ» دىگەن بىر ئېغىز گىپى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئەتسىدىن باشلاپ سىلەرنىمۇ ئىزدىمىدىم، ئاددى بولسىمۇ قولۇمدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلىپ ھالال پۇل تاپتىم، شۇنىڭ بىلەن ئازراق دەسمى توپلاپ ئائىللىكلەر رايۇننىنىڭ دوقمۇشىغا كىچىك بىر مىلىچ ماللار دۇكىنى ئېچىۋالدىم، مىللى كارخانىلارنىڭ ئالدىن مال كىرگۈزۈپ بىرىشى بىلەن ئازلا دەسمى بىلەن سودام يۈرۈشۈپ، ئازراق پۇل يىغدىم، ئانامنىڭ كىسىلىنىمۇ داۋالاتتىم، ئۇ ھازىر مىنىڭ تىجارىتىمگە قارىشىۋاتىدۇ!
سەردار: كەچۈرگىن ئاداش، مەنمۇ ئۇچاغدا كۆڭلۈڭنى ئايىماي دەپ سالغان شۇ گىپىمدىن بەكمۇ ۋىجدان ئازابى تارتىتىم!
شىرزات: ئۇنداق دىمە ئاداش، سىنىڭ شۇ گىپىڭ بولمىغان بولسا مەن بەلكىم يەنىلا غەپلەت ئىچىدە يۈرگەن بولاتتىم.
ئىرشات: بىزنى كەچۈر ئاداش! ساڭا ھەمدەم بولالمىدۇق!
سەردار: بۇرادەرلەر! مىنىڭ مۇنداق بىر پىكرىم بار! خاتا چۈشەنمەي قوبۇل قىلىڭلار! مەن ئائىلە خىراجىتىمدىن ئايرىپ ئون مىڭ يۇەن پۇل يىغىپ قويغانىدىم، دادامدىن يەنە ئازراق پۇل سوراپ شىرزاتنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قۇيۇش نىيتىدە يۈرگەن ئىدىم لىكىن پەقەت پۇرسەت تاپالمىغانىدىم!
ئىرشات: ئايالىڭ بىلمەيدىغان پۇلكەندە بۇ! مەنمۇ شۇ ساڭا دىمىگەن بىلەن يۇشۇرۇن بىر ئاز پۇل يىغقان ئىدىم، شىركەتتىكى ئايالىم بىلمەيدىغان كاماندىروپكا خىرجىتى دىگىنە! مەنمۇ ئون مىڭ يۇەن چىقاردىم! بۇرادىرىمنىڭ بېشىنى ئوڭشايمىز! تازا قىزىتىمىز بۇ توينى! قانداق شىرزات ئاداش!
شىرزات: (شىرزات يۈزىنى تۇتۇپ ھۆڭرەپ يىغلايدۇ، مۇڭلۇق موزىكا) رەھمەت بۇرادەرلىرىم! سىلەرگە كۆپ رەھمەت! مەنمۇ بۇ بىر يىل ئىچىدە كۆپ تىرىشتىم، بىچارە ئانامنىڭ تەلىپى بويىچە مەمۇ بۇ ئىش ئۈچۈن بېشىم قېتىپ، سىلەرگە مەسلىھەت سالاي دەپ، بۇگۈن غەيرەتكە كەلدىم، سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن! سىلەر تويۇم بولغان كۈنى ئاكا-ئىنىمنىڭ قاتارىدا تۇرۇپ بەرسەڭلار ماڭا شۇ كۇپايە! كۆڭلۈڭلار تىگل بولدى! رەھمەت سىلەرگە!
سەردار: ئۇنداق دىمە ئاداش! بىز دىگەن قىيامەتلىك ئاغىينە! بۇ بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭلىمىز! بىزنى يات كۆرمەي قوبۇل قىل!
ئىرشات: تىرىشچانلىقىڭغا ئاپىرىن ئاداش! بىزنىڭ بۇ دوستىلۇق رىشتىمىز مەڭگۈگە ئۈزۈلمىسۇن !بۇ بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭلىمىز! ھەرگىز رەت قىلما! رەھمەتلىك داداڭ ھاياتتىكىدەك داغدۇغلىق قىلىپ مەرىكەڭنى ئۆتكۈزشىمىز كېرەك! بىز بىرلىكتە بېشىڭنى ئوڭشايلى!
شىرزات: رەھمەت قېرىنداشلىرىم!
ئۈچەيلەن قۇچاقلىشىپ كۆز-يېشى قىلىشدۇ
ئىتوت ئاخىرلىشىدۇ
2015-يىل 1-ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-27 01:19