كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 4

تۇرغۇن پەيزۇللا: بولدى قىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4456
تۆھپە : 0
توردا: 1590
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 14:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلغۇن

بولدى قىل

كۆزۈڭگە قارىدىم ياغدى ھاقارەت،
« ئەي ئىپلاس، ئەي يۈزسىز يوقال كۆزۈمدىن...»
بېشىمنىڭ ئۈستىدە چېقىلدى چاقماق،
ئوت ياندى ئاھىمدىن ھەمدە كۆزۈمدىن.
بۇ ماڭا نېمە كۈن ، نېمە كۆرگۈلۈك،
جان-جېنىم چىغىلداپ ئېشىپ كەتتى.
« نۇمۇسسىز ، چۈپرەندە ،مەلئۇن » ئاتالدىم ،
بىر ئاغرىق ، مىڭ خورلۇق يۈرەككە يەتتى.
قانداقمۇ بىلىسەن قارىغىنىمنى،
سەنمۇ قارىمىغان بولساڭ ئەگەردە.
بىر قولدىن ھەرگىزمۇ چىقمايدۇ چاۋاك،
بولدى قىل، ئەزۋەيلەپ كەتمىگىن بۇنچە.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4456
تۆھپە : 0
توردا: 1590
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 18:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قاقشال دەرەخنىڭ ھېكايىسى بۇ

شۇقەدەر ئۇسسۇغان ئېرىقتىكى سۇ،
كۆيىدۇ دولقۇنلاپ چاك-چاك ئېتىزدا.
ئۆزىگە ئوت قويۇپ بىر قاقشال دەرەخ ،
گۈلخاننىڭ ئىچىدە چۈشكەن ئۇسۇلغا.

ۋەتەنسىز يۈرەكنىڭ غېرىبلىقىدا،
سېغىنىش دولقۇنلاپ تۇرىدۇ ئېقىپ.
چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەرمۇ مۇڭلۇق،
بۇلبۇللار ئاھ ئۇرار ئارمانلىق بېقىپ.

يۈرەكلەر سەھەرنى كۈيلەيدۇ مۇڭلۇق،
مەڭگۈلۈك ئارمانلار قوشاقلىرىدا.
بىر قاقشال دەرەخنىڭ ھېكايىسى بۇ،
كۆيىدۇ چاراسلاپ ياپراقلىرىدا.

باھارنىڭ ھەسرىتى بىر دۆۋە قوقاس،
ئازابلىق يىغىسى  چوغلاردا ، كۈلدە.
بىر قاقشال دەرەخىڭ ھېكايسى بۇ،
ئوقۇلار بىر ئۆمۈر ئارمانلىق ئۈندە.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5397
تۆھپە : -1
توردا: 1161
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇقۇشمۇ  بىر  ھوزۇر  ماڭا. سالامەت  بولسىلا.
سىلىگە ئۇتۇق  تىلەيمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5397
تۆھپە : -1
توردا: 1161
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇقۇشمۇ  بىر  ھوزۇر  ماڭا. سالامەت  بولسىلا.
سىلىگە ئۇتۇق  تىلەيمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9544
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شۇقەدەر ئۇسسۇغان ئېرىقتىكى سۇ،
كۆيىدۇ دولقۇنلاپ چاك-چاك ئېتىزدا.
ئۆزىگە ئوت قويۇپ بىر قاقشال دەرەخ ،
گۈلخاننىڭ ئىچىدە چۈشكەن ئۇسۇلغا.

ھوزۇرلاندىم ئۇستاز ،  تىلغا باي، ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىز مېنى قايىل قىلىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش